UyghurWiki
UyghurWikiۋاقىت ۋە تەرەپخەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت

خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت

ۋاقىت ۋە تەرەپ 1884 - يىلى ئېچىلغان ۋاشىنگتون خەلقئارا ئۇزۇنلۇق يىغىنىدا گەرچە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك ۋاقتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما يەر شارى خاراكتېرلىك بەزى چوڭ پائالىيەتلەردە يەنە يەر شارى دائىرىسى ئىچىدە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئورتاق قوللىنىدىغان بىرلىككە كەلگەن يەنە بىر ۋاقىتنىڭ بولۇشى زۆرۈر. شۇڭا يەنە خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭدا يەر شارى دائىرىسى ئىچىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ0 گرادۇسلۇق مېرىدىئاننىڭ ۋاقتىنى خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئۆلچەملىك ۋاقىت قىلىش تەلەپ قىلىنغان.0 گرادۇسلۇق مېرىدىئان سىزىقى ئەنگلىيىنىڭ گرېنۋىچ رەسەتخانىسىدىن ئۆتىدىغانلىقى ئۈچۈن، خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت يەنە گرېنۋىچ ۋاقتى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ يەنە دۇنيا ۋاقتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىتنىڭ قوللىنىشى بىرقەدەر كەڭ بولىدۇ، ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن دېڭىز قاتنىشىدىكى ئورۇن بەلگىلەشتە ئىشلىتىلگەن، كېيىنچە يەنە ئانتاركتىدادىكى ئىلمىي تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىلگەن. ئانتاركتىدادا جۇغراپىيىلىك كەڭلىك ناھايىتى يۇقىرى، مېرىدىئانلار ئىنتايىن مەركەزلەشكەن بولۇپ، ۋاقىت رايونلىرىنىڭ دائىرىسى ناھايىتىمۇ تار بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جايدا قۇياشنىڭ چىقىشى، ئولتۇرۇشى ۋە چۈش ۋاقتى قاتارلىقلار ئانچە ئېنىق ئەمەس، ۋاقىت بىلەن شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ مەشغۇلات قىلىش ۋە دەم ئېلىش پائالىيەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە زىچ بولمايدۇ، شۇڭا، ئانتاركتىدادىكى ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ ھەممىسىدە خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت قوللىنىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت يەنە خەلقئارا كېلىشىم، خەلقئارالىق ئالاقە، ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ھېسابلاش، شۇنىڭدەك بەزى خەلقئارالىق ئىشلاردا يەر شارى بويىچە بىردەكلىككە ئىگە قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار ۋاقىت ۋە تەرەپ