UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1923 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1923 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 11 - يانۋار، فرانسىيە بىلەن بېلگىيىنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك بىرلەشمە ئارمىيىسى زور رايونىغا كىردى ۋە ئۇنى ئىشغال قىلدى. گېرمانىيىنىڭ ۋىلھېلم كۇنۇ ھۆكۈمىتى ئىشغالىيەت رايونىدىكى كارخانىلار ئىش توختىتىش، ئاھالىلەر باج تاپشۇرماسلىق، ئىشغالىيەتچى دائىرىلەرنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلماسلىق، ئىشغالىيەتچى دائىرىلەرگە مال توشۇپ بەرمەسلىك ۋە ھۈججەت يەتكۈزۈپ بەرمەسلىكتەك «پاسسىپ قارشىلىق كۆرستىش» سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى جاكارلىدى. بۇ سىياسەت شۇ يىلى 26 - سېنتەبردە ئاندىن ئاخىرلاشتى. شۇ ئايدا، مېكسىكا شەھىرىدىكى ترامۋاي ئىشچىلىرى زور كۆلەملىك ئىش تاشلىدى. بۇ ئىش تاشلاش شۇ يىلى فېۋرالغىچە داۋاملاشتى؛ لېنىننىڭ ئاغزاكى بايانى ئەڭ ئاخىرقى بىرقانچە پارچە ئەسەرلىرى يەنى «كۈندىلىك خاتىرىلىرىدىن تەرمىلەر»، «كوپىراتسىيە تۈزۈمى توغرىسىدا»، «ئىشچى، دېھقانلار تەپتىش مەھكىمىسىنى قانداق ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش كېرەك»، «روسىيە ئىنقىلابىي توغرىسىدا»، «ئاز بولسۇن ھەم ئاز بۇلسۇن» قاتارلىقلار شۇ يىلى مارتتا تاماملاندى. 1923 مارت 10 - مارت، جۇڭگونىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق مۇۋەققەت ئەلچىسى لياۋ ئېنشۇ ياپونىيىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئۇچىدا كۇساي بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگونىڭ «21 - ماددىلىق شەرتنامە»نى بىكار قىلىش ھەم لۈيسۇن ۋە داليەندىكى ئىجارە يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش تەلىپى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇردى. 13 - مارت، ياپونىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە رەسمىي جاۋاب قايتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەلىپىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى. جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يولسىزلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن يەنە ياپونغا قارشى تۇرۇش ۋە ياپونىيىنىڭ ماللىرىغا بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى كۆتۈرۈلدى. 27 - مارت، رۇمىنىيە پادىشاھلىق ھۆكۈمىتى يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلدى، رۇمىنىيىنى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت دەپ جاكارلاپ، ئۈچ دەرىجىلىك سايلام بېلىتى تاشلاش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتتى، بىراق ئاياللار بىلەن ھەربىيلەرگە سايلام ھوقۇقى بېرىلمىدى. شۇ ئايدا، 5 - نۆۋەتلىك پان ئامېرىكا يىغىنى سانتياگودا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىن قاتناشچىلىرى 3 - ماي تالاش - تارتىشلىرىنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پان ئامېرىكا شەرتنامىسىگە ئىمزا قويدى. 1923 ئاپرېل 10 - ئاپرېل، ئافغانىستان ئەمىرى ئامانۇللا يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلدى. قانۇندا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يېرىمىنى ئەمىر كۆرسىتىپ بەلگىلەيدۇ، يېرىمى سايلام ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ دەپ بەلگىلەندى. ئەمىر كەڭ ھوقۇققا ئىگە بولدى. 17 - 24 - ئاپرېلغىچە، روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىنىڭ 12 - قۇرۇلتىيى ئېچىلدى، قۇرۇلتاي پارتىيىسىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ساھەسىدىكى ۋەزىپىسىنى بەلگىلەپ، ئىگىلىكىنى پىششىق بىلىشنى، رەھبەرلىكنى ياخشىلاش ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلارنىڭ كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى، تىروتىسكى ئوتتۇرىغا قويغان «سانائەت دىكتاتۇرىسى» شوئارى بىلەن بۇخارىن ئوتتۇرىغا قويغان تاشقى سودىنى مونوپولىيە قىلىش تۈزۈمىنىڭ بىر قىسمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلدى. 19 - ئاپرېل، مىسىر «مۇستەقىل» بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئاساسىي قانۇنىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئومۇملاشتۇرۇپ «1923 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن» دەپ ئاتالدى، قانۇندا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ بەشتىن ئۈچ قىسمى، ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى سايلام ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ، ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىغا ئاۋام پالاتاسى مەسئۇل بولىدۇ دەپ بەلگىلەندى. شۇ ئايدا، ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن ئىشچىلار پارتىيسى بىرلەشتى، 1925 - يىلى نامىنى ئامېرىكا ئىشچىلار (كوممۇنىستىك) پارتىيىسىگە ئۆزگەرتتى. 1923 ماي 8 - ماي، ئەنگلىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم شەكىلىدىكى ئاتالمىش «كرزۇنىنىڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇمى»نى تاپشۇرۇپ، خەلقئارا جاھانگىرلىكنىڭ بىر يۈرۈش سوۋېتكە قارشى ئىغۋاگەرچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 10 - ماي، سوۋېت روسىيىسىنىڭ دېپلوماتىك ئەمەلدارى ۋا. ۋا. ۋولوۋىسكىنى لوزاننادا جاھانگىرلار ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. 12 - ماي، موسكوۋادا زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلۇپ، «كرزۇنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇمى»غا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى. 21 - ماي، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ۋە ئىككى يېرىمنچى ئىنتېرناتسىئونال ھامبۇرگدا بىرلىككە كەلگەن ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈپ، «سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالى» نى قۇردى. 22 - ماي ( 1924 - يىل 22 - يانۋارغىچە)، سىتانلي بالدۋىن كابىنېتى ئەنگلىيىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. 26 - ماي، تاشقى ئىئوردانىيە ئابدۇللا ئىبىن ھۈسەيىن ئەمىر ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەتنى قۇردى. تاشقى ئىئوردانىيىنىڭ مۇستەقىللىكى 1928 - يىل 20 - فېۋرالدا ئاندىن ئەنگلىيىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، ئەنگلىيە ھەربىي ئىشلارنى كونترول قىلىش ھوقۇقى بىلەن مالىيىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالدى. 1923 ئىيۇن 8 - 9 - ئىيۇندا، بۇلغارىيىدە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، «خەلق ئىتتىپاقى» ۋە «ھەربىي ئىتتىپاق» قاتارلىق ئەكسىيەتچىل تەشكىلاتلار «دېھقانلار ئىتتىپاقى» ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، ئالېكساندىر ژانكوۋ تەختكە چىقىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. 1923 ئىيۇل 6 - ئىيۇل، سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنى سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللىدى ھەم سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتىنى سايلاپ چىقتى، لېنىن خەلق كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى. 20 - ئىيۇل، مېكسىكا قوزغىلىڭىنىڭ داھىيسى فرانسىسكو ۋىللا ئۆلتۈرۈلدى. مېكسىكا بىلەن ئامېرىكا 31 - ئاۋغۇست دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 24 - ئىيۇل، ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن تۈركىيە لوزاننادا «لوزاننا سۈلھ شەرتنامىسى»نى ئىمزالىدى. سۈلھ شەرتنامىسىدە: تۈركىيە ئۆز زېمىنىدىن باشقا زېمىنلارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدۇ، شەرقىي تىراس - تراكنى قايتۇرۇۋېلىش، چەت ئەلنىڭ تۈركىيىدىكى زېمىن سىرتى ھوقۇقىنى بىكار قىلىش، دېڭىز بوغۇزى ھەم ئۇنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى رايونلارنى ھەربىي كۈچلەردىن خالىي قىلىش، تىنچىلىق مەزگىلىدە دېڭىز بوغۇزىنى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ سودا كېمىلىرى ئۈچۈن ئېچىپ بېرىش، ھەربىي كېمىلەر ئۈچتىن ئارتۇق بولۇپ كەتمەسلىك، ھەر بىر كېمىنىڭ توننا ئېغىرلىقى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتمەسلىك، ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەگەر تۈركىيە ئۇرۇشقا قاتناشسا بىتەرەپ دۆلەتلەرنىڭ كېمىلىرى يەنىلا قاتناۋېرىش، دېگەنلەر بەلگىلەندى. 1923 ئاۋغۇست 12 - 14 - ئاۋغۇستقىچە، گېرمانىيىدە ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاش پارتلىدى. ئىش تاشلىغان ئىشچىلارنىڭ سانى ئۈچ مىليونغا يەتتى. ئومۇمىي ئىش تاشلانغان ئىككىنچى كۈنى، كۆنۈ ھۆكۈمىتى تەختتىن يىقىلدى. 31 - ئاۋغۇست (27 - سېنتەبرگىچە) فاشىستىك ئىتالىيە گرېتسىيىنىڭ كورفۇ ئارىلىنى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ، گرېتسىيە بىلەن ئىغۋارگەرچىلىك توقۇنۇشى پەيدا قىلىپ، گرېتسىيىنىڭ كورفۇ ئارىلىنى ئىشغال قىلۋالدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ئەنگلىيىنىڭ بېسىمى ئاستىدا 27 - سېنتەبر ئامالسىز چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. 1923 1 - سېنتەبر، جەنۇبىي رودېزىيە ئەنگلىيىنىڭ بىۋاسىتە مۇستەملىكىسىگە ئايلاندى. شۇ كۈنى، ياپونيىنىڭ كانتو دېگەن يېرىدە قاتتىق يەر تەۋرىدى. ئارقىدىنلا توكيو، يوكوخاما ھەمدە بۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە زور ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، دېڭىز شاۋقۇنى چىقتى ۋە كۆپ قېتىم يەر تەۋرىدى. 4 مىليوندىن كۆپرەك ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ، 150 مىڭ ئادەم ئۆلدى، ماددىي زىيان 5 مىليارد 500 مىليون ئالتۇن يىنغا يەتتى. 13 - سېنتەبر، ئىسپانىيە پادىشاھى ئالفونسۇ 13 ئەسىر ۋە ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا گېنېرال مىگېل پرىمودې رۋېرا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋەتتى، ئەدلىيىنىڭ سوراق قىلىشىنى توختىتىپ، ئاخباراتلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ئىسپانىيىدە ھەربىي مۇستەبىتلىك تۈزۈم ئورنىتىلدى. 19 - 29 - سېنتەبرگىچە، بولغارىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن دېھقانلار ئىتتىپاقى رەھبەرلىك قىلغان فاشىزمغا قارشى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولدى. 25 - سېنتەبر، موتىلال نېھرۇ ۋە كىتارداس رەھبەرلىكىدىكى ھىندىستان مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسى ئىچىدە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش پارتىيىسى تەشكىللەندى، ھەم ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ سايلىمىغا قاتناشتى. ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش پارتىيىنىڭ بەزى ئەزالىرى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلاندى. 28 - سېنتەبر، ئىتالىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ئېفىئوپىيەخەلقئارا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇپ كىردى. ئېفىئوپىيە خەلقئارا قورال سودىسى كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا، ھەم تەدبىر قولللىنىپ قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى. 1924 - يىل، ئېفىئوپىيە قۇللۇق تۈزۈمىنى رەسمىي بىكار قىلدى. 1923 1 - ئۆكتەبر (8 - نويابرغىچە)، ئەنگلىيە ئىمپېرىيە يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىن ھەرقايسى دومىنىئونلارنىڭ چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامە تۈزۈشكە ھوقۇلۇق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. 6 - ئۆكتەبر، ئانتانتا دۆلەتلىرى ئارمىيىسى كونىستانتىنوپولدىن چېكىنىپ چىقتى، تۈركىيە مىللىي ئارمىيىسى بۇ شەھەرگە كىرىپ ئورۇنلاشتى ۋە ئۇنىڭ مۇداپىئەسىنى ئۆز قولىغا ئالدى. 9 - ئۆكتەبر، گېرمانىيە دۆلەت يىغىنى گوستاف ستىرىسېمان ھۆكۈمىتىگە پەۋقۇلئاددە ھوقۇق بەردى. سىترسېمان ھۆكۈمىتى ھەربىي ھالەت جاكارلاپ، ئىش تاشلاشنى مەنئى قىلىپ، سەككىز سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى بىلەن فاشىستىك تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتىگە ئۆتتى. 10 - 16 - ئۆكتەبرگىچە، ساكسونىيە ۋەتيورنىگىيىدە سولچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكىلەر بىلەن كوممۇنىستلار تەشكىللەنگەن ئىشچىلار ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. 11 - ئۆكتەبر، ئەنگلىيىگە قاراشلىق توگو ئالتۇن - دېڭىز قىرغىقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدارە قىلىشىغا ئۆتتى. 14 - ئۆكتەبر، ئەنقەرە تۈركىيە يېڭى مىللىي دۆلتىنىڭ پايتەختى قىلىپ بېكىتىلدى. 21 - ئۆكتەبر، فرانسىيىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ئاخېندا رېين جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. 23 - 25 - ئۆكتەبرگىچە، گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ ئىشچىلىرى ئېرنىست تىلمان باشچىلىقىدىكى ھامبۇرگ كوممۇنىستىك پارتىيىسى تەشكىلنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىش تاشلاشنى قوراللىق قوزغىلاڭغا راۋاجلاندۇردى. 29 - ئۆكتەبر، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. تۈركىيە مىللىي پارلامېنتى 1924 - يىلى 3 - مارتتا خەلىپە تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ خان جەمەتنى تامامەن چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى. شۇ كۈنى، پارىس رىزاخان پېرسىيىنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەندى. پېرىسىيە پادىشاھى ياۋروپاغا چىقىپ كەتكەنچە ۋەتىنىگە قايتمىدى. 30 - ئۆكتەبر (12 - نويابرغىچە) گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ئېبېرىتنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ساكسونىيە بىلەن تيورنىگىيىدىكى ئىشچىلار ھۆكۈمىتى تارقىتىۋېتىلدى. 1923 5 - نويابر، پولشىنىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە ئومۇمىي سىياسىي ئىش تاشلاش بولدى. كراكوۋ ۋە بورسلاۋدا ئىشچىلار قوزغىلاڭ كۆتۈردى. 8 - 11 - نويابرغىچە، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېندا «پىۋىخانا سىياسىي ئۆزگىرىش» يۈز بەردى. گېنېرال ئېرىچۋون. لۇدېندورف ۋ ەدۆلەت سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ كاتتىبېشى ئادولف گىتلېر باۋارىيە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇندى، توپىلاڭ تىزلىكتە بېسىقتۇرۇلدى. گىتلېر قولغا ئېلىندى، ھەم بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. گىتلېر تۈرمىدە «مېنىڭ كۈرەشلىرىم، دېگەن كىتابنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ تۈرمۇش ۋە پروگراممىسىنى شەرھلىدى. تۈرمىدىن بىر يىلغا قالماي قويۇپ بېرىلدى. 15 - نويابر، يىللىق پايدا بانكىسى قۇرۇلدى. ھالمار شاخىت پەۋقۇلئاددە پۇل مۇتەخەسسىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، يېڭى پۇلنى قىممىتى قالمىغان قەغەز پۇلنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئارقىلىق پۇل مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولدى. 23 - نويابر، گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەنئى قىلىندى. 1923 دېكابر 6 - دېكابر، مېكسىكىنىڭ ئادوف دېراۋىرنو دېگەن يېرىدە توپىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، ئوبرېگون ھۆكۈمىتىگە ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىن بەلگىلەپ قويغان زۇڭتۇڭ ئىز باسارى پىلودتاركو ئېلياس كاللېسقا قارشى چىقتى. شۇ كۈنى ئەنگلىيىنىڭ تۆۋەن پالاتا سايلىمىدا، ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيىسى پارلامېنتتا غەلبىگە ئېرىشتى. ئىشچىلار پارتىيىسى 1924 - يىل يانۋاردا تۇنجى قېتىم كاىنېت تەشكىللىدى. خ. رامىسېي ماكدونالت باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەندى. 1923 يىل ئاخىرىدا ھىندۇنېزىيە قىزىل ئىسلام بىرلەشمىسى خەلق ئىتتىپاقى بولۇپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىپ، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ قارىمىقىدىكى ئىشچى - دېھقان ئاممىۋى تەشكىلاتىغا ئايلىنىپ، پارتىيىنىڭ پروگراممىسىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنامىسى قىلدى. خەلق ئىتتىپاقى ھەرقايسى شەھەر - يېزىلاردا مەكتەپلەرنى ئېچىپ، ئاھالىلەرگە ساۋات چىقىرىش تەربىيىسى ۋە سىياسىي تەربىيە ئېلىپ باردى. برازىلىيە بىلەن ئامېرىكا سودا ئالماشتۇرۇش شەرتنامىسى ئىمزالىدى. ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش دەۋردە ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىللەردە چەت ئەلگە تەخمىنەن جەمئىي 1 - مىليارد 350 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بەردى. ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىنىڭ قەرز قايتۇرۇش كېلىشىمىدە قەرزنى 62 يىل ئىچىدە قايتۇرۇپ بولۇش، ئۆسۈمى % 3.2 قىلىپ بەلگىلەندى. 1925 يىلى نويابردا ئامېرىكا بىلەن ئىتالىيە قەرز قايتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۆسۈمىنى %4. 0 قىلىپ بېكىتىلدى. 1926 - يىل ئاپرېلدا ئامېرىكا بىلەن فرانسىيە قەرز قايتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ،ئۆسۈمىنى % 6. 1 قىلىپ 62 يىل ئىچىدە تۆلەپ بولۇش بەلگىلەندى. 1930 - يىل مايغىچە، جەمئىي 27 دۆلەت ئامېرىكا بىلەن قەرز قايتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئۆسۈمى ۋە قايتۇرۇش قەرەلى ئوخشاش بولمىدى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە