1938 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار
تارىختىكى چوڭ ئىشلار
يانۋار
4 - يانۋار، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىننى بۆلۈپ ئىرادە قىلىش لايىھىسىنى ئىجرا قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. 11 - يانۋار، پولشىدا شاڭشياۋ كوك «مىللىي بىرلىك لاگېرى»نىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.
1938
فېۋرال
2 - فېۋرال، پادىشاھ فارۇخ مىسىر پارلامېنتىنى تارقىتىۋەتتى. 4 - فېۋرال، گىتلېر گېرمانىيىنىڭ ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە رەھبەرلىك ئورگانلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىدى، ئۆزى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولدى. گېنېرال ۋىلھېلم كېتېل گىتلېرنىڭ ئالىي قوماندانلىق شتابىدىكى ۋەكىلى بولۇپ تەيىنلەندى. گېنېرال ھېنرىخ ۋون براۋچىست قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانلىقىغا، جوھېم ۋون رىببنېتروپ دىپلوماتىيە ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىكى كونتروللۇقنى تامامەن ئىگىلىدى، 10 - يانۋار، رۇمىنىيە پادىشاھى كارول II (چارلىز II ) 1923 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى بىكار قىلىپ، بارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ئاخبارات بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى تىكلىدى. 11 - يانۋار، گىتلېر بېرھىتېسگادنىدىكى سارىيىدا ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى كورت سوچىنگ بىلەن كۆرۈشۈپ، قاماققا ئېلىنغان ئاۋسترىيە دۆلەت سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىنى قويۇپ بېرىشنى، ئاۋسترىيىدىكى ناتسىستچى ئارتور سېيىس. ئىنچو ئارتنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەشنى تەلەپ قىلدى. 2 - كۈنى، سوچىنگ گىتلېرنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى. 16 - يانۋار، ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى ئامالسىز ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ئېلىپ باردى، سېيىس - ئىنچوئارت كابىنېتقا كىرىدى. 20 - يانۋار، ئەنگلىيىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئانتونى ئېدېن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى، ئورنىغا ھالغاكس تەيىنلەندى. 24 - يانۋار (7 - مارتقىچە)، ۋېنا ئاممىسى كۈچ كۆرسىتىش - نامايىش ئۆتكۈزۈپ، گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى، ئىشچىلار ۋەكىللەر يىغىنى ئىچىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاشنى، خەلقنى قوراللاندۈرۇپ، گىتلېرچىلارغا قايتۇرما زەربە بېرىشكە ئۇيۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. سوچىنگ 13 - مارتتا ئاۋسترىيىنىڭ مۇستەقىللىك مەسىلىسىنى پۇقرالارغا ئاۋازغا قويۇشنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى.
1938
مارت
4 - مارت، چېخوسلوۋاكىيە باش مىنىستىرى مىلان خوجا گىتلېرنىڭ 20 - فېۋرالدىكى گېرمانىيە سىرتىدىكى نېمىسلارنى قوغداش توغرىسىدىكى سۆزىگە چەت ئەلنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۆزىنى قوغداپ قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەققانىي خىتابنامە ئېلان قىلدى. فرانسىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ شەرتنامىدىكى مەجبۇرىيەتلەرگە ئەمەل قىلدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. 10 - مارت، فرانسىيىدە چاۋتېمېس ھۆكۈمىتى ئىستېپا بەردى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىكىلەر بىلەن رادىكال پارتىيىسىدىكىلەر يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. لېئون بىليوم باش مىنىستىرلىققا قايتا تەيىنلەندى. 2 - نۆۋەتلىك بىليوم ھۆكۈمىتى ئالاھىدە مالىيە بېجى يىغىش ۋە فرانسىيە بانكىسى قۇرۇپ باشقا بانكىلارنىڭ مەشغۇلاتىنى نازارەت قىلىش توغرىسىدىكى مالىيە قانۇن لايىھىسىنى كېڭەش پالاتاسى رەت قىلغانلىقتىن 10 - ئاپرېل ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. 10 - 11 - رىببنېتروپ بىلەن كۆرۈشتى. 11 - مارت، گىتلېر گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئاۋسترىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە بۇيرۇق بەردى، ھەم سوچىنگدىن پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، سېيس - ئىنچوئارت باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى. ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى گىتلېرنىڭ تەلىپىنى دەرھال قوبۇل قىلدى. شۇ كۈنى، ئاۋسترىيە دۆلەت سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئادەملىرى ۋېنادىكى ھەرقايسى مۇھىم ستراتېگىيىلىك بازالارنى ئىگىلىدى، دەل شۇ كېچىسى گېرمانىيە ئارمىيىسى ئاۋسترىيىگە كىردى. 13 - مارت، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە سېيس - ئىنچوئات ھۆكۈمىتى بىرلا ۋاقىتتا گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، ئاۋسترىيىنى گېرمانىيە يۇتۇۋېلىپ، ئۇنى گېرمانىيىنىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلاندۇردى. 14 - مارت، گىتلېر ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېناغا يېتىپ كېلىپ، ئاۋسترىيىنى رەسمىي يۇتۇۋالدى. 17 - مارت، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا يىغىن چاقىرىپ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تەدبىر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى تەكلىپ قىلدى، بىراق ئۇنىڭ تەكلىپى ئەنگلىيە، فرانسىيە تەرىپىدىن رەت قىلىندى. 20 - مارت، ئەنگلىيە ھەمكارلىق پارتىيىسىنىڭ ئورگان گېزىتى «بىرلىككە كەلگەن تىنچلىق ئىتتىپاقى» قۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئەنگلىيە ھەمكارلىق پارتىيىسى ئاپرېلدا ئېچىلغان ۋەكىللەر يىغىندا نىۋىلىل چېمبېرلىن كابىنېتىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. 22 -، 25 - مارت، چېخوسلوۋاكىيىدىكى ھەرقايسى نېمىسلار سىياسىي پارتىيىلىرىنىڭ كاتتىباشلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. چېخوسلوۋاكىيىدىكى «نېمىسلار پارتىيىسى»نىڭ كاتتىبېشى ھانرېين 24 - ئاپرېلدا سەككىز نۇقتىلىق پروگرامما خاراكتېرلىك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن 1 - قېتىملىق چېخوسلوۋاكىيە كرىزىسى يامانلاشتى. 26 - مارت، ياپونىيە ھۆكۈمىتى «پۈتۈن مەملىكەتلىك ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك قانۇنى»نى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتكە پۈتكۈل ئىقتىسادىي تۇرمۇشنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى بەردى. 28 - مارت، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى چېخوسلوۋاكىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب قوماندانىغا گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارىتا، چېخوسلوۋاكىيىگە زۆرۈر ياردەملەرنى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. شۇ ئايدا، بۇلغارىيىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، ھەم مايدا دۆلەت مەجلىسى ئېچىشنى بېكىتتى، بىراق دۆلەت مەجلىسىنىڭ پەقەت مەسلىھەت بېرىش ھوقۇقلار بار ئىدى.
1938
ئاپرېل
10 - ئاپرېل، (1940 - يىل 21 - مارتقىچە)، فرانسىيىدە رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن ئېدوئارد دالادېر يېكى ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. دالادېر ھۆكۈمىتى كۆرۈنۈشتە خەلق فرونتىنىڭ پروگراممىلىرىغا سادىق ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پۇل مۇئامىلە دوكالىرى بىلەن ھەمنەپەس بولۇۋالدى. مايدا تۇنجى پەۋقۇلئاددە پەرماننى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئەمگەكچى خەلقنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلاپ، بىۋاسىتە باج ۋە ۋاستىلىك باج سەككىز پىرسەنت كۆپەيدى. 15 - ئارېل، ئىسپانىيىدە فرانكونىڭ توپىلاڭچى ئارمىيىسى ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى پىنالوس شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئىشغال قىلىپ تۇرغان كاسىتىلىيە رايونىنىڭ بارسېلونا، كاتالونىيە رايونلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە بىلەن ئىلاندىيىنىڭ تالاش - تارتىشى پەسەيدى. شۇ ئايدا، برازىلىيە ھۆكۈمىتى پەرمان جاكارلاپ نېفىت سانائىتىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئالدى؛ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قايتىدىن قوراللىنىشنىڭ پىلانىنى يەنى ئاتالمىش پەۋقۇلئاددە «پىلان» نى ماقۇللىدى.
1938
ماي
7 - ماي، گىتلېر رىمدا زىيارەتتە بولدى. 11 - ماي، برازىلىيىدە فاشىستىك توپىلاڭ يۈز بەردى. 19 - ماي، گېرمانىيىنىڭ فاشىستىك توپىلاڭ يۈز بەردى. 19 - ماي، گېرمانىيىنىڭ فاشىستىك ئارمىيىسى چېخوسلوۋاكىيە چېگرىسىغا توپلىنىشقا باشلىدى، ھانرېين چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتنى توختاتتى، بۇ تارىختا «ماي كرىزىسى» دەپ ئاتالدى. 21 - ماي، چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى زاپاس ئەسكەرلىككە ئېلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى ھەم سۇدېتېن رايونىغا قوشۇن چىقارتتى، ئىشچىلار قوغدىنىش ئەترەتلىرى چېگرىدىكى ستراتېگىيىلىك جايلارنى ئىگلىدى. شۇ ئايدا، ۋېنگرىيىدە دارانى كابىنېتى ئىستېپا بەردى، بېلا ئىمىرېدىي كابىنېتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى، ۋېنگرىيە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى.
1938
ئىيۇن
13 - ئىيۇن، فرانسىيە ھۆكۈمىتى فرانسىيە - ئىسپانىيە چېگرىسىنى قامال قىلدى. شۇ ئايدا، پېرۇ بىلەن ئېكۋاتورنىڭ چېگرا ماجىراسى قوراللىق توقۇنۇشقا بېرىپ يەتتى، شۇ يىلى 12 - ئۆكتەبرگە كەلگەندە، ئېكۋاتور ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بىرقانچە دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭلىرىغا يارىشىپ قېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى، پېرۇ ئېكۋاتورنىڭ زېمىن تەلىپىگە قىلچە مۇرەسسە قىلماسلىق مەيدانىنى تۇتتى.
1938
ئىيۇل
26 - ئىيۇل، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېمبېرلىن تۆۋەن پالاتادا، تۆۋەن پالاتا ئەزالىرىدىن لوردوۋلتېر رۇنسىماننىڭ «چېخوسلوۋاكىيىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن»، «غەيرىي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىق سالاھىيەت» بىلەن چېخوسلوۋاكىيىگە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ھەم چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۇددېتېن رايونىدىكى نېمىسلار پارتىيىسى ئوتتۇرىسىدا «ياراشتۇرغۇچى» بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. رۇنسىمان 3 - ئاۋغۇستتا چېخوسلوۋاكىيىگە يېتىپ كېلىپ «ياراشتۇرۇش» پائالىيىتىنى باشلىدى. 29 - ئىيۇل (11 - ئاۋغۇستقىچە)، ياپونىيە ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىي، چاۋشيەن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دېڭىز بويىدىكى ئۆلكىلىرى بىلەن تۇتىشىدىغان خاسان كۆلى رايونىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، جاڭگوفىڭ (تۇمېنجياڭ دەرياسى بىلەن خاسان كۆلى ئوتتۇرىسىدىكى ئېگىزلىك) ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ قايتۇرما زەربىسىگە ئۇچرىدى. ئىككى تەرەپ 11 - ئاۋغۇست موسكۋادا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزدى. شۇ ئايدا، ئامېرىكىدا غەيرىي ئامېرىكا ھەرىكەت تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلدى؛ پەلەستىن ئەرەبلىرى بىلەن يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپ، يېرۇسالېم، خايفا ۋە يافغادىكى ئەرەب بازارللىرىدا پارتلاش يۈز بېرىپ ئېغىر تالاپەت كېلىپ چىقتى؛ بۇ تاكى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتى؛ چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى بىلەن نېمىسلار پارتىيىسىنىڭ كاتتىباشلىرى كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ نەتىجىسى زور بولمىدى، 26 - ئىيۇل چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى مىللىي قائىدە - قانۇن لايىھىسىنى جاكارلىدى.
1938
ئاۋغۇست
30 - ئاۋغۇست (12 - نويابرغىچە)، فرانسىيىدە دالادېر ھۆكۈمىتى ئىشچىلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە پەرمان جاكارلىدى. شۇ ئايدا، ۋېنگىرىيىنىڭ دۆلەت باشلىقى، ۋېنگرىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، دېڭىز ئارمىيە شاڭجياڭى نىكولاس خورتىي بېرلىننى زىيارەت قىلدى؛ ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە خەلق كومىسسارى ماكسىم لىتۋىنوۋ گېرمانىيىنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە ئەگەر چېخوسلوۋاكىيە تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوۋېت - چېخوسلوۋاكىيە ئىتتىپاقداشلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
1938
سېنتەبر
2 - سېنتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ھۆكۈمەتلىرىگە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن، ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەردى. لېكىن بۇ تەكلىپ ئۇلارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. شۇ كۈنى، برازىلىيە ھۆكۈمىتى بىتەرەپلىك خىتابنامىسى ئېلان قىلدى. 5 - سېنتەبر، چىلىدىكى فاشىستىك ئۇنسۇرلارنىڭ «ناتسىست سېتا» دا ئېلىپ بارغان توپىلىڭى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. 6 - سېنتەبر، مېكسىكا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ بىرلەشمە جەمئىيەت قۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلدى. مېكسىكىدا ئىشچىلارنىڭ خەلقئارا ئۇرۇشىغا قارشى قۇرۇلتىي بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ قۇرۇلتىيى بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى. 7 - سېنتەبر، ئەنگلىيىنىڭ «تايمىس گېزىتى» باش ماقالە ئېلان قىلىپ، چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتىدىن غەيرىي مىللەت ئاھالىسى ئولتۇراقلاشقان بىر قسىم چەت - ياقا رايونلارنى چېخوسلوۋاكىيىدىن ئايرىپ، ئۇنى مۇشۇ غەيرىي مىللەتلەر بىلەن «ئىرقداش دۆلەت»گە كېسىپ بېرىشنى ئاشكارا تەلەپ قىلدى. شۇ كۈنى، ھانرېين قەستەن ۋەقە پەيدا قىلىپ، چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئۈزۈپ تاشلىدى. 12 - سېنتەبرنىڭ دەسلىپىدە باشلانغان چېخوسلوۋاكىيە كرىزىسى يەنىمۇ يامانلاشتى. ھانرېيىن گىتلېرنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان سودېتېندا ئاپتونومىيە ئورگىنى قۇرۇش تەكلىپىنى رەت قىلدى. شۇ كۈنى گىتلېر نيۇرىنبېرگدا نۇتۇق ئېلان قىلىپ، سودېتېن نېمىسلىرىغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارادا «سېنتەبر كرىزىسى»نى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 13 سېنتەبر، گىتلېرنىڭ نيۇرىنبېرگدا قىلغان نۇتقى سودېتېن نېمىس ئىرقىچىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىرقچىلار ئاممىۋى قۇرۇلۇشلارنى ئىشغال قىلىپ، ساقچىلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى ھەربىي ھالەت بۇيرۇقى جاكارلاپ، ۋەزىيەتنى تىنجلاندۇردى. 13 - سېنتەبر كەچتە فرانسيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىرىك فىپىس بىلەن جىددىي كۆرۈشۈپ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېمبېرلىننىڭ تېزلىكتە گىتلېر بىلەن سۆھبەتلىشىشىنى تەلەپ قىلدى. تۈن يېرىمدا چېمبېرلىن گىتلېرغا جىددىي تېلېگرامما يوللاپ، 2 - كۈنى گېرمانىيىگە بېرىپ، تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش توغرىسىدا گىتلېر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى تەلەپ قىلدى. گىتلېر چېمبېرلىنغا جىددىي جاۋاب تېلېگراممىسى يوللاپ ئۇنى گېرمانىيىنىڭ بېرھتېسگادېن تېغىدىكى شەخسىي داچىسىغا سۆھبەتكە تەكلىپ قىلدى. 14 - سېنتەبر، ياپونىيىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى بايانات ئېلان قىلىپ، گىتلېرنىڭ نيۇرىنبېرگدىكى نۇتقىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، ھانرېيىن چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سۆھبەتنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. 15 - سېنتەبر، ھانرېيىن ۋە نېمىسلار پارتىيىسىنىڭ كاتتىباشلىرى چېگرىدىن قېچىپ چىقىپ، گېرمانىيە رادىئو ئىستانىسىسىدا سودېتېن نىمىسلىرىنىڭ «گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىشى»نى تەلەپ قىلىپ جار سالدى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى نىۋىلىل چېمبېرلىن مەسلىھەتچى خوراس ۋىلسون ۋە ۋىليام سىتلانگىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئايروپىلاندا بېرھتېسگادېنغا بېرىپ گىتلېر بىلەن كۆرۈشتى. گىتلېر چېخوسلوۋاكىيىنىڭ سودېتېن رايونىدا «ئاپتونومىيە» لايىھىسىنى يولغا قويۇشنى، ھەم «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» پرىنسىپى بويىچە ئۇنى گېرمانىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ھەدەپ گەپ سېتىپ، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئۇرۇشنى كۈتۈۋېلىشقىمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چېخوسلوۋاكىيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تۈزگەن ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. چېمبېرلىن گىتلېرغا ئۇنىڭ بۇ تەلىپىگە پرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گىتلېر يەنە بىر نۆۋەت كېڭىشىشتىن بۇرۇن ھەربىي ھەرىكەت قوللانماسلىققا ۋەدە بەردى. 16 - سېنتەبر، چېمبېرلىن ئەنگلىيىگە قايتتى. رۇنىسمانمۇ چېخوسلوۋاكىيىدىن لوندونغا قايتىپ، چېمبېرلىنغا چېخوسلوۋاكىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش توغرىسدا دوكلات سۇنۇپ، چېخوسلوۋاكىيە چېگرىسى ئىچىدىكى نېمىسلار ئاھالىنىڭ كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلىدىغان رايونلارنى گېرمانىيىگە «ئۆتۈنۈپ بېرىش»نى نېمىسلار كۆرۈنەرلىك ھالدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىمىگەن رايونلاردا «يەرلىك ئاپتونومىيە» نى يولغا قويۇشنى تەكلىپ قىلدى، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ «بىتەرەپلىكى»نى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەمەلىيەتتە چېخوسلوۋاكىيە - فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى. 17 - 18 - سېنتەبر، فرانسىيە زۇڭلىسى ئېدوۋارد دالادېر ۋە دىپلوماتىيە مىنىسترى گېئورگى بوننېت لوندونغا كەلدى. ئەنگلىيە بىلەن فرنسىيە چېخوسلوۋاكىيە مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ۋە ئورتاق قارار چىقىرىپ، چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتىنى گىتلېرنىڭ شەرتىنى قوبۇل قىلىشقا قىستىدى. 19 - سېنتەبر، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە چېخوسلوۋاكىيىگە بىرلەشمە نوتا تاپشۇرۇپ، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ گېرمانىيە ئوتتۇرىغا قويغان سۇدېتېن رايونىنىڭ ئاپتونومىيىسى توغرىسىدىكى تەلەپنى قوبۇل قىلشنى تەكلىپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ باشقا زېمىنلىرىنى خەلقئارالىق كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىشكە ۋەدە قىلدى. 19 - سېنتەبر، چېخوسلوۋاكىيە زۇڭتۇڭى بېنېس سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېخوسلوۋاكىيىدە تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەگەر چېخوسلوۋاكىيە تاجاۋۇزغا ئۇچرىسا، فرانسىيە چېخوسلوۋاكىيە بىلەن تۈزگەن شەرتنامىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى خالىسا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېخوسلوۋاكىيىگە ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىش - بەرمەسلىكىنى سورىدى. 20 - سېنتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتىگە ئىپادە بىلدۈرۈپ، فرانسىيە چېخوسلوۋاكىيە بىلەن تۈزگەن شەرتنامىگە ئەمەل قىلسا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېخوسلوۋاكىيە بىلەن تۈزگەن شەرتنامىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ كۈنى، چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. 21 - سېنتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لىتۋىنوۋ خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلتىيىدا نۇتۇق ئېلان قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېخوسلوۋاكىيە بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇ كۈنى، پولشا ھۆكۈمىتى چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتىگە چېخوسلوۋاكىيە چېگرىسى ئىچىدىكى پولەكلەر ئولتۇراقلاشقان، تارىختىن بۇيان پولشا بىلەن چېخوسلوۋاكىيە ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىشتا تۇرغان تېكىن رايونىغا بولغان زېمىن تەلىپىنى قويدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ھۆكۈمەتلىرىگە «قاتتىق ئېچىنىش كەيپىياتى ئىچىدە ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان» لىقى توغرىسىدا نوتا تاپشۇردى. كەچتە چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى پۈتكۈل خەلققە رادىئو نۇتقى ئېلان قىلىپ، «بىزدە تاللىغۇدەك باشقا يول قالمىدى، چۈنكى بىز تاشلىۋېتىلدۇق» دەپ چۈشەندۈردى. 22 - سېنتەبر، ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتىگە روسىيە قاتارلىق ۋېنگر مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونغا بولغان زېمىن تەلىپىنى قويدى. پولشا، ۋېنگىرىيە ئىككى دۆلەت چېخوسلوۋاكىيە چېگرىسىغا قوشۇن توپلاپ، چېخوسلوۋاكىيىنى پارچىلاش تەييارلىقىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ پايتەختى پراگادا 250 مىڭ شەھەر خەلقى كۈچ كۆرسىتىش - نامايىش ئۆتكۈزۈپ، گىتلېرغا تەسلىم بولۇشقا قارشى تۇرۇپ، جۇمھۇرىيەتنى قوغداشقا ئىرادە بىلدۈردى. 22 - 24 - سېنتەبر، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېمبېرلىن يەنە بىر نۆۋەت گېرمانىيىنىڭ گودېرسبېرگقا بېرىپ، گىتلېر بىلەن 2 - قېىتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. گىتلېر يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەلەپ قويۇپ، چېخوسلوۋاكىيە چېگرىسى ئىچىدىكى نېمىسلار ئاھالىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن ئارتۇراقىنى ئىگىلىگەن سۇدېتېن رايونىنىڭ گېرمانىيىگە بۆلۈپ بېرىلىشىنى، گېرمانىيە ئارمىيىسى ھەربىي ئىشغالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، بۆلۈپ بېرىلگەن جايلاردىكى ھەربىي ياكى ئىقتىسادىي ئەسلىھەلەرنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلاپ قىلىشنى، بۇندىن باشقا نېمىسلا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىمىگەن رايونلارنىڭ تەۋەلىكىنى پۇقرالارغا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق بەلگىلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنە پولشا ۋە ۋېنگرىيىنىڭ چېخوسلوۋاكىيىگە قويغان زېمىن تەلىپىنى قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 1 - ئۆكتەبر گېرمانىيە ئارمىيىسى سۇدېتېن رايونىنىڭ چېگرىسىدىكى جايلارغا كىرىپ ئورۇنلاشتى. 23 - سېنتەبر، چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى ئاممىنىڭ بېسىمى بىلەن ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى پولشا ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر پولشا چېخوسلوۋاكىيىگە تاجاۋۇز قىلىدىغان بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «سوۋېت - پولشا ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» نى بىكار قىلدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 24 - سېنتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە خەلق كومىتېتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيە ھەربىي ئەمەلدارى ئارقىلىق فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى گامېلىنغا سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ 30 پىيادىلەر دىۋىزىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي قىسىم دۆلەت چېگرىسىغا توپلانغانلىقىنى، ھاۋا ئارمىيە ۋە تانكا قىسىملارنىڭمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. سوۋېت ئىتتىپاقى چېخوسلوۋاكىيە، فرانسيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ھەربىي شتابلىرىنىڭ تېزرەك مەسلىھەتلىشىشنى تەكلىپ قىلدى. شۇ كۈنى، چېمبېرلىن ئەنگلىيىگە قايتىپ، چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتىگە گىتلېرنىڭ «گودېسبېرگ مېمۇراندۇمى» دىكى تەلەپنى رەت قىلدى. شۇ كۈنى، فرانسىيە باش مىنىستىرى دالادېر بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر چېخوسلوۋاكىيە ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، فرانسىيە شەرتنامىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، چېخوسلوۋاكىيىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 26 - سېنتەبر، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيىنىڭ فرانسىيە تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ «غەربتىكى ئىككى چوڭ دۆلەتكە تايىنىپ» تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۈ كۈنى چۈشتىن كېيىن، چېمبېرلىن مەخسۇس ئادەم بىلەن بېلىنغا خەت ئەۋەتىپ، ئەنگلىيە ۋەكىلى قاتناشقان ھالدا، چېخوسلوۋاكىيە، گېرمانىيە ۋەكىللىرى سۇدېتېن رايونىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۇسۇلىنى كېڭىشىش توغرىسىدا گىتلېرغا تەكلىپ بەردى. كەچتە گىتلېر بېرلىن تەنتەربىيە سارىيىدا نۇتۇق ئېلان قىلىپ، چېخوسلوۋاكىيىگە قورال ئىشلىتىش توغرىسىدا تەھدىت سالدى. 27 - سېنتەبر، ئەنگلىيە دېڭىز فلوتىغا سەپەرۋەرلىك جاكارلىدى، فرانسىيىمۇ قىسمەن دائىرىدە سەپەرۋەرلىك جاكارلىدى، فرانسىيىمۇ قىسمەن دائىرىدە سەپەرۋەرلىك ئېلىپ باردى. كەچتە چېمبېرلىن رادىئو نۇتقى ئېلان قىلىپ، «يىرق بىر دۆلەتنى دەپ»، «بىر مەيدان چوڭ ئۇرۇش» قا كىرىپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، گېرمانىيە 3 - قېتىم زىيارەتكە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 28 - سېنتەبر، چېمبېرلىن گىتلېرغا خەت يېزىپ ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە دۆلەتلىرى چېخوسلوۋاكىيە ۋەكىللىرى بىلەن دەرھال بېرلىندا يىغىن ئېچىپ، ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغان زېمىنغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئۈستىدە مۇھالىمە ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى بەردى. شۇ كۈنى، گىتلېر ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇلارنى 2 - كۈنى ميۇنخېنغا كېلىپ يىغىن ئېچىشقا تەكلىپ قىلدى. 29 - 30 - سېنتەبر، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىدىن چېمبېرلىن، دالادېر، گىتلېر، مۇسسولىنلار گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ميۇنخېندا يىغىن ئاچتى. 30 - سېنتەبر سەھەر سائەت بىردە «ميۇنخېن كېلىشىمى» ئىمزالاندى. كېلىشىمدە: چېخوسلوۋاكىيىنىڭ سۇدېتېن رايونى گېرمانىيىگە بۆلۈپ بېرىلىدۇ، چېخوسلوۋاكىيە ئارمىيىسى 1 - ئۆكتەبردىن 10 - ئۆكتەبرگىچە بولغان ئارىلىقتا سۇدېتېن رايونىدىن چېكىنىپ بولۇشنى تاماملايدۇ. نېمىسلار ئاھالىنىڭ كۆپچىلىكىنى ئىگىلىمىگەن، تەۋەلىكى بېكىتىلمىگەن رايونلارنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان خەلقئارا ئورگان ئىشغال قىلدۇ، ئۇندىن كېيىن پۇقرالارغا ئاۋازغا قويۇلۇپ تەۋەلىكى بېكىتىلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە چېخوسلوۋاكىيىنىڭ يېڭى چېگرىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىمايدىغانلىقىغا كاپالەت بەردى. 29 - سېنتەبر، پولشا چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتىگە نوتا تاپشۇرۇپ تېكېن رايونىنى بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، پولشا ئارمىيىسى 30 - سېنتەبر تېكېننى ئىشغال قىلدى. 30 - سېنتەبر، ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيە ميۇنخېندا ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق ۋە تالاش - تارتىشلارنى تىنچىلىق يولى بىلەن ھەل قىلىش بىرلەشمە باياناتى يەنى «ئەنگلىيە - گېرمانىيە خىتابنامىسى»گە ئىمزا قويدى.
1938
ئۆكتەبر
4 - ئۆكتەبر، فرانسىيىدە رادىكاللار پارتىيىسى ۋە رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسى دالادېر ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى قوللاش ھەم خەلق فرونتىدىن چېكىنىپ چىقىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. فرانسىيە پارلامېنتى «ميۇنخېن كېلىشىمى» نى مۇزاكىرە قىلىپ تەستىقلاش ۋاقتىدا، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، كوممۇنىستلار پارتىيىسى قارشى ئاۋاز بەردى. خەلق فرونتى پارچىلانغانلىقىنى جاكارلىدى. 5 - ئۆكتەكبر، چېخوسلوۋاكىيە زۇڭتۇڭى بېنېس ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى ھەم دەرھال چېخوسلۋاكىيىدىن ئايرىلىپ، فرانسىيە ئارقىلىق ئامېرىكىدا ئولتۇراقلاشتى، كېيىن ئەنگلىيىدە سەرگەردان ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. 6 - ئۆكتەبر، چېخوسلوۋاكىيە گىتلېرنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئاپتونومىيە يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 8 - ئۆكتەبر، روسىيە «ئاپتونومىيە ھوقۇقى»نى قولغا كەلتۈردى ھەم نامىنى «كارپات ئوكرائىن» غا ئۆزگەرتتى. 20 - سېنتەبر، چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى گىتلېرنىڭ سىياسىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن كوممۇنىستلار پارتىيىسىنى مەنئى قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەم يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلشنى باشلىدى. 21 - 26 - سېنتەبر، ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى گۇاڭجۇ (21 - سېنتەبر)، خەنكۇ (25 - سېنتەبر) ۋە ۋۇچاڭنى (26 - سېنتەبر) بېسىۋالدى. 24 - سېنتەبر، گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىبېنېتروپ پولشىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە نوتا تاپشۇرۇپ، دانزىگنى گېرمانىيىگە «قايتۇرۇپ بېرىش»نى، ھەم گېرمانىيىنى كېىسىپ ئۆتىدىغان «كارىدور» دا گېرمانىيىگە قاراشلىق بىر تاش يول ۋە زېمىن سىرتى ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بىر تۆمۈريول ياساشقا يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى، 29 - ئۆكتەبر، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن جۇڭگوغا تەۋە قورچاق «موڭغۇلىيە ئارمىيە ھۆكۈمىتى» قورچاق «موڭغۇلىيە ئىتتىپاق ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى» قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى. ئاتالمىشى «موڭغۇلىيە ئاپتونومىيىسى» جاكارلاندى.
1938
نويابر
2 - نويابر، «ۋېنا كېسىمى» گە ئاساسەن، ۋېنگرىيە چېخوسلوۋاكىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ۋە تاشقى كارپات ئوكرائىننىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ئىگلىدى. ۋېنگرىيە 5000 كۋادىرات ئىنگلىز مىلى يەرگە ۋە 1 مىليون نوپۇسقا ئېرىشتى. 3 - نويابر، ياپونىيىنىڭ كونوئې كابىنېتى ئاتالمىش «شەرقىي ئاسىيا يېڭى تەرتىپى»نى ئورنىتىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. 10 - نويابر، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى ئاتا تۈرك كامال ۋاپات بولدى. 11 - نويابر، تۈركىيە مىللىي پارلامېنتى ئىنېنيۇ ئىسمېتنى بىردەك زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى. 16 - نويابر، ئەنگلىيە ئىتالىيىنىڭ ئېفىئوپىيىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. 17 - نويابر، ئەنگلىيە ئامېرىكا ۋە كانادا بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى. 22 - نويابر، فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى فاشىزمنىڭ ئاۋانگارتى - «مىللىي ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى» نى ئەمەلدىن قالدۇردى. 30 - نويابر، فرانسىيىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 24 سائەتلىك ئومۇمىي ئىش تاشلاش ئۆتكۈزۈلدى. دالادېر ھۆكۈمىتى ئوڭ قانات سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ۋە راىدىكال پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا پۈتۈن مەملىكەتتە ھەربىي ھالەت جاكارلاپ، قاتناش - ترانسىپورتنى ھەربىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ئىلغار ئشچىلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتتى.
1938
دېكابر
1- دېكابر، ئەنگلىيە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچىلەرنى «مەملىكەت بويىچە تىزىملاش» قا كىرىشتى. 6 - دېكابر، گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىببنېتروپ پارىژنى زىيارەت قىلدى. فرانسىيە - گېرمانىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلشماسلىق ۋە تالاش - تارتىشنى تىنىچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىش كېلىشىمىنى يەنى «فرانسىيە - گېرمانىيە ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالىدى. كېلىشىمدە ئىككى دۆلەتنىڭ ھازىرقى چېگرىسىنىڭ بېكىتىلگەن چېگرا ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. 24 - دېكابر ، لىمادا پان ئامېرىكا يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى 21 دۆلەت قاتناشتى. يىغىن «لىما خىتابنامىسى»نى ماقۇللاپ، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكى، قايسىسىنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى تەھدىتكە ئۇچرىسا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىش تەكىتلەندى. 30 - دېكابر، ياپونىيە مەخپىي ھالدا ئاتالمىش «ياپونىييە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى مۇناسىۋىتىنى رەتكە سلېىش تىزىسى» نى تۈزدى.
شۇ يىلى ئامېرىكا روزۋېلت ھۆكۈمىتى «ئاىدل ئەمگەك ئۆلچىمى قانۇن لايىھىسى» (ئىش ھەققى ۋاقىت قانۇنى) نى ماقۇللىدى. ئامېرىكا سانائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسى (ئىشلەپچىقىرىش بىرلەشمىسى) رەسمىي قۇرۇلدى. سانائەت تارماقلىرى بويىچە ئېغىر سانائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىللەندى؛ پۈتكۈل بىرما دېھقانلار جەمئىيىتى قۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق پروگراممىسى يەرلەرنى قايتىدىن تەقسىم قىلىش، يەر بېجىنى ئازايتىش، تۆۋەن ئۆسۈمدە يېزا ئىگلىك قەرز پۇلى تارقىتىش،دېھقانلارنىڭ قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى ئازايتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى؛ گېرمانىيدىكى پ. شىلاكك ۋە ئامېرىكىدىكى خ. كاروزېرىس سۇنئىي تالا (كاپرون بېران نىلۇن) نى كەشپ قىلدى.