ئىككى قۇتۇپ
ۋاقىت ۋە تەرەپ
شىمالىي قۇتۇپ بىلەن جەنۇبىي قۇتۇپ يەر شارىدىكى ئىككى ئۇچ نۇقتا بولۇپ، ئۇلار پەرەز قىلىنغان يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئوقى بىلەن يەر يۈزىنىڭ ئىككى كېسىشىش نۇقتىسىدىن ئىبارەت. شىمالىي يېرىم شاردىكىسى شىمالىي قۇتۇپ، جەنۇبىي يېرىم شاردىكىسى جەنۇبىي قۇتۇپ دېيىلىدۇ.
يەر شارى ئۆز ئوقىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئىككى قۇتۇپ يەر يۈزىدىكى بىردىنبىر ھەرىكەت قىلمايدىغان ئىككى نۇقتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە يەر شارىدىكى بارلىق مېرىدىئانلار يىغىلىدىغان جايدىن ئىبارەت. جەنۇبىي قۇتۇپ ياكى شىمالىي قۇتۇپتىن ئېكۋاتورغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مېرىدىئانلارنىڭ ئارىلىقى ھەممىسىنىڭلا ئۆزئارا ئوخشاش بولىدۇ. كىشىلەر ئۇزاق ۋاقىت كۆزىتىش ئارقىلىق شۇنى بايقىدىكى، يەر شارىدىكى ھەقىقىي ئىككى قۇتۇپ نۇقتىسى ئىزچىل ئۆزگەرمەس، مۇقىم بولماستىن، بەلكى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئاستا - ئاستا ھەرىكەت قىلىپ يۆتكىلىپ تۇرىدۇ. يەر شارى قۇتۇپىنىڭ بۇ خىل يۆتكىلىشى «قۇتۇپنىڭ يۆتكىلىشى» دەپ ئاتىلىدۇ. قۇتۇپنىڭ يۆتكىلىش دائىرىسى ناھايىتى كىچىك بولىدۇ، ئۇ گەرچە بىر ۋاسكېتبول مەيدانىچىلىك چوڭلۇقتا بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەر شارىدىكى ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك گرادۇسلىرىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىگە خېلى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى يەر قۇتۇپى جۇغراپىيىلىك كوئوردېناتتىكى ئاساسلىق نۇقتا بولغاچقا، ئۇنىڭ ئورنىنى توغرا بەلگىلىيەلمىسەك ھەرقانداق بىر جاينىڭ ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك گرادۇسلىرىنى توغرا ئۆلچەپ چىققىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالىملار يەنە قۇتۇپنىڭ يۆتكىلىشى بىلەن يەر يۈزىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، قۇتۇپنىڭ يۆتكىلىشى يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ماددىنىڭ چوڭ كۆلەملىك يۆتكىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، نەتىجىدە يەر يۈزىدە يەر تەۋرەشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايقىدى.
ئىككى قۇتۇپ رايونىدا دائىم «قۇتۇپ كۈندۈزى» ۋە «قۇتۇپ كېچىسى»ھادىسىسى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
گەرچە ئىككى قۇتۇپ رايونىدا يېرىم يىل ۋاقىت كۈندۈز بولسىمۇ، ئەمما ئىككى قۇتۇپ رايونىغا ھەقىقىي يېتىپ كېلىپ ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئاشۇرىدىغان يورۇقلۇق ناھايىتى ئاز بولىدۇ، شۇڭا ئىككى قۇتۇپ رايونى يىل بويى قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ، ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇق بولىدۇ. جەنۇبىي قۇتۇپ رايونىدا ھەتتا ℃5 .94- لۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرا كۆرۈلگەن. بۇنداق قەھرىتان سوغۇق بولىدىغان تەبىئىي شارائىت ئاستىدا، بىر تۈپ دەرەخ ياكى بىر تال ئوت - چۆپمۇ تەبىئىي ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. ھەتتا مېتال ۋە كاۋچۇك تۈردىكىلەرمۇ ئەينەككە ئوخشاش توڭلاپ، ناھايىتى چۈرۈكلىشىپ كېتىدۇ. ئەمما ھەيران قالارلىقى شۇكى، نۇرغۇنلىغان پىنگۋىن جەنۇبىي قۇتۇپتىن ئىبارەت بۇ «دۇنيانىڭ سوغۇق قۇتۇپى» دا خۇشال - خۇرام ياشىماقتا.