1945 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار
تارىختىكى چوڭ ئىشلار
يانۋار
2 - 5 - يانۋارغىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى پولشا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە سوۋېت - پولشا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 5 - يانۋار، گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق فرونتىنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئافېنادىن چېكىندى. 8 - يانۋار، مىسىردا چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلدى، ۋەفدون پارتىيىسى سايلامغا بايقۇت قىلدى. باش ۋەزىر ئەخمەت پاشانىڭ ھۆكۈمىتى سايلامدا كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. 9 - يانۋار، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شتابى بىلەن گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق فرونتى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا ئارمىيىسى فىلىپپىننىڭ شىمالىدىكى لويسۇننىڭ لىنگايېن قولتۇقىدىن قۇرۇقلۇققا چىقتى. 12 - يانۋار (7 - فېۋرالغىچە)، سوۋېت ئارمىيىسى ۋىسلا دەرياسى - ئودېر دەرياسى جېڭىنى قوزغىدى. بۇ جەڭگە ئوكراىن 1 - يۆنىلىش ئارمىيىسى بىلەن 1 - يۆنىلىش ئارمىيىسى قاتناشتى، ھەمدە بېلۇرۇسسىيە 2 - ، 1 - يۆنىلىش ئارمىيىسى بىلەن ئوكرائىن تۆت يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ ماسلىشىشىغا ئېرىشتى، جەمئىي 2 مىليون 200 مىڭ ئادەم، 6400 تانكا ۋە زەمبىرەك 4772 ئايروپىلان ئىشقا سېلىندى. بۇ قېتىمقى جەڭنىڭ ۋەزىپىسى گېرمانىيە زېمىنىنى قوغداش ئۈچۈن پولشىغا توپلانغان گېرمانىيىنىڭ (جەمئىي 40 مىڭ كىشى) «A» جىتۇەنجۈنىنى يوقىتىپ ئاۋسترىيە دەرياسىغا يۈرۈش قىلىپ، بېرلىنغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ شەرت - شارائىتىنى يارىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئەسلىدە جەڭنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 20 - يانۋارغا بېكىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن غەربىي سەپتە گېرمانىيە ئارمىيىسى ئادېن رايونىدا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن، چېرچېل ستالىنغا تېلېگرامما يوللاپ ياردەم سورىغانلىقتىن، سوۋېت ئارمىيىسى مۇددەتتىن سەككىز كۈن بۇرۇن ھۇجۇم قوزغىدى. 13 - يانۋار (26 - ئاپرېلغىچە)، شەرقىي پىرۇسسىيە جېڭى پارتلىدى، بۇ جەڭگە بېلۇرۇسسىيە 3 - يۆنىلىش ئارمىيىسى بىلەن بېلۇرۇسسىيە 2 - يۆنىلىش ئارمىيىسى بولۇپ، جەمئىي 1 مىليون 670 مىڭ ئادەم ۋە 28 مىڭ چوڭ زەمبىرەك، 3300 تانكا ۋە ئاپتوماتىك زەمبىرەك، 3000 ئايروپىلان قاتناشتى. بۇ قېتىمقى جەڭنىڭ ۋەزىپىسى گېرمانىيىنىڭ مەركىزىي جىتۇەنجۈنى (تەخمىنەن 580 مىڭ ئادەم) نى يوقىتىپ، پولشىنىڭ شىمالىي قىسىمى بىلەن شەرقىي پرۇسسىيىنى ئازاد قىلىش ئىدى. 17 - يانۋار، سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن پولشىنىڭ 1 - جىتۇەنجۈنى ۋارشاۋانى ئازاد قىلدى. 19 - يانۋار، سوۋېت ئارمىيىسى كراكوۋ بىلەن لودزنى ئازاد قىلىپ، گېرمانىيە ئارقىيىسىنى ۋىسلا دەرياسى مۇداپىئە سېپىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلدى. 20 - يانۋار، ۋېنگرىيە بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر موسكوۋادا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، ۋېنگرىيە گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 21 - 22 - يانۋار، بىرما «فاشىزمغا قارشى ئەركىن خەلق ئىتتىپاقى» رانگۇندا 1 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، بىرمىنى تولۇق مۇستەقىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بېرمىدا دېموكراتىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. قۇرۇلتايدىن كېيىن پۈتۈن بىرمىدا مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش يېڭى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. 25 - يانۋار، ياپونىيىنىڭ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ئالىي يىغىنى «ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ پەۋقۇلئاددە تەدبىر تىزىسى»نى تەستىقلىدى. 1945 - يىلنىڭ بېشىدا، ياپونىيە 4 مىليون كىشىلىكتىن ئارتۇق قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى، 1 مىليون 200 مىڭ كىشىلىك دېڭىز ئارمىيىسى، ئالتە ئۇرۇش پاراخوتى، تۆت ئاۋىئاماتكا پاراخوتى، يەتتە ئوكيان چارلاش پاراخوتى، 22 قوغلىغۇچى پاراخوت، 44 سۇ ئاستى پاراخوتى، 3000 ئادەتتىكى كۈرەشچى ئايروپىلانغا ئىگە ئىدى. تىنچ ئوكيان ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئامېرىكا، ئەنگلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى تەخمىنەن 2 مىليون (بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ئارمىيىسى 1 مىليون 400 مىڭ) بولۇپ، 6000 دىن ئارتۇق ئايروپىلانغا ئىگە ئىدى. ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان فلوتىدا جەمئىي 23 ئۇرۇش پاراخوتى، 94 ئاۋىئاماتكا، 57 ئوكيان چارلاش پاراخوتى، 350 قوغلىغۇچى پاراخوت، 217 سۇ ئاستى پاراخوت ۋە ياردەمچى پاراخوتلار بار ئىدى. ئەنگلىيىنىڭ تىنچ ئوكيان فلوتىدا ئىككى ئۇرۇش پاراخوتى، تۆت ئاۋىئاماتكا، ئۈچ ئوكيان چارلاش پاراخوتى ۋە بىرنەچچە قوغلىغۇچى پاراخوت بار ئىدى. 31 - يانۋار، ئامېرىكا قوشۇنلىرى لۇسوندىكى كراك ھاۋا ئارمىيە بارسىن ھەمدە قورغاندىكى ئەسلىھەلەرنى ئىگىلىدى. شۇ ئايدا، پولشا سەرگەردان ھۆكۈمىتى مىللىي ئارمىيىنى تارقىتىۋەتتى؛ ئۇگاندادا ئومۇمىي ئىش تاشلاش ۋە مۇستەملىكىچىلككە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى.
1945
فېۋرال
2 - فېۋرال (مارتنىڭ باشلىرىغىچە)، ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن فىلىپپىن خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى قوشۇنلىرى فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانېلاغا ھۇجۇم قىلدى. بىر ئاي داۋاملاشقان مۇشەققەتلىك ئۇرۇش ئارقىلىق مانېلانى تولۇق ئىشغال قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مانېلا قولتۇقىدىكى پاتان ۋە كوررېھىدور قورغىنىنى ئىگىلىدى. 4 - 11 - فېۋرال، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقلىرى ستالىن، روزۋېلت ۋە چېرچېل قىرىمنىڭ يالتادا يىغىن ئاچتى. يىغىن ئاساسلىقى گېرمانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن كېلىپ چىقىدىغان سىياسىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، گېرمانىيىنى شەرتسىز ھالدا مەجبۇرىي تەسلىم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەرخىل ماددىلىرىنى كېڭىشىپ بېكىتتى، گېرمانىيىنى ئىشغال قىلىش ۋە ئۇنى ئىدارە قىلىش ھەمدە ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلىتىشنىڭ ئومۇمىي پرىنسىپلىرىنى بەلگىلىدى. يىغىن ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيىنى قۇرالسىزلاندۇرۇش، باش ھەربىي شتابنى تارقىتىۋېتىش، ھەربىي ئەسلىھەلەر ۋە ھەربىي سانائەتنى بۇزۈپ تاشلاش، ئۇرۇش جىنايەتچىلەرنى جازالاش، «ناتسىست پارتىيە، ناتسىسىتىك قانۇن، تەشكىل ۋە تۈزۈملەرنى سۈپۈرۈپ تازىلاش، بارلىق ناتسىست ۋ مىلتارىزمنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش»نى بەلگىلىدى. يىغىن ياۋروپامەسلىھەت بېرىش كومىتېتى تۈزگەن سوۋېت، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ گېرمانىيە بىلەن ئۇنىڭ پايتەختى بۈيۈك «بېلىن»نى رايونلارغا بۆلۈپ ئىشغال قىلىش ۋە ئىدارە قىلىش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى. سوۋېت ئىتتپاقى گېرمانىيىنىڭ شەرقىي قىسىمىنى، ئەنگلىيە غەربىي شىمال قىسمىنى، ئامېرىكا غەربىي جەنۇب قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بولدى، كېيىن مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا - ئەنگلىيە ئىشغالىيىتىدىكى رايونلاردىن بىرىنى ئايرىپ فرانسىيىنىڭ ئىگىلىشىگە بۆلۈپ بېرىش قارار قىلىندى. يىغىن يەنە پولشا ۋە يۇگوسلاۋىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۇرۇشتىن كېيىنكى پولشىنىڭ غەربىي چېگرىسى بىلەن پولشا ھۆكۈمىتى مەسىلىسىدە، ئامېرىكا - ئەنگلىيە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن كەسكىن تالاش - تارتىش ئېلىپ باردى. ئاخىرىدا ئادەتتىكى پرىنسىپ خاراكتېردىكى كېلىشىم تۈزۈلدى. يىغىن يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، بىخەتەرلىك دائىمىي ئىشلار كومىتېتىغا ئاۋاز بېرىش رەت تەرتىپى قاتارلىق مەسىللەردە كېلىشىم ھاسىل قىلدى. يىغىن مەزگىلىدە (8 - فېۋرال) روزۋېلت ستالىن بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىش شەرتلىرى مەسىلىسىدە مەخپىي «يالتا كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى، ھەم كېلىشمگە چېرچېلنى ئورتاق قول قويۇشقا تەكلىپ قىلدى. (11 - فېۋرال). بۇ كېلىشىم جۇڭگو ۋەكىللىرى قاتناشمىغان ئەھۋال ئاستىدا جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغان قارارلارنى چىقاردى. 8 - فېۋرال، ئەنگلىيە - ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيىسى رېيىن رايونىدا ھۇجۇم باشلىدى. 10 - فېۋرال (4 - ئاپرېلغىچە)، سوۋېت ئارمىيىسى شەرقىي پومېرانىيىگە ھۇجۇم قوزغىدى. پولشىنىڭ 1 - جىتۇەنجۈنىمۇ ئۇرۇشقا سېلىندى. 12 - فېۋرال، گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق فرونتى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى تارقىتىۋەتتى، لېكىن گرېتسىيە ھۆكۈمىتى كېلىشىمدىكى بەلگىمىلەرنى ئىجرا قىلماي، گرېتسىيىدە ئەكسىيەتچىل تۈزۈم ئورناتتى. 13 - فېۋرال، سوۋېت ئارمىيىسى بۇدا پىشتنى ئازاد قىلىپ، دۈشمەننىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرىدىن 50 مىڭنى يوقاتتى، 138 مىڭنى ئەسىرگە ئالدى. شۇ كۈنى (14 - فېۋرالغىچە)، ئامېرىكا - ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيىسى درېزدنىنى بومباردىمان قىلدى. 16 - فېۋرال (26 - مارتقىچە)، ۋولقان تىزما ئاراللىرىدا ئۇرۇش ئېلىپ باردى. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئەسلىدىكى پىلانىدا ۋولقان تىزما ئارىلىنى بەش كۈندە ئېلىپ بولۇشنى بەلگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئارالنى قوغداۋاتقان 23 مىڭ كىشىلىك ياپون ئارمىيىسى قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن، توپتوغرا بىر ئايدىن كۆپرەك ئېلىشىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىدىن 26 مىڭ (بۇنىڭ ئىچىدە ئۇرۇشتا ئۆلگىنى 7 مىڭ) ئادەمنىڭ يارىلىنىش ۋە قۇربان بولۇش بەدىلىگە ئاندىن بۇ ئارالنى ئىگىلىدى. 21 - فېۋرال (8- مارتقىچە)، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر مېكىسىكا شەھىرىدە ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىسىدە خەلقئارا يىغىن ئاچتى. 22 - فېۋرال، ئامېرىكىنىڭ 3 - كورپۇس ئارمىيىسى لېر دەرياسىدىن ئۆتۈپ،زور جىلغىسىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئارقا - ئارقىدىن ترىر (2 - مارت) ۋە كيولىن (5 - مارت) نى ئىشغال قىلدى. ئارقىدىنلا ئامېرىكىنىڭ 1 - كورپۇس ئارمىيىسى رېماگېندا، رېيىن دەرياسىدىن ئۆتتى (7 - مارت). شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيىنىڭ رېيىن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى مۇداپىئە سىستېمىسى يىمىرىلدى. 23 - فېۋرال، تۈركىيە گېرمانىيە بىلەن ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 24 - فېۋرال، مىسىرنىڭ باش ۋەىزىرى ئەھمەد مىسىرنىڭ ئوق مەركىزى دۆلەتلىرىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا نوكراش پاشا باش ۋەزىر بولدى. 26 - فېۋرال، مىسىرنىڭ نوكراش پاشا ھۆكۈمىتى گېرمانىيە بىلەن ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. شۇ ئايدا، لوندوندا دۇنيا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلتىيى ئېچىلدى؛ غەربىي ياۋا ۋەتەن قوغداش ئارمىيىسى ياپونغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى.
1945
مارت
2 - مارت، رۇمىنىيە پادىشاھى مىخائىل سول قانات دېھقانلار فرونتىنىڭ رەھبىرى پېترۇگروزانى ھۆكۈمەت تەشكىلەشكە بۇيرۇدى. 3 - مارت، فىنلاندىيە گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 7 - مارت، يۇسوف بروز تېتو بېلگراددا يۇگوسلاۋىيە فېدېراتىپ دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىدى. ئىۋان شۇباشىچىنى دىپلوماتىيە مىنستىرلىكىگە تەيىنلىدى. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت يۇگوسلاۋىيە خەلق ئازادلىق فاشىزمغا قارشى مەجلىسنىڭ 2 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا ماقۇللانغان پروگراممىلارنى ئىجرا قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، سوۋېت، ئامېرىكا، ئەنگلىيىلەر يېڭى يۇگوسلاۋىيە ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇرۇش ئاخىرلىشىش ۋاقتىدا يۇگوسلاۋىيە خەلق ئارمىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئادەم سانى 800 مىڭغا يەتتى. 9 - مارت، ياپونىيە ھەربىي دائىرىلىرى فرانسىيىنىڭ ۋيېتنام، كامبودژا ۋە لائۇستىكى مۇستەملىكە مەمۇرىي ئورگانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قورچاق ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، ۋيېتنام، كابودژا ۋە لائۇسنى «مۇستەقىل» دەپ ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى (12 - مارتقىچە)، ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ياپونغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭغا تەييارلىنىش فاڭجېنىنى ماقۇللىدى ھەم قوراللىق قوزغىلاڭنى ياپونىيە تەسلىم بولۇش ۋاقتىدا ياكى ئىتتپاقداش ئارمىيە ھىندىچىنىدا قۇرۇقلۇققا چىققاندا باشلاشنى قارار قىلدى. 11 - مارت، گۋاتېمالا بۇرژۇئا دېموكراتىك ئاساسىي قانۇننى ماقۇللىدى. 15 - مارت، نورۋېگىيە پارتىزانلار ئەترىتى ترونخېيىم - ئوسلو تۆمۈر يولىنى بۇزۇپ تاشلىدى. 17 - مارت، ۋېنگرىيە چوڭ فېئوداللارنىڭ يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، يەرلەرنى دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىش پەرمانىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، ئارگېنتىنا گېرمانىيە بىلەن ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 19 - مارت، سوۋېت ئىتتىپاقى 1925 - يىل ئىمزالانغا تۈركىيە - سوۋېت ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسىنى بىكار قىلدى. 22 - مارت، قاھىرە «ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى شەرتنامىسى»گە رەسمىي ئىمزا قويۇلۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلدى، باش شتاب قاھىرىدە تەسىس قىلىندى. 23 - مارت، رۇمىنىيە يەر ئىسلاھاتى قانۇنىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى كەچتە، ئامېرىكا - ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى رېيىن دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتتتى. 27 - مارت، بىرما ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. شۇ ئايدا، مېكسىكىدا ئېچىلغان ئامېرىكا ئاتالمىش «كلېتون پىلانى»نى تۈزدى؛ پادىشاھ نورودون سىخانوك كامبودژىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
1945
ئاپرېل
1 - ئاپرېل (18 - ئاپرېلغىچە)، ئىتتىپاقداش ئارمىيە زور رايونىدا گېرمانىيىنىڭ «B» جىتۇەنجۈنىنىڭ 18 دىۋىزىيىسىنى قورشاپ يوقاتتى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئوكناۋا ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىشنى باشلىدى. ئوكىناۋا جېڭىگە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 182 مىڭ كىشىلىك (ياپونىيىنىڭ تەخمىنەن 100 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسى مۇداپىئە قىلغان) قۇرۇقلۇققا چىققۇچى قىسىملىرى قاتناشتى. ئامېرىكا - ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى 20 ئۇرۇش پاراخوتى، 33 ئاۋىئاماتكا، 32 ئوكيان چارلاش پاراخوتى ۋە 83 قوغلىغۇچى پاراخوت 36 سۇ ئاستى پاراخوتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل ئۇرۇش پاراخوتىدىن جەمئىي 1400 نى ئىشقا سالدى. ياپون ئارمىيىسى قىرغۇچى تىپلىق ئالاھىدە ھۇجۇمچى ئايروپىلانلىرىنى 2300 قېتىمدىن كۆپرەك ھەرىكەتلەندۈرۈپ قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. ئۈچ ئايغا يېقىن سوزۇلغان ئۇرۇش ئارقىلىق 21 - ئىيۇن ئامېرىكا ئارمىيىسى ئوكىناۋا ئارىلىنى ئىشغال قىلغانلىقىنى (ئۇرۇش مەيدانىنى تازىلاش كۈرىشى تاكى ئىيۇننىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتى) جاكارلىدى. ياپونىيىنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك مۇھاپىزەتچى ئارمىيىسىدىن 11 مىڭ ئادەم ئەسىرگە ئېلىنغاندىن باشقا قالغىنى پۈتۈنلەي ئۇرۇشتا ئۆلدى، ئارالدىكى خەلقتىن 150 مىڭ ئادەم ئۆلدى. 2 - ئاپرېل، ئىتتىپاقداش ئارمىيە گوللاندىيىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدا ھۇجۇمغا ئۆتتى. شۇ كۈنى، برازىلىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. 3 - ئاپرېل، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ مەملىكەتلىك فرونت ھۆكۈمىتى لوندوندا قۇرۇلدى. (10 - مايدا پراگاغا كۆچتى). بۇ يېڭى ھۆكۈمەت 1945 - يىل مارتتا ئېدۋاردبېنېس باشچىلىقىدىكى چېخوسلوكىيە سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى چېخوسلوۋاكىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى، چېخوسلوۋاكىيە مەملىكەتلىك كومىتېتى بىلەن موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن قۇرۇلدى. ئىدۋاردبېنېس جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭلۇقىغا، زدېنېك فىرلىنگېر باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەندى، كوممۇنىستىلارمۇ كۆپلىگەن مۇھىم مىنىستىرلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئالدى. شۇ كۈنى، ۋېنگرىيە تولۇق ئازاد بولدى. 5 - ئاپرېل، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى سوۋېت - ياپونىيە بىتەرەپلىك شەرتنامىسىنىڭ بىكار قىلغانلىقى جاكارلاندى. شۇ كۈنى، چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى كوستسې شەھىرىدە «چېخوسلوۋاكىيە مىللىي فرونتىنىڭ پروگراممىسى» (تارىختا كوستسې پروگراممىسى دەپ ئاتىلىدۇ) ماقۇللاندى. 6 - ئاپرېل، بۇلغارىيە يېزا ئىگىلىك ئەمگەك كوپېراتىسىيىسى قانۇنىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، سوۋېت ئارمىيىسى ۋېناغا ھۇجۇم باشلاپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇنى ئىشغال قىلدى. 7 - ئاپرېل، ياپونىيىدە كويسو كۇنىئا كوكا كابىنېتى ئىستېپا بەردى، سۇدزۇكى كانتارو كابىنېت تەشكىللىدى. 9 - ئاپرېل، سوۋېت ئارمىيىسى شەرقىي پروسسىيىدىكى كيونىگسبېرگنى ئالدى. 10 - ئاپرېل، ئىتالىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا خەق ئازادلىق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. 11 - ئاپرېل، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يۇگوسلاۋىيە دوستلۇق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن ھەمكارلىشىش شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شۇ كۈنى گېرمانىيىنىڭ بھېنۋالد يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى جىنايەتچىلەر قوزغىلاڭ كۆتۈردى، ئامېرىكىنىڭ 9 - كورپۇس ئارمىيىسى ئېلبا دەرياسىغا يېتىپ كەلدى. 12 - ئاپرېل، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى فرانكلىن دىلونو روزۋېلت مېڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ھاررى ترومىن زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەندى. 15 - ئاپرېل، ياپونىيىنڭ قوشۇلۇشى بىلەن لائۇس «مۇستەقىل»لىك جاكارلىدى. 16 - ئاپرېل، تاڭ سەھەر سائەت بەشتە سوۋېت ئارمىيىسى بېرلىنغا ھۇجۇم باشلىدى. بېرلىن جېڭىگە 41 مىڭدىن ئارتۇق زەمبىرەك ۋە مېناميوت، 7500 ئايروپىلان، 6250 تانكا، 2 مىليون 500 مىڭ ئەسكىرىي كۈچكە ئىگە سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ بېلۇرۇسسىيە 1 - 2 - يۆنىلىش ئارمىيىسى ۋە ئوكرائىنا 1 - يۆنىلىش ئارمىيىسى قاتناشتى. پولشىنىڭ 1 - ۋە 2 - جىتۇەنجۈنلىرىمۇ بېرلىن جېڭىگە قاتناشتى. گىتلېر مۆكۈنۈپ يۈرۈپ قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، 1 مىليون كىشلىك ئەسكىرىي كۈچ يىغدى، يەنە بېرلىن شەھىرىدە 200 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچ يىغدى، يەنە بېرلىن شەھىرىدە 200 مىڭ كىشىلىك مۇھاپىزەتچى قىسىم تەشكىللىدى، بېرلىننىڭ شەرقىە ئۈچ مۇداپىئە لىنىيىسى قۇردى، بېرلىننى ئۈچ قەۋەت مۇداپىئە چەمبىرىكى بىلەن ئورىدى، بېرلىندىكى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېر، جەڭچىلىرىگە ۋە ئاھالىلەرگە «مۇاداپىئەنى ئاخىرقى بىر ئادەم قالغۇچە ساقلاش» توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ بېرلىن جېڭىنى قوزغاشتىكى مەقسىتى، بېرلن ئەتراپىدا تۈگۈلۈۋالغان گېرمانىيە ئارمىيىسىنى تارمار قىلىش، گىتلېرنىڭ بولۇڭ - پۇچقاقتا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى بازىسى بېرلىننى ئىشغال قىلىپ، گېرمانىيىنى شەرتىسىز تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلاش ئىدى. 17 - ئاپرېل، ئىتالىيە ۋەتەنپەرۋەر قوزغىلاڭچىلىرى بولونىيىنى ئازاد قىلدى. 21 - ئاپرېل سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن پولشا 20 يىللىق «سوۋېت - پولشا ئۆزئارا ياردەم بېرىش - ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى» ئىمزالىدى. 24 - 26 - ئاپرېل، ئىتالىيىدىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرى پو دەرياسىدىن غەلبىلىك بۆسۈپ ئۆتتى. مىلان خەلقى ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈردى، پارتىزانلار بىلەن ئىشچىلار مىلان شەھىرىنى ئىگىلىدى. 25 - ئاپرېل، سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسى ئېلبا دەرياسى بويىدىكى تورگو ئېگىزلىكىدە (بېرلىننىڭ جەنۇبىغا 120 كىلومېتر كېلىدۇ) ئۇچراشتى. شۇ كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېلۇرۇسسىيە 1 - يۆنىلىش ئارمىيىسى شىمالدىن جەنۇبقا، ئوكرائىن 1 - يۆنىلىش ئارمىيىسى جەنۇبتىن شىمالغا ئىلگىرىلەپ، پوتسدامنىڭ غەربىدە ئۇچرىشىپ، بېرلىنغا مۇھاسىرە چەمبىرىكى شەكىللەندۈردى. بېرلىن جېڭى كەسكىن كوچا ئۇرۇشى باسقۇچىغا كىردى؛ ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى پارتىزانلار گېنۇيە، تۇرىن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئازاد قىلدى، شىمالىي ئىتالىيىنىڭ ھاكىمىيىتى خەلقنىڭ قولىغا ئۆتتى؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلتىي سان - فرانسىسكودا ئېچىلدى. يىغىنغا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، جۇڭگودىن ئىبارەت تۆت چوڭ دۆلەتنىڭ نامىدا 42 دۆلەت تەكلىپ بىلەن قاتناشتى، تۆت چوڭ دۆلەتنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرى يىغىن رەئىشلىكىنى ئالمىشىپ ئۈستىگە ئالدى. قۇرۇلتاي تۆت ئاي تىرىشىش ئارقىلىق «بىرلەشكەن دۆلەتلەر نىزامنامىسى»نى تۈزۈش خىزمىتىنى تاماملاپ، 26 - ئىيۇن ئىمزا قويدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رەسمىي قۇرۇلۇپ، باش شتابى ئامېرىكىنىڭ نيۇ - يورك شەھىرىدە تسىس قىلىندى. 26 - ئاپرېل، ئىتالىيىدىكى گېرمانىيە فاشىستىك ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شتابى گېنۇيىدە شەرتسىز تەسلىم بولۇش خېتىگە قول قويدى. ئامېرىكا - ئەنگلىيە ئارمىيىسى (1 - ئىيۇن) شىمالىي ئىتالىيىگە كىرىپ، ھەر دەرىجىلىك مىللىي كومىتېتلارنى تارقىتىپ، پارتىزانلارنىڭ قوراللىق كۈچىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇدى. 27 - ئاپرېل، ئاۋسترىيىدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى، كوممۇنىستىك پارتىيە، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ۋە خەلق پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتناشتى ھەم ئاۋسترىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا خىتابنامە ئېلان قىلدى. 28 - ئاپرېل، ئىتالىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتى بىلەن «ئەركىن پىدائىيلار قوشۇنى» نىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسەن، موسسولىن ۋە يېڭى فاشىستىك «سالو جۇمھۇرىيىتى» نىڭ باشقا كاتتىباشلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. 30 - ئاپرېل، سوۋېت ئارمىيىسى غالىبىيەت بايرىقىنى بېرلىن شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى گېرمانىيە پارلامېنت بىناسى ئۈستىگە قادىدى؛ گىتلېر گېرمانىيە باش مىنىستىر مەھكىمىسىنىڭ يەر ئاستى بۆلۈمىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى، ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ شاڭجياڭى كارل دونېزنى ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تەيىنلىدى. شۇ ئايدا، ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيىسى «كەلگۈسىگە يۈزلىنىش» پروگراممىسىنى ئېلان قىلدى؛ فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىرى لوندوندا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش تەشكىلاتىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.
1945
ماي
1 - ماي، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ۋەكىلى سوۋېت ئارمىيىسىگە ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى ھەم گىتلېرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. سوۋېت ئارمىيىسى ستالىننىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، گېرمانىيىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ پەقەت شەرتسىز تەسلىم بولۇشىنىلا ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ كۈنى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مەسلىھەت بېرىش كومىتېتى «گېرمانىيىنى ئىدادرە قىلىش ئورگانلىرى كېلىشىمى» نى تەستىقلىدى؛ ئىتالىيە ۋە ئاۋسترىيە چېگرىسى ئىچىدىكى 1 مىليون كىشىلىك گېرمانىيە فاشىستىك ئارمىيىسى قورال تاشلىدى؛ ئەنگلىيە ئارمىيىسى بىلەن بىرما مىللىي قوراللىق كۈچلىرى رانگۇنغا ھۇجۇم قىلدى. ياپون ئارمىيىسى رانگۇندىن چېكىنىپ چىقتى. مۇشۇ ۋاقىتىدا، بىرما فاشىزمغا قارشى ئەركىن خەلق ئىتتىپاقى جەمئىي 200 مىڭ ئەزاغا ئىگە ئىدى. 2- ماي، گېرمانىيە ئارمىيىسى بېرلىنى تولۇق ئىشغال قىلدى. بېرلىن جېڭىدە گېرمانىيە ئارمىيىسىدىن، 200 مىڭ ئادەم يارىدار بولدى ۋە ئۆلدى، 480 مىڭ ئادەم ئەسىرەە چۈشتى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا ئەنگلىيە ئارمىيىسى رېياسىتقا كىرىدى؛ گېرمانىيىنىڭ غەربىي قىسمىدا كارل دونېز ھۆكۈمىت قۇرۇلدى. گېرمانىيىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دېڭىز ئارمىيە قوماندانى شاڭجاڭ فون فرېد بۇرگ گېرمانىيە ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ مونتگومېر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، گېرمانىيىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى، دانىيىدىكى ۋە گوللاندىيىدىكى گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ تەسلىم بولۇشى توغرىسىدا (5 - ماي تاڭ سەھەردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە) كېلىشىم ھاسىل قىلدى. 4 - ماي، ئېلبا دەرياسى بويىدىكى گېرمانىيە ئارمىيىنىڭ قالدۇق قىسملىرى ئەنگلىيە - ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيىسىگە تەسلىم بولدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىتالىيىنىڭ شەرقىي شىمال چېگرىسىدىكى برېننېر ئېغىزىدا ئۇچراشتى. ئىتالىيە تېررىتۇرىيىسىدىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. 5 - ماي، پراگا خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈردى، چېخوسلوۋاكىيە مىللىي كومىتېتى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالدى، قوزغىلاڭچى خەلق جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان گېرمانىيە ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسى بىلەن كەسكىن ئۇرۇش قىلدى. سوۋېت ئارمىيىسى 6 - ماي پراگا جېڭىنى قوزغىدى، ھەم 9 - مايدا پراگاغا كىردى، 11 - مايدا پراگا جېڭى ئاخىرلاشتى، سوۋېت ئارمىيىسى فاشىستىك ئارمىيىسىنىڭ 860 مىڭ ئوفىتسېر ۋە جەڭچىسىنى ئەسىرگە ئالدى. 7 - ماي تاڭ سەھەردە، گېرمانىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى پارىژنىڭ شەرقىدىكى ئېزىنخاۋېرنىڭ باش شتابى رېيمىستا گېرمانىيە قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولغانلىق خېتىگە قول قويدى. 8 - ماي كېچىدە، بېرلىننىڭ يېنىدىكى كارلسھورىست رايونىدا گېرمانىيىنىڭ رەسمىي شەرتسىز تەسلىم بولغانلىق مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى ئاۋىئاگېنېرال پولكوۋنىڭ ئارتور تېددېر، ئامېرىكا ۋەكىلى گېنېرال سپائاتس، فرانسىيە ۋەكىلى گېنېرال دېلاتتىرې دې تاسسىگىن قاتناشتى. گېرمانىيىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى كېتېل شەرتسىز تەسلىم خېتىگە (9 - ماي سائەت 0 دىن باشلاپ كۈچكە ئىگە) ئىمزا قويدى. شۇ كۈنى، زۇڭتۇڭ ترومېن ئامېرىكىغا، باش ۋەزىر چېرچېل ئەنگلىيىگە ۋاكالىتەن ياۋروپا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى («ياۋروپا ئۇرۇشنىڭ غالىبىيەت كۈنى»نى كۆرسىتىدۇ)؛ ئالجىرىيىنىڭ باتول ۋە كابىلىيىدە مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ پارتلىدى؛ فرانكو ئىسپانىيىسى گېرمانىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى. 9 - ماي، سوۋېت ئىتتپاقى ئالىي سوۋېت ھەيئەت رىياسىتى بۇ كۈننى «گېرمانىيىگە قارشى ئۇرۇشنىڭ غالىبىيەت كۈنى» («غالىبىيەت بايرىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىدى. 9 - 23 - ماي، گېرمانىيە ئارمىيىسى قورالسىزلاندۇرۇلدى. گېرمانىيە دونېز ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرىنى، گېرمانىيە ئالىي قوماندانلىق شتاب ۋە باش ھەربىي شتابىنىڭ ئەزالىرىنى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قولغا ئالدى. 10 - ماي، ئىران ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىدىن ئىراندىن قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. 12 - ماي، ئىسپانىيە زور تۈركۈمدىكى ناتسىست ئۇنسۇرلىرىنىڭ پاناھلىنىشىغا ئۈزلۈكسىز يول قويۇپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بۇ كىشىلەرنى قايتۇرۇپ بىرىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلدى. شۇ كۈنى، ئىتالىيە باش ۋەزىرى ئىۋانوئې بونومى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىدىن قوشۇن ئەۋەتىپ رىياسىتنى ئىشغال قىلىشنى تەلەپ قىلدى، ئامېرىكا - ئەنگلىيە يۇگوسلاۋىيە مارشالى تېتوغا رىياسىتىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنڭ كونتروللۇقىدا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى؛ ئامرىكىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىتا «ئىجارىگە بېرىش قانۇن لايىھىسى»نى ئىجرا قىلىشنى توختاتتى. 15 - ماي، ۋېتنام ۋەتەن قۇتقۇزۇش ئارمىيىسى بىلەن ۋيېتنام «ئازادلىق ئارمىيە تەشۋىقات ئەترىتى» بىرلىشىپ، ۋېيتنام ئازادلىق ئارمىيىسى بولۇپ قۇرۇرلدى. شۇ كۈنى، يۇگوسلاۋىيە زېمىندىكى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى توختىدى؛ ياپونىيە ھۆكۈمىتى گىتلېر گېرمانىيىسى بىلەن تۈزگەن شەرتنامىلىرىنى بىكار قىلدى. 17 - ماي، ئەنگلىيە «ئاق تاشلىق كىتاب» نى ئېلان قىلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىن بىرمىغا دومىنئونلۇق ئورۇن بېرىشكە ۋەدە قىلدى. 18 - ماي، زۇڭتۇڭ ترومېن فرانسىيە باش ئەلچىسىگە ئامېرىكا ئۆزىنىڭ گېرمانىيىدىكى ئىشغالىيەت رايونىنىڭ بىر قىسىمىنى فرانسىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 20 - ماي، مارشال تېتو ئامېرىكا ئارمىيىسى رىياسىتىدىن چېكىندۈرۈشكە قوشۇلدى. 21 - ماي، سۈرىيىنىڭ قوشۇلۇشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، فرانسىيە ئارمىيىسى سۈرىيە ۋە لىۋانغا كىردى. سۈرىيە ۋە لىۋان ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى فرانسىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى. فرانسىيە ئارمىيىسى دەمەشقنى توپقا تۇتتى. 24 - ماي، ئەنگلىيە چېرچېل بىرلەشمە ھۆكۈمىتى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.چېرچېل نازارەت قىلىش ھۆكۈمىتى تەشكىللىدى. شۇ ئايدا، برائۇدېر ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى تارقىتىۋېتىپ، ئامېرىكا كوممۇنىزمچىلار سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنى قايتىدىن تەشكىللىدى.
1945
ئىيۇن
1 - ئىيۇن، ھىندۇنېزىيە مىللىي پارتىيىنىڭ داھىيىسى ئەخمەد سوكارنو «ھىندۇنېزىيىدە دۆلەت قۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپى» توغرىسىدا نۇتۇق ئېلان قىلدى. 4 - ئىيۇن، ۋيېتنام مۇستەقىل ئىتتىپاقى شىمالىي ۋيېتنامدا ئازاد رايون قۇردى. 5 - ماي، سوۋېت، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە گېرمانىيىنى مەغلۇپ قىلىش ۋە گېرمانىيىنىڭ ئالىي ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۋېلىش توغرىسىدىكى خىتابنامىگە ئىمزا قويدى، ئىتتىپاقدا دۆلەتلەرنىڭ ئىدارە قىلىش كومىتېتى گېرمانىيىنىڭ ئالىي ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي ئۆز قولىغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سوۋېت، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە گېرمانىيىنى ئىدارە قىلىش ئورگىنى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاپ، سوۋېت، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئىشغالىيەت رايونلىرىدىكى ھەرقايسى باش قوماندانلار (ئۇنىڭ ئەزالىرى ئېزىنخاۋېر، مونتگومېرى، تاسسىگنو ۋە ژوكوۋ) دىن تەشكىل تاپقان ئىدارە قىلىش كومىتېتى تەسىس قىلىشنى بەلگىلىدى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيىسى ئەنگلىيە پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلدى. 9 - ئىيۇن، ئامېرىكا، گوۋۇيۈەن ۋېنېتسى جولىيانى ئۆز ئىچىگە رىياسىتىنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە يۇگوسلاۋىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىدارە قىلىشقا تاپشۇرۇشىنى جاكارلىدى. 10 - ئىيۇن، گېرمانىيىنىڭ سوۋېت ئىشغالىيىتىدىكى رايونلارغا دېموكراتىك سىياسىي پارتىيە قۇرۇش ئەركىنلىكى بېرىلدى. 11 - ئىيۇن، گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى خەلققە گېرمانىيىدە دېموكراتىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش پروگراممىسىنى ئېلان قىلدى. 12 - ئىيۇن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى فېدېراتىپ ئېھتىيات بانكىسى قەغەز پۇل تارقىتىش ھەمدە ئەزا بانكىلارنىڭ پۇل ئامانەت قويۇش ئورۇنلىرى ئامانەت پۇل ئۇچۈن ساقلاپ قېلىشى زۆرۈر بولغان زاپاس پۇل ئىچىدىكى ئالتۇن زاپىسىنڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بۇندىن كېيىن بىردەك % 25 تۆۋەنلىتىشنى جاكارلىدى. (ئەسلىدىكى بەلگىلىمىدە قەغەز پۇل تارقىتىش ئالتۇن زاپىسىنىڭ % 40 ئامانەت پۇل %35 ئىدى). 15 - ماي (ئىيۇلنىڭ ئاخىرىغىچە)، فىلىپپىن ياپونغا قارشى خەلق ئارمىيىسىنىڭ باش شتابى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوللىغان زۇڭتۇڭ ۋە جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنىغا قارشى تۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىيۇننىڭ ئاخىرى، فىلىپپىن كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئوتتۇرا لوسون ئازاد رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك دېموكراتىك ھاكىمىيەتلەرنى تارقىتىپ، ياپونغا قارشى خەلق ئارمىيىسىنى ھەربىي سەپتىن بوشىتىشنى جاكارلىدى. بىراق ياپونغا قارشى خەلق ئارمىيىسىنىڭ كۆپ قىسىمى بۇ قارارنى رەت قىلىپ، قورالنى تاشلىماي قوراللىق كۈرەشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇردى. 20 - ئىيۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسپانىيىنىڭ دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلدى. 25 - ئىيۇن (14 - ئىيۇلغىچە)، ھىندىستان گوبىرناتۇرى ۋاۋېل ھىندىستان مەسىلىسىنى كېڭىشىپ ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى پارتىيە گۇرۇھ داھىيلىرىنىڭ يىغىنىنى سىملاردا ئاچتى. يىغىنغا كونگرېستلار پارتىيىسى، مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى، شېك مىللىتى ۋە ئۇندىن باشقا دىنىي تەشكىلاتلارنڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى. يىغىن مەمۇرىي كېڭەش تەسىس قىلىش مەسلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى. 14 - ئىيۇلغا كەلگەندە گوبىرناتۇر ۋاۋېل يىغىننىڭ بۇزۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. 28 - ئىيۇن، پولشا ليۇبلىن ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى، سوتسىياللار پارتىيىسىدىن ئېدۋارد ئاسوبكا - موراۋىسكى مىللىي بىرلىك سەپ ھۆكۈمىتى تەشكىللىدى. 29 - ئىيۇن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن چېخوسلوۋاكىيە شەرتنامە ئىمزالىدى، چېخوسلوۋاكىيە كارپات ئوكرائىننى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بۆلۈپ بەردى، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنى سوۋېت ئوكرائىن جۇمھۇرىيىتىگە قوشتى. 30 - ئىيۇن، فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى سوتسىياللار پارتىيىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشنى قارار قىلىپ، فرانسىيە ئازاد بولغاندىن كېيىن دۇچ كەلگەن ئاساسىي ۋەزىپە ۋىشى ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرىنى تازىلاشنى ھەمدە 4 - جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.
1945
ئىيۇل
10 - 19 - ئىيۇل، ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكا پاراخوتلىرىدىكى 1000 دىن ئارتۇق ئايروپىلان توكيوغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. شۇندىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ئاراللار ھەر كۈنى شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇردى.ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكا پاراخوتلىرى زەمبىرەك بىلەن ياپونىيىنىڭ خونسيۇ ۋە خوككايدو ئاراللىرىنى توپقا تۇتتى. (14 - ئىيۇل)، ئامېرىكا - ئەنگلىيىنىڭ ئاۋىئاماتكىلىرىدىكى ئايروپىلانلار توكيو قولتۇقىدىكى ياپونىيىنىڭ قالدۇق ھەربىي پاراخوتلىرىنى چۆكتۈرۈۋەتتى (19 - ئىيۇل). 16 - ئىيۇل، ئامېرىكا نيۇ - مېكسىكونىڭ قۇملۇقىدا تۇنجى قېتىم ئاتوم بومبىسىنى پارتلىتىپ سىناق قىلدى. 17 - ئىيۇل (2 - ئاۋغۇستقىچە)، سوۋېت. ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى پوتسدام يىغىنىنى ئاچتى. يىغىن ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېچىلدى. 1 - باسقۇچى 17 - ئىيۇندىن 25 - ئىيۇنغىچە؛ 2 - باسقۇچى 28 - ئىيۇندىن 2 - ئاۋغۇستقىچە داۋام قىلدى. ئەنگلىيىگە ۋەكالىتەن يىغىننىڭ 1 - باسقۇچىغا ۋىنستون چېرچېل قاتناشتى، ئىككىنچى باسقۇچىغا ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيىسى يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ باش ۋەزىرى كلېمېنت ئاتتىل قاتناشتى. ئىئوسېف ۋىسسارىئونوۋىچ ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى، ھاررى ترومېن ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىنى مەركەزلىك ھالدا مۇزاكىرە قىلىپ، گېرمانىيىنى قورالسىزلاندۇرۇش، كارتىللارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ناتسىسىزمى تازىلاش پرىنسىپىنى بېكىتتى. يىغىن يەنە پولشىنىڭ غەربىي چېگرا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، سوۋېت، ئەنگلىيە، جۇڭگو، ئامېرىكا، ۋە فرانسىيە بەش دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى. 26 - ئىيۇن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، جۇڭگو ئۈچ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى «پوتسدام ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدا 1943 - يىل 1 - دېكابردىكى «قاھىرە خىتابنامىسى» ئېتىراپ قىلىنىپ، ياپونىيىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولۇشى تەلەپ قىلىندى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى 26 - ئىيۇل پوتسدام ئۇقتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە 2 - ئاۋغۇست ئۈچ دۆلەتنىڭ «پوتسدام ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيىدە يولغا قويۇلىدىغان سىياسەتنى بەلگىلىدى. 24 - ئىيۇن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترومېن ئاۋغۇستنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياپونىيىگە ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى. 26 - ئىيۇل، ئەنگلىيىدىكى چوڭ سايلامدا ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىندى. ۋىنستون چېرچېل كابىنېتى ئىستېپا بەردى، كلېمېنت ئەتتىل ئىشچىلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتى تەشكىللىدى. شۇ كۈندىن 28 - ئىيۇلغىچە، فوستېر باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا كوممۇنىستلىرى برائۇدېر لۇشيەنىدىن ھېساب ئېلىپ، ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. براۇدېر كېيىنكى يىل 3 - فېۋرالدا پارتىيىدىن ھەيدەپ چىقىرىلدى.
1945
ئاۋغۇست
6 - ئاۋغۇست، سائەت 8 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئامېرىكىنىڭ 29 - B تىپلىق ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلانى ياپونىيىنىڭ خىروسما ئارىلىغا ھاۋادىن بىر ئاتوم بومبىسى تاشلاپ، خىروسما شەھىرىدىكى ئىمارەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى پارتلىتىپ تاشلىدى، نۇرغۇنلىغان ئادەملەر كۆيۈك ۋە پارتلاش دولقۇنىنىڭ زەربىسىدە ئۆلدى. 8 - ئاۋغۇست، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ۋەكىللىرى ياۋروپا ئوق مەركىزى دۆلەتلىرىدىكى غوللۇق ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوت قىلىش ۋە خەلقئارا ھەربىي سوت مەھكىمىسى قۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى. شۇ كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى، سوۋېت ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالغا كىرىپ ياپون ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قوزغىدى. 9 - ئاۋغۇست، سوۋېت ئارمىيىسى ياپونىيىنىڭ كانتون ئارمىيىسىگە ھۇجۇم باشلىدى. سوۋېت ئارمىيىسىدىن ئۇرۇشقا جەمئىي ئۈچ يۆنىلىش ئارمىيە، 1 مىليون 750 مىڭ ئادەم، 3400 دىن كۆپرەك ئۇرۇش ئايروپىلانى 5500 تانكا قاتناشتى، ئۇرۇشقا ئاكېكساندىر مىخايلوۋىچ ۋاسلېۋسكى باش قوماندانلىقىدىكى يىراق شەرق باش قوماندانلىق شتابى بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلدى. ياپونىيىنىڭ كانتون ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چاۋشيەننىڭ شىمالىدىكى قوشۇنلىرىنى قوشقاندا تەخمىنەن 750 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچ ئورۇنلاشتۇردى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا ئايروپىلانى ئىككىنچى ئاتوم بومبىسىنى تاشلاپ ياپونىيىنىڭ ناگاساكى ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاتوم بومبىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ياپونىيىنىڭ ئىككى شەھىرىدە تىنچ ئاھالىدىن تەخىمىنەن جەمئىي 450 مىڭ ئادەم ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى. شۇ كۈنى، گېنېرال كىم ئېرسىن ئۇزۇن مۇددەت چاۋشيەن ۋە جۇڭگو - چاۋشيەن چېگرىسىدا كۈرەش قىلغان چاۋشيەن خەلق ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچلىرىگە ياپونغا قارشى ئومۇميۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. 10 - ئاۋغۇست، موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 8 - ئارمىيە، يېڭى 4 - ئارمىيە ۋە ئۇندىن باشقا خەلق قوراللىق كۈچلىرىگە ياپون ئالۋاستىرىغا قارشى ھۇجۇم قوزغاشقا بۇيرۇق بەردى. شۇ كۈنى، ياپونىيە كابىنېتى تەسلىم بولۇشنى قارار قىلدى. 12 - ئاۋغۇست، سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى چاۋشيەنگە كىردى. 13 - ئاۋغۇست، دۇنيا يەھۇدىي قىساسچىلىرى، قۇرۇلتىيى پەلەستىننى 1 مىليون يەھۇدىيغا ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرومېن پەلەستىندىن دەرھال ياۋروپالىق 100 مىڭ كۆچمەن يەھۇدىيىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى (31 - ئاۋغۇست). شۇ كۈندىن 15 - ئاۋغۇستقىچە، ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ پۈتن مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى ۋيېتنامنىڭ شۈەنگۇاڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنچاۋ كەنتىدە ئېچىلدى، يىغىن ئومۇميۈزلۈك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە پۈتۈن مەملىكەتلىك ھاكىمىيىتىنى قولغا ئېلىش توغرىسىدا قارار چىقاردى. 14 - ئاۋغۇست، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو (گومىنداڭ ھۆكۈمىتى) دوستلۇق - ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شۇ كۈنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە جۇڭگو تۆت دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە «پوتسدام ئۇقتۇرۇشى»نى قوبۇل قىلىپ، ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىپ، قورال تاپشۇرۇشقا تەييارلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 15 - ئاۋغۇست، ياپونىيە ھۆكۈمىتى شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى، سۇدزۇكى كانتارو كابىنېتى تەختتىن چۈشۈپ، كىدزيورو كابىنېتى تەشكىللەندى (17 - ئاۋغۇست). شۇ كۈنى، شىمالىي كەڭلىك 38 - پاراللېل سىزىقىنىڭ شىمالىغا كىرگەن سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن چاۋشيەن خەلقى شىمالدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلدى ھەم تېزلىكتە ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرى (خەلق كومىتېتى) نى قۇردى؛ جاكارتادا چاقىرىلغان ھەرقايسى مەخپىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللەر يىغىنى ھىندۇنېزىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى جاكارلاپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى قارار قىلدى. (17 - ئاۋغۇست)؛ فرانسىيە ۋىشى ھاكىمىيىتىنىڭ باشلىقى ھېنرى فلىپىپ پېتائىنغا ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى، كېيىن جازا يەڭگىللىتىلىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىلدى. 16 - ئاۋغۇست، سوۋېت - پولشا چېگرا شەرتنامىسى ئىمزالاندى. شۇ كۈنى، ۋيېتنامنىڭ شۈەنگۇاڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنچاۋ كەنتىدە ئېچىلغان مەملىكەتىك خەلق قۇرۇلتىيى ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئومۇمىي قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارىنى قىزغىن قوللاپ، خۇزىمىڭ رەئىسلىكىدىكى ۋېتنام ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ فونكسيىسىنى ئوينايدىغان مىللىي ئازادلىق كومىتېتىنى قۇردى. 17 - ئاۋغۇست، جاكارتادىكى سوكارنوسارىي ئالدىدىكى يىغىلىشتا، سوكارنو ھىندۇنېزىيىنىڭ مۇستەقىللىك ۋە جۇمھۇرىيەت قۇرۇش خىتابنامىسىنى جاكارلىدى. 18 - ئاۋغۇست، سوۋېت ئارمىيىسى كۇرىل تاقىم ئاراللىرىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىشنى باشلىدى. 19 - ئاۋغۇست، ياپونىيە كانتون ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شتابى ياپونىيە قوشۇنلىرىغا سوۋېت ئارمىيىسىگە تەسلىم بولۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. شۇ كۈندىن 25 - ئاۋغۇستقىچە، ۋيېتنام خەلقى «ئاۋغۇست ئىنقلابىي)نى ئېلىپ باردى. ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋيېتنام خەلقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ شەھەر - يېزىلىرىدا قوزغىلاڭ كۆتۈردى، خانوي (19 - ئاۋغۇست)، خۇئە (23 - ئاۋغۇست) ۋە سايگون (25 - ئاۋغۇست) دا خەلق ئارقا - ئارقىدىن ھاكىمىيەتنى قولغا ئالدى، «ئاۋغۇست ئىنقىلابى» غەلىبە قازاندى. 22 - لويشۇن ۋە داليەنگە چۈشتى. 23 - ئاۋغۇست، يۇگوسلاۋىيە يەر ئىسلاھاتى ۋە بوز يەر ئېچىش قانۇنىنى ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى (30 - ئاۋغۇستقىچە)، لائوس خەلقى ياپونىيە قوشۇنلىرى تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئەركىن لائوس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھاپىزەتچى قوشۇن قۇردى. سېنتەبرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە، ئىلگىرى - كېيىن بۇلۇپ، ۋىنتيەن، تاكېك، ساۋانناكېت، سېڭكۇاڭ فوڭسالى قاتارلىق جايلاردا قوزغىلاڭ كۆتۈردى ۋە ھاكىمىيەتنى قولغا ئالدى. 24 - ئاۋغۇست، سوۋېت ئارمىيىسى چاۋشيەننىڭ پيۇڭياڭ شەھىرىگە كىردى. 25 - ئاۋشۇست، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى تىنچ، دېموكراتىك ئىتتىپاقلىق ئاساسىدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىتابنامىسىنى ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى، سۋوېت ئارمىيىسى جەنۇبىي كۇئېيداۋ ئارىلىنى تولۇق ئىشغال قىلدى. 26 - ئاۋغۇست، ۋيېتنام مىللىي ئازادلىق كومىتېتى ۋيېتنام ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى، ئۇنىڭ ئەزالىرى كوممۇنسىتىك پارتىيە، دېموكراتىك پارتىيە ھەمدە ۋيېتنام ئىتتىپاقىغا قاتناشقان باشقا كۈچلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپتى. 28 - 30 - ئاۋغۇست، دوگلاس ماكارتۇر باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىتتىپاقداش ئارمىيە نامىدا ياپونىيىنى ئىشغال قىلدى ۋە ئۇنى قورالسىزلاندۇردى. شۇ ئاي (سېنتەبرگىچە)، يالتا ۋە پوتسدام يىغىنلىرىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىكى 38 - پاراللېلنى ھەربىي چېگرا سىزىقى قىلىپ ئايرىدى، ئامېرىكا ئارمىيىسى جەنۇبىي قىسمىنى (8 - سېنتەبر)، سوۋېت ئارمىيىسى شىمالىي قىسمىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
1945
سېنتەبر
1 - سېنتەبر، سوۋېت ئارمىيىسى ياپونىيىگە كىرىپ شكوتان ئاراللىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرى كۇرىل تاقىم ئاراللىرىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى. ئۈچ ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملاشقان يىراق شەرق جېڭىدە، سوۋېت ئارمىيىسى ياپونىيە قوشۇنلىرىنىڭ جەمئىي 80 مىڭدىن ئارتۇقراق ئادىمىنى يوقاتتى، 590 مىڭ ئادىمىنى ئەسىر ئالدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى غەربىي ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى ئۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان «ئىجارىگە بىرىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى؛ گرېتسىيە پۈتكۈل پۇقرالارغا ئاۋازغا قۇيۇپ پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، گېئورگى II گرېتسىيىگە قايتىپ كەلدى. 2 - سېنتەبر، توكيو قولتۇقىدا ئامېرىكىنىڭ «مىسسورى» ماركىلىق ھەربىي پاراخوتتا ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغانلىق خېتىگە رەسمىي ئىمزا قويدى. ياپونىيىگە ۋەكالىتەن تەسلىمنامىگە دىپلوماتىيە ۋەزىرى مامورۇشىگېمىتسۇ بىلەن ھەربىي شتاب باشلىقى ئېسدزىرو ئۇمەدزۇ قول قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. شۇ كۈنى، ۋيېتنام ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى خۇزىمىن خانويدىكى باتىڭ مەيدانىدا «مۇستەقىللىك خىتابنامىسى» ئېلان قىلىپ، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. 5 - سېنتەبر، ئەنگلىيە ئارمىيىسى مالاييا خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغان ماللايياغا قايتىدىن تاجاۋۇز قىلىپ كېرىىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى «خەلق كومىتېتى» لىرىنى مەجبۇرىي تارقىتىپ تاشلاپ، مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. مالاييا خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى قوشۇنىنى قورالسىزلاندۇردى. (1 - دېكابر). 8 - سېنتەبر، ئامېرىكا ئارمىيىسى چاۋشيەننىڭ ئېنچوڭدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، 38 - پاراللېلنڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلدى. سوۋېت - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ قوشۇنلىرى 38 - پاراللېلنى چېگرا سىزىقى قىلىپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا چاۋشيەندىكى ياپونىيە قوشۇنلىرىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلدى. ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ جەنۇبىدىكى ئىشغالىيەت رايونىدا ياپونىيە گوبېرناتور مەھكىمىسنى ئاساس قىلىپ جەنۇبىي چاۋشيەن ھەربىي ھۆكۈمىتىنى قۇرۇدى (19 - سېنتەبر). 10 - سېنتەبر، نۇرۋېگىيىدە ۋەتەن ساتقۇچ ۋىدكۇن كېسىلىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى (جازا 24 - سېنتەبر ئىجرا قىلىندى). 11 - سېنتەبر، ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق «ئىتتىپاقداش ئارمىيە باش شتابى» سابىق ياپونىيە باش ۋەزىرى تودزيو خىدەكى قاتارلىق ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى قولغا ئېلىشنى باشلىدى. شۇ كۈنى (2 - ئۆكتەبرگىچە)، ئەنگلىيە، مىنىسترلىرى لوندوندا يىغىن ئېچىپ، ئىتالىيە، رۇمىنىيە، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيىلەر بىلەن قىلىنىدىغان سۈلھ ۋە ياپونىيىنى ئورتاق ئىدارە قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى؛ ئامېرىكىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت بانكىسى فرانسىيىگە 5 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مال پۇلى بەردى. 12 - سېنتەبر، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ياپونىيە قوشۇنلىرىنىڭ تەسلىمىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش نامى بىلەن ئالدىن ئەۋەتكەن 1000 كىشىلىكتىن ئارتۇق ئادەمدىن تەركىب تاپقان قىسىملىرى سايگۇنغا يېتىپ باردى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ياپونىيە قوشۇنلىرى سېنگاپوردا ئىتتىپاقداش ئارمىيىگە رەسمىي تەسلىم بولدى، ئەنگلىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيە شاڭجياڭى ماۋئۇنتېتتېن تەسلىمنى قۇبۇل قىلدى. 16 - سېنتەبر، ئامېرىكا ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ چىڭداۋدىن قۇرۇقلۇققا چىقىتى، كېيىن يەنە تيەنجىندىنمۇ قۇرۇقلۇققا چىقتى (30 - سنتەبر). نويابرغىچە، چىڭداۋ، تيەنجىن، شاڭخەي، بېيپىڭ قاتارلىق ئاساسلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشقان ئامېرىكا قوشۇنلىرى 13 مىڭ كىشىلىكتىن ئېشىپ كەتتى. ئامېركا ئارمىيىسى گومىنداڭ ئۈچۈن بازا ئىگلىدى. ھەم گومىنداڭنىڭ 1 مىليون كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچىنى ئالدىنقى سەپكە يۆتكەپ ئىچكى ئۇرۇش قوزغىشىغا ياردەم قىلدى. 19 - سېنتەبر، ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ھىندىستاندىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىلەرگە ۋەكىل چىقىرىپ ھىندىستانغا دومىنئونلۇق ئورۇن بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھىندىستان مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسى بومبايدا يىغىن ئېچىپ (20 - 23 سېنتەبرگىچە)، دومىنئون لايىھىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئەنگلىيىنىڭ «ھىندىستاندىن چېكىنىش»نى تەلەپ قىلدى. 22 - سېنتەبر، ئامېرىكا «ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ياپونىيىنى ئىشغال قىلىش، باشقۇرۇش ئالىي قوماندانلىق شتابىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىشى توغرىسىدىكى ئاساسىي كۆرسەتمىسى»نى ئېلان قىلىپ، ياپونىيىنى ئۆز ئالدىغا ئىشغال قىىدىغانلىقى توغرىسىدا جار سالدى. 234 - سېنتەبر، مىسىر ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە نوتا تاپشۇرۇپ، 1936 - يىلدىكى «ئەنگلىيە - مىسر ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى» نى ئۆزگەرتىپ، ئەنگلىيىنىڭ مىسىردىكى ھەربىي ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇ كۈنى، فرانسىيىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى ئەنگلىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىدىن پايدىلىنىپ سايگۇندا قۇرۇقلۇققا چىقتى ھەم ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن سايگۇننى ئىشغال قىلىپ، ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىدا قايتىدىن بويسۇندۈرۇش ئۇرۇشنى قوزغىدى. 28 - سنتەبر، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترومېن چوڭ قۇرۇقلۇق يانتۇلۇقىنىڭ يەر ئاستى قاتلىمى ۋە دېڭىزدىكى تەبىئىي بايلىقلار سىياسىتى توغرىسدىكى زۇڭتۇڭ ئېلاننى جاكارلاپ، مەملىكەت ئىچى قانۇن نىزاملىرىنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق، دېڭىز ياقىسىغا تۇتاشقان كەڭ دېڭىز رايونىنىڭ ئىچىدىكى يەر ئاستى قاتلىمى ۋە دېڭىز تەبىئىي بايلىقىنى ئۆزى باشقۇرىدىغاب تۇنجى دۆلەتكە ئايلاندۇردى، ئۇنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق يانتۇلۇقى بەزى جايلاردا دېڭىز قىرغىقىدىن 200 دېڭىز مىلى يىراقلىقتىكى جايلارغىچە كېڭەيتىلدى. 29 - سېنتەبر، ئەنگلىيە ئارمىيىسى ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىشنى باھانە قىلىپ، ھىندۇنېزىيىنىڭ جاكارتادىن قۇرۇقلۇققا چىقتى. گوللاندىيىنىڭ «يىراققا قايتىپ كەلدى. ئەنگلىيە بىلەن گوللاندىيىنىڭ قوشۇنلىرى ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، ھىندۇنېزىيىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنى باستۇردى. شۇ ئايدا، فىلىپپىننىڭ مەركىزى مانىلاردا، زور كۆلەملىك مۇستەقىللىك ۋە دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش نامايىشى پارتلىدى؛ ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە شاڭجياڭى لوئىس مائۇنتبتتېن بىلەن بىرما فاشىزمغا قارشى خەلق ئەركىنلىكى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئاڭسەن سەيلۇن (سىرى - لانكا)نىڭ كاندىدا «ياپونغا قارشى قوشۇن مەسىلىسى توغرىسىدا كېلىشم،)» («كاندى كېلىشىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى ئىمزالاپ، بىرمىنىڭ ياپونغا قارشى قوشۇنىنى 5000 كىشىگە قىسقارتىپ، ئۇنى ئەنگلىيە كونتروللۇقىدىكى بىرما دۆلەت ئارمىيىسىگە قوشۇۋېتىشنى،ك 20 مىڭدىن ئارتۇق ياپونغا قارشى قوراللىق كۈچىنى تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلدى.
1945
ئۆكتەبر
4 - ئۆكتەبر، يىراق شەرق ئىتتىپاقداش ئارمىيە باش شتابى ياپونىيىدە سىياسىي مەھبۇسلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش ۋە «ئامانلىقىنى ساقلاش قانۇنى» نى بىكار قىلىش قاتارلىق پەرمانلارنى ئېلن قىلدى. 5 - ئۆكتەبر، فرانسىيىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى ئارمىيىسى پنوم - پېنغا پاراشوتتىن چۈشۈپ، كامبودژىنىڭ پايتەختى ۋە ئۇندىن باشقا شەھەرلىرىنى قايتىدىن ئىشغال قىلدى، ياپونىيە ئارمىيىسى تەسلىم بولغاندىن كېيىن قۇرۇلغان كېخمىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسىمى قولغا ئېلىندى. 5 - ئۆكتەبر، ياپونىيىدە كىدزيورو كابىنېتى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. پۈتۈن ياپون ماتروسلىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلتاي ئۆتكۈزدى. 8 - ئۆكتەبر، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە شەرتنامە ئىمزالاپ، قانۇنسىز ھالدا ھىندىچىنىڭ شىمالىي كەڭلىك 16 - پاراللېلنىڭ جەنۇبىدىكى ئەنگلىيە ئىشغالىيەت رايونى ئىچىدە «فرانسىيىنىڭ مەمۇرىي ھوقۇققا ئىگە بولۇشىنى» بەلگىلىدى. 9 - ئۆكتەبر، فرانسىيە ۋىيشى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لاۋالغا نېمىسلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. (جازا 15 ئۆكتەبر ئىجرا قىلىندى). شۇ كۈنى ياپونىيىدە كىدزيورو كابىنېتى قۇرۇلدى. 10 - ئۆكتەبر، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى مالاييادا ئەنگلىيە فېدېراتىپ دومىنئونى قۇرۇش قانۇن لايىھىسىنى ئامالسىز ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قانۇن لايىھىسى سىنگاپورنى مالاييادىن ئايرىپ چىقىپ، يەنىلا ئەنگلىيىگە بىۋاسىتە قاراشلىق مۇستەملىكە قىلىپ قويدى. شۇ كۈنى، ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تاكۇداكيوتى قاتارلىق 3000 نەپەر سىياسىي جىنايەتچىسى قويۇپ بېرىلدى. شۇ كۈندىن 14 - سېنتەبرگىچە، كىم ئېرسىن پيۇڭياڭغا قايتىپ كېلىپ،چاۋشىيەن كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شىمالىي چاۋشيەن كومىتېتى (ئىككىنچى يىل 28 - ئاۋغۇستتا چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن) نى قۇرۇش تەييارلىقىغا كىرىشتى. پيۇڭياڭدا كىم ئېرسىننىڭ ۋەتەنكگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىش ئاممىۋى يىغىنى (14 - ئۆكتەبر) ئۆتكۈزۈلدى. 11 - ئۆكتەبر، يىراق شەرق ئىتتىپاقداش ئارمىيە باش شتابى ياپونىيىدە، مەخپىي ساقچىلارنى تارقىتىۋېتىش، ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرىنى ئەركىنلەشتۇرۇش، بارلىق ياش قورامىغا يەتكەنلەرگە سايلام ھوقۇقى بېرىش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە فېئوداللىق يەر مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. 12 - ئۆكتەبر ۋېينتياندا شاھزادە پرىنوپېتسارات رەئىسلىكىدىكى لائوس خەلق كۆمىتېتى قۇرۇلۇپ، مۇستەقىللىك جاكارلاپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. شاھزادە پرىنوسوفانۇفېن دىپلوماتىيە مىنستىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرى ۋە قوشۇمچە ئىنقىلابىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا، شاھزادە پرىنوسوفانابۇما ئاممىۋى قۇرۇلۇش مىنستىرلىكىگە تەيىنلەندى. لائۇس پادىشاھى پادىشالىق ئورنىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى (10 - نويابر). 14 - ئۆكتەبر، چېخوسلاۋاكىيىدە ۋاقىتلىق مىللىي پارلامېنت قۇرۇلدى. چېخوسلاۋاكىيە ھۆكۈمىتى سانائەتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىشنى يولغا قويۇش ۋە يەر ئىسلاھاتى يۈرگۈزۈش پەرمانى جاكارلىدى (18 - ئۆكتەبر). 15 - ئۆكتەبر، ئەنگلىيە تۆۋەن پالاتاسى قارار ماقۇللاپ، ھۆكۈمەنىڭ ئۇرۇش ۋاقتىدىكى جىددىي ھوقۇقىنى بەش يىل ئۇزاتتى. 16 - ئۆكتەبر، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىرمىغا قايتىدىن گوبېرناتور ئەۋەتىپ، مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ھەم نويابردا فاشىزمغا قارشى خەلق ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ھالدا مۇستەملىكە ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. 19 - ئۆكتەبر، ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ياپونىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى تەييارلىق كومىتېتىغا «خەلق فرونتى» تەشكىللەش توغرىسىدا بەرگەن تەكلىپىنى رەت قىلىشقا ئۇچرىدى. 20 - ئۆكتەبر، مىسىر، ئىراق، سۈرىيە ۋە لىۋان ئامېرىكىنى پەلەستىندە يەھۇدىيلار دۆلىتى قۇرۇش ئۇرۇشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. 21 - ئۆكتەبر، فرانسىيىدە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. فرانسىيە كوممۇنىسىتىك پارتىيىسى 152 ئورۇنغا، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى 151 ئۇرۇنغا،خەلق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى 138 ئورۇنغا ئېرىشتى. 30 - ئۆكتەبر، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ يىراق شەرق مەسلىھەت بېرىش كومىتېتى تۇنجى قېتىم يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيىنى ئىدارە قىلش تۈزۈمى مەسلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. شۇ ئايدا، ئامېرىكا ئارمىيىسى فىلىپپىننى قايتىدىن ئىشغال قىلىپ، فىلىپپىن خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى قوراللىق كۈچلىرنى قورالسىزلاندۇرۇپ، ئوتتۇرا قىسىمىدىكى لۇسون خەلق ھاكىمىيىتىنى تارقىتىۋەتتى.
1945
نويابر
2 - نويابر، يىراق شەرق ئىتتىپاقداش ئارمىيە باش شتابى ياپونىيىدىكى مالىيە زومىگەرلىرىنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى ھەم مالىيە زومىگەرلىرىنى تارقىتىۋەتتى. شۇ كۈنى، ياپونىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قۇرۇلدى؛ جەنۇبىي چاۋشيەن ئامېرىكا ھەربىي ھۆكۈمىتى 21 - نومۇرلۇق بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىپ، سابىق ياپونىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئەمىر - پەرمانلىرىنىڭ «داۋاملىق تامامەن كۈچكە ئىگە» ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. 9 - نويابر، ياپونىيە لېبىراللار پارتىيىسى قۇرۇلدى. 10 - نويابر، ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتى 15 كۈنلۈك سورابايا مۇداپىئە ئۇرۇشنى باشلاپ، ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇردى. بۇ كۈن كېيىن ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ «قەھرىمانلىق بايرىمى» قىلىپ بېكىتىلدى. 11 - نويابر، يۇگوسلاۋىيە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. يۇگوسلاۋىيە كوممۇنسىتىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى مەملىكەتلىك فرونت مۇتلەق كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشتى. 16 - نويابر، چارلىس دې گوللنى فرانسىيە پارلامېنتى بىردەك ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭتۇلۇقىغا سايلىدى. 18 - نويابر، بۇلغارىيىدە چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلدى. بۇلغارىيە ۋەتەن فرونتى غەلىبە قىلدى. 18 - 20 - نويابر، ئىراننىڭ ئەزەربەيجان ئۆلكىسىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسى بۇ رايوندا ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىران ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى باستۇردى. ئىران ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىراننىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشقانلىقىغا نازارىلىق بىلدۈردى. 20 - نويابر، نيۇرنبېرگ خەلقئارا سوت مەھكىمىسى گېرمانىيىدىكى ئاساسلىق ناتسىستچى كاتتىباشلارنى ۋە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاشقا باشلىدى. شۇ كۈنى، گېرمانىيىدىكى ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە، چېخوسلوۋاكىيە، پولشا ۋە ئودېر - نېيسې لىنىيىسىنىڭ شەرقىدىكى رايونلارغا 6 مىليون 500 مىڭ نېمىسنى كۆچۈرۈشن تەستىقلىدى؛ يىراق شەرق ئىتتىپاقداش ئارمىيە باش شتابى ياپونىيە خان جەمەتىنىڭ مال - مۈلكىنى توڭلىتىش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى. 21 - نويابر، فرانسىيىدە مىللىي ئىتتىپاق كابىنېتى تەشكىللەندى. 26 - نويابر، گېنېرال مارشال ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق پەۋقۇلئاددە ئەلچىلىكىگە تەيىنلىنىپ، 20 - نويابر كونسۇللۇق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان خىرلىنىڭ ئورنىغا دەسسەپ، نامدا «كېلىشتۈرگۈچى» لىك، ئەمەلىيەتتە جياڭ جيېشىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىشىنى قوللاش رولىنى ئوينىدى. 27 - نويابر (15 - دېكابرغىچە)، ئاۋسترالىيىنىڭ يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس كۆمۈرخان ئىشچىلىرى ئىش تاشلاپ، ئاۋسترالىيە سانائىتىنى ئېغىر دەرىجىدە پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. 29 - نويابر، يۇگوسلاۋىيە فېدېېراتىپ خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. شۇ ئايدا، تيەنجىن، بېيجىڭدىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرى گومىنداڭ ئارمىيىسىگە ستراتېگىيىلىك نۇقتىلارنى ئىشغال قىلىپ بەردى. ئامېرىكىنىڭ 31 ھەربىي پاراخوتى گومىنداڭ ئارمىيىسىنى چېنخۇاڭداۋ ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىشقا يۆتكىدى. بۇ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ گومىنداڭنىڭ ئىچكى ئۇرۇش ئېلىپ بىرىشىغا ياردەم قىلىشنىڭ باشلىنىشىدۇر.
1945
دېكابر
1 - دېكابر، مالاييادىكى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى مالاييا خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى قوشۇنلىرىنى قورالسىزلاندۇردى ھەم مالاييا كوممۇنىستلىرىنى باستۇرۇپ ۋە قولغا ئېلىپ، ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى يىغىلىش، نامايىش قىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلەش توغرىسىدىكى پەرمانىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 6 - دېكابر، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئىككى دۆلەت «سودا ۋە پۇل مۇئامىلە كېلىشىمى» ئىمزالىدى ھەمدە بۇ كېلىشىمنى 1946 - يىل ئىيۇلدىن باشلاپ ئىناۋەتلىك قىلىپ بېكىتتى. كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە ئەنگلىيە فوند - ستېرلىنگنى ئەركىن ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويدى. 1951 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئامېرىكا ئەنگلىيىنى ئامېرىكىدىن ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن 37 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مال پۇلى بىلەن تەمىنلەش بەلگىلەندى. بۇندىن باشقا يەنە، ئەنگلىيىنىڭ ئورنىنى ئاجىزلىتىپ، ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ئەنگلىيىنىڭ دومىنئون ۋە مۇستەملىكىلىرىگە سىڭىپ كىرىشىگە ئوڭايلىق يارىتىلدىغان ماددىلارمۇ بەلگىلەندى. كېيىن كانادامۇ «ئىجارىگە بېرىش قانۇن لايىھىسى» توختىتىلغاندىن كېيىن ئەنگلىيە ئىقتىسادى ئۇچرىدىغان ئېغىر زەربىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئەنگلىيىگە 12 مىليارد 500 مىليون ئامېرىغا دوللىرىلىق مال پۇلى بەردى. 8 - دېكابر، ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى تازىلاش بويىچە خەلق قۇرۇلتىيى چاقىردى. 13 - دېكابر، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە ئىككى دۆلەت سۈرىيىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەم 1946 - يىل 15 - ئاپرېل قوشۇنلىرىنى تامامەن چېكىندۈرۈپ بولدى. تىرومېن جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ «بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى»ق دەپ ئاتاپ، «بارلىق مۇۋاپىق ئۇسۇل» لار بىلەن جياڭ جيېشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۈ كۈنى، يىراق شەرق ئىتتىپاقداش ئارمىيە باش شتابى ياپونىيىدە دۆلەت بىلەن «جادۇرگەرلىك»نى ئايرىۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. 16 - دېكابر، ئىران ئەزەربەيجان مىللىي ھۆكۈمىتى تەبرىزدە قۇرۇلۇپ، «ئاپتونومىيە» جاكارلىدى. 16 - 26 - دېكابر، سوۋېت، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى موسكۋادا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، يىراق شەرق كومىتېتى بىلەن ياپونىيىنى ئىدارە قىلىش كومىتېتى قۇرۇشنى قارار قىلدى. 22 - دېكابر، ياپونىيە ھۆكۈمىتى «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنى» جاكارلاپ، ئىشچىلارنىڭ تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، ئىش تاشلاش قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلدى. 26 - دېكابر، فرانسىيىدە فرانكىنىڭ قىممىتى تۇنجى قېتىم چۈشۈپ، تۆۋەنلەش كۆلىمى 58 پىرسەنتكە توغرا كەلدى. ئامېرىكا دوللىرى بىلەن مۇقىم باھادا 50 فرانكقا بىر ئامېرىكا دوللىرى ئالماشتۇرۇش 107 . 119 فرانكقا ئۆزگەردى. 27 - دېكابر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ئورگىنى «خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى» بىلەن «خەلقئارا گۈللەندۈرۈش ئېچىش بانكىسى» رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، سوۋېت، ئامېرىكا، ئەنگلىيە موسكۋا يىغىنىدا جەنۇبىي چاۋشيەندىكى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شتابى بىرلەشمە كومىتېت تەشكىللەپ، چاۋشيەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەشكىللەشتە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى قارار قىلدى. بىرلەشمە كومىتېت سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، جۇڭگو، ئەنگلىيە تۆت دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چاۋشيەندە بەش يىللىق ۋەكالىتەن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى؛ ھىندىستاندا مەركىزىي قانۇن تىكلەش يىغىنى سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشتى. شۇ ئايدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى فىلىپپىننىڭ 1946 - يىل ئاپرېلدا سايلام ئۆتكۈزۈپ، 1934 - يىلدىكى «فىلىپپىن مۇستەقىللىك قانۇن لايىھىسى» نىڭ بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 1946 - يىل 4 - ئيۇلدا فىلىپپىنغا مۇستەقىللىك بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.