UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرىۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى

ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى

خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يارۋروپانىڭ شەرقىي قىسمىدا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى پرولېتارىيات دىكتاتورىلىقىدىكى دۆلەت − ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا كەلدى. ئۇ ياش ۋېنگرىيە كومپارتىيىسىنىڭ خەلق ئاممىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ،1919 - يىل3 - ئاينىڭ21 - كۈنى قۇرغان جۇمھۇرىيەتتۇر، كوممۇنىست كۇئىن پىرا بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىدۇر.1919 - يىلى2 - ئايدا ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى ئىشچىلار ھەرىكىتىنى ئاشكارا باستۇرۇپ، كۇن بېلا قاتارلىق40 نەچچە نەپەر كومپارتىيە رەھبىرىنى قولغا ئېلىپ، پايتەختتىكى ئىشچىلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. ئۇلار ھاكىمىيەت بېشىدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىن كەينى - كەينىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئىش تاشلاپ نارازىلىق بىلدۈردى. بۇ چاغدا، روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغانىدى. گېرمانىيە ئىنقىلاب قىلىۋاتاتتى، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە قاتارلىق ئانتانتا دۆلەتلىرى ۋېنگرىيىنىڭ ئىنقىلاب يولىغا مېڭىشىدىن قورقۇپ، ۋېنگرىيىنى پارچىلىۋېتىشنى قارار قىلدى ھەمدە ۋېنگرىيىدىن دۆلەت زېمىنىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا كارولىي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا قوشۇلمىغانلىقتىن ھەم رەت قىلغۇدەك مادارى بولمىغانلىقتىن، نائىلاج ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى خارباي نائىلاج تۈرمىگە بېرىپ كومپارتىيىنىڭ داھىيسى كۇن بېلا بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كومپارتىيە ئوتتۇرىغا قويغان شەرتكە قوشۇلۇپ سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەكسىيەتچىل قوراللىق كۈچلىرىنى تارقىتىۋەتتى. يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، خارباي رەئىس، كۇن بېلا دىپلوماتىك خەلق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، بىر قاتار سوتسىيالىستىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، كەڭ ئىشچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى خەلقئارادىكى جاھانگىرلىكنى ساراسىمگە سالدى ۋە ئۇلارنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىدى. ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىرقانچە دۆلەتنىڭ ئارمىيىسىنى توپلاپ شەرق، جەنۇب ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىن ۋېنگرىيىگە كەڭ كۆلەمدە بېسىپ كىرىپ، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن ھاكىمىيەتنى بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش غەرىزىدە بولدى. ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، ۋېنگرىيىدىكى50 مىڭغا يەتمىگەن قىزىل ئارمىيە خىل قوراللانغان150 مىڭ كىشىلىك مۇداخىلە قوشۇنىغا زەربە بېرىۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ كەڭ زېمىن قولدىن كەتتى، رومىنىيە مۇداخىلە ئارمىيىسى پايتەخت بۇداپىشتقا100 كىلومېتىر قالغان جايغا بېسىپ كىردى. بۇ چاغدا ئىنقىلاب ھالاكەت خەۋپىدە قالغانىدى. ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچى خەلق قوزغىلىپ سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قوغدىدى، بىرقانچە كۈن ئىچىدىلا100 مىڭ كىشى قىزىل ئارمىيىگە قاتنىشىپ، ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى. ئۇزاق ئۆتمەي قىزىل ئارمىيە قايتۇرما ھۇجۇمنى باشلاپ، قولدىن كەتكەن زېمىننى قايتۇرۇۋالدى ھەمدە غەلىبىسېرى قوغلاپ زەربە بېرىپ، شىمالدىكى قوشنا دۆلەت سلوۋاكىيىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى ئازاد قىلىپ، شۇ يەردىكى خەلقنىڭ سلوۋاكىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشىغا ياردەم بەردى. جاھانگىرلار ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەسكىرىي كۈچىنى يېڭىۋاشتىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋېنگرىيىگە نوتا تاپشۇرۇپ، قىزىل ئارمىيىدىن ھۇجۇمنى توختىتىپ، سلوۋاكىيىدىن چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى ۋە بۇنى ئالماشتۇرۇش شەرتى قىلدى، يەنە رومىنىيە مۇداخىلە قوشۇنىنى چېكىندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىمۇ ساختا ۋەدە بەردى. ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، نوتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ بولۇپلا ئەسكىرىنى چېكىندۈردى. نەتىجىدە قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرى جەڭ مېۋىسىنىڭ بىكاردىن - بىكارغا قولدىن كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ روھى چۈشۈپ كەتتى، جاھانگىرلار بولسا ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي كاپالەت خېتىنى يىرتىپ تاشلىدى، رومىنىيە مۇداخىلە ئارمىيىسى چېكىنمەيلا قالماستىن، بەلكى يېڭىۋاشتىن ھۇجۇم قوزغاپ بۇداپېشتقا قىستاپ كەلدى.8 - ئاينىڭ1 - كۈنى ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلدى. ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى133 كۈن مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى تارىختا شانلىق بىر بەت ئاچتى.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى