1935 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار
تارىختىكى چوڭ ئىشلار
يانۋار
3 - يانۋار، ئېفىئوپىيە خەلقئارا ئىتتىپاققا ئەرز سۇنۇپ، ئىتالىيىنىڭ 1934 - يىل 5 - دېكابردىكى تاجاۋۇزچىلىقنى ئەيىبلەپ، خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلدى. بىراق خەلقئارا ئىتتىپاق ئىككى تەرەپكە كېسىم كېلىشىمى ئىمزالاش تەكلىپىنى بېرىپ، «ئارىلاشماسلىق سىياسىتى» نى يۈرگۈزدى. 7 - يانۋار، فرانسىيە بىلەن ئىتالىيە ئافرىقا مەسىلىسى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى. فرانسىيە ئىتالىيىنىڭ تونىستىكى ئورنىنى، ئىتالىيىنىڭ ئېفىئوپىيە تۆمۈر يوللىرىغا بولغان بىر قىسىم ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى، ئىتالىيىنىڭ ئىفىئوپىيىدىكى ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئىتالىيە فرانسىيىنىڭ چاد كۆلى ۋە ئېكۋاتۇر ئافرىقىسىدىكى ئۈستۈنلۈك ئورنىنى ئېتىراپ قىلدى. فرانسىيىنىڭ بۇنداق يول قويۇشى، ئىتالىيىنى ئۆز تەرىپىگە تارتىپ، گېرمانىيە بىلەن قارشىلىشىش ئورنىنى ئېتىراپ قىلدى. فرانسىيىنىڭ بۇنداق يول قويۇشى، ئىتالىيىنى ئۆز تەرىپىگە تارتىپ، گېرمانىيە بىلەن قارشىلىشىش ئورنىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانىدى. 13 - يانۋار، خەلقئارا ئىتتىپاق «پارىژ سۈلھى شەرتنامىسى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە سار رايونىدا پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. 90 پىرسەنت ئاۋاز سار رايونىنىڭ گېرمانىيىگە قايتىدىن قوشۇلىشىنى تەشەببۇس قىلدى، 1 - مارتقا كەلگەندە، سار رايونى گېرمانىيىگە رەسمىي قوشۇۋېتىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 15 - 17 - يانۋارغىچە، كىروۋنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئەنزىسى بىلەن چېتىشلىقى بار دېگەن سەۋەب بىلەن زىنوۋيېۋ بىلەن كامېنېۋقا بەش يىلدىن ئون يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. شۇ ئايدا، قاھىرىدە ۋەفىدون پارتىيىسى بىرىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنى چاقىردى، قۇرۇلتايغا ئاممىدىن ئاساسلىقى دېھقانلار ۋەكىللىرى بىلەن ئۇششاق يەر ئىگىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى، ۋەفىدون پارتىيىسىنىڭ داھىيلىرى قۇرۇلتايغا رىياسەتچىلىك قىلدى. قۇرۇلتاي ماقۇللىغان قاراردا، مىللىي كاپىتال بىلەن چەت ئەل كاپىتالى كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ سودا - سانائەتنى تەرەققىي قىلغۇزۇشنى، يېڭىدىن سۇغىرىلىدىغان دۆلەت يەرلىرىنى دېھقانلارغا سېتىپ بېرىشنى ۋە ھەمكارلىق كوپېراتىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى بەلگىلىدى. قۇرۇلتاي يەنە ئەمگەك كومىتېتى قۇرۇشنى قارار قىلدى، ھەم مىسىر ئىشچىلىرى مۇستەقىل سىياسىي پارتىيە قۇرۇشقا بولمايدۇ، پەقەت ۋەفدون پارتىيىسىگىلا قاتنىشىشقا بولىدۇ دەپ جاكارلىدى؛ ئەنگلىيىدە ئىشسىزلارغا بېرىلىدىغان قوشۇمچە ياردەم پۇلنى زور دەرىجىدە ئازايتىش بەلگىلەنگەن يېڭى ئىشسىزلار قانۇنىغا قارشى ئاممىۋى ھەرىكەت كۆتۈرۈلدى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا زۇنيىدا سىياسىي بيۇرونىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى ئاچتى، يىغىن ۋاڭ مىڭنىڭ «سولچىل»قاراملىق لۇشيەنىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ، ماۋزېدۇڭ ۋەكىللىكىدىكى يېڭى مەركىزىي كومىتېتنىڭ توغرا رەھبەرلىكىنى تىكلىدى.
1935
فېۋرال
1 - 3 - فېۋرالغىچە، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە لوندوندا يىغىن ئېچىپ، گېرمانىيىنىڭ قايتىدىن قوراللىنىشنى جاكارلىغانلىقىغا قارشى تەدبىر قوللىنىش توغرىسىدا كېڭەشتى. 8 - فېۋرال، فىلىپپىن ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈش تاماملاندى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى 23 - مارتتا فىلىپپىن ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تەستىقلىدى. 14 - ماي فىلىپپىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئاساسىي قانۇننى قوبۇل قىلدى. 11 - 17 - فېۋرالغىچە ئېچىلغان سوۋېت كولخوز زەربىدارلىرىنىڭ 2 - قېتىملىق پۈتۈن سوۋېت قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىك ئەمگەك بىرلەشمىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك نىزامنامىسىنى ماقۇللىدى. شۇ ئايدا، ئاۋستىرىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن ئىنقىلابىي سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىرلىك سەپ ئورناتتى.
1935
مارت
12 - مارت، پارس ئۆز نامىنى يېڭىباشتىن «ئىران» غا ئۆزگەرتىش پەرمانىنى رەسمىي جاكارلىدى، ھەم مىلادىيە تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ، چۈمبەل تارتىشنى مەنئى قىلىپ، كىيىنىشنى ئىسلاھ قىلدى. 13 - فېۋرال، گېرىنگ ھاۋا ئارمىيە مىنىستىرى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنى جاكارلىدى. 16 - فېۋرال، گىتلېر ئومۇميۈزلۈك ھەربىي مەجبۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋە 36 دىۋىزىيىدىن تەشكىل تاپقان 500 مىڭ كىشىلىك ئارمىيە قۇرۇش پەرمانىغا ئىمزا قويدى. گىتلېر ئۆز ئالدىغا «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى»نىڭ ھەربىي ماددىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى. فرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئىتالىيە بۇنىڭ ئۈچۈن گېرمانىيىگە نارازىلىق بىلدۈردى. 23 - مارت، سوۋېت ئىتتىپاقى قورچاق مانجۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي جۇڭگو تۆمۈر يولنى سېتىش توغرىسىدا توختام تۈزدى. شۇ كۈنى، رۇمىنىيە بىلەن گېرمانىيە «رۇمىنىيە - گېرمانىيە دېڭىز قاتناش سودا ئالاقە شەرتنامىسى» تۈزدى. بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە بىر قاتار ئىمتىيازلىق ھوقۇققا ئىگە بولدى. 24 - 26 - مارتقىچە، ئەنگلىيە ۋەزىرى جون سىمون ۋە ئانتونى ئىدېن گېرمانىيىنى زىيارەت قىلىپ، گىتلېر بىلەن كۆرۈشتى. شۇ ئايدا، ئەنگلىيە ۋەزىرى ئىدېن سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولدى؛ ئەنگلىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى باش مۇدىرىيىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىچىدىكى كوممۇنىستلارغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا «قارا رەڭلىك ئومۇمىي بۇيرۇق» چىقاردى؛ كوممۇنىستلارنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن، برازىلىيىدە «مىللىي ئازادلىق ئىتتىپاقى» قۇرۇلدى، بۇبرازىلىيىنىڭ مىللىي بىرلىك سەپ تەشكىلى ئىدى. شۇ يىلى 11 - ئىيۇلدا «مىللىي ئازادلىق ئىتتىپاقى» قانۇنسىز دەپ جاكارلاندى.
1935
باھار
ئىراقتا جاھانگىرلىككە قارشى زور كۆلەملىك قوزغىلاڭ پارتلىدى، قوزغىلاڭ مەزگىلىدە جاھانگىرلىككە قارشى ئىراق بىرلىك سەپ مەركىزىي كومىتېتى قۇرۇلدى. مەركىزىي كومىتېت قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن يەنە ئېفرات كومىتېتىنى قۇردى، ھەم كۈرەش پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقتى.
1935
ئاپرېل
11 - 14 - ئاپرېل ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە سىترېلدا گېرمانىيىنىڭ «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى»نى بۇزغانلىق مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزدى. 14 - ئاپرېل، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە سىترىې يىغىندا خىتاپنامە ماقۇللاپ، ئاۋىسترىيىنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە زېمىنغا تاجاۋۇز قىلشقا يول قويماسلىق پرىنسىپىنى جاكارلىدى. 17 - ئاپرېل، خەلقئارا ئىتتىپاق گېرمانيىنىڭ ئۆز ئالدىغا «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى»نى بىكار قىلغانلىقىنى رەسمىي ئەيىبلىدى. 23 - ئاپرېل، پولشىدا ئەكسىيەتچىل يېڭى قانۇن يولغا قويۇلدى.
1935
ماي
2 - ماي، فرانسىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى شەرتنامىسى تۈزدى. بىر مەزگىل فرانسىيە كۈچىنىڭ بارىچە ئۇششاق ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيە، پولشا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنى شەرق ئەھدىنامىسىگە قاتنىشىشقا تارتتى، ياۋروپانىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن گېرمانىيە بىلەن پولشا ئىككى دۆلەتنىڭ شەرق ئەھدىنامىسىگە قاتنىشىشنى رەت قىلدى. گېرمانىيە قايتىدىن قوراللىنىشنى جاكارلىغاندىن كېيىن، فرانسىيە ئالدىراپ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. فرانسىيە - سوۋېت ئىتتىپاقى شەرتنامىسىنىڭ مۇددىتى بەش يىل قىلىپ تۈزۈلدى. ئىككى تەرەپ، ئەگەر بىر تەرەپ تاجاۋۇزچلىققا ئۇچرىسا، يەنە بىر تەرەپ ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى كېلىشتى. 12 - ماي، پولشىدا پىلىسودىسكى ۋاپات بولدى. ئىدۋارت سىمىگىلى رۇدژ باشچىلىقىدىكى گېنېراللار پولكى، يەنى «ساناچ» گۇرۇھى پولشىدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى. 16 - ماي، چېخۇسلوۋاكىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى ۋە ھاۋا قاتناش كېلىشىمى تۈزدى. 21 - ماي، گېرمانىيە فاشىستىك ھاكىمىيىتى مەخپىي ھالدا «ئىمپېرىيە مۇداپىئە قانۇنى»نى ماقۇللىدى. 30 - ماي، فرانسىيە كەڭ دائىرىلىك خەلق فرونتى قۇردى، خەلق فرونتىغا سولقانات پارتىيە - گۇرۇھلار، راىكاللار پارتىيىسى، رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، جۇمھۇرىيەت سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ۋە بىرقانچە مۇستەقىل سولچىل گۇرۇھلار قاتناشتى. شۇ ئايدا، فلاندېن كابىنېتى تەختتىن چۈشتى. پېرلاۋال كابىنېت تەشكىللىدى.
1935
ئىيۇن
7 - ئىيۇن، ئەنگلىيىدە چوڭ سايلامدىن كېيىن كابىنېت ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى، ماكدونالدنىڭ «بىرلەشمە كابىنېتى» ئىستېپا بەردى، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىدىن سىتانلى بالدۇۋىن باش ۋەزىر بولدى، سامۇل خور دىپلوماتىيە ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەندى. 9 - ئىيۇن، ياپونىيىنىڭ «شىمالىي جوڭگودا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسى»نىڭ قوماندانى ئىسىرزىرو ئۇمەدزۇ بىلەن گومىنداڭ بېيپىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېت شۆبىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى خې يىڭچىڭ «خې يىڭچىڭ - ئىسىرزىرو كېلىشىمى»نى تۈزۈپ، خېبېي چېگرىسى ئىچىدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن ژاندارمىلىرىنى چېكىندۈرۈشنى، گومىنداڭ پىرقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى بەلگىلىدى. 14 - ئىيۇن، پاراگۋاي بىلەن بولىۋىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. شۇ يىلى 10 - ئاۋغۇستتا پاراگۋاي پۇقرالىرى ئاۋاز بېرىپ بۇ كېلىشىمنى تەستىقلىدى. 10 - ئۆكتەبردە ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئالتە دۆلەت زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ھۆكۈم قىلىشى بىلەن پاراگۋاي گران - چاكو زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمىغا ئىگە بولدى، بولىۋىيە پاراگۋاي دەرياسى ئارقىلىق دېڭىزغا چىقدىغان دېڭىز قاتناش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. 18 - ئىيۇن، ئەنگلىيە گېرمانىيە بىلەن دېڭىز ئارمىيىلىرى بويىچە ھەربىي تەييارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 35 پىرسەنتىكە باراۋەر دەرىجىدە ئەسلىگە كېلىشنى، سۇ ئاسى پاراخوتلىرىنىڭ 45 پىرسەنتىگە باراۋەر بولۇشىنى ئېتىراپ قىلدى، بۇ گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن باراۋەر ئورۇنغا ئىگە قىلىپ قويدى. 23 - 24 - ئىيۇن، ئەنگلىيىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاق ئىشلىرى ۋەزىرى ئانتونى ئىدېن ئىتالىيىنى زىيارەت قىلىپ، مۇسسولىنغا بىر كېلىشتۈرۈش لايىھىسى سۇندى، ئېفىئوپىيە ئوگادېننىڭ بىر قىسىم زېمىنىنى ئىتالىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىپ، بۇنى ئەنگلىيىگە قاراشلىق سومالى چېگرىسى ئىچىدىكى زىلانىڭ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى بىلەن تېگىشمەكچى بولغاندا مۇسسولىننىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.
1935
5 - ئىيۇل
5 - ئىيۇل، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «دۆلەت ئەمگەك - ئىش ھەققى مۇناسىۋىتى قانۇنىي» (يەنى ۋاگىنا قانۇنى)نى ئېلان قىلدى. بۇ قانۇن ئىشچىلارنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى تەشكىللەش، كوللېكتىپ باھا توختامى تۈزۈش، يەرلىك دائىرىلەر ۋە كارخانا ئىگىلىرىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەم ئىشچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى چەكلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئىش تاشلاش ۋە ئىش تاشلىغان ئىشچىلارنىڭ كارخانىلاردا مۇداپىئە تەرتىپىنى يولغا قويۇشى قانۇنلۇق دەپ ئېتىراپ قىلىندى. سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان «دۆلەت ئەمگەك - ئىش ھەققى مۇناسىۋىتى قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلىش توغرىسىدىكى شىكايەت ئەنزىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتى بېكىتىلدى. 14 - ئىيۇل، فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدا 500 مىڭ كىشى باشىلىيە مەيدانىدا فاشىزمغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى ئۆتكۈزدى، باشقا شەھەرلەردىمۇ 2 مىليون ئادەم فاشىزمغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشىغا قاتناشتى. فاشىستىك تەشكىلات «ئاتەش كرېست پولكى»نىڭ 35 مىڭ نەپەر ئەزاسى «نامىسىز جەڭچىلەر قەبرىسى» ئالدىدا كۆرەك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، فاشىستىك ئىغۋارگەرچىلىك قىلدى. 25 - ئىيۇل (25 - ئاۋغۇستقىچە)، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 7 - قۇرۇلتىي ئېچىلدى، قۇرۇلتاي ھەرقايسى دۆلەت كوممۇنىستىك پارتىيىلىرىنى ئۆز دۆلەتلىرىدە فاشىزمغا قارشى بىرلىك سەپ قۇرۇش يولىدا كۈرەش قىلىشقا چاقىردى، ھەم خەلق فرونتى پروگراممىسىنى يولغا قويدى. خەلق فرونتىنىڭ پروگراممىسى فاشىستىك تەشكىلات ۋە باشقا ئەكسىيەتچىل تەشكىلاتلارنى تارقىتىۋېتىش، مۇستەملىكە ۋە ھامىيىلىقتىكى دۆلەتلەردە جاھانگىرلىككە قارشى مىللىي بىرلىك سەپ قۇرۇشتىن ئىبارەت بولدى.
1935
ئاۋغۇست
2 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيە پارلامېنتى «ھىندىستان ھۆكۈمەت تەشكىلىي قانۇنى»دا ماقۇللاپ، بىرما بىلەن ئەدەنىنى ھىندىستاندىن ئايرىپ، ئۇنى ئەنگلىيىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئىككى مۇستەملىكە قىلىش بەلگىلەندى. «ھىندىستان ھۆكۈمەت تەشكىلىي قانۇنى»دا ھىندىستاننى ئىككى قىسىمغا يەنى فېدېراتىپ ئورگان ۋە ئۆلكىلىك ئاپتونومىيە ئورگىنىغا ئايرىپ ئىدارە قىلىش، ھىندىستان فېدېراتىپ ئورگىنىنىڭ قانۇن تۈزۈش ۋە مەمۇرىي ھوقۇقى يەنىلا ئەنگلىيە باش نازارەتچىسىنىڭ قولىدا بولۇش، ھەرقايسى ئۆلكىلەردە سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى بىلەن قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى مەسئۇللۇقىدىكى ئۆلكىلىك كابىنېت تەشكىللەش، ئۆلكىلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى بولۇش، لېكىن ئۆلكە نازارەتچىسىدە ئۆلكىلىك قانۇن تۇرغۇزۇش پارلامېنتى ۋە ئۆلكىلىك كابىنېتىنى مۇتلەق كونترول قىلىش ھوقۇقى بولۇش بەلگىلەندى. بۇ تەشكىلىي قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، فېدېراتىپ ئورگان قىسمى ھىندىستان مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ بايقۇت قىلشىغا ئۇچرىدى، بۇ قانۇن لايىھىسى «قۇللۇق ئاساسىي قانۇنى» دەپ ئاتالدى. 31 - ئاۋغۇست، ئامېرىكا پارلامېنتى «بىتەرەپلىك قانۇن» ماقۇللاپ، ئامېرىكىنىڭ قورال - ياراغ، ئوق - دورىلىرىنى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ئۇرۇشۇۋاتقان دۆلەتلەرگە توشۇشنى مەنئى قىلدى، بىراق ئەمەلىيەتتە يەنىلا مەخپىي ھالدا زور مىقداردىكى قورال - ياراغ ۋە ھەربىي لازىمەتلىك ماددىي ئەشيالارنى گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق تاجاۋۇزچى دۆلەتلەرگە سېتىپ بەردى.
1935
سېنتەبر
15 - سېنتەبر، گېرمانىيە «نيۇرنبېرگ قانۇنى» نى جاكارلاپ، يەھۇدىلار (پەقەت 4 /1 قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەھودىي قان سىستېمىسىدىكىلەر)نى پۇقرالىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدى، ئارىيانلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ نىكاھلىنىشىنى قاتتىق چەكلىدى. نۇرغۇنلىغان يەھۇدىيلار گېرمانيىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. 17 - سېنتەبر، فىلىپپىن چوڭ سايلام ئۆتكۈزدى، مانۇئېل كېسۇن تۇنجى فىلىپپىن زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. 15 - نويابر، فىلىپپىن جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. ئامېرىكا مۇداپىيە، دىپلوماتىيىنى كونترول قىلىش، مالىيىگە نازارەت قىلىش، فىلىپپىنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلىشىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالدى. شۇ ئايدا، پارىژدا ئېفىئوپىيە خەلقىنى قوغداش خەلقئارا يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن 120 دىن ئارتۇق ئىجتىمائىي تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.
1935
ئۆكتەبر
3 - ئۆكتەبر، ئىتالىيە ئارمىيىسى ئېفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشنى باشلىدى، 6 - ئۆكتەبر ئادوۋانى بېسىۋالدى، ئىتالىيە - ئېفىئوپىيە ئۇرۇشى پارتلىدى. 8 - نويابرغا كەلگەندە ئىتالىيە ئارمىيىسى ماكالې قورغىنىنى ئىشغال قىلدى. ئىتالىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىنى پېتىر بابوگىئو ئۈستىگە ئالدى. 7 - ئۆكتەبر، خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ مەمۇرىي مەھكىمىسى ئېفىئوپىيە ۋەقەسىدە ئىتالىيىنى تاجاۋۇزچى دەپ جاكارلىدى. 11 - ئۆكتەبر (18 - نويابرغىچە) ئېچىلغان خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇلتىيىدا 51 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى ئىتالىيىگە ئىقتىسادىي ۋە مالىيە جەھەتتىن جازا يۈرگۈزۈشنى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتالىيىگە قورال ۋە كاۋچۇك، قوغۇشۇن، قەلەي، سىنىك چىقىرىشنى مەنئى قىلىپ، ئىتالىيىنى قەرز پۇل ۋە سودا ئامانەت قەرز بىلەن تەمىنلىمەسلىكنى قارار قىلدى. لېكىن ئەنگلىيە، فرانسىيە يول قويۇش سىياسىتى قوللانغانلىقتىن، بۇ ئىتالىيىگە ھېچقانداق زور ئەمەلىي تەسىر كۆرسىتەلمىدى. 28 - ئۆكتەبر، ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى خىروتا بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيە، جۇڭگو «مانجۇرىيە» ئىتتىپاقى، جۇڭگونىڭ ياپونغا قارشى ھەرىكىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، جۇڭگو - ياپونىيە كوممۇنىزمغا قارشى بىرلەشمە فرونتىنى تەشكىللەشتىن ئىبارەت جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ ئاتالمىش «ئۈچ پرىنسىپى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ ئايدا، ئارگېنتېنا بەزى فاشىستىك تەشكىلاتلار مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇردى، ھەم ئىنتايىن ئوڭ گۇرۇھلارنىڭ ئورتاق فرونتىنى تەشكىللىدى.
1935
نويابر
14 - نويابر، ئەنگلىيە مۇددەتتىن ئىلگىرى پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزدى، سايلامدا مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى غەلىبە قىلدى. ئۇ 387 ئاۋازغا، ئىشچىلار پارتىيىسى 154 ئاۋازغا ئېرىشتى. 25 - نويابر، ياپون تاجاۋۇزچىلىرى جۇڭگونىڭ شىمالىنى «ئاپتونومىيە» قىلشقا ئۇرۇنۇش يولىدىكى قۇتراتقۇلۇقى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، بۇنىڭ ئورنىغا «شەرقىي خېبىي كوممۇنىزمدىن مۇداپىئەلىنىش ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى» نى دەسسەتتى، شۇ يىلى دېكابردا بېيجىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈپ كۈچ كۆرسىتىش - نامايىشى ئۆتكۈزدى. 26 - نويابر، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى خېبىي - چاخار سىياسىي ئىشلار كومىتېتى تەسىس قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ياپونىيىنىڭ «شىمالىي جۇڭگونى ئالاھىدىلەشتۈرۈشى» گە ماسلاشتى. 9 - دېكابرغا كەلگەندە بېيجىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتالمىش «كوممۇنىزمدىن مۇداپىئەلىنىش ئاپتونومىيىسى»، شىمالىي جۇڭگونى ئالاھىدىلەشتۈرۈش دېگەنلەرگە قارشى تۇرۇپ، ياپونىيە ئوتتۇرىغا چىقارغان شەرقىي خېبىي قورچاق ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلش بىلەن زور كۆلەملىك كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى ئۆتكۈزدى، بۇ تارىختا «9 - دېكابر» ھەرىكىتى دەپ ئاتالدى، شۇ ئايدا، برازىلىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى پېرنامبۇكو شتاتى بىلەن رىو - دې - ژانېيرو شتاتىدا كۆتۈرگەن قوزغىلىڭى ئۇزۇنغا بارماي باستۇرۇلدى. برازىلىيە زۇڭتۇڭى مۇستەبىت ھوقۇق يۈرگۈ زۈپ، قاتتىق ئاخبارات تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ۋە ھەربىي ھالەتنى يولغا قويدى؛ بۇلغارىيە پادىشاھى ئوردا ئەمەلدارى گېئورگې كىئوسسېۋانوۋنى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەپ ئىچكى كابىنېت تەشكىللەش بىلەن فاشىستىك مۇستەبىت دېكاتۇرىنى ئاشكارا يولغا قويدى.
1935
دېكابر
9 - دېكابر، ئەنگلىيە، فرانسىيە «خور - لاۋال پىلانى»نى ئىمزالاپ، ئېغىئوپىيىنى بۆلۈپ تاشلىدى، ھەم ئۇنىڭ زور بىر قسىىم زېمىنىنى ئىتالىيىگە كېسىپ بەردى. شۇ كۈنى (1936 - يىل 25 - مارتقىچە)، لوندوندا خەلقئارا دېڭىز ئارمىيە يىغىنى ئېچىلدى. 13 - دېكابر، نويابردا باشلانغان مىسىر خەلقىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى كۈچ كۆرسىتىش - نامايىش ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى دولقۇنى بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملىشىپ، ئەنگلىيىنى يول قويۇشقا مەجبۇر قىلدى. مىسىر پادىشاھى 1923 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ 85 ياشلىق زۇڭتۇڭى توماس گاررىگ ماسارىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. 18 - دېكابر، ئىدۋارد بېنىس زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى.
شۇ يىلى ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى مۇسو چەت ئەلدىن مەخپىي ھالدا ۋەتىنىگە قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى پارتىيىنى قايتىدىن قۇرۇش خىزمىتىنى مەخپىي ئېلىپ باردى. ھەم ئاشكارا خەلق تەشكىلى «ھىندۇنېزىيە خەلق ھەرىكىتى پارتىيىسى»نى قۇردى؛ بىرمىدا «دېچىن پارتىيىسى» (بىرمىلىقلار پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قۇرۇلۇپ، مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىققا قارشى تۇرۇشنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇرۇشنى، مىللىي مەدەنىيەتنى ھۈرمەتلەشنى، بىرمىدا ئىشلەنگەن يەرلىك ماللاردىن كىيىم كىيىشنى تەشەببۇس قىلدى؛ بىرما نېفىت ئىشچلىرى چوڭ ئىش تاشلاش ئېلىپ باردى؛ تايلاندنىڭ سابىق پادىشاھى ئورنىنى ئۆتۈنۈپ بەردى. يېڭى پادىشاھنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا، ئۇنىڭغا ۋەكالىتەن مۇۋەققەت كومىتېت تەسىس قىلىندى. ھاكىمىيەتنى ئەمەلىيەتتە باش مىنىستىر پىيې پەيفېڭ، دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرى لوئاڭ پىبۇل سوڭگرەن ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لۇەن باسەندىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كاتتىباش كونترول قىلىۋالدى.