UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1924 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1924 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 16 - 18 - يانۋارغىچە، روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى 13 قېتىملىق ۋەكىلەر يىغىنىنى ئېچىپ، «45 كىشىلىك پروگرامما» ۋە تروتسكىنىڭ «يېڭى فاڭجېنى» توغرىسىدىكى مۇنازىرىدىن خۇلاسە چىقىرىپ، 10 - قۇرۇلتاينىڭ پارتىيە ئىچىدە گۇرۇھۋازلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويماسلىق توغرىسىدىكى قارارىنى تەكىتلىدى. ۋىلادېمىر ئىلئبچ لېنىن 21 - يانۋار، چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە موسكۋا يېنىدىكى گوركىي كەنتىدە ۋاپات بولدى. لېنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 2 - قېتىملىق سوۋېت قۇرۇلتىي 26 - يانۋار «لېنىن ئەسەرلىرى» نى نەشىر قىلىشنى، پېتروگرادنىڭ نامىنى لېنىنگرادقا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە كېلىشىم ئىمزالاپ، فرانسىيىگە قاراشلىق سۇدان بىلەن ئەنگلىيە ۋە مىسر ئورتاق ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان سۇدان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرىنى ئېنىق ئايرىدى. 22 - يانۋار (4 - نويابرغىچە)، ئەنگلىيىدە را. ماكدونالد باشچىلىقىدىكى بىرىنچى نۆۋەتلىك ئىشچىلار پارتىيىسى كابىنېتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى، 25 - يانۋار، فرانسىيە بىلەن چېخوسلۇۋاكىيە شەرتنامە ئىمزالاپ سەۋەبسىز تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى بەلگىلىدى. 27 - يانۋار، يۇگوسلاۋىيە بىلەن ئىتالىيە بەش يىل قەرەرلىك دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شۇ كۈنى، ئىتالىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە فىئۇمې توغرىسىدا شەرتنامە ئىمزالىدى. فىئۇمېى ئىتالىيىگە تەۋە بولدى، يۇگوسلاۋىيە بارروس پورتى بىلەن فىئۇمېدىكى بەزى پەۋقۇلئاددە ئوڭايلىقنى قولغا كەلتۈردى. 28 - يانۋار (24 - نويابرغىچە) مىسىردا سائادزاگلول پاشا باشچىلىقىدىكى بىرىنچى نۆۋەتلىك ۋەفتۇن پارتىيىسى كابىنېتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. 29 - يانۋار، ياپونىيىدە ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىتتىپاقى قۇرۇلدى. شۇ ئايدا، گېرمانىيىدە پۇل تۈزۈمى ئىسلاھاتى يۈرگۈزۈلۈپ، ھەر بىر يېڭى ماركقا 1 مىليارد كونا مارك ئالماشتۇرۇلدى. 1924 فېۋرال 1 - فېۋرال، ئەنگلىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. شۇ كۈى (18 - مارتقىچە)، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىتالىيە، نورۋېگىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسىيىلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. 5 - فېۋرال، سوۋېت ئىتتىپاقى پۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ تۇراقلىق پۇل ئىشلىتىشنى يولغا قويدى. 7 - فېۋرال، ئىسپانىيە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە بىلەن «تەنجە شەرتنامىسى»نى ئىمزالاپ، تەنجىنى مەڭگۈلۈك بىتەرەپ رايون قىلىپ، خەلقئارا كومىتېت ئىدارە قىلىشنى بەلگىلىدى. 1924 مارت 10 - مارت، ياپونىيە تايلاند بىلەن ئىمزالىغان شەرتنامىگە ئاساسەن تايلاندىكى زېمىن سىرت ھوقۇقى ۋە باج ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى. 1924 ئاپرېل 9 - ئاپرېل، ئامېىكىلىق چارلىز داۋېس رەئىسلىكىدىكى ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى، گېرمانىيىنىڭ ئىقتىسادى ۋە خام چوتىنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى، بۇ تارىختا «داۋېس پىلانى» دەپ ئاتالدى. پىلاندا ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا گېرمانىيە دۆلەت بانكىسى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش، گېرمانىيە ھەر يىلى 1 مىليارد ئالتۇن مارك تۆلەم تۆلەش، بەش يىلدىن كېيىن 2 مىليارد 500 مىليون ماركقا كۆپەيتىش، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيە 800 مىليون ئالتۇن مارك قەرز پۇلغا ئىگە بولۇش بەلگىلەندى. 20 - ئاپرېل، تۈركىيە چوڭ مىللىي پارلامېنتى «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نى ماقۇللىدى. شۇ ئايدا، رۇمىنىيە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بېسسارابىيە تەۋەلىك مەسىلىسىنى پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن، سۆھبەت بۇزۇلدى؛ شمالىي رودېزىيە ئەنگلىيىنىڭ بىۋاسىتە مۇستەملىكىسىگە ئايلاندى. 1924 ماي 1 - ماي، پولشا مالىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، ئالتۇن قىممىتىدىكى زىلوتنى كونا پۇل پولشا ماركىسىنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. 11 - ماي، فرانسىيە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزدى. «سولقانات ئىتتىپاق» غەلىبە قىلدى. پوينكارى كابىنېتى ئىستېپا بەردى. 23 - 31 - مايغىچە، قۇرۇلتىيىنى ئاچتى. قۇرۇلتاي مېتاللورگىيە، توك ئېنېرگىيە سانائىتى ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، ھەمدە دېھقان ئائىلىلىرىنى ئەڭ ئاددىي شەكىلدىكى ھەمكارلىق كوپېراتسىيىلىرىگە كىرگۈزۈش فاڭجېنىنى بېكىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سودا ۋە ھەمكارلىق كوپېراتىپ سودىلىرىنى قەتئىي راۋاجلاندۇرۇشنى، تاشقى سودىنى مونوپولىيە قىلىش تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. قۇرۇلتاي يەنە 13 - قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى ماقۇللىغان تىروتىسكىزمنىڭ بىر خىل ئۇششاق پۇرژۇئا خاھىشى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەش قارارىنى تەستىقلىدى. 31 - ماي، سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. 1924 ئىيۇن 10 - ئىيۇن،ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ سوتسىيالىزمچى ئەزاسى كوموماتېئوتنى فاشىستلار ئۆلتۈرۈۋەتتى. ماتېئوتى «فاشىستلارنىڭ ھەقىقىي سىرى» دېگەن ئەسىرىدە فاشىستىك ئۇنسۇرلارنىڭ سانسىزلىغان قانۇنسىز زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېچىپ تاشلىغانىدى. 11 - ئىيۇن، فرانسىيە زۇڭتۇڭى ئالېكساندىر مىلېران ئىستېپا بەردى. 13 - ئىيۇن (1931 - يىل ئىيۇنغىچە) فرانسىيىدە گاستون دومېرگو زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەندى. 14 - ئىيۇن (1925 - يىل 10 - ئاپرېلغىچە) فرانسىيىدە سولقاناتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئېدۋارت خېررىئوت كابىنېتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. 15 - ئىيۇن، ئىتالىيىدە بۇرژۇئا ئۆكتىچىلەر سىياسىي پارتىيىسى بىلەن ئىككى سوتسىياللار پارتىيە فاشىزمغا قارشى «ئاۋىنتىن ئىتتىپاقى»نى (بۇ ئاتالغۇ قەدىمكى رىمنىڭ پۇقرالىرى ئاقسۆڭەكلەر بىلەن كۈرەش قىلغان ۋاقتىدا ۋاقىتلىق چېكىنىش بازىسى قىلغان ئاۋىنتىن تېغىنىڭ نامىدىن ئېلىنغان) قۇردى، ھەم ئۆزلىرىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرىنى چاقىرىۋالدى. 17 - ئىيۇن (8 ئىيۇلغىچە)، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال 5 - قۇرۇلتىيىنى ئاچتى. 21 - ئىيۇن، پېرۇ بىلەن ئېكۋادور كېلىشىمنامە ئىمزالاپ، چېگرا تالاش - تارتىشنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش توغرىسىدا ۋەدىلەشتى. 1924 ئىيۇل 4 - 6 - ئىيۇلغىچە،ئامېرىكا «ئىلغار سىياسىي ھەرىكەت كومىتېتى» ر. م. را. فورتنى ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى قىلىپ كۆرسەتتى. 4 - 28 - ئىيۇلغىچە، برازىلىيىنىڭ سان - پاۋلو شەھىرىدىكى ئارمىيە ئىنقىلابىي قوزغىلاڭ كۆتۈردى. لېكىن كېيىن مەغلۇپ بولدى. 10 - ئىيۇل، ئەنگلىيە پارىس (پېرىسسىيە) نېفىت شىركىتىنىڭ ھەرقايسى زاۋۇتلىرى ئىش تاشلىدى. 12 - ئىيۇل، نىكولا. پاشىچ باشچىلىقىدىكى يۇگوسلاۋىيە ھۆكۈمىتى مۇستەقىل ئىشچىلار پارتىيىسىنى مەنئى قىلدى. 16 - ئىيۇل (16 - ئاۋغۇستقىچە)، ئانتانتا دۆلەتلىرى لوندوندا يىغىن ئېچىپ «داۋېس پىلانى»نى ماقۇللىدى. يىغىنغا ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، بېلگىيە، پورتۇگالىيە، گرېتسىيە رۇمىنىيە، يۇگوسلاۋىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. گېرمانىيىنى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەشتە ئامېرىكا 110 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى ئۈستىگە ئالدى. 27 - ئىيۇل فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن سوتسىياللار پارتىيىسى فاشىزمغا ۋە ئۇرۇش خەۋىپىگە قارشى كۈرەش قىلىش جەريانىدا بىردەك ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا ئەھدىنامە ئىمزالىدى. 28 - ئىيۇل، شۇ ئايدىن باشلاپ پولشىنىڭ يۇقىرى سىتسىلىيىدە پارتلىغان ئىش تاشلاش ئاۋغۇستقىچە داۋاملاشتى. 1924 ئاۋغۇست 4 - ئاۋغۇست، سوۋېت ئىتتىپاقى مېكسىكا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. 6 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيە بىلەن تۈركىيە مۇسۇل رايونىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى توغرىسىدىكى تالاش - تارتىشنى خەلقئارا ئىتتىپاقىغا سۇندى، خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ مەمۇرىي مەھكىمىسى 29 - ئۆكتەبر ۋاقىتلىق چېگرا سىزىقى (بريۇسسېل سىزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئايرىپ، ھوسۇلنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىراققا ئايرىپ بەردى. 8 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيە - سوۋېت ئىتتىپاقى سودا شەرتنامىسى ئىمزالاندى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنگلىيىگە ئىمپورت توۋارلىرىدىن ئالاھىدە مەنپەئەتدار دۆلەت قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدىغان بولدى. ئەنگلىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قەرز مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ قويدى. شۇ ئايدا، ئەنگلىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى ئاز سانلىقلار ھەرىكىتى تۇنجى قېتىم پۈتۈن مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىنى ئاچتى. 1924 سېنتەبر 16 - 19 - سېنتەبرگىچە، ىسسارابىيىدە تاتار بۇنالى قوزغىلىڭى بولدى. 1924 كۈزدە مىسرنىڭ ۋەفدۇن پارتىيىسى ھۆكۈمىتى «مەۋجۇت تۈزۈمىگە قارشى تۇردى» دېگەن جىنايەت بىلەن مىسىر كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى باستۇردى. كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ شۇجىسى، ئەمگەك ئىتتىپاقىنىڭ تەشكىلاتچىسى ئانتون. مارۇن تۈرمىدە قازا تاپتى. 1924 ئۆكتەبر 25 - ئۆكتەبر، ئامېرىكىنىڭ چىكاگودا قارا تەنلىك ئىشچىلار تۇنجى قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى. 27 - ئۆكتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى «ئوتتۇرا ئاسىيا سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ چېگرىلىرىنى ئايرىپ، ئۆز بېك سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈركمەن سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنى سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلىش توغرىسدا» قارار ماقۇللىدى. 28 - ئۆكتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن فرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، فرانسىيە ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 29 - ئۆكتەبر، ئەنگلىيە تۆۋەن پالاتا سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشتى. شۇ ئايدا (1927 - يىل فېۋرالغىچە)، برازىلىيىنىڭ پرېستىس كالوننىسى «يىراققا يۈرۈش» قىلدى. 1924 دېكابر 4 - نويابر، ئامېرىكىدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، كالۋىن. كولدىژ زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى. 7 - نويابر (1926 - يىلى 4 - ئىيۇلغىچە)، ئەنگلىيە مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسىدىن ستانلى بالدۇرىن ئىككىنچى قېتىم كابىنېت تەشكىللەپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. 19 - نويابر، مىسىر ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، قوشۇمچە سۇدان باش نازارەتچىسى بولغان ئەنگلىيە گېنېرالى لې ستاك قاھىرىدە قەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 22 - نويابر مىسىرنىڭ ۋەفدۇن پارتىيىسى ھۆكۈمىتىگە ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، قاتىلنى جازالاشنى، ئەپۇ سوراپ، خۇن قەرزىنى تۆلەشنى، سىياسىي نامايىشنى باستۇرۇپ، سۇداندىن مىسىر قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. ۋەفدۇن پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ئامالسىز ئىستېپا بەردى. 21 - نويابر، بالدۋىن كابىنېتى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىگە ئەنگلىيىنىڭ 8 - ئاۋغۇست ئەنگلىيە - سوۋېت شەرتنامىسىنى تەستىقلىمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 26 - نويابر، موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاندى، چوڭ خەلق خورالى ئاساسىي قانۇن ماقۇللىسى. 1924 نويابر ئىسپانىيە ئارمىيىسى رېپ قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ زەربىسى ئاستىدا مەراكەشنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىن چېكىنىپ، دېڭىز بويى رايونلىرىغا توپلىنىشقا مەجبۇر بولدى. شۇ يىلى، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە كېلىشىم ئىمزالاپ، فرانسىيىگە قاراشلىق ئېكۋادور ئافرىقىسىنىڭ ئەنگلىيە، مىسىر ۋە سۇدان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرىسى ئايرىلدى؛ مېكسىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «ئامېرىكا قىتئەسى جاھانگىرلىككە قارشى ئىتتىپاقى» قۇرۇلدى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە