UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1948 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1948 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 1 - يانۋار، ئەنگليىدە تۆمۈر يوللارنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش يولغا قويۇلدى. 4 - يانۋار، بىرما فېدېراتسىيىسى رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىگە قاتناشمىغان مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولۇپ قالدى. ساۋشۆ تايىك زۇڭتۇڭلۇققا، تاكىنو باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەندى. 7 - 8 - يانۋار، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە غەربىي گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ، «فرانكفورت نىزامنامىسى» نى تۈزۈپ، غەربىي گېرمانىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇشقا تەييارلاندى. 12 - يانۋار، ۋېنگرىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە بىرلىشىپ، بىرلىككە كەلگەن ئىشچىلار پارتىيىسى بولۇپ ئۇيۇشتى. 15 - يانۋار، ئەنگلىيە بىلەن ئىراق ئىتتپاقلىق شەرتنامىسى (يەنى «پورتسىمۇت شەرتنامىسى») نى ئىمزالاپ، ئىراق خەلقىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى 20 - يانۋار قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 17 - يانۋار، ھىندۇنېزىيە بىلەن گوللاندىيە ئامېرىكىنىڭ «لونۋېر» ناملىق ھەربىي پاراخوتىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى «لونۋېر كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە «مالايا بىرلەشمە شتاتى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. 23 - يانۋار، ھىندۇنېزىيە ماسيۇم پارتىيىسى ئۆز ئەزالىرىنى ئىچكى كابىنېتتىن قايتۇرۇپ چىقىپ، ھۆكۈمەتتە كرزىس پەيدا قىلدى، باش مىنىستىر ئەمىر شەرىپىدىن ئامالسىز ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. ماسىيۇم پارتىيىسىنى ئاساس قىلغان زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىدىكى كابىنېت قۇرۇلدى (31 - يانۋار)، مۇھەممەت ھەتتا باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەندى. ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھۆكۈمەت سىرتىغا سىقىپ چىقىرىلدى. 30 - يانۋار، ھىندىستاننىڭ مىللەتپەرۋەر داھيىسى مۇخەنداس كارامچاد گەندى قەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولدى. شۇ ئاي (مايغىچە)، پەلەستىندىكى يەھۇدىيلارنىڭ «ئېرگۇڭ» ۋە «ھاگنا» قاتارلىق ھەربىي تەشكىلاتلىرى تۇيۇقسىز زەربە بېرىشتەك تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكتىن مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئەرەبلەر پەلەستىندىن ئايرىلدى. 1948 فېۋرال 2 - فېۋرال، ئىتالىيە بىلەن ئامېرىكا دوستلۇق ۋە دېڭىز قاتناش سودا شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 6 - فېۋرال، جەنۇبىي چاۋشيەندە 2 مىليون كىشىلىك چوڭ ئىش تاشلاش پارتلىدى. 7 - فېۋرال، ياپونىيىدە كاتاياما بىرلەشمە كابىنېتى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئىچكى زىددىيىتى تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. دېموكراتلار پارتىيىسىدىن ئاستىدا خىتوسى يېڭىدىن بىرلەشمە كابىنېت تەشكىللىدى (9 - مارت). 18 - فېۋرال، تىرومىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە 570 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن «جۇڭگوغا ياردەم بېرىش» قانۇن لايىھىسىنى سۇندى. شۇ ئايدا، چېخوسلوۋاكىيىدە «فېۋرال ۋەقەسى» يۈز بەردى. چېخوسلوۋاكىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ بۇزژۇئازىيىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىش سۇيقەستىنى تارمار قىلدى، كلېمېنت گوتۋالد رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىستلار يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىگەن خەلق دېموكراتىيىسى ھاكىمىيىتى قۇرۇلدى (25 - فېۋرال). چېخوسلوۋاكىيە ئاساسىي قانۇنى تۈزۈش پارلامېنتى يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللىدى (9 - ماي). شۇ ئايدا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئىش ھەققىنى توڭلىتىشنى يولغا قويدى؛ شۇ ئاي (مارتقىچە)، سوۋېت ئىتتىپاقى رۇمىنىيە، ۋېنگرىيە ۋە بۇلغارىيىلەر بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا دوستلۇق ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 1948 مارت 6 - مارت، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە فرانسىيە گېرمانىيىدىكى ئۈچ ئىشغالىيەت رايونىنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. 14 - 31 - مارت، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «چەت ئەلگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش قانۇن لايىھىسى» (يەنى «مارشال پىلانى»)نى رەسمىي ماقۇللاپ، ياۋروپانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بىرىنچى تۈركۈمدە 530 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىشنى تەستىقلىدى. پائۇل گ. خوفمان 6 - ئاپرېل ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىىغا تەيىنلەندى. 15 - مارت، ياپونىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى كاتايانىڭ رەھبەرلىكىدە يېڭىدىن ياپونىيە ئوڭ قانات ئۆكتىچىلەر پارتىيىسى - دېموكراتىك ئەركىنلىك پارتىيىسى تەشكىللەندى. 17 - مارت، ئەنگلىيە، فرانسىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگ ۋە گوللاندىيە «بريوسسېل شەرتنامىسى»نى ئىمزالىدى (يەنى «غەربىي ياۋروپا ئىتتىپاقى») شەرتنامىدە 50 يىللىق ئىتتىپاقلىق ئورنىتىلىپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە ھەربىي جەھەتتە ھەمكارلىشىش بەلگىلەندى. 18 - مارت، مېكسىكا ھۆكۈمىتى چەت ئەلنىڭ 17 نېفىت شىركىتى كارخانىسىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى. شۇ كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى يۇگوسلاۋىيىدىكى ھەربىي ۋە پەن - تېخنىكا مەسلىھەتچىلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ چىقىپ كەتتى. سوۋېت - يۇگوسلاۋىيە مۇناسىۋىتى يامانلىشىشقا باشلىدى. 20 - مارت، سوۋېت ئىتتپاقى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ يۇگوسلاۋىيىنى ئىدارە قىلىش كومىتېتىدىن چېكىنىپ چىقتى. 26 - ماي، فرانسىيە بىلەن ئىتالىيە تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى تۈزۈپ ئۇنى بىر يىل ئىچىدە كۈچكە ئىگە قىلدى. شۇ ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بىرما كوممۇنسىتىك پارتىيىسى بىرمىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا پارتىزانلىق ئۇرۇشنى قانات يايدۇردى. 1948 ئاپرېل 6 - ئاپرېل، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن فىنلاندىيە ئۆزئارا دوستلۇق - ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 13 - ئاپرېل، رۇمىنىيە يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللىدى. 16 - ئاپرېل، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى روخاس ۋاپات بولدى، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ئىلپېدو كىيورىنۇ زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەندى. شۇ كۈنى، ياۋروپانى گۈللەندۈرۈش پىلانىغا ئىمزا قويغان دۆلەتلەر پارىژدا يىغىن ئېچىپ، دائىمىي «ياۋروپا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق باش مەھكىمىسى»نى قۇرۇدى. 19 - ئاپرېل، جەنۇبىي ۋە شىمالىي چاۋشيەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋەكىللەر يىغىنى چاقىردى. 26 - ئاپرېل، 9 - نۆۋەتلىك پان ئامېرىكا يىغىنى بوگوتادا ئېچىلىپ، «ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى»نى ماقۇللىدى. «پان ئامېرىكا ئىتتىپاقى» (1901 - يىل قۇرۇلغان) «ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى»غا ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى. 1948 ماي 14 - ماي، ئەنگلىيىنىڭ پەلەستىندىكى مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى. شۇ كۈنى كېچىدە، داۋىد بېن گۇرىئون باشچىلىقىدىكى ئىسرائىلىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، چايىم ۋېيزمان زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەندى، ئامېرىكا دەرھاللا ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، ئارقىندىنلا سوۋېت ئىتتپاقىمۇ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 15 - ماي (1949 - يىل ئىيۇلغىچە)، بىرىنچى قېتىملىق پەلەستىن ئۇرۇشى پارتلىدى. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئەرەب ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ئارمىيىسى ئۇرۇشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا ئېلىپ، ئىسرائىلىيىلىكلەرنى ناچار ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بىراق ئىسرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇرۇشنى توختىتىپ ياراشتۇرۇش پۇرستىدىن پايدىلىنىپ، ئۇرۇشقا كېرەكلىك ماددىي ئەشيا ۋە قورال ئۈسكۈنىلەرنى كۆپلەپ كىرگۈزۈپ، ھەربىي كۈچنى كۈچەيتىۋالغانلىقتىن، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە تەدرىجىي ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، ئەرەبلەرنىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىنى بېسىۋالدى، زور تۈركۈمدىكى ئەرەبلەر پەلەستىندىن قېچىپ چىقتى. بۇندىن باشقا، ئەرەب ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىتتپاقسىزلىق كېلىپ چىقىپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ غەلىبىدىن مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ئاخىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشترۇشىنى قوبۇل قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى. 16 - ماي، شەرقىي گېرمانىيىدە خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، خەلق پالاتاسى مەيدانغا كەلدى. شەرقىي گېرمانىيە خەلق پالاتاسى «گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن لايىھىسى» نى ماقۇللىدى (30 - ماي). 1948 ئىيۇن 1 - ئىيۇن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، بېلگىيە، گولاندىيە ۋە ليۇكسىمبۇرگ ئالتە دۆلەت كېلىشىم ئىمزالاپ، رور رايونىدا خەلقئارا ئورتاق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. گېرمانىيىنىڭ غەربىدىكى ئىشغالىيەت رايونلىرى ياۋروپانى گۈللەندۈرۈش پىلانىغا قاتناشتى. ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ ئۈچ ئىشغالىيەت رايونى تېخىمۇ قويۇق بىرلىشىپ، فېدېراتىپ گېرمانىيە ئاساسىي قانۇنىنى تەييارلاپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ھەربىي بىخەتەرلىك كومىتېتى قۇردى. 7 - ئىيۇن، چېخوسلوۋاكىيە زۇڭتۇڭى بېنېس ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى (3 - سېنتەبر كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى). كلېمېنت گوتۋالد چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنلەندى (14 - ئىيۇن). 18 - ئىيۇن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، گېرمانىيىنىڭ غەربىدىكى ئىشغالىيەت رايونى بىلەن غەربىي بېرلىندا پۇل ئىسلاھاتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، «مۇقىملاشقان گېرمانىيە مارك»نى تۇرغۇزدى. 19 - ئىيۇن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تىنچ مەزگىلىدە 19 ياشتىن 25 ياشقىچە ئەرلەرنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش قانۇنىنى ماقۇللىدى. 23 - ئىيۇن، سوۋېت ئىتتىپاقى گېرمانىيىدىكى سوۋېت ئىشغالىيەت رايونىدا پۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلدى. 24 - ئىيۇن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىگە قارىتا گېرمانيىنى پارچىلاش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، غەربىي بېرلىن بىلەن غەربىي گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۇ ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشىنى «قامال» قىلدى. ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە غەربىي بېرلىننى ھاۋادىن توشۇپ تەمىنلەشنى ئۇيۇشتۇردى. ۋاقتى بىر يىلغا سوزۇلغان «بېرلىن كرىزىسى» باشلاندى. 26 - ئىيۇن، پولشا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بەش يىللىق سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى. 28 - ئىيۇن، «كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ئىشچىلار پارتىىيىسى ئاخبارات ئىدارىسى» يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قوغلاپ چىقىرىش قارارىنى ماقۇللىدى. 1948 ئىيۇل 10 - ئىيۇل، شىمالىي چاۋشيەن «چاۋشيەن دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. 14 - ئىيۇل، ئىتالىيە كوممۇنسىتىك پارتىيىسىنىڭ داھيىسى پالمېرو تولياتتى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئېغىر يارىدار بولدى. ئىتالىيە باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاش جاكارلاپ، تولياتتىغا يوشۇرۇن قەست قىلغانلىقىغا ئېتىزار بىلدۈردى. 17 - ئىيۇل، جەنۇبىي چاۋشيەن ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلدى، لى سىنمان جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ تۇنجى «زۇڭتۇڭ»لۇقىغا سايلاندى (20 - ئىيۇل). 23 - ئىيۇل، مالايادىكى ئەنگلىيىنىڭ ئالىي ۋالىيسى مالايا كوممۇنسىتىك پارتىيىسىنى، «ياپونغا قارشى ئارمىيىنىڭ كونا ئەسكەرلەر ئۇيۇشمىسى» ۋە دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ھەم مالايادا جىددىي ھالەت جاكارلىدى. 31 - ئىيۇل، بۇلغارىيە بىلەن گرېتسىيە (بالقان ئانتانتا دۆلەتلىرى مەيدانغا ۋەكالىتەن) كېلىشىم ئىمزالىدى، بۇلغارىيىنىڭ ھەربىي تەييارلىقلارنى قايتىدىن رەتكە سېلىش ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىندى. شۇ ئايدا، ئامېرىكا ئەنگلىيە - ئامېرىكىنىڭ «مارشال پىلانى» دائىرىسى ئىچىدە ئەنگلىيىگە ياردەم بېرىش كېلىشىمگە ئىمزا قويدى. 1948 ئاۋغۇست 15 - ئاۋغۇست، جەنۇبىي چاۋشيەندە لى سىنمان باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، «بۈيۈك خەنگو جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتالدى. 24 - ئاۋغۇست، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى لى سىنمان ھۆكۈمىتى بىلەن مەخپىي ھەربىي كېلىشىم ئىمزالاپ، لى سىنمان ئارمىيىسىنى چاۋشيەننىڭ شىمالىي قىسمىدا ھەربىي ئىغىۋاگەرچىلىك قىلىشقا كۈشكۈرتتى. شۇ ئايدا، بىرمىدىكى كالۇن مىللىتى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مۇستەقىل ئاپتونومىيە دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 1949 - يىل 14 - ئىيۇنغا كەلگەندە، كالۇن مىللىتى قوزغىلاڭچىلىرى ئاندىن مۇستەقىل دۆلەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. بىرما ھۆكۈمەت ئارمىيىسى 1950 - يىل كالۇن مىللىي قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ باش شتابى جايلاشقان تونگو (Toungoo) نى تارتىۋالدى. 1948 سنتەبر 8 - سېنتەبر، كىم ئېرسىن چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت باشلىقلىقىغا سايلاندى. 9 - سېنتەبر، چاۋشىيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. 11 - سېنتەبر، پاكىستان باش نازارەتچىسى مۇھەممەد ئەلى جنناھ ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا خوجا نەجمىددىن پاكىستاننىڭ باش نازارەتچىلىكىگە تەيىنلەندى. 13 - سېنتەبر، ھىندىستان قوشما شتاتلىرىنىڭ ئارمىيىسى ھەيدەر ئاباد كېنەزلىكىگە بېسىپ كېرىپ،كېنەزنى ھىندىستان قوشما شتاتلىرىغا كىرىشكە مەجبۇرلىدى. 17 - سېنتەبر، ھەيدەر ئاباد كېنەزلىكى ئامالسىز ھىندىستان قوشما شتاتلىرىغا كىرىشكە قوشۇلدى. 18 - سېنتەبر، ھىندۇنېزىيىنىڭ ماىئوم شەھىرىدە «مادىئوم ۋەقەسى» يۈز بەردى. ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستلىرى ھەمدە ئۇنىڭ سىرتقى تەشكىلاتلرىنىڭ ئەزالىرى كۆپلەپ قولغا ئېلىندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى. 20 - سېنتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى شىمالىي چاۋشيەندىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 1948 ئۆكتەبر ياپونىيىدە دېموكراتىك ئەركىنلىك پارتىيىسىدىن كاتاياما كابىنېت تەشكىللەپ، 7 - ئۆكتەبر ئىستېپا بەرگەن ئاسىداخىتوسى كابىنېتىنىڭ ئورنىغا دەسسىدى. 20 - ئۆكتەبر، جەنۇبىي چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنڭ قوزغىغان ھەربىي ئۆزگىرىشى يەرلىك خەلقنىڭ قوللىشى بىلەن قوزغىلاڭغا ئايلاندى. جەنۇبىي چاۋشيەن ھۆكۈمىتى ھەربىي ھالەت جاكارلاپ، قانلىق باستۇردى. 1948 نويابر 7 - نويابر، فرانسىيە كېڭەش پالاتاسى سايلام ئۆتكۈزدى، دې گوللىنىڭ فرانسىيە خەلق ئىتتىپاقى كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشتى. 12 - نويابر، يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوت مەھكىمىسى ياپونىيىدىكى چوڭ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىدىن تودزيو خىدەكى قاتارلىق ئالتە كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەردى، ئۇندىن باشقا 16 كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى. نويابر (1949 - يىل ئىيۇلغىچە)، ئامېرىكىدا بىرىنچى قېتىم ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەردى. 1948 دېكابر 5 - دېكابر، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئىشغالىيىتىدىكى غەربىي بېرلىندا مۇستەقىل سايلام بولدى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى 6 پىرسەنت سايلام بېلىتىگە ئېرىشتى. 10 - دېكابر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى «نەسلىنى قۇرۇتۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرتنامىسى» ۋە «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى»نى ماقۇللىدى. 18 - دېكابر، يىراق شەرق ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شتابى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ياپونىيە ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ توققۇز ماددىلىق پرىنسىپىنى ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى، گوللاندىيە ئارمىيىسى ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتىگە يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلدى. بىرقانچە كۈندىن كېيىن، گوللاندىيە ئارمىيىسى جۇمھۇرىيەتنىڭ بىر قسىم ئاساسلىق شەھەرلىرىنى بېسىۋالدى. ھۆكۈمەتنىڭ سوكارنو ۋە ھەتتا قاتارلىق ئاساسلىق ئەزالىرىنى قولغا ئالدى. 27 - دېڭابر، ۋېنگرىيىنىڭ قىزىل تونلۇق باش پوپى يوسېف مىندسېنتى ۋە بىر قىسىم مۆتىۋەللىلەر ھۆكۈمەتنى ئاغدرۇشنى پىلانلىغنلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى، ھەم 1949 - يىل 8 - فېۋرالدا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. مىندسېنتى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قېچىپ كىرىۋالدى. 28 - دېكابر، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، ليۇكسىمبۇرگ رور رايونلۇق خەلقئارا كومىتېتى تەشكىللىدى. شۇ كۈنى، مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى نوكراش قەستكە ئۇچراپ ئۆلدى، ئۇنىڭ ئورنىغا ئابدۇل ھادى باش ۋەزىر بولدى. 29 - دېكابر، پىرو خەلق پارتىيىسى ۋە پىرو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلىندى. 1948 شۇ يىلى (1949 - يىلغىچە)، ھىندىستان يەرلىك كىنەزلىكلەرنى بىرلەشتۈرۈشكە باشلىدى. ھەرقايسى كىنەزلىكلەرنىڭ بەگلىرىنىڭ بەزىلىرى رايون خاراكتېرلىك كىنەز ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا قوشۇلدى، بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىنەزلىكلىرىنى دومىنئونغا قوشۇۋەتتى، كىنەزلىكلەرنىڭ بەگلىرى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش ۋاقتىدا ھەممىسى شەخسىي ئىمتىياز ۋە مال - مۈلكىنى ساقلاپ قالدى ھەم خېلى يۇقىرى يىللىق ئىش ھەققىگە ئېرىشتى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە