UyghurWiki
UyghurWikiۋاقىت ۋە تەرەپخەرىتە

خەرىتە

ۋاقىت ۋە تەرەپ ئانچە چوڭ بولمىغان بىر پارچە قەغەز يۈزىدىن پۈتكۈل دۇنيا ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، مانا بۇ خەرىتىنىڭ تۆھپىسى. خەرىتە بەلگىلىك ماتېماتىكىلىق قائىدە بويىچە ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل شەرتلىك بەلگىلەرنى ئىشلىتىپ، يەر شارى يۈزىدىكى خىلمۇخىل ئوخشاش بولمىغان تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى كىچىكلىتىپ، ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق سىزىپ چىقىلىدۇ. خەرىتىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ماسشتابنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە ئاساسەن چوڭ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك ماسشتابلىق خەرىتە دەپ بۆلۈنىدىغان خەرىتىلەر؛ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئادەتتىكى خەرىتە ۋە مەخسۇس خەرىتە دەپ بۆلۈنىدىغان خەرىتىلەر؛ ئىشلىتىشىگە ئاساسەن قاتناش - ترانسپورت خەرىتىسى، ھەربىي ئىشلار خەرىتىسى، ئىلمىي پايدىلىنىش خەرىتىسى؛ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش خەرىتىسى دەپ بۆلۈنىدىغان خەرىتىلەر بار. ھازىرقى زامان خەرىتىلىرىدىن سۈنئىي ھەمراھ ھولوگرافلىق پرويېكسىيە ۋە تېلېۋىزىيە سۈرەتلىرى قاتارلىقلار بار. خەرىتىنىڭ ھەممىسىدە ماسشتاب ئەسكەرتىلىدۇ، ئادەتتە خەرىتىدىكى بىر سانتىمېتىر ئارىلىق ئەمەلىيەتتىكى100 كىلومېتىر ئارىلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ، خەرىتىدىكى بىر سانتىمېتىر ئارىلىقنىڭ ئەمەلىيەتتىكى10 كىلومېتىر ئارىلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىرىمۇ بار، مەسىلەن، «1000000:1»، خەرىتىدە يەنە ھەر خىل بەلگىلەر بولىدۇ. ئۇلار تاغ تىزمىلىرى، دەريا قاتارلىق تەبىئىي ھادىسىلەر ۋە شەھەر، نوپۇس قاتارلىق ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ بەلگىلەر شەرتلىك بەلگىلەر دەپ ئاتىلىدۇ. خەرىتىدە يەنە ھەر خىل رەڭلەر بولىدۇ، مەمۇرىي رايونلار خەرىتىسىدە رەڭلەر ئوخشاش بولمىغان رايون ۋە دۆلەتلەرنى ئىپادىلەيدۇ؛ يەر شەكلى خەرىتىسىدە رەڭلەر ئوخشاش بولمىغان يەر شەكلىنى ئىپادىلەيدۇ، مەسىلەن، كۆك رەڭ دېڭىز - ئوكيان، كۆل ۋە دەريالارنى ئىپادىلەيدۇ، رەڭ قانچە قېنىق بولسا دېڭىز - ئوكيان ۋە كۆللەر شۇنچە چوڭقۇر بولىدۇ؛ قوڭۇر رەڭ ۋە جىگەر رەڭ ئېگىزلىك ۋە تاغلىقلارنى ئىپادىلەيدۇ، رەڭ قانچە قېنىق بولسا يەر تۈزۈلۈشى شۇنچە ئېگىز بولىدۇ، يېشىل رەڭ تۈزلەڭلىكلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بەزى خەرىتىلەردە يەنە تەرەپ كۆرسىتىلگەن بولىدۇ، تەرەپ كۆرسەتكۈچىنىڭ ئىسترېلكىسى شىمال تەرەپنى كۆرسىتىدۇ. خەرىتە ھازىرقى زامان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى، ھەربىي ئىشلار، ئىلىم - پەن، مائارىپ قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھازىرقى زامان ھەربىي ئۇرۇشتا خەرىتە »قومانداننىڭ كۆزى« دەپ ئاتىلىدۇ. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا خەرىتە تەبىئىي بايلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ، قۇرۇلۇش لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ جايلاشقان ئورنىنى، يول لىنىيىسىنى ۋە قۇرۇلۇش لايىھىسىنى توغرا تاللىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بەزى چوڭ كۆلەملىك تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا، مەسىلەن، خۇاڭخې دەرياسىنى تىزگىنلەش، غەربىي شىمال قۇرغاق رايونلاردىكى قۇم - بوراندىن ساقلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە خەرىتە بولمىسا بولمايدۇ، پەن - تەتقىقات ۋە مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە خەرىتە تېخىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان قورال ۋە ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ۋاقىت ۋە تەرەپ
خەرىتە | UyghurWiki | UyghurWiki