UyghurWiki
UyghurWikiۋاقىت ۋە تەرەپيەر شارىدىكى بەش ئىقلىم بەلۋېغى

يەر شارىدىكى بەش ئىقلىم بەلۋېغى

ۋاقىت ۋە تەرەپ بەش ئىقلىم بەلۋېغى بولسا سۈنئىي ئۇسۇلدا ئايرىپ چىقىلغان بەش جۇغراپىيىلىك رايوندىن ئىبارەت بولۇپ، ھەربىر رايون ئىچىدە ئۆزئارا ئوخشىشىدىغان ئىقلىم ئالاھىدىلىكى ۋە بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ. بەش ئىقلىم بەلۋېغىغا ئايرىشنىڭ مۇھىم ئاساسى يەر يۈزى ئىگە بولىدىغان قۇياش رادىئاتسىيە ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىدىن ئىبارەت. ئېكۋاتورنىڭ ئەتراپىدىكى، جەنۇبىي ۋە شىمالىي تروپىك سىزىقىنىڭ ئارىلىقىدا، قۇياش يىل بويى تىك ھالدا يۆتكىلىپ تۇرىدۇ. يازلىق كۈن - تۈن توختاش كۈنىدە قۇياش ئاستا - ئاستا شىمالغا قاراپ يۆتكىلىدۇ. قىشلىق كۈن - تۈن توختاش كۈنىدە بولسا قۇياش ئاستا - ئاستا جەنۇبقا قاراپ يۆتكىلىدۇ. ئەتىيازلىق ۋە كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىش كۈنىدە قۇياش ئېكۋاتورغا ئىككى قېتىم تىك چۈشىدۇ. شۇڭا، ئېكۋاتور رايونىدا يىل بويى تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولۇپ، قاتتىق ئىسسىق بولىدۇ، قاتتىق سوغۇق بولىدىغان قىش كۈنلىرىنى ھەرگىزمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ، روشەن ھالدىكى ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرى بولمايدۇ. جۇغراپىيىدە جەنۇبىي ۋە شىمالىي تروپىك سىزىقىنىڭ ئارىلىقىدىكى بەلۋاغ تروپىك بەلۋاغ دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىقلىم بەلۋىغىدا يىل بويى يامغۇر كۆپ ياغىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى2000 مىللىمېتىردىن يۇقىرى بولىدۇ، تروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمانلىرى ئېگىز ۋە قويۇق ئۆسكەن بولۇپ، تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ، بۇ جايدا ناھايىتى مول ئۆسۈملۈكلەر بايلىقى زاپاس ساقلانماقتا. مەزكۇر جايدا يەنە پىل، بوغما يىلان، ئورانگۇتان، زىراپە قاتارلىق تروپىك بەلۋاغ ھايۋانلىرى بار. شىمالىي تروپىك سىزىقىنىڭ شىمالىدىن شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىگىچە بولغان دائىرە شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ دېيىلىدۇ؛ جەنۇبىي تروپىك سىزىقىنىڭ جەنۇبىدىن جەنۇبىي قۇتۇپ چەمبىرىگىچە بولغان دائىرە جەنۇبىي مۆتىدىل بەلۋاغ دېيىلىدۇ. بۇ ئىككى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىچىدە ئىقلىم تروپىك بەلۋاغدىكىدەك ئۇنداق ئىسسىق بولمايدۇ، كۆپ قىسىم رايونلىرىدا قىش، ئەتىياز، ياز، كۈزدىن ئىبارەت تۆت پەسىل بولىدۇ. بۇ ئىككى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ كۆلىمى يەر شارى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئېلىمىز زېمىنىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغقا جايلاشقان. شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىي قۇتۇپ چەمبىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىككى قۇتۇپ رايونى يەر شارىدىكى ئىككى سوغۇق بەلۋاغقا، يەنى شىمالىي سوغۇق بەلۋاغ ۋە جەنۇبىي سوغۇق بەلۋاغقا تەۋە. سوغۇق بەلۋاغ يىل بويى قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئالاھىدە سوغۇق بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا يانۋار ئېيىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى40 - سېلىسيە گرادۇستىنمۇ تۆۋەن بولىدۇ. بۇ جايدا يەنە باشقا جايلاردا كۆرگىلى بولمايدىغان قۇتۇپ كۈندۈزى ۋە قۇتۇپ كېچىسى ھادىسىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، پىنگۋىن، تيۇلېن، دېڭىز پىلى قاتارلىق سوغۇق بەلۋاغنىڭ ئالاھىدە ھايۋانلىرى ياشايدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بەش ئىقلىم بەلۋېغى، پۈتۈنلەي جۇغراپىيىلىك كەڭلىك ۋە مەزكۇر رايون ئىگە بولىدىغان قۇياش ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئايرىپ چىقىلغان بولۇپ، «كەڭلىك ئىقلىم بەلۋېغى» ياكى «ئاسترونومىيىلىك ئىقلىم بەلۋېغى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئەمەلىي ئەھۋال بىلەن بولغان پەرقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، مېتېئورولوگلار يەنە ئوخشاش بولمىغان تەتقىقات ئوبيېكتى ۋە ئوخشاش بولمىغان جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىك ھەم ئىقلىم جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ئىقلىم بۆلۈش ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن، ئېلىمىز ئوخشاش بولمىغان ئىسسىقلىق ئەھۋالىغا ئاساسەن شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ، ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغ، ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلۋاغ، تروپىك بەلۋاغ ۋە نەنشا تاقىم ئاراللىرى رايونىدىكى ئېكۋاتور بەلۋېغى قاتارلىق ئالتە ئىقلىم بەلۋېغىغا بۆلۈنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ۋاقىت ۋە تەرەپ
يەر شارىدىكى بەش ئىقلىم بەلۋېغى | UyghurWiki | UyghurWiki