UyghurWiki
UyghurWikiۋاقىت ۋە تەرەپتروپىك سىزىقى

تروپىك سىزىقى

ۋاقىت ۋە تەرەپ تروپىك سىزىقى ھەر يىلى قۇياشنىڭ يەر شارىغا تىك چۈشۈپ يۆتكىلىشىنىڭ چېگرا سىزىقىدۇر. يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلغاندا، يەر ئوقى (يەر شارىنىڭ ئۆزىنى ئايلىنىش ئوقى) بىلەن ئېكلىپتىكا تەكشىلىكى (يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش ئوربىتا تەكشىلىكى) مەڭگۈ66 گرادۇس33 مىنۇتلۇق كېسىشىش بۇلۇڭىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، يەر شارى ھەمىشە يانتۇ ھالەتتە قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بەزىدە يەر شارىنىڭ شىمالىي يېرىم شارى قۇياشقا يۈزلەنسە، بەزىدە جەنۇبىي يېرىم شارى قۇياشقا يۈزلىنىدۇ، شۇ سەۋەبتىن قۇياش نۇرىنىڭ يەر شارىدىكى تىك چۈشۈش نۇقتىسى ۋاقىتقا ئەگىشىپ جەنۇب ۋە شىمالغا قاراپ يۆتكىلىپ تۇرىدۇ. يازلىق كۈن - تۈن توختاش كۈنىدە قۇياش نۇرى شىمالىي كەڭلىك23 گرادۇس30 مىنۇتلۇق پاراللېلغا تىك چۈشىدۇ. يازلىق كۈن - تۈن توختاش كۈنى ئۆتكەندىن كېيىن، قۇياش نۇرى تەدرىجىي ھالدا جەنۇبقا يۆتكىلىدۇ، شىمالىي يېرىم شاردا قۇياشنىڭ يورۇتۇش ۋاقتى تەدرىجىي قىسقىرايدۇ. شىمالىي كەڭلىك23 گرادۇس30 مىنۇتلۇق پاراللېل قۇياش نۇرى شىمالىي يېرىم شاردا تىك چۈشىدىغان جاينىڭ ئەڭ شىمالىي چېگرىسى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا بۇ پاراللېل سىزىقى شىمالىي تروپىك سىزىقى دەپ ئاتىلىدۇ. قىشلىق كۈن - تۈن توختاش كۈنىدە قۇياش نۇرى جەنۇبىي كەڭلىك23 گرادۇس30 مىنۇتلۇق پاراللېلغا تىك چۈشىدۇ، قىشلىق كۈن - تۈن توختاش كۈنى ئۆتكەندىن كېيىن قۇياش نۇرى يەنە تەدرىجىي ھالدا شىمالغا سۈرۈلۈشكە باشلايدۇ، يازلىق كۈن - تۈن توختاش كۈنىگە كەلگەندە يەنە قايتىدىن شىمالىي تروپىك سىزىقىغا تىك چۈشىدۇ. جەنۇبىي كەڭلىك ′30°23لۇق پاراللېل قۇياش نۇرى جەنۇبىي يېرىم شاردا تىك چۈشىدىغان جاينىڭ ئەڭ جەنۇبتىكى چېگرىسى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا بۇ پاراللېل سىزىقى جەنۇبىي تروپىك سىزىقى دەپ ئاتىلىدۇ. جەنۇبىي ۋە شىمالىي تروپىك سىزىقى تروپىك بەلۋاغ بىلەن جەنۇبىي ۋە شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ چېگرىسىدۇر. شىمالىي تروپىك سىزىقى بىلەن جەنۇبىي تروپىك سىزىقىنىڭ ئارىلىقىدىكى رايونلار تروپىك بەلۋاغدىن ئىبارەت، بۇ جايغا قۇياش نۇرى يىل بويى تىك چۈشىدۇ، ئىگە بولىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدۇ؛ شىمالىي تروپىك سىزىقى بىلەن شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىنىڭ (شىمالىي كەڭلىك66 گرادۇس30 مىنۇت) ئارىسىدىكى رايونلار شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ، جەنۇبىي تروپىك سىزىقى بىلەن جەنۇبىي قۇتۇپ چەمبىرىنىڭ (جەنۇبىي كەڭلىك66 گرادۇس30 مىنۇت) ئارىسىدىكى رايونلار جەنۇبىي مۆتىدىل بەلۋاغدىن ئىبارەت. مۆتىدىل بەلۋاغ رايونىغا كۈن نۇرى يىل بويى يانتۇ چۈشىدۇ، ئىگە بولىدىغان ئىسىسقلىق مىقدارى ئوتتۇراھال بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغقا جايلاشقان بولۇپ، مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمىغا كىرىدۇ.1985 - يىلىدىن ئىلگىرى يەر يۈزىدىكى تروپىك سىزىقىنىڭ بىردىنبىر بەلگىسى ئېلىمىزدىكى تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ جيايى ناھىيىسىدىكى «شىمالىي تروپىك سىزىقى» تاش ئابىدىسى بولۇپ، ئۇ شىمالىي تروپىك سىزىقىنىڭ بۇ جايدىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.1985 - يىل7 - ئاينىڭ15 - كۈنى ئېلىمىز گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ سۇڭخۇا ناھىيىسىدە ئېگىزلىكى55 .27 مېتىر كېلىدىغان يەنە بىر شىمالىي تروپىك سىزىقىنىڭ بەلگە مۇنارىنى ياسىدى. مۇنار راكېتا شەكلىدە بولۇپ، شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال تەرەپلىرىگە ئەگمە ئىشىك ياسالغان. مۇنارنىڭ ئاستىغا مەرمەر تاش ياتقۇزۇلغان، ئوتتۇرا ئايلانما نۇقتىسىغا قىزىل ھېقىق بىلەن قۇياش نۇرىنىڭ تىك چۈشۈش نورنى نەقىشلەنگەن. ئۈستى قىسمى دىئامېتىرى120 سانتىمېتىر كېلىدىغان مىس شاردىن ئىبارەت، شارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۇمىلاق تۆشۈك بار، ئۇ قۇياش نۇرىنىڭ تىك چۈشۈشىنى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ۋاقىت ۋە تەرەپ
تروپىك سىزىقى | UyghurWiki | UyghurWiki