UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1949 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1949 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 7 - يانۋار، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مارشال ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. ئۇنىڭ ئورنىغا دېئان ئاچسۇن تەيىنلەندى (20 - يانۋار). 10 - يانۋار، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىدىكى ئۈچ چوڭ جەڭنىڭ بىرى بولغان خۇەيخې جېڭى غەلبىلىك ئاخىرلىشىپ، گومىنداڭنىڭ جەمئىي 555 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسى يوقىتىلىپ، چاڭجياڭنىڭ شىمالىدىكى شەرقىي جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئازاد قىلىندى. 20 - يانۋار، ھاررى ترومېن 1948 - يىل نويابردىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يەنە ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنلەندى ھەم ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش نۇتقىدا ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى تۆت نۇقتىلىق ھەرىكەت پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قوىدى. تۆت نۇقتا ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى رايونلىرىغا ئىقتىسادىي جەھەتتە سىڭىپ كىرىش ئارقىلىق، سىياسىي جەھەتتە كونترول قىلىش مەقسىتىگە يېتىشكە قارىتىلغان بولۇپ، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «تۆت نۇقتىلىق پىلان» دەپ ئاتىلىدۇ. 23 - يانۋار، ياپونىيىدە مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سايلام ئۆكتۈزۈلدى، سايلامدا دېموكراتىك ئەركىنلىك پارتىيىسى مۇتلەق كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ، كاتاياما قايتا ئىچكى كابىنېت تەشكىللىدى (16 - فېۋرال). 25 - يانۋار، سوۋېت ئىتتىپاقى، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيە، پولشا، رۇمىنىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيە موسكۋادا يىغىن ئېچىپ «ئۆزئارا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش كومىتېتى» قۇرۇشنى قارار قىلدى، كومىتېتنىڭ باش شتابى موسكۋادا تەسىس قىلىندى. شۇ يىلى فېۋرالدا ئالبانىيىمۇ قاتناشتى. كېيىن يەنە دېموكراتىك گېرمانىيە (1950 - يىل سېنتەبر)، موڭغۇلىيە (1962 - يىل ئىيۇن)، كۇبا (1972 - يىل ئىيۇن) قاتناشتى. ئالبانىيە 1962 - يىل دېكابردىن كېيىن «ئۆزئارا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش كومىتېتى»نىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى توختاتتى. شۇ كۈنى، ئىسرائىلىيە تۇنجى قېتىم ئومۇمىي سايلام ئۆكتۈزدى. بېن. گورىئان رەھبەرلىكىدىكى ئىشچىلار پارتىيىسى كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشتى. ئىسرائىلىيە ئىشچىلار پارتىيىسى كابىنېتى قۇرۇلدى. 1949 فېۋرال 1 - فېۋرال، مالايا مىللىي ئازادلىق ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. مالايا كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە مىللىي ئازادلىق ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىق شتابى بىرلىشىپ «مىللىي ئازادلىق خىتابنامىسى» جاكارلاپ، مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشنىڭ مەقسىتى ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنى مالايادىن قوغلاپ چىقىرىپ، مالايانىڭ مىللىي ئازادلىقى، خەلق دېموكراتىيىسى، بەخت - سائادىتى ۋە ئىگىلىكىنىڭ گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دەپ كۆرسەتتى. 4 - فېۋرال، ئىران پادىشاھسى مۇھەممەت رىزا پەھلىۋى قەستكە ئۇچراپ يارىلاندى، ئىران خەلق پارتىيىسى قانۇنسىز دەپ جاكارلاندى. 1949 مارت 3 _ مارت، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جامېس فۇرېستول شۇغۇللانغان ئۈچ ئارمىيە تۈزۈلمىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش خىزمىتىدە نەتىجە قازىنالماي ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئورنىغا لويئىس ئا. جونسۇن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولدى. 4 - مارت، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىندى. ئاندرېي ۋىشىنىسكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىگە، ۋاسلىيۋىسكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىنىپ، مولوتوۋ بىلەن بولگانىننىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى (مولوتوۋ ۋە بولگانىن يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن قالدى). 8 _ مارت، فرانسىيە جەنۇبىي ۋيتېتنامنىڭ باۋدەي ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى. فرانسىيە «ۋيېتىنام» نىڭ فرانسىيە فېدېراتسىيىسى ئىچىدىكى «مۇستەقىل» لىكىنى ئېتىراپ قىلدى. شۇ كۈنى، ھىندىستان باش مىنىستىرى نېھرو پارلامېنتتا سىياسىي نۇتۇق ئېلان قىلىپ، بۇندىن كېيىنكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ھىندە ھىندىستاننىڭ ئەنگلىيە اېدېراتسىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 10 _13 _ مارت، گوللاندىيە، بېلەىيە، ليۇكسېمبۇرگ ئۈچ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى گائاگادا يىغىن ئېچىپ، 1950 _ يىل 1 _ ئىيۇلدىن باشلاپ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنى كۈچكە ئىگە قىلىشنى قارار قىلدى. 11 - مارت، ئارگېنتىنا پارلامېنتى «پېرون ئاساسىي قانۇنى»نى جاكارلىدى. ئاساسىي قانۇن كارخانىلارنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش، تاشقى سودىنى باشقۇرۇش، يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش، زۇڭتۇڭ ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى ئېتىراپ قىلدى. 18 - مارت، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى دىئان ئاچسۇن ۋاشىنتوندا «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىنامىسى»نىڭ تۈزۈلۈۋاتقان ماددىلىرىنى ئېلان قىلدى. 19 - مارت، شەرقىي گېرمانىيە خەلق كومىسسارىياتى گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تەستىقلىدى ھەم خەلق پارلامېنتى سايلاپ چىقىنى چاقىرىق قىلدى. 27 - مارت، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە گوللاندىيىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى دۇنيا ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلاپ، باشقىدىن دۇنيا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى - خەلقئارا ئەركىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى قۇردى. 30 - مارت، سۈرىيىدە ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى، سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى ھۈسەينى زائىم تەختكە چىقىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. 1949 ئاپرېل 4 - ئاپرېل، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگ، پورتۇگالىيە،كانادا، دانىيە، نورۋېگىيە ۋە ئىسلاندىيە قاتارلىق 12 دۆلەت ۋاشىنگتوندا «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدىنامىسى»گە ئىمزا قويۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدىنامىسى ھەربىي گۇرۇھىنى قۇردى. ئەھدىنامە 24 - ئاۋغۇست كۈچكە ئىگە بولدى. 1950 - يىلنىڭ ئاخىرى، بۇ تەشكىلات بىرلىككە كەلگەن ئارمىيە قۇرۇشنى قارار قىلىپ، «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانلىق شتابى»نى قۇردى. ئۇندىن كېيىن، گرېتسىيە بىلەن تۈركىيە (1952 - يىل فېۋرالدا) ۋە فېدېراتىپ گېرمانىيە (1955 - يىل مايدا) ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇ تەشكىلاتقا قاتناشتى. شۇنداق قىلىپ بۇ تەشكىلاتقا قاتناشتى. شۇنداق قىلىپ بۇ تەشكىلاتقا 15 دۆلەت ئەزا بولدى. 8 - ئاپرېل، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ۋاشىنگتوندا «گېرمانىيە توغرىسىدا كېلىشىم» ئىمزالىدى (بۇ كېلىشىم «ئىشغالىيەت قائىدە - نىزامى» ۋە ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى رايونلارنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق ھۈججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ گېرمانىيىدىكى ئىشغالىيەت رايونلىرى 21 - ئاپرېلدا رەسمىي بىرلەشتۈرۈلدى. ھۈجەتتە، گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ، ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسى يەنىلا غەربىي گېرمانىيىدە قالىدۇ. باش قوماندان ھەربىي ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ، ئۇندىن باشقا بارلىق ھوقۇقنى ئۈچ دۆلەتنىڭ ئالىي مۇتەخەسسىلىرىدىن تەشكىللەنگەن «ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئالىي كومىتېتى» يۈرگۈزىدۇ ۋە ئەسلىدىكى ئىشغالىيەتچى ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ دىپلوماتىك ۋە خەۋپسىزلىك ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىدۇ ھەم بۇنىڭ فېدېراتىپ گېرمانىيە پارلامېنتى تۈزگەن قانۇن - پەرمانلارنى ئىنكار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ دەپ بەلگىلەندى. 18 - ئاپرېل، ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى ئەنگلىيە فېدېراتىسىيىسىدىن چېكىنىپ چىقتى، ئەنگلىيە پارلامېنتى «ئىرلاندىيە قانۇنى» نى ماقۇللاپ (17 - ماي)، ئىرلاندىيىنى يەنىلا ئەنگلىيىگە قاراشلىق دەپ بەلگىلەپ، ئىرلان مىللىتىنى بۆلۈنمە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. 21 - ئاپرېل، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى چاڭجياڭنى كېسىپ ئۆتۈپ، جياڭنەن ۋە جەنۇبىي جۇڭگو رايونلىرىغا يۈرۈش قىلدى. 23 - ئاپرېل، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى نەنجىڭنى ئازاد قىلىپ، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يوقالغانلىقىنى جاكارلىدى. 26 - ئاپرېل، تاشقى ئىئوردانىيە نامىنى ئىئوردانىيىگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىدى. رەسمىي نامى ئىئوردانىيە «ھاشىملار پادىشاھلىقى» دەپ ئاتالىدى، ئابدۇللا پادىشاھ بولدى. 1949 ماي 5 - ماي، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە بېرلىن كرىزىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاپ، 12 - ماي بېرلىن مۇھاسىرىسىنى بىكار قىلىشنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق ئون دۆلەت لوندوندا «ياۋروپا پارلامېنتى نىزامنامىسى»نى ئىمزالاپ، «ياۋروپا كومىتېتى»نى قۇردى. ئۇندىن كېيىن گرېتسىيە، تۈركىيە، ئاۋسترىيە، ئىسلاندىيە ۋە فېدېراتىپ گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كەينى - كەينىدىن «ياۋروپا كومىتېتى»غا ئەزا بولۇپ كىردى. «ياۋروپا كومىتېتى» «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى» بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلۋاتقان تەشكىلات بولۇپ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەپلەرگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرەتتى. 6 - ماي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا ئىقتىسادىي كومىتېتى ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ (سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شەرقىي ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بىرىنچى قېتىم 1938 - يىلدىكى سەۋىيىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى (سوۋېت ئىتتپاقى بىلەن شەرقىي ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ ئېكسپورتى %30 ئېشىپ، تاشقى سودىدىكى پاسسىپ بالانىس %25 ، ئامېرىكىدىن قىلىندىغان ئىمپورتى %30 ئازايغان 11 - ماي، سىئام نامىنى تايلاندقا ئۆزگەرتتى. شۇ كۈنى، ئىسرائىلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىردى. 12 - ماي، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ يىراق شەرق كومىتېتىدىكى ئامېرىكا ۋەكىلى ئۇرۇش چىقىمى تۆلىتىشنى توختىتىپ ياپونىيىنىڭ ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا ئىشغالىيەتچى دائىرىلىرى ئىگىلىكنى تۇراقلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ياپونىيىدىكى پۇل پاخاللىقى تەدرىجىي پەسىيىشكە يۈزلەندى. 23 - ماي، گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ «ئاساسىي قانۇنى» نى غەربىي گېرمانىيىدىكى ھەرقايسى شتات پارلامېنتلىرى يولغا قويۇشنى تەستىقلىدى. «ئاساسىي قانۇنى» غەربىي گېرمانىيە 11 شتاتتىن تەركىب تاپقان فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەت، پايتەختى بونن دەپ بېكىتتى. 1949 ئىيۇن 2 - ئىيۇن، ھىندىستاننىڭ نېھرو ھۆكۈمىتى سىكىمدە توپىلاڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى باھانە قىلىپ، ئەسكەر ئەۋەتىپ سىككىمنىڭ پايتەختى گانگتوككا ئورۇنلاشتۇردى، ھەم 7 - ئىيۇن سىككىم ھاكىمىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. 10 - ئىيۇن، چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى كاتولىك دىنىي ھەرىكىتى كومىتېتىنى قۇردى، 14 - ئۆكتەبرگە كەلگەندە، ھۆكۈمەت دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئىشلىرىنى تامامەن كونترول قىلدى ھەم بارلىق پوپلاردىن دۆلەتكە سادىق بولۇشى توغرىسىدا قەسەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 25 - ئىيۇن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي چاۋشيەندىكى 71 سىياسىي پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلات ۋەتەن دېموكراتىك بىرلىك سېپىنى قۇرۇپ، چاۋشيەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ مۇھىم مەزمۇنى: چاۋشيەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى چاۋشيەن خەلقى ئۆزلىرى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئامېرىكا ئارمىيىسى چاۋشيەندىن دەرھال چىقىپ كېتىش؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چاۋشيەن كومىتېتى چاۋشيەندىن دەرھال ئايرىلىش؛ 1949 - يىلى جەنۇبىي بىلەن شىمالىي چاۋشيەن بىرلا ۋاقىتتا بىرلىككە كەلگەن قانۇن تۈزۈش ئورگىنى مىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. شۇ كۈنى، بۇلغارىيە ھۆكۈمىتى سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر ترائىچ گوستوۋنىڭ دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلغانلىق دېلوسىنى ئېلان قىلدى. ھەم ئۇنىڭغا 16 - دېكابر ئۆلۈم جازاسى بەردى؛ مىسىر، سۈرىيە، لىۋان، ئېئوردانىيە شۋېتسارىيىنڭ لوزاننادا ئىسرائىلىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئەرەب دۆلەتلىرى ئالدى بىلەن پەلەستىندىكى ئەرەب مۇساپىرلىرى مەسىلىىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن ئىسرائىلىيە ئومۇميۈزلۈك سۈلسھ ھاسىل قىلىپ ئاندىن مۇساپىرلارنى قايتۇرۇشتا چىڭ تۇردى. سۆھبەت قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقتىن، سۆھبەتنىڭ بۇزۇلغانلىقى جاكارلاندى. 27 - ئىيۇن (15 - ئاۋغۇستقىچە)، ئاۋسترالىيە كۆمۈر كان ئىشچىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلىدى، بارلىق سانائەت ئىشلىرى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. 29 - ئىيۇن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى پارىژدا «ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر گېرمانىيە ئالىي كومىتېتىنىڭ نىزامنامىسى»گە ئىمزا قويدى. شۇ ئايدا، جەنۇبىي ئافرىقا فېدېراتىپ ھۆكۈمىتى ئىرقىي ئايرىمىچلىق پروگراممىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىپ، ياۋروپالىقلار بىلەن غەيرىي ياۋروپالىقلارنىڭ نىكاھلىنىشىنى چەكلىدى ھەم ئۇندىن باشقا ھەرخىل ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تەدبىرلىرىنى قوللاندى؛ شۇ ئاي (ئىيۇلغىچە)، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر يۇگوسلاۋىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئۈزدى، يۇگوسلاۋىيە غەربتىكى دۆلەتلەر بىلەن بىر قاتار ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى؛ ئەنگلىيىدە پرىستان ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى جىددىي ھالەت جاكارلىدى. 1949 ئىيۇل 2 - ئىيۇل، بۇلغارىيە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى دىمېتروپ موسكۋادا كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى. 10 - 11 - ئىيۇل، جياڭ جيېشى فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دىلىنو بىلەن باگئودا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، «تىنچ ئوكيان كوممۇنىزمىغ قارشى ئىتتىپاقى»نى قۇرۇشقا تەييارلاندى. 19 - ئىيۇل، لائوس پادىشاھى شىساۋاڭ فېن فرانسىيە زۇڭتۇڭى ۋېنىسېيت ئورىئول بىلەن پارىژدا «فرانسىيە - لائوس كېلىشىمى» ئىمزالىدى. فرانسىيە لائوسنىڭ فرانسىيە فېدېراتىسىيىسى ئىچىدىكى «مۇستەقىل» دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئەمەلىيەتتە فرانسىيە لائوسنى پۈتۈنلەي كونترول قىلۋالدى. 23 - ئىيۇل، يۇگوسلاۋىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېرۋارد كاردېل يۇگوسلاۋىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېرۋارد كاردېل يۇگوسلاۋىيە بۈگۈندىن باشلاپ گرېتسىيە پارتىزانلىرىغا يارىدارلارنى داۋالاش جەھەتتە ياردەم قىلىدۇ دەپ جاكارلىدى. لېكىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالقان كومىتېتىنىڭ 21 - ئىيۇلدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 7 - ئىيۇلدىن باشلاپ يۇگوسلاۋىيە، يۇگوسلاۋىيە - گرېتسىيە ئارىسىدىكى چېگرىنى تاقىۋەتكەن. شۇ ئايدا، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە دائىرىلىرى ياپونىيىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە بۇزغۇنلچىلىق قىلىش ئۈچۈن، ئارقا - ئارقىدىن «شموياما ۋەقەسى» (5 - ئىيۇل)، «مىتاكا ۋەقەسى» (15 - ئىيۇل) ۋە «ماتسۇكاۋا ۋەقەسى» (17 - ئىيۇل) نى پەيدا قىلدى. 1949 ئاۋغۇست 1 - ئاۋغۇست، ئامېرىكا بىلەن جياڭ جيېشى گۇرۇھى «مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالىدى. 2 - ئاۋغۇست، ئامېرىكىنىڭ باش ئەلچىسى ستۇئارت لېيتون جۇڭگودىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. 3 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيە جەبىلتارىق يېڭى ئاساسىي قانۇننى جاكارلاپ، ئون كىشىلىك قانۇن تۇرغۇزۇش پارلامېنتى تەسىس قىلىشنى، بۇنىڭ ئىچىدە بەش كىشىنى سايلام ئارقىلىق تاللاش، ئىككى كىشىنى تەيىنلەش، ئۈچ كشىى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن بولۇش، باش نازارەتچىنىڭ يەنىلا قانۇن تۈزۈش ھوقۇقى بولۇشنى بەلگىلىدى. 5 - ئاۋغۇست، ئامېرىكىنىڭ ترومېن ھۆكۈمىتى «ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، 1944 - يىلدىن بۇيانقى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقنىڭ جەريانىنى، بولۇپمۇ 1944 - يىلدىن 1949 - يىلغىچە ئامېرىكىنىڭ جياڭ - جيېشىغا ياردەم بېرىپ قوزغىغان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرى مەغلۇب بولغانلىق خاتىرىسىنى بايان قىلدى. 8 - ئاۋغۇست، ھىندىستان بىلەن بورتان دارجىلىڭدا «مەڭگۈ دوستلۇق - تىنچلىق شەرتنامىسى» ئىمزالىدى. ھىندىستان 1864 - يىلى تارتىۋالغان تەخمىنەن 82 كۋادرات كلومېتر زېمىننى بوتانغا قايتۇرۇپ بەردى ھەم بوتانغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلنى 500 مىڭ رۇپىيە ئاشۇردى. بوتان ھىندىستاننىڭ بوتاننىڭ تاشقى ئىشلىرىغا داۋاملىق «يېتەكچىلىك» قىلىپ تۇرۇشىغا قوشۇلدى. ھىندىستان بىلەن بوتان «ئەركىن سودا» نى يولغا قويدى. 10 - ئاۋغۇست، زۇڭتۇڭ ترومېن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى قۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسىگە رەسمىي ئىمزا قويۇپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ پايدىلىنىدىغان كەڭ ۋە ئېنىق ھوقۇق دائىرىسىنى بەلگىلىدى. گېنېرال ئۆمەر برادلېي شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى (11 - ئاۋغۇست). 12 - ئاۋغۇست، 61 دۆلەت جەنۋەدە تۆت ئەھدىنامە ئىمزالىدى، بۇ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «جەنۋە ئەھدىنامىسى» (يەنى «ئۇرۇشتا ئازاب چەككەنلەرنى قوغداش توغرىسىدىكى جەنۋە ئەھدىنامىسى») دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۆت ئەھدىنامە: (1) «ئۇرۇش ئەسىرلىرىگە مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدىكى جەنۋە ئەھدىنامىسى» (1929 - يىل ئىمزالانغان، 1949 - يىل ئۆزگەرتىپ تۈزۈلدى)؛ (2) «ئۇرۇش مەزگىلىدە پۇقرالارنى قوغداش توغرىسىدىكى جەنۋە ئەھدىنامىسى» (1949 - يىل ئىمزالاندى)؛ (3) «ئۇرۇش مەيدانىدىكى قوراللىق قىسىملاردىن يارىدار بولغان ۋە كېسەل بولغانلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى جەنۋە ئەھدىنامىسى» (يەنى «جېمىجاھان قىزىل كرېست ئەھدىنامىسى» (1864 - يىل ئىمزالانغان، 1906 -، 1929 - ۋە 1949 - يىل تۈزىتىلگەن)؛ (4) «دېڭىز ئۈستى قوراللىق قىسىملىرىدىكى يارىدار، كېسەللەرنىڭ ھەمدە پاراخوتتا قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى جەنۋە ئەھدىنامىسى» (1949 - يىل ئىمزالىنىپ، 1907 - يىلدىكى «گائاگا ئەھدىنامىسى»نىڭ 10 - تارمىقىنىڭ ئورنىغا دەسسىدى). شۇندىن كېيىن، يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇ ئەھدىنامىگە قاتناشتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى 1952 - يىل 13 - ئىيۇل يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھدىنامىلەرنى ئېتىراپ قىلدى، 1956 - يىل 5 - نويابردا تەستىقلاپ، شۇ يىلى 28 - دېكابردا شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىگە سۇندى. ئەھدىنامىدىكى بەزى ماددىلار مۇۋاپىق بولمىغاچقا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەستىقلاش ۋاقتىدا بەزى بەلگىلىمىلەرگە قارىتا ئۆز پىكرىدە قالدى. 14 - ئاۋغۇست، فېدېراتىپ گېرمانىيىدە پالاتا (تۆۋەن پالاتا) سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، خرستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى ئاز كۈچ بىلەن كۆپ سانلىقنى يېڭىپ بىرىنچى بولدى، شۇ كۈنى، ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي دائىرىلىرى بېرلىندىن فرانكفورتقا يۆتكەلدى. ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىيىسى جون. ماكلوي بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي ۋەغەربىي گېرمانىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا داۋاملىق يەنە ئىشغالىيەت مەجبۇرىيتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بىراق ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىش بېجىرىش ئورگانلىرى 15 - نويابردىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئاياغلىشىدۇ، دېدى؛ سۈرىيىدە ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى، ھاشىم ئەل ئاتاسى تەختكە چىقىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. 23 - ئاۋغۇست (2 - نويابرغىچە)، گوللاندىيىنىڭ گائاگا شەھىرىدە، گولاندىيە بىلەن ھىندۇنېزىيە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا «يۇمىلاق ئۈستەل كېلىشىمى» ئىمزالىدى. كېلىشىمدە، ھىندۇنېزىيىدىكى 15 شتات ھىندۇنېزىيە قوشما شتاتلىرى بولۇپ تەشكىلىنىدۇ، گولاندىيە 1949 - يىل 30 - دېكابردىن بۇرۇن ھاكىمىيەتنى ھىندۇنېزىيە قوشما شتاتلىرى «گوللاندىيە - ھىندۇنېزىيە ئىتتىپاقى»غا قاتنىشىدۇ، دەپ بەلگىلىدى. 31 - ئاۋغۇست، ئىتالىيە بىلەن گرېتسىيە رىمدا تۆلەم تۆلەش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاپ، ئىتالىيە بەش يىل ئىچىدە گرېتسيىگە سانائەت ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، سانائەت ئۈسكۈنلىرى ۋە ئەمگەك كۈچى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش شەكلىدە 1 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەش، ھەمدە گرېتسىيە مۇسادىرە قىلغان 3 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق مال - مۈلۈكنىڭ 3 تىن قىسىمىنى سېتىۋېلىش، ئىتالىيە 1950 - يىل 31 - ئاۋغۇست دودكېنس تاقىم ئاراللىرىدىن چېكىنىشنى بەلگىلىدى. 1949 سېنتەبر 7 - سېنتەبر، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ۋاشىنگتوندا تۇنجى قېتىم يىغىن ئېچىپ، مۇدىرىيەت ئورگىنىنى ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان دەپ ئېتىراپ قىلدى، بۇ ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە مالىيە مىنىستىرلىرىدىن تەشكىللەندى. 12 - 15 - سېنتەبر، فېدېراتىپ گېرمانىيىدە لېبىرال دېموكراتلار پارتىيىسىدىن تېئودور خېئۇس فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى، خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىدىن كونراد ئادېنا ئۇئېر باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەندى. 13 - سېنتەبر.، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپ ئاچسون بىلەن ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئىرنېست بېۋىن ۋاشىنگتوندا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ يىراق شەرق ۋە ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە «بىردەك پىكىرگە كەلگەن»لىكىنى جاكارلىدى. 2 - كۈنى، ئاچسۇن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، ئامېرىكا - ئەنگلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ياپونىيە بىلەن سۈلھ تۈزۈشنى نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. 18 - سېنتەبر، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى فوند - ستېرلىنگ رايونىدىكى دۆلەتلەر ۋە فرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، كانادا، شىۋېتسىيە ۋە مىسىر قاتارلىق 24 دۆلەت تەسىرگە ئۇچراپ، بىرقانچە كۈن ئىچىدە ئۆز دۆلەت پۇللىرىنىڭ قىممىتى چۈشكەنلىكىنى ئارقا - ئارقىدىن جاكارلاشتى. 20 - سېنتەبر (10 - دېكابرغىچە)، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 4 - قۇرۇلتىيى نيۇ - يوركتا ئۆكتۈزۈلدى. قۇرۇلتاي ئاساسلىقى ئەسلىدە ئىتالىيىگە قاراشلىق بولغان مۇستەملىكىلەرنى ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش ، ئاتوم قوراللىرى، چاۋشيەن ۋە پەلەستىن مەسىلىسى قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلدى. ھەر قايسى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا پىلنى بولغاچقا ھەربىر مەسىلە ئۈستىدە كەسكىن تالاش - تارتىش بولدى. ئىتالىيىنىڭ مۇستەملىكىسى لىۋىيە مەسىلىسىدە، لىۋىيە خەلقىنىڭ قاتتىق نازازىلىق ھەرىكىتى قۇرۇلتاينى 1952 - يىل 1 - يانۋاردىن كېچىكتۈرمەي لىۋىيىگە مۇستەقىللىك بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشقا مەجبۇر قىلدى؛ سومالىغا ئىتالىيە ئون يىل ۋەكالىتەن باشقۇرۇپ ئاندىن مۇستەقىللىك بېرىش، ئېرېترىيە مەسىلىسىنى بىر يىل كېچىكتۈرۈپ قارار چىقىرىش بەلگىلەندى. ئۇندىن باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەمەلىي يەكۈن چىقىرىلمىدى. شۇ كۈنى، فېدېراتىپ گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى رەسمىي قۇرۇلدى. 21 - سېنتەبرت، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە «گېرمانىيىنى ئىشغال قىلىش قائىدە - نىزامى»نى كۈچكە ئىگە قىلدى، ھەربىي ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىنى «ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئالىي كومىتېتى»غا ئۆتكۈزۈپ بەردى. شۇ كۈنى، فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ باش مىنسىتىرى ئادىناۋېر سەككىز نەپەر خرىستىئان دېموكراتىك بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، ئۈچ نەپەر لېبىرال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ جەمئىي 13 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئىچكى سوۋېت ئىتتىپاقى تۇنجى قېتىم ئاتوم بومبىسى پارتلاتتى. 28 - سېنتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى يۇگوسلاۋىيىگە نوتا تاپشۇرۇپ، 1945 - يىل تۈزۈلگەن «سوۋېت - يۇگوسلاۋىيە ئۆزئارا ياردەم بېرىش - دوستلۇق شەرتنامىسى»نى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئارقىندىنلا، ۋېنگرىيە، پولشا (3 - ئۆكتەبر) ۋە چېخوسلوۋاكىيە (4 - ئۆكتەبر)لەر ئارقا - ئارقىدىن يۇگوسلاۋىيە بىلەن ئىمزالىغان «ئۆزئارا ياردەم بېرىش - دوستلۇق شەرتنامىسى»نى بىكار قىلدى. 30 - سېنتەبر، لى سىنمان ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلغا خەت يېزىپ، قورال كۈچى بىلەن شىمالىي چاۋشيەنگە ھۇجۇم قىلىش پەيتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. 1949 ئۆكتەبر 1 - ئۆكتەبر، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ماۋزېدۇڭ بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا پۈتۈن دۇنياغا «جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى» دەپ جاكارلىدى. 6 - ئۆكتەبر، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترومېن «1949 - يىلدىكى مۇداپىئەگە ياردەم بېرىش قانۇنى»غا ئىمزا قويۇپ، 13 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجىرىتىپ چەت ئەلگە ھەربىي ياردەم بېرىشنى، بۇنىڭ ئىچىدىن 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا ياۋروپا دۆلەتلرىگە بېرىشنى قارار قىلدى. 7 - ئۆكتەبر، گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ۋېلھېلىم. پېك زۇڭتۇڭلۇققا، ئوتتۇگروتېۋول باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەندى. 10 - ئۆكتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي گېرمانىيىدىكى ھەربىي دائىرىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ئىدارە قىلىش ئورگانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىدارە قلىش كومىتېتىغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىدى. 11 - ئۆكتەبر (7 - نويابرغىچە)، ھىندىستان باش مىنىستىرى جاۋاھىرلال نېھرو ئامېرىكىنى زىيارەت قىلدى ھەم دۆلەت مەجلىسىدە نۇتۇق ئېلان قىلىپ، ئاشكارا ھالدا: ئەگەر «ئەركىنلىك ۋە ھەققانىيەت تەھدىتكە ئۇچرايدىكەن» ھىندىستان بىجەتەىرلىكنى ساقلىمايدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، مېنىڭ قارىشىمچە، نۆۋەتتە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئوخشاش ئاسىيا رايونىدا بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى تۈزۈشنىڭ «ۋاقتى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى» دېدى. 1949 نويابر 7 - نويابر، سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى كونىستانتىن، روكوسوۋىسكى پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە ۋە پولشا ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى. 8 - نويابر، فرانسىيە بىلەن كامبۇدژاىدا پارىژدا فرانسىيە - كامبۇدژادا شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. فرانسىيە كامبۇدژانىڭ فرانسىيە فېدېراتسىيىسى ئىچىدىكى «مۇستەقىل» دۆلەتلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ھەربىي، دىپلوماتىيە، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىشلارنى يەنىلا كونترول قىلىۋالدى. 1949 دېكابر 15 - دېكابر، ئامېرىكا بىلەن فېدېراتىپ گېرمانىيە بونندا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، گېرمانىيىنىڭ مارشال پىلانىغا قاتناشقۇچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. 16 - دېكابر، رەئىس ماۋزېدۇڭ باشچىلىقىدىكى جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلدى. 18 - دېكابر، ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى بارلىق چوڭ سانائەتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى، 19 - دېكابر، ھىندۇنېزىيە قوشما شتاتلىرى رەسمىي قۇرۇلدى، سوكارنو ھىندۇنېزىيە قوشما شتاتلىرنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا، مۇھەممەت ھەتتا باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەندى. 27 - دېكابر، گوللاندىيە بىلەن ھىندۇنېزىيە قوشما شتاتلىرى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. 1949 شۇ يىلى (1950 - يىلغىچە)، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەردى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى 1893 - يىلدىكى دۆلەت سىزىقىنىڭ پاكىستان تەرىپىدىكى پۈتۈن مىللەتنىڭ چېگرىدىكى قەبىلىلىرىگە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە