UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1940 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1940 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 14 - 16 - يانۋار ياپونىيىدە ئابې شىنكو كابىنېتى ئىستېپا بەردى، كومېيوچىمىتسۇماسا كابىنېتى قۇرۇلدى. 23 - يانۋار، ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەكىلىنىڭ قاتنىشىشى ۋە نازارىتى ئاستىدا، ۋاڭ جىڭۋېي، ۋەڭ كېمى، لىياڭ خۇڭجى قاتارلىق ۋەتەن ساتقۇچ كاتتىباشلار چىڭداۋدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ھازىرقى قورچاق ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈپ، قورچاق مەركىزىي ھۆكۈمەت قۇرۇشنى قارار قىلدى. 1940 فېۋرال 5 - فېۋرال، ئەنگلىيە - فرانسىيە ئالىي ھەربىي ئىشلار يىغىنى فىنلاندىيىگە يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى ئارمىيە ئەۋەتىپ، ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشنى قارار قىلدى. 16 - فېۋرال، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى نورۋېگىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ، گېرمانىيىنىڭ «ئالتمارك» ناملىق پاراخوتىدىكى 299 نەپەر ئەنگلىيىلىك ئەسىرنى قۇتقۇزۇپ چىقتى. 23 - فېۋرال (21 - مارتقىچە)، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى سۇمنېر ۋېللېس ياۋروپانى زىيارەت قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، مۇسسولىن. گىتلېر، چېمبېرلىن، چېرچېل، دالادېر ۋە رىنائۇدلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 24 - فېۋرال، گېرمانىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئالىي باش قوماندانلىق شتابى فرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تەستىقلىدى. شۇ ئايدا، سوۋېت ئارمىيىسى فىنلاندىيىنىڭ «ماننېر ھېيىم مۇداپىئە سېپى» نى يىمىرىپ تاشلىدى. 1940 مارت مارتنىڭ دەسلىپىدە، گىتلېر نورۋېگىيە بىلەن دانىيىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشغال قىلىش پىلانى - «ۋېزېر دەرياسى ئۈستىدىكى مانېۋر»نى تەستىقلىدى. 12 - مارت، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن فىنلاندىيە موسكۋادا سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىدى، شۇنىڭ بىلەن سوۋېت - فىنلاندىيە ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىلدى. سۈلھ شەرتنامىدىكى توختام بويىچە، فىنلاندىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كارىل بوغۇزى (ۋىبورگ شەھىرى ۋە ۋىبورگ قولتۇقىدىكى بىر قانچە ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان جايلار) نى، لودوكا كۆلىنىڭ غەربىي ۋە شىمالىي بويلىرىنى، كىكىسگولم، سورتاۋالا، سۇ ئۇيارۋى شەھىرىنى، فىنلان قولتۇقىدىكى بەزى ئاراللارنى، مېركىيارۋىنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ۋە كولا يېرۋى شەھىرىنى، بېلىقچى يېرىم ئارىلىنى ۋە سرېدنى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسىمىنى بەردى. سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە خانكو يېرىم ئارىلى بىلەن ئۇنىڭغا قوشنا ئاراللارنى ئىجارىگە ئېلىپ دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى قۇردى، ھەم بۇ جايلاردا ئۆزىگە ئېھتىياجلىق ساندىكى قۇرۇقلۇق ھاۋا ئارمىيىلىرىنى تۇرغۇزۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. 20 - مارت، فرانسىيىدە ئېدۋارت دالادېر كابىنېتى ئىستېپا بەردى. 21 - مارت، پائۇل رېينائۇد كابىنېت تەشكىللىدى. 30 - مارت، ياپونىيىنىڭ بىر قوللۇق تەييارلىشى ئارقىسدا ۋاڭ جىڭۋېي كاتتىباشلىقىدىكى قورچاق «مەركىزىي ھۆكۈمەت» نەنجىڭدە رەسمىي قۇرۇلدى. مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ياۋروپا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان ئەنگلىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەم بىتەرەپ دۆلەتلەرنىڭ 403 سودا پاراخوتىنى گېرمانىيە دېڭىزىغا چۆكتۈرۈۋەتتى، گېرمانىيە سۇ ئاستى پاراخوتلىرى يەنە ئەنگلىيىنىڭ ئاۋىماتكا پاراخوتىنى ۋە بىر قىسىم ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى چۆكتۈرۈۋەتتى. ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىمۇ گېرمانىيىنىڭ 27 سۇ ئاستى پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتتى. 1940 ئاپرېل 8 - ئاپرېل، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە نوتا تاپشۇرۇپ، سۋېتسىيىنىڭ بىتەرەپلىك ئورنىغا ھۈرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئەنگلىيە، فرانسىيە ھۆكۈمەتلىرى نورۋېگىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە مىنا ئورۇنلاشتۇرۇپ، گېرمانىيە پاراخوتلىرىنىڭ قاتنىشىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 9 - ئاپرېل، تاڭ سەھەر سائەت بەشتە، گېرمانىيە ئارمىيىسى دانىيىگە بېسىپ كىردى. بىرقانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، دانىيە ھۆكۈمىتى تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى. بالتىق دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزى - كىچىك بېلىست بوغۇزى بىلەن چوڭ بېلىت بوغۇزى گېرمانىيىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. شۇ كۈنى، گېرمانىيە ئارمىيىسى دانىيىگە تاجاۋۇز قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا نورۋېگىيىمۇ تاجاۋۇز قىلدى. كەچتە گېرمانىيە پاراشۇتچى قىسىملىرى ئوسلونى ئىگىلىدى، نورۋېگىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىسىلىڭ ۋەتىنىگە خائىنلىق قىلىپ ساتقۇنلۇق قىلدى. 10 - ئاپرېل، گېرمانىيە ئارمىيىسى نورۋېگىيىدىكى ھەرقايسى مۇھىم پورتلارنى ۋە ئايرودروملارنى ئىشغال قىلدى، نورۋېگىيە ئارمىيىسى ئىچكىرى جايلارغا چېكىندى؛ فرانسىيە ھۆكۈمىتى كوممۇنىزم تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغۇچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش توغرىسىدا قانۇن بۇيرۇقى جاكارلىدى. 14 - ئاپرېل (10 - ئىيۇنغىچە)، ئەنگلىيە - فرانسىيىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى ئارمىيىسى نارۋىك ئەتراپىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى، ھەم نورۋېگىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلدى، بىراق كەينى - كەينىدىن مەغلۇپ بولۇپ، كېيىنكى ئاينىڭ دەسلىپىدە نورۋېگىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا چېكىندى. 17 - ئاپرېل، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كوردېل ھول ياپونىيىنى گوللاندىيىگە قاراشلىق شەرقىي ھىندۇنېزىيىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تىنچلىق ۋاسىتىسىدىن باشقا ھەرقانداق ۋاسىتە ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشقا ئامېرىكىنىڭ قارشى تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. شۇ ئايدا، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرلىرى شىمالىي رودېزىيە كان ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىنى باستۇردى. 1940 ماي 7 -8 - ماي، ئەنگلىيە پارلامېنتى كەسكىن مۇنازىرىدىن كېيىن، نىۋىلىل چېمبېرلىننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 10 - ماي، سىر ۋېنسون لېئوناردسىپېنسېر چېرچېل ئۇرۇش ۋاقتىدىكى بىرلەشمە كابىنېتنى تەشكىللىدى. ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى كالېمېنت ئاتتىلې مۇئاۋىن باش ۋەزىر، قوشۇمچە تۆۋەن پالاتا باشلىقلىقىن ئۈستىگە ئالدى. لېبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى سىنكلېر، مۇتەئەسىسپلەر پارتىيىسىنىڭ ئۆكتىچى گۇرۇھىدىن ئانتونى ئېدېن، دائۇف كوپېر، ھارولد ماكمىللانلار كابىنېت ئەزاسى بولدى. شۈ كۈنى، گىتلېر گېرمانىيىسى 136 دىۋىزىيە (بۇنىڭ ئىچىدە 10 تانكا دىۋىزىيە، 7 ماتورلاشقان دىۋىزىيە بار)، 2500 دىن كۆپرەك تانكا، 3800 دىن كۆپ ئايروپىلاننى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، غەربىي سەپتە ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگ ۋە فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىغا بېسىپ كىردى. گوللاندىيە بىلەن بېلگىيە ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى؛ ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى گوللاندىيىگە قاراشلىق ئارۇابا ۋە كيۇراسسائو ئارىلىنى ئىشغال قىلدى. 11 - ماي، گوللاندىيە بىلەن بىلگىيىگە ياردەمگە يېتىپ كەلگەن ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ئانتۋېرپتىن ناميۇرغىچە بولغان لىنىيىدە مۇداپىئە سېپى قۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. 12 - ماي، فرانسىيە ليۇكسېمبۇرگ چېگرىسىدىكى ئاردېن رايونىدا فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتكەن گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى مائاس دەرياسى بويىدىكى سېرانغا كەچتە يېتىپ كەلدى. 13 - ماي، گوللاندىيە ئارمىيىسى ئومۇميۈزلۈك تارمار بولدى. ئايال پادىشاھ ۋىلھېلمىنا بىلەن گوللاندىيە ھۆكۈمىتى لوندونغا كۆچتى. شۇ كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسى سېران ئەتراپىدا مائاس دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتتى. 14 - ماي، گوللاندىيە ئارمىيىسى گېرمانىيە ئارمىيىسىگە تەسلىم بولدى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە خەلق قوغدىنىش ئەترىتى («خەلق ئارمىيىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى قۇردى. 15 - ماي، مائاس دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن گېرمانىيە تانكا قىسىملىرى ئەنگلىيە بوغۇزىغا شىددەت بىلەن سۈرۈلۈپ، بېلگىيىگە كىرگەن ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى ئارقا تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئالدى. 17 - ماي كېچىدە، گېرماننيە ئارمىيىسى بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلنى ئىشغال قىلدى. 18 - ماي، گىتلېر بېلگىيىنىڭ ئۈچ رايوننى گېرمانىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈش بۇيرۇقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ تانكا قىسملىرى ئاميېنغا قىستاپ كەلدى؛ فرانسىيىدە رېينا ئۇد ھۆكۈمىتى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى، تەسلىمچىلەر گۇرۇھىدىن پېتائىن مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەندى؛ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچېل «سابىق دېڭىز ئارمىيە خادىمى سۈپىتىدە تېلېگرام ئۇرۇپ روزۋېلىتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى. 19 - ماي، گېنېرال ماكسىم ۋېيگاند گېنېرال گامېلىننىڭ فرانسىيە ئارمىيىسى باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. 20 - ماي، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئاميېن بىلەن ئاببېۋىلنى ئىشغال قىلدى، ئەنگلىيە بوغۇزى بويلىرىغا باستۇرۇپ كېلىپ، ئەنگلىيە ، فرانسىيە ۋە بېلگىيىنىڭ 43 دىۋىزىيىسىنى فرانسىيە - بېلگىيە چېگرىسىدىكى دېڭىز ساھىلىغا قاپسىۋالدى، 22 - ماي، ئەنگلىيە پارلامېنتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە تولۇق ھوقۇق بېرىش قانۇن بۇيرۇقىنى جاكارلىدى. چېرچېل ھۆكۈمىتى مال - مۈلۈك، كارخانىلارنىڭ پائالىيىتى، ئەمگەك ۋە دۆلەتنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشىنى كونترول قىلىشنىڭ پەۋقۇلئاددە ھوقۇقىغا ئېرىشتى. 26 - ماي (4 - ئىيۇلغىچە)، ئۇرۇش پاراخوتى ۋە ئايروپىلان ئوت كۈچىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى دۇنكىر كىتىكى چوڭ چېكىنىشنى باشلىدى، 338000 ئوفىتسېر ۋە جەڭچى لوندونغا چېكىندۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيىنىڭ 224000 ، فرانسىيىنىڭ 114000 ئادىمى بار ئىدى. فرانسىيىنىڭ 40 مىڭ ئەسكىرى ئەسىرگە چۈشۈپ كەتتى. ئەنگلىيە يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى ئارمىيىنىڭ پۈتكۈل قورال - ياراغ ئۈسكۈنىلىرى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ قولىغا چۈشتى. 28 - ماي، بېلگىيە ئارمىيىسى قورال تاشلىدى، گېرمانىيە ئارمىيىسى بېلگىيىنى ئىشغالىيە ت ئاستىغا ئالدى. 31 - ماي، بېلگىيە سەرگەردان ھۆكۈمىتى بېلگىيە ئارمىيىسىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى قانۇنسىز ھەرىكەت دەپ جاكارلىدى. مۇشۇ ئايدا، ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك جىددىي ھالەتنى يولغا قويدى. 1940 ئىيۇن 2 - ئىيۇن، ھىندۇنېزىيىدە 14 نەپەر ياش ئوقۇغۇچى «ۋەتەننى قوغداش ۋە خەلقنى قوللۇقتىن خالاس قىلىش» مەقسىتىدە ئىنقىلابىي تەشكىلات «مېتال تازىلاش سۈپۈرگىسى» تەشكىلىنى قۇردى. 3 - 7 - ئىيۇنغىچە، ئەنگلىيە فرانسىيە ئارمىيىسى نورۋېگىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىن چېكىنىپ چىقىتى. دونكىركتىكى چېكىنىش ئۇرۇشىدا ھەربىي ئەشيالار ئېغىر چىقىمغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچېل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ھەربىي ياردەم بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرلىكى ھەربىي ئەشيا يۆتكەپ بېرىشكە قوشۇلدى. ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن، 500 مىڭ مىلتىق، 80 مىڭ پىلىموت، 900 دالا زەمبىرىكى، 130 مىليون تال ئوقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قورال - ياراغلىرى ئەنگلىيە يۆتكەپ كېلىندى. 5 - ئىيۇن، گېرمانىيە ئارمىيىسى سوممې ۋە ئەنا دەرياسى سېپى (ۋېيگاند مۇداپىئە سېپى) دە فرانسىيە ئارمىيىسىگە قارشى يېڭى ھۇجۇم قوزغىدى. 6 - ئىيۇن، فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ھۆكۈمەتتىن پارىژنى قوغداش ئۈچۈن خەلق ئاممىسىنى قوراللاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. شۇ كۈنى، بېلگىيىدىكى ئەل بولۇش دائىرىلىرى بېلگىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنى تارقىتىۋەتتى. 7 - ئىيۇل، ئىتالىيە ئۆزىنىڭ پاراخوتلىرىغا بىتەرەپ دۆلەتلەرنىڭ پورتلىرىدا قاتناش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. 8 - ئىيۇن، «ۋېيگاند مۇداپىئە سېپى» پۈتۈنلەي يىمىرىلدى. 10 - ئىيۇن، فاشىستىك ئىتالىيە ئالپ ئالدىنقى سېپىگە 32 دىۋىزىيە توپلىغان بولسىمۇ، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ 6 دىۋىزىيىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ توسۇلۇپ قالدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئىتالىيىگە ئومۇميۈزلۈك قامال يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، فرانسىيىنىڭ ھېنرى - پىلىپىپ پىتائىن ھۆكۈمىتى پارىژدىن تۇزغا كۆچتى؛ گېرمانىيە ئارمىيىسى نورۋېگىيىنى تولۇق ئىشغال قىلدى، نورۋىگىيە ھۆكۈمىتى ۋە پادىشاھ ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتتى. نورۋېگىيە ئوپېراتسىيىسى جەريانىدا، ئەنگلىيە- فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى گېرمانىيىنىڭ 52 پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتتى ۋە زەخىملەندۈردى، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە 33 پاراخوت زىيان تارتتى. 12 - ئىيۇن، ياپونىيە بىلەن تايلاند ئۆزئارا ياردەم بېرىش، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۈرمەت قىلىش دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 121 - 14 - ئىيۇن، گېرمانىيە ئارمىيىسى مۇداپىئەسىز شەھەر دەپ جاكارلانغان پارىژنى شەرق ۋە غەرب ئىككى تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئالدى. 13 - ئىيۇن، ئىسپانىيىنىڭ فرانكو ھۆكۈمىتى ئىسپانىيىنى «سوقۇشقا قاتناشمىغان دۆلەت» دەپ جاكارلىدى. 14 - ئىيۇن، فرانكو ئارمىيىسى خەلقئارا پورت - تەنجىنى ئىگىلىۋالدى. شۇ كۈنى، گېرمانىيە فاشىستىك ئارمىيىسى پارىژنى ئىشغال قىلدى. 15 - ئىيۇن فرانسىيە ھۆكۈمىتى بوردوغا كۆچتى، فرانسىيىنىڭ مۇھىم قورغىنى بولغان ۋېردېن قولدىن كەتتى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى فرانكلىن روزۋېلىت ئىنركو فېرمى ۋە ئۇندىن باشقا پەن تەتقىقات ئالىملىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئاتوم بومبىسىنى ياساش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى تەتقىق قىلىشقا بېكىتىلگەن تەييارلىق كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاتوم بومبىسىنى ياساشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. 16 - ئىيۇن، چېرچېل ئەنگلىيە - فرانسىيە ئىككى دۆلەتتە بىرلىككە كەلگەن گەۋدە (ئەنگلىيە - فرانسىيە ئوتتۇرىسىدا «جانلىق ئىتتىپاق») قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ كۈنى، فرانسىيىدە پائول رىنائود كابىنېتى ئىستېپا بەردى. ھېنرى پىلپىپ پېتائىن فرانسىيە ھۆكۈمەت باشلىقلىقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. 17 - ئىيۇن، پېتائىن گېرمانىيىگە ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. 17 - 21 - ئىيۇن، سوۋېت ئارمىيىسى لاتۋىيە قاتارلىق بالتىق دېڭىز بويىدىكى ئۈچ دۆلەتكە كىردى. ئۈچ دۆلەتتە ئايرىم - ئايرىم ھالدا يېڭى ھاكىمىيەت قۇرۇلدى. 18 - ئىيۇن، فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى چارلېس دې گول ئەنگلىيە رادىئو ئىستانىسى ئارقىلىق ئەنگلىيىدىكى پۈتكۈل فرانسىيىلىك ھەربىيلەرنى ئۆزى قۇرغان «ئەركىن فرانسىە» تەشكىلىگە قاتنىشىشقا چاقىردى. شۇ كۈنى، بۇلغارىيە دوبرۇجا ۋە ئېگېي دېڭىزىغا چىقى ئېغىزىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. 20 - ئىيۇن، ئامېرىكا ئىككى پارتىيىلىك ھۆكۈمەت قۇردى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن ھېنرى ل. سىتمسون ۋە نوسكې ئايرىم - ئايرىم ھالدا قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. 22 - ئىيۇن، كومپېندا پويىز ۋاگونى ئۈستىدە، فرانسىيىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللىرى گىتلېرنىڭ مەجبۇرىي تاڭغان ئۇرۇش توختىتىش خېتىگە ئىمزا قويدى. فرانسىيە ئارمىيىسى قورالسىزلاندۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم زېمىنى گېرمانىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلدى. شۈ كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دۆلەت مۇداپىئە باق قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىدى. ھەر يىلى 900 مىليارد 94 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى باج يىغىش، ھەم دۆلەتنىڭ قەرز نورمىسىنى 4500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 4900 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى. 23 - ئىيۇن، چارلېس دې گول رەھبەرلىكىدىكى «ئەركىن فرانسىيە» گېرمانىيىگە ئۈزلۈكسىز قارشى تۇرۇشقا كاپالەت بەردى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى دې گولنى قوللاپ، پېتائىن ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى. 24 - ئىيۇن، فرانسىيە - ئىتالىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» ئىمزالاندى. 25 - ئىيۇن، فرانسىيىنىڭ مۇنقەرز بولۇشىغا ئەگىشىپ، ياپونىيە فرانسىيىگە قاراشلىق ھىندىجىندە قۇرۇقلۇققا چىقىش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلدى. ياپونىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى ھىندىچىندىكى بەزى پورتلارغا كىردى. 26 - ئىيۇن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتى «سەككىز سائەتلىك خىزمەت كۈنى ۋە يەتتە كۈنلۈك خىزمەت ھەپتىسىنى يولغا قويۇش، ئىشچىلار، خىزمەتچى خادىملار كارخانا ۋە ئورگانلاردىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىلماسلىق» توغرىسىدا بۇيرۇق جاكارلىدى. شۇ كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى رۇمىنىيىدىن بېسارابىيىنى «قايتۇرۇپ بېرىش»نى، ھەم شىمالىي بوكوۋينانى بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 28 - 30 - ئىيۇن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى بېسسارابىيە ۋە شىمالىي بوكوۋيناغا كىرىپ ئورۇنلاشتى. رۇمىنىيە بېسارابىيىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى، شىمالىي بوكوۋينانى ئۆتۈندى. 28 - ئىيۇن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى گېنېرال دې گولنىڭ «ئەركىن فرانسىيە» ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا «دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى»نى ماقۇللىدى. شۇ ئايدا، ئىتالىيە فاشىستىك ئارمىيىسى ئېرېتىرىيىدىن سودانغا ھۇجۇم قوزغاپ، چېگرا ئەتراپىغا ئورۇنلاشقان سودان شەھىرى كەسەلا، گاللابات، كۇرمۇكنى بېسىۋالدى. 1940 ئىيۇن 1 - ئىيۇن، فرانسىيىنىڭ پېتائىن ھۆكۈمىتى ۋىشىغا كۆچتى. شۇ كۈنى، رۇمىنىيە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ كاپالىتىنى رەت قىلدى؛ ئىتالىيە ئارمىيىسى شىمالىي ئافرىقىغا ھۇجۇم باشلىدى. 2 - ئىيۇن، زۇڭتۇڭ روزۋېلت بىر قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويدى. ئىككى خىل دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇپ، ئۇنى ناھايىتى زور قوغدىنىش پىلانىنىڭ بىر قىسىمى قىلىشنى بەلگلىدى. 3 - 8 - ئىيۇل، فرانسىيە پاراخوتلىرىنىڭ گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلش ئۈچۈن، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى شىمالىي ئافرىقىنىڭ مېرس - ئەل - كېبىر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پورتلاردا توختىغان فرانسىيە پاراخوتلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. فرانسىيىنىڭ بىر ئۇرۇش پاراخوتى قېچىپ كەتكەندىن سىرت قالغان پاراخوتلىرى ئېغىر زەخمىلەندى. 4 - ئىيۇل، ئەنگلىيە كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى پورتلار ئىچىدىكى بارلىق فرانسىيە پاراخوتلىرى مۇسادىرە قىلىندى. 5 - ئىيۇل پېتائىن ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزدى . 10 - ئىيۇل، فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مىللىي ۋە ئىجتىمائىي ئازادلىق توغرىسىدىكى پروگرامما خاراكتېرلىك خىتابنامىسىنى ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى، فرانسىيە مىللىي پارلامېنتى دۆلەتنىڭ پۈتكۈل ھوقۇقىنى پېتائىنغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلدى. 11 - ئىيۇل، پېتائىن ئۆزىنى دۆلەت باشلىقى دەپ جاكارلىدى، پېرلاۋال ئۇنىڭ ياردەمچىلىكىگە تەيىنلەندى. 16 - ئىيۇل، گىتلېر (ئەنگلىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش) «دېڭىز شىرى پىلانى» نى تەييارلاشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. گېرمانىيە ئەنگلىيە دېڭىز بوغۇزى ياقىسىغا 13 دىۋىزىيىنى توپلاپ، 17 - ئىيۇلدىن باشلاپ قۇرۇقلۇققا چىقىش مەشىقىنى باشلىدى، شۇنداقلا بىر ئاي ئىچىدە چوڭ - كىچىك 4000 دىن ئارتۇق پاراخوت توپلىدى. شۇ كۈنى، ياپونىيىدە كومېيوچى كابىنېتى تەختتىن چۈشتى. 18 - ئىيۇل، ئەنگلىيە بىلەن ياپونىيە جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىي قاتناش لىنىيىسى بولغان يۈننەن - بىرما تاش يولىنى قامال قىلىش توغرىسىدا كېلشىم تۈزدى. كېلىشىم يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ، قورال - ياراغ، ئوق - دورا، ماي، ئېغىر تىپتىكى يۈك ماشىنا ھەمدە تۆمۈريول ماتېرىياللىرىنىڭ بىرما ئارقىلىق جۇڭگوغا كىرىشنى مەنئى قىلىشنى بەلگىلىدى. كېلىشىم مۇددىتى ئۈچ ئاي بولدى. 21 - 30 - ئىيۇل، ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭەش مەجلىسىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنى ھاۋانادا ئېچىلدى. يىغىن بىر خىتابنامە ماقۇللاپ، ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دومىنئونلىرىنى ئىگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ جاكارلىدى. بۇ دۇمىنىئونلار غەيرىي ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرىنىڭ تاجاۋۇزى ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىغان چاغدا ۋاقىتلىق ئورتاق ئىدارە قىلىش ئورگىنى قۇرۇش بەلگىلەندى. بۇ خىتابنامىگە ئاساسەن، ئامېرىكا 1941 - يىلى ئاپرېلدا گېرېنلاندىيىنى ئىگىلىدى، نويابردا ئامېرىكا يەنە برازىلىيە بىلەن بىرلىشىپ گوللاندىيىگە قاراشلىق گۋىئانانى بېسىۋالدى. 22 - ئىيۇل، ياۋروپادىكى قارشىلىق كۆرستىش ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش ئۈچۈن ئەنگلىيىدە مەخسۇس ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىىش ئورگىنى قۇرۇلدى. شۇ كۈنى، ياپونىيىدە كونوئې فۇمىما روكابىنېتى قۇرۇلۇپ، شۇ كۈنى ياپونىيىدە كونوئې فۇمىما روكابىنېتى قۇرۇلۇپ، تىنچ ئوكياندا ئەنگلىيە ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش ئېلىپ بېرىشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. 26 - ئىيۇل، كونوئې فۇمىمارو ھۆكۈمىتى ياپونىيە «دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئاساسىي تىزىسى» نى ماقۇللىدى. 31 - ئىيۇل، گىتلېر بېرخوفتا ئالىي ھەربىي يىغىن ئۆتكۈزدى. ھەم يىغىندا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۇرۇش قوزغاش پىلانىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى بەلگىلەندى. بۇ ئۇرۇش پىلانى كېيىن «بار باروس» پىلانى دەپ ئاتالدى. 1 - لايىھە 1940 - يىلى يازنىڭ ئاخىرى تۈزۈلدى. شۇ ئايدا، ئەنگلىيىنىڭ ئىشچى ۋە خەلققە خىزمەت قىلىش ۋەزىرى ئىرنېست بېۋىن ئەمگەك ئىش ھەققى توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش ۋاقىتلىرىدا مەجبۇرىي كېسىم قىلىش بۇيرۇقىنى يۈرگۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى؛ لوندوندا ئىدۋارت بېنېس رەھبەرلىكىدىكى چېخوسلوۋاكىيە سەرگەردان ھۆكۈمىتى رەسمىي قۇرۇلدى؛ ئاۋغۇستقىچە، ئىتالىيە ئارمىيىسى كېنىيىنىڭ بىر قىسمىنى ۋە ئەنگلىيىنىڭ مىسىر - سودان چېگرىسى ئىچىدىكى كۆپلىگەن مۇھىم پونكىتلىرىنى بېسىۋالدى. 1940 ئاۋغۇست 1 - ئاۋغۇست، ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى ماسيۇكا يوسۇكە بايانات ئېلان قىلىپ، ئاتالمىش «شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكى»نى قەپەستىن چىقاردى. 3 - 6 - ئاۋغۇست سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 7 - قېتىملىق ئالىي سوۋېت يىغىنى لىتۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى، لاتۋىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى ۋە ئىستونىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارارىنى ماقۇللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مولداۋىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش پەرمانىنى ماقۇللىدى. بېسسارابىيىنىڭ مولداۋىيىلىكلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن رايونىنى بۇ يېڭى جۇمھۇرىيەتكە قوشۇۋېتىش؛ ئوكرائىنلىقلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن رايوننى ئوكرائىن جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇۋېتىش، شىمالىي بوكوۋينانىمۇ ئوكرائىن جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇۋېتىش، شىمالىي بوكوۋينانىمۇ ئوكرائىن جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇۋېتىشنى بەلگىلىدى. 8 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىن ھىندىستانغا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىن ھىندىستانغا ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىگە ئەزا دۆلەتلىك ئورۇن ۋە بىر بۆلەك يېڭى ئاساسىي قانۇن بېرىشكە ۋەدە بەردى. 9 - ئاۋغۇست، فاشىستىك گېرمانىيە ئەنگلىيىگە كەڭ كۆلەملىك «چاقماق تېزلىكىدىكى ھاۋا ھۇجۇمى»نى باشلىۋەتتى. ئارقا - ئارقىدىن نەچچە مىڭ ئايروپىلاننى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئەنگلىيىنىڭ شەھەر، پورت، قاتناش تۈگۈنلىرى ۋە ھەربىي نىشانلىرىنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلدى. گىتلېر «دېڭىز شەھىرى» ئوپېراتسىيىسىنى تەييارلاشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن 10 - ئىيۇلدىن 31 - ئۆكتەبرگىچە گېرمانىيە 1700 دىن كۆپرەك، ئەنگلىيە 900 دىن كۆپرەك ئايروپىلان چىقىم تارتتى. گېرمانىيىنىڭ «چاقماق تېزلىكىدىكى ھاۋا ھۇجۇمى» ئاخىر مەغلۇپ بولدى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە جۇڭگونىڭ شاڭخەي ۋە شىمالىي جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنى چېكىندۈرۈپ كەتتى. 13 - ئاۋغۇست، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئەنگلىيىنى يەنە بىر قېتىم مەركەزلىك ھالدا بومباردىمان قىلدى. شۇ كۈنى، پېتائىن ھۆكۈمىتى فرانسىيىنىڭ غەيرىي ئىشغالىيەت رايونلىرىدىكى سىياسىي پارتىيە ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى تارقىتىۋەتتى. 15 - ئاۋغۇست، گېرمانىيىنىڭ 1000 ئايروپىلانى ئەنگلىيىنى بومباردىمان قىلدى. ئەنگلىيە ئايروپىلانلىرى گېرمانىيىنىڭ بېرلىن ۋە ئۇنىڭدىن باشقا شەھەرلىرىگە تۇيۇقسىز شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ ئۆچ ئالدى. 17 - ئاۋغۇست، گىتلېر برىتانىيە ئاراللىرىنى ۋە ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى دېڭىز ساھىلىنى ئۈزۈل - كېسىل قامال قىلىشنى جاكارلىدى. 18 - ئاۋغۇست، كانادا بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نيۇ - يورك شتاتىنىڭ ئوگېسدېنبۇرگدا كېلىشىم ئىمزالىدى، ئامېرىكا كانادا چېگرىسى ئىچىدە قوغدىنىش ئارمىيىسى تۇرغۇزۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. 20 - ئاۋغۇست (5- دېكابرغىچە)، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى 8 - ئارمىيە ياپون تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم (يەنى «100 پولك ئۇرۇشى») قوزغاپ، دۈشمەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە رۇمىنىيە چېگرا مەسىلىسى بويىچە «ۋېنا كېسىمى» ئېلىپ بېرىلدى. شۇ كۈنى، ياپونىيە ۋە فرانسىيىنىڭ ۋىشى ھۆكۈمىتى ياپونىيىنى ھىندىچىندا بازا بىلەن تەمىنلىش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى؛ ئىتالىيە ئارمىيىسى ئەنگلىيە قاراشلىق سومالىنى بېسىۋالدى؛ ئۆكتەبرگىچە، چارلېس دې گول رەھبەرلىكىدىكى «ئەركىن فرانسىيە» ھەرىكىتىنىڭ ئارمىيىسى فرانسىيىگە قاراشلىق ئېكۋادور ئافرىقىسىنى (گابون بۇنىڭ سىرتىدا) ۋە كامېرۇننى ئىشغال قىلىپ براززاۋىلدا فرانسىيىنى قوغداش كومىتېتى قۇردى. 1940 سېنتەبر 2 - سېنتەبر، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا غەربىي يېرىم شاردىكى ئەنگلىيە دومىنئونىغا تەۋە سەككىز بازىنى قوغلىغۇچى پاراخوت بىلەن ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزدى. كېلىشىمدە: ئەنگىلىيە غەبىي يېرىم شاردىكى بېرمۇدا تاقىم ئارىلى، باھاما، يامايكا، نيۇفاندلېند، سنېت - ليۇسيە، تىرنىداد، ئانتىگۇئا ۋە گۇئانا قاتارلىق سەككىز دومىنئوندىكى بازىنى ئامېرىكىغا 99 يىللىق مۇددەت بىلەن ئىجارىگە بېرىش بەلگىلەندى. ئامېرىكا ئەنگلىيىنى 2 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى كونىراپ كەتكەن 50 پاراخوت بىلەن تەمىنلىدى، ئەنگلىيە ئامېرىكىنى تەجرىبە جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن ئاتوم قۇۋۋىتىگە ئائىت نەتىجە، ھەمدە ھەربىي تەتقىقات جەھەتتىكى ئەڭ يېڭى كەشپىيات، مەسىلەن رادار، بومباردىمان قىلغاندا نۇر چىقىرىپ قارىغا ئېلىش ئەسۋابى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىدى. ئەنگلىيە يەنە ئامېرىكىنى ستراتېگىيىلىك خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەيدىغان بولدى. 4 - سېنتەبر، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھلل ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ھىندىچىندىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى ئامېرىكا جامائەتچىلىكىدە بەختسىز ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى. شۇ كۈنى، رۇمىنىيە پادىشاھى كارول II گىتلېرنىڭ بېىسىمىغا تىز پۈكۈپ، گىتلېرنىڭ قورچىقى گېنېرال ئىئون ئانتونېسكونى ھۆكۈمەت باشلىقلىقىغا تەيىنلەشكە مەجبۇر بولدى. 5 - سېنتەبر، ئىئون ئانتونېسكو رۇمىنىيىنىڭ باش ۋەزىرلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. 6 - سنتەبر، رۇمىنىيە پادىشاھى كارول II رۇمىنىيىدىن قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى مىخائىل V دادىسىنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى. 8 - سېتەبر، رۇمىنىيە بىلەن بۇلغارىيە جەنۇبىي دوبرۇجانى بۇلغارىيىگە قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا «كرايئوۋا شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى. بۇ زېمىن تەخمىنەن 3000 ئىنگلىز مىلى ئەتراپىدا ئىدى. ئالدىنقى بىرقانچە قېتىملىق بۆلۈۋېلىشنى قوشقاندا رۇمىنيە جەمئىي تەخمىنەن 40 مىڭ كۋادىرات ئىنگلىز مىلى زېمىنىدىن ۋە 4 مىليون نوپۇستىن مەھرۇم بولدى. 13 - سېنتەبر، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى جىتۇەنجۈنى مارشال رۇدولفۇگرازىئاننىڭ قوماندانلىقىدا، لىۋىيىدىن مىسىرغا ھۇجۇم قىلىپ، 90 كىلومېتر ئىچكىرىلەپ كىردى. 16 - سېنتەبر، ئىتالىيە قوشۇنلىرى سدى - بارراننى بېسىۋالدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھەر يىلى مەجبۇرىيەت ئۆتەش تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇپ، ھەر يىلى 900 مىڭ ئادەمنى ھەربىي سەپكە ئېلىشنى بەلگىلىدى. 17 - سېنتەبر، گىتلېر ئەنگلىيىگە ھۇجۇم قىلىدىغان «دېڭىز شىرى» پىلانىنى مۇددەتسىز كېچىكتۈرۈش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. 22 - سنتەبر، فرانسىيىنىڭ ۋىشى پېنائىن ھۆكۈمىتى بىلەن ياپونىيە ۋيېتامنىڭ شىمالىي قىسىمىدا ياپونىيە ھەربىي بازىلىرىنى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى. شۇ كۈنى، گېرمانىيە بىلەن فىنلاندىيە فىنلاندىيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشى توغرىسىدا مەخپىي ھەربىي كېلىشىم ئىمزالىدى. 23 - سېنتەبر، ياپونىيە ئارمىيىسى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ ۋيېتنامنىڭ شىمالىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، لاڭسۇن، دوڭدىڭنى ئىشغال قىلىپ، ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىنى تولۇق كونترول قىلدى. 25 - سېنتەبر، گېرمانىيە ئىشغالىيەتچى دائىرىلىرى نورۋېگىيە مەمۇرىي كومىتېتىنى تارقىتىۋەتتى، ۋىدكۇن چۇ سىلىڭ پارتىيىسىدىن باشقا، بارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنى مەنئى قىلدى. 26 - سېنتەبر، زۇڭتۇڭ روزۋېلت ئىشتىن چىققان پولات - تۆمۈرلەرنى غەبىي يېرىم شارنىڭ سىرتىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە (ئەنگلىيە بۇنىڭ سىرتىدا) يۆتكەشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. 27 - سېنتەبر، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە ئۈچ فاشىستىك دۆلەت ئون يىل ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئۈچ دۆلەت ئون يىل ھەربىي - ئىقتىسادىي ئىتتىپاق بولۇپ ئۇيۇشۇشنى بەلگىلىدى. ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ ياۋروپا ھەم ئاسىايدا «يېڭى تەرتىپ ئورنىتىش رەھبەرلىك ھوقۇقى» نى ئېتىراپ قىلىشتى، گېرمانىيە ياۋروپا ۋە ئافرىقىغا يەنى «ياۋروپا - ئافرىقا يېرىم شارى» غا ئىگە بولدى، ئىتالىيە ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ئافرىقىنىڭ بىر قىسىمىغا، ياپونىيە جۇڭگو چڭ قۇرۇقلۇقى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا ئىگە بولدى ھەم ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىچىدە بىرەرسى ئۇرۇشۇۋاتقان دۆلەتلەردىن سىرت باشقا دۆلەت بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا، قالغان ئىككى دۆلەت بارلىق سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ۋاستىلەر بىلەن ياردەم بېرىشنى بەلگىلىدى. شەرتنامىنىڭ 5 - ماددىسىدا؛ ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەر قاندىقى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھازىرقى مۇناسىۋەتكە «قىلچە تەسىر يەتكۈزمەسلىك» توغرىسىدا ئالاھىدە توختاپ ئۆتۈلدى. 1940 ئۆكتەبر 1 - ئۆكتەبر، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئومۇمىي گەۋدە ئۇرۇشى مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش ئورنى قۇردى. 4 - ئۆكتەبر، گىتلېر مۇسسولىن بىلەن برېننېر ئاغزاكى سۆھبەتلەشتى. ئارقىدىنلا 22 - ئۆكتەبردىن 28 - ئۆكتەبرگىچە، گېرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز ۋە بالقاندىكى كۈچىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئوتتۇرا دېڭىز ۋە بالقاندىكى كۈچىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ لاۋال، فرانكو، پېتائىن ۋە مۇسسولىن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. 8 - 21 - ئۆكتەبرگىچە، گېرمانىيە ئارمىيىسى رۇمىنىيىگە كىرىپ، رۇمىنىيە نېفىتلىكىنى ئىشغال قىلدى. 12 - ئۆكتەبر، ياپونىيىدە داجېڭيۈەن جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، تارقىتىۋېتىلگەن بارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىدى. داجېڭيۈەن جەمئىيىتى باش ۋەزىر باشچىلىقىدىكى چوڭ كاپىتالىستلار، پومېشچىكلار، گېنېراللار، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە بيۇروكراتلاردىن تەركىب تاپقان فىئودال فاشىستىك تەشكىلات بولۇپ، پۈتكۈل ئاھالىلار ئىچىدە نازارەت قىلش «قوشنىلار تەشكىلىي» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئومۇميۈزلۈك فاشىستىك دېكتاتۇرا يۈرگۈزدى. 18 - ئۆكتەبر، ئەنگلىيە يۈننەن - بىرما تۆمۈريولىنى قايتىدىن ئاچتى. 24 - ئۆكتەبر گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە فرانسىيە ۋىيشى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى جياڭ جيېشىغا ياپونىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا بىردەك نەسىھەت قىلدى. 27 - ئۆكتەبر، دې گول فرانسىيە ئىمپېرىيىسى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنى تەشكىللىدى. 28 - ئۆكتەبر، ئىتالىيە 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇن چىقىرىپ ئالبانىيىدىن گرېتسىيىگە ھۇجۇم قىلدى. شۇ ئايدا، موخانداس كارامچاد گەندى ھىندىستاندا زورلۇقسىز ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى قوزغىدى؛ يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى زاگرېبتا 5 - قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىن ھۆكۈمەتنىڭ فاشىستپەرەس تاشقى سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشنى مۇھىم بروزتېتو باش شۇجىلىقىدىكى يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى كومىتېتىنى سايلاپ چىقتى. 1940 نويابر 1 - نويابر، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئىسمېت ئىنونۇ تۈركىيىنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشمايدىغانلىقىنى، بىراق ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 2 - نويابر، گرېتسىيە كوممۇنسىتىك پارتىيىسى خەلقنى فاشىستىك ئىتالىيىگە قارشى كۈرەش قىلشقا چاقىردى. مۇشۇ ئاينىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، گرېتسىيە ئارمىيىسى بىلەن خەلقى پىندوس تاغلىق رايونىدا ئىتالىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇردى ھەم ئاي ئاخىرىدا دۈشمەن ئارمىيىسىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيە ئارمىيىسى گرېتسىيىگە كىرىپ، ئىتالىيە ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. 5 - نويابر، فرانكىلىن دىلانو روزۋېلت 3 - قېتىم ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. 11 - نويابر، ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيىسى تارانتودا توختىغان ئىتالىيە ھەربىي پاراخوتلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. 13 - 14 - نويابر، سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە خەلق كومىسسارى ۋياچېسلاۋ مولوتوۋ بېرلىننى زىيارەت قىلىپ، گىتلېر، رىبنتېروپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 14 - 19 - نويابر، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئەنگلىيىنىڭ بىرمىنھام ۋە كوۋېنترنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلدى. شۇندىن كېيىن، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئەنگلىيە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشى ئازايدى. چېرچېل نويابرنىڭ باشلىرى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانىدىنمۇ ئېغىر بولغان تەھدىتكە يولۇقۇۋاتقانلقىنى جاكارلىدى. 20 - نويابر، ۋېنگرىيە گېرمانىيە - ئىتالىيە - ياپونىيە فاشىستىك دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيىنىڭ تەمىنات ۋەزىرى سىرۋالتېرليتون ۋە ئامېرىكىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنستىرى ھېنىرى ستىمسون «ستىمسون - ليتون كېلىشىمى»نى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قورال ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى بەلگىلىدى. 23 - نويابر، رۇمىنىيە گېرمانىيە - ئىتالىيە - ياپونىيە فاشىستىك دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى (8 - دېكابرغىچە)، ۋيېتنامىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى خەلق قوزغىلىڭى يۈز بەردى. 1940 دېكابر 9 - دېكابر (1941 - يىل 10 - فېۋرالغىچە)، ئەنگلىيىنىڭ «نىل دەريا جىتۇەنجۈنى» مىسىرنڭ ماتېرو پورتىدىن شىمالىي ئافرىقىدىكى ئىتالىيە ئارمىيىسىگە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى. دېكابرنىڭ ئاخىرلىرى مىسىر زېمىنىدىكى ئىتالىيە ئارمىيىسىنى تولۇق تازىلىدى. ھەم لىۋىيە چېگرىسى ئىچىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى «21 - بۇيرۇق» («بارباروس» پىلانى) غا ئىمزا قويۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، چاقماق تېزلىكىدە ئۇرۇش قىلىپ سوۋېت ئارمىيىسىنى يىمىرىپ تاشلاشنى بەلگىلەپ، ئالتە ھەپتىدىن ئىككى ئايغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى، ئەڭ كېچىككەندىمۇ 1941 - يىل روژدېستۋو بايرىمىدىن قالدۇرماسلىقنى، تەييارلىق خىزمىتىنى 1941 - يىل 15 - مايدىن ئىلگىرى تاماملاشنى تەلەپ قىلدى. 20 - دېكابر، زۇڭتۇڭ روزۋېلت ۋىليام س. كنۇدسېن باشچىلىقىدىكى تۆت كىشىلىك دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنى تەيىنلەپ، دۆلەت مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى پىلانلىدى ھەم ئەنگلىيىگە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتتى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 21 - دېكابر بۇ ھەرىكەتنى «روھىي جەھەتتىكى تاجاۋۇزچىلىق» دەپ ئەيىبلىدى. 23 - دېكابر، ئانتونى ئېدېن ئەنگلىيىنڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرلىكىگە تەيىلەندى، ھالغاكس ئامېرىكىغا باش ئەلچىلىككە ئەۋەتىلدى. شۇ ئايدا، زۇڭتۇڭ روزۋېلت «ئوچاق يېنى سۆھبىتى»نى ئېلان قىلىپ، «دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي زاۋۇتى» بولۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ تايلاند بىلەن فرانسىيىگە قاراشلىق ھىندىچىنى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى، بۇ توقۇنۇش 1941 - يىل يانۋارغىچە داۋاملاشتى. شۇ يىلى فرانسىيە كوممۇنىستلىرى ئىشغالىيەتچىلەر بىلەن قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، «پەۋقۇلئاددە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى» قۇردى، كېيىن ئۇنىڭ نامىنى «پىدائىي قوشۇن پارتىزانلار ئەترىتى» گە ئۆزگەرتتى؛ ئامېرىكا ئوران 235 ئىزوتوپنى ئايرىۋالدى؛ ئەنگلىيە بىرىنچى تۈركۈم پولى ئېتىلىننى ئىشلەپ چىقاردى؛ ئامېرىكا مەجبۇرىي خاراكتېرلىك ئادەتتىكى ھەربىي مەجبۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويدى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە