UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1929 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1929 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 6 - يانۋار، يۇگوسلاۋىيىدىكى تېررورچى تەشكىلات «ئاق قول پارتىيىسى» پادىشاھ ۋە بۇرژۇئا پومېشىچىكلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، فاشىستىك پادىشاھلىق مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئورناتتى. 15 - يانۋار، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى «پارىژ ئەھدىنامىسى»نى تەستىقلىدى ھەم بايانات ئېلان قىلىپ، «پارىژ ئەھدىنامىسى» بىلەن مونروئىزم زىت ئەمەس، ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى ئاجىزلاتمايدۇ، ھەم ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزچى دۆلەتلەرگە بولغان «جازالاش خاراكتېرلىك يۈرۈش ئېلىپ بېرىشى»نى چەكلەيدۇ دەپ جاكارلىدى. 20 - يانۋار، «ھەقىقەت گېزىتى» ۋە. ئى. لېنىننىڭ «مۇسابىقىنى قانداق ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. شۇ ئايدا، مېكسىكا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلتىيىنى چاقىردى ۋە مېكسىكا بىرلىككە كەلگەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمە جەمئىيىتىنى قۇردى. 1929 فېۋرال 6 - فېۋرال، گېرمانىيە «بېررىيان - كېللوگ ئەھدىنامىسى»نى قوبۇل قىلدى. 9 - فېۋرال، «شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇرۇشماسلىق ئەھدىنامىسى» ئىمزالاندى، بۇنى سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ماكسىم لىتۋىنوۋ ئوتتۇرىغا قويغاچقا، ئۇنىڭ نامىدا «لىتۋىنوۋ توختامنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. موسكۋادا ئىمزا قويۇشقا سوۋېت ئىتتىپاقى، پولشا، رۇمىنىيە، ئىستونىيە ۋە لاتۋىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت قاتناشتى. 11 - فېۋرال، ئىتالىيە فاشىستىك ھۆكۈمىتى بىلەن پەتىكان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ھوقۇق - مەنپەئىتى بولغان «راتلان شەرتنامىسى بىلەن كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى. شۇ كۈنى، ئوۋېن د. يونىگ رەئىسلىكىدىكى گېرمانىيە تۆلەم مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى پارىژدا يىغىن چاقىرغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەم 7 - ئىيۇن «يونىگ پىلانى»نى ئاشكارا ئېلان قىلدى. 1929 مارت 5 - مارت، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ لېنىنەرادتىكى «قىزىل ۋبورگلىقلار» زاۋۇتى كوللېكتىپ خىتابنامە ئېلان قىلىپ، سوتسىيالىستىك مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇشنى چاقىرىق قىلدى. 6 - مارت، تۈركىيە بىلەن بۇلغارىيە دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. 15 - مارت، ھىندىستاندا كوممۇنىستلار ۋە بىر قىسىم كونەرېسلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى قولغا ئېلىندى ھەم ھىرات شەھىرىنىڭ تۈرمىسىگە قامالدى. مۇستەملىكىچى دائىرىلەر قولغا ئېلىنغانلارنى ئۇزۇنغىچە ئاشكارا سوراق قىلمىدى. ئەنزە تۆت يىلغا سوزۇلغانلىقتىن، بۇ، مىرات ئەنزىسى دەپ ئاتالدى. بۇ ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلغار زاتلانىڭ ھېسداشلىقى ۋە قولىشىغىا ئېرىشتى. 1933 - يىل يانۋارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئاندىن مىرات سوت مەھكىمىسى جاۋابكارلارغا مۇددىتى ئوخشاش بولمىغان ھالدا قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جامائەت پىكرىنىڭ قارشى تۇرۇشى ئارقىسىدا مۇستەملىكىچى دائىرىلەر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. 27 - مارت، يۇگوسلاۋىيە بىلەن گرېتسىيە دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شۇ ئايدا (ئاپرېلغىچە)، مېكسىكىدا «44 گېنېرالنىڭ توپىلىڭى» يۈز بەردى. 1929 ئاپرېل 16 - ئاپرېل، ياپونىيە ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى باستۇرۇپ، «16 - مەملىكەتلىك كەسپىي ئاممىۋى تەشكىلاتلار كومىتېتى قۇرۇلدى. ھەرقايسى سانائەت تارماقلىرى ياكى كەسپىي ساھەدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ كومىتېتقا ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، فاشىستىك كونترول قىلىشقا قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىلدى. 23 - 29 - ئاپرېلغىچە، ئىتتىپاق كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىنىڭ 16 - قۇرۇلتىيى بىرىنچى بەش يىللىق (1928 - 1933 - يىلغىچە) پىلاننى تەستىقلىدى. 28 - ئاپرېل، دانىيىدە سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيىسى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، كابىنېت تەشكىللىدى. 1929 ماي 1 - ماي، بېلىن ئىشچىلىرىنىڭ خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى خاتىرىلەپ ئۆتكۈزگەن نامايىشى تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. 2 - ماي، ئەنگلىيىنىڭ پارس نېفىت شىركىتىگە قاراشلىق بارلىق كارخانىلارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئىش تاشلىدى. 6 - ماي، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى «قىزىل ئالدىنقى سەپ جەڭچىلىرى ئىتتىپاقى»نى تەكشۈرۈپ پېچەتلىدى. 7 - ماي، مىسىر بىلەن سودان نىل دەريا سۈيى كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. كۆك نىل دەرياسىنىڭ سۈيى سۇداننىڭ ئىشلىتىشىگە، ئاق نىل دەريا سۈيى مىسىرنىڭ ئىشلىتىشىگە تەۋە بولدى. 9 - ماي، ئىتتىپاق كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى «زاۋۇت سوتسىيالىستىك مۇسابىقىسى» قارارىنى ئېلان قىلدى. 1929 ئىيۇن 5 - ئىيۇن (1931 - يىل 24 - ئاۋغۇستقىچە)، ئەنگلىيە ج. رامساي ماكدونالدنىڭ ئىشچىلار پارتىيىسى ئىككىنچى قېتىم كابىنېت تەشكىللەپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. 21 - ئىيۇن، سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە خەلق كوممىسارىياتى «كوللېكتىپ كولخوز تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش تەدبىرلىرى» توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. شۇ ئايدا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجىنى يۇقىرى نىسبەتتە قوغداشنى يولغا قويۇپ، تۈركىيەمىللىي سانائىتىگە ئىلھام بېرىپ، چەت دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيىگە سەرمايە سېلىشىنى رەت قىلىپ، چەت ئەللەرگە سېتىپ بېرىلگەن ئىجارە ھوقۇقلىرىنى تەدرىجىي قايتۇرۇۋالدى؛ مېكسىكا ھۆكۈمىتى كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ئۇنىڭ مەركىزىي ئورگان گېزىتى «ماچېت گېزىتى»نى پېچەتلىدى. 1929 ئىيۇل 2 - ئىيۇل، ياپونىيىدە تاناكا بىنېتى تەختتىن چۈشۈپ، خەلق سىياسىي پارتىيىسىدىن ئىنۇكاي دزىئوسى كابىنېت تەشكىللىدى، سىدېخارا دىپلوماتىيە ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەندى. فرانسىيە باش مىنىستىرى پوئىنكارى كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل فرانسىيىدە سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ئۇيۇشۇشىدىن ئەمەس، بەلكى پارلامېنت گۇرۇھىدىن تەركىب تاپقان تۇراقسىز «ئۆمرى قىسقا كابىنېت»لار مەيدانغا كەلدى. 1929 ئاۋغۇست 1 - ئاۋغۇست، ئارگېنتىنا نېفىت بايلىقىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىشنى يولغا قويدى. 6 - ئاۋغۇست، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئالاھىدە يىراق شەرق ئارمىيىسى قۇرۇشقا بۇيرۇق بەردى. شۇ كۈنى، مىسىر بىلەن ئەنگلىيە يېڭى ئەھدىنامە لايىھىسى تۈزۈپ، ھەربىي ئىتتىپاقنى ئەنگلىيىنىڭ ھەربىي ئىشغالىيىتى ئورنىغا دەسسەتتى، ئەنگلىيە ئارمىيىسى تۇرۇشلۇق جايلار سۇۋەيىش قانىلى رايونىدىكى بىرقانچە بازىلار بىلەن چەكلەندى. مىسىر خەلقئارا ئىتتىپاققا ئەزا بولۇپ كىردى. ئەنگلىيە مىسىر سۇلتانلىقىنى ئورتاق ئىدارە قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 6 - 31 - ئاۋغۇستقىچە، ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق 12 دۆلەت گائاگادا خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ «يونىگ پىلانى»نى ماقۇللىدى. گېرمانىيە تۆلەيدىغان تۆلەمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 132 مىليارد ماركتىن، 113 مىليارد 9 مىليون ماركقا چۈشۈرۈلۈپ، 1988 - يىلدىن بۇرۇن تۆلەپ بولۇش بەلگىلەندى. 1930 - يىل ئىيۇندىن ئىلگىرى رېيندىن ئانتانتا ئەللىرىنىڭ ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسىنى چېكىندۈرۈش ھېسابىغا گېرمانىيە بۇ پىلاننى قوبۇل قىلدى. 11 - ئاۋغۇست، ئىراق بىلەن پارس دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شۇ ئايدا، يېرۇسالېم ۋە پەلەستىننىڭ بىر قسىم رايونلىرىدا ئەرەبلەر بىلەن يەھودىيلارنىڭ تۇنجى توقۇنۇشى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. 1929 سېنتەبر 126 - سېنتەبر، بولغارىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە چېگرا ھاكىمىيىتى ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزدى؛ شۇ ئايدا (1930 - يىلى ئىيۇلغىچە)، ئانتانتا دۆلەتلىرى ئارمىيىسى رېيندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. 1929 ئۆكتەبر 3 - ئۆكتەبر، لوندوندا سوۋېت - ئەنگلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالاندى. شۇ كۈنى، سىربىيە - كروئاتىيە - سىلوۋېنىيە پادىشاھلىقى دۆلەت نامىنى رەسمىي يۇگوسلاۋىيە دەپ ئۆزگەرتتى. 15 - ئۆكتەبر، ئافغانىستان پادىشاھى شاكۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، نادىرخاننىڭ ئافغانىستان پادىشاھى بولغانلىقىنى جاكارلاندى، ئۇ مۇھەممەت نادىر شاھ دەپ ئاتالدى. 24 - ئۆكتەبر، ئامېرىكىدا پاي چېكىنىڭ تەنخەرخ ئۇچقاندەك تۆۋەنلەپ، ئامېرىكىنىڭ ئاكسىيە سودا بازىرى ۋەيران بولۇپ، ئامېرىكىدا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەردى. 1929 - يىلدىن 1933 - يىلغىچە، دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىس پارتلىدى. 31 - ئۆكتەبر، ئەنگلىيە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ باش نازارتچىسى لوندوندا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى چاقىرىپ، دومىنىئونلارنىڭ ئورنىنى بېكىتىش لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ پىلان ھىندىستان كونگرېستلار پارتىيىسىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. شۇ كۈنى، مىسىر 1923 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەسلىگە كەلتۈردى. 1929 نويابر 1 - 17 - نويابرغىچە، ئىتتىپاق كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى 25 مىڭ نەپەر ئىشچىنى يېزىلارغا خىزمەتكە ئەۋەتىش توغرىسىدا قارار ئېلان قىلدى. ئومۇمىي يىغىن بۇخارىن قاتارلىق ئۆكتىچىلەر گۇرۇھىنى مەركىزىي كومىتېتتىن ھەيدەپ چىقاردى. شۇ ئايدا، خاررىي پوللىت ئەنگلىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلاندى، جەنۇبىي ئافرىقا «ئافرىقا خەلقنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتى ئىتتىپاقى» نىڭ بىرىنچى قۇرۇلتىيى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ پايتەختى جوھاننىسبۇرگدا ئۆتكۈزۈلدى. 1929 دېكابر 5 - دېكابر، ئىتتىپاق كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى «سانائەت باشقۇرۇشنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش» توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. 5 - 10 - دېكابرغىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى زەربىدار ئەترەتلەرنىڭ تۇنجى پۈتۈن سوۋېت قۇرۇلتىيىنى چاقىردى. 6 - 18 - دېكابر، مېكسىكا تۆمۈريول ئىشچى - خىزمەتاچىلىرى ئىش تاشلىدى. 17 - دېكابر، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە 1925 - يىلدىكى شەرتنامىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ۋە تولۇقلاش يۈزىسىدىن «ئەنقەرە توختامنامىسى»نى تۈزدى. 21 - دېكابر، مىسىر ۋەفدون پارتىيىسى سايلامدا غەلىبە قىلىپ، پارلامېنتتا كۆپ سانلىقنى قولغا كەلتۈردى. 22 - دېكابر، گېرمانىيە پۇقرالىرىنىڭ بېلەت تاشلىشى ئېلىپ بېرىلىپ، «يونگ پىلانى»نى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى. 29 - دېكابر (1930 - يىل 1 - يانۋارغىچە)، ھىندىستان مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسى لاھوردا قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ، تولۇق مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش تەلىپىنى تەكىتلىدى، ھەم زورلۇقسىز ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى يۈرگۈزۈش قارارىنى ماقۇللىدى. شۇ ئايدا، گوللاندىيىنىڭ ھىندۇنېزىيىدىكى مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ھىندۇنېزىيە خەلق پارتىيىسىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلىدى، ھەمدە ئۇنى تارقىلىپ كېتىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى. شۇ يىلى، چېخوسلوۋاكىيە بۇرژۇئا يەر ئىسلاھاتىنى تاماملاپ بولدى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە