UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1939 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1939 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 2 - يانۋار، ئامېرىكا ياپونىيىگە نوتا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاتالمىش «شەرقىي ئاسىيا يېڭى تەرتىپى» نى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 4 - يانۋار، ياپونىيىدە كونوئې كابىنېتى ئىستېپا بەردى. 5 - يانۋار، ياپونىيىدە خىرانۇما تاچىرو كابىنېتى تەشكىللەندى، 26 - يانۋار، فرانكونىڭ توپىلاڭچى ئارمىيىسى ئىتالىيىنىڭ قوللىشى ئاستىدا بارسېلونانى بېسىۋالدى. شۇ ئايدا، كاسپىي دېڭىزدىن پارس قولتۇقىغىچە سوزۇلغان ئىران تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلاندى. بۇ تۆمۈر يول 1927 - يىلى ئىش باشلىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي ئىراننىڭ سەرمايىسى بىلەن قۇرۇلدى. 1939 فېۋرال 14 - فېۋرال، فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئىسپانىيە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىگە ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، مادرىد ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ قولىدىكى باشقا زېمىنلارنى پۈتۈنلەي توپىلاڭچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 24 - فېۋرال، ۋېنگرىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە ئىتالىيە «كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسئونالغا قارشى شەرتنامە»گە قاتنىشىپ، گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ ھەربىي بېقىندىسىغا ئايلاندى. 27 - فېۋرال ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە فرانكو ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلدى ھەم ئىسپانىيە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان دپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزدى. شۇ ئايدا، سۈرىيە ھۆكۈمىتى فرانسىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. سۈرىيە جاھانگىرلىككە قارشى ھەيۋەتلىك ھەرىكەت قوزغىدى؛ شۇ يىلى مارتتا، ياپونىيە ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ خەينەن ئارىلىنى بېىسۋالدى، تىنچ ئوكياندىكى نەنۋېيداۋ ئارىلىنى ئىشغال قىلدى. ياپونىيە - ئامېرىكا ۋە ياپونىيە - ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلەشتى. 1939 مارت 3 - مارت، ئىسپانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى كارتاگېنادا ئاسيلىق قىلدى. 5 - مارت، ئىسپانىيە پايتەختى مادرىددا جۇمھۇرىيەتكە قارشى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى، ئاتالمىش «دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى» قۇرۇلۇشۇپ، فرانكو توپىلاڭچى ئارمىيىسىنىڭ پايتەختكە ھۇجۇم قىلىشىغا ئوڭايلىق يارىتىپ بەردى. 10 - 21 - مارت ئىتتىپاق كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى 18 - قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، 3 - بەش يىللىق (1938 - 1942 - يىللىرى) پىلانىنى تەستىقلىدى. 14 - مارت، ناتسىست گېرمانىيىسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن سىلوۋاكىيە «مۇستەقىل» لىك جاكارلىدى. يوسېف تىسو باشچىلىقىدا گېرمانىيە پەرەس قورچاق ھۆكۈمەت قۇرلدى. شۇ كۈنى كەچتە، چېخوسلوۋاكىيە زۇڭتۇڭى ئېمىل خاچانى گىتلېر بېرلىنغا چاقىرتتى. 15 - مارت سەھەردە، خاچا ئامالسىز گىتلېر ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان كېلىشىمگە قول قويدى. كېلىشىم «چېخوسلوۋاكىيە خەلقىنىڭ ۋە دۆلىتىنىڭ تەقدىرى»نى گىتلېرغا تاپشۇرۇپ بەردى. شۇندىن كېيىنكى بىرقانچە سائەت ئىچىدە گېرمانىيە ئارمىيىسى چېخوسلوۋاكىيىگە كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ پراگانى ئىشغال قىلدى، چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى مۇنقەرز بولدى. بوھېمىيە ۋە موراۋىيە گېرمانىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندى. شۇ كۈنى، گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا فورتى ۋېنگرىيىسى تاشقى كارپات ئوكرائىننى بېسىۋالدى. 21 - مارت، گېرمانىيە پولشا ھۆكۈمىتىگە دانزىكنى گېرمانىيىگە بۆلۈپ بېرىش تەلىپىنى ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ كۈنى گېرمانىيە لىتۋا ھۆكۈمىتىگە بېرلىنغا تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىل ئەۋەتىپ، مېمېلنى گېرمانىيىگە بۆلۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلدى. 22 - مارت، گىتلېر ھەربىي پاراخوتقا ئولتۇرۇپ مېمېلغا قاراپ چىقتى. 23 - مارت، لىتۋا ھۆكۈمىتى ئامالسىز مېمىلنى گېرمانىيە بۆلۈپ بېرىش كېلىشىمىگە قول قويدى. شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە مېمېل (كلايپېدا)نى يۇتۇۋالدى. شۇ كۈنى، رۇمىنىيە گېرمانىيە بىلەن ئىقتىسادىي كېلىشم ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى. رۇمىنىيىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي تارماقلىرى پۈتۈنلەي گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىنى قوبۇل قىلدى، گېرمانىيىنىڭ مەخسۇس خادىملىرى باشچىلىق قىلىدىغان شېرىكچىلىك بانكا شىركەتلىرى بىلەن سودا سانائەت شىركەتلىرى قۇرۇلدى، گېرمانىيە رۇمىنىيىنىڭ كارخانىلىرىنى ئىجارىگە بېرىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. 28 - مارت، گېرمانىيە - ئىتالىيە قوراللىق مۇداخىلىچىلىرى ۋە فرانكو قوشۇنلىرى ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدقا كىردى. 31 - مارت، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېمبېرلىن پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە پارلامېنتىدا بايانات ئېلان قىلىپ، پولشا تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىسا ئەنگلىيىنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئاساستا پولشا دىپلوماتىيە مىنىستىرى بېك 3 - ئاپرېل ئەنگلىيىنى زىيارەت قىلدى، ھەم 6 - ئاپرېلدا ئەنگلىيە - پولشا خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىپ، ئەگەر بىر تەرەپنىڭ مۇستەقىللىكى بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىك ھالدا تەھدىتكە ئۇچرىسا ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، گىتلېر گېرمانىيىسى پولشا ھۆكۈمىتىگە دانزىگنى بۆلۈپ بېرىش، پومېرانىيە (پولشا كارىدورى) دىن ئۆتىدىغان تۆمۈر يل بىلەن تاشيول ياساشقا رۇخسەت قىلىش، شۇنداق قىلغاندىلا گېرمانىيە پولشا چېگرىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە «كاپالەت» قىلىپ، ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق ئەھدىنامىسى ئىمزالىنىدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كەڭ تەلىپىنى قويدى. گېرمانىيىنىڭ يۇقىرىقى تەلىپى پولشىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. شۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگلىيىنىڭ سانائەت بىرلەشمە جەمئىيىتى بىلەن گېرمانىيىنىڭ ئىمپېرىيە سانائەت گۇرۇپپىسى گېرمانىيىنىڭ دىيۇسسېلدورفتا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ «ئەنگلىيە - گېرمانىيە سانائەت سىستېمىسىنىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى. شۇ ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئۆزئارا نوتا ئالماشتۇرۇپ، ئۇرۇش ۋاقتىدا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت ئىتتىپاق مۇناسىۋىتىنى تىكلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ياۋروپانىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە تاجاۋۇزچىلىققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش جەريانىدا ئۆزئارا ياردەملىشىش مەسىلىسى ئۈسىتىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 1939 ئاپرېل 7 - ئاپرېل، ئىسپانىيىنىڭ فرانكو ھاكىمىيىتى گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى كېلىشىمگە قاتناشقانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى ئىتالىيە ئارمىيىسى ئالبانىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى ھەم ئالبانىيىنىڭ 14 - ئاپرېلدىن ئېتىبارەن ئىتالىيە خەرىتىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. 11 - ئاپرېل، گىتلېر پولشا بىلەن ئۇرۇش قىلىشنىڭ «ئاق رەڭلىك لايىھە» سىنى تەستىقلاپ، «چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش» ئارقىلىق ئۇنى بىر يوللا تارمار قىلىشنى بەلگىلىدى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى گرېتسىيە بىلەن رۇمىنىيىگە كاپالەتلىك بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. 15 - ئاپرېل، زۇڭتۇڭ روزۋېلت گىتلېر بىلەن مۇسسولىنغا ئالاقە ئەۋەتىپ، خەتتە كۆرسىتىلگەن 31 دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلماسلىق توغرىسىدا كاپالەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى ھەم ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىشنى مۇزاكىرە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئارمىيىنى 300 مىڭغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، 20 ياشتىن 21 ياشقىچە بولغان ئوغۇللارنى ھەربىي خىزمەتكە چاقىرتىشنى باشلىدى. 28 - ئاپرېل، گىتلېر گېرمانىيە دۆلەت مەجلىسىدە نۇتۇق سۆزلەپ، 1935 - يىلدىكى «ئەنگلىيە - گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيە كېلىشىمى»نى ۋە 1934 - يىلدىكى «گېرمانىيە - پولشا ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى»نى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم پولشىغا بولغان تەلىپىنى قايتا تەكىتلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گىتلېر يەنە سىكاندىناۋىيە دۆلەتلىرى بىلەن بالقان دۆلەتلىرىگە ئىككى تەرەپلىمىلىك «ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق» شەرتنامىسى ئىمزالاش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. بىراق ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىنى پەقەت دانىيە، لاتۋىيە ۋە ئىستونيىلا قوبۇل قىلدى. 1939 ماي 3- ماي، ۋېنگرىيە يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش پەرمانى جاكارلاپ، يەھۇدىيلارنى بەش يىل ئىچىدە ۋېنگرىيىدىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇرلىدى. 11 - ماي (31 - ئاۋغۇستقىچە)، ياپونىيە ئارمىيىسى جۇڭگو - موڭغۇلىيە چېگرىسىدىن نومىنكەن رايونىدا ئارقا - ئارقىدىن ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك ئېلىپ بېرىپ، كۆپ قېتىم كەسكىن ئۇرۇش بولدى. 20 - ئاۋغۇستقا كەلگەندە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىزىل ئارمىيە قىسىملىرى بىلەن مۇڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشۇنلىرى كەڭ - كۆلەمدە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئاي ئاخىرىدا خالغىن دەرياسى ئەتراپىدا ياپون ئارمىيىسىنى تارمار قىلدى، ياپونىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى 15 - سېنتەبر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. 12 - ماي، ئەنگلىيە بىلەن تۈركىيە ئۆزئارا ياردەم بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئەگەر ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدا ئۇرۇش ياكى تاجاۋۇزچىلىق يۈز بەرسە، ئىككى دۆلەت دەرھال بىر - بىرىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. 13 - 14 - سېنتەبر ، پارىژدا تىنچلىق، دېموكراتىيە ۋە ئىنسانلارنڭ غۇرۇرىنى قوغداش بويىچە خەلقئارا يىغىن ئېچىلدى. 17 - ماي، ئەنگلىيىنىڭ ئەرەبلەر ۋە يەھۇدىيلار بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پەلەستىن توغرىسىدا يېڭى لايىھە ئېلان قىلدى. بۇ لايىھىدە، ئون يىل ئىچىدە ئەنگلىيە بىلەن شەرتنامە مۇناسىۋىتى بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش بەلگىلەندى. ئالدىنقى بەش يىل ئۆتكۈنچى باسقۇچ بولۇش، بۇ باسقۇچتا ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىيلار ھۆكۈمەتتىكى ھەر قايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش، ئەنگلىيىلىكلەر مەسلىھەتچى بولۇش، كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە، بىر مۇۋەققەت ئورگان ئاساسىي قانۇن تۇزۇپ چىقىش بەلگىلەندى. يەھۇدىيلارنىڭ كۆچۈپ كىرىش مەسىلىسى توغرىسىدا، ئەرەبلەر قوشۇلسا داۋاملىق كۆچۈپ كىرىش، قوشۇلمىسا بەش يىلدىن كېيىن كۆچۈپ كىرمەسلىك بەلگىلەندى. بۇ لايىھىنى 23 - ماي ئەنگلىيە پارلامېنتى ماقۇللىدى. بىراق بۇ لايىھە، پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىيلار ۋە پەلەستىن ئەرەبلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. شۇ كۈنى، فىنلاندىيە، نورۋىگىيە ۋە شۋېتىسيىلەر گېرمانىيىنڭ ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى ئىمزالاش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى بىردەك رەت قىلدى، شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا قويغان سوۋېت، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە بالتىق دېڭىزدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىكىگە ئورتاق كاپالەتلىك قىلىش تەكلىپىنىمۇ رەت قىلدى. مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، فرانسىيە بىلەن پولشا ھەربىي ئىشلار بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ ھەربىي ئىشلار توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى. 20 - ماي (ئىيۇنغىچە)، ئىتالىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ قوشۇنلىرى ئىسپانىيىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. 22 - ماي، گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە ھەربىي ئىتتىپاق (ئاتالمىش «پولاتتەك ئىتتىپاق») شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەت ئەڭ زور چەكلىمىدە ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بەلگىلىدى. شەرتنامە تۈزگەن بىر تەرەپ بىر ياكى بىرقانچە دۆلەتلەر ئارىسىدا بولغان ھەربىي ماجىراغا كىرىپ قالغان بولسا، شەرتنامە تۈزگەن يەنە بىر دۆلەت دەرھال ئىتتىپاقداشلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ەربىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقلىرىدىن ياردەم بېرىدۇ ۋە قوللايدۇ، دەپ بەلگىلەندى. شۇ ئايدا، ھىندۇنېزىيە خەلق ھەرىكىتى پارتىيىسى بىلەن باشقا ئالتە مىللىي سىياسىي پارتىيە «ھىندۇنېزىيە سىياسىي ئىتتىپاقى» نى قۇردى. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم تەلىپى ھىندۇنېزىيە پارلامېنتىنى تەسىس قىلىش ئىدى. 1939 ئىيۇن 23 - ئىيۇن، فرانسىيە بىلەن تۈركىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى، فرانسىيە ئالېكساندرېتنى تۈركىيىگە قوشۇۋېتىشكە قوشۇلدى، تۈركىيە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش جەريانىدا فرانسىيە بىلەن ھەمكارلىشىدىغان بولدى. شۇ ئايدىن باشلاپ، ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەخپىي سۆھبەت گېرمانىيىنىڭ پەۋقۇلئاددە ۋەزىپىسىگە ئىگە ئەمەلدارى ۋولتاتنىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋىلسۇن بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە چېمبېرلىننىڭ گېرىنگنىڭ ئەنگلىيە- گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش پىلانىنى ئېلىپ كەلگەن شۋېتسارىيىلىك كارخانىچى ۋېنر - گېرننى قوبۇل قىلىشى قاتارلىق يوللار بىلەن لوندوندا ئېلىپ بېرىلىپ ئاۋغۇستقىچە داۋاۋاملاشتى. 1939 ئىيۇل 2 - ئىيۇل، ئەنگلىيە ياپونىيە بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ جۇڭگوغا بوغان «ئالاھىدە ئېھتىياجى» نى ئېتىراپ قىلىدىغان ئارېتا - كرېگى كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى، 10 - ئىيۇل، فرانسىيە دائىرىلىرى سۈرىيە ئاساسىي قانۇنىنى بىكار قىلدى. 25 - ئىيۇل، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، موسكۋادا ئۈچ دۆلەت ھەربىي سۆھبىتى ئېلىپ بىرىشقا قوشۇلدى. 27 - ئىيۇل ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياپونىيىگە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن، 1911 - يىلدىكى ياپونىيە - ئامېرىكا سودا شەرتنامىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 1939 ئاۋغۇست 12 -21 - ئاۋغۇست، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى موسكۋادا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بالتىق دېڭىزىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئېنىق كاپالەت بەرگەندىن تاشقىرى، يەنە مۇكەممەل ئىتتىپاق تۈزۈش، ھەم ھەربىي شەرتنامە ئىمزالاشتا چىڭ تۈردى. سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە گېرمانىيە مۇبادا تاجاۋۇز قىلىپ قالسا سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ پولشىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلدى، پولشىمۇ سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ پولشا زېمىنىدىن ئۆتۈشىگە قارشى تۇردى، شۇنىڭ بىلەن سۆھبەت قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. 14 - ئاۋغۇست، رىببېنتروپ گېرمانىيىنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فرېدرىخ ۋېرنېر فون دېر شۇ لېنبۇرگقا تېلېگرامما يوللاپ، يەنە بىر قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىگە گېرمانىيىنىڭ سوېت - گېرمان كېلىشىمى تۇزۈش ئۈمىدىنى، ھەم رىببېنتروپنىڭ «فىئۇرېرنامىدا» موسكۋاغا كېلىپ ستالىن بىلەن يۈز تۈرانە سۆھبەتلەشمەكچى بولغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى. 20 - ئاۋغۇست يېرىم يىلغا سوزۇلغان دانزىگ - پولشا كرىزىسى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتى، دانزىگ ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى ئالبېرت فورستېر دانزىگنى ئازاد قىلىش پۇرسىتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى. 21 - ئاۋغۇست، مىسىر پارلامېنتى مىسىرنىڭ بىتەرەپلىكتە چىڭ تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا قارار چىقاردى. 22 - ئاۋغۇست، گىتلېر گېرمانىيە ئالىي ھەربىي باشلىقلار يىغىنىدا پولشىغا ھۇجۇم قىلىش قارارىنى جاكارلىدى. 23 - ئاۋغۇست، دانزىگ ناتسىتلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى فورستېر «ئەركىن شەھەر»نى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالدى. شۇ كۈنى، گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىبيېنتروپ تولۇق ھوقۇقلۇق ئىسپات بىلەن موسكۋاغا يېتىپ كەلدى ۋە دەل شۇ كۈنى كېچىدە «سوۋېت - گېرمان ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» موسكۋادا ئىمزالاندى. 24 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۇرۇش ھادىسىسى يۈز بەرسە ھۆكۈمەتكە جىددىي ھوقۇق بېرىش توغرىسىدا قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى. 25 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيە گېرمانىيە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن، پولشا بىلەن رەسمىي ھالدا ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى تۈزدى. پولشا زاپاس قوشۇنلارنى تەييارلاشقا كىرىشتى. 26 - ئاۋغۇست، يۇگوسلاۋىيە ھۆكۈمىتى كروئاتىيىگە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەردى. 28 - ئاۋغۇست، ياپونىيىدە خىرانوماتاچىرو كابىنېتى سوۋېت - گېرمانىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى تۈزۈلگەنلىكىنىڭ قاتتىق تەسىرىدە تەختتىن چۈشتى، ئابې شىنكو كابىنېتى (30 - ئاۋغۇست) قۇرۇلدى. 29 - ئاۋغۇست، گىتلېر پولشىنىڭ تولۇق ھوقۇقۇلۇق ۋەكىللىرىنىڭ 24 سائەت ئىچىدە بېرلىنغا يېتىپ كېلىپ، گېرمانىيىنىڭ شەرتلىرىگە ئاساسەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 30 - ئاۋغۇست يېرىم كېچىدە، رىببېنتروپ ئەنگلىيە باش ئەلچىسىگە گېرمانىيىنىڭ پولشىغا يوللىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇمىنى ئوقۇپ بەردى. شۇ ئاينىڭ ئاخىرى فرانسىيە سۈرىيىدە گېنېرال ماكسېم ۋېيگاندنىڭ مۇستەبىت ھەربىي دىكتاتۇرىسىنى تىكلدى. 31 - ئاۋغۇست چۈشتە، گىتلېر «ئاق رەڭلىك پىلان» بويىچە پولشىغا ھۇجۇم قىلغۇچى گېرمانىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئالىي باش قوماندانلىق شتابىغا 1 - نومۇرلۇق ئۇرۇش قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. شۇ كۈنى كەچتە، گېرمانىيە فاشىستىك مەخپىي ساقچىلىرىنىڭ كاتتىبېشى ھېنرى ھىملېر پولشا ھەربىي فورمىسىدا كىيىنگەن بىر تۈركۈم گېرمانىيە مەخپىي ساقچىلىرىنى ئەۋەتىپ، گېرمانىيە - پولشا چېگرىسىدىكى گېرمانىيىنىڭ شەھىرى گلېۋىتىزغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى ھەم رادىئو ئىستانسىسىنى ئىشغال قىلدى. گېرمانىيە رادىئو ئىستانسىلىرى دەرھال پولەكەلرنىڭ گلېۋىتىزغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھىملېر پولشىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشنىڭ باھانىسىنى مۇشۇنداق ئويدۇرۇپ چىقاردى. 1939 سېنتەبر 1 - سېنتەبر، تاڭ سەھەر سائەت تۆتتىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، گېرمانىيە فاشىستىك ئارمىيىسى پولشىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىدى. گېرمانىيە پولشا چېگرىسىدىكى ئومۇمىي سەپكە 62 دىۋىزىيە، 1 مىليون 700 مىڭ كىشىلىك قوشۇن سالدى. بۇ يەتتە تانكا دىۋىزىيە، تۆت يېنىك تىپتىكى تانكا دىۋىزىيە، تۆت ماتورلاشقان دىۋىزىيە (تەخمىنەن 2800 تانكا) ۋە ئىككى ھاۋا ئارمىيە ئەترىتى (2000 ئايروپىلان)نى ئۆز ئىچىگە ئالدى. پولشا ئارمىيىدە پەقەت 37 دىۋىزىيە، 11 ئاتلىق ئەسكەرلەر برىگادىسى، تۆت ماتورلاشقان برىگادا ۋە 400 گە يېقىن ئايروپىلان بولۇپ، ئومۇمىيت ئەسكىرىي كۈچى تەخمىنەن 600 مىڭ ئىدى. شۇ كۈنى، فىنلاندىيە ياۋروپا ئۇرۇشىغا قارىتا بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 2 - سېنتەبر، ئىتالىيە بىتەرەپلىكنى ساقلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 3 - سېنتەبر، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە قاراشلىق ھىندىستان ۋە ئەنگلىيىنىڭ دومىنئونى ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيىلەر ئارقا - ئارقىدىن گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. گېرمانىيە ئەنگلىيىنىڭ «ئافىنا» ناملىق يولۇچىلار پاراخوتىنى سۇغا چۆكتۈرۈۋەتتى. تۈركىيە بىتەرەپلىك جاكارلىرى. بۇلغارىيە، يۇگوسلاۋىيە ئافغانىستان، ئىسپانىيە، شۋېتسىيىلەر بىر كۈندە ئارقا - ئارقىدىن بىتەرەپلىك جاكارلىدى؛ ياپونىيە ئابې كابىنېتى بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىمپېرىيە بۇ قېتىمقى ياۋروپا ئۇرۇشىغا قاتناشماي، كۈچىنىڭ بارىچە جۇڭگو ۋەقەسىنى ھەل قىلىدۇ» دەپ جاكارلىدى. 4 - سېنتەبر، ئارگېنتىنا بىتەرەپلىك جاكارلىدى. 5 - سېنتەبر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئۇرۇشىدا بىتەرەپلىكنى ساقلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيىدە چېمبېرلىن كابىنېتى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى، چېرچېل دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرلىكىگە، ئدېن فېدېراتىپ دومىنئون ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەندى. 6 - سېنتەبر، جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقى گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 8 - سېنتەبر، ئەنگلىيىدە پارلامېنتقا قاتناشقان بەزى پارتىيىلەر ئۇرۇش ۋاقتىدا سايلام رىقابىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. 8 - 28 - سېنتەبرگىچە، ۋارشاۋانى قوغداش ئۇرۇشى بولدى. 10 - سېنتەبر، كانادا گېرمانىيە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 12 - سېنتەبر، ئەنگلىيە - فرانسىيە ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ئابۋىل شەھىرىدە تۇنجى قېتىم ئالىي ھەربىي ئىشلار يىغىنى ئاچتى. فرانسىيە گېنېرالى مورس گوستاف گامېلىن ئىتتىپاقچى ئارمىيىنىڭ غەربىي سەپ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى. 15 - سېنتەبر، گېرمانىيە ئارمىيىسى پولشىنىڭ ليۇبلىن شەھىرىنى بېسىۋالدى. 16 - سېنتەبر، پولشا ھۆكۈمىتى ۋارشاۋدادىن ئايرىلىپ رۇمىنىيە ئارقىلىق ئالدى بىلەن پارىژغا باردى، كېيىن لوندونغا سەرگەردان بولۇپ كەتتى. 17 - سېنتەبر، مولوتوۋ رادىئو نۇتقى ئېلان قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى پولشىدا كېلىپ چىققان ۋەزىيەتكە قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرالمايدۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ پولشا چېگرىسى ئىچىدىكى ئوكرائىن ۋە بېلۇرۇسلارنى ئەسكەر چىقىرىپ قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، دەپ جاكارلىدى. شۇ كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى سوۋېت - پولشا چېگرىسىدىن ئۆتۈپ غەربىي ئوكرائىن ۋە غەربىي بېلۇرۇسسىيىگە كىرىپ ئورۇنلاشتى. 19 - سېنتەبر (6 - ئۆكتەبرگىچە)، گىتلېر ئىككى قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، فرانسىيىنىڭ چېگرىسى ئەڭ ئاخىرقى چېگرا بولىدۇ، ئەنگلىيىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانىيە مەھرۇم بولغان مۇستەملىكىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى. ئەنگلىيە، فرانسىيە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى گىتلېرنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، چېخوسلوۋاكىيە بىلەن پولشىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى سۆھبەت باشلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلدى. سۆھبەت ئۆتكۈزۈلمىدى. 223 - سېنتەبر (3 - ئۆكتەبرگىچە)، ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ 1 - قېتىملىق كېڭەش يىغىنى پانامادا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن «ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىتەرەپلىك خىتابنامىسى»نى، ھەمدە «بىخەتەر رايون» ۋە ئورتاق مۇداپىئە قىلىنىدىغان بىخەتەر رايون قۇرۇش توغرىسىدا خىتابنامە ماقۇللاپ، بىخەتەر رايونلارنىڭ چېگرىسى بىلەن دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئارىلىقىنى 300 دېڭىز چاقىرىم قىلىپ بېكىتتى ھەم ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى قىتئەسىدىكى دېڭىز ياقىلىرىنى چارلاش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلدى. 26 - سېنتەبر، فرانسىيە ھۆكۈمىتى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ پائالىيىتىنى مەنئى قىلدى. 28 - سېنتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى چېگرا ئايرىش شەرتنامىسى ئىمزالاپ، پىسا دەرياسى، نارېۋ دەرياسى، غەربىي بۇگ دەرياسى ۋە سان دەرياسىنى سوۋېت - گېرمانىيىنىڭ ئەسلىدىكى پولشا چېگرىسى ئىچىدىكى چېگرا سىزىقى قىلىپ بېكىتتى. گېرمانىيە جەمئىي 72 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتردىن ئارتۇقراق زېمىن ۋە 2 مىليون 200 مىڭدىن كۆپرەك ئاھالىگە ئېرىشتى، سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي پولشىنىڭ 77 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتردىن ئارتۇق زېمىنى ۋە 1 مىليون 300 مىڭ ئاھالىگە ئىگە بولدى. 29 - سېنتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىتونىيە شەرتنامە ئىمزالىدى. ئېستونىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشلىتىشىگە قوشۇلدى. 30 - سېنتەبر، فرانسىيىدە گېنېرال ۋلادسلاۋسكورىسكىي باشچىلىقىدا پولشا سەرگەردان ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، 1940 - يىلى ئىيۇندا لوندونغا كۆچتى. سەرگەردان ھۆكۈمىتىگە پولشا مىللىي پارتىيىسى، ئەمگەك پارتىيىسى، خەلق پارتىيىسى ۋە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قاتناشتى. سەرگەردان ھۆكۈمەت پولشىدا سەرگەردان ھۆكۈمەتكە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان «سىياسىيلاشتۇرۇش كومىتېتى» ۋە سابىق پولشا ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى باشچىلىقىكدى «قوراللىق كۈرەش ئىتتىپاقى»نى تەسىس قىلدى، شۇ ئايدا، سائابىكىن رايونىدا فرانسىيىنىڭ 4 - جىتۇەنجۈنى بىلەن گېرمانىيە ئارمىيىسى قىسمەن دائىرىدە ئۇرۇشتى؛ فرانسىيىدە 60 سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمىنى يولغا قويدى. 1939 ئۆكتەبر 2 - ئۆكتەبر، ئاخىرقى بىر تۈركۈم پولشا قىسىملىرى گېرمانىيە ئارمىيىسىگە زەربە بېرىشنى توختاتتى. 5 - ئۆكتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن لاتۋىيە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى ئىمزالىدى، سوۋېت ئىتتىپاقى لاتىۋىيە چېگرىسى ئىچىدە ھەربىي بازا قۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. شۇ كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى فىنلاندىيىنى سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلدى. 8 - 112 - ئۆكتەبر، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى پولشا دۆلىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلىپ، 9 مىليون 500 مىڭ نوپۇسقا ئىگە پوزنان، پومېرانىيە، سىلېزىيە، لودژ، كېلىتسى ئۆلكىلىرىنى ۋە ۋارشاۋا ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسىمىنى گېرمانىيە خەرىتىسىگە كىرگۈزۈۋالدى؛ پولشىنىڭ قالغان 1 مىليون 200 مىڭ نوپۇسقا ئىگە رايوننى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى «گوبېرناتۇرغا قاراشلىق رايون»، (1940 - يىل 18 - سېنتەبردىن باشلاپ، نامىنى «گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى گوبېرناتۇر رايونى») قىلىپ تەشكىللىدى. 10 - ئۆكتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن لىتۋا ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى ئىمزالىدى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋىلنا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئالماشتۇرۇش شەرتى بىلەن لىتۋادا ئارمىيە تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنىڭ ھەربىي بازىلىرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. 14 - ئۆكتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى فىنلاندىيىگە خانكو پورتىنى 30 يىللىق ئىجارىگە بېرىشنى، ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ لېبورا ۋە رۇس كۆلى رايونلىرى بىلەن فىنلاندىيىنىڭ كارىل قولتۇقى، رىياچى يېرىم ئارىلى، سرېدىنىي يېرىم ئارىلى قاتارلىق جايلاردىن بىر قسىم، رايونلارنى تېگىشىشنى تەلەپ قىلدى. 19 - ئۆكتەبر، ئەنگلىيە، فرانسىيە، تۈركىيە ئىتتىپاق شەرتنامىسى ئىمزالىدى، شەرتنامە ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە تۈركىيە دۆلەتلىرىدىن قايسى بىرى تاجاۋۇزغا ئۇچرىسا ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى بەلگىلىدى. ئۇزۇنغا بارماي، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە يەنە تۈركىيىنى 43 مىليون 500 ئەنگلىيە فوند - ستېرلىنگلىق مال پۇلى بىلەن تەمىنلىدى. بىراق كېيىن، ئەنگلىيە - گېرمانىيە ۋە ئىتالىيىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان چاغدا تۈركىيە ئىتتىپاقداش دۆلەتلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى. 21 - ئۆكتەبر، گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە كېلىشىم ئىمزالاپ، گېرمانىيە تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنى جەنۇبىي تىرولدىن گېرمانىيىگە كۆچۈرشنى قارار قىلدى. 23 - ئۆكتەبر، ھىندىستان مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستاندا ھىندىستانلىقلارنىڭ مەسئۇل ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى؛ ھەمدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، كونگرېستلار پارتىيىسى پۇقرالارنىڭ بويسۇنماسلىق ھەرىكىتىنى قوزغايدۇ، دەپ جاكارلىدى. سەككىز ئۆلكىدە كونگرېستلار پارتىيىسىدىن بولغان نازىرلارنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئۆزلۈكىدىن ئىستېپا بېرىشى بۇ ھەرىكەتنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولدى. 28 - ئۆكتەبر، چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، پراگا، برنو، ئوستېراۋا، كلادنو ۋە ئۇندىن باشقا چېخوسلوۋاكىيە شەھەرلىرىدە فاشىستىك ئىشغالىيەتچىلەرگە قارشى كۈچ كۆرسىتىش - نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. شۇ ئايدا (نويابرغىچە)، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە «D پىلانى» نى قايتىدىن تۈزۈپ چىقتى، بۇ پىلاندا گېرمانىيە ئارمىيىسى 1914 - يىلدىكىدەك بېلگىيە ئارقلىق ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ دەپ پەرەز قىلىنغاچقا، فرانسىيىنىڭ ئۈچ جىتۇەنجۈنى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ بىر يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنى مائاس ۋە دىر دەرياسى بويلىرىغا يۆتكەپ، بېلگىيە ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە ماگنوت مۇداپىئە سېپى (1934 - يىلى پۈتكەن) دىن شىمالىي دېڭىز بويلىرىغىچە بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان مۇداپىئە سېپى قۇرۇش بەلگىلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئون دىۋىزىيە ۋە بىر ھاۋا ئارمىيە چوڭ ئەترىتىدىن تەركىب تاپقان ئەنگلىيىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى فرانسىيىگە يېتىپ كەلدى. 1939 نويابر 1 - 2 - نويابر، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتنىڭ 5 - قېتىملىق يىغىنى غەربىي ئوكرائىن بىلەن غەربىي بېلۇرۇسسىيىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى، ھەم بۇ جايلارنى ئوكرائىن، بېلۇرۇسسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈردى. 4 - نويابر، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «بىتەرەپلىك قانۇنى» نىڭ تۈزىتىلگەن لايىھىسىنى ماقۇللاپ، ئۇرۇشۇۋاتقان دۆلەتلەرگە قورال ۋە ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى سېتىپ بېرىشتە «نەق پۇلغا ئېلىپ ئۆزلىرى يۆتكەپ كېتىش» پرىنسىپىنى يولغا قويدى. شۇ كۈنى، ياپونىيىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى نومۇرا كىتسابۇرو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۇسېف گرىۋ سۆھبەت باشلىدى. 10 - نويابر، فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىك ئورگانلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەمگەك مىنىستىرلىقى تەستىقلاش توغرىسىدا پەرمان جاكارلىدى. 13 - نويابر، سوۋېت - فىنلاندىيە سۆھبىتى بۇزۇلدى. 17 - نويابر، گېرمانىيە مەخپىي ساقچىلىرى پراگا ۋە برنودا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىن توققۇز نەپەەر ئوقۇغۇچىغا ئۆلۈم جازاسى بەردى. چېخوسلوۋاكىيىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى تاقالدى. 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ كۈن «خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار كۈنى» قىلىپ بېكىتىلدى. 28 - نويابر، سوۋېت ئىتتىپاقى 1932 - يىلى ئىمزالانغان «سوۋېت - فىنلاندىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» نى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 29 - نويابر، سوۋېت - فىنلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئۈزۈلدى. 30 - نويابر، سوۋېت - فىنلاندىيە ئۇرۇشى پارتلىدى. سوۋېت ئارمىيىسى كارىل بوغۇزى، فىنلاندىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى ۋە شىمالىي قۇتۇپ دېڭىزى يېنىدىكى بېسار رايونىدىن بولۇپ ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ فىنلاندىيىگە ھۇجۇم قىلدى. ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ھۆكۈمەتلىرى 150 مىڭ كىشىلىك يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنى فىنلاندىيىگە ياردەمگە ئەۋەتىش پىلانىنى تۈزدى. ئەنگلىيە فىنلاندىيىگە 100 دانە ئايروپىلان، 200 چوڭ زەمبىرەك، نۇرغۇنلىغان ئوق - دورا، مىنا ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى يۆتكەپ بەردى. فرانسىيە 180 ئايروپىلان، تەخمىنەن 500 زەمبىرەك، ھەر خىل قورال ۋە ھەربىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بەردى. شۇ ئايدا، ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەربىي كۈچىنى تەڭشەش ئۈچۈن ھەرقايسى دومىنئونلارنىڭ باش مىنىستىرلىرى لوندوندا زىيارەتتە بولدى؛ ياپونىيە ئارمىيىسى دېڭىز يولى بىلەن گۇاڭشىنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلىپ، نەننىڭنى ئىشغال قىلدى، گۇاڭدۇڭ ۋە گۇاڭشىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى رايونلار كەينى - كەينىدىن قولدىن كەتتى؛ شەنشى - چاخار - جىلىن ئازاد رايونىدىكى 8 - ئارمىيە ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ قىش پەسىللىك «تازىلاش»لىرىنى تارمار قىلىپ، ياپون ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال لېيتېنانتى ئابېنى ئۆلتۈردى. 1939 دېكابر 2 - دېكابر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئايروپىلان ۋە ستراتېگىيىلىك خام ئەشيالارنى سېتىپ بېرىشنى «مەنىۋى جەھەتتىن چەكەلش»نى جاكارلىدى. 3 - دېكابر، فىنلاندىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈستىدىن خەلقئارا ئىتتىپاققا ئەرز سۇندى. 14 - دېكابر، خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ مەمۇرىي مەھكىمىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنى خەلقئارا ئىتتىپاقتىن قوغلاپ چىقىرىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى ھەم فىنلاندىيە ھەربىي، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش بويىچە ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى قۇردى. 17 - دېكابر، ئەنگلىيە بىلەن كانادا ئوتتاۋادا ئەنگلىيە فېدېراتىپىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئۇچقۇچى تەربىيلەش توغرىسىدا توختامنامە ئىمزالىدى. 18 - دېكابر، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئارگېنتىنانىڭ لا - پلاتا قولتۇقىدا گېرمانىيىنىڭ «شبې ۋىسې ئادىمىرال» ناملىق ھەربىي پاراخوتنى چۆكتۈرۈۋەتتى. شۇ يىلى، بىرمىلىقلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ئاڭ سەن تايلاندتا بىرما مۇستەقىل ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، كېيىن ئۇنىڭ نامىنى بىرما «خەلق ئارمىيىسى» گە ئۆزگەرتتى. ئامېرىكا 21 دۆلەت بىلەن ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئورنىنى كۈچەيتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى رىئاكتىپ دۋىگاتىللىق تىك يۇقىرى ئۆرلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى دۇنيادا بىرىنچى بولۇپ ئېلپ باردى. گېرمانىيە ئالىملىرى نېتروننىڭ ئاستا تەسىرى بىلەن ئوران يادروسىنىڭ پارچىلىنىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئامېرىكا ئىنژېنېرلىرى تېلېۋىزىيىلىك تارقىتىش قانىلى (تۆۋەن بېسىملىق ئېلېكترونلۇق يىغىپ ئوبراز ئېلىش قانىلى)نى كەشپ قىلدى. ف. ژولئو - كىيورى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئۇران يادروسىنىڭ پارچىلىنىشى ئارقىلىق زەنجىرلىك رېئاكسىيىدىن يادرولۇق ئېنېرگىيە چىقىدىغانلىقىنى بايقىدى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە