تۈركىيىدىكى مۇستافا كامال ئىنقىلابى
خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى
ھازىرقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىن ئىبارەت. بۇ ئىمپېرىيە1299 - يىلى قۇرۇلغاندىن كېيىن شەرققە ۋە غەربكە جازا يۈرۈشى قىلىپ، ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە كېڭەيگەن چوڭ ئىمپېرىيە بولۇپ قالدى، لېكىن18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئۇ كۈندىن - كۈنگە زاۋاللىققا يۈزلەندى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ گېرمانىيە - ئاۋسترىيە تەرەپكە قاتنىشىپ ئۇرۇش قىلدى. نەتىجىدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ئەسلىدىكى بېقىندى دۆلەتتىن مەھرۇم بولۇپلا قالماستىن، ئۆزىمۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان ئانتانتا دۆلەتلىرى گۇرۇھى تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. مۇستافا كامال مىللەتنىڭ مۇشۇنداق ھايات - ماماتى خەۋپكە ئۇچرىغان پەيتتە تۈركىيە خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىش ئۇرۇشىغا ئاتلىنىپ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىنى تارمار قىلىپ مۇستەقىل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، بۇرژۇئا جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن ئاساس سالدى.
مۇستافا كامال كەسپىي ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇ داردانېل بوغۇزىدا تۇرۇشلۇق قوشۇندا دېۋىزىيە كوماندىرى بولغان، ئۇرۇش تۆھپىسى بىلەن گېنېراللىققا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن ۋەتىنى پارچىلىنىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلەر «ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەمئىيىتى» نى كەينى - كەينىدىن قۇردى. مۇستافا كامال ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن بۇ جەمئىيەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن مەملىكەت خاراكتېرلىك تەشكىلات قىلىپ قۇردى ھەمدە1920 - يىلى4 - ئايدا مىللىي ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. ئارقىدىنلا مۇستافا كامال جايلاردىكى پارتىزان قوراللىق كۈچلەرنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، قۇدرەتلىك مۇنتىزىم ئارمىيە قىلىپ قۇردى. مۇستافا كامال رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيىسى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جاپالىق كۈرەش (1920 - يىلى6 - ئايدىن1922 - يىلى9 - ئايغىچە) قىلىش ئارقىلىق ئاخىر ئەنگلىيە قوللايدىغان گرېتسىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلدى. مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى بىلەن، ئانتانتا دۆلەتلىرى1923 - يىلى7 - ئايدا تۈركىيە بىلەن «لوزاننا شەرتنامىسى» نى يېڭىۋاشتىن تۈزۈپ، تۈركىيىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقى ۋە دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى.
ئاندىن كېيىن مۇستافا كامال غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئەندىزىسى بويىچە، تۈركىيىنى ھازىرقى دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئىزىغا سالدى.1922 - يىلىدىن كېيىن سۇداننىڭ فېئوداللىق تۈزۈمىنى بىكار قىلدى،1923 - يىلى ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەمئىيىتىنى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىپ تەشكىللىدى، مىللىي پارلامېنت جۇمھۇرىيەتچىلىك ۋە پۇقراچىلىق (خەلقچىلىق) پرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئاساسىي قانۇننى ماقۇللىدى.10 - ئاينىڭ29 - كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، مۇستافا كامال زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى.