UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1951 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1951 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار دېكابر 2 - دېكابر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى فېدېراتسىيە تۈزۈمى ئاساسىدا ئېرېترىيىنى ئېغىئوپىيىگە قوشۇۋېتىش قارارىنى ماقۇللىدى. 4 - 8 - دېكابر، ترومېن بىلەن ئەتتلې سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەن مەسىلىىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى جاكارلىدى. 13 - دېكابر، ئامېرىكا مارشالل پىلانى بويىچە ئەنگلىيىگە بېرىلىۋاتقان ياردەمنىڭ 1951 - يىل `1 - يانۋاردا توختايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 16 - دېكابر، ترومېن ئامېرىكىنىڭ مەملىكەت بويىچە جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى. چارلىزۋىلسون بۇيرۇققا بىنائەن يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك ئىشخانىسىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىكى دۆلەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مۈلۈكلىرىنى تىزگىنلەپ، ئامېرىكىدا جۇڭگو پورتلىرىغا قاتناش ئۈچۈن تىزىمغا ئېلىنغان پاراخوتلارنىڭ قاتنىشىنى مەنئىي قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن 28 - دېكابر، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى مال - مۈلكىنى تىزگىنلەپ، ئامانەت پۇلىنى توڭلاتقانلىقىنى جاكارلىدى. 18 - دېكابر، دۋىت ئېزىنخاۋېر ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ ئالىي قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى. باش شتاب پارىژ ئەتراپىغا تەسىس قىلىندى. 20 - دېكابر، بريۇسسېل شەرتنامىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي كۈچىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا قوشۇشنى قارار قىلدى. 30 - دېكابر (1951 - يىل 7 - يانۋارغىچە)، چاۋشيەن - جۇڭگو (پىدائىي قىسىملىرى) قوشۇنلىرى يېڭى يىللىق ھۇجۇم (يەنى 3 - قېتىملىق جەڭ) نى قوزغىدى. 1951 يانۋار 1 - 4 - يانۋارغىچە، چاۋشيەن - جۇڭگو (پىدائىي قىسىملىرى) قوشۇنلىرى «38 - پاراللېل»نى بويلاپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارمىيىسى»نىڭ سېپىنى «بۆسۈپ» ئۆتتى ھەم 4 -يانۋار سېئولنى ئازاد قىلدى. 5 - يانۋار، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ئۈستىدە «مۇنازىر» ئېلىپ باردى. كېڭەش پالاتا ئەزاسى روبېرت تافت ھۆكۈمەتنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. 19 - يانۋار، ياپونىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ 7 - قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك سۈلھ قىلىش، بىتەرەپلىك، قايتا قوراللىنىشقا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت تىنچلىقنىڭ ئۈچ پرىنسىپىنى بېكىتتى. 20 - يانۋار، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىگە نوتا تاپشۇرۇپ، غەربىي گېرمانىيىنى قايتا قوراللاندۇرۇش ياۋروپانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى ھەم بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى. 25 - يانۋار (2 - فېۋرالغىچە)، ئامېرىكىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى جون فوستېر دوللېس توكيوغا كېلىپ، ياپونىيە بىلەن بىر تەرەپلىملىك سۈلھ تۈزۈشنى پىلانلىدى. ياپونىيە بىلەن بولغان سۈلھىنىڭ ئاساسىي لايىھىسى شەكىللەندى. ياپونىيە لېبىراللار پارتىيىسى بايانات ئېلان قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بېسىۋالغان كورىل تاقىم ئارىلى بىلەن ئامېرىكا ئىشغال قىلىۋالغان ريۇكيۇ تاقىم ئاراللىرى (ئوكناۋا ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇ كۈنى (21 - ئاپرېلغىچە)، چاۋشيەن - جۇڭگو (پىدائىي قىسىملىرى) قوشۇنلىرى ئامېرىكا - لى سىنمان قوشۇنلىرىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىنى تارمار قىلىپ، ئۇلارغا كائىنوڭ - جەنچىڭ رايونلىرىدا توسۇپ زەربە بەردى. (4 - قېتىملىق جەڭ). 29 - يانۋار، ئەنگلىيە باش ۋەىزىرى ئەتتلې 4700 مىلايرد فوند - سىتېرلىنگ ئاجرىتىپ ئارمىيىنىڭ كېڭەيتىش پىلانىنى جاكارلىدى. شۇ ئاي (فېۋرالغىچە)، ۋيېتنام خەلقى رەئىس خۇجىمىن باشچىلىقىدىكى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە فرانسىيىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشنى قانات يايدۇردى. شۇ ئاي (مارتقىچە)، ئامېرىكىدا 65 نەپەر مەشھۇر پەن - تېخنىكا ئالىملىرى، يازغۇچىلار، نېگىرلارنىڭ داھىيىسى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پائالىيەتچىلىرى بىرلىشىپ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش «ئامېرىكا تىنچلىق سەلپ قوشۇنى» قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، تىنچلىقنى تەلەپ قىلدى. 1951 فېۋرال 1 - فېۋرال، ئامېرىكىنىڭ كونترول قىلىشى ئارقىسىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگونى «تاجاۋۇزچى» دەپ ھاقارتلەيدىغان قارار ماقۇللىدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز جۇئېنلەي 2 - فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشى چاۋشيەن ئۇرۇشىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش يولىنى توسۇپ قويدى، دەپ كۆرسەتتى. 26 - فېۋرال، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ پەقەت ئۇدا ئىككى نۆۋەت تەيىنلىنىش چەكلىمىسى توغرىسىدىكى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 22 - ماددىسىدىكى تۈزىتىلگەن لايىھىسىنى كۈچكە ئىگە قىلدى. شۇ ئايدا، ياپونىيىدە ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۇنجى ئىقتىسادىي كرىزىس مەيدانغا كېلىپ، ئۆكتەبرگىچە داۋاملاشتى. بۇ توققۇز ئاي ئىچىدە، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى %5 .3 چۈشۈپ كەتتى. 1951 مارت 6 - مارت، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئالىي دەرىجىلىك ۋالىيلىرى مەھكىمىسى غەربىي گېرمانىيىنى ئىشغال قىلىش قانۇن - نىزامىنى ئۆزگەرتىپ، گېرمانىيە فېدېراتىپ ھۆكۈمىتىگە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ۋە ئامانلىق ساقلاش ساقچىسى قۇرۇشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 10 - 12 - مارت، ياپونىيە «باش باھالاش كېڭىشى» ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 2 - قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، تۆت نۇقتىلىق تىنچلىق پرىنسىپىنى قوبۇل قىلشنى قارار قىلدى. 24 - مارت، ماكارتۇر سۆھبەت بايان قىلىپ، چاۋشيەن ئۇرۇشىنى جۇڭگوغىچە كېڭەيتىش توغرىسىدا داۋراڭ سالدى. 28 - مارت، ئامېرىكا 7 - فىلوتىنىڭ قوماندانى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تەيۋەننى ئازاد قىلىشنى توسۇيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 29 - مارت، ئامېرىكا ياپونىيىگە قارىتىلغان سۈلھ شەرتنامىسىنىڭ لايىھىسىنى تەييارلاپ، ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا ئورتقا قاتناشقان سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 دۆلەتكە تاپشۇردى. 1951 ئاپرېل 1 - ئاپرېل، ريۇكيۇ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. 11 - ئاپرېل،ترومېن ماكارتۇرنىڭ ئامېرىكا يىراق شەرق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىدى، ئورنىغا ماتېۋ رىدگۋاي تەيىنلەندى. ئامېرىكا ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تالاش - تارتىش تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. 18 - ئاپرېل، فرانسىيە، ئىتتىپاق گېرمانىيە، ئىتالىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، ليۇكسېمبۇرگ ئۆز ئالدىغا كۆمۈر ۋە پولات بازىرى قۇرۇش شەرتنامىسى ئىمزالاپ، شۇمان پىلاننى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇردى. شۇ كۈنى، ترومېن «ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىكىگە تۇتقان پوزىتىسىيىسى توغرىسىدا» بايانات ئېلن قىلىپ، «ئامېرىكا - ئاۋسترالىيە يېڭى ئىتتىپاقى» قۇرۇشنى جاكارلىدى. 22 - ئاپرېل (21 - مايغىچە)، چاۋشيەن - جۇڭگو (پىدائىي قىسىملىرى) قوشۇنلىرى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى تارمار قىلىپ بەشىنچى قېتىملىق جەڭنى تاماملىدى. 27 - ئاپرېل، دانىيە بىلەن ئامېرىكا 20 يىللىق شەرتنامە ئىمزالاپ، گرېنلاندىيىدىن ئورتاق مۇداپىئەلىنىشنى بەلگلىدى. 29 - ئاپرېل، ئىراننىڭ يۇقىرى - تۆۋەن پالاتاسى مىللىي فرونت رادىكاللىرىنىڭ داھىيسى مۇھەممەد مۇسا دېگىنى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەش نامزاتىغا كۆرسەتتى. 1951 ماي 1 - ماي، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىدىغان «ئامېرىكا ھەربىي ياردەم مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى» تەيۋەندە قۇرۇلدى. 2 - ماي، ئىراننىڭ مۇسادېگ ھۆكۈمىتى «ئىران نېفىت شىركىتى»نى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش پەرمانىنى يولغا قويدى. 9 - ماي، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيىسى 5 - ئاپرېل سۈرىيىنىڭ ھەربىي بازىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقتىن، سۈرىيە - ئىسرائىلىيە چېگرا توقۇنۇشنى كۈچىيىپ كەتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇرۇش توختىتىش بۇيرۇقى چىقاردى. 18 - ماي، ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇرۇش توختىتىش بۇيرۇقى چىقاردى. 18 - ماي، ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى كونترول قىلىپ جۇڭگو بىلەن چاۋشيەنگە «مال يۆتكەشنى چەكلەش» قارارىنى ماقۇللىدى. 22 - ماي، پولشا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى دروگوبىچ ئۆلكىسىنىڭ بىر قسىم يەرلىرىنى پولشىغا قايتۇرۇپ بەردى. 24 - ماي، فرانسىيە مىللىي پارلامېنتى تارقىتىۋېتىلدى. ئارقىندىنلا 17 - ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى % 5 . 26 فرانسىيە خەلق ئىتتىپاقى % 7 . 21 بېلەتكە ئىگە بولدى. 25 - ماي (24 - سېنتەبرگىچە)، چاۋشيەن - جۇڭگو (پىدائىي قىسىملىرى) قوشۇنلىرى ئامېرىكا تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى قوزغىغان يازلىق ھۇجۇمنى تارمار قىلدى. 26 - ماي، ئەنگلىيە خەلقئارا سوتتىن ئىراننىڭ ئۆزى بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى نېفىتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش تالاش - تارتىشنى كېسىمگە تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 28 - ماي، ئىران ھۆكۈمىتى نوتا تاپشۇرۇپ، خەلقئارا سوتنىڭ ئەنگلىيە بىلەن ئىراننىڭ نېفىت تالاش - تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 1951 ئىيۇن 4 - ئىيۇن، ئامېرىكىنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى قانۇنسىزلىق بىلەن ئامېرىكا كوممۇنسىتىك پارتىيىسىنىڭ 11 نەپەر رەھبىرىنى سوراق قىلدى. 19 - ئىيۇن، ترومېن ئەسكەر مەنبەسى قانۇنغا قول قويۇپ، ئەسكەر ئېلىش مۇددىتىنى 1955 - يىل 1 - ئىيۇلغىچە ئۇزارتتى، ئەسكەر ئېلىش يېشىنى 18 يېرىم ياشقا چۈشۈردى ھەم مۇندىن كېيىن بەلگىلىك مۇددەتتە ئومۇميۈزلۈك ھەربىي تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىشنى بېكىتتى. شۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكىدىكى 48 شتاتنىڭ 5000 نەپەر ۋەكىلى (نېگىرلارنىڭ ۋەكىللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) چىكاگودا مەملىكەتلىك ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكەت پروگراممىسى ماقۇللىدى. 1951 ئىيۇل 5 - ئىيۇل، گائاگا خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ئەنگلىيە - ئىران نېفىت شركىتىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش تالاش - تارتىشى توغرىسىدا ئىرانغا پايدىسىز ھۆكۈم چىقاردى. زۇڭتۇڭ ترومېن ئەنگلىيە - ئىران تالاش - تارتىشى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەلچى سۈپىتىدە ۋىليام ئەفلۇر ھىرماننى ئىرانغا ئەۋەتتى (15 - ئىيۇل). 10 - ئىيۇل، چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى باشلاندى. ئىككى تەرەپ كۈن تەرتىپ مەسىلىسىدە كەسكىن مۇنازىرىلىشىپ، 26 - ئىيۇلغا كەلگەندە ئاندىن كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى كاىېسۇڭدىكى چاۋشيەن - جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جاينى بومباردىمان قىلغانلىقتىن (22 - ئاۋغۇست) سۆھبەت ئۈزۈلۈپ قالدى (23 - ئاۋغۇست). 1951 ئاۋغۇست 11 - 13 - ئاۋغۇست، پېرۇ بىلەن ئېكۋاتور ئوتتۇرىسىدا چېگرا توقۇنۇشى پارتلىدى. پېرۇ ئامېرىكا، ئارگېنتىنا، برازىلىيە ۋە چىلىنى پېرو - ئېكۋاتورنىڭ چېگرا ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. 29 - ئاۋغۇست، قاھىرىدە ئىشچىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە شەھەر خەلقى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، «ئەنگلىيە - مىسىر ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى»نىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى. 30 - ئاۋغۇست، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن «ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى» ئىمزالىدى. 1951 سېنتەبر 1 - سېنتەبر، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە ئۈچ دۆلەت «بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» (يەنى «تىنچ ئوكياننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرتنامىسى») نى ئىمزالاپ، ئۈچ دۆلەت مۇدىرىيىتى قۇردى. 3 - سېنتەبر، ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي كومىتېتى ئىتتىپاققا ئەزا يەتتە دۆلەتنى ئىسرائىلىيىگە بولغان ئىقتىسادىي قامالنى كۈچەيتىشكە، ئەڭ مۇھىمى نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزۈپ تاشلاشقا چاقىردى. 4 - 8 - سېنتەبر، ياپونىيە بىلەن بىر تەرەپلىمىلىك سۈلھ تۈزۈش يىغىنى سان - فرانسىسكودا ئېچىلدى، ئامېرىكا قاتارلىق 49 دۆلەت ۋە ياپونىيە بىلەن بىر تەرەپلىمىلىك سۈلھ تۈزۈش يىغىنى سان - فرانسىسكوسا ئېچىلدى، ئامېرىكا قاتارلىق 49 دۆلەت ۋە ياپونىيە سۈلھىگە قول قويدى (8 - سېنتەبر). شەرتنامە ياپونىيىنى دېڭىز سىرتىدىكى زېمىنلىرىدىن مەھرۇم قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تۆلەم تۆلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قايتىدىن قوراللىنىشىغا رۇخسەت قىلدى. جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى جۇئېنلەي جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن 18 - سېنتەبر بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيىگە قارىتىلغان سان - فرانسىسكو سۈلھ شەرتنامىسى قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز، شۇڭا ئۇنى قەتئىي ئېتىراپ قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە «ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرتنامىسى» ئىمزالاپ، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ياپونىيىدە داۋاملىق تۇرۇشىنى بەلگىلىدى. باش ۋەزىر ئىسىدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىغا خەت يېزىپ، ياپونىيىنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارمىيىسى» بىلەن شەرتسىز ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 7 - سېنتەبر، ئامېرىكا جەنۇبىي ۋيېتنام قورچاق ھاكىمىيىتىنى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلدى. 10 - سېنتەبر، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى چەكلەشنىڭ ستراتېگىيىلىك تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە گېرمانىيە «تىنچلىق پۈتۈمى» لايىھىسىنى تۈزۈپ، ئۇنى ئىشغالىيەت قانۇن - نىزامىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ۋە ياۋروپا ئارمىيىسى تەركىبىدە غەربىيى گېرمانىيە ئارمىيىسىدىن پايدىلىنىش پىلانىغا قوشۇلدى. 12 - سېنتەبر، ئىران ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم تاپشۇردى، ھەم 27 - سېنتەبر قوشۇن ئەۋەتىپ ئابادان شەھىرىنى ئىشغال قىلدى. ئەنگلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەرز سۇندى، ھەم 4 - ئۆكتەبر، ئەنگلىيە ئىران نېفىت شىركىتىدىكى ئەنگلىيە خادىملىرىنى ئاباداندىن پۈتۈنلەي چېكىندۈردى. 13 - سېنتەبر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇرەسسە ھەيئىتى پارىژدا ئەرەب ۋە ئىسرائىلىيە ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆكتۈزۈپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلش چارىسى ئۈستىدە ئىزدەندى، سۆھبەت مەغلۇپ بولدى. 24 - سېنتەبر، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خاس خادىملىرى فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرى ئادېناۋر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پەقەت فېدېراتىپ گېرمانىيە ياۋروپانىڭ «مۇداپىئەسى» ئۈچۈن «ھەسسە» قوشقاندىلا، ئاندىن ئىشغالىيەت قانۇن - نىزاملىرىنى بىكار قىلىپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئالىي كومىتېتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 29 - سېنتەبر (ئۆكتەبرنىڭ ئاخىرىغىچە)، چاۋشيەن - جۇڭگو (پىدائىي قىسىملىرى) قوشۇنلىرى ئامېرىكا تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنىڭ «كۈزلۈك ھۇجۇم» نى مەغلۇپ قىلدى. 1951 ئۆكتەبر 5 - ئۆكتەبر، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 5690 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ قىسىملارنى قوراللاندرۇۇش قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىدى، بۇ لايىھىنى 12 - ئۆكتەبر كېڭەش پالاتاسى تەستىقلىدى. 15 - ئۆكتەبر، مىسىر پارلامېنتى 1936 - يىلدىكى «ئەنگلىيە - مىسىر ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى»نى ۋە 1899 - يىلدىكى «ئەنگلىيە مىسر سۇداننى ئورتاق باشقۇرۇش كېلىشىمى» نى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 16 -پ ئۆكتەبر، مىسىر ھۆكۈمىتى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە تۈركىيە تۆت دۆلەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان «ئوتتۇرا شەرق قوماندانلىق شىتابى»غا قاتنىشىشىنى رەت قىلدى. 19 - ئۆكتەبر، زۇڭتۇڭ ترومىن ئىككى پالاتا بىرلەشمە يىغىنىنىڭ قارارىغا ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى رەسمىي ئاخىرلاشتۇردى. 20 - ئۆكتەبر، يىراق شەرق ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى باش شتابىنىڭ سالا قىلىشى بىلەن بىرىنچى قېتىملىق «ياپونىيە - خەنگو سۆھبىتى» باشلاندى. 25 - ئۆكتەبر، چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى پانمۇنجومدا قايتا باشلاندى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيىسى سايلامدا مەغلۇپ بولۇپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى، ۋىنستون. چېرچېل باشچىلىقىدىكى مۇتەخەسسىپلەر پارتىيىسى كابىنېتى 27 - ئۆكتەبر تەشكىللەندى، ئدېن دىپلوماتىيە ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەندى. 26 - ئۆكتەبر، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «1951 - يىلدىكى سىرتقا قارىتىلغان ياردەمنى نازارەت قىلىش قانۇنى» نى ماقۇللىدى. شۇ كۈنى، ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى «سان - فرانسىسكو سۈلھ كېلىشىمى» بىلەن «ياپونىيە - ئامېرىكا ئورتاق بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» نى ماقۇللىدى. كېڭەش پالاتاسى 18 - نوياربىر يۇقىرىدا بايان قىلنغان ئىككى شەرتنامىنى تەستىقلىدى. شۇ ئاي (1952 - يىل يانۋارغىچە)، ئەنگلىيە مىسىردىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى رەت قىلدى، مىسىر خەلقى سۈۋەيش قانىلى رايونىدا ئەنگلىيىنىڭ ھەربىي ئىشغالىيىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك قوراللىق پارتىزانلىق كۈرەشنى قانات يايدۇردى. 1951 نويابر 9 - نويابر، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق قوماندانلىق شتابى قۇرۇش پىلانىنى جاكارلىدى. 14 - نويابر، يۇگوسلاۋىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا كېلىشىم ئىمزالىدى، ئامېرىكا يۇگوسلاۋىيە قوراللىق قىسىملىرىنى ماددىي ئەشيا ۋە مۇداپىئە ئىشلىرىغا لازىمەتلىك ھەربىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان بولدى. 27 - نويابر، چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدە ئىككى تەرەپ ئىككىنچى تارماق كۈن تەرتىپى يەنى ھەربىي چېگرىنى ئايرىش مەسلىسىدە كېلىشم ھاسىل قىلدى. شۇئاي (دېكابرغىچە)، ئەنگلىيە مىسىردىكى ئەسكەرلىرىنى كۆپەيتىپ، مىسىر خەلقىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى كۈرىشىنى باستۇرۇشنى پىلانلىدى. ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئىسمائىلىيە شەھىرى (18 - نويابر)، سۈۋەيش شەھىرى ئەتراپى (3 - دېكابر) دا مىسىر پۇقرالىرى بىلەن ساقچىلىرىنى قوراللىق قىرغىن قىلدى؛ شۇ ئاي (1954 - يىل فېۋرالغىچە)، سۈرىيىدە ئارقا - ئارقىدىن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى، سىياسىي ۋەزىيەت داۋالغۇپ، ئىچكى ئۇرۇش كرىزىسى ئېغىرلاشتى، 1954 - يىل 28 - فېۋرالدا سابىق زۇڭتۇڭ ھاشىم ئاتاسى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاندىن سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇردى. 1951 دېكابر 4 - دېكابر، قاھىرە ۋە ئالېكساندىرىيە پورتىدىكى ئىشچىلار، ئوقۇغۇچىلار زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ قانال رايونىدىكى جىنايى قىلمىشلرىغا نارازىىق بىلدۈردى. 13 - دېكابر، فرانسىيە پارلامېنتى شۇمان پىلانىنى تەستىقلىدى. 18 - دېكابر، فرانسىيە باش مىنىستىرى رېنى پلېۋېن ۋە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچېل شۇمان پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئارمىيىسى قۇرۇش تەكلىپى بىلەن ياۋروپانىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىدىيىسىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 31 - دېكابر، ئورتاق بىخەتەرلىك ئورگىنى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىگەنلىكتىن، مارشالل پىلانى ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى. 1951 شۇ يىلى ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتى مادنسىۋىلدا يەتتە نەپەر قارا تەنلىك ياش تۆھمەتكە ئۇچراپ ئىككى يىل قامالغاندىن كېيىن، توك بىلەن ئۆلتۈرۈش جازاسى بېرىلدى، مېكسىكا كان ئىشچىلىرى «ئاچارچىلىققا قارشى يۈرۈش» قىلدى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە