UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1950 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1950 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 3 - يانۋار، مىسىر چوڭ سايلام ئۆتكۈزدى، ۋەفدون پارتىيىسى كۆپ سانلىققا ئېرىشتى، ناخاس يەنە بىر قېتىم كابىنېت تەشكىللىدى. بۇ نۆۋەتلىك كابىنېت 1952 - يىل يانۋارغىچە داۋاملاشتى. 5 - يانۋار، ترومېن تەيۋەن توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ «قاھىرە خىتابنامىسى» ۋە «پوتسدام ئۇقتۇرۇشى» دىكى بارلىق ماددىلارغا ئەمەل قىلدىغانلىقىنى، «ئامېرىكىنىڭ فورموس (تەيۋەن) ياكى جۇڭگو باشقا زېمىنلىرىنى ئەزەلدىن ئىگىلىۋېلىش نىيىتى يوقلۇق»نى، «ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە قوراللىق قىسىملارنى ئىشقا سېلىپ ئارىلاشماسلىق» لىقنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، ئاچسۇن بۇ باياناتنى شەرھلەپ، «جۇڭگولۇقلار فورموسنى باشقۇرۇۋاتقىنىغا تۆت يىل بولۇپ قالدى. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى بۇ خىل ھوقۇق ۋە ئىشغالىيەتكە ھېچقانداق گۇمانىي قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغىنى يوق، فورموس جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلانغان ۋاقىتىدىمۇ، ھېچكىم قانۇنىي جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويمىدى.» دېدى. 6 - يانۋار، ئەنگلىيە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. 26 - يانۋار، ھىندىستان فېدېراتسىيىسى نامى ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتتى، ھىندىستان جۇمھۇرىيىتى رەسمىي قۇرۇلدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا بىلەن لى سوڭمەن ھۆكۈمىتى «ئامېرىكا - خەنگو ئورتاق مۇداپىئەلىنىش ياردەم كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى. 31 - يانۋار، ئامېرىكىنىڭ ئۆچ خىل ئارمىيىسىنىڭ باشلىقلىرى ياپونىيىنى زىيارەت قىلدى ھەم ياپونىيە زېمىنىدىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بازىلىرىنى ۋە ئوكناۋادىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بازىلىرىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا پرىزدېنتى ترومېن ئاتوم ئېنېرگىيە كومىتېتىغا ۋودوروت بومبىسىنى سىناق قىلىش ۋە ياساش خىزمىتىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. 1950 فېۋرال 14 - فېۋرال، جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى «جۇڭگو - سوۋېت ئۆزئارا ياردەم بېرىش - دوستلۇق ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى» ئىمزالىدى. 16 - 17 - فېۋرا، لى سىنمان ياپونىيىنى زىيارەت قىلىپ،ماكارتۇر بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 21 - فېۋرال، بۇلغارىيە ئامېرىكا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزدى. 1950 مارت 3 - مارت، فرانسىيە بىلەن سائار كېلىشىم ھاسىل قىلدى، فرانسىيە سائارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلدى، بىراق سائار ئىقتىسادىي جەھەتتە فرانسىيە بىلەن بىرلەشتى. فېدېراتىپ گېرمانىيە باش مىنىستىرى 30 - ماي سائارغا فرانسىيە، گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا ئەركىن تاللىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 7 - مارت، ماكارتۇر بارلىق جىنايەت مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەۋاتقان ياپونىيە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىشنى جاكارلىدى. ئاندىن، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش شىتابىنىڭ تەستىقلىشى (13 - ئۆكتەبر) بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمىتى 10 مىڭدىن ئارتۇق مىللىتارىزمچى ئۇنسۇرنى «تازىلاش» ئىسىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى، ئارقىندىنلا يەنە، (8 - نويابر) دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇرۇش جىنايەتچىسى شىگېمىتسونى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بەردى، ھەمدە بۇندىن باشقا، 200 مىڭ مىللىتارىزمچى ئۇنسۇرنى «تازىلاش» ئىسىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى. 24 - مارت، تۈركىيە بىلەن ئىتالىيە دوستلۇق ۋە ئۆزئارا يارىشىش شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 1950 ئاپرېل 13 - ئاپرېل، ئەرەب ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر «ئەرەب ئىتتىپاقى دۆلەتلرىىنىڭ بىرلەشمە مۇداپىئە ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالىدى. 27 - ئاپرېل، جەنۇبىي ئافرىقا فېدېراتىپ ھۆكۈمىتى گۇرۇھلارنىڭ تۇرۇلغۇ رايونى ھەققىدە قانۇن لايىھىسى ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئىرقلارنى بۆلۈپ، ھەرقايسىسىنى ئايرىم جايلارغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ قانۇن لايىھىسى ۋە باشقا ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تەدبىرلىرى ئافرىقا خەلقنىڭ نارازلىق ھەرىكىتىنى قوزغىدى ۋە ئىرقىي توقۇنۇش پەيدا قىلدى، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ۋەكىللەر يىغىنى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. 1950 ماي 8 - ماي، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ئاچسۇن، ئامېرىكىنىڭ ھىندىچىنىدىكى ۋيېتنام بائودا ھۆكۈمىتىگە، لائوس ۋە كامبودژىغا ھەربىي «ياردەم» بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇندىن باشلاپ، ئامېرىكىنىڭ قورال - ياراغ، ئوق دورىلىرى ۋيېتنامغا كۆپلەپ توشۇلدى. 9 - ماي، فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى روبېرت شۇمەن «شۇمەن پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، غەربىي ياۋروپانىڭ كۆمۈر ۋە پولات - تۈمۈر سانائىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 14 - ماي، تۈركىيىدە چوڭ سايلام بولدى. تۈركىيە دېموكراتلار پارتىيىسى كۆپ ئاۋازغا ئېرىشتى. خەلق پارتىيىسى ھاكىمىيەتتىن مەھرۇم كۆپ ئاۋازغا ئېرىشتى. خەلق پارتىيىسى ھاكىمىيەتتىن مەھرۇم كۆپ ئاۋازغا ئېرىشتى. خەلق پارتىيىسى ھاكىمىيەتتىن مەھرۇم بولدى. ئادنان مېندېرېس باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەندى. 1950 ئىيۇن 5 - ئىيۇن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترومېن 3 - سىرتقا ياردەم بېرىش قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويۇپ، ياۋروپانى گۈللەندۈرۈش ۋە 4 - تۈرلۈك پىلانغا 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجراتتى. 6 - ئىيۇن، گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن پولشا كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئودېر - نېس دەريا لىنىيىلىرىنى گېرمانىيە - پولشا ئوتتۇرىسىدىكى ئاخىرقى چېگرا دەپ ئېتىراپ قىلدى، بۇ فېدېېراتىپ گېرمانىيىنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 16 - ئىيۇن، ياپونىيە ساقچى دائىرىلرىى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتە يىغىلىش ۋە نامايىش قىلىشنى مۇددەتسىز مەنئي قىلدى. 17 - ئىيۇن، داللېس ياپونىيىنى زىيارەت قىلدى ۋە كېيىن چاۋشيەنگە بېرىپ «38 - پاراللېل سىزىقى» نى «كۆزدىن كەچۈردى» ھەم جەنۇبىي چاۋشيەن دۆلەت مەجلىسىنىڭ كوممۇنىزمغا قارشى تۇرۇشقا ئىلھام بەردى. ئارقىدىنلا يەنە 22 - ئىيۇن ياپونىيىنى قايتا زىيارەت قىلىپ، ماكارتۇر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 18 - ئىيۇن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىس. ئا. جونسون ۋە باش شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رەئىسى ئۆمەر بزادلېي ياپونىيىنى زىيارەت قىلىپ، ماكارتۇر بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئۆكتۈزدى. 25 - ئىيۇن، جەنۇبىي چاۋشيەن لى سىنمان ئارمىيىسى 38 - پاراللېل سىزىقىنى بويلاپ شىمالغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. چاۋشيەن خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى باشلاندى. 27 - ئىيۇن، ترومېن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى چاۋشيەنگە ئەۋەتىپ، چاۋشيەننىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا ئارىلىشىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 7 - فىلوتىغا جۇڭگو زېمىنى تەيۋەننى ئىشغال قىلىشى توغرىسىدا چۈشۈرۈپ: «فورموسىنىڭ كەلگۈسى ئورنىنىڭ بەلگىلىنىشى تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى، ياپونىيىگە قارىتا تىنچ ھەل قىلىش ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئويلىنىشىغا قاراشلىق» دەپ داۋراڭ قىلدى. شۇ كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كومىتېتى ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا ئارىلىشىش تەكلىپىنى ماقۇللىدى. 1950 ئىيۇل 3 - ئىيۇل، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى چاۋشيەنگە كىرىپ ئۇرۇشقا قاتناشتى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، ترومېن ھۆكۈمىتىنىڭ چاۋشيەنگە قوراللىق تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا نارازلىق بىلدۈردى. 7 - ئىيۇل، ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ خەۋپسىزلىك كومىتېتىنى كونترول قىلىپ، چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىشتىكى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارمىيىسى»نىڭ قوماندانلىق شتابىنى تەشكىللەشتەك قانۇنسىز قارارنى ماقۇللىدى. يىراق شەرق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قومانادانى ماكارتۇر «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارمىيىسى»نىڭ قوماندانى بولدى. ئۇندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەنگلىيە، فرانسىيە، تۈركىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، گرېتسىيە، فىلىپپىن، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگ ۋە ئېفىئوپىيە قاتارلىق 15 دۆلەتنى چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىشقا توپلىدى. 8 - ئىيۇل،ماكارتۇر ياپونىيىنىڭ ئىسدا ھۆكۈمىتىگە 75 مىڭ كىشىلىك «زاپاس ساقچى قوشۇنى» قۇرۇشقا، ھەم دېڭىز ئۈستى ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنى 8000 كىشىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ياپونىيە ساقچىلرىىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ 218 مىڭ كىشىگە يەتكۈزدى. 11 - ئىيۇل، خەلقئارا سوت مەھكىمىسى غەربىي جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يەنىلا مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقىغا تەۋە ئىكەنلىكى توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي ئافرىقىسىنى قورشىۋېلىشىغا قارشى تۇردى. شۇ كۈنى، يىراق شەرق ئىتتپاقداش ئارمىيە باش شتابىنىڭ «كلېىشتۈرۈش»ى ئاستىدا، ياپونىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى باش باھالاش كېڭىشى رەسمىي قۇرۇلدى. 1950 ئاۋغۇست 6 - ئاۋغۇستي، فرانسىيە ھۆكۈمىتى كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە يېڭىدىن مۇكەممەل قوراللانغان 15 قۇرۇقلۇق ئارمىيە دۋىزىيىسى قۇرۇش پىلانىنى جاكارلىدى. 15 - ئاۋغۇست، ھىندۇنېزىيە قوشما شتاتلىرى ھۆكۈمىتى بۇرۇنلا 19 - مايدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەرقايسى قوشما شتاتلار يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، قوشما شتات تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، بىر پۈتۈن دۆلەت بولۇپ قۇرۇلدى ھەم 17 - ئاۋغۇست ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ، ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشنى بەلگىلىدى. 25 - ئاۋغۇست، ماكارتۇر «ئارمىيىنىڭ چەت ئەلدە ئۇرۇش قىلغۇچى ھەربىيىلەر ئۇيۇشمىسى»نىڭ يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، تەيۋەننى ئاشكارا ھالدا «چۆكمەس ئاۋىئاماتكا» دەپ ئاتاپ، ئۇنى ئامېرىكىنىڭ «تىنچ ئوكيان مۇداپىئە سىزىقى»نىڭ ئىچىگە ئالساق، «ھاۋا ئارمىيىسىدىن پايدىلىنىپ ۋىلادىۋوستوكتىن سىنگاپورغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەربىر ئاسىيا دېڭىز پورتىنى كونترول قىلىش» مىز ئاسانلىشىدۇ دېدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترومېن 26 - ئاۋغۇست ماكارتۇرغا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەيۋەن توغرىسىدىكى نۇتقىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. 30 - ئاۋغۇست، ماكارتۇر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ياپونىيە مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئالاقە كېڭەشمىسىنى تارقىتىۋەتتى. شۇ ئاي (سېنتەبرگىچە) ، چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغان، ئامېرىكا قوشۇنى بىلەن جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ لى سىنمان قوشۇنى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇب بولۇپ، چاۋشيەننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى تائېگو ۋە پوسان رايونلىرىغا قاپسىلىپ قالدى. 1950 سېنتەبر 12 - سېنتەبر، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لوئېس ئا. جونسۇن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. ئۇنىڭ ئورنىغا گېنېرال گېئورگى. مارشال تەيىنلەندى. 15 - سېنتەبر، چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئامېرىكا قوشۇنى ياردەمچى قىسىملىرىنى كۆپەيتىپ ئىنجۇڭدا تۈركۈملەپ قۇرۇقلۇققا چىقتى. 19 - سېنتەبر، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ئۈچ دۆلەت گېرمانىيىنى ئىشغال قىلىش توغرىسىدىكى قائىدە - نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قوشۇلۇپ، بونىن ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا ۋە پەۋقۇلئاددە ئامانلىق ساقچىسى قۇرۇشقا قوشۇلدى. 20 - سېنتەبر، تۈركىيە 4500 كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىپ ئامېرىكا قوراشتۇرغان چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغان ئاتالمىش «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارمىيىسى»گە قاتناشتۇردى. 23 - سېنتەبر، ترومېن ھۆكۈمىتى كوممۇنىزمغا، خەلققە قارشى «ماككارتى قانۇنى» (1950 - يىلدىكى «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇن لايىھىسى») نى ئېلان قىلدى. 30 - سېنتەبر، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى جۇئېنلەي نۇتۇق ئېلان قىلىپ، «جۇڭگو خەلقى چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقەت قىلىپ تۇرالمايدۇ، ئۆز قوشنىسىغا جاھانگىرلارنىڭ ئۆز مەيلىچە تاجاۋۇز قىلىشىغىمۇ قاراپ تۇرالمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى. شۇ ئايدا، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا غەربىي گېرمانىيىنى قايتىدىن قوراللاندۇرۇش قارارىنى ماقۇللىدى. 1950 ئۆكتەبر 5 - ئۆكتەبر، فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جۇلېس موك بىلەن مالىيە مىنىستىرى ماۋرس پېتسې ئامېرىكىنى زىيارەت قىلدى. فرانسىيە - ئامېرىكا سۆھبىتىدىن كېيىن، ئامېرىكا فرانسىيىنى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ فرانسىيىنىڭ ھىندىچىنىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا بېرىلىدىغان ياردىمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 7 - ئۆكتەبر، ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چوڭ يىغىنىنى كونترول قىلىۋېلىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەنگو بىرلىككە كەلگەن گۈللىنىش كومىتېتى» قۇرۇش قارارىنى ماقۇللاپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چاۋشيەن كومىتېتى»نىڭ رولىنى داۋاملاشتۇردى. 9 - ئۆكتەبر چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغان ئامېرىكا قوشۇنلىرى 38 - پاراللېل سىزىقتىن ھالقىپ ئۆتتى ھەم جۇڭگو - چاۋشيەن چېگرىسىغا سۈرۈلۈپ، ئۇرۇش ئوتىنى جۇڭگوغا تۇتاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى. `13 - ئۆكتەبر، يىراق شەرق ئىتتىپاقداش ئارمىيە باش شتابى تەخمىنەن 10 مىڭ ياپونلۇقنى تازىلاش ئىسىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى. 15 - ئۆكتەبر، زۇڭتۇڭ ترومېن ۋە ماكارتۇرۋېيىك ئارىلىدا ئۇچرىشىپ، ھۆكۈمەت بىلەن يىراق شەرق ئارمىيىسى قوماندنىنىڭ شەرقىي ئاسىيا سىياسىتىدىكى ئىنقىلابنى «ئايدىڭلاشتۈردى». 17 - ئۆكتەبر، تايلاند بىلەن ئامېرىكا ھەربىي كېلىشىم ئىمزالىدى، ئامېرىكا تايلاند قوشۇنلىرىنى ھەربىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىدى ھەم تايلاند زېمىنىدا بىرقانچە ستراتېگىيىلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇردى. 21 - ئۆكتەبر، چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغان ئامېرىكا قوشۇنلىرى پيۇڭياڭنى بېسىۋالدى. شۇ كۈنى، ھىندىستان جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە نوتا تاپشۇرۇپ، جۇڭگونىڭ شىزاڭغا ئەسكەر كىرگۈزۈشىگە ئارىلاشتى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى 30 - ئۆكتەبر ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە جاۋاب نوتىسى تاپشۇرۇپ، شىزاڭ مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كۆرسەتتى. 25 - ئۆكتەبردىن 8 - نويابرغىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسى بىلەن جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىملىرى ئونسان ۋىنجىن رايونىدا قايتۇرما زەربە بېرىش ئۇرۇشنىڭ زور غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىگەن ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى چىڭجۇجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا قوغلاپ چىقاردى. بۇ بىرىنچى قېتىملىق چىڭجۇجياڭ جېڭى بولدى. 26 - ئۆكتەبر، فرانسىيە باش مىنىستىرى رېنې پېلۋېن غەربىي گېرمانىيىنى قايتا قوراللاندۈرغاندىن كۆرە، بىر ياۋروپا مۇداپىئە كومىتېتى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى. 1950 نويابر 10 - نويابر، يىراق شەرق ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ باش شتابى ياپونىيىنىڭ پېشقەدەم كەسپىي ھەربىيلىرىنى تازىلاش ئىسىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشنى باشلىدى. 16 - نويابر، مىسىر ھۆكۈمىتى پارلامېنتقا ئەنگلىيىنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئارمىيىنى دەرھال چېكىندۈرۈپ كېتىشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدىكى باياناتىنى سۇندى. 20 - يانۋار، مىسىر ئوقۇغۇچىلىرى ئەنگلىيە ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى رەت قىلغانلىقتىن دەرس تاشلاپ نامايىش ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى، جاۋاھىرلال نېھرو ھىندىستاننىڭ 1941 - يىلىدىكى قانۇنسىز مىكىماخۇن سىزىقى» نى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئەنئەنىۋى جۇڭگو - ھىندىستان چېگرا سىزىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەم «مېكىماخۇن سىزىقى» نىڭ جەنۇبىدىكى جۇڭگو زېمىنىغا ئەسكەر كىرگۈزدى. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ھىندىستان ئارمىيىسى بۇ رايوندا 20 قاراۋۇلخانا تەسىس قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا جۇڭگونىڭ شىزاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى ھىندستان تەرەپكە نارازىلىق بىلدۈردى ۋە ھىندىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. 25 - نويابر (دېكابرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە)، چاۋشيەن - جۇڭگو (پىدائىي قىسىملىرى) ئارمىيىسى ئامېرىكا تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنىڭ ئاتالمىش «روژدېستوۋ بايرىمىدا چاۋشيەن ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش»تىكى ئومۇمىي ھۇجۇمنى تارمار قىلىپ، دۈشمەننى 38 - پاراللېلنىڭ ئەتراپىغا چېكىندۈردى (2 - قېتىملىق جەڭ). 28 - نويابر، «كولومبو پىلانى» ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىدىكى ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتىغا سۇنۇلدى. بۇ پىلان («جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىايسنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كولومبو پىلانى) 1950 - يىل يانۋاردا سەيلۇن (بۈگۈنكى سرى - لانكا) نىڭ پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەنگلىيە فېدېراتسىيىلىرىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا مەيدانغا كەلگەن. بۇ پىلان ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنلىرى تەستىقلىغاندىن كېيىن، قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى تەستىقلىغاندىن كېيىن، 1951 - يىل ئىيۇلدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە قىلىندى ھەم كولومبۇ پىلانى تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، مەسلىھەت بېرىش كومىتېتى، تېخنىكا ھەمكارلىق مۇدىرىيىتى ۋە دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنىپ، باش شتابى كولۇمبۇدا قۇرۇلدى. ئەڭ دەسلەپكى ئەزا دۆلەتلەر ھىندىستان، پاكىستان، سەيلۇن،ساراۋاك ۋە بورنپو شتاتى قاتارلىق «ياردەم قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتلەر» ئىدى. كېيىنچە ئامېرىكا ۋە ياپونىيىلەرمۇ «ياردەم بەرگۈچى دۆلەتلەر»گە قوشۇلدى. ئافغانىستان، بېنگال، بىرما، ھىندۇنېزىيە، مالايا فىلىپپىن، سىنگاپورلارمۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ياردەم قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتلەر» تەركىبىگە كىردى. 1975 - يىلغا كەلگەندە، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانى 27 گە يەتتى. 28 - نويابر، جۇڭگو ۋەكىلى ۋۇشيۇچۈەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ قوراللىق تاجاۋۇز قىلىپ جۇڭگو زىمىنى تەيۋەننى ئىشغال قىلىۋالغان ھەم چاۋشيەنگە مۇداخىلە يۈرگۈزگەن جىنايى قىلمىشلىرىنى ئېچىپ تاشلىدى ۋە ئەيىبلىدى. 30 - نويابر، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترومېن چاۋشيەن ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىشنى پەش قىلىپ تەھدىت سالدى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە