UyghurWiki
UyghurWikiۋاقىت ۋە تەرەپتەرەپ

تەرەپ

ۋاقىت ۋە تەرەپ جۇغراپىيىدە دائىم ئېيتىلىدىغان تەرەپ بىلەن ئادەتتە ئېيتىلىدىغان تەرەپ پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ كەتمەيدۇ، ئۇ ئاساسلىقى شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال قاتارلىق تۆت تەرەپنى كۆرسىتىدۇ. شەرق يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى بىلەن بىردەك بولغان تەرەپ، غەرب يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى بىلەن قارىمۇقارشى بولغان تەرەپتىن ئىبارەت، شەرق - غەرب يۆنىلىشى يەنە پاراللېل چەمبەرلىرىنىڭ يۆنىلىشىدىن ئىبارەت. شەرق - غەرب يۆنىلىشنىڭ باش - ئاخىرى بولمايدۇ، ئەگەر بىز كەڭلىك سىزىقىنىڭ يۆنىلىشىنى بويلاپ مەلۇم بىر جايدىن يولغا چىقىپ داۋاملىق شەرققە قاراپ ماڭساق، شەرق تەرەپنىڭ چېكىگە مەڭگۈ يېتەلمەيمىز، بەلكى پاراللېل چەمبىرىنى بويلاپ ئايلىنىۋېرىمىز. ئۇنىڭ ئەكسىچە يەر شارىدىكى جەنۇب - شىمال يۆنىلىشىنىڭ ئاخىرقى چېكى بولىدۇ، ئەگەر بىز ئېكۋاتوردىن يولغا چىقىپ، ئۇدۇل شىمالغا ياكى ئۇدۇل جەنۇبقا قاراپ داۋاملىق مېڭىۋەرسەك، ئەڭ ئاخىردا شىمالىي قۇتۇپ ۋە جەنۇبىي قۇتۇپقا يېتىپ بارىمىز. شىمالىي قۇتۇپ ياكى جەنۇبىي قۇتۇپتىن ھالقىپ ئۆتسەك، يۆنىلىشتە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. شىمالىي قۇتۇپ ۋە جەنۇبىي قۇتۇپ نۇقتىسىدا شەرق، غەرب ئىككى تەرەپ بولمايدۇ. شىمالىي قۇتۇپ نۇقتىسىدا پەقەت بىرلا تەرەپ − جەنۇب تەرەپ بولىدۇ؛ جەنۇبىي قۇتۇپ نۇقتىسىدىمۇ پەقەت بىرلا تەرەپ − شىمال تەرەپ بولىدۇ. قولىمىزغا تەرەپ بەلگىسى بولمىغان خەرىتىنى ئالغان ۋاقتىمىزدا، خەرىتىدىكى مەلۇم جاينىڭ تەرەپلىرىنى قانداق بەلگىلەيمىز؟ ئالدى بىلەن خەرىتىگە پاراللېل ۋە مېرىدىئان سىزىقلىرىنىڭ سىزىلغان ياكى سىزىلمىغانلىقىغا قارايمىز، پاراللېللارنىڭ يۆنىلىشى شەرق - غەرب يۆنىلىشىنى، مېرىدىئانلارنىڭ يۆنىلىشى جەنۇب - شىمال يۆنىلىشنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر خەرىتىنىڭ يان تەرىپىگە تەرەپ كۆرسەتكۈچىسى بېرىلگەن بولسا، ئۇ ھالدا تەرەپ كۆرسەتكۈچنىڭ ئىسترېلكىسى شىمال تەرەپنى كۆرسىتىپ تۇرغان بولىدۇ. ئەگەر خەرىتىدە ھېچقانداق بەلگە بولمىسا، ئۇ ھالدا ئۈستى شىمال، ئاستى جەنۇب، سول تەرىپى غەرب، ئوڭ تەرىپى شەرق تەرەپ بولغان بولىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، يەر شارىدىكى ھەرقانداق بىر ھەرىكەت قىلىۋاتقان ماددىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشى يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇ شەكىلسىز تەسىر كۈچى يەر شارى ئايلىنىشىنىڭ ئېغىش كۈچى دېيىلىدۇ. يەر شارى ئايلىنىشىنىڭ ئېغىش كۈچى ماددىنىڭ ئەسلىدىكى ھەرىكەت يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. شىمالىي يېرىم شاردا ئېغىش كۈچى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ماددىنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشىنى ئوڭغا ئېغىتىدۇ؛ جەنۇبىي يېرىم شاردا بولسا سولغا ئېغىتىدۇ، مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان قۇرۇلۇش تېخنىكا ساھەلىرىدە ئېغىتىش كۈچىدىن ئىبارەت بۇ ئامىل كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن، قىتئەلەر ئارا يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش، دېڭىز قاتنىشى ۋە ھاۋا قاتنىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئېغىتىش كۈچىنىڭ تەسىرىنى تۈزىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، نىشانغا تەگكۈزگىلى بولمايدۇ ياكى كۆزلىگەن ئورۇنغا توغرا يېتىپ بارغىلى بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ۋاقىت ۋە تەرەپ
تەرەپ | UyghurWiki | UyghurWiki