1930 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار
تارىختىكى چوڭ ئىشلار
يانۋار
5 - يانۋار، ئىتتىپاق كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى «كوللېكتىپلىشىشنىڭ سۈرئىتى ۋە دۆلەتنىڭ كوللېكتىپ كولخوزلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش تەدبىرى» توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. 20 - يانۋار، ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن بۇلغارىيە دېڭىز ئارمىيە كېلىشىمى ئىمزالاپ، بۇلغارىيە تۆلەيدىغان تۆلەمنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى. شۇ كۈنى، گائاگا يىغىنى ئامېرىكا تۈزگەن «يونىگ پىلانى»نى تەستىقلىدى. 21 - يانۋار (22 - ئاپرېلغىچە)، لوندوندا خەلقئارالىق دېڭىز ئارمىيە يىغىنى چاقىرىلدى. ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق بەش دۆلەت بىر شەرتنامە ئىمزالىدى. بۇنىڭدا سۇ ئاستى پاراختلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىشى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرلدى؛ ھەمدە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ تونناژ نىسبىتى بىلەن زەمبىرىكىنىڭ ئۆلچەم چەكلىمىسى بېكىتىلدى. بۇ شەرتنامە 1936 - يىلغىچە كۈچكە ئىگە دەپ بەلگىلەندى. 26 - يانۋار، ھىندىستان مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسىنىڭ لاھوردىكى يىللىق يىغىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، 1930 - يىل 26 - يانۋار ھىندىستاننىڭ تۇنجى «مۇستەقىللىك بايرىمى» قىلىپ بېكىتىلدى. شۇ كۈنى، پۈتكۈل ھىندىستاندا تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. 30 - يانۋار، گەندى بايانات ئېلان قىلدى، باياناتتا: پۇل قىممىتىنى ئۆزگەرتىش، يەر بېجىنى 50 پىرسەنت چۈشۈرۈش، تۇز بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ھەربىي خىراجەتنى 50 پىرسەنت ئازايتىش، ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىش، چەت ئەل توقۇلما ماللىرىغا بولغان تاموژنا باج نىسبىتىنى قوغداشنى بەلگىلەش، ھىندىستان كېمىلىرىگە دېڭىزدا مۇستەقىل قاتناش ھوقۇقى بېرىش، سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىش، مەخپىي ساقچىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ھاراق سېتىشنى مەنئى قىلىش، ھىندىستانلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى قوغداش قوراللىرىنى ئېلىپ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇ ئايدا، مېكسىكا ھۆكۈمىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزدى؛ يانۋاردىن ئىيۇنغىچە، مىسىردا 1929 - يىلنىڭ ئاخىرىدىكى چوڭ سايلام ئارقىلىق ۋەفدون پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى ناخغاس پاشا يېڭى ھۆكۈمەت توشكىللىدى يەنى 2 - قېتىملىق نافغاس كابىنېتىنى تەشكىللىدى.
1930
فېۋرال
6 فېۋرال، ئىتالىيە بىلەن ئاۋسترىيە دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. مۇسسولىن ئاشكارا ھالدا ئۆزىنى «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغۇچى قىلىپ پەردازلاپ كۆرسەتتى. 9 - 18 - فېۋرال، ۋيېتنام خەلق پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئەن فېي قورغىنىدىكى 200 نەپەر ئەسكەر مۇستەملىكىچىلىككە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. قوزغىلاڭچى ئەسكەرلەر بىرقانچە ھەربىي گازارمىنى ئىشغال قىلدى، ھەم قوزغىلاڭ دائىرىسىنى ئەتراپتىكى بىرنەچچە رايونغىچە كېڭەيتتى. ئاخىرىدا قوزغىلاڭ باستۇرۇلدى. 27 - فېۋرال پارس دۆلەت مەجلىسى «تاشقى سودىنى مونوپولىيە قىلىش قانۇنى»نى ماقۇللىدى. شۇ ئايدا، ۋيېتنامدىكى ماركسىزمچى گۇرۇپپىلار شياڭگاڭدا بىرلىككە كەلگەن ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇردى. شۇ يىلى ئۆكتەبردە نامىنى ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتتى؛ ئەنگلىيە پارلامېنتى ئىشسىزلارغا بېرىلىدىغان قوشۇمچە ياردەم پۇلنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا يېڭى ئىشسىزلىق ستراخۇانىيە قانۇنىنى ماقۇللىدى.
1930
مارت
12 - مارت، ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتى گەندىنىڭ 11 ماددىلىق تەلىپىنى رەت قىلدى، گەندى ئاش تۇزىغا يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى. شۇ كۈنى گەندى ئۆزى 78 نەپەر مۇرىتنى باشلاپ دېڭىز ساھىدلىدىكى داندى كەنتىگە بېرىپ ئاش تۇزى ئىشلەشكە كىرىشتى، پۈتكۈل ھىندىستاندا ئىككىنچى قېتىملىق زورلۇقسىز ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، ئەنگلىيە دائىرىلىرى خەلق ھەرىكىتىنى دەھشەتلىك باستۇردى. 23 - مارت، نۇرى سەئىد ئىراق ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالدى. 27 - مارت (8 - مايغىچە)، مىسىرنىڭ ناخغاس كابىنېتى بىلەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى لوندوندا ئەنگلىيە - مىسىر شەرتنامىسىنىڭ لايىھىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، «ناخغاس - ئارتخۇ - ھېندېرسۇن شەرتنامە لايىھىسى»نى تۈزۈپ چىقتى. سۇلتانلىق تالاش - تارتىش تۈپەيلىدىن سۆھبەت نەتىجىسىز ئاياغلاشتى. 28 - مارت، تۈركىيە كونسىتانتىنوپول شەھىرىنىڭ نامىنى ئىستانبۇلغا، ئەنگورا شەھىرىنىڭ نامىنى ئەنقەرەگە، سىمىرنا شەھىرىنىڭ نامىنى ئىزمىرغا ئۆزگەرتتى. 30 - مارت (1932 - يىل 30 - مايغىچە)، گېرمانىيىدە ھېنرىخ برۇنىڭ بىرلەشمە كابىنېتى قۇرۇلدى. شۇ ئايدا، ئىتتىپاق كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيىنىڭ كوللېكتىپ كولخوز ھەرىكىتىدىكى لۇشيەنىنى بۇرمىلاشقا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا» قارار ماقۇللىدى. ھەر دەرىجىلىك يەرلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن كوللېكتىپ كولخوز ھەرىكىتىدىكى چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلەرنى قەتئىي توسۇشنى تەلەپ قىلدى؛ ئامېرىكىدا 1 مىليون 250 مىڭ ئىشسىز ئىشچى ئىشسىزلىققا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن نامايىش قىلدى؛ ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى مونروئىزم توغرىسىدىكى «كىلارك ئۇلتىماتۇمى» نى ئېلان قىلدى، بۇنى مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جوشۋا رېۋبېن كىلارك ئىككى يىل بۇرۇن يازغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
1930
ئاپرېل
3 - ئاپرېل، ئېفىئوپىيە ئايال پادىشاھى زودىتو (جۈدىت) ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا تافارى راس تەختكە چىقىپ، خەيلې سېلاسىسې ئالىيلىرى دەپ ئاتالدى. 6 - ئاپرېل سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومېتىتى لېنىن ئوردىنى ۋە قىزىل يۇلتۈز ئوردىنى تارقىتىش تۈزۈمى توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. 18 - ئاپرېل، ھىندىستاننىڭ بېنگلدىكى چىتتاگۇڭ پورتىدىكى جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسى، ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، بىر مەھەل چىتتاگۇڭ شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، بىرقانچە كۈندىن كېيىن باستۇرۇلدى. 23 - ئاپرېل، ياپونىيە ھۆكۈمىتى «لوندون دېڭىز ئارمىيە شەرتنامىسى» گە ئىمزا قويدى، شەرتنامىدە، ياپونىيىنىڭ چوڭ تىپتىكى ئوكيان چارلاش پاراخوتلىرى ئامېرىكا ئوكيان چارلاش پاراخوتلىرىنىڭ 60 پىرسەنتىگە باراۋەر بولۇش، يېنىك تىپتىكى ئوكيان چارلاش پاراخوتلىرى ۋە قوغلىغۇچى پاراخوتلىرى ئامېرىكىنىڭ ئوخشاش تىپتىكى پاراخوتلىرىنىڭ 70 پىرسەنتىگە تەڭ بولۇش بەلگىلەندى. ياپونىيە ھەربىي شتابى ۋە ئوڭ قانات گۇرۇھتىكىلەر شۇنى باھانە قىلىپ ھۆكۈمەتنى ئاجىز، قابىلىيەتسىز دەپ ئەيىبلەپ، «دۆلەت ئىچى تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش»نى، ھەربىي شتابنىڭ فاشىستىك ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىشنى تەرغىب قىلدى. ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ فاشىستىك كاتتىبېشى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى. 23 - ئاپرېل (4 - مايغىچە)، ھىندىستاننىڭ پەنجاپتىكى پېشاۋەر شەھىرىدە ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلاڭ پارتلىدى. قوزغىلاڭچى خەلق بۇ شەھەرنى كونترول قىلدى. مۇستەملىكىچى دائىرىلەر ئەسكەر چىقىرىپ قوزغىلاڭنى باستۇردى، بۇ ئەسكەرنىڭ ئىچىدىكى بىر باتالىيون ھىندىستانلىق ئەسكەر خەلققە ئوق چىقىرىشنى رەت قىلدى، ئەنگلىيە ئوفىتسېرلىرى ئامالسىز ئارمىيىنىڭ شەھەردىن چېكىنىپ چىقىشىغا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئاخىرىدا قوزغىلاڭ يەنىلا باستۇرۇپ تاشلاندى. 30 - ئاپرېل، ئەنگلىيدىكى ئىشسىز ئىشچىلارنىڭ ئاچارچىلىققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنى لوندونغا يېتىپ كەلدى. شۇ ئايدا، فرانسىيىگە قاراشلىق كونگونىڭ براززاۋىل شەھىرىدە ئافرىقىلىق ئىشچىلار بىلەن ساقچىلار كوچا ئۇرۇشى قىلدى. شۇ ئاي (مايغىچە)، ھىندىستاننىڭ دېھلى، بومباي، كالكوتتا، پېشاۋەر ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا شەھەرلىرىدە ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكەت پارتلىدى.
1930
ماي
1 - ماي، سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركىستان - سىبىرىيە تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. 5 - ماي، گەندى ۋە ھىندىستان مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسى ھەمدە ئۇنىڭ بىر قىسىم داھىيلىرى ئارقا - ئارقىدىن قولغا ئېلىندى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغانلارنىڭ سانى 60 مىڭغا، ساقچىلار ئۆلتۈرۈپ تاشلىغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 103 كىشىگە، يارىدار بولغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 420 كىشىگە يەتتى. 6 - ماي، «جۇڭگو - ياپونىيە تاموژنا باج كېلىشىمى» نەنجىڭدا ئىمزالاندى. ياپونىيە جۇڭگونىڭ تاموژنا باج ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلدى، بىراق سودا ئىشلىرى جەھەتتە مەلۇم كاپالەتنىمۇ قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو ياپونىيىدىن جۇڭگونىڭ ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالغان قەرزلىرىنى ئېتىراپ قىلدى. 17 - ماي، ئەنگلىيىنىڭ پەلەستىندە تۇرۇشلۇق ئالىي دەرىجىلىك ۋالىيسى يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنى چەكلەش قانۇنىنى ئېلان قىلدى. يەھۇدىيلار ئىش تاشلاش ئۆتكۈزۈپ نارازىلىق بىلدۈردى. 22 - ماي، فرانسىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ۋالىيسى سۈرىيە مۇستەملىكە ئاساسىي قانۇنىنى ئېلان قىلدى. قانۇندا، سۈرىيە مۇستەملىكە ئاساسىي قانۇنىنى ئېلان قىلدى. قانۇندا، سۈرىيە بىر جۇمھۇرىيەت قلىنىپ، پارلامېنت تەسىس قىلىنىدۇ، پارلامېنت زۇڭتۇڭنى سايلايدۇ، دەپ بەلگىلەندى. شۇ ئايدا، برازىلىيىدە ز. ك. پرېستېس «ماي خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى، برازىلىيىدىكى ئوفىتسېرلار گۇرۇھىدا بۆلۈنۈش يۈز بەردى، پرېستېس باشچىلىقىدىكى ئاز سانلىقلار گۇرۇھى ئىنقىلابىي ھەرىكەت ئىتتىپاقىنى قۇردى.
1930
ئىيۇن
10 - ئىيۇن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھىندىستاننى ئىدارە قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى «جن ئاللسېبروك سىمون دوكلات خېتى» نى ئېلان قىلدى. 17 - ئىيۇن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى چەت دۆلەتلەرنىڭ ماللىرىدىن ئېلىنغان تاموژنا باج نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى «سىموت ھوۋلې تاموژنا باج قانۇنى»نى ماقۇللىدى. شۇ كۈنى، مىسىر پادىشاھى فۇئاد I ۋەفدون پارتىيىسى كابىنېتىغا ئىستېپا بېرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. ھەم پارلامېنتىنى تارقىتىپ، پومېشچىك دەللاللار سىياسىي پارتىيىسىنىڭ كاتتىبېشى ئىسمائىل سىدكېنى كابىنېت تەشكىللەشكە تەيىنلەندى. 26 - ئىيۇن (ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە)، مىسىر ۋەفدون پارتىيىسى ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشماسلىق سىياستىنى قوللىنىپ، باج تاپشۇرماسلىقنى تەشۋىق قىلدى. پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇميۈزلۈك مىللىي قوزغىلاڭ يۈز بەردى، بەزى شەھەرلەردە كوچا ئۇرۇشلىرى بولدى. 30 - ئىيۇن، فرانسىيە ئارمىيىسى رېيندىن چېكىنىشنى تاماملاپ بولدى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە بىلەن ئىراق ئاتالمىش «دوسىتلۇق ئىتتىپاقى» تەڭسىز شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شۇ ئايدا، مېكسىكا ھۆكۈمىتى ماتاموروستىكى ئىشچىلار نامايىشىنى قانلىق باستۇردى. مېكسىكا ھۆكۈمىتى 1930 - يىلدىن 1931 - يىلغىچە كۆپلىگەن شتاتلاردا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان يەر ئىسلاھاتىنى توختىتىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. شۇ ئايدا (ئىيۇلغىچە)، پارس تۈركىيە چېگرىسىدىكى كۇردلار قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى جىددىيلەشتى.
1930
ئىيۇل
15 - 21 - ئىيۇلغىچە قاھىرە، ئالېكساندىر پورتى، سەئىد پورتى ۋە مىسىرنىڭ باشقا شەھەرلىرى نامايىش يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خەلق پارتىيىسى كابىنېتىنىڭ 1923 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇردى. شۇ ئايدا، فىنلاندىيىدە پېھر سىۋنخوفۇۋد سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى، كېيىن 1931 - يىل 16 - فېۋرالدا فىنلادىيىنىڭ زۇڭتۇڭى بولدى؛ ھامبۇرگدا قارا تەنلىكلەرنىڭ تۇنجى خەلقئارا يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
1930
ئاۋغۇست
14 - ئاۋغۇست، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئومۇميۈزلۈك تولۇقسىز مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويۇش توغرىسىدا پەرمان جاكارلىدى. 24 - ئاۋغۇست، گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى «گېرمانىيە خەلقىنىڭ مىللىي ۋە ئىجتىمائىي ئازادلىق پروگراممىسى»نى ئېلان قىلدى.
1930
سېنتەبر
6 - سېنتەبر، ئارگېنتىنادا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، جوسې ئۇرىبورۇ دىكتاتۇرىسى ئورنىتىلدى. ئامېرىكا بۇ ھاكىمىيەتنى دەرھال ئېتىراپ قىلدى، ھەم ئامېرىكا بانكىسى ئۇنىڭغا 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز بەردى. 14 - سېنتەبر، گېرمانىيىدە دۆلەت مەجلىسى سايلىمى بولدى، گىتلېر دۆلەت سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 12 ئورنى كۆپىيىپ 107 ئورۇنغا يېتىش بىلەن 143 ئورۇنغا ئىگە سوتسىيالىستىك پارتىيىدىن قالسىلا 2 - چوڭ پارتىيىگە ئايلاندى. شۇ ئايدا، ۋاشىنگتوندا تۇنجى نۆۋەتلىك پان ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك يىغىنى چاقىرىلدى؛ ياپونىيىدە قۇرۇقلۇق ئارمىيىدىكى بىر تۈركۈم فاشىستىك ئۇنسۇرلار خاسىما توكىنگورانى مەركەز قىلغان ھالدا، فاشىستىك تەشكىلات «نورۇز جەمئىيىتى»نى قۇردى، ئۇنىڭ پروگراممىسى «دۆلەتنى ئۆزگەرتىشنى ئەڭ ئالىي مەقسەت قىلىش، شۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا قورال كۈچى ئىشلىتىش» تىن ئىبارەت بولدى. جۇڭگوغا بولغان تاجاۋۇزچىلىق قەدىمىنى تېزلىتىش يەنى ئاتالمىش «مانجۇرىيە مەسىلىسى»نى ھەل قىلىش، يوقسۇللار يۇقىرىقىلارنى كۆزدە تۇتۇش ئاساسىدا «دۆلەتنى ئۆزگەرتىش لايىسىھى»نى تەتقىق قىلىش ئۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئىدى.
1930
ئۆكتەبر
5 - 12 - ئۆكتەبرگىچە، بىرىنچى قېتىملىق بالقان دۆلەتلىرى يىغىنى ئافىنادا ئۆتكۈزۈلدى. 20 - ئۆكتەبر، پاسسىفېلىد ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، ئەرەبلەر ئۈچۈن يەرسىزلىك ۋە يەر قىسلىق بولۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، يەھودىيلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ يەرگە ئىگە بولۇشنى مەنئى قىلىش تەكلىپىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئەرەبلەر ئىشسىزلىق تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا يەھودىي كۆچمەنلىرىنىڭ پەلەستىنگە كىرىشنى توسۇشىنى تەكلىپ قىلدى. 26 - ئۆكتەبر، برازىلىيىدە ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ژېتولىئۇ ۋارگاسىنىڭ مۇستەبىت دىكتاتۇرىسى ئورنىتىلدى. شۇ ئايدا، ياپونىيە - لوندون دېڭىز ئارمىيە شەرتنامىسى تەستىقلاندى؛ مىسىردا يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنىپ، پادىشاھقا قانۇن لايىھىلىرىنى ئىنكار قىلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا پارلامېنت يىغىنى چاقىرىپ بۇيرۇق چىقىرىش، كېڭەش پالاتاسىنىڭ بەشتىن 3 قىسىم ئەزالىرىنى ئۆزى تەيىنلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ھوقۇق بېرىلدى. يېڭى ئاساسىي قانۇن ئاۋام پالاتانىڭ مەمۇرىي ئىشلارغا ئارىلىشىش ھوقۇقىنى چەكلىدى، بىۋاسىتە سايلامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ۋاستىلىك سايلامنى يولغا قويدى.
1930
نويابر
12 - نويابر (1931 - يىل 19 - يانۋارغىچە)، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى چاقىرغان ھىندىستاندىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى. ھىندىستاندىكى ھەر قايسى بەگلىكلەرنىڭ ۋەكىلىرى، ھىندىستان لىبېراللار ئىتتىپاقى ۋە مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىللىرى قانتاشتى. مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسى بۇ قېتىمقى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا بايقۇت قىلدى. 14 - نويابر، ياپونىيىدىكى ئوڭ قانات فاشىستىك كۈچلەر غالجىرلاشتى. ياپونىيە ئوڭ قاناتلار تەشكىلاتى «ۋەتەن سۆيۈش جەمئىيىتى» نىڭ ئەزالىرى توكيو ستانسىسىدا باش ۋەزىر ئىنۇكاي دزىئۇسىغا قاتىللىق قىلدى، ئىنۇكاي ئېغىر دەرىجىدە يارىلىنىپ ئۇزۇنغا قالماي ئۆلدى. 16 - نويابر، پولشىدا سايلام ئۆتكۈزۈلدى، يۈسۈف پىلسۇدىسكى پارلامېنتتا تولۇق كونتروللۇققنى قولغا كەلتۈردى.
1930
دېكابر
1 - دېكابر، برازىلىيىدىكى ئاچارچىلىق نامايىشچى قوشۇنى برازىلىيىنىڭ پايتەختى رىئو - دې - ژانېيروغا يۈرۈش قىلدى. 12 - 16 - دېكابر، ئىسپانىيىنىڭ ئاراگون رايونىدىكى خاكا شەھەرىنىڭ گارنىزون قىسىملىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئاخىرىدا قوزغىلاڭ باستۇرۇپ تاشلاندى. 12 - دېكابر، ئانتانتا دۆلەتلىرى ئارمىيىسى سار رايونىدىن تامامەن چېكىنىپ چىقتى. 29 - دېكابر، ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى مۇھەممەت ئىگىبال ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ ئايدا، گوللاندىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرىنىڭ سوت مەھكىمىسى ئەخمەد سوكارنو، ماسىزا ھەمدە ھىندۇنېزىيە خەلق پارتىيىسىنىڭ باشقا باشلىقلىرىغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇددەت چەكلىمىسى ئوخشاش بولمىغان قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتە قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا بولدى. ئىككىنچى يىلى ئاپرېلدا ھىندۇنېزىيە خەلق پارتىيىسى باندۇڭدا پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ تارقىلىپ كېتىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
شۇ يىلى كولومبىيە پاناما، پېرۇ، سالۋادور قاتارلىق دۆلەتلەردە كوممۇنىستىك پارتىيە قۇرۇلدى؛ ك، تاموبوۋۇ پلاتون يۇلتۇزنى بايقىدى؛ 1930 - يىلدىن 1932 - يىلغىچە، ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىتتىپاقى ماشىنىسازلىق، كانچىلىق ۋە توقۇمچىلىق سانائىتىدىكى ئىشچىلار ئارىسىدا بىر قاتار چوڭ ئىش تاشلاشلارنى قوزغىدى ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلدى؛ ئەنگلىيە مىسلىسىز ئىقتىسادىي كرىزىسقا پېتىپ قالدى، كۆمۈرچىلىك، توقۇمچىلىق ۋە پاراخوت ياساش قاتارلىق ئەنگلىيىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي تارماقلىرىدا ئىقتىسادىي كرىزىس ناھايىتى چوڭقۇرلاشتى؛ تۆۋەن بىرمىدا دېھقانلار داھىيسى شايېشەن رەھبەرلىك قىلغان «گالۇڭ جەمئىيىتى» دىكى دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈردى، قوزغىلاڭچىلار «مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرەيلى» ۋە «يەر تېرىغۇچىلارنىڭ يېرى بولۇشى كېرەك» دېگەن شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويدى، قوزغىلاڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلدى، شايېشەنگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.