UyghurWiki
UyghurWikiۋاقىت ۋە تەرەپخەلقئارا چېسلا ئۆزگەرتىش سىزىقى

خەلقئارا چېسلا ئۆزگەرتىش سىزىقى

ۋاقىت ۋە تەرەپ يەر شارى ھەر كۈنى غەربتىن شەرققە قاراپ ئايلىنىپ تۇرىدۇ، سۈبھى، چىڭقى چۈش، گۇگۇم ۋە يېرىم كېچە قاتارلىقلار شەرقتىن - غەربكە قاراپ تەرتىپلىك ۋە دەۋرىيلىك ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دەۋرىيلىك ھالدا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. يەر شارىدىكى يېڭى بىر كۈن زادى قايسى جايدىن باشلىنىپ، قايسى جايدا ئاخىرلىشىدۇ؟ بۇ مەسلىگە قارىتا تارىختا نۇرغۇن تالاش - تارتىشلار بولۇپ ئۆتكەن ھەمدە نۇرغۇنلىغان ئۇقۇشماسلىق ۋە ئاۋارىچىلىكلەر كېلىپ چىققان. ئېيتىشلارغا ئاساسلانغاندا،19 - ئەسىردە روسىيىدىكى ئىركۇتسكىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر كىچىك بازاردا مەلۇم بىر پوچتاليون9 - ئاينىڭ1 - كۈنى ئەتىگەن سائەت00 :7 دە چىكاگودىكى پوچتا ئىدارىسىگە بىر پارچە تېلېگرامما ئەۋەتكەن، ئەمما تېلېگرامما تاپشۇرۇۋالغۇچى «8 - ئاينىڭ31 - كۈنى سائەت28 :9 دە تېلېگراممىنى تاپشۇرۇۋالدىم … دەپ جاۋاب قايتۇرغان، بۇ تولىمۇ كۈلكىلىك ئىش بولمامدۇ؟9 - ئايدا ئەۋەتىلگەن تېلېگرامما قانداق قىلىپ8 - ئايدا تېگىدۇ؟ بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇقۇشماسلىقلار ئەينى چاغدا كۈندە دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇراتتى. چېسلا جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن،1884 - يىلىدىكى خەلقئارا ئۇزۇنلۇق يىغىنىدا يەنە خەلقئارالىق چېسلا ئۆزگەرتىش سىزىقى بەلگىلەندى. بۇ چېسلا ئۆزگەرتىش سىزىقى تىنچ ئوكياندىكى180 گرادۇسلۇق مېرىدىئان ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، يەر شارىدىكى «بۈگۈن» بىلەن «تۈنۈگۈن» نىڭ چېگرىسى قىلىنغان، شۇڭا ئۇ «خەلقئارا چېسلا ئۆزگەرتىش سىزىقى» دەپ ئاتالغان. بىر دۆلەتتە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىككى خىل چېسلانىڭ مەۋجۇت بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەمەلىي چېسلا ئۆزگەرتىش سىزىقى بىر تۈپتۈز سىزىق بولماستىن، بەلكى بىر سۇنۇق سىزىقتىن ئىبارەت. ئۇ شىمالدا شىمالىي قۇتۇپتىن باشلىنىپ، بېرىڭ بوغۇزى، تىنچ ئوكياندىن ئۆتۈپ جەنۇبىي قۇتۇپقىچە بارىدۇ. بۇنداق بولغاندا، چېسلا ئۆزگەرتىش سىزىقى ھەرقانداق بىر دۆلەتنى كېسىپ ئۆتمەيدۇ. بۇ سىزىق ئۈستىدىكى يېرىم كېچىدە، يەنى يەرلىك ۋاقىت0 بولغاندىكى ۋاقىت چېسلانىڭ چېگرا ۋاقتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ئومۇمەن بۇ چېسلا ئۆزگىرىش سىزىقىدىن ئۆتكەن ۋاقىتتا، چېسلانىڭ ھەممىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ؛ شەرقتىن غەربكە قاراپ بۇ چېگرا سىزىقىدىن ئۆتكەن ۋاقىتتا، چېسلاغا بىر كۈن قوشۇلىدۇ، غەربتىن شەرققە قاراپ بۇ چېگرا سىزىقىدىن ئۆتكەندە بولسا، چېسلا بىر كۈن كېمەيتىلىدۇ. خەلقئارالىق چېسلا ئۆزگەرتىش سىزىقى بىر كۈننىڭ باشلىنىدىغان ۋە ئاخىرلىشىدىغان چېگرا سىزىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆتىدىغان شەرقىي ۋە غەربىي12 - ۋاقىت رايونىنى ئالاھىدە بىر ۋاقىت رايونىغا ئايلاندۇرغان. بۇ ۋاقىت رايونى ئىچىدە ۋاقىتنىڭ ھەممىسى بىردەك بولىدۇ، ئەمما چېسلاسى ئوخشاش بولمايدۇ، يەنى بىر سىزىق ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ سىزىقنىڭ شەرقى بىلەن غەربى ۋاقىت جەھەتتە بىر كۈن پەرق قىلىدۇ، غەرب تەرىپىدە شەرق تەرەپكە قارىغاندا چېسلا بىر كۈن بالدۇر بولىدۇ. چېسلا ئۆزگەرتىش سىزىقىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى چۇكوت يېرىم ئارىلىدا تۇرغان ئادەم پۈتۈن دۇنيا بويىچە يېڭى يىلنى ئەڭ بالدۇر كۈتۈۋالىدىغان ئادەم ھېسابلىنىدۇ، ئەمما بۇ سىزىقنىڭ شەرق تەرىپىدىكى، پەقەت سۇ ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئا ق ش دىكى ئالياسكىدا تۇرغان ئادەم بىر كېچە - كۈندۈز ساقلىغاندىن كېيىن ئاندىن يېڭى يىلنى ئۆتكۈزەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ۋاقىت ۋە تەرەپ