1952 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار
تارىختىكى چوڭ ئىشلار
يانۋار
3 - يانۋار، ئەنگلىيە ئارمىيىسى سۈۋەيش قانىلى رايونىدا ئىغۋارگەرچىلىك قىلدى، مىسىرنىڭ ساقچى قىسىملىرى قوزغىلىپ قارشلىق كۆرسەتتى. شۇ كۈنى، برازىلىيە ھۆكۈمىتى پەرمان جاكارلاپ، چەت ئەل كاپىتالىنى قايتىدىن تىزىمغا ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. 5 - يانۋار، ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بەش يىللىق «تۆت نۇقتىلىق پىلان» كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپ ئوخشاش مىداردا پۇل چىقىرىپ، ھىندىستان ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بەلگىلىدى. 7 - يانۋار، فرانسىيىدە رېنى پېلۋېن كابىنېتى تەختتىن چۈشتى، ئېدگار فائۇرى رەھبەرلىكىدىكى يېڭى بىرلەشمە ئىچكى كابىنېت 22 - يانۋار ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىدى. فائۇرى كابىنېتى پەقەت بەش ھەپتىلا ھوقۇق تۇتتى، يەنە ئانتونې بىنەي كابىنېتى تەختكە چىقىتى. 11 - يانۋار، فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى شۇمان پىلاننى تەستىقلىدى، كوممۇنىستلار بىلەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىكىلەر قارشى بېلەت تاشلىدى. 12 - يانۋار، ئىران ھۆكۈمىتى 21 - يانۋاردىن بۇرۇن بارلىق ئەنگلىيە كونسۇلخانىلىرىنى تاقاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى رەت قىلدى. 14 - يانۋار، قاھىرىدە 150 مىڭ ئادەم ئەنلىيىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. 18 - يانۋار، ئەنگلىيىنىڭ «لېۋېرپول» ناملىق ئوكيان چارلاش پاراخوتى سەئىدپورتىنى بومباردىمان قىلدى. 25 - يانۋار، مىسىر ۋەفىدۇن پارتىيىسىنى كابىنېتى ئەنگلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى، ھەم ئەنگلىيىنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىش ۋاقتىنى بېكىتتى. ئەنگلىيە قوشۇنلىرى ئۆكتەملىك بىلەن ئىسمائىلىيە شەھىرىدىكى مىسىر ساقچىلىرىنى قورالسىزلاندۇردى ھەم قانۇنسىز ھالدا پۈتكۈل قانال رايونىنى قامال قىلۋالدى. 26 - يانۋار،قاھىرىدە 500 مىڭ كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى، نامايىشقا ئىشچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا يەنە بىر قسىم مىسىر ئەسكەرلىرىمۇ قاتناشتى. ئەنگلىيە جاھانگىرلىكى ۋە مىسىر پادىشاھ جەمەتىنىڭ پىلانلىشى بىلەن نامايىش دەل يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتتا، قاھىرە شەھىرىنىڭ مەركىزىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭ ئوت ئاپىتى ئەنزىسى يۈز بەردى، بۇ چوڭ ئوت بىر كۈندە ئاران ئۆچۈرۈلدى. 27 - يانۋار، مىسىر پادىشاھى فاراۇخ ئەنگلىيىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، قاھىرىدىكى ئوت ئاپىتىنى باھانە قىلىپ، ۋەفدۇن پارتىيىسىنىڭ باشلىقى ناخاسنى باش ۋەزىرلىكتىن قالدۇرۇپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋەتتى ھەم مۇھەممەد ئەلى ماھىرنى كابىنېت تەشكىللەشكە تەيىنلىدى. 28 - يانۋار، ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ شىمالىي قىسمى ۋە جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدا باكتېرىيە قوراللىرىنى كەڭ ئىشلىتىشكە باشلىدى.
1952
فېۋرال
6 - فېۋرال، ئەنگلىيە پادىشاھى گېئورگى VI ۋاپات بولدى، ئورنىغا قىزى ئېلىزابېت II تەخت ۋارىسى بولدى، 26 - فېۋرال، چېرچېل ئەنگلىيىنىڭ ئاتوم بومبىسى ياسىغانلىقىنى جاكارلىدى. 27 - فېۋرال، چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدە ئىككى تەرەپ 5 - ماددىلىق كۈن تەرتىپى يەنى بىر دەرىجە يۇقىرى دەرىجخلىكلەرنىڭ يىغىنىنى چاقىرىش ئارقىلىق چاۋشيەن مەسىلىسىنى تىنچى يول بىلەن ھەل قىلىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى. 28 - فېۋرال، «ياپونىيە - ئامېرىكا مەمۇرىي كېلىشىمى» توكيودا ئىمزالاندى. شۇ ئايدا، مېكسىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ئىككى تەرەپلىمىلىك ھەربىي كېلىشىم تۈزۈشنى رەت قىلدى، فېدېراتىپ گېرمانىيىدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى ئىقتىسادىي كرىزىس پارتىلاپ، شۇ يىلى مايغىچە بولغان تۆت ئاي ئىچىدە، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى % 6 . 2 چۈشۈپ كەتتى.
1952
مارت
10 - مارت، سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ھۆكۈمەتلىرىگە نوتا تاپشۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيىگە، فرانسىيە تۆت دۆلەت يىغىنىنى چاقىرىپ، گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە فېدېراتىپ گېرمانىيىنى قايتىدىن قوراللاندۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە 23 - مارتتا سوۋېت ئىتتىپاقىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، پەقەت ئەركىن سايلام ئاساسىدا، ئاندىن پۈتۈن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇشنى ئويلىشىشقا بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا 1945 - يىلدىكى پوتسىدام يىغىنىدا ئايرىلغان گېرمانىيە چېگرىسىنى ئۆزگەرتىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 20 - مارت، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى «ياپونىيىگە قارىتىلغان سۈلھ» نى تەستىقلىدى ھەم ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە، فىلىپپىن، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە بىلەن «تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» ئىمزالاشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1952
ئاپرېل
10 - ئاپرېل، سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ھۆكۈمەتلىرىگە قايتا نوتا تاپشۇرۇپ، پۈتۈن گېرمانىيىدىكى سايلامنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارەتچىلىكىدە ئەمەس، بەلكى تۆت كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىكىدە ئەمەس، بەلكى تۆت كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىشى دۆلەت كېرەك دەپ تەكلىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گېرمانىيە چېگرىسىنى پوتسدام يىغىنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆزگەرتىشنى رەت قىلدى. 15 - ئاپرېل، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپا مۇداپىئە گۇرۇھى بىلەن ئورتاق مۇداپىئەلىنىش شەرتنامىسى تۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 25 - ئاپرېل، ئامېرىكا ئىرانغا بېرىلىۋاتقان ھەربىي ياردەمنى تۆت ئاي توختاتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 28 - ئاپرېل، ماتيون رىجۋېي ئېزىنخاۋېرنىڭ ئورنىغا ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى. مارك. ۋ. كلارك رىجۋېىينىڭ ئورنىغا «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىراق شەرق ئارمىيىسى»نىڭ قوماندانى بولدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە «ياپونىيىگە قارىتىلغان سۈلھ شەرتنامە» بىلەن «بىخەتەرلىك شەرتنامىسى»نىڭ كۈچكە ئىەە بولغانلىقىنى جاكارلاپ، ۋاشىنگتوندىكى يىراق شەرق كومىتېتى بىلەن توكيودىكى «ئىتتىپاقداش دۆلەت» لەرنىڭ ياپونىيىنى ئىدارە قىلىش كومىتېتىنى تارقىتىۋەتتى. شۇ ئاي (ئىيۇنغىچە)، ئامېرىكىدا 300 مىڭ پوچتا - تېلېگراق ئىشچىسى ۋە 650 مىڭ پولات - تۆمۈر ئىشچىسى ئىش تاشلىدى.
1952
ماي
2 - ماي، چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدە ئىككى تەرەپ ئۈچ كۈنى تەرتىپىدە يەنى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ھەر خىل كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مەسىلىلىرىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى. ئەمدىلىكتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا پەقەتلا تۆتىنچى تۈر كۈن تەرتىپى (ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قايتۇرۇش توغرىسىدا) دىكى تالاش - تارتىش تۈگىمەي كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى. 7 - ماي، گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئارمىيە قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 26 - ماي، ئامېركا، ئەنگلىيە، فرانسىيە فېدېراتىپ گېرمانىيە بىلەن «بونىن شەرتنامىسى» (يەنى «ئادەتتىكى شەرتنامە»نى ئىمزالىدى، شەرتنامىدە: ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ئۈچ دۆلەتنڭ ئارمىيىسى، شۇنداقلا ئۇلار بەلگىلەنگەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيىسى، شۇنداقلا ئۇلار بەلگىلەنگەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيىسى فېدېراتىپ گېرمانىيىنى 50 يىل ئىشغال قىلىدۇ، ئىشغالىيەتچى قوشۇنلار ھەر خىل ئىمتىيازلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشغالىيەت چىقىمىنى فېدېراتىپ گېرمانىيە ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فېدېراتىپ گېرمانىيە ئىچكى جەھەتتە مۇستەقىلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشغالىيەت چىقىمىنى فېدېراتىپ گېرمانىيە ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فېدېېراتىپ گېرمانىيە ئىچكى جەھەتتە مۇستەقىلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. 27 - ماي، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىقلار پارىژدا «ياۋروپا ئارمىيىسى» قۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان «ياۋروپا مۇداپىئە شەرتنامىسى»نى ئىمزالىدى. بۇ شەرتنامە فېدېراتىپ گېرمانىيىنى «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان مۇداپىئە پىلانى»غا كىرگۈزدى.
1952
ئىيۇن
9 - ئىيۇن، ياپونىيە بىلەن ھىندىستان ھۆكۈمىتى «ياپونىيە - ھىندىستان تىنچلىق شەرتنامىسى» ئىمزالىدى. 16 - ئىيۇن، داللىس سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرگە «تىنچ ئۆزگەرتىۋېتىش سىياسىتى»نى يولغا قويۇش توغرىسىدا داۋراڭ سالدى. 23 - 24 - ئىيۇنغىچە، ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى يالۇجياڭ ئېلېكتر ئىستانىسىسىنى بومباردىمان قىلدى. كېيىن يەنە 11 - ئىيۇلدا ئەندۇڭ شەھىرىنى بومباردىمان قىلدى. كېيىن يەنە 11 - ئىيۇلدا ئەندۇڭ شەھىرىنى بومباردىمان قىلدى. ئارقىندىنلا، 13 - سېنتەبر يالۇجياڭ ئېلكتر ئىستانسىسىنى يەنە بىر قېتىم بومباردىمان قىلدى. 26 - ئىيۇن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ماكلون - ۋولتېرنىڭ كۆچمەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى قانۇنى» نى ماقۇللىدى.
1952
ئىيۇل
6 - ئىيۇل، تېتو يۇگوسلاۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گرېتسىيە، تۈركىيە ۋە ئاۋسترىيە بىلەن ھەمكارلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى، لېكىن ئىتتىپاق تۈزۈش ياكى ئەھدىنامە تۈزۈشنى ئويلىمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 17 - ئىيۇل، ئىراننىڭ باش ۋەزىرى موسادېھ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. غەرب پەرەس ئەخمەد گاۋام باش ۋەزىر بولدى. بەش كۈندىن كېيىن، گاۋام كابىنېتى بىر قېتىملىق پاراكەندىچىلىك ئىچىدە ئاغدۇرۇلدى. موسادېھ قايتىدىن تەختكە چىقىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. 23 - ئىيۇل، مىسىردا «ئەركىن ئوفىتىسېرلار تەشكىلاتى»نىڭ رەھبەرلىكىدە ئارمىيە ئىنقىلاب قوزغاب فارۇق پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مىسىر ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالدى. مىسىر «ئەركىن ئوفىتسېرلار تەشكىلاتى»نىڭ رەئىسى مۇھەممەد نەجىپ بەي، مۇئاۋىن رەئىسى كامال ئابدۇل ناسىر ئىدى. 24 - ئىيۇل، مىسىر پادىشاھى فارۇق ئامالسىز تەختتىن چۈشۈپ چەت ئەلگە چىقىپ كەتتى، فارۇقىنىڭ تېخى قورامىغا يەتمىگەن ئوغلى تەخت ۋارىسى بولۇپ، فوئاد II دەپ ئاتالدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىش تاشلىغان ئامېرىكا پولات - تۆمۈر ئىشچىلىرى بىلەن ئاق ساراي كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. ئامېرىكا تارىخىدا 54 كۈن داۋام قىلغان پولات - تۆمۈر ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى ئاخىرلاشتى.
1952
ئاۋغۇست
11 - ئاۋغۇست، ئىران پارلامېنتى باش ۋەزىر مۇسادېھقا ئالتە ئايلىق مۇستەبىتلىك ھوقۇق بەردى. 14 - ئاۋغۇست، ياپونىيە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇپ كىردى. شۇ كۈنى، راكوس ماتياس ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنستىرلىكىگە تەيىنلەندى.
1952
سېنتەبر
7 - سېنتەبر، مىسىردا گېنېرال نەجىپ مىسىرنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە، قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋە سۇ قاتناش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەندى. 9 - سېنتەبر، مىسىرنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى «يەر ئىسلاھاتى قانۇنى» نى ئېلان قىلىپ، يەر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ زېمىنى 200 فوندىن ئېشىپ كەتمەسلىكنى، ئاشقان قىسمىنى ھۆكۈمەت سېتىۋالىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. 10 - سېنتەبر، ئىسرائىلىيە بىلەن فېدېراتىپ گېرمانىيە توققۇز ئاي سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ كېلىشىم ئىمزالاپ، فېدېراتىپ گېرمانىيە 822 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تۆلەشنى بېكىتتى.
1952
ئۆكتەبر
1 - ئۆكتەبر، ياپونىيىدە چوڭ سايلام بولدى. ئىسانىڭ لېبىراللار پارتىيىسى پارلامېنتتا كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشتى. 4 - قېتىملىق ئىسدا كابىنېتى 30 - ئۆكتەبر قۇرۇلدى. 2 - ئۆكتەبر، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىق يىغىنى بېيجىڭدا چاقىرىلدى. 5 - 14 - ئۆكتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى 19 - قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، ھەيئەت رىياسىتى تەسىس قىلىپ ئۇنى سىياسىي بيۇرونىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. 20 - ئۆكتەبر (1956 - يىلغىچە)، كېنىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ قوراللىق تەشكىلاتى «ماۋماۋ» ئەنگلىيىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. 22 - ئۆكتەبر، ئىران ئەنگلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.
1952
نويابر
1 - نويابر، ئامېرىكا تۇنجى ۋودورود بومبىسىنى پارتلاتتى. 4 - نوياربر، ئامېرىكىدا چوڭ سايلام بولدى، ئېزىنخاۋېر ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. سايلام رىقابىتى جەريانىدا ئۇ زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن چاۋشيەن ئۇرۇشىنى ئامالىنىڭ بارىچە تېز ئاياغلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى. 12 - نويابر، ئامېرىكا ياپونىيىگە تېز سۈرئەتلىك قوغداش پاراخوتىدىن 18 نى، قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتىدىن 50 نى ئارىيەت بېرىپ تۇرۇشقا قوشۇلدى. ياپونىيە مۇداپىئە خاراكتېرلىك قايتىدىن قوراللىنىشقا رەسمىي قەدەم قويدى. 18 - نويابر، فېدېر4اتىپ گېرمانىيىنىڭ ئىتتىپاق پالاتاسى خىتابنامە ماقۇللاپ، 30 - نويابر سائاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنىڭ قانۇنلۇق خاراكتېرىنى شۇنداقلا بۇ قېتىمقى سايلامدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ھەرقانداق ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى. 29 - نويابر، چېخوسلوۋاكىيە كىيىدە «كوللېكتىپ ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش ئەنزىسى» سوراق قىلىندى، كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ سابىق شۇجىسى رودولف سىلانسكىغا ۋەتەن خائىنى، جاسۇس دېگەن جىنايەت بېكىتىلدى ھەم ئۇنىڭغا 27 - نويابر دارغا ئېسىش جازاسى ھۆكۈم قىلىندى 93 - دېكابر جازا ئىجرا قىلىندى). 23 - نويابر، ئىراقتا ئەنگلىيىگە قارشى پاراكەندىچىلىك يۈز بەردى، ھۆكۈمەت 24 - نويابر ھەربىي ھالەت جاكارلىدى، بارلىق سىياسىي پاتىيىلەرنى تارقىتىپ، نامايىش قىلىشنى چەكلىدى. 26 - نويابر، فرانسىيە ئىچكى كابىنېتى فرانسىيە - سائار كېلىشىمىنىڭ تۈزىتىلگەن ماددىسىنى تەستىقلاپ، سائارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇستەقىللىكىنى كېڭەيتىشكە يول قويدى. 30 - نويابر، سائاردىكى سايلامدا لېبىراللار گۇرۇھى ۋە فرانسىيىلىكلەر غەلىبىگە ئېرىشتى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى سايلىغۇچىلار گېرمانىيىنىڭ بېلەت تاشلىشىغا بايقۇت قىلىش توغرىسىدىكى مۇراجىئەتنى رەت قىلدى.
1952
دېكابر
2 - دېكابر، ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان گېنېرال دۋىت ئېزىنغا ۋېر جەنۇبىي چاۋشيەننى زىيارەت قىلدى. 10 - دېكابر، مىسىرنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى «1923 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇن» نىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى، خىيانەت قىلىپ چىرىكلىشىپ كەتكەن دۆلەت ئورگانلىرىنى تازىلاشنى جاكارلىدى. 31 - دېكابر، ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى كولومبو پىلانى تەشكىلاتىغا قاتنىشىشنى قارار قىلدى.