1921 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار
تارىختىكى چوڭ ئىشلار
يانۋار
16 - يانۋار، روسىيە سوۋېت فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن بېلۇرۇسسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى ئىتتىپاق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شۇ كۈنى (1922 - يىل 12 - يانۋارغىچە) فرانسىيىدە ئارىستىد بىرىئان كابىنېتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. 20 - يانۋار، تۈركىيىنىڭ ئەنقەرەدە بۈيۈك مىللىي پارلامېنت تۈپ ئاساسىي قانۇن ماقۇللاپ، خەلقنى ئالىي ئىگىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن قىلىش، ياش قورامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ئومۇمىي سايلىمى ئارقىلىق پارلامېنتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈ ش، مەسئۇل كابىنېت قۇرۇش، كاتتا ھوقۇقلۇق زۇڭتۇڭ تەسىس قىلىشنى بەلگىلىدى. 21 - يانۋار، ئىتالىيە سوتسىياللار پارتىيىسى لىۋوردا قۇرۇلتاي ئۆتكۈزدى. سولچىلار شەرتىسىز ھالدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قاتنىشىش، ھەم ئىسلاھاتچىلارنى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن بۇ لايىھە قۇرۇلتايدا رەت قىلىندى. سولچىلار سوتسىياللار پارتىيىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلاپ، شۇ كۈنى ئىتالىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇش قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزدى، ھەم كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئولغا قاتنىشىش قارارىنى ماقۇللىدى، بولدىگا مەركىزىي كومىتېتنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلەندى. 24 - 30 - يانۋارغىچە، ئانتانتا دۆلەتلىرى پارىژدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ تۆلەم مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى، يەنە شۇ يىلى 21 فېۋرالدىن 14 - مارتقىچە لونداندا يىغىن ئېچىپ تۆلەم مەسىلىسىنى قايتا مۇزاكىرە قىلدى، يىغىندا گېرمانىيىدىن ئېلىنغان تۆلەمنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈلدى. شۇ ئاينىڭ ئاخىرى لىدىستا ئەنگلىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 2 - قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلدى، كوممۇنىزمچى ئىشچىلار پارتىيىسى، كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمدە ئۇندىن باشقا كوممۇنىزمچى پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ ھەممىسى ئەنگلىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قاتناشتى.
1921
فېۋرال
19 - فېۋرال، فرانسىيە بىلەن پولشا ھەربىي مۇداپىئە شەرتنامىسى ئىمزالىدى. ئارقىندىنلا فرانسىيىنىڭ قوللىشى ئاستىدا پولشا بىلەن رۇمىنىيە 3 - مارتتا ھۇجۇم - مۇداپىئە ئىتتىپاق شەرتنامىسى تۈزدى. رۇمىنىيە بىلەن چېخوسلوۋاكىيە 23 - ئاپرېل توختام تۈزدى. رۇمىنىيە بىلەن چېخوسلوۋاكىيە 23 - ئاپرېل توختام تۈزدى. شۇنداق قىلىپ «ئۇششاق ئانتانتا دۆلەت» لىرى شەكىللەندى. 21 - فېۋرال، پېرسىيىدىكى كازاك لۈيىنىڭ ئوفىتسېرى رىزاخان سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ 3000 كىشىلىك كازاك قوشۇنىنى باشلاپ تېھرانغا باستۇرۇپ كىرىپ، يېڭى ھۆكۈمەت قۇردى. ئاخبارات مۇخبىرى ۋە يازغۇچى سەيىد زىياۋىددىن يېڭى كابىنېتقا رىياسەتچىلىك قىلدى، رىزاخان قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرلىكىگە ۋە ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى. 22 - فېۋرال، سوۋېت روسىيىسى لېنىننىڭ تەكلىپىگە بىئانەن بېلۇرۇسسىيە فېدېېراتىپ دۆلەت پىلان كومىتېتنى تەشكىللىدى. 22 - 27 - فېۋرالغىچە، ۋېنادا ئۆتكۈزۈلگەن 11 دۆلەتتىن كەلگەن سوتسىياللار پارتىيىلىرىنىڭ ۋەكىللەر يىغىنىدا سوتسىياللار پارتىيىسىنىڭ خەلقئارالىق ئىشچىلار بىرلەشمىسى يەنە «ئىككى يېرىمىنچى ئىنتېرناتسىئونال» قۇرۇلدى. 25 فېۋرال، گرۇزىيە ئىشچى - دېھقانلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ قىزىل ئارمىيە بىلەن بىرلىكتە تىبلىسقا كىردى. گرۇزىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت دەپ جاكارلىدى. 26 - فېۋرال، پېرسىيە بىلەن سوۋېت روسىيىسى موسكۋادا دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى، ئۇنىڭدا چار ھۆكۈمىتى بىلەن پېرسىيە ئىمزالىغان زېمىن سىرتى ھوقۇقى، قەرز ۋە كونېتسىيىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، روسىيە تەرەپ پېرسىيىنىڭ بارلىق مال - مۈلكىنى ھەقسىز قايتۇرۇپ بېرىش قاتارلىق تەڭسىز شەرتنامىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 28 - فېۋرال، ئاففانىستان بىلەن سوۋېت روسىيىسى موسكۋادا دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شۇ كۈنى، روسىيىنىڭ كرونشىتاردتا ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ پارتلىدى. كلېمېنت ۋورۇشلوۋ قوماندانلىقىدىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ زەربىسى ئاستىدا توپىلاڭ 18 - مارتتا ئۈزۈل - كېسىل تىنچىدى. شۇ ئايدا، ئانتانتا دۆلەتلىرى لوندوندا يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىنغا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل ھۆكۈمىتى بىلەن ئەنقەرە ھۆكۈمىتىدىن، گرېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن تەڭ ۋەكىل قاتناشتى، يىغىندا كېلىشىم ئىمزالىدى؛ مېكسىكىدا ئەمگەكچىلەر باش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى.
1921
مارت
1 - مارت، ئاففانىستان بىلەن تۈركىيە دوستلۇق ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە 1928 - يىلى 25 - مايدا ئاففانىستان تۈركىيە بىلەن ئىككىنچى شەرتنامە تۈزدى. شۇ كۈنى، موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى 1 - قۇرۇلتاي ئۆتكۈزدى. 3 - مارت، رۇمىنىيە، پولشا ۋە ۋېنگرىيىلەر بۇخارېستتا سوۋېتكە قارشى ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى تۈزدى. شۇندىن كېيىن كېيىن پولشا يەنە چېخوسلوۋاكىيە، يۇگوسلاۋىيە ۋە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەنمۇ يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش ئىتتىپاق شەرتنامىسى تۈزدى. 8 - مارت، گېرمانىيە فرانسىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇمغا پەرۋا قىلمىغانلىقتىن، فرانسىيە ئارمىيىسى بېلگىيە ئارمىيىسى بىلەن بىرلىشىپ گېرمانىيىنىڭ ديۇسسېلدورف، دوئىسبۇرگ، رورئوتېى قاتارلىق ئۈچ شەھەرنى بېسىۋالدى. 8 - 16 - مارتقىچە، روسىيە كوممۇنىستىك (بوشېۋىكلار) پارتىيىسىنىڭ 10 - قۇرۇلتىيى موسكۋادا ئېچىلدى. قۇرۇلتاي لېنىننىڭ «ماددىي باجنى ئارتۇقچە ئاشلىقلارنى يىغىۋېلىش تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش توغرىسىدىكى دوكلاتى»غا ئاساسەن، يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەتكە ئۆتۈش توغرىسىدا قارار ماقۇللاپ، ئاشلىق بېجىنى ئارتۇقچە ئاشلىقلارنى يىغىۋېلىش تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى بەلگىلىدى. قۇرۇلتايدا يەنە پارتىيىنىڭ بىرلىكى توغرىسىدا، گۇرۇھۋازلىققا يول قويماسلىق توغرىسىدا قارار ماقۇللاپ، ئاشلىق بېجىنى ئارتۇقچە ئاشلىقلارنى يىغىۋېلىش تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى بەلگىلىدى. قۇرۇلتايدا يەنە پارتىيىنىڭ بىرلىكى توغرىسىدا، گۇرۇھۋازلىققا يول قويماسلىق توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلىندى. 9 - مارت، فرنسىيە بىلەن مۇستاپا كامال پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ ھۆكۈمىتى كېلىشىم ئىمزالىدى. فرانسىيە كىلىكىيىدىن چېكىنىشكە قوشۇلۇش ھېسابىغا تۈركىيىنىڭ ئىقتىسادىي ھوقۇق - مەنپەئەت جەھەتتىن يول قويۇشنى قولغا كەلتۈردى. 13 - مارت، مۇستاپا كامال پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ ئەنقەرە ھۆكۈمىتى ئىتالىيە بىلەن كېلىشىم تۈزدى. ئىتالىيىمۇ ئاناتولىيىدىن چېكىنىپ چىقىش ھېسابىغا تۈركىيىنىڭ ئىقتىسادىي ھوقۇق - مەنپەئەت جەھەتتىن يول قويۇشنى قولغا كەلتۈردى. ئىتالىيە ئارمىيىسى شۇ يىلى ئىيۇندا پۈتۈنلەي چېكىنىپ بولدى. 16 - مارت، روسىيە سوۋېت فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈركىيە مۇستاپا كامال ھۆكۈمىتى موسكۋدا دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، كونا روسىيە تۈركىيە شەرتنامىسىنى بىكار قىلدى. تۈركىيە باتومىنى قايتۇرۇپ بەردى، سوۋېت روسىيىسى تۈركىيىنىڭ كارس ۋە ئارداخانغا ئىگىدارچىلىق قىلىشنى ئېتىراپ قىلدى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە - سوۋېت سودا كېلىشىمى لوندوندا ئىمزالاندى. كېلىشىمدە سودا مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن باشقا، ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىدە بولماسلىققا، ھەرقانداق شەكىلدىكى قامالنى قىلماسلىق ۋە ئۇنى ساقلىماسلىققا ۋەدە بېرىشنى بەلگىلىدى. 17 - مارت، پولشا قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى «پولشا جۇمھۇرىيەت قانۇنى»نى ماقۇللىدى. شۇ كۈنى، پولشا لاتۋىيە، ئىستونىيە ۋە فىنلاندىيىلەر بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، ئۆزئارا سۈلھ شەرتنامىدە ئايرىپ بېكىتىلگەن چېگرا ھالىتىنى ساقلاش، شەرتنامە ئىمزالاشقا قاتناشقان دۆلەتلەر ئىچىدىن ھەرقانداق بىر دۆلەت تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىسا باشقا دۆلەتلەر بىتەرەپلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى بەلگىلىدى. 18 - مارت، پولشا بىلەن سوۋېت روسىيىسى رىگادا سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرىسىنى ئايرىپ بېكىتتى، بۇ «رىگا شەرتنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 20 - مارت، يۇقىرى سىلېزىيىدە پۇقرالار بېلەت تاشلىدى.بېلەت تاشلاشقا قاتناشقانلارنىڭ كۆپچىلىكى گېرمانىيىگە تەۋە بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى. خەلقئارا ئىتتىپاق 12 - ئۆكتەبر يۇقىرى سىلېزىينى ئىككىگە ئايرىپ گېرمانىيە بىلەن پولشىغا بۆلۈپ بېرىشنى قارار قىلدى. 21 - مارت، روسىيە فېدېراتىپ پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى «ماددىي باجنى ئاشلىقنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ۋە خام ئەشيا يىغىۋېلىش تۈزۈمى توغرىسىدا» پەرمان ماقۇللىدى. ئارقىندىنلا، سوۋېت ھۆكۈمىتى يەنە «ماددىي باج مىقدارى توغرىسىدا» ۋە «ئارتۇق ئاشلىقلارنى يىغىۋېلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولغان ئۆلكىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئەركىن ئېلىپ - سېتىش ۋە ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا» پەرمان ئېلان قىلدى. 21 - مارت (ئاپرېلنىڭ باشلىرىغىچە) گېرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىشچىلار ئىنقىلاب قوزغىدى. شۇ ئايدا، ھىندىستاننىڭ پەنجاپتىكى شېك دېھقانلىرى پومېسچىك ۋە جازانىخورلارنىڭ شەپقەتسىز ئېكىسپىلاتاتسىيىسىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ «ئاكالى ھەرىكىتىنى» نى قوزغىدى؛ برازىلىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىس ھەمكارلىق بىرلەشمە جەمئىيىتى قۇرۇلدى. برازىلىيىنىڭ ئالېگرې پورتىدا ھۆكۈمەتسىز ئىشچىلارنىڭ قۇرۇلتىي ئېچىلدى.
1921
ئاپرېل
5 - ئاپرېل، مىسىردىكى ۋافد پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى زاگلۇرمىسىرغا قايتىپ كەلدى. 15 - ئاپرېل، ئەنگلىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئالدىن بەلگىلەنگەن كان ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىغا مەدەت بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش كۈنىدە مەدەت بېرىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىش تاشلاشنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ كۈننى كان ئىشچىلىرى «خەيرلىك بولمىغان جۇمە» دەپ ئاتىلدى. 25 - ئاپرېل، بۇلغارىيە ھۆكۈمىتى يەر ئىسلاھاتى قانۇنىنى جاكارلاپ، يەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى بېكىتتى. 27 - ئاپرېل ئانتانتا دۆلەتلىرى تۆلەم كومىتېتى گېرمانىيىنىڭ ئومۇمەن 132 مىليارد ئالتۇن مارك تۆلەم تۆلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 29 - ئاپرېل (5 - مايغىچە) ئانتانتا دۆلەتلىرى لوندوندا يىغىن ئاچتى، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغۇچى دۆلەتلەر تۆلەم مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر گېرمانىيىگە ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، رور رايونىغا ئەسكەر تارتقانلىقىنىڭ جەرىمانىسى سۈپىتىدە ماي ئايلىرىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن 1 مىليارد ئالتۇن مارك تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
1921
ماي
1 - 6 - مايغىچە، پەلەستىندىكى ئەرەبلەر يەھۇديلارنىڭ كۆپلەپ ئاھالە كۆچۈرۈشكە قارشى كۈرەش قوزغاپ، يەھودى كارخانىلىرىنىڭ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىشقا قارشى تۇردى. 4 - ماي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋۇد - فۇربېس مېژىن ئۆمىكىنى فىلىپپىنغا تەكشرۈشكە ئەۋەتتى. بۇ ئۆمەك 12 - سېنتەبر دوكلات خېتى ئېلان قىلىپ، فىلىپپىنغا دەرھال مۇستەقىللىك بېرىش «فىلىپپىن خەلقىنى ساتقانلىق»تىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ جاكارلاپ «مۇستەقىللىك بېرىش» ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارشى تۇردى. 8 - ماي، رۇمىنىيە سوتسىياللار پارتىيىسى بۇخارستتا قۇرۇلتاي ئېچىپ، سوتسىياللار پارتىيىسىنى رۇمىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللدى. 10 - ماي، گېرمانىيىدە يوسېف. ۋېرت كابىنېتى قۇرۇلدى. 11 - ماي، گېرمانىيە ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ تۆلەم تۆلەش شەرتىنى قوبۇل قىلدى. 14 - ماي، چېخوسلوۋاكىيە سولچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى نامىنى كوممۇنىستىك پارتىيىگە ئۆزگەرتتى، ھەم كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قاتنىشىشنى قارار قىلدى. 15 - 17 - مايغىچە، فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مارسېل قۇرۇلتىيى پارتىيە پروگراممىسىنى ماقۇللىدى. 21 - ماي، روسىيە سوۋېت فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن گرۇزىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ئىتتىپاق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 27 - ماي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جىددىي چېگرا بېجى قانۇنىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، قوي يۇڭى ۋە شېكەر يېمەكلىكلىرىنىڭ ئىمپورت بېجىنى ئۆستۈرۈپ، گېرمانىيىنڭ بوياق ماتېرىياللىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى.
1921
ئىيۇن
22 - ئىيۇن، ئافغانىستان بىلەن پېرسىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. ئۇندىن كېيىن يەنە 1927 - يىل 27 - نويابردا پېرىسىيە بىلەن دوستلۇق - بىخەتەرلىك شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شۇ كۈنى (12 - ئىيۇلغىچە) كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 3 - قۇرۇلتىي موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى، قۇرۇلتايغا 52 دۆلەتتىن كەلگەن 605 نەپەر ۋەكىل قاتناشتى. قۇرۇلتايدا دۇنيا ئىقتىسادىي كىرىزىسى ۋە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ يېڭى ۋەزىپىسى؛ پارتىيىنىڭ تاكتىكا مەسىلىسى؛ پارتىيىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى؛ پارتىيىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ۋە خىزمەت مەزمۇنى؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار ھەم ھەمكارلىق كوپېراتىپلىرىنىڭ پائالىيەت ئەھۋالى ۋە ۋەزىپىسى؛ گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە پارتىيىلىرىنىڭ خاتالىق مەسىلىسى قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى. 24 - ئىيۇن خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ مەمۇرىي مەھكىمىسى ئاللاند تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى فىنلاندىيىگە ئايرىپ بەردى. 28 - ئىيۇن، سېربىيە - كروئاتىيە - سېلوۋېنيە پادىشاھلىقى «ۋىد ئاساسىي قانۇنى»نى ماقۇللىدى، قانۇن دۆلەتنى پادىشاھلىق دۆلەت دەپ بېكىتتى. شۇ ئايدا، ئاۋسترالىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 1 - قۇرۇلتىي مېلبۇرۇندا ئېچىلدى.
1921
ئىيۇل
1 - ئىيۇل، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ئۆتكۈزدى، ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلىدى. لېنىن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 3 - قۇرۇلتىيىدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تاكتىكىسىنى قوغداش توغرىسدا نۇتۇق ئېلان قىلدى. 3 - 19 - ئىيۇلغىچە، خەلقئارا قىزىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى تەسىس قىلىش قۇرۇلتىي موسكۋادا ئېچىلدى. 6 - ئىيۇل، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بىلەن موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيىسى موڭغۇلىيىنىڭ خورېغا كىردى. موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيىسى موڭغۇلىيىنىڭ خورېغا كىردى. موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى 10 - ئىيۇلدا قۇرۇلدى. 11 - ئىيۇل، ئېرلاندىيە سىن فىن پارتىيىسى بىلەن ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزدى. ئىرلاندىيە سىن فىن پارتىيىسى بىلەن ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش 1919 - يىل 26 - نويابر پارتلىغاندىن تارتىپ 1920 - يىل 15 - مايدا ئەنگلىيىنىڭ ياردەمچى ئارمىيىسى يېتىپ كەلگەنگە قەدەر مۇرەسسەسىز ھالدا بىر يىلدىن ئارتۇق كەسكىن داۋام قىلدى. 21 - ئىيۇل، ئىسپانىيە ئارمىيىسى ماراكەشنىڭ ئاننو ئالدىكى ئۇرۇشتا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى. ئىسپانىيە ئارمىيىسىدىن 12 مىڭ ئادەم ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆلدى. سلۋېسترې ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. ئارقىندىنلا يەنە ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدا ماراكەشنىڭ رېپ قوزغىلاڭچى ئارمىيىسى ئىسپانىيە ئارمىيىسىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتتى. ئىسپانىيە ئارمىيىسىنىڭ يېڭى تەيىنلەنگەن قوماندانىنى ۋە قوماندانلىق شتابنىڭ بىر بۆلەك ئوفتسېرلىرىنى ئەسىرگە ئالدى. شۇ ئايدا، ئىتالىيە سوتسىياللار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بىلەن ئىتالىيە فاشىستتىك پارتىيىسىنىڭ كاتتىبېشى موسسولىن فاشىشتتىك ئۇنسۇرلار بىلەن سوتسىياللار پارتىيىسىنىڭ «يارىشىش ئەھدىنامىسى» گە قول قويدى.
1921
ئاۋغۇست
2 - ئاۋغۇست، يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىق ھۆكۈمىتى «دۆلەت ئامانلىق قانۇنى»نى ماقۇللاپ، كوممۇنىستىك پارتىيىنى تارقىتىپ تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى پۈتۈنلەي قولغا ئېلىندى، پارتىيىنىڭ رەھبىرى خادىملىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، كۆپ ساندىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋەيران بولدى. 13 - ئاۋغۇست، ئامېرىكىنىڭ بوستۇن ئىشچىلىرى ۋەكىللەر يىغىنى تەشكىللەپ، ئىئانە توپلاپ سوۋېت روسىيىسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. 22 - 26 - ئاۋغۇستقىچە، گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى يېنادا پارتىيە قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزدى. 23 - ئاۋغۇست، ئىراقتا پۇقرالارنىڭ بېلەت تاشلىشى ئېلىپ بېرىلدى، بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ 96 پىرسەنتى سابىق سۈرىيە پادىشاھى پايسالنىڭ ئىراققا پادىشاھ بولۇشنى قوللىدى. ئەنگلىيىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئالىي دەرىجىلىك ۋالىيسى پايسالنىڭ ئىراق پادىشاھلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى. 23 - ئاۋغۇسىت (13 - سېنتەبرگىچە) تۈركىيە كامال مىللىي ئارمىيىسى بىلەن گرېتسىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى ساكالىيە دەرياسىدا قاتتىق ئۇرۇشتى، تۈركىيە مىللىي ئارمىيىسى ساكالىيە دەرياسىدا قاتتىق ئۇرۇشتى، تۈركىيە مىللىي ئارمىيىسى گرېتسىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنى مەغلۇب قىلدى. 24 - 25 - ئاۋغۇست، ئامېرىكا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاۋسترىيە ۋە گېرمانىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا سۈلھ شەرتنامە تۈزدى. شۇ ئايدا، ھىندىستاننىڭ مادراس ئۆلكىسىنىڭ مالابار دەرياسى بويىدىكى رايونلاردا موفۇرا (ئىسلام دىنىدىكى دېھقانلار) قوزغىلىڭى پارتلىدى. قوزغىلاڭچىلار «خەلىپە پادىشاھلىقى»نى قۇردى. لېكىن ئۇزۇنغا قالماي ئەنگلىيە - ھىندىستان مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇپ تاشلاندى.
1921
سېنتەبر
19 - سېنتەبر، ماراكەشتە مۇستەقىل رېپ جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. رېپ ئۆلكىسىدىكى 12 قەبىلە بىر دۆلەت بولۇپ ئۇيۇشتى، قەبىلە باشلىقلىرى قۇرۇلتىي ئۆزىنى مىللىي پارلامېنت دەپ جاكارلاپ، ئالىي قانۇن تىكلەش ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي ھوقۇققا ئىگە بولدى، مىللىي پارلامېنت باشلىقى بىرلا ۋاقىتتا جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنلەندى. ئابدۇئەلى كېرىم جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭلۇقىغا، قوشۇمچە ئارمىيىنىڭ ئالىي قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى.
1921
ئۆكتەبر
13 - ئۆكتەبر، «كارس شەرتنامىسى»ئىمزالاندى، كامال تۈركىيىسى ئەرمىنىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى. 21 - ئۆكتەبر، پادىشاھ كارل يەنە بىر قېتىم ۋېنگرىيىگە قايتىپ پادىشاھلىق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقتىن (بىرىنچى قېتىم شۇ يىلى 27 - مارتتا ۋەتەنگە قايتقان)، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ مادېيرا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىندى، 1922 - يىل 1 - ئاپرېلدا سۈرگۈندە ئۆلدى.
1921
نويابر
4 - نويابر، ياپونىيە باش ۋەزىرى خارا تاكاسى قەستكە ئۇچراپ ئۆلدى. 5 - نويابر، روسىيە سوۋېت فدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن مۇڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 12 - نويابر (1922 - يىلى 6 - فېۋرالغىچە) ۋاشىنگتون يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، جۇڭگو، پورتۇگالىيە، گوللاندىيە، بېلگىيىدىن ئىبارەت توققۇز دۆلەت ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىن توققۇز تۈرلۈك شەرتنامە ماقۇللىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى: ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرنسىيە، ياپونىيە «تۆت كۈچلۈك دۆلەت ئىمزالىغان تىنچ ئوكيان كېلىشىمى»؛ ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە بەش دۆلەت ئىمزالىغان «دېڭىز ئارمىيىسى بويىچە ھەربىي ھازىر لىقلارنى چەكلەش شەرتنامىسى» ۋە «توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى» بولدى. «توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى» جۇڭگوغا «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» ۋە «پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش» پرىنسىپىنى بەلگىلەپ، جۇڭگونى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرقانچە جاھانگىر دۆلەتنىڭ يېرىم مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. 25 - نويابر، ياپونىيە تىنوسى كېسەل بولۇپ قالغانلىقتىن، شاھزادە خىروخىتو مۇۋەققەت تىنو تەيىنلەندى.
1921
دېكابر
6 - دېكابر، ئەنگىلىيە بىلەن ئىرلاندىيە ئىرلاندىيىگە ئاپتونومىيىلىك ئورۇن بېرىش توغرىسىدا شەرتنامە ئىمزالىدى، ئەنگلىيە ئىرلاندىيىنىڭ ئەركىن شتات تەشكىللىشىگە قوشۇلدى، بىراق شىمالىي ئىرلاندىيە ھازىرقى ھاكىمىيە تۈزۈلمىسى ھوقۇقىنى ساقلاپ قالدى. 12 - دېكابر، پېرسىيە بىلەن تۈركىيە تىنچلىق - دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 28 - دېكابر، پۈتۈن روسىيە سوۋېتلىرى 9 - قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزدى. شۇ ئايدا، ئامېرىكىدىكى بىرقانچە ئىشچىلار تەشكىلاتىنىڭ 150 نەپەر ۋەكىلى نيۇ - يوركتا يىغىن ئۆتكۈزۈپ ئىشچىلار پارتىيىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى؛ كونگو (بۈگۈنكى زايىر) داكبانگو ھەرىكىتى پارتلىدى؛ ئارگېنتىنا خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىقتى، 1933 - يىلغا كەلگەندە يەنە قايتىدىن خەلقئارا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت سۈپىتىدە پۈتكۈل ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
شۇ يىلى، ئادولف گىتلىرى گېرمانىيە دۆلەت سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى؛ مىسىر خەلقنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى قوراللىق كۈرىشى يەنە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى؛ پېرۇ بىلەن چىلى تاكنا ئارىكانىڭ تەۋەلىك ھوقۇقىنى تالاشتى، بۇ تالاش - تارتىش تاكى 1929 - يىلى كېلىشىم ئىمزالىنىپ، تاكنا پېرۇغا تەۋە بولغانغا قەدەر داۋاملاشتى.