UyghurWiki
UyghurWikiۋاقىت ۋە تەرەپدېڭىز قاتناش خەرىتىسى

دېڭىز قاتناش خەرىتىسى

ۋاقىت ۋە تەرەپ دېڭىز قاتناش خەرىتىسى دېڭىز - ئوكيان خەرىتىسىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، دېڭىزدا بىخەتەر قاتناشتىكى يول كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى دېڭىز - ئوكيان خەرىتىسى14 −17 - ئەسىردىكى پورتلاند تىپىدىكى دېڭىز خەرىتىسى بولۇپ، مەخسۇس دېڭىز قاتنىشىدا ئىشلىتىلەتتى، خەرىتىدە رادىئاتسىيىسىمان تەرەپ كۆرسەتكۈچ سىزىقلىرى كۆپ، دېڭىزچىلار تەرەپ كۆرسەتكۈچ سىزىقلىرى ۋە كومپاستىن پايدىلىنىپ خالىغان ۋاقىتتا پاراخوتنىڭ دېڭىز - ئوكياندىكى ئورنىنى بەلگىلىيەلەيتتى. شۇنىڭدەك خەرىتىدە يەنە دېڭىز - قىرغاق لىنىيىسى، دېڭىز قولتۇقى، ئاراللار، دېڭىز تۇمشۇقى، تېيىز ساھىللار، دېڭىز بويىدىكى تاغ تىزمىلىرى ھەمدە دېڭىز قاتنىشىغا ياردىمى بولىدىغان يەر ئۈستى شەيئىلىرى تەپسىلىي سىزىپ چىقىلغان. ھازىرقى دېڭىز قاتناش خەرىتىسى پورتلاند دېڭىز قاتناش خەرىتىسىدىن كۆپ مۇرەككەپ، ئۇنىڭدا دېڭىز يوللىرى ئېنىق ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، يەنە دېڭىز - ئوكياننىڭ سۇ رايى ئامىللىرى، دېڭىز تېگىنىڭ يەر شەكلى، دېڭىزغا يېقىن قۇرۇقلۇقلارنىڭ يەر تۈزۈلۈشى، دېڭىز قاتنىشىغا توسالغۇ بولىدىغان شەيئىلەر، دېڭىز قاتنىشىغا ياردىمى بولىدىغان ئەسلىھەلەر، شۇنىڭدەك پورت، دېڭىز بوغۇزى، ئاراللار، شامال يۆنىلىشى، تەرەپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇۋاپىق شەرتلىك بەلگىلەر ئارقىلىق خەرىتىدە ئىپادىلەپ چىقىلغان. دېڭىز - ئوكياننىڭ سۇ رايى ئامىللىرى سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى، دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش ۋە پەسىيىشى، ئوكيان ئېقىمى، قاينام، مۇز تاغ ۋە مۇز تۇتۇش چېگرىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېڭىز ئاستىنىڭ يەر شەكلى دېڭىز تېگىدىكى تاغ تىزمىسى، يوشۇرۇن خادا تاشلار، دېڭىز جىلغىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېڭىز قاتنىشىغا توسالغۇ بولىدىغان شەيئىلەر ئاساسلىقى مارجان تاشلىرى، تېيىز ساھىل، خەتەرلىك جايلار، شۇنىڭدەك پاراخوت توختىتىش، بېلىق تۇتۇش ئەسلىھەلىرى ۋە مىنا ئورۇنلاشتۇرۇلغان رايون قاتارلىقلارنى، دېڭىز قاتنىشىغا ياردىمى بولىدىغان ئەسلىھەلەر دېڭىز قاتناش كۆرسەتكۈچى، مەسىلەن، ماياك، قاتناش بەلگىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. دېڭىز قاتناش خەرىتىسىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، دېڭىز قاتناش ئومۇمىي خەرىتىسى، يىراق ئوكيان دېڭىز قاتناش خەرىتىسى، يېقىن دېڭىزلارنىڭ دېڭىز قاتناش خەرىتىسى، دېڭىز قىرغاق خەرىتىسى، دېڭىز قولتۇقى خەرىتىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېڭىز قاتناش خەرىتىسىگە تەۋە.
← بارلىق تېمىلار ۋاقىت ۋە تەرەپ
دېڭىز قاتناش خەرىتىسى | UyghurWiki | UyghurWiki