UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى1 - ئىنتېرناتسىئونال

1 - ئىنتېرناتسىئونال

خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى ياۋروپانى قاپلىغان1848 - يىلىدىكى ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن،1852 - يىلى كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىلدى.12 يىل ئۆتۈپ1864 - يىلىغا كەلگەندە، خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، يەنە بىر خەلقئارا پرولېتارىيات تەشكىلاتى قۇرۇلدى، ئۇ بولسىمۇ «خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتى» بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى1 - ئىنتېرناتسىئونال دەپ ئاتاشقا ئادەتلەندى.1863 - يىلى1 - ئايدا پولشا خەلقى چارروسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. بۇ قوزغىلاڭ قانلىق باستۇرۇۋېتىلدى. پولشا خەلقىنىڭ ھەققانىي كۈرىشىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، شۇ يىلى7 - ئايدا ئەنگلىيە ئىشچىلىرى لوندوندا پولشا خەلقىگە مەدەت بېرىش ئاممىۋى يىغىنى ئاچتى ھەمدە ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىشچىلارغا ئەنگلىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە ۋە پولشا ئىشچىلىرى قاتناشقان خەلقئارا يىغىن ئېچىشنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇ مۇراجىئەتكە ھەرقايسى ئەل ئىشچىلىرى قىزغىن ئاۋاز قوشتى.1864 - يىل9 - ئاينىڭ28 - كۈنى ھەرقايسى ئەل ئىشچىلار ۋەكىللىرى لوندوننىڭ سېينىت مارتىن چېركاۋىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، پولشا قوزغىلىڭىغا يەنە بىر قېتىم مەدەت بەردى ھەمدە خەلقئارادىكى ئىشچىلارنىڭ بىرلىشىپ كۈرەش قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ماركس گېرمانىيە ئىشچىلىرى ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن بۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. يىغىن خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ئىنتېرناتسىئونالنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى بولغان ۋاقىتلىق مەركىزىي كومىتېتنى سايلاپ چىقتى. ماركس مەركىزىي كومىتېتقا سايلام بىلەن كىرگۈزۈلدى ھەمدە گېرمانىيە ئاگېنتلىقىنىڭ سېكرىتارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.1 - ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇلغاندا ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى خەلقئارالىق پروگرامما ۋە نىزامنامە تۈزۈش ئىدى. ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇشنىڭ مەقسىتى ۋە ۋەزىپىسىگە قارىتا قارىشىدا تۈپتىن ئىختىلاپ بولغانلىقتىن، جىددىي بەس - مۇنازىرە بولدى. خەلقئارا رەھبەرلىك ئاپپاراتى ئەڭ ئاخىردا پروگرامما ۋە نىزامنامىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ماركسقا تاپشۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ پروگراممىنى ھەم ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پرىنسىپىدا چىڭ تۇرالايدىغان، ھەم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتى قوبۇل قىلالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ماركس «ماھىيەت جەھەتتە قەتئىي، شەكىل جەھەتتە مۇلايىم» بولۇش چارىسىنى قوللىنىپ، «كوممۇنىزم» ۋە «كومپارتىيە» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتمىگەن ئەھۋالدا، يەنىلا «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» نىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىنى1 - ئىنتېرناتسىئونالنىڭ «قۇرۇش خىتابنامىسى» ۋە «ئورتاق نىزامنامە» گە كىرگۈزدى. ماركس «ئورتاق نىزامنامە» دە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مەقسىتى يېڭى ئىمتىياز ئورنىتىش بولماستىن، بەلكى بارلىق سىنىپىي ھۆكۈمرانلىقنى يوقىتىشتىن ئىبارەت. ئىشچىلار سىنىپى سىياسىي كۈرەش ۋە زوراۋانلىق ئىنقىلاب ۋاسىتىسى ئارقىلىقلا ئاندىن ئۇلۇغ مەقسەتكە، يەنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئازادلىقىغا ئېرىشەلەيدۇ دەپ كۆرسەتتى. بۇ ئىككى پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت1 - ئىنتېرناتسىئونالنىڭ پائالىيىتى ئۈچۈن ئىدىيىۋى ئاساس ۋە تەشكىلىي ئاساس سېلىپ بەردى.1 - ئىنتېرناتسىئونال ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتىگە كۈچلۈك ياردەم بېرىپ، ماركسىزمنى كەڭ دائىرىدە تارقىتىپ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكتىن،1876 - يىلى ماركسنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدە ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي ئېچىلىپ، ئىنتېرناتسىئونالنى تارقىتىۋېتىش قارارى ماقۇللاندى.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى