UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1918 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1918 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 5 - 6 - يانۋاردا ئارگېنتىنا خەلقئارا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قۇرۇلدى، ھەم 1920 - يىلى دېكابردىن باشلاپ نامىنى ئارگېنتىنا كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتتى. 8 - يانۋار، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋودرو. ۋىلسۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە نۇتۇق سۆزلەپ، 41 نۇقتىلىق تىنچىلىق پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەزمۇنى: (1 ) سۈلھ شەرتنامىلارنى ئاشكارا شەكىلدە تۈزۈش. (2) مەيلى ئۇرۇش ۋاقتى بولسۇن ياكى ئادەتتىكى ۋاقىت بولسۇن دېڭىز قاتنىشى مۇتلەق ئەركىن بولۇش، لېكىن خەلقئارالىق شەرتنامىلارنى ئىجرا قىلغان چاغدا، خەلقئارالىق ھەرىكەت قوللىنىپ ئوچۇق دېڭىزنى قامال قىلىشقا ئىمكانىيەت تۇغدۇرۇپ بېرىش. (3) ھەرخىل ئىقتىسادىي قورغانلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بۇزۇپ تاشلاش. (4) ئارمىيىنىڭ سانىنى دۆلەت ئىچىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا يېتەرلىك ئەڭ تۆۋەن چەكلىمىگە چۈشۈرۈشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش. (5) مۇستەملىكلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ مەنپەئىتى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ زېمىن تەلىپىنى باراۋەر ئورۇنغا قويۇپ دەڭسەپ كۆرۈش پرىنسىپى ئاستىدا، بارلىق مۇستەملىكىلەرنىڭ زېمىن تەلىپىنى ئادىل، ئەقىلگە مۇۋاپىق تەڭشەش. (6) روسىيە زېمىنىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش، روسىيىلىكلەرگە ئۆز مەملىكىتىنىڭ سىياسىي ۋە مىللىي سىياسەتلىرىنى ئۆزلىرى قارار قىلىشقا يول قويۇش. (7) بېلگىيىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش، ھەم ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. (8) بېسىۋېلىنغان فرانسىيە زېمىنلىرىنى قايتۇرۇش، ئېلزاس ۋە لوررىن مەسىلىسىدە فرانسىيىگە بولغان دەخلى - تەرۇزنى توختىتىش. (9) ئېنىق ئېتىراپ قىلىنغان مىللىي چېگرىنى ئاساس قىلىپ، ئىتالىيە چېگرىسىنى يېڭىباشتىن تەرتىپكە سېلىش. (10 ) ئاۋسترىيە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىدىكى ھەرمىللەت خەلقىگە ئەركىن راۋاجلىنىش پۇرسىتى بېرىش. (11) قوشۇن چېكىندۈرۈش ھەم رومىنيىگە سېربىيە، مونتېنېگرو زېمىنلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش، سېربىيىنى دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىغا ئىگە قىلىش. (12) ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ تۈركىيە قىسمىغا مۇقىم ئىگىلىك ھوقۇقى بېرىش. لېكىن ئۇندىن باشقا مىللەتلەر ئاپتونومىيىنى راۋاجلاندۈرۇش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش. داردانىل بوغۇزىنى خەلقئارانىڭ كاپالىتى ئاستىدا، بارلىق دۆلەتلەر كېمىلىرىنىڭ قاتنىشىغا مەڭگۈ ئېچىپ قويۇش. (13) مۇستەقىل پولشا قۇرۇش. ئۇ تالاش - تارتىشىمىز پولشا زېمىنىغا ۋە ئەركىن ھەم بىخەتەر دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىغا ئىگە بولۇش. (14) خەلقئارالىق بىرلەشمە تەشكىلات قۇرۇش ئارقىلىق، ھەرقايسى دۆلەتلەر دۆلەتنىڭ چوڭ - كىچىك بولۇشىغا قارىماي سىياسىي جەھەتتىن مۇستەقىل ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىش. 14 - 21 - يانۋارغىچە، ئاۋسترىيە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىدە ئومۇمىي ئىش تاشلاش يۈز بەردى. ۋېنادا ئىشچىلار سوۋېتى قۇرۇلدى، لېكىن ئۇنى ئوڭ قانات سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكىلەر چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى 18 - يانۋار ئاۋسترىيە باش ۋەزىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى، ۋېنا ئىشچىلار سوۋېتى 21 - يانۋاردىن باشلاپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلىدى. ھۆكۈمەت ساقچىلارنى ئىشقا سېلىش ۋاستىسىنى قوللىنىپ ئومۇمىي ئىش تاشلاشنى باستۇردى. 18 - يانۋار، روسىيە ئاساسىي قانۇن چىقىرىش مەجلىسى پېتروگرادتا ئېچىلدى، مەجلىس پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى قۇرۇلتايغا تاپشۇرغان، «ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىنغۇچى ئەمگەكچى خەلق ھوقۇقلىرى خىتاپنامىسى»نى مۇزاكىرە قىلىشنى رەت قىلدى. لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاساسىي قانۇن چىقىرىش مەجلىسىدىن چېكىپ چىقتى. 19 - يانۋار، پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى پەرمان جاكارلاپ، ئاساسىي قانۇن چىقىرىش مەجلىسىنى تارقىتىۋەتتى. 19 - 22 - يانۋارغىچە، فرانسىيە لىئون ئىشچىلىرى ئومۇمىي ئىش تاشلاش ئۆتكۈزدى. 20 - 27 - يانۋارغىچە، پۈتۈن روسىيە سوۋېتلىرىنىڭ 3 - قېتملىق قۇرۇلتىيىنى ئاچتى. قۇرۇلتاي 25 - يانۋاردا «ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىنغۇچى ئەمگەكچى خەلق ھوقۇقلىرى خىتاپنامىسى» نى تەستىتقلاپ، روسىيىنى روسىيە سوۋېت فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى دەپ ئېلان قىلدى. 27 - يانۋار، بىرقانچە سوتسىيالىستىك سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ سولچى ۋەكىللىرى پېتروگرادقا يىغىلىپ، ئىنتېرناتسىئونالىزمچىلارنىڭ خەلقئارا قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ 3 - ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى قارار قىلدى. يىغىن 2 - فېۋرال ئاخىرلاشتى. مۇشۇ كۈنى، فىنلاندىيە ئىنقىلابى پارتلىدى. فىنلاندىيە قىزىل گۋاردىيە ئەترەتلىرى ھېلىسنكىدا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ۋە بانكىلارنى ئىشغال قىلدى. 28 - يانۋار، فىنلاندىيە ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى - خەلق ۋەكىللىرى سوۋېتى قۇرۇلدى. ئوتتوكۇسنېن قاتارلىقلار ھۆكۈمەت ئەزاسى بولدى. ئىنقىلاب تېزلىكتە فىنلاندىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كەڭ رايونلار يەنىلا بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالدى. مۇشۇ كۈنى، سوۋېت روسىيە خەلق كومىسسارىياتى ئىشچى - دېھقان قىزىل ئارمىيىسىنى قۇرۇش پەرمانىنى تۈزدى. لېنىن 1 - فېۋرال ئېلان قىلىش تەستىقىنى سالدى. تروتىسكى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيە خەلق كومىسساسرلىقىغا، ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى. مۇشۇ كۈندىن باشلاپ، گېرمانىيىنىڭ بېرلىن ۋە ئۇندىن باشقا شەھەرلىرىدە ئۇرۇشقا قارشى ئىش تاشلاش ئۆتكۈزۈلدى. 1918 فېۋرال 1 -3 فېۋرالغىچە، ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە فلوتىنىڭ ماتروسلىرى كاتارو (كوتور) پورتىدا قوزغىلاڭ كۆتۈردى. قوزغىلاڭغا 40 ئۇرۇش پاراخوتى ۋە 6000 دىن ئارتۇق ماتروس قاتناشتى، قوزغىلاڭچىلار ماتروسلار ۋەكىللىرى سوۋېتىنى تەشكىللىدى. قوزغىلاڭچى ماتروسلار زېمىن بۆلۈشمەسلىك، تۆلەم تۆلىمەسلىكتەك ھەر تەرەپلىمە سۈلھ سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى دەرھال تەلەپ قىلدى. ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى ھەرقايسى مىللەت خەلقلىرىگە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ باش قوماندانلىق شتابى گېرمانىيە قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ياردىمىدە قوزغىلاڭنى باستۇرۇپ تاشلىدى. 2 - فېۋرالدا سوۋېت روسىيە خەلق كومىسسارىياتى سىياسى بىلەن دىننى، مەكتەپ بىلەن چېركاۋنى ئايرىش پەرمانىنى جاكارلىدى. ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، چېركاۋلارنىڭ ئىمتىيازلىق ھوقۇقلىرىنى، دۆلەتنىڭ چېركاۋلارغا بېرىدىغان ياردەم پۇلىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. 3 - فېۋرالدا پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى دۆلەت زايومىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پەرمانىنى جاكارلىدى. 6 - فېۋرالدا ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاياللارغا سايلام ھوقۇقى بېرىش قانۇنىنى ماقۇللىدى. 9 - فېۋرالدا پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى يەرلەرنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش پەرمانىنى جاكارلىدى. 10 - فېۋرالدا، پۈتۈن سىبىرىيە سوۋېتلىرىنىڭ 2 - قېتىملىق قۇرۇلتىيى سىبىرىيە ۋە يىراق شەرقتە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. مۇشۇ كۈنى، 1917 - يىلى 3 - دېكابردا باشلانغان گېرمانىيە ئاۋسترىيە گۇرۇھى بىلەن سوۋېت روسىيىنىڭ برېست - لىتوۋسىك سۆھبىتى توختىدى. 11 - فېۋرالدا، گېنېرال كالېدىننىڭ دوندىكى ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلىڭى تارمار قىلىندى. مۇشۇ كۈنى، سوۋېت روسىيە خەلق كومىسسارىياتى ئىشچى - دېھقان قىزىل دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇش پەرمانىنى جاكارلىدى. 18 - فېۋرالدا گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ئارمىيىسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سوۋېت روسىيىسىگە پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇم قوزغىدى، ھەم ھۇجۇمنى سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پېتروگرادقىچە مەركەزلەشتۈردى. 21 - فېۋرالدا، سوۋېت روسىيە خەلق كومىسسارىياتى «سوتسىيالىستىك ۋەتەن خەۋپ ئاستىدا» دېگەن مۇراجىئەتنامىنى ئېلان قىلدى. خەلقنى ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارلىق ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچنى سەپەرۋەر قىلىپ كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.پېتروگرادتا ياكوۋ مىخايلوزىچ سىۋېردىلوف رەھبەرلىكىدە ئىنقىلابىي دۆلەت مۇداپىيە كومىتېتى قۇرۇلدى. ھەم قىزىل ئارمىيە پىدائىي ئەسكەرلىككە تىزىمغا ئالدۇرغانلارنى ئەنگە ئېلىش خىزمىتىنى بېجىرىشنى باشلىدى. 23 - فېۋرالدا، سوۋېت روسىيىنىڭ پايتەختى پېتروگراد ۋە ئۇندىن باشقا شەھەرلەرنىڭ خەلقى ئاممىۋى يىغىن ئۆتكۈزۈپ، قىزىل ئارمىيىگە قاتناشتى. مۇشۇ كۈنى، قىزىل ئارمىيە پىسكوۋ ۋە نارۋا ئەتراپىدا گېرمانىيە ئارمىيىسنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىنى زەربە بىلەن قايتۇردى. ئەنە شۇ كۈرەشنىڭ غەلبىسىنى خاتىرلەش شەرىپىگە، سوۋېت دۆلىتى بۇ كۈننى «قىزىل ئارمىيە بايرىمى» كۈنى قىلىپ بېكىتتى. 1918 مارت 1 - مارت، روسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتى (خەلق سوۋېت ھۆكۈمىتى) دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 3 - مارت، سوۋېت روسىيىسىنىڭ يېڭى خادىملاردىن تەشكىللەنگەن سوۋېت ۋەكىللەر ئۆمىكى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە گۇرۇھى بىلەن برېست - لىتوۋىسكىدا سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىدى. گېرمانىيە، ئاۋسترىيە گۇرۇھى روسىيىنىڭ كۆلىمى 150 مىڭ كۋادرات كىلومېتردىن ئارتۇق كەڭ زېمىننى تارتىۋالدى. روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى 7 - قېتىملىق قۇرۇلىيىتىنى ئاچتى. لېنىن ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرۇش ۋ ە تىنچلىق توغرىسىدىكى قارارىنى ماقۇللىدى. قۇرۇلتاي روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنى روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى دەپ ئۆزگەرتىپ ئاتاشنى قارار قىلدى. 9 - مارت، سوۋېت ھۆكۈمىتى موسكۋاغا كۆچتى. 15 - مارت، پۈتۈن روسىيە سوۋېتلىرىنىڭ 4 - قېتىملىق پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيى «برېست سۈلھ شەرتنامىسى»نى تەستىقىلىدى، سوۋېت روسىيىسى جاھانگىرلىك ئۇرۇشتىن رەسمىي چېكىنىپ چىقتى. قۇرۇلتاي سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختىنى پېتروگرادتىن موسكۋاغا كۆچۈرۈشنى، پېتروگرادنى 1924 - يىلى 26 - يانۋاردىن باشلاپ لېنىنگراد دېگەن نام بىلەن ئۆزگەرتىپ ئاتاشنى قارار قىلدى. مۇشۇ كۈنى، ئەنگلىيە ئارمىيىسى مورمانىسكىدىن قۇرۇقلۇققا چىقتى، ئانتانتا دۆلەتلىرى روسىيە ئىنقىلابىغا ئاشكارا قوراللىق ئارىلىشىشقا باشلىدى. ئۇندىن كېيىن، ياپونىيە ۋە ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇققا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى 5 - ئاپرېل ۋلا دۋوستوكتىن قۇرۇقلۇققا چىقتى، ھەم 6 - ئىيۇل ۋلا دىۋوستوكنى ئۆز ئىگىدارچىلىقىغا ئالدى. ئارقىدىنلا، ئانتانتا دۆلەتلىرى ئارمىيىسى 3 - ئاۋغۇست سوۋېت روسىيىسىنىڭ يىراق شەرق رايونلىرىغا قوراللىق مۇداپىئە يۈرگۈزۈش خىتاپنامىسى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا ئارمىيىسىمۇ 16 - ئاۋغۇست ۋلا دىۋوستوكتىن قۇرۇقلۇققا چىقتى. 21 - مارت ( تىن 4 - ئاپرېلغىچە ) گېرمانىيە ئارمىيسى غەربىي سەپتە ئاميېن رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئەنگلىيە ئارمىيسىنىڭ بازىسىغا 40 ئىنگلىز لىسى ئىچكىرىلەپ كىردى. كېيىن فرانسىيە ئارمىيسى نۇرغۇنلىغان زاپاس قىسىملىرىنى ئۇرۇشقا سلېىپ، گېرمانىيە ئارمىيسىنى ھۇجۇمنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلغانلىقتىن، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاميېننى تارتىۋېلىش پىلانى مەغلۇپ بولدى. 1918 ئاپرېل 3 - ئاپرېل، گېرمانىيە ئارمىيسىنىڭ «بالتىق دېڭىز دىۋىزىيىسى» خانكودىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، فىنلاندىيە ئىنقىلابىنى باستۇردى، ھەم 13 - ئاپرېل فىنلاندىيە پايتەختى ھېلىسىنكىنى ئىشغال قىلدى. ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت ۋېبورگقا كۆچتى، 29 - ئاپرېل ۋېبورگ قولدىن كەتتى، فىنلاندىيە ئىنقىلابى ئاساسەن ئۈچ ئاي ياشاپ، ئاخىر ئىچكى - تاشقى ئەكسىيەتچىلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. 8 - ئاپرېل، سوۋېت روسىيە خەلق كومىسسارىياتى يېزىلىق،ناھىيىلىك، ئۆلكىلىك مەمۇرىي رايونلاردا ھەربىي كومىتېتىنىڭ بۆلۈملىرىنى تەسىس قىلىش پەرمانىنى ئېلان قىلدى. 22 - ئاپرېل، سوۋېت روسىيە خەلق كومىسسارىياتى يەنە تاشقى سودىنى دۆلەت ئىجتىيارىغا ئېلىش پەرمانىنى ئېلان قىلدى. 28 - ئاپرېل، سوۋېت روسىيە «ھەقىقەت گېزىتى» ۋە «خەۋەر گېزىتى» لېنىننىڭ «سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىلىرى» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. 1918 ماي 1 - ماي، برازىلىيىنىڭ رىئو - دې - ژانېيرو ئەمگەكچىلىرى ئاممىۋى يىغىن ئۆتكۈزدى. ئۇندىن كېيىن يەنە، برازىلىيىنىڭ نىتېروي ۋە رىئو - دې - ژانېيرو ئىشچىلىرى مۇشۇ يىلى نويابردا ئومۇمىي ئىش تاشلاش ئېلىپ باردى، رىئو - دې ژانېيرو ئەمەكچىلەر ئىتتىپاقى 11 - دېكابردا تارقىتىۋېتىلدى، لېكىن ئالېگرې پورتىدا «كوممۇنىزم مەركىزىي» تەشكىلاتى قۇرۇلدى. 7 - ماي، رومىنيە گېرمانىيە - ئاۋسترىيە گۇرۇھى بىلەن بۇخارېستتا سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 9 - ماي، سوۋېت روسىيە ھۆكۈمىتى ئاشلىقنى مەخسۇس باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشنى قارار قىلىپ، ئاشلىق خەلق كومىسسارىياتىنىڭ بۆلۈملىرىگە پەۋقۇلئاددە ئاشلىق سېتىۋېلىش ھوقۇقى بەردى. 14 - ماي، فرانسىيە گېنېرالى فۇش فېردىناند غەربىي فرونت ئىتتىپاقچى ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، غەربىي فرونت ئۇرۇش مەيدانىدىكى فرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا قوماندانلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. 27 - ماي ( 5 - ئىيۇنغىچە)، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ چېمىن دېس دامېس - ئېر نبورگدا قوزغىغان ھۇجۇمنى فرانسىيە، ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيسى توسۇپ قالدى. 29 - ماي، پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى ئىشچىلار ۋە كەمبەغەل دېھقانللارنى ئومۇميۈزلۈك قىزىل ئارمىيىگە قاتنىشىشقا سەپەۋەر قىلىش توغرىسىدا پەرمان ئېلان قىلدى. مۇشۇ ئايدا، كېرتائۇن - قاھىرە تۆمۈريولى لۇئالابا دەرياسى بويىدىكى بۇ كاماغىچە ياسالدى. 1918 ئىيۇن 11 - ئىيۇن، پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە خەلق كومىسسارىياتى يېزا كەمبەغەللىرىنى ئاشلىق، كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە دېھقانچىلىق سايمانلىرى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا، يېزا - كەنتلەردە كەمبەغەل دېھقانلار كومىتېتلىرىنى قۇرۇش توغرىسىدا پەرمان جاكارلىدى. كەمبەغەل دېھقانلار كومىتېتى پرولتارىيات دىكتاتۇرىسىنىڭ يېزىلاردىكى بازىسىغا ئايلىنىپ، سوتسىيالىستىك ئىنىقىلابىنىڭ يېزىلاردا چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلدى. 24 - 25 - ئىيۇنغىچە، ۋېنگرىيە پايتەختى بۇد پېشتتا ئىشچىلار سوۋېتى قۇرۇلدى. 26 - ئىيۇن، سوۋېت روسىيە خەلق كومىسسارىياتى روسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق مائارىپ ئىشلىرى توغرىسىدا نىزام ماقۇللاپ، ئانا تولى لوناچارسكىنى مائارىپ خەلق كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىگە تەيىنلىدى. 28 - ئىيۇن،سوۋېت روسىيە خەلق كومىسسارىياتى چوڭ كارخانا ۋە تۆمۈريول ترانسىپورت كارخانىلىرىنى دۆلەت ئىختىيارغا ئېلىش پەرمانىنى ئېلان قىلدى. 1918 ئىيۇل 4 - 10 - ئىيۇلغىچە، پۈتۈن روسىيە سوۋېتلىرىنىڭ 5 - قېتىملىق قۇرۇلتىيى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن مەزگىلىدە، 6 - 7 - ئىيۇل ئىككى كۈن سولچى سوتسىيال ئىنقىلابىي پارتىيىدىكىلەرنىڭ قوزغىغان توپىلىڭى تىنچىتىلدى. پۈتۈن روسىيە سوۋېتلىرىنىڭ 5 - قېتىملىق قۇرۇلىيىتى سولچى سوتسىيال ئىنقىلابىي پارتىيىدىكىلەرنى پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېت ۋە سوۋېتلەردىن ھەيدەپ چىقىرىشنى قارار قىلدى. 10 - ئىيۇل، پۈتۈن روسىيە سوۋېتلىرىنىڭ 5 - قېتىملىق قۇرۇلتىيى روسىيە سوۋېت فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنڭ ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللىدى. تۇنجى سوۋېت ئاساسىي قانۇنى دۇنياغا كەلدى. 15 - 16 - ئىيۇنغىچە، گېرمانىيە ئارمىيىسى رېيمىس بويلىرىدا ھۇجۇم قوزغىدى. مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. 18 - ئىيۇل، فرانسىيە ئارمىيسى غەربىي سەپتىكى ۋېلى - كوتلى رايونىدا قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى. شۇندىن باشلاپ، غەربىي ياۋروپانىڭ ستراتېگىيىلىك تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ئانتانتا دۆلەتلىرى بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتتى. مۇشۇ ئايدا، ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە دۆلەتلىرىدە ئىشچىلار كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلىدى ۋە نامايىس ئۆتكۈزدى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى «مونتاگۈ - چېلىمىسفۇرت دوكلات خېتى»نى ئەنگلىيە دۆلەت مەجلىسىگە تاپشۇردى. ھىندىستان ئاساسىي قانۇننى ئىسلاھ قىلىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لايىھىدە ھىندىستان پارلامېنتى باش نازارەتچى، دۆلەت ئىشلىرى يىغىنى ۋە قانۇن چىقىرىش مەجلىسىدىن تەركىب تاپىدۇ. دۆلەت ئىشلىرى يىغىنىنىڭ 60 نەپەر ئەزاسىنىڭ 20 نەپىرىنى باش نازارەتچى بىۋاستە تەيىنلەيدۇ. ئاساسىي قانۇن چىقىرىش مەجلىسىنىڭ 140 نەپەر ئەزاسىدىن 100 نەپىرى سايلام ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ، 40 نەپەرنى باش نازارەتچى تەيىنلەيدۇ. باش نازارەتچىدە پارلامېنتنى ئىنكار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى «ئىككى ھۆكۈمەتچىلىك تۈزۈمى» نى يۈرگۈزىدۇ. ئۆلكە نازارەتچىسى تەيىنلىگەن ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى كومىتېت مالىيە، ئەدلىيە قاتارلىق چوڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى «ساقلاپ» قالىدۇ، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىشلارنىڭ ھوقۇقى ھىندىستان كومىتېتىغا «تاپشۇرۇپ» بېرىلىدۇ، لېكىن ئۆلكىلىك قانۇن چىقىرىش پارلمېنت ئەزالىرىنىڭ 70 پىرسەنتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. ئەنگىلىيە قاراشلىق ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ لايىھىنىڭ 1919 - يىلى 23 - دېكابر رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، يېڭى پارلامېنت يىغىنى 1921 - يىلى فېۋرالدا دېھلىدا ئېچىلدى. ھىندىستان كۆنگىرىستىلار پارتىيىسى بۇ ئاساسىي قانۇننى ئىسلاھ لايىھىسىگە بايقۇت قىلىشنى قارار قىلدى. 1918 ئاۋغۇست 8 - ئاۋغۇست، ئانتانتا دۆلەتلىرى غەربىي سەپتە ھۇجۇم قوزغىدى. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ پۈتۈن سەپلىرى تۇراقسىزلىشىپ، كۆپلىگەن قىسىملارنىڭ قوماندانلىرى ۋە شتاب خادىملىرى ئەسىرگە چۈشۈپ، قىسملارنىڭ قوماندانلىق سىستېمىلىرى يىمىرىلدى. 29 - ئاۋغۇست، روسىيە سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكىلەر ۋ. ئى. لېنىنغا قەست قىلدى. لېنىن ئېغىر يارىدار بولدى. مۇشۇ ئايدا، ياپونىيىدە «گۈرۈچ توپىلىڭى » پارتلىدى، توپىلاڭ بورىنى توياما ناھىيىسىدىكى بىر كىچىك بېلىقچىلار كەنتىدىن باشلىنىپ، تېزلىكتە پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيدى. بۇ قېتىمقى توپىلاڭغا جەمئىي 10 مىليوندىن ئارتۇقراق ئادەم قاتناشتى. 1918 سېنتەبر 2 - سېنتەبر، پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنى بىرلىككە كەلگەن ھەربىي لاگېر دەپ ئېلان قىلدى. جۇمھۇرىيەتلەر ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتى قۇرۇلدى. 5 - سېنتەبر، شەرقىي سەپتە قىزىل ئارمىيە ھۇجۇم قوزغىدى. 10 -12 - سېنتەبرگىچە، قىزىل ئارمىيە قازان ۋ ە سېمبىرسكىنى ئازاد قىلدى. 15 - سېنتەبر، تۈركىيە ئارمىيىسى بالقان فرونتىدا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، سالانىكا سېپىنى بۆسۈپ ئۆتتى. گېرمانىيىنىڭ 11 گۇرۇپپىۋى ئارمىيسى ماكېدونىيىدە پۈتۈنلەي ئەسىرگە چۈشتى، بۇلغارىيە ئارمىيىسى مەغلۇپ بولۇپ بۇلغارىيە ھۆكۈمىتى تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى. 18 - سېنتەبر (26 - ئۆكتەبرگىچە)، ئەنگىلىيە ئارمىيىسى سۈرىيە ۋە مېسوپوتامىيە سەپلىرىدە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، 1 - ئۆكتەبر دە مەشقنى ئىشغال قىلدى. ئارقىدىنلا يەنە ( 7 - ئۆكتەبر)، بېيرۇتنى ئالدى. ھەم كىرگۈك ئەتراپىدا مېسوپوتا مىيىدىكى تۈركىيە ئارمىيىسىنى يوقاتتى. 20 - سېنتەبر، سوۋېت روسىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە نوتا تاپشۇرۇپ، «برېست سۈلھ شەرتنامىسى» دىكى روسىيە - تۈركىيە مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار قىسملارنى ئەمەلدىن قالدۇردى. مۇشۇ كۈنى، ئاق باندىتلار ئەنگلىيە قوراللىق مۇداخىلىچىلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كراسنوۋودىسكى ئەتراپىدا 26 نەپەر باكۇ ئىنقىلابچىسىنى ئۆلتۈردى. 22 - سېنتەبر، ئانتانتا دۆلەتلىرى ئارمىيىسى غەربىي سەپتە ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى. گېرمانىيە ئارمىيىسى ئىلاجىسىز ئىككىنچى يول مۇداپىئە سېپىگە چېكىندى. 30 - سېنتەبر بۇلغارىيە ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن سالانكادا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇلغارىيە ئارمىيىسى گرېتسىيە ۋە سېربىيىدىن چېكىنىپ چىقىتى ھەم ئارمىيىنى ھەربىي سەپتىن چېكىندۈردى، ئانتانتا دۆلەتلىرى ئارمىيىسى بۇلغارىيىنىڭ بارلىق ئاھالىلەر رايونلىرىنى ئىشغال قىلىش، بۇلغارىيىنىڭ پۈتكۈل قاتناش - ترانسىپورت قوراللىرىنى ئىشلىتىش، ھەم بۇلغارىيە زېمىنىدا ئۇرۇش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. 1918 ئۆكتەبر 4 - ئۆكتەبر، تۈركىيە ئارمىيىسى مەغلۇپ بولدى، تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى ئەنۋەر بەي گېرمانىيىگە قېچىپ كەتتى. 5 - ئۆكتەبر، گېرمانىيە ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قولايلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىدى. گېرمانىيە شاھزادىسى بادون ماكىس ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى شېيدىمان فىلىپ ۋە بائور گوستاۋ يېڭى ھۆكۈمەتكە قاتناشتى. يېڭى باش ۋەزىر شۋېتسارىيە ئارقىلىق ۋىلسون زۇڭتۇڭغا تېلېگرام يوللاپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى ۋە «14 نۇقتا» ئاساسىدا سۈلھ شەرتنامە تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىمۇ گېرمانىيە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرگە قوشۇلدى. مۇشۇ كۈنى، سېربىيە - كروئاتىئە - سىلوۋېنىيە پارلامېنتىزاكرېبتا يىغىن ئاچتى. 7 - ئۆكتەبر، فرانسىيە ئارمىيىسى بېيرۇتنى ئىشغال قىلدى، ئۇزۇنغا قالماي ئەنگلىيە ئارمىيىسىمۇ بېيرۇتقا كىرىپ ئورۇنلاشتى. پايسال سۈرىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇشۇ كۈنى گېرمانىيىدىكى «سىپارتاك ئىتتىپاقى» ۋە برېمىن سولچى رادىكاللار پارتىيىسى پۈتۈن گېرمانىيە پرولېتارىياتى ئىنقىلابىي ئاۋانگارت قوشۇنىنىڭ سىياسىي كۈرەش پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقتى. تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى: سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىش، ھەربىي ھالەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۇرۇش قەرزىنى بىكار قىلىش، بانكا، كان، دومىناپېچ ۋە چوڭ يەر - مۈلۈكنى بىكار قىلىش، بانكا، كان، دومىناپېچ ۋە چوڭ يەر - مۈلۈكنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش، خىزمەت كۈنىنى قىسقارتىش، گېرمانىيە سۇلالىسىنى ۋە بارلىق مۇستەقىل شتاتلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 14 - ئۆكتەبر، چېخوسلوۋاكىيە ۋە موراۋىيە ئومۇميۈزلۈك سىياسىي ئىش تاشلاش ئۆتكۈزۈپ، چېخورسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. مۇشۇ كۈنى، پارىژدا تەسىس قىلىنغان چېخوسلوۋاكىيە مىللىي كومىتېتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. توماس گارىگ ماسارىك زۇڭتۇڭلۇققا، ئېدۋاد بېنېس تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىدى. 17 - ئۆكتەبر، ۋېنگرىيە پارلامېنتى ۋېنگرىيىنىڭ ئاۋىسترىيدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى، لېكىن ئاۋسترىيە بىلەن ئورتاق بىر پادىشاھلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 21 - ئۆكتەبر، ئاۋسترىيە دۆلەت مەجلىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋاقىتلىق مىللىي كېڭەش قۇردى. 24 - 29 - ئۆكتەبرگىچە، ئىتالىيە ئارمىيىسى پىياۋې دەرياسىغا ھۇجۇم قىلدى. 28 - ئۆكتەبر، گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق شتابى گېرمانىيە دېڭىز فلوتىغا دېڭىز چىقىپ، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇق بەردى. گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ماتروسلىرى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ فلوتنى پورتقا قايتۇرۇپ كىرىشنى تەلەپ قىلدى. قوماندانلىق شتاپ بۇيرۇقنى قايتۇرۇۋالدى. فلوت كىل ۋە ۋىليام پورتلىرىغا قايتىپ كىرىشكە باشلاش بىلەن، قوماندانلىق شتاب ماتروسلارغا زىيانكەشلىك قىلدى. بۇ 3 - نويابر كىل ماتروسلار قوزغىلىڭىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولدى. كىل ماتروسلىرى «ھاۋالە كومىتېتى» نى سايلاپ ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلدى. كىل ماتروسلىرىنى باستۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ قىسىملىرى قوزغىلاڭچىلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. ھەر قايسى پاراخوتلاردا سوۋېتلەر قۇرۇلۇپ، قىزىل بايراق چىقىرىلدى. كىل شەھىرىنىڭ پۈتكۈل ھوقۇقى قۇراللىق ماتروسلار، ئەسكەرلەر ۋە ئىشچىلارنىڭ قوللىشىدىكى سوۋېتلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئارقىدىنلا ئىنقىلاب باشقا بىر قىسىم شەھەرلەرگە كېڭەيدى، 4 - 8 - نويابرغىچە، برېمېن، ھامبۇرگ، ئېسسېن، كيۇلىن، مىيۇنخېن، كۇكسىھافىن، ليۇبېك، روستوك، برائونشۋېيگ، درېزدىن، لېيىپسېگ قاتارلىق شەھەرلەردە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، سوۋېتلەر قۇرۇلدى. مۇشۇ كۈنى، پولشا رايونى ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلدى، كراكوۋتا پولشا بۇرژۇئالىرى ۋە پومېشچىكلىرىنىڭ «ھېساب ئېلىش كومىتېتى» قۇرۇلۇپ، ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلىدى؛ پراگا مىللىي كومىتېتى مۇستەقىل چېخوسلوۋاكىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، مىللىي كومىتېت ئەڭ ئالىي ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. ئارقىندىنلا، سلوۋاكىيە مىللىي كېڭىشى (30 -ئۆكتەبر) خىتاپنامە ماقۇللاپ، بىرلىككە كەلگەن چېخۇسلوۋاكىيە دۆلىتىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى. 29 - ئۆكتەبر، سوۋېت روسىيە ئىشچى - دېھقان ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى موسكۋادا ئېچىلىپ، روسىيە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلدى. مۇشۇ كۈنى، گېرمانىيە پادىشاھى ۋىليام II دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەلىپى بىلەن تەختتىن چۈشۈپ بېرلىندىن ئايرىلىپ، سىبادا تەسىس قىلىنغان گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شتابىغا باردى؛ زاگرېب شەھەرلىك خەلق پارلامېنتى جەنۇبتىكى بارلىق سىلاۋىيانلار رايونلىرىنىڭ ئاۋسترىيە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ، سىلوۋېنىيە - كروئاتىيە - سېربىيە مۇستەقىل پادىشاھلىقى بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 30 - ئۆكتەبر، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق ئانتانتا دۆلەتلىرى تۈركىيە بىلەن مۇدروس دېڭىزىدىكى ئەنگلىيىنىڭ ئوكيان چارلاش پاراخوتى «ئاگا مېمنون» نىڭ ئۈسىتدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. مۇشۇ كۈنى كېچىدە، ۋېنگرىيىدە ئىنقىلاب پارتلىدى. قوزغىلاڭچى ئىشچىلار ۋە ئەسكەرلەر بۇدا پېشتتىكى كۆۋرۈك، پوچتا ئىدارىسى، تېلېگراف ئىدارىسى، ھەربىي ئوق - دورا ئىسكىلاتلىرى ۋە شەھەرلىك گارنىزون قوماندانلىق شتابىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم ستراتېگىيىلىك بازىلارنى ئىگىلەپ، مۇستەقىل ۋېنگىرىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. مۇشۇ يىلى، 16 - نويابردا ۋېنگرىيە جۇمھۇرىيىتى رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، مىخائىل كارولى باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى (1919 يىل 11 - يانۋار) تەشكىللەپ، ھابۇسبۇرگ خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. 30 - 31 - ئۆكتەبر، ۋېنادا ئىنقىلاب پارتلاپ سوۋېت قۇرۇلدى. ئاۋسترىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەشكىللىنىپ، ھابۇسبۇرگ خاندانلىقى ئاخىرلاشتى. 31 - ئۆكتەبر، سوۋېت روسىيە خەلق كومىسسارىياتى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى. 1918 نويابر 1 - نويابر، غەربىي ئوكرائىن جۇمھۇرىيىتى لىۋوتاردا قۇرۇلدى. 3 - نويابردا ئاۋسترىيە كوممۇنىستىك پارتىيسى قۇرۇلدى. شۇ كۈنى، ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە باش قوماندانلىق شتابى ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن پادۇيىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى؛ ۋارشاۋا پولشا جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. پولشا مۇۋەققەت ھاكىملىق قىلىش يىغىنى 14 - نويابر پۈتۈن ھەربىي ھوقۇقىنى يۈسۈف پىلسۇدىسكىغا تاپشۇرغاندىن كېيىن ئىستېپا بەردى. پولشا ئارمىيىسى پىلسۇدىسكىنىڭ قوماندانلىقىدا گالىتسىيىگە قاراپ ئىلگىرىلىدى، ھەم 27 -، 28 - دېكابر ئىككى كۈندە ليۇبلىن (يەنى پۇزنان)نى ئىشغال قىلدى. 5 - نويابر، پولشا ليۇبلىن سوۋېتى قۇرۇلدى. مۇشۇ ئاينىڭ دەسلىپىدە، پۈتكۈل پولشادا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 120 سوۋېت قۇرۇلدى. 7 - نويابر، گا؛قتسقۇە - سىلېزىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كاتتىبېشى ئىگناگې داشنىسكى باشچىلىقىدىكى «خەلق ھۆكۈمىتى» ليۇبلىندا قۇرۇلدى. «خەلق ھۆكۈمىتى» گە يەنە سولچى سوتسىيال پارتىيىدىكىلەر بىلەن «ئازاد» پارتىيىدىكىلەر قاتناشتى. ليۇبلىن ھۆكۈمىتى پولشىنى خەلق جۇمھۇرىيىتى دەپ ئېلان قىلدى. 7 - 8 - نويابر، مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى كۇرت ئېيسىنېر رەھبەرلىكىدە ميۇنخېندا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. باۋارىيە پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، باۋارىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. 8 - نويابر، گېمانىيە «سىپارتاك ئىتتىپاقى» ۋە بېرلىن ئىشچىلار سوۋېتى ئىجرائىيە كومىتېتى ئىشچى ۋە ئەسكەرلەرگە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. مۇشۇ كۈنى، گېرمانىيە شاھزادىسى بادون ماكىس كابىنېتى بىر مەيدان ئىچكى ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن گېرمانىيە پادىشاھى ۋىليام II نى ئورۇن بوشىتىشقا قىلغان تەۋسىيىسى، رەت قىلىشقا ئۇچرىدى، 9 - نويابر، سەھەردە بېرلىندا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى ۋە ئەسكەرلەر شەھەر مەركىزىگە قاراپ ئاقتى. خەلق قوزغىلىڭىنىڭ بېسىمى بىلەن، فرېدرىخ ئىبېرىت ۋە فىلىپ شېدمان باشچىلىقىدىكى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭ گۇرۇھى ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالدى، ھەم 9 - نويابر چۈشتە گېرمانىيىتى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت دەپ ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ۋىليام II گوللاندىيىگە قېچىپ كەتتى. «سپارتاك ئىتتىپاقى» نىڭ مەركىزىي ئورگان گېزىتى «قىزىل بايراق گېزىتى» نەشىردىن چىقتى. چۈشتىن كېيىن، كارل لىبكىنخىت گېرمانىيىنى ئەركىن سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت دپ جاكارلىدى. 10 - نويابر، بېرلىندا سوۋېتلەرنىڭ 1 - قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى ئېچىلىپ، بېرلىن سوۋېتىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى سايلاپ چىقىلدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى - خەلق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەر كومىتېتى بېرلىندا قۇرۇلدى. يېڭى ھاكىمىيەت مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن ئوڭ قانات سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ بىرلەشمە ھۈكۈمىتى بولدى. 11 - نويابر، گېرمانىيە ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن «كومېپېن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى. 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. 1 - دۇنيا ئۇرۇشى تۆت يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتى، ئۇرۇشقا 34 دۆلەت، جەمئىي 1 مىلياردتىن ئارتۇق ئاھالە قاتناشتى. تەخمىنەن 70 مىليون ئادەم ئۇرۇشقا بىۋاسىتە قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىليون ئادەم ئۇرۇشتا ئۆلدى، 20 مىليون ئادەم يارىدار بولدى، ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىۋاسىتە ھەربىي چىقىمى 2 تىرليون 8 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. مۇشۇ كۈنى، رۇمىنىيە ھۆكۈمىتى گېرمانىيە بىلەن ئىمزالانغان «برېست سۈلھ شەرتنامىسى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قايتىدىن ئۇرۇشقا قاتناشتى، ھەم ترانسىلۋانىيىنى ئىشغال قىلدى؛ پولشا ۋارشاۋا سوۋېتى قۇرۇلدى. 12 - نويابر، ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 13 - نويابر، گېرمانىيىدە ئەكسىيەتچىل تەشكىلات «پولات قالپاق ئىتتىپاقى» قۇرۇلدى. مۇشۇ كۈنى، پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى «برېست سۈلھ شەرتنامىسى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى؛ مىسىردا سەيىد زاگلول پادىشاھ باشچىلىقىدىكى ۋەفدۇن پارتىيىسى قۇرۇلدى، ھەم ئەنگلىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ۋالىيسىغا مىسىرغا مۇستەقىللىك بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغۇچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەشكىللىدى. 14 - نويابر، ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللەر يىغىنى بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن چېكىنىپ چىقىش قارارىنى ماقۇللىدى. مۇشۇ كۈنى، چېخوسلوۋاكىيە مۇۋەققەت مىللىي يىغىنى ئېچىلىپ، چېخوسلوۋاكىيە مۇۋەققەت مىللىي يىغىنى ئېچىلىپ، چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. توماس گارىگ ماسارىك جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. 15 - نويابر، گېرمانىيىدە زاۋۇت خوجايىنلىرى «پۈتۈن گېرمانىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمە يىغىنى» نىڭ رەھبەرلىرى بىلەن «خىزمەت ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالىدى. مونوپول كاپىتالىستلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، سەككىز سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمى ۋە كوللېكتىپ توختاملارنى تۈزۈش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئېتىراپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق ئەمگەك ئىش ھەققى توقۇنۇشلىرىنى كېسىم شەكلى ئارقىلىق ھەل قىلشنى بەلگىلىدى. 20 - نويابر، ۋېنگرىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلدى. 23 - 27 - نويابرغىچە، ئەنگلىيە، فرانسىيە مۇداخىلىچى ئارمىيىسى نوۋوروسىسىيىسكى، سېۋا ستوپول ۋە ئودېسسىدىن قۇرۇقلۇققا چىقتى. 24 - نويابر، زاگرېب خەلق پارلامېنتى ئىلگىرى ئاۋسترىيە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولغان جەنۇبتىكى سىلاۋىيانلار رايونىنى سېربىيىگە قوشۇشنى قارار قىلدى. 27 - نويابر، بېسسارابىيە مىللىي كېڭىشى شەرتسىز ھالدا رۇمىنىيىگە قوشۇلۇشنى قارار قىلدى. 28 - نويابر، بوكوۋېنا مىللىي كېڭىشى رۇمىنىيىگە قوشۇلۇش قارارىنى ماقۇللىدى. 29 - نويابر، ئېستونىيە ئەمگەك كوممۇنىسى - ئېستونىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى كارۋادا قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. 30 - نويابر، دانىيە فېدېراتىپ قانۇنغا ئاساسەن، ئىسلاندىيىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. مۇشۇ كۈنى، پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى ۋ. ئى. لېنىن رەھبەرلىكىدىكى ئىشچى - دېھقان دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى قۇرۇشنى قارار قىلدى. 1918 دېكابر 1 - دېكابر، ترانسىلۋانىيە بىلەن بىرلاد رۇمىنىيىگە قوشۇلۇشنى قارار قىلدى. 2 - دېكابر، ترانسىلۋانىيە دېھقانلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى يولئۇس مانىئۇ رۇمىنىيە كابىنېتىنى تەشكىللىدى، بىراق 14 - دېكابر ئورنىنى لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ داھيىسى لىئون بىراتىيانو كابىنېتىغا بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. لىبېرالىستلار پارتىيىسى كونا پادىشاھلىق دۆلەتنىڭ سودا - سانائەتچىلەر سىنىپى بىلەن ئەركىن كەسپىداشلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. 4 - دېكابر، سېربىيە - كروئاتىيە - سىلوۋېنىيە پادىشاھلىقى رەسمىي قۇرۇلدى (1929 - يىلدىن باشلاپ نامنى يۇگۇسلاۋىيىگە ئۆزگەرتكەن). پادىشاھلىقنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كابىنېتى 20 - دېكابر قۇرۇلدى. 6 - دېكابر، بېرلىندا، ئەكسىيەتچىل توپىلاڭ يۈز بەردى، گېرمانىيىدىكى ئەكسىيەتچى ئوفىتسېرلار تەشكىللىگەن »پىدائىي قوشۇن» لار تىنچ نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتقان ئەسكەرلەر قوشۇنىنى ئوققا تۇتۇپ، «قىزىل بايراق گېزىتى»نىڭ تەھرىر بۆلۈمىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، بېرلىن سوۋېتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى قولغا ئايلاندى. بېرلىن ئىشچىلىرى «سىپارتاك ئىتتىپاقى»نىڭ چاقىرىقى ۋە رەھبەرلىكىدە زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭنى تارمار قىلىپ، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قولغا ئېلىنغان ئەزالىرىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى. 8 - دېكابر، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق ئانتانتا دۆلەتلىرى تۈركىيىنىڭ پايتەختى كونىستانتىنو پولغا ھەربىي ئىشغالىيەت ۋە ھەربىي ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. 14 - دېكابر، ئەنگلىيىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، لىبېرالىستلار پارتىيىسى بىلەن كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ئىتتىپاق تۈزدى، ھەم مۇتلەق كۆپ سانلىق ئورۇننى قولغا كەلتۈردى. كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ئىتتىپاقتا يېتەكچى ئورۇنغا چىقتى. 16 - دېكابر، لىتۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. مۇشۇ كۈنى، رۇمىنىيە ئومۇمىي سايلام ھوقۇقى قانۇنىنى جاكارلىدى؛ پولشا پادىشاھلىقى - لىتۋا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن پولشا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ سول گۇرۇھى بىرلىككە كەلگەن كوممۇنىستىك پارتىيە بولۇپ بىرلىشىپ، پولشا كوممۇنىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى دەپ ئاتالدى (1925 - يىلدىن باشلاپ نامىنى پولشا كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتتى). 16 - 21 - دېكابرغىچە، پۈتۈن گېرمانىيە ئىشچى ئەسكەرلەر سوۋېتىنىڭ قۇرۇلتىي بېرلىندا ئېچىلدى، ئوڭچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكىلەر قۇرۇلتايدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى. «سىپارتاك ئىتتىپاقى» ئىشچىلار ئۆتكۈزگەن 250 مىڭ كىشىلىك نامايىشقا رەھبەرلىك قىلىپ، پۈتۈن ھاكىمىيەتنىڭ سوۋېتلەرگە مەنسۇپ بولۇشنى، ئەكسىيەتچى قوراللىق كۈچلەرنى تارقىتىپ تاشلاشنى، ھەم ئىشچىلارنى قوراللاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى مەركىزىي سوۋېتلەرنى سايلاپ چىقتى. بىراق ئۇ پەقەت ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. ھاكىمىيەت سوۋېتلەرنىڭ قولىغا بېرىلمىدى. 17 - دېكابر، لاتۋىيە مۇۋەققەت ئىشچى - دېھقانلار ھۆكۈمىتى لاتۋىيىدە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىش خىتاپنامىسىنى ئېلان قىلدى. 23 - دېكابر، رۇمىنيە بېسارابىيىنى ئىشغال قىلدى. 27 - دېكابر، مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكىلەر گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن چېكىنىپ چىقتى. 29 - دېكابر، «سىپارتاك ئىتتىپاقى» مەخپىي ھالدا مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىنى ئېچىپ، مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىن ئايرىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە قۇرۇشنى قارار قىلدى.30 - دېكابر (1919 - يىل 1 - يانۋارغىچە) گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇش قۇرۇلتىي بېرلىندا ئېچىلدى. كارل لىبكىنخىت قۇرۇلتايدا «مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كرىزىسى ۋە گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قورۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا» دوكلات بەردى. روسا ليوكسېمبۇرگ «پروگرامما ۋە سىياسىي ۋەزىيەت» توغرىسىدا دوكلات بەردى. قۇرۇلتاي مۇستەقىل سىياسىي پارتىيە قۇرۇش قارارىنى ماقۇللىدى. گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى (سىپارتاك ئىتتىپاقى) دېگەن نام قۇيۇلدى. 30 - 31 - دېكابرغىچە، بېلو روسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى 1 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىنى ئاچتى. مۇشۇ ئايدا (1919 - يىلى يانۋارغىچە) ھىندىستاننىڭ بومباي توقۇمچىلىق ئىشچىلىرى ئومۇمىي ئىش تاشلاش ئۆتكۈزدى. مۇشۇ يىل (1920 - يىلىغىچە) سوۋېت روسىيىسىدە گراژدانلار ئۇرۇشى بولدى. 1918 - يىلنىڭ دەسلىپىدە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ مۇداخىلىچى ئارمىيىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، سوۋېت دۆلىتىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، زور بىر قىسىم جايلارنى بېسىۋالدى، ھەم قورچاق ھاكىمىيەتلەرنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئىچكى ئۇرۇش قوزغىدى. سوۋېت ھاكىمىيىتى ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ مېۋىلىرىنى قوغداشقا مەجبۇر بولدى. ئۇرۇش 1920 يىلنىڭ ئاخىرغىچە داۋاملىشىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق مۇداخىلچىلارنىڭ ئاساسىي كۈچى يوقىتىلدى. جاھانگىرلارنىڭ ئۈچ قېتىملىق قوراللىق مۇداخىلىسىنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. سوۋېتنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ئالتە قېتىم بولدى: (1) كازاك ئۇرۇشى. 1918 - يىلى 13 - فېۋرالدا، دون كازاكلىرىنىڭ قوماندانى ئالېكسې كالېدىن قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى، ئارقىندىنلا يەنە مۇشۇ يىلى 13 - ئاپرېلدا كورنىلوۋ ئۇرۇش مەيدانىدا قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ئانتون دېنىكىن ئاق باندىتلار ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبىي فرونت قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى. پېتر كراسنوۋ مۇشۇ يىلى 11 - مايدا كازاكلارنىڭ قوماندانى بولۇپ تەيىنلەندى. (2) ئوكرائىن ئۇرۇشى. 1918 - يىلى 28 - يانۋاردا، ئوكرائىن بۇزژۇئا مىللەتچىلىرى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، روسىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەم 9 - فېۋرال گېرمانىيە ئاۋسترىيە گۇرۇھى بىلەن مۇستەقىل سۈلھ تۈزدى. قىزىل ئارمىيە 18 - فېۋرال قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى، كىيېۋ خەلقىمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، كىيېۋنى تارتىۋالدى. بىراق گېرمانىيە ئارمىيىسى يەنە 2 - مارت كىيېۋنى بېسىۋالدى، ھەم تاجاۋۇزچىلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، 13 - مارت ئودېسسانى ئىشغال قىلىۋالدى. پۈتكۈل ئوكرائىننى كونتروللۇققا ئېلىپ، پاۋېل سكورو - پادىسكىي باشچىلىقىدىكى ئوكرائىن ھۆكۈمىتىنى تەختكە چىقاردى. مۇشۇ يىلى 15 - نويابر، سىمون پېتليورا ئوكرائىننى كونترول قىلدى. فرانسىيە ئارمىيىسى 18 - نويابر ئودېسسانى بېسىۋالدى. 1919 - يىلى 3 - فېۋرالدا، قىزىل ئارمىيە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ كىيېۋنى قايتۇرۇۋالدى. مۇشۇ يىلى 8 - ئاپرېلدا قىزىل ئارمىيە ئانتانتا دۆلەتلىرى ئارمىيىنى ئودېسسادىن قوغلاپ چىقاردى. ئوكرائىندا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. لېكىن 1919 - يىلى ئاۋغۇستتىن دېكابرغىچە، ئوكرائىننى دېنكىننىڭ ئاقلار ئارمىيىسى بېسىۋالدى. 17 - دېكابرغا كەلگەندە، قىزىل ئارمىيە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئوكرائىننى يەنە قايتۇرۇۋالدى. 1920 - يىلى 7 - مايدا پولشا ئاقلار ئارمىيىسى يەنە ئوكرائىننى بېسىۋالدى، مۇشۇ يىلى 28 - دېكابردا قىزىل ئارمىيە پولشا ئاقلار ئارمىيىسىنى تارمار قىلىپ ئوكرائىندىن قوغلاپ چىقاردى. سوېت روسىيىسى ئوكرائىننىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلدى. شۇ يىلى 30 - دېكابردا، ئوكرائىن ۋە ئۇندىن باشقا سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىللىدى. (3) بېلۇرۇسسىيە ۋە بالتىق دېڭىز بويلىرىدىكى رايونلاردا بولغان ئۇرۇش؛ 1919 - يىلى 19 - ئۆكتەبردە، نىكولاي يودېنىچنىڭ ئاقلار ئارمىيىسىنىڭ پېتروگرادقا قىلغان ھۇجۇمى قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلدى. سوۋېت روسىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، بالتىق دېڭىز بويلىرىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇلارنىڭ كونكرېت ۋاقتى: 1920 - يىلى 2 - فېۋرال ئىستونيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلدى؛ شۇ يىلى 12 - ئىيۇلدا لىتۋانىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلدى؛ شۇ يىلى 11 - ئاۋغۇستتا لاتۋىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلدى؛ شۇ يىلى 14 - ئۆكتەبردە، فىنلاندىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلدى.1922 - يىلى بېلۇرۇسسىيە ئۇندىن باشقا سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بىرلەشتى. (4) ئانتانتا دۆلەتلىرى ئارمىيىسىنىڭ روسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇشى: 1918 - يىلى 2 - ئاۋغۇستتا، ئەنگلىيە - فرانسىيە ئارمىيىسى ئارخانگېلىسكىنى بېسۋېلىپ، شىمالىي روسىيە قورچاق ھۆكۈمىتىنى قوللىدى. 1919 - يىلى باھاردا، قىزىل ئارمىيە ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ ئانتانتا دۆلەتلىرى ئارمىيىسىگە قايتۇرما زەربە بەردى. 30 - سېنتەبر، ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ ئارمىيىسى ئارىانگېلىسكىدىن چېكىنىپ چىقتى، 12 - ئۆكتەبر يەنە مۇرمانسىكىدىن چېكىندى. قىزىل ئارمىيە شىمالدىكى رايونلارنى قايتۇرۇۋالدى. (5) كاۋكاز ۋە جەنۇبىي روسىيىدىكى ئۇرۇش. 1918 - يىلى 22 - ئاپرېل ۋە 26 - مايدا، گرۇزىيە، ئەرمىنىيە ۋە ئەزەربەيجان ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، مۇستەقىللىك جاكارلىدى. گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ئارمىيىسى جەنۇبىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن، قىزىل ئارمىيە جەنۇبىي سەپكە يۈرۈش قىلدى. 1919 - يىلى يانۋاردا، قىزىل ئارمىيە دېنىكىننىڭ قول ئاستىدىكى ئاقلار ئارمىيىسىگە ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى. ئاپرېلدا، قىزىل ئارمىيە دېنىكىننى قارا دېڭىز بويلىرىدىكى رايونلارغا سۈرۈپ چىقاردى. 18 - ئاۋغۇست، دېنىكىن ئودېسسانى بېسىۋالدى. 2 - سېنتەبر، كىيېۋنى ئىشغال قىلدى. دېكابردا قىزىل ئارمىيە دېنىكىننى مەغلۇپ قىلدى. 1920 - يىلى 27 - مارتتا قىزىل ئارمىيە دېنىكىن باندىتلىرىنىڭ كونا ئۇۋىسىنى ئىشغال قىلدى. دېنىكىن قوماندانلىق ھوقۇقىنى پېتېر ۋرانگېلغا تاپشۇرۇپ بەردى. 28 - ئاپرېل، قىزىل قىزىل ئارمىيە كاۋكازغا يۈرۈش قىلىپ باكۇنى ئىشغال قىلدى. ئىيۇندىن - نويابرغىچە، ئازوۋ دېڭىزىنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىي روسىيىنىڭ زور بىر قىسىم رايونلىرىنى ئىگىلىۋالدى. 1 - نويابردا، قىزىل ئارمىيە ۋرانگېلنى قىرىم يېرىم ئارىلىغا سۈرۈپ چىقاردى. 14 - نويابر، ۋرانگېل ئارمىيىسىنى كونىستانتىنوپولغا چېكىندۈردى. 1921 - يىلى 25 - فېۋرالدا، گروزىيىدە سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلدى. 2 - ئاپرېلدا، ئەرمىنىيىدە سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلدى. 13 - ئۆكتەبر، سوۋېت روسىيىسى كامالنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن شەرتنامە ئىمزالىدى. روسىيە باتومنى قايتۇرۇۋالدى. 1922 - يىلى 12 - مارتتا، گروزىيە، ئەرمىنىيە ۋە ئەزەربەيجان بىرلىشىپ تاشقى كاۋكاز سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى بولۇپ ئۇيۇشتى. شۇ يىلى 30 - دېكابردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كىردى. (6) سىبىرىيە ۋە يىراق شەرقتىكى ئۇرۇش. 1918 - يىلى ئىيۇندا، چېخوسلوۋاك كورپۇسى ۋلادىۋوستوك يولىدا قىزىل ئارمىيە بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلدى ھەم سىبىرىيە تۆمۈر يولنىڭ كونتروللۇق ھوقۇقىنى تارتىۋالدى. 26 - ئىيۇندا، چېخوسلوۋاك كورپۇسى يېكاتېر نىبۇرگنى بېسىۋالدى. نويابردا، ئالېكساندىر كولچاك «روسىيىنىڭ ئالىي ھاكىمى» دەپ جاكارلىدى.ئۇ قوشۇن باشلاپ روسىيىنىڭ شەرقىي قىسمىغا بېسىپ كىردى. 24 - دېكابر، كولچاك پېرىم ۋە ئۇفانىنى بېسىۋالدى. 1919 - يىلنىڭ دەسلىپىدە، قىزىل ئارمىيە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. 27 - يانۋاردا يېكاتېر نىبۇرگنى ئېلىپ، كولچاكنى سىبىرىيىگە سۈرۈپ تاشلىدى. 14 - نويابردا، قىزىل ئارمىيە ئومىسكىنى ئىشغال قىلىپ، ئاقلار ئارمىيىسىنى ئىركۇتسكىغا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى. 17 - دېكابردا، كولچاك ھەربىي ھوقۇقىنى نىكولاي سېمېنوۋقا تاپشۇرۇپ بەردى، ئۇ 1920 - يىلى 7 - فېۋرال قىزىل ئارمىيىگە ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. شەرقىي سىبىرىيىدە 1919 - يىلى 6 - ئاپرېلدا يېراق شەرق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. چىتا پايتەىت قىلىندى. 1922 - يىلى 25 - ئۆكتەبردە، ياپونىيە ئارمىيىسى ۋلا دىۋوستوكتىن چېكىندى. يىراق شەرق سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارمىيىسى ۋلادىۋوستوكقا كىرىپ ئورۇنلاشتى. 19 - نويابردا، يىراق سوۋېت جۇمھۇرىيىتى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كىردى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە