UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1917 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1917 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار نويابر 7 - نويابر (روسىيە كالېندارى بويىچە 25 ئۆتكەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى پارتلاپ، دۇنيا تارىخىنىڭ يېڭى سەھپىسى ئېچىلدى. پېتروگراد قوراللىق قوزغىلىڭى غەلىبىگە ئېرىشتى. پېتروگراد سوۋېت ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتى «روسىيە گراژدانلىرىغا مۇراجىئەت» نى ئېلان قىلىپ، بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. 7 - 8 - نويابرغىچە پۈتۈن روسىيە سوۋېتلىرى 2 - قۇرۇلىتىيىنى ئېچىپ، «ئىشچىلار، ئەسكەرلەر ۋە دېھقانلارغا مۇراجىئەت » نى ماقۇللاپ، پۈتۈن ھاكىمىيەتنىڭ سوۋېتلەرگە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى. يەنە «تىنچلىق پەرمانى» ۋە «يەر پەرمانى»نى ماقۇللاپ، بىرىنچى نۆۋەتلىك سوۋېت ھۆكۈمىتىنى سايلاپ چىقتى. «تىنچلىق پەرمانى» بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنى زېمىن بۆلۈشمەيدىغان، تۆلەم تۆلىمەيدىغان، دېموكراتىك ۋە ئادىل بولغان سۈلھ شەرتنامەن تۈزۈش مەسىلىسى توغرىسىدا دەرھال سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ جاھانگىرلىك ماھىيىتى ئېچىپ تاشلىنىپ، ئۇرۇشتىن قۇتۇلۇشنىڭ چىقىش يولى كۆرسىتىپ بېرىلدى. «يەر پەرمانى»دا پومېشچىكلارنىڭ يەرگە بولغان خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، ئومۇمىي خەلق دۆلەتنىڭ يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، يەرلەرنى ئېلىپ - سېتىش، ئىجارىگە بېرىش ۋە ئەمگەك ياللاپ ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش، ئاددىي دېھقانلار ۋە ئاددىي كازاكلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلماسلىق، ئەمگەك مىقدارى ياكى ئىستېمال مىقدارى سەۋىيىسىگە قاراپ يەر ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، يەلەرنى قەرەللىك ھالدا يېڭىباشتىن تەقىسم قىلىپ تۇرۇش بەلگىلەندى. يېڭى ھۆكۈمەتكە «خەلق كومىسسارىياتى» دەپ نام بېرىلدى. نىكولاي ۋىلادېمىر ئېلىئىچ ئوليانوۋ (لېنىن) خەلق كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە، لېۋ. تروتىسكى تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارىلىقىغا، ئىئوسېف. ۋ. ستالىن مىللىي ئىشلار خەلق كومىسارلىقىغا تەيىنلەندى. قۇرۇلتاي پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنى سايلاپ چىقتى، لېۋ. كامېنېۋ پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى. 7 - 15 - نويابرغىچە (روسىيە كالېندارى بويىچە 25 - ئۆكتەبردىن 2 - نويابرغىچە) موسكۋا ئىشچىلىرى ۋە ئىنقىلابىي ئەسكەرلىرى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. توققۇز كۈنلۈك كۈرەش ئارقىلىق ئىنقىلاب غەلبىگە ئېرىشتى. موسكۋا سوۋېتى قۇرۇلدى. 9 - 14 -نويابرغىچە، ئاغدۇرۇلغان روسىيە بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى ئالېكساندىر كېرېنسكى شىمالىي فرونت قوماندانلىق شتابى تۇرۇشلۇق جايغا ئەكسىيەتچىل قىسىملارنى توپلاپ، ئاتلىق ئارمىيە 3 - لۈينىڭ لۈيجاڭى پېتېر كراسنوۋ بىلەن بىرلىشىپ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، پېترگرادقا ھۇجۇم قىلىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنقىلابىي قىسىملىرى تارمار قىلدى. كېرېنسكى قېچىپ كەتتى، كرائىسنوۋ ئەسىرگە چۈشتى. روسىيە ئۆتكەبر ئىنقىلابى 7 - نويابردىن 31 - نويابرغىچە، 11 ئۆلكىدە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورناتتى؛ ئاي ئاخىرىغا يەتكەندە بارلىق ئاساسلىق سانائەت شەھەرلىرىدە ۋە ئاساسلىق ئۇرۇش مەيدانلىرىدىكى ئۇرۇش قىلىۋاتقان قىسىملاردا سوۋېت ھاكىمىيىتى تىكلەندى. ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېت كونا ئارمىيىنىڭ ئاساسىي قىسىمىنى ئىلكىگە ئالدى. 13 - 19 - نويابرغىچە فىنلاندىيە ئىشچىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلىدى. ئىشچىلار قوشۇنى پويىز ئىستانىسىسى، تېلېفون ئىدارىسى ۋە تېلېگراف ئىدارىسىنى ئىشغال قىلدى. بىراق ئىش تاشلاشقا رەھبەرلىك قىلغان مەركىزىي ئىنقىلابىي كومىتېتتا ئاز ساندىكىلەر سوتسسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشنى قوللىدى. شۇڭلاشقا ئىش تاشلاش 19 - نويابر توختىدى. 14 - نويابر، ئوكرائىنا بۇرژۇئا مىللەتچىلىرىنىڭ مەركىزىي راداسى ئوكرائىنا ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ روسىيە سوۋېت ھۆكۈمىتىگە بويسۇنمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، 15 نويابر، سوۋېت روسىيە خەلق كومىسارىياتى «روسىيە ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ ھوقۇق خىتاپنامىسى» نى ماقۇللاپ، روسىيىدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەركىن باراۋەرلىكىنى، ھەممە مىللەتلەرنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش ۋە مۇستەقىل دۆلەت تۈزۈشكۈچە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى قانۇنىي شەكىلدە بېكىتتى. 16 - نويابر،فرانسىيىدە گېئورگى كلېمانسو كابىنېت تەشكىللەپ، ئىچكى جەھەتتە رەھىمسىز باستۇرۇش، سىرتقى جەھەتتە سوۋېت روسىيىسىگە قارشى قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزۈش، پارىژ سۇلھ يىغىنىدا ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى تالىشىش، ئەمەلىي كۈچ ئورنىنى ساقلاش سىياسىتىنى يولغا قويدى. 21 - نويابر، سوۋېت روسىيە ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە ۋە ئۇندىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرىگە نوتا تاپشۇرۇپ، بارلىق ئۇرۇش سەپلىرىدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاش ھەم تىنچلىق سۆھبىتى باشلاش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. نوتا بىلەن بىرلىكتە «تىنچلىق پەرمانى»مۇ تاپشۇرۇلدى. 23 - نويابر، پۈتۈن روسىيە مەركىزى ئىجرائىيە كومىتېتى پەرمان جاكارلاپ، دەرىجە ئىمتىياز ھوقۇقى، دەرىجە چەكلىمە تۈزۈمى، مەمۇرىي ئەمەل، ئۇنۋان ۋە ناملارنى ئەمەلدىن قالدۇردى. پۈتكۈل گراژدانلار مال - مۈلۈك ئەھۋالى، كېلىپ چىقىشى، جىنسى ۋە مىللىتى دېمەستىن بىردەك باراۋەر بولدى. مۇشۇ كۈنى، سوۋېت روسىيە خەلق كومىسسارىياتى ھەربىي خادىملارنىڭ سانىنى قىسقارتىش پەرمانىنى جاكارلىدى.25نويابر، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا شەھەر خەلقى نامايىش ئۆتكۈزۈپ تىنچلىقنى تەلەپ قىلدى. 27 - نويابر، پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە خەلق كومىسسارىياتى «ئىشچىلار نازارىتى توغرىسىدا نىزام»نى ماقۇللىدى. 28 - نويابر، سوۋېت روسىيە ھۆكۈمىتى خىتاپنامە ئېلان قىلىپ، ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەرنى ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە قاتنىشىپ ئومۇمىي سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالاشقا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئەگە ر ئانتانتا دۆلەتلىرى ۋەكىل چىقارمىسا سوۋېت روسىيىسى گېرمانىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا سۈلھ شەرتنامىسى تۈزەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. مۇشۇ كۈنى، پۈتۈن روسىيە دېھقانلار ۋەكىللىرى سوۋېتنىڭ پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيى ۋە پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا، دېھقانلار ۋەكىللىرى سوۋېتى ۋاقىتلىق ئىجرائىيە كومىتېتى بىلەن ئىشچى، ئەسكەر ۋە ۋەكىللەر سوۋېتى پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى بىرلەشتۈرۈلدى. روسىيىنىڭ جەنۇبىي كاۋكازدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي كۈچلەر تبىلىستا «جەنۇبىي كاۋكاز مەمۇرىي كومىتېتى» نى تەشكىللىدى. 30 - نويابر، سوۋېت روسىيە خەلق كومىسسارىياتى پەرمان جاكارلاپ، «توقۇمچىلىق ھەسسىدارلىق شىركىتى»نىڭ زاۋۇتلىرىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئالدى. 1917 دېكابر 2 - دېكابر، بولغارىيە پايتەختى سوفىيىدە روسىيە ئىنقىلابىنى قوللاش يۈزىسىدىن ئاممىۋى يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. 3 - دېكابر، سوۋېت روسىيىسى گېرمانىيە،ئاۋسترىيە گۇرۇھى بىلەن برېست - لتوۋىسكىدا ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى باشلىدى. ئىككىسى تەرەپ 15 -دېكابر 28 كۈنلۈك مۆھلەت بىلەن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. مۇشۇ كۈنى سوۋېت روسىيە خەلق كومىسسارىياتى «روسىيە ۋە شەرقتىكى بارلىق ئەمگەكچى مۇسۇلمانلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلدى. 5 - دېكابر، سوۋېت روسىيە خەلق كومىسسارىياتى ئەدلىيە تۈزۈمى توغرىسىدا پەرمان جاكارلاپ، كونا ئەدلىيە ئورگانلىرىنى، كونا قانۇنلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىشچى - دېھقان سوت كوللېگىيىسى ۋە يەرلىك خەلق سوتلىرىنى قۇردى. 6 - دېكابر، فىنلاندىيە پارلامېنتى فىنلاندىيىنىڭ مۇستەقىلىكىنى جاكارلىدى. سوۋېت روسىيە ھۆكۈمىتى 31 - دېكابر فىنلاندىيىنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. 9 - دېكابر، روسىيە چار پادىشاھىنىڭ سابىق گېنېرالى لاۋر كورنىلوۋ، گېنېرال ئالېكسىي كالېدىن دون كازاك ئارمىيىسىنى باشلاپ توپىلاڭ كۆتۈردى. مۇشۇ كۈنى، ئەنگىلىيە ئارمىيىسى يېرۇسالېمنى ئىشغال قىلدى. 15 - دېكابر پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە خەلق كومىسسارىياتى ئالىي خەلق ئىقتىسادىي كومىتېتىنى تەسىس قىلىش پەرمانىنى جاكارلىدى.20 - دېكابر، سوۋېت روسىيە خەلق كومىسسارىياتى پۈتۈن روسىيە ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى ۋە ئىشنى ئاقساتقۇچىلارنى تازىلاش پەۋقۇلئاددە كومىتېتى يەنى ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش كومىتېتى قۇرۇش قارارىنى ئېلان قىلدى. 22 - دېكابر، سوۋېت روسىيىسى گېرمانىيە بىلەن برېست - لتوۋىسكىدا سۈلھ شەرتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقا كىرىشتى. سوۋېت روسىيىسى ئالتە ماددىلىق ئادىل دېموكراتىك سۈلھ پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 27 - دېكابر، پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى بانكىلارنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش پەرمانىنى جاكارلىدى. مۇشۇ كۈنى، ئاق باندىتلار نوۋوچېر كاسسىكىدا «پىدائىيلار ئارمىيىسى»نى قۇردى. 28 -دېكابر، سوۋېت روسىيە خەلق كومىسسارىياتى پۈتكۈل ھەربىي خادىملارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەرلىك پەرمانىنى ۋە ئارمىيىدىكى سايلام پرىنسىپى ھەمدە ھوقۇقلۇق تەشكىلاتلار توغرىسىدىكى پەرمانىنى ئېلان قىلدى. 29 -دېكابر،ئالاند تاقىم ئارىلىدا گىراژدانلارنىڭ بېلەت تاشلىشى ئېلىپ بېرىلىپ، شۋېتسىيىگە قوشۇۋېتىش قارار چىقىرىلدى. خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ مەمۇرىي مەھكىمىسى بۇ ئارالنى ھەربىي كۈچلەردىن خالىي قىلىش شەرتى بىلەن فىنلاندىيىگە ئايرىپ بەردى. 29 - 30 - دېكابرغىچە، لاتۋىيىدە ئىشچىلار، ئەسكەرلەر، يەرسىز دېھقانلار ۋەكىللىرى سوۋېتى ۋالكى شەھىرىدە قۇرۇلتاي ئېچىپ،بىرىنچى نۆۋەتلىك لاتۋىيە سوۋېت ھۆكۈمىتىنى سايلاپ چىقتى. بۇ ئايدا، قارا دېڭىز، دوناي دەريالىرىدىكى رۇمىنىيە دېڭىز فلوتى قۇزغىلاڭ كۆتۈردى، قوزغىلاڭ ئۈچ ئاي داۋام قىلدى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە