جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرى
ۋاقىت ۋە تەرەپ
يەر شارىدا جەنۇبىي ۋە شىمالىي كەڭلىك66 گرادۇس30 مىنۇتلۇق پاراللېل چەمبىرىدىن ئىككىسى بولۇپ، جەنۇبىي يېرىم شاردىكىسى جەنۇبىي قۇتۇپ چەمبىرى، شىمالىي يېرىم شاردىكىسى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرى دېيىلىدۇ. جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپ چەمبەرلىرى يەر شارىدىكى بەش ئىقلىم بەلۋىغىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغ بىلەن سوغۇق بەلۋاغنىڭ چېگرىسى ھېسابلىنىدۇ.
ياز پەسلىدە شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرى ۋە شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىنىڭ ئىچىدىكى بارلىق رايونلارنىڭ ھەممىسىدە كۈن سانى ئوخشاش بولمايدىغان قۇتۇپ كۈندۈزى يۈز بېرىدۇ؛ قىش پەسلىدە بولسا كۈن سانى ئوخشاش بولمايدىغان قۇتۇپ كېچىسى ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ؛ جەنۇبىي يېرىم شاردا دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ياز پەسلىدە جەنۇبىي قۇتۇپ چەمبىرى ۋە جەنۇبىي قۇتۇپ چەمبىرىنىڭ ئىچىدىكى بارلىق رايونلارنىڭ ھەممىسىدە كۈن سانى ئوخشاش بولمايدىغان قۇتۇپ كېچىسى ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ؛ قىش پەسلىدە بولسا كۈن سانى ئوخشاش بولمايدىغان قۇتۇپ كۈندۈزى ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرى ئىچىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا ئايرىم - ئايرىم ھالدا جەنۇبىي سوغۇق بەلۋاغ ۋە شىمالىي سوغۇق بەلۋاغ دېيىلىدۇ.
قۇتۇپ كۈندۈزى بىلەن قۇتۇپ كېچىسى پەقەت جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىنىڭ ئىچىدىلا كۆرگىلى بولىدىغان بىر خىل ئۆزگىچە تەبىئەت ھادىسىدىن ئىبارەت. قۇتۇپ كۈندۈزى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، بىر سوتكىدىكى24 سائەت ئىچىدە قۇياش ھەمىشە ئاسمانغا ئېسىقلىق ھالەتتە تۇرىدۇ؛ قۇتۇپ كېچىسى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، بىر سوتكىدىكى24 سائەت ئىچىدە قۇياشنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ، تۆت ئەتراپ قاپقاراڭغۇ ھالەتتە بولىدۇ. بۇ خىل ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب شۇكى، يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش ئوربىتىسى بىر ئېللىپسسىمان ئوربىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، قۇياش ھامان بۇ ئېللىپسنىڭ بىر فوكۇس نۇقتىسىدا تۇرغانلىقىدا. يەر شارى ھەمىشە يانتۇ ھالەتتە قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، يەنى يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئوقى بىلەن قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش ئوربىتا تەكشىلىكى ئوتتۇرىسىدا66 گرادۇس30 مىنۇتلۇق كېسىشىش بۇلۇڭى مەۋجۇت، يەنە كېلىپ بۇ كېسىشىش بۇلۇڭى يەر شارىنىڭ ھەرىكىتى جەريانىدا ئۆزگەرمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن قۇياش نۇرىنىڭ يەر شارىغا تىك چۈشۈش نۇقتىسى ئۆزگەرمەس، مۇقىم بولماستىن، بەلكى جەنۇب ۋە شىمالغا يۆتكىلىپ تۇرىدۇ؛ بىر يىل ئىچىدىكى ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش كۈنى بىلەن كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىش كۈنىدە قۇياش نۇرى ئېكۋاتورغا تىك چۈشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا يەر شارىدىكى ھەرقايسى جايلاردا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئۆزئارا تەڭ بولىدۇ. ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش كۈنىدىن كېيىن، كۈن نۇرىنىڭ تىك چۈشۈش نۇقتىسى تەدرىجىي ھالدا شىمالغا قاراپ يۆتكىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قۇتۇپ كۈندۈزى بىلەن قۇتۇپ كېچىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىمالىي قۇتۇپ بىلەن جەنۇبىي قۇتۇپتا ئوخشاش ۋاقىتتا يۈز بېرىدۇ. يازلىق كۈن - تۈن توختاش كۈنىدە قۇياش نۇرى شىمالىي تروپىك سىزىقىغا تىك چۈشىدۇ، پۈتكۈل شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرى ئىچىدىكى ھەممە جايدا قۇتۇپ كۈندۈزى ھادىسىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ؛ پۈتكۈل جەنۇبىي قۇتۇپ چەمبىرى ئىچىدىكى جايلاردا قۇتۇپ كېچىسى ھادىسىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. قىشلىق كۈن - تۈن توختاش كۈنى يېتىپ كەلگەندە قۇياش نۇرى جەنۇبىي تروپىك سىزىقىغا تىك چۈشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا پۈتكۈل جەنۇبىي قۇتۇپ چەمبىرىنىڭ ئىچىدە قۇتۇپ كۈندۈزى ھادىسىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، پۈتكۈل شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرى ئىچىدىكى جايلاردا قۇتۇپ كېچىسى ھادىسىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.