UyghurWiki
UyghurWikiۋاقىت ۋە تەرەپئېكۋاتور

ئېكۋاتور

ۋاقىت ۋە تەرەپ ئېكۋاتور كۈن نۇرى كۈچلۈك، ئوتتەك قىزىپ تۇرىدىغان جاي. ئېكۋاتور رايونىدا قۇياش نۇرى يىل بويى تىك چۈشىدۇ، تېمپېراتۇرا يۇقىرى، ھاۋا ئىسسىق بولىدۇ، شۇڭا ئۇ داڭلىق تروپىك بەلۋاغدىن ئىبارەت. ئېكۋاتور يەر شارى مەركىزىدىن ئۆتىدىغان، يەر ئوقىغا تىك بولغان تەكشىلىك بىلەن يەر يۈزىنىڭ كېسىشىشىدىن ھاسىل بولغان چوڭ چەمبەردىن ئىبارەت، ئۇ خۇددى بىر سېرىق بەلۋاغقا ئوخشاش يەر شارىنى دەل ئوتتۇرىدىن باغلاپ تۇرىدۇ ۋە يەر شارىنى جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئىككى يېرىم شارغا بۆلىدۇ. ئېكۋاتور جەنۇبىي ۋە شىمالىي كەڭلىكنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى (0 گرادۇسلۇق كەڭلىك)، شۇنداقلا يەر شارىدىكى ئەڭ ئۇزۇن پاراللېل چەمبىرى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى24 .40075 كىلومېتىر (80 نەچچە مىڭ چاقىرىمغا توغرا كېلىدۇ)، شۇڭا ئېكۋاتوردىكى كىشىلەر «يەردە ئولتۇرۇپ كۈنىگە80 مىڭ چاقىرىم يول يۈرىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. سائەتلىك سۈرئىتى800 كىلومېتىر بولغان رېئاكتىپ ئايروپىلان50 سائەت ئۇچسا ئاندىن بۇ مۇساپىنى تاماملىيالايدۇ. ئېكۋاتور يەر شارىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى، يەنى گابون، كونگو، زايىر، ئۇگاندا، كېنىيە، سومالى، مالدىۋ، ھىندۇنېزىيە، ئېكۋادور، كولومبىيە ۋە برازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ دۆلەتلەردە كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان بەلگىلەر ئارقىلىق ئېكۋاتور سىزىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، كونگودا كىشىلەر نۇرغۇنلىغان تۈز سىزىق بويلاپ تىزىلغان كىچىك تاش تۈۋرۈكلەر ئارقىلىق ئېكۋاتور سىزىقىنى ئىپادىلىگەن. بۇ كىچىك تاش تۈۋرۈكلەر ئېكۋاتور قوزۇقى دەپ ئاتىلىدۇ. ئېكۋاتور قوزۇقىنىڭ ئېگىزلىكى بىر مېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، ئۇنىڭدىن ناھايىتى ئاسانلا ئاتلاپ ئۆتكىلى بولىدۇ. شۇڭا كىشىلەر بىردەم شىمالىي يېرىم شاردا تۇرسا، بىردەم جەنۇبىي يېرىم شاردا تۇرىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،700 نەچچە يىل ئىلگىرى ئېكۋادورنىڭ پايتەختى كىتو شەھىرىنىڭ ئاھالىسى، كىتو شەھىرىنىڭ ئەتراپى قۇياش نۇرى بىر يىلدا ئىككى قېتىم جەنۇبىي ۋە شىمالىي يېرىم شارغا ئۆتىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى بىلگەن، شۇڭا ئۇلار بۇ جاينى «قۇياش يولى» دەپ ئاتاشقان. كېيىنچە ئالىملار بۇ قاراشنى ئىسپاتلاپ چىققان، شەھەر ئاھالىلىرى كىتو شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا ئېكۋاتور خاتىرە مۇنارى ياسىغان. خاتىرە مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى10 مېتىر كېلىدۇ، مۇنارنىڭ تۆت تەرىپىگە شەرق، جەنۇب، غەرب، شىمال تۆت تەرەپنى ئىپادىلەيدىغان خەتلەر ئويۇلغان. مۇنارنىڭ ئۈستىگە تاشتىن ئويۇلغان بىر گلوبۇس قويۇلغان بولۇپ، گلوبۇسنىڭ بەل قىسمىدا ئېكۋاتورنىڭ ئورنىنى ئىپادىلەيدىغان ئاق سىزىق بار. ئۇ تاكى مۇنارنىڭ ئاستىدىكى تاش پەلەمپەيگىچە سوزۇلىدۇ، مانا بۇ يەر يۈزىدىكى ئېكۋاتوردىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار ۋاقىت ۋە تەرەپ