UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرىھىندىستاندىكى زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەسلىك، ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى

ھىندىستاندىكى زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەسلىك، ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى

خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى ھىندىستاندىكى زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەسلىك، ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كۆلىمى ئەڭ چوڭ، داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى مىللىي دېموكراتىك ھەرىكەتتۇر. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ھىندىستاننىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە ئۇرۇشتىن كېيىن ھىندىستاندا ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشقا ماقۇل بولدى. پۈتكۈل ئۇرۇش مەزگىلىدە ھىندىستاندا1 مىليون500 مىڭ ياش ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلىپ، ئەنگلىيە ئۈچۈن زور قۇربان بەردى.1917 - يىلى روسىيىدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىدى.1918 - يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋىلسون يەنە ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىدىغان «14 نۇقتىلىق پرىنسىپ» نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە مىللىي ئاپتونومىيە پرىنسىپىمۇ بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھىندىستان خەلقىگە ئىنتايىن زور ئىلھام بەردى، شۇنىڭ بىلەن، مىللىي ئاپتونومىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ساداسى بارغانسېرى ئۆرلەپ كەتتى. لېكىن ئەنگلىيىنىڭ بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش نىيىتى زادىلا بولمىدى، ئەكسىچە1919 - يىلى مۇستەملىكە ھۆكۈمىتىگە پەۋقۇلئاددە باستۇرۇش ھوقۇقى بېرىپ، ساقچىلارنىڭ سوراق قىلماي، تەھقىقلىمەي ۋە ئەيىبلىمەي تۇرۇپلا، ھۆكۈمەت تەرەپ گۇمانلانغان ھەرقانداق بىر ھىندىستانلىقنى قولغا ئالسا ۋە قاماپ قويسا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى.4 - ئاينىڭ13 - كۈنى پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ ئامرىتسار شەھىرىدىكى20 مىڭدىن ئارتۇق ئامما تىنچلىق يىغىلىشى ئۆتكۈزدى، بۇ جاينى باشقۇرىدىغان مۇۋەققەت باش ھەربىي ۋالىي گېنېرال داھىر ئارمىيىنى ئىشقا سېلىپ يىغىن مەيدانىنى قورشىۋېلىپ، يىغىلىش ئۆتكۈزۈۋاتقان ئاممىنى پىلىموت بىلەن ئوققا تۇتۇپ، نەق مەيداندا3000 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە يارىدار قىلدى. ئامرىتسار پاجىئەلىك دېلوسى پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالدى. گەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھىندىستان خەلقى بىرىنچى قېتىملىق «ھەمكارلاشماسلىق» ھەرىكىتىنىڭ دولقۇنىنى قوزغىۋەتتى.1920 - يىلى8 - ئايدا گەندى ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنىڭ پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.9 - ئايدا دۆلەت كونگرېسى پارتىيىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا بۇ پىلان تەستىقلاندى،12 - ئايدا كونگرېسلار پارتىيىسى يىغىنىدا گەندى تەييارلىغان يېڭى پارتىيە نىزامنامىسى ماقۇللاندى؛ «بارلىق قانۇنلۇق ۋە تىنچلىق ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاپتونومىيىنى قولغا كەلتۈرۈش» دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ باش مەقسىتى قىلىندى. ئۇنىڭدىن كېيىن گەندى ھىندىستان خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، تىنچلىق يولى بىلەن مۇستەملىكىچى دائىرلەرنى توسۇپ، ئومۇمىي ئىش تاشلاش، ئەنگلىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش، باج تاپشۇرۇشقا قارشىلىق كۆرسىتىش قاتارلىق زوراۋانلىق ئىشلەتمەسلىك ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش كۈرىشىنى ئېلىپ باردى. لېكىن، ئۆمۈر بويى زوراۋانلىق كۈچى ئىشلەتمەسلىك ھەرىكىتىگە ئاتلىنىپ، ھىندىستان خەلقى تەرىپىدىن «مۇقەددەس قەھرىمان» دەپ نام ئالغان گەندى زوراۋانلىق كۈچ تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئاقىۋىتىدىن خالىي بولالمىدى. ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۇ يوشۇرۇن قەستلىگۈچىلەرنىڭ ئوقى بىلەن ئۆلدى.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى
ھىندىستاندىكى زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەسلىك، ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى | UyghurWiki | UyghurWiki