مېرىدىئان ۋە پاراللېل
ۋاقىت ۋە تەرەپ
گلوبۇسنى كۆزەتسەك، ئۇزۇنىغا ۋە توغرىسىغا گىرەلىشىپ كەتكەن سىزىقلاردىن تۈزۈلگەن تورنى كۆرىمىز، ئۇلار يەر شارىغا ناھايىتى زىچ ئورىلىپ تۇرىدۇ. بۇ «تور» دەل پاراللېل، مېرىدىئان سىزىقلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى توغرا سىزىق پاراللېل دېيىلىدۇ، تىك سىزىق بولسا مېرىدىئان دېيىلىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ يەر شارى يۈزىدىكى مەلۇم بىر جاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنى بەلگىلىشى ئۈچۈن سىزىپ چىققان سۈنئىي بەلگە بولۇپ، جۇغراپىيىلىك كوئوردېنات دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پاراللېل ۋە مېرىدىئان سىزىقلىرى بولسىلا كىشىلەر خۇددى كىنوخانىدا ئورۇن ئىزدىگەنگە ئوخشاش يەر يۈزىدىكى خالىغان بىر نۇقتىنىڭ ئورنىنى خەرىتىدىن تاپالايدۇ.
پاراللېل ۋە مېرىدىئان سىزىقلىرىنى بەلگىلەش ناھايىتى قىزىقارلىق. كىشىلەر خۇددى تاۋۇز تىلغانغا ئوخشاش يەر شارىنى تەكشى قىلىپ360 بۆلەككە بۆلگەندە، ئۇنىڭ ھەربىر بۆلىكىدىكى كەسمە سىزىقنىڭ ھەممىسى يەر ئوقى بىلەن ئىككى قۇتۇپتىن ئۆتىدۇ ۋە يەر شارىنى ئاساسەن ئوخشاش بولغان ئىككى يېرىم شارغا پارچىلىيالايدۇ. شۇنداق قىلىپ يەر يۈزىدە چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولغان نۇرغۇنلىغان چوڭ چەمبەرلەر شەكىللىنىدۇ، مانا بۇ مېرىدىئان سىزىقى ياكى مېرىدىئان چەمبىرىدىن ئىبارەت. ئۇ يەنە باش مېرىدىئان سىزىقى ياكى باش مېرىدىئان چەمبىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مېرىدىئان سىزىقى جەنۇب - شىمال يۆنىلىشىدە بولىدۇ، شۇڭا «جەنۇب - شىمال سىزىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.1884 - يىلى ئا ق ش نىڭ ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان خەلقئارا باش مېرىدىئان سىزىقى يىغىنىدا ئەنگلىيىنىڭ گرېنۋىچ رەسەتخانىسىدىن ئۆتىدىغان مېرىدىئان سىزىقىنى بىرىنچى سىزىق قىلىش بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ سىزىق «باش مېرىدىئان سىزىقى» دەپ ئاتىلىدۇ، يەنى0 گرادۇسلۇق مېرىدىئان دېيىلىدۇ. باش مېرىدىئان سىزىقىنىڭ شەرقى بولسا شەرقىي ئۇزۇنلۇق1 −180 گرادۇسلۇق سىزىق، غەربى بولسا غەربىي ئۇزۇنلۇق1 −180 گرادۇسلۇق سىزىق بولۇپ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق ۋە غەربىي ئوزۇنلۇق180 گرادۇس بولسا ئوخشاش بىر مېرىدىئان سىزىقىدىن ئىبارەت. ئۇ باش مېرىدىئان سىزىقى بىلەن بىردەك بولغان بىر چوڭ چەمبەرنىڭ ئىككى يېرىم شارىدىن ئىبارەت. ئەنگلىيىنىڭ گرېنۋىچ رەسەتخانىسىنىڭ كونا ئورۇندىكى مېرىدىئان سارىيىدا كەڭلىكى10 نەچچە سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى10 نەچچە مېتىر كېلىدىغان، مەرمەر تاشنىڭ ئوتتۇرىسىغا مىستىن ئويۇپ ياسالغان باش مېرىدىئان سىزىقى بولۇپ، بۇ يەر شارىدىكى بىردىنبىر مېرىدىئان سىزىقى بەلگىسىدۇر. سېرىق نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بۇ مېرىدىئان سىزىقنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا: «شەرقىي ئۇزۇنلۇق» ۋە «غەربىي ئۇزۇنلۇق» دېگەن خەت ئويۇلغان، بۇ شەرقىي يېرىم شار بىلەن غەربىي يېرىم شارنىڭ دەل مۇشۇ جايدا ئايرىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. يەر يۈزىدىكى دېڭىز بىلەن قۇرۇقلۇقنىڭ جايلىشىشى تەكشى بولمىغانلىقتىن، قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، كىشىلەر ئادەتتە شەرقىي ئۇزۇنلۇق160 گرادۇس بىلەن غەربىي ئۇزۇنلۇق20 گرادۇسنى شەرقىي يېرىم شار بىلەن غەربىي يېرىم شارنىڭ چېگرىسى قىلغان.
پاراللېللار بولسا يەر ئوقىغا تىك بولغان تەكشىلىك ۋە يەر يۈزى بىلەن ئۆزئارا كېسىشىدىغان چەمبەرلەرگە ئاساسەن سىزىپ چىقىلغان. پاراللېل چەمبەرلىرى ئۆزئارا پاراللېل بولىدۇ، يەر شارى يۈزىدە مېرىدىئان سىزىقى بىلەن پاراللېل سىزىقلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا تىك كېسىشىدۇ، پاراللېل سىزىقلىرى شەرق - غەرب يۆنىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئېكۋاتور جەنۇبىي ۋە شىمالىي كەڭلىك سىزىقلىرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ،0 گرادۇسلۇق كەڭلىك دەپ بەلگىلەنگەن. ئېكۋاتورنىڭ شىمالدىن شىمالىي قۇتۇپقىچە بولغان ئارىلىق شىمالىي كەڭلىك1 −90 گرادۇسلۇق كەڭلىكتىن ئىبارەت. ئېكۋاتورنىڭ جەنۇبىدىن جەنۇبىي قۇتۇپقىچە بولغان ئارىلىق جەنۇبىي كەڭلىك1 −90 گرادۇسلۇق كەڭلىكتىن ئىبارەت. جەنۇبىي ۋە شىمالىي كەڭلىك90 گرادۇس بولسا، جۇغراپىيىلىك جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپتىن ئىبارەت. ناھايىتى روشەنكى، پاراللېل بىلەن مېرىدىئانلار ئوخشاش بولمايدۇ، ئوخشاش بولمىغان جۇغراپىيىلىك ئورۇنلاردا ئۇلارنىڭ ئوزۇنلۇقى ئوخشاش بولمايدۇ. ئېكۋاتوردىكى پاراللېل ئەڭ ئوزاق بولىدۇ، ئاندىن جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئىككى قۇتۇپقا قاراپ تەدرىجىي قىسقىراپ بارىدۇ، ئىككى قۇتۇپقا بارغاندا پاراللېل چەمبەرلىرى قىسقىراپ بىر نۇقتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
مېرىدىئان ۋە پاراللېل سىزىقلىرىدىن ئىبارەت بۇ تور بولسىلا، كىشىلەر ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك گرادۇسلىرىغا ئاساسلىنىپ يەر شارىدىكى خالىغان بىر جاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنى ئوڭايلا تېپىپ قالماستىن، بەلكى بۇ جاينىڭ ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك گرادۇسلىرىغا ئاساسەن مەزكۇر جاينىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنى ھېسابلاپ چىقالايدۇ.
يەر شارىدىكى بىرنەچچە جايدا پاراللېلنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى بار. ئېكۋادورنىڭ پايتەختى كىتو شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئېكۋاتور خاتىرە مۇنارىدىن باشقا يەنە ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى سۇڭخۇا ناھىيىسى بىلەن تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى جيايىنىڭ ئەتراپىدا ئېگىزلىكى20 مېتىردىن ئاشىدىغان «شىمالىي تروپىك سىزىقى» خاتىرە مۇنارى بار. ئۇنىڭدىن باشقا فىنلاندىيىدە يەنە شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىنىڭ بەلگىسى بار.