UyghurWiki
UyghurWikiۋاقىت ۋە تەرەپۋاقىت رايونى

ۋاقىت رايونى

ۋاقىت ۋە تەرەپ يەر شارى ھەر ۋاقىت ئۆز ئوقىدا غەربتىن شەرققە قاراپ ئايلىنىپ تۇرىدۇ، شەرق تەرەپتىكىلەر ھەمىشە غەرب تەرەپتىكىلەردىن بۇرۇن قۇياشنى كۆرەلەيدۇ، شەرق تەرەپنىڭ ۋاقتىمۇ غەرب تەرەپنىڭ ۋاقتىدىن بۇرۇن بولىدۇ. شەرق تەرەپنىڭ ۋاقتى بىلەن غەرب تەرەپ ۋاقتىنىڭ پەرقى سائەت بىلەن ھېسابلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مىنۇت ۋە سېكۇنت بىلەنمۇ ھېسابلىنىدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن خىزمىتىگە نۇرغۇنلىغان قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ۋاقىت جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن،1884 - يىلى ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان بىر قېتىملىق خەلقئارا ئۇزۇنلۇق يىغىنىدا، يەر شارىنى24 ۋاقىت رايونىغا بۆلۈش بەلگىلەنگەن. ئۇلار مەركىزىي ۋاقىت رايونى (0 - ۋاقىت رايونى)، شەرقىي1 −12 - ۋاقىت رايونى ۋە غەربىي1 −12 - ۋاقىت رايونىدىن ئىبارەت. ھەربىر ۋاقىت رايونى بېسىپ ئۆتىدىغان ئوزۇنلۇق15 گرادۇس، ۋاقتى دەل بىر سائەت بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدىكى شەرقىي ۋە غەربىي12 - رايوننىڭ ھەرقايسىسى5 .7 گرادۇسلۇق ئۇزۇنلۇقنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار شەرقىي ۋە غەربىي ئۇزۇنلۇق180 گرادۇسنى چېگرا قىلىدۇ. ھەربىر ۋاقىت رايونىدىكى مەركىزىي مېرىدىئاننىڭ ۋاقتى دەل بۇ رايون ئىچىدە ئورتاق قوللىنىدىغان ۋاقىت بولۇپ، رايون ۋاقتى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆزئارا قوشنا بولغان ئىككى رايوننىڭ ۋاقتى بىر سائەت پەرق قىلىدۇ. مەسىلەن، ئېلىمىزدىكى شەرقىي8 - رايوننىڭ ۋاقتى ھەمىشە تايلاندتىكى شەرقىي7 - رايوننىڭ ۋاقتىدىن بىر سائەت بۇرۇن بولىدۇ، ياپونىيىدىكى شەرقىي9 - رايوننىڭ ۋاقتىدىن بىر سائەت كېيىن بولىدۇ. شۇڭا چەت ئەللەرگە ساياھەتكە چىققان ئادەم ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ سائىتىنى تەڭشەپ تۇرۇشى زۆرۈر، شۇنداق قىلغاندىلا شۇ جاي بىلەن ۋاقىتنى بىردەك قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر غەربكە قاراپ ماڭغان بولساق، ھەر ۋاقىت رايونىدىن ئۆتكەندە سائەتنى بىر سائەت كەينىگە سۈرۈش كېرەك؛ شەرققە ماڭغان بولساق، ھەربىر ۋاقىت رايونىدىن ئۆتكەندە سائەتنى بىر سائەت ئالدىغا سۈرۈش كېرەك. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ۋاقىت رايونىغا ئاساسەن ۋاقىت ھېسابلاشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ. پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئوخشاش بىر ۋاقىتنى قوللىنىش ئۈچۈن، ئادەتتە ھەممىسى دېگۈدەك مەلۇم بىر ۋاقىت رايونىنىڭ ۋاقىتنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىدۇ. مەسىلەن، ئېلىمىزدە پايتەختىمىز بېيجىڭ جايلاشقان شەرقىي8 - رايوننىڭ ۋاقتىنى ئورتاق قوللىنىدىغان بولۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى دېيىلىدۇ. يەنە مەسىلەن، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر گەرچە مەركىزىي ۋاقىت رايونىدا بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن ۋاقىت جەھەتتە بىردەك بولۇش ئۈچۈن، شەرقىي1 - رايوننىڭ ۋاقتىنى قوللىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ۋاقىت ۋە تەرەپ