UyghurWiki
UyghurWikiۋاقىت ۋە تەرەپئەتىياز، ياز، كۈز، قىشنىڭ ئالمىشىشى

ئەتىياز، ياز، كۈز، قىشنىڭ ئالمىشىشى

ۋاقىت ۋە تەرەپ يەر شارىدىكى تۆت پەسىل يەر ئوقىنىڭ يانتۇ بولۇشى بىلەن يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىشىدىن شەكىللەنگەن. يەر ئوقى بىلەن ئېكلىپتىكا تەكشىلىكى ھەمىشە66 گرادۇس30 مىنۇتلۇق ئارا بولۇڭنى ساقلاپ تۇرىدۇ، شۇڭا يەر شارى قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش جەريانىدا، جەنۇبىي ۋە شىمالىي يېرىم شارلار ئىگە بولىدىغان قۇياش رادىئاتسىيىسى بىلەن ئىسسىقلىق مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىسسىق - سوغۇقلۇقى ئالمىشىپ تۇرىدىغان ئايلىنىش شەكىللەنگەن. يەر شارى6 - ئاينىڭ21 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئايلىنىپ «يازلىق كۈن - تۈن توختاش» ئورنىغا كەلگەندە، قۇياش نۇرى شىمالىي تروپىك سىزىقىغا تىك چۈشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا شىمالىي يېرىم شار ئىگە بولىدىغان يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق ئەڭ كۆپ بولۇپ، دەل ياز پەسلى بولىدۇ؛ شۇنىڭدىن كېيىن قۇياش نۇرى داۋاملىق تۈردە جەنۇبقا قاراپ يۆتكىلىدۇ، شىمالىي يېرىم شار ئىگە بولىدىغان يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تەدرىجىي ئازلاپ بارىدۇ،9 - ئاينىڭ23 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى «كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىش» ۋاقتىدا قۇياش نۇرى ئېكۋاتورغا تىك چۈشىدۇ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي يېرىم شارنىڭ ئىگە بولىدىغان يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىقى ئوخشاش بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا شىمالىي يېرىم شاردا كۈز پەسلى بولىدۇ. كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىش كۈنىدىن كېيىن قۇياش نۇرى جەنۇبىي يېرىم شارغا قاراپ يۆتكىلىدۇ،12 - ئاينىڭ22 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى «قىشلىق كۈن - تۈن توختاش» ۋاقتىدا قۇياش نۇرى جەنۇبىي تروپىك سىزىقىغا تىك چۈشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا شىمالىي يېرىم شار ئىگە بولىدىغان يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق ئەڭ ئاز بولۇپ، دەل قىش پەسلى بولىدۇ. يەر شارى قۇياش ئەتراپىدا توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەتىياز، ياز، كۈز ۋە قىشتىن ئىبارەت تۆت پەسىل ئۈزلۈكسىز ئالمىشىپ تۇرىدۇ. بىراق شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ بىلەن جەنۇبىي مۆتىدىل بەلۋاغ رايونىدا تۆت پەسىلنىڭ كۆرۈلۈشى ئۆزئارا قارىمۇقارشى بولىدۇ، شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغدىكى كىشىلەر قېلىن پاختىلىق چاپانلىرىنى كىيىپ يۈرگەن ۋاقىتتا، جەنۇبىي مۆتىدىل بەلۋاغدىكى كىشىلەر دېڭىز ساھىللىرىدىكى سۇ ئۈزۈش مەيدانلىرىغا بېرىپ ئىسسىقتىن پاناھلىنىدۇ. تۆت پەسىلنى بۆلۈشنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل ئۆلچەملىرى بار. ئېلىمىزدە ئاساسلىقى ئاسترونومىيىلىك ئامىللار بۆلۈشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ. باش باھاردىن قىزىلكوسقىچە بولغان ئالتە مەۋسۇم ئەتىياز پەسلى دېيىلىدۇ؛ باش يازدىن تومۇزغىچە بولغان ئالتە مەۋسۇم ياز پەسلى دېيىلىدۇ؛ باش كۈزدىن قىرو چۈشۈكىگىچە بولغان ئالتە مەۋسۇم كۈز پەسلى دېيىلىدۇ؛ باش قىشتىن قاپاق ياردىغىچە بولغان ئالتە مەۋسۇم قىش پەسلى دېيىلىدۇ. ھەربىر پەسىلنىڭ ۋاقتى ئۈچ ئايدىن بولىدۇ. ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش كۈنى، يازلىق كۈن - تۈن توختاش كۈنى، كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىش كۈنى ۋە قىشلىق كۈن - تۈن توختاش كۈنلىرى بولسا ئەتىياز، ياز، كۈز ۋە قىشتىن ئىبارەت ھەرقايسى پەسىللەرنىڭ ئارىسىدىكى كۈن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. غەرب ئەللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئايلارغا ئاساسلىنىپ تۆت پەسىلنى بۆلىدۇ، يەنى3 -،4 -،5 - ئاينى ئەتىياز پەسلى؛6 -،7 -،8 - ئاينى ياز پەسلى؛9 -،10 -،11 - ئاينى كۈز پەسلى؛12 -،1 -،2 - ئاينى قىش پەسلى دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلىرى ئاسترونومىيىلىك ئامىللارنى ئۆلچەم قىلىپ تۆت پەسىلنى بۆلىدۇ. ئاسترونومىيىدە ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش كۈنى بىر يىلدىكى تۆت پەسىلنىڭ باشلىنىشى قىلىنىدۇ؛ شۇڭا، ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش كۈنىدىن يازلىق كۈن - تۈن توختاش كۈنىگىچە ئەتىياز پەسلى؛ يازلىق كۈن - تۈن توختاش كۈنىدىن كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىش كۈنىگىچە ياز پەسلى؛ كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىش كۈنىدىن قىشلىق كۈن - تۈن توختاش كۈنىگىچە كۈز پەسلى؛ قىشلىق كۈن - تۈن توختاش كۈنىدىن ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش كۈنىگىچە قىش پەسلى بولىدۇ. گەرچە بىر يىل تۆت پەسىلگە بۆلۈنسىمۇ، ئەمما دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدا تۆت پەسىلنىڭ بالدۇر ياكى كېيىن بولۇشى، ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى ناھايىتى چوڭ پەرق قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتكۈل يەر شارى دائىرىسىدىن ئېيتقاندا، ھەممىلا جايدا تۆت پەسىل بولۇۋەرمەيدۇ. ئېكۋاتور بىلەن قۇتۇپتا پەقەت ياز بىلەن قىش پەسلىلا بولىدۇ، بەزى رايونلاردا بىر يىل ئىچىدە بەلكىم يەنە ئىككى پەسىل ياكى ئۈچ پەسىل بولۇشىمۇ مۇمكىن، پەقەت مۆتىدىل بەلۋاغ رايونلىرىدىلا تۆت پەسىل ناھايىتى روشەن بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ۋاقىت ۋە تەرەپ