UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1931 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1931 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 26 - يانۋار، ھىندىستان مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى گەندى تۈرمىدىن چىقتى. ھەم باش نازارەتچى گراف ئوۋېننىڭ تەكلىپى بىلەن مۇستەملىكە ھاكىمىيەتنىڭ سۆھبىتىگە قاتناشتى. مۇش ئاي (فېۋرالغىچە)، پارس ھۆكۈمىتى چەت ئەللىكلەرنىڭ پارستا دېھقانچىلىق يەرلىرىنى ئىگىلەشنى مەنئى قىلىپ، بارلىق چەت ئەل سودىسىغا قاتتىق كونتروللۇق يۈرگۈزدى. 1931 فېۋرال 8 - فېۋرال، ئىسپانىيە پادىشاھى ئاساسىي قانۇننىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى، ھەم مارتتا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى بەلگىلەپ، ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش يىغىنى چاقىرىشقا يول قويدى. 25 - فېۋرال، مېكىسىكا كوممۇنىسىتك پارتىيىسى ۋە مېكسىكا بىرلىكك كەلگەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمە يىغىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى مەركىزىي چوڭ شەھەرلەردە ئىشسىز ئىشچىلار نامايىشىنى ئۇيۇشتۇردى. 1931 مارت 5 - مارت، گەندى بىلەن باش نازارەتچى ئوۋېن «دېھلى كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى. گەندى ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا قوشۇلدى، مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسى ۋەكىللىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتنىشىشىغا ماقۇل بولدى. باش نازارەتچى ئوۋىن كونگرېستلار پارتىيىسىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشقا قوشۇلدى، ھەم قولغا ئېلىنغان ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرىنى قويۇپ بەردى. 7 - مارت، برازىلىيە زۇڭتۇڭى ژېتۇلىۋ. ۋارگاس تاموژنا بېجىنى قوغداش قانۇنىنى ئېلان قىلدى. 8 - مارت تۈركىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى «دېڭىز ئارمىيە شەرتنامىسى» ئىمزالاپ، پەقەت، ئالتە ئاي بۇرۇن قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇش قىلىشنى، ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ قارا دېڭىز فىلوتىنى كېڭەيتىشىگە يول قويماسلىقىنى بەلگىلىدى. 19 - مارت، برازىلىيە زۇڭتۇڭى ۋارگاس «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنى» نى ئېلان قىلدى. 1931 فېۋرال 12 - ئاپرېل، ئىسپانىيىدە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، جۇمھۇرىيەتچىلەر گۇرۇھى سايلامدا غەلىبە قازاندى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ داھىيسى نسېتوئالگارا، زامورا پادىشاھنىڭ تەختتىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلىدى. 14 - فېۋرال، ئىسپانىيىدە پادىشاھلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇلدى، پادىشاھ ئاكفانسو XIII ئىسپانىيىدىن ئايرىلدى. ئالكارا - زامورا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللەپ زۇڭتۇڭ بولدى. 22 - ئاپرېل، مىسىر بىلەن ئىراق دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالدىى. مۇشۇ ئايدا، ھىندۇنېزىيە خەلق پارتىيىسى، ھىندۇنېزىيە مىللەتلەر جەمئىيىتى ۋە ھىندۇنېزىيە پارتىيىسى قۇرۇلدى؛ ياپونىيە ئاساسىي قانۇنلۇق خەلق سىياسىي پارتىيىسىنىڭ يېڭى زۇڭسەيى ۋاكاتسۇكى رىيجىرو باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەندى؛ ئەنگلىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى ئاز سانلىقلار گۇرۇھى ھەرىكىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىشچىلار نىزامنامىسى ماقۇللاندى، نىزامنامە ئىشسىز ئىشچىلارغا بېرىلىدىغان قوشۇمچە ياردەم پۇلنى كۆپەيتىشنى، ئىجتىمائىي خىزمەت كەسىپلىرىنى كېڭەيتىشنى، يەتتە سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى، ھەر ھەپتىلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۈچ ئەنگلىيە فوند - ستېرلىنگ قىلىپ مۇقىملاشتۇرۇشنى، 1927 - يىلدىكى «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 1931 ماي 11 - ماي، ئاۋسترىيە ئامانەت قەرز بانكىسى ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ گېرمانىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مالىيە جەھەتتىكى ھالاكىتىنىڭ باشلىنىش ئالامىتى بولۇپ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىس يېتىپ كەلدى. 1932 - يىلغا كەلگەندە، گېرمانىيىدىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى ئالتە مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. 14 - ماي، مىسىر خەلقى ئەكسىيەتچىل ئاساسىي قانۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، سايلام كۈنى جاھانگىرلىككە قارشى ھەرىكەت قوزغىدى، ئىشچىلار ئىش تاشلىدى، خەلق كوچىغا چىقتى، ساقچىلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. شۇ ئايدا، ئەنگلىيىنىڭ مانچېستېر ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مۇدىرىيىتى چاقىرغان ۋەكىللەر يىغىنى 40 سائەتلىك خىزمەت ھەپتىسىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىپ، ھەر قانداق باھانە - سەۋەب بىلەن ئىش ھەققىنى چۈشۈرۈشكە ۋە جەمئىيەتكە ئېھتىياجلىق چىقىمنى ئازايتىشقا قارشى تۇرۇش قارارىنى ماقۇللىدى. 1931 ئىيۇن 28 - ئىيۇن، ئىسپانىيىدە ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش يىغىن سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىلەن سوتسىياللار پارتىيىسىنىڭ بىرلەشمە فرونتى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئورۇننى قولغا كەلتۈردى؛ بۇلغارىيە دېموكراتلار پارتىيىسى دېھقانلار ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى ئاستىدا يېڭى كابىنېت تەشكىللىدى. شۇ ئايدا، ياپونىيە ھەربىي شتابى بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارھتىنى «مانجۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھە پروگراممىسى»نى تۈزۈپ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى قوراللىق كۈچ بىلەن ئىشغال قىلىشنىڭ كونكرېت قەدەم - باسقۇچلىرىنى بەلگىلىدى، ھەم ھەربىي شتاب بىلەن «كانتون ئارمىيىسى»نى بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشقا بېكىتتى؛ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ھېربېرت خوۋېر «تۆلەمنى كېچىكتۈرۈپ تۆلەش خىتابنامىسى» (يەنە «خوۋېر پىلانى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى؛ ۋىلې پوست ۋە ھارولد گاتتۇ ئايروپىلان بىلەن سەككىز كۈن 15 سائەت 51 مىنۇتتا يەر شارىنى بىر ئايلىنىپ چىقىتى؛ پائول دومېر فرانسىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنلەندى، 1932 - يىل 6 - مايدا قەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. 1931 ئىيۇل 1 - ئىيۇل، بېنگېلا - كاتانگا تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلىنىپ، ئافرىقىنى تۇنجى قېتىم توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى تاماملاندى. شۇ كۈنى، جۇڭگونىڭ چاڭچۈن ئەتراپىدىكى ۋەنباۋشەن دېگەن جايىدا ياپون جاھانگىرلىكى چاۋشيەن كۆچمەنلىرى بىلەن يەرلىك دېھقانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، «ۋەنباۋشيەن فاجىئەسى»نى پەيدا قىلدى. 10 - ئىيۇل، نورۋىگىيە گرېنلاندىيىنىڭ شەرقىي دېڭىز بويىدىكى بىر قىسىم رايونلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى. بۇنىڭغا دانىيە نارازىلىق بىلدۈردى، ئىككى تەرەپ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى، خەلقئارا سوت مەھكىمىسى نورۋىگىيىنىڭ تەلىپىنى ئىنكار قىلدى. 16 - ئىيۇل، ئېفىئوپىيە پادىشاھى خەيلى سېلاسسې I قانۇن جاكارلاپ، پارلامېنت قۇردى، ھەم قۇللۇق تۈزۈمنى يوقىتىش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەدبىر قوللاندى. 1931 ئاۋغۇست 23 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيە ماكدونالد ھۆكۈمىتىدە ئىشسىزلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇل ۋە باشقا جەمئىيەت چىقىمنى ئازايتىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ يۈز بەردى. 24 - ئاۋغۇست، ماكدونالد كابىنېتى ئىستېپا بەردى. 25 - ئاۋغۇست (1935 - يىل 7 - ئىيۇنغىچە)، را. ماكدونالدنىڭ «مىللىي ھۆكۈمىتى» ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. بۇ ھۆكۈمەت كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى، لىبېرالىستلار پارتىيىسى قاتناشقان ماكدونالد باش ۋەزىرلىكىدىكى بىرلەشمە كابىنېتتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، «مىللىي بىرلەشمە كابىنېت» دەپمۇ ئاتالدى. ئىشچىلار پارتىيىسى بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشمە كابىنېتقا قارشى چىقتى ھەم ماكدونالد قاتارلىقلارنى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقاردى، ماكدونالد يېڭىدىن مىللىي ئىشچىلار پارتىيىسى گۇرۇھىنى تەشكىللىدى، ھېندېرسون ئەسلىدىكى ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى بولدى. شۇ ئايدا، ئەنگلىيە پارلامېنتى «ئىستراخۇانىيە پۇلى تارقىتىشتەك نورمالسىز ھالەت قانۇنى»نى بىكار قىلىپ، دۆلەت ئىشسىزلارغا تارقىتىپ بېرىدىغان قۇتقۇزۇش پۇلنى ئازايتتى؛ بېلگىيىگە قاراشلىق كونگونىڭ كۋانگى خەلقى مۇستەملىكىچىلىككە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. 1931 سېنتەبر 3 - سېنتەبر، يۇگوسلاۋىيە پادىشاھى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم يېڭى ئاساسىي قانۇننى يولغا قويدى. 4 - سېنتەبر، چىلى دېڭىز ئارمىيىسى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. 7 - سېنتەبر، گەندى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە - ھىندىستان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشتى، يىغىن نەتىجىسىز ئاياغلاشتى. گەندى شۇ يىلى 28 - دېكابردا ھىندىستانغا قايتتى. 15 - سېنتەبر ئەنگلىيە شوتلاندىيىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ئىنۋېرگوردون قولتۇقىغا چىققان ئەنگلىيە ئاتلانتىك ئوكيان فىلوتىغا قاراشلىق ماتروسلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مائاشنى ئازايتىۋېتىش توغرىسىدىكى قارارىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى. 18 - سېنتەبر، ياپون جاھانگىرلىكى ئۇزۇن مۇددەت مەخپىي پىلانلاش ئارقىلىق «18 - سېنتەبر» شېنياڭ ئۆزگىرىشىنى قوزغىدى، بىرقانچە كۈن ئىچىدە، ياپون ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى لياۋنىڭ ۋە جىلىن ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم ئاساسلىق شەھەرلەرنى بېسىۋالدى. 1932 - يىلى، ياپون ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلۋالدى. «18 - سېنتەبر» ۋەقەسى ياپونىيىنىڭ يىراق شەرق ئۇرۇشىنى پىلانلاشنىڭ مەنبە شەكلى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. 20 - سېنتەبر، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە فوند - ستېرلىنگنىڭ مۇقىم ئالتۇن باھاسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، يەنى پۇلنىڭ ئالتۇن بىرلىكىدىن ۋاز كەچتى، نەتىجىدە ئەنگلىيە فوند - ستېرلىنگنىڭ قىممىتى تېزلا چۈشۈپ كەتتى. 1931 ئۆكتەبر 11 - ئۆكتەبر، گېرمانىيىدىكى ھەرقايسى ئەكسيەتچىل سىياسىي پارتىيىلەر ۋە تەشكىلاتلار «ھارتسبۇرگ فرونتى»نى قۇردى، يىغىن ھارتسبۇرگ (برائۇنسۋېگ) دا ئۆتكۈزۈلگەنلىكتىن شۇ جاينىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. يىغىنغا گىتلېر، مىللىي خەلق پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى ھۇگېنبېرگ، دوستېربېرگ، بانكىر مىجالمارشاخىت ۋە گېنېرال سېكىت قاتارلىقلار قاتناشتى. 30 - ئۆكتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى دىپلوماتىيە خەلق كومىسسارى لىتۋنوۋ ئەنقەرەنى زىيارەت قىلىپ، «سوۋېت - تۈركىيە ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى»نى بەش يىل ئۇزارتتى. 31 - ئۆكتەبر، ئافغانىستان يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ ئاساسىي روھى 1923 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇن بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئىككى پالاتالىق تۈزۈمدىكى پارلامېنت تەسىس قىلىندى، بىرى، ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى، يەنە بىرى، سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلگەن دۆلەت ئىشلىرى يىغىنىدىن ئىبارەت بولدى. شۇ ئايدا، ئالجىرىيە ئىسلام دانىشمەنلەر جەمئىيىتى كونىستانتىنوپول شەھىرىدە قۇرۇلدى؛ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى خوۋېر، «فىلىپپىن سىياسىي مۇستەقىللىككە غەلىبىلىك ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەكتۈرۈشى لازىم» دەپ جاكارلىدى؛ برازىلىيىنىڭ پېرنامبۇگو شتاتىدىكى رېسفى شەھىرىدە ئىشچىلار ۋە ئىنقىلابىي ئەسكەرلەر قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شەھەر ئەتراپىنى ئىشغال قىلدى. قوزغىلاڭ شۇ يىلى نويابردا باستۇرۇلدى. 1931 نويابر 12 - نويابر، ئەنگلىيە پارلامېنتى «نامراتلىقنى تەكشۈرۈش قانۇنى»نى ماقۇللاپ، ئىشسىزلارغا بېرىلىدىغان قوشۇمچە ياردەم پۇلنى داۋاملىق ئازايتتى. شۇ كۈنى، ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇنلۇق يىغىن چاقىرىپ، پادىشاھ ئالغانسو XIII دە ئېغىر دەرىجىدىكى ۋەتەن ساتقۇچلۇق جىنايەت بارلىقىنى جاكارلاپ، ئۇنىڭ ئىسپانىيىگە قايتىشىنى مەنئى قىلدى ھەم پادىشاھ جەمەتىنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىر قىلدى. 21 - نويابر، ئەنگلىيە پارلامېنتى دومىنىئون ھوقۇقى بېرىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى توغرىسىدىكى «ۋېسمېسىت قانۇن لايىھىسى»نى ماقۇللىدى ھەم ئەنگلىيە فېدېراتىپىنى قۇردى. بۇ قانۇن لايىھىسىدە ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ھەرقانداق قانۇنىي دومىنىئونلارنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتمىسە، بۇ قانۇن دومىنىئونلاردا يۈرگۈزۈلمەيدۇ. دومىنىئونلار جاكارلىغان قانۇنلار ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى ھاجەتسىز، دەپ بەلگىلەندى. شۇ ئايدا ئەنگلىيە ۋە ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلىرى، ھەمدە شۋېتسىيە، نورۋىگىيە، دانىيە، فىنلاندىيە، پورتۇگالىيە، گرېتسىيە، ئارگېنتىنا، برازىلىيە، كولومبىيە، پاراگۋاي، بولىۋىيە، تايلاند، ئىران ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان پۇل گۇرۇھى قۇرۇلۇپ، «ئەنگلىيە فوند - ستېرلىڭ گۇرۇھى» دەپ ئاتالدى. ئەنگلىيە فوند - ستېرلىنگ گۇرۇھىغا قاتناشقان دۆلەتلەر ئەنگلىيە فوند - ستېرلىڭنىڭ تاختاي باھاسىغا ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ تاختاي باھاسىنى بەلگىلىدى. تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئاساسەن لوندوندا ساقلاندى، گۇرۇھ ئىچىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سودىسىدا ئەنگلىيە فوند - ستېرلىنگى ھېسابات بىرلىكى قىلىندى. ئەنگلىيە فۇند - ستېرلىڭ گۇرۇھى ئەنگلىيە مونوپول كاپىتالىنىڭ خەلقئارا بازاردا ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىدىغان قورالى بولۇپ قالدى. 1931 دېكابر 7 - دېكابر، ئامېرىكىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشسىزلار بىرىنچى قېتىم ۋاشنگتونغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. 9 - دېكابر، ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇنلۇق يىغىنى جۇمھۇرىيەت قانۇنىنى ماقۇللىدى. 10 - دېكابر، ئالكاراسامورا 1 - نۆۋەتلىك ئىسپانىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. شۇ كۈنى، خەلقئارا ئىتتىپاق مۇدىرىيىتى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا «تەكشۈرۈش» ئۆمىكى ئەۋەتىپ «تەكشۈرۈش»نى قارار قىلدى. تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە، ئىتالىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپتى، ئەنگلىيىلىك لىتتون ئۆمەك باشلىقى بولدى، ئامېرىكىلىق مىككوي، فرانسسىيىلىك كلاۋدې، گېرمانىيىلىك گېنى ۋە ئىتالىيىلىك ماكېتلار ئۆمەك ئەزاسى بولدى. 13 - دېكابر، ياپونىيىدە ۋاكاتسۇكى كابىنېتى تەختتىن چۈشتى، سىياسىي دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى ئىنۇكان دزىئوسى كابىنېت تەشكىللىدى، گېنېرال ئاراكى. ساداۋ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەندى. شۇ يىلى، ۋيېتنامنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يىئەن، خېجىڭ ئىككى ئۆلكىنىڭ خەلقى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، سوۋېتلەر ھەركىتىنى تەشكىللىدى؛ ئارگېنتىنادا ئەمگەك ئىشچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلدى؛ ئىتالىيىدە سانائەتنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش تەتقىقات ئورنى قۇرۇلدى. 1931 - يىلدىن 1932 - يىلغىچە، ئامېرىكىدا مەملىكەت بويىچە ئىككى قېتىم ئاچارچىلىققا قارشى نامايىش بولدى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە