كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال
خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى
كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال3 - ئىنتېرناتسىئونال دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ماركس ۋە ئېنگېلسنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئىككى خەلقئارالىق تەشكىلات قۇرۇلغانىدى.1 - ئىنتېرناتسىئونال پارىژ كوممۇنىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى.1889 - يىلى يەنە2 - ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇلدى.2 - ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان دۆلەتلەردىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆز دۆلىتى ھۆكۈمىتى تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇرۇشقا مەدەت بەردى، ئۇلار پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزم پرىنسىپىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن بەربات بولدى.1919 - يىلى لېنىننىڭ تەكلىپى بىلەن3 - ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇلدى.1919
- يىل3 - ئاينىڭ2 - كۈنىدىن6 - كۈنىگىچە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ1 - قېتىملىق قۇرۇلتىيى موسكۋادا ئېچىلدى. غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سوۋېت روسىيىسىگە قاراتقان قوراللىق ئارىلىشىشى ۋە قامىلى تۈپەيلىدىن، چەت ئەلدىن كېلىپ يىغىنغا قاتنىشالايدىغان ۋەكىللەرنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز بولدى، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ زور كۆپ قىسمى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چەت ئەلدىكى مۇھاجىرلىرى بولۇپ، جەمئىي30 دۆلەتتىن52 ۋەكىل قاتناشتى. روسىيىگە ساياھەتكە كەلگەن جۇڭگو ئىشچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىلى ليۇ زېرۇڭ بىلەن جاڭ يۇڭكۇي جۇڭگو ۋەكىلى سۈپىتىدە يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. يىغىندا «كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال خىتابنامىسى» ۋە «كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ھەرىكەت پروگراممىسى» ماقۇللاندى ھەمدە رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۇنيا ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتى ئۆزىنىڭ بىرلىككە كەلگەن جەڭگىۋار تەشكىلاتىغا ئىگە بولدى.1920
- يىلى7 - ئايدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ2 - قۇرۇلتىيى ئېچىلدى، قۇرۇلتايدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناسىئونالغا كىرىشنىڭ «21 شەرتى» ماقۇللاندى. بۇنىڭدا:3 - ئىنتېرناتسىئونالغا قاتنىشىشنى خالايدىغان پارتىيىلەر كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ پروگراممىسى ۋە قارارىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئىجرا قىلىشى شەرت، دەپ بەلگىلەندى ھەمدە ئۇنىڭ نامى كومپارتىيە دەپ بېكىتىلدى. بۇ ئەينى ۋاقىتتا ھەرقايسى ئەللەر كومپارتىيىلىرىنىڭ تەشكىلىي ۋە ئىدىيە جەھەتتە مۇستەھكەملىنىشىگە ياردەم بېرىشتە ئىجابىي رول ئوينىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن1943 - يىل5 - ئاينىڭ22 - كۈنى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ھەيئەت رىياسىتى يېڭى دۇنيا ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن قارار ئېلان قىلىپ، «خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىك مەركىزى» بولغان كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال تەشكىلاتىنى تارقىتىۋېتىشنى جاكارلىدى.