كېچە - كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى
ۋاقىت ۋە تەرەپ
ئەگەر يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىشىدىن تۆت پەسىلنىڭ ئالمىشىشى بارلىققا كېلىدۇ دېسەك، ئۇ ھالدا يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.
يەر شارى چوڭ شار جىسىمدىن ئىبارەت. ئۇ قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۆز ئوقىدا توختىماستىن ئايلىنىپ تۇرىدۇ. يەر شارى ئۆز ئوقىدا ئايلانغان ۋاقىتتا ھەمىشە ئۇنىڭ يېرىمى قۇياشقا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ، يېرىمى بولسا قۇياشتىن دالدا ھالەتتە تۇرىدۇ. قۇياشقا يۈزلىنىپ تۇرغان يېرىمى كۈن نۇرىنىڭ يورۇتۇشىغا ئىگە بولۇپ، كۈندۈز بولىدۇ؛ قۇياشتىن دالدا يېرىمىدا قۇياش كۆرۈنمەيدۇ، يەنى كېچە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۈندۈز ← كېچە ← كۈندۈز ئالمىشىپ تۇرىدۇ - دە، كېچە - كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى شەكىللىنىدۇ.
ئاسترونومىيىدە، يەر شارىدىكى كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىش چېگرىسى «شامۇسەھەر چەمبىرى» دېيىلىدۇ. شامۇسەھەر چەمبىرى يەر شارىنى ئىككى قىسىمغا بۆلىدۇ، يەر شارىدىكى پاراللېل چەمبىرىمۇ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. كۈندۈزلۈك يېرىم شارغا (يەنى قۇياش نۇرى يورۇتۇپ تۇرغان قىسمى) جايلاشقىنى «كۈندۈزلۈك ياي»، كېچىلىك يېرىم شارغا (قۇياش نۇرىنى كۆرگىلى بولمايدىغان قىسمى) جايلاشقىنى «كېچىلىك ياي» دېيىلىدۇ، كۈندۈزلۈك ياي كېچىلىك يايدىن ئۇزۇن بولغاندا كۈندۈز كېچىدىن ئۇزۇن بولىدۇ؛ كۈندۈزلۈك ياي كېچىلىك يايدىن قىسقا بولسا، ئۇ ھالدا كۈندۈز كېچىدىن قىسقا بولىدۇ. روشەنكى، يەر شارىدا بىر يىل ئىچىدە پەقەت ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش ۋاقتى بىلەن كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىش ۋاقتىدا كۈندۈزلۈك ياي بىلەن كېچىلىك ياينىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۆزئارا تەڭ بولىدۇ، شۇڭا كېچە بىلەن كۈندۈز ۋاقتى ئۆزئارا تەڭ بولىدۇ.
ياز پەسلى يېتىپ كەلگەندە قۇياش نۇرى شىمالىي يېرىم شارغا تىك چۈشىدۇ، ئېكۋاتورنىڭ شىمالىدىكى بارلىق كۈندۈزلۈك يايلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كېچىلىك يايىدىن ئۇزۇن بولىدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتىكى شىمالىي يېرىم شاردا كۈندۈز كېچىدىن ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانچە شىمالغا ماڭغانسېرى كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىق پەرقى شۇنچە روشەن بولىدۇ. شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىدىن ئۆتۈپ يەنە داۋاملىق شىمالغا قاراپ ماڭساق پەقەت كۈندۈز بولۇپ، كېچىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
ئۇنىڭ ئەكسىچە قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە كۈن نۇرى جەنۇبىي يېرىم شارغا تىك چۈشىدۇ، ئېكۋاتورنىڭ جەنۇبىدىكى بارلىق كۈندۈزلۈك ياينىڭ ھەممىسى كېچىلىك يايدىن ئۇزۇن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا جەنۇبىي يېرىم شاردىكى كۈندۈز ۋاقتى كېچىدىن ئۇزۇن بولىدۇ، بىراق شىمالىي يېرىم شاردا كېچە ۋاقتى كۈندۈز ۋاقتىدىن ئۇزۇن بولىدۇ.