UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1946 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1946 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 1 - يانۋار، ئەنگلىيە بىلەن تايلاند «ئۇرۇش ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم» ئىمزالىدى. كېلىشمدە: تايلاند ئەنگلىيىنى 1 مىليون 500 مىڭ توننا گۈرۈچ بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش. ئەنگلىيىنىڭ تايلاندتىكى قەلەي كانلىرىنى، ئورمانلارنى ئىجارىگە بىرىش ۋە تايلاندنىڭ ئېكسپورت - ئىمپورت سودىسىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەنگلىيىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ تايلاند زېمىنىدا ھىندى ئوكيان بىلەن تايلاند بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. شۇ كۈنى، ياپونىيە پادىشاھى «ساماۋى خاننىڭ ئىلاھ» لىقىنى ئىنكار قىلىش باياناتى ئېلان قىلىندى. 2 - يانۋار، ماكارتۇر ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى ياپونىيىنىڭ «ھازىرقى مەۋجۇت ھۆكۈمىتى»تىن پايدىلىنىپ ياپونىيىنى ئىدارە قىلىش ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. 4 - يانۋار، بىرلىككە كەلگەن پولشا مىللىي ھۆكۈمىتى 50 تىن ئارتۇق ئىشچى ياللىغان سانائەت كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 7 - يانۋار، فرانسىيە بىلەن كامبودژا پادىشاھلىقىنى ۋاقتلىق كېلىشىم ئىمزالاپ، بۇرۇنقى ھامىيلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، كامبودژىنى «فرانسىيە فېدېراتسىيىسى ئىچىدىكى ئاپتونومىيىلىك دۆلەت» دەپ بېكىتتى، لېكىن دىپلوماتىيە، ھەربىي،قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقى يەنىلا فرانسىيىنىڭ كونتروللۇقىدا قالدى. 10 - يانۋار (14 - فېۋرالغىچە)، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1 - سانلىق يىغىنى لوندوندا ئېچىلدى، يىغىنغا 51 ئەزا دۆلەت قاتناشتى، بېلگىيىلىك پائۇل ھېنرى سپاكنى يىغىن رەئىسلىكىگە، نورۋېگىيىلىك ترىگۋى لېنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلاپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى بەش يىل قىلىپ بېكىتتى. خەلقئارا ئىتتىپاق جەنۋەدە ئاخىرقى قېتىملىق يىغىننى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن تارقىلىپ، (18 - ئاپرېل)، مال - مۈلكىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تاپشۇرۇپ بەردى. شۈ كۈنى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى مىسر ھۆكۈمىتىگە نوتا تاپشۇرۇپ 1936 - يىلدىكى «ئەنگلىيە - مىسىر ئىتتىپاق شەرتنامىسى» نى ئۆزگەرتىشنى رەت قىلدى. 11 - يانۋار، ئالبانىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. 17 - يانۋار، ياپونىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى باش ئىتتىپاقى قۇرۇلدى. 20 - يانۋار، دې گولل فرانسىيىدىكى سولقانات سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئىستېپا بەردى. 22 - يانۋار، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى مالايا ۋە سېنگاپورنىڭ «كەلگۈسى سىياسىتى توغرىسىدا بايانات» ئېلن قىلىپ، ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى دېڭىز بوغىزى مۇستەملىكىسى، مالايا فېدېراتسىيىسى ۋە مالاياغا تەۋە شتاتلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەنگلىيىگە قاراشلىق مالايا فېدراتسىيىسى قۇرىغانلىقىنى جاكارلىدى. سېنگاپور ئەنگلىيىنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان مۇستەملىكىسىگە ئايلاندى. شۇ كۈنى، فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن فېلىكس گوئىن فرانسىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. 27 - يانۋار، گېرمانىيىنىڭ ئامېرىكا ئىشغالىيىتىدىكى رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلامدا خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشتى. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشتى. 31 - يانۋار، يۇگوسلاۋىيە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللىدى. 1946 فېۋرال 1 - فېۋرال، ياپونىيىدە تۇنجى قېتىم تېرىلغۇ يەر ئىسلاھاتى باشلاندى. شۇ كۈنى، ۋېنگرىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. 4 - فېۋرال، ۋېنگرىيىدە ئۇششاق دېھقانلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى ناگى فېرېنس باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەندى. 8 - فېۋرال، شىمالىي چاۋشيەندىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ۋىلايەتلەردىكى خەلق كومىتېتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىن ئۆتكۈزۈپ، شىمالىي چاۋشيەن ۋاقىتلىق خەلق كومىتېتى قۇرۇشنى قارار قىلىپ، كىم ئېرسىننى رەئىسلىككە سايلىدى، شىمالىي چاۋشيەن ۋاقىتلىق كومىتېتى قۇرۇلدى. 9 - فېۋرال، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 4 - بەش يىللىق پىلان (سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتى 15 - مارت ماقۇللىدى)نى ئېلان قىلدى، پىلاندا سوۋېت ئىتتىپاقى سانائەت مەھسۇلاتىنى ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكىدىن % 50 ئاشۇرۇشنى مۆلچەرلىدى. شۇ كۈنى، ياپونىيە دېھقانلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى. 13 - فېۋرال، يىراق شەرق ئىتتىپاقداش ئارمىيە قوماندانلىق شتابى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە «ئاساسىي قانۇن لايىھە تىزىسى» نى تاپشۇردى. 18 - 23 - فېۋرال، بومباي ماتروسلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. قوزغىلاڭچى ماتروسلار ئىش تاشلاش مەركىزىي كومىتېتى قۇردى. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ئارمىيىنى ئىشقا سېلىپ قوزغىلاڭنى باستۇردى. بومبايدا 200 مىڭ ئىشچى ۋە ئوقۇغۇچى ئىش تاشلاپ، دەرس تاشلاپ ماتروسلار قوزغىلىڭىنى قوللىدى. 21 - فېۋرال، مىسىردا مەملىكەت خاراكتېرلىك ئەنگلىيىگە قارشى كۈرەش كۆتۈرۈلدى. ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەر ئىش تاشلاش، بازار تاشلاش ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق «ئەنگلىيە - مىسر ئىتتىپاقداش شەرتنامىسى» نى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 24 - فېۋرال، جوھان. دپرون ئارگېنتىنانىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. 28 - فېۋرال، فرانسىيە بىلەن جۇڭگو گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ھىندىچىنىنىڭ شىمالىي كەڭلىك 16 - پاراللېلنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا تۇرۇشلۇق ئارمىيىنى چېكىندۈرۈش مەسىلىسىدە چۇڭچېڭدا كېلىشىم ئىمزالاپ، 1 - مارت چېكىنىشنى باشلاپ، 15 - مارتتا تاماملىدى. 1946 مارت 2 - مارت، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى 1 - نۆۋەتلىك مىللىي قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، خۇزىمىننى ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىدى. 4 - مارت، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئىسپانىيە خەلقىنى فرانكو ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىردى. شۇ كۈنى، «ئەنگلىيە - فرانسىيە ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى» دونكېركتا ئىمزالاندى. 5 - مارت، چېرچېل ئامېرىكىنىڭ فولتۇندا ئاتالمىش «تۆمۈر پەردە» نۇتقىنى ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا - ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى پەۋقۇلئاددە مۇناسىۋەت» نى كۆككە كۆتۈردى، بۇ ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق ماناسىۋەتلەر ئۇرۇشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. شۇ كۈنى، شىمالىي چاۋشيەن ۋاقىتلىق خەلق كومىتېتى يەر ئىسلاھاتى قانۇنىنى ئېلان قىلدىل. 6 - مارت، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىغا نوتا تاپشۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيە - سوۋېت مۇزاكىرە قىلىپ پۈتۈشكەن ئىراندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش مۇددىتى (2 - مارت) گە ئەمەل قىلمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى. شۇ كۈنى، فرانسىيە بىلەن ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى خانويدا «فرانسىيە - ۋيېتنام دەسلەپكى كېلىشىمى» نى «6 -مارت كېلىشىمى» دەپ ئاتىلىدۇ) ئىمزالىدى؛ ياپونىيە ھۆكۈمىتى «يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھە تىزىسى»نى ئېلان قىلدى. 7 - مارت، ئەنگلىيە بىلەن كانادا مالىيە كېلىشىمى ئىمزالىدى. 14 - مارت (ئىيۇنغىچە)، ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ باش ۋەزىرى ئەتتىلى بايانات ئېلان قىلىپ ھىندىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىل بولۇشىغا يول قۇيۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى ھەم فېدىك لاۋرېنس باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ھىندىستانغا ئەۋەتىپ ھىندىستاندىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ داھىيلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، لېكىن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى. مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى مۇستەقىل مۇسۇلمانلار دۆلىتى - پاكىستان قۇرۇش تەلىپىدە چىڭ تۇردى ھەم 16 - ئاۋغۇستنى «پاكىستاننىڭ بىۋاسىتە ھەرىكەت كۈنى» دەپ جاكارلىدى. 18 - مارت، فرانسىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى خانويغا بېسىپ كىردى ھەمدە ۋيېتنامنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا ئورۇنلاشتى. 19 - مارت، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتىنىڭ رەئىسى مىخائىل كالىنىن سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى، ئۇنىڭ ئورنىغا نىكولاي شۋېرنىك تەيىنلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگىنى بولغان خەلق كومىسسارىياتى مىنىستىرلار سوۋېتىگە ئۆزگەرتىلدى، ستالىن مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسلىكىگە، مولوتوۋ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك يىغىنىغا قاتتىق نارازىلىق باياناتى تاپشۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈشنى ئارقىغا سوزۈش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. 20 - مارت، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە يىغىنى (1945 - يىل دېكابر) دىكى كېلىشىمگە ئاساسەن، سئولدا سوۋېت، ئامېرىكا بىرلەشمە كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، چاشيەندىكى ھەر قايسى دېموكراتىك تەشكىلاتلار بىلەن ۋاقىتلىق دېموكراتىك ھۆكۈمەت قۇرۇش قاتارلىق مەسىللەرنى مۇزاكىرە قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ پىكرىدە ئىختىلاپ كۆرۈلگەنلىكتىن، 8 - ماي يىغىنىنىڭ مۇددەتتىن ئىلگىرى توختىغانلىقى جاكارلىدى. 21 - مارت، فرانسىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى لائوسقا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، تاكھېك شەھىرىدە نەچچە مىڭلىغان ۋەتەنپەرۋەر لائوس خەلقىنى قىرىپ تاشلىدى. 22 - مارت، ئەنگلىيە بىلەن تاشقى ئېئوردانىيە شەرتنامە ئىمزالاپ، ئەنگلىيىنىڭ تاشقى ئېئوردانىيىدىكى ماندانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ئەنگلىيە تاشقى ئېئودانىيىنىڭ مۇستەقىل پادىشاھلىق دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. تاشقى ئېئودارنىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغانلىقىنى (25 - مارت) جاكارلىدى. 29 - مارت، ئىراق بىلەن تۈركىيە دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 1946 ئاپرېل 4 - ئاپرېل، ئىران بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى كېلىشىم تۈزۈپ، 9 - مايدىن بۇرۇن سوۋېت ئارمىيىسى ئىراندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ بولۇش، ئىران ئەزەربەيجاندا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىراننىڭ شىمالىدا سوۋېت - ئىران نېفىت شىركىتى قۇرۇشنى بەلگىلىدى. 7 - ئاپرېل، ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە سىدەخارا كابىنېتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش توغرىسىدا خەلق قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى. شۇندىن كېيىن، سىدەخارا كابىنېتىنى ئاغدۇرۇشنى تەلەپ قىلىش نامايىشلىرى ئۈزۈلمەي داۋام قىلدى. 10 - ئاپرېل، ياپونىيىدە ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۇنجى سايلام ئۆتكۈزۈلدى. 13 - ئاپرېل، ماكارتۇر تېخى سوراق قىلىنمىغان تۈرمىدىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىش باشلاندى. 18 - ئاپرېل، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا سوت مەھكىمىسى گائاگادا قۇرۇلدى. 20 - ئاپرېل، «ئەنگلىيە - ئامېرىكا تەكشۈرۈش كومىتېتى» «پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 100 مىڭ يەھۇدىينى پەلەستىنگە كۆچۈرۈشكە يول قويۇلۇشنى تەلەپ قىلدى. پەلەستىن ئەرەبلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاپ، بازار تاشلاپ نارازىلىق بىلدۈردى. 21 - ئاپرېل، گېرمانىيىنىڭ سوۋېت ئىشغالىيەت رايونىدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىرلىشىپ بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بولۇپ قۇرۇلدى. 22 - ئاپرېل، فىلىپپىندە ئومۇمىي سايلام بولدى. فىلىپپىن لېبىرالىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى مانۇئېل روخاس ئاجىز كۈچ بىلەن كۆپ سانلىققا ئىگە فىلىپپىن خەلق پارتىيىسىنى يېڭىپ، فىلىپپىن فېدېراتسىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنلەندى. شۇ كۈنى، لائۇسنىڭ ئورنىدىن چېكىنگەن پادىشاھى ساۋاڭ ۋېڭ فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن پادىشاھلىق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 24 - ئاپرېل، فرانسىيە ئارمىيىسى ۋېنتيەننى ئىشغال قىلدى، ئارقىندىنلا يەنە (13 - ماي) لۇئاڭ - پراباڭنى بېسىۋالدى. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى پېتسارد قاتارلىقلار تايلاندقا قېچىپ كەتتى. شاھزادە سوفانوفېن خەلق قوراللىق كۈچلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ، تايلاند - لائوس چېگرىسىدا فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن بولغان كۈرىشىنى داۋاملاشتۇردى. 25 - ئاپرېل (12 - ئىيۇلغىچە)، سوۋېت، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە تۆت دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى پارىژدا 2 - نۆۋەتلىك يىغىن ئېچىپ، ئىتالىيە بىلەن سۈلھ قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى، يىغىن رېياسىتى ئاپتونوم رايونىنى تەسىس قىلىشقا قوشۇلدى. 30 - ئاپرېل، ترومىن «فىلىپپىننى گۈللەندۈرۈش قانۇنى» غا ۋە «ئامېرىكا - فىلىپپىن سودىسى ھەمدە ئۇندىن باشقا مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قانۇن» غا ئىمزا قويدى. ئامېرىكا مۇشۇ ئىككى قانۇننى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق فىلىپپىنىڭ مالىيە، پۇل - مۇئامىلە ۋە تاموژنىسىنى كونترول قىلىپ، فىلىپپىننىڭ تاشقى سودىسىنى مونوپولىيە قىلىۋالدى. شۇ ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «بېل ئاكىت قانۇنى» نى ماقۇللاپ، سەككىز يىلغىچە ئامېرىكا فىلىپپىن سودىسىدىن باج ئالماسلىق، سەككىز يىلدىن كېيىن، ئامېرىكا فىلىپپىندىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللاردىن ئېلىنغان باج چەكلىمىسىنى تەدرىجىي كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى. 1946 ماي 3 - ماي، يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوت مەھكىمىسى ياپونىيىدە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوت قىلىشنى باشلىدى، 1948 - يىل 12 - نويابردا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى. 9 - ماي، ئەنگلىيە مىسىر خەلقىنىڭ كۈنسېرى ئۆرلەۋاتقان ئەنگلىيە قارشى دولقۇنىنىڭ بېسىمى بىلەن مىسىردىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە تەييارلانغانلىقىنى جاكارلىدى. 17 - ماي، رۇمىنىيىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى باش ۋەزىرى لىئون. ئانتونېسكوغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. 22 - ماي، چېخوسلوۋاكىيە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنىڭ سايلىمىنى ئۆتكۈزدى. چېخوسلوۋاكىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى پارلامېنتتا كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئىگە بولدى. كلېمېنت گوتۋالد يېڭىدىن بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىدى، پارلامېنت بېنېسنى بىردەك يەنە جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى (19 - ئىيۇن). 1946 ئىيۇن 1 - ئىيۇن، فرانسىيە سايگوندا «سوچىن - چىڭنا ھىندىچىنى ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتى»نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. 2 - ئىيۇن، ئىتالىيە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا پۇقرالار بېلەت تاشلاپ پادىشاھلىق تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئىتالىيە جۇمھۇرىيەتكە ئايلاندى. شۇ كۈنى، فرانسىيە يېڭىدىن ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزددى. سايلامدا خەلق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى غەلبە قىلدى. كوممۇنىستىك پارتىيە ئىككىنچىلىككە، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. 6 - ئىيۇن، ئارگېنتىنا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. 8 - ئىيۇن، بىر مېنىڭ پايتەختى رانگوندا 50 مىڭ كىشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئەنگلىيىنىڭ بىرمىنى قايتىدىن قۇللۇققا چۈشۈرۈشكە قارشى تۇرۇپ، تولۇق مۇستەقىل بولۇشنى، بارلىق ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى. 13 - ئىيۇن، ئەزەربەيجان ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنى ساقلاپ قالدى. 14 - ئىيۇن، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىرناس كېڭەش پالاتاسىغا جۇڭگوغا ھەربىي ياردەم بېرىش قانۇن لايىھىسى» نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا جۇڭگو گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە «ئىجارىگە بېرىش قانۇن لايىھىسى» نى داۋاملىق يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى (17 - ئىيۇن). تىرومېن «جۇڭگوغا دېڭىز ئارمىيىسى جەھەتتىن ياردەم بېرىش قانۇن لايىھىسى»گە ئىمزا قويدى. (16 - ئىيۇل). شۇ كۈنى، ئامېرىكا ۋەكىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاتوم قۇۋۋىتى كومىتېتىدا ئاتالمىش «بارۇك پىلانى»نى ئوتتۇرىغ قويدى. 19 - ئىيۇن، فرانسىيىدە گېئورگى. بىدو فرانسىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. 25 - ئىيۇن، فىلىپپىن كوممۇنستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە فىلىپپىن خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئارمىيىسىنىڭ «ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن» جەڭچىلىرى قايتىدىن قوراللىق كۈرەشكە ئاتلاندى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىر تەدبىر ماقۇللاپ، تاللاپ توپلاش سوت مەھكىمىسىنى 1947 - يىل 31 - مارتقىچە ئۇزاتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاممىنىڭ بېسىمى ئاستىدا 900 مىڭغا يېقىن ئەسكەر ھەربىي سەپتىن قايتۇرۇلغانىدى. 26 - ئىيۇن، تىراومېن «فىلىپپىنغا ھەربىي ياردەم بېرىش قانۇنى» غا ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىن ئارمىيىسىنى قۇرۇش ۋە مەشق قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىشى»نى، فىلىپپىن قوراللىق قىسىملىرىنى ئۈزلۈكسىز كونترول قىلىشنى بەلگىلىدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى جۇڭگودا ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش قوزغىدى. 27 - ئىيۇن ئەنگلىيە، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە فرانسىيە تۆت دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى مەسلىھەتلىشىپ دودكېنىس تاقىم ئارىلىنى ئىتالىيىدىن گرېتسىيىگە ئېلىپ بېرىش، ھەمدە ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى برېدا ۋە تانتا رايونىنى فرانسىيىگە بېرىشنى بەلگلىدى. 28 - ئىيۇن، سۈرىيە بىلەن فرانسىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان (22 - ئىيۇن) دىن كېيىن، فرانسىيە ئامرىيىسى سۈرىيىدە ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. 30 - ئىيۇن، پولشا ئومۇم خەلققە ئاۋازغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ سانائەتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش ۋە يەر ئىسلاھاتى پروگراممىسىنى تەستىقلىدى. شۇ ئايدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مال باھاسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. 1946 ئىيۇل 1 - ئىيۇل، ئەنگلىيە ساراۋاك بىلەن برۇنېينى قايتىدىن ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى ۋە ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇۋالدى. شۇ كۈنى (25 - ئىيۇلغىچە)، ئامېرىكا بېنكتا يادرو قوراللىرى سىنىقى ئۆتكۈزۈپ ئاتوم بومبىسىنىڭ ھەربىي پاراخوت ۋە سۇ ئاستى پارتلاش ئۈنۈمىنى تەكشۈردى. 4 - ئىيۇل، فىلىپپىن مۇستەقىللىك جاكارلىدى، فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتى رەسمىي قۇرۇلدى، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن مانىلاردا ئامېرىكا - فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى «ئادەتتىكى مۇناسىۋەت شەرتنامىسى» ئىمزالاندى. 9 - ئىيۇل، تىرومىن ھۆكۈمىتى ستۇئارت لېيتۇننى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلىدى. 11 - ئىيۇل، ياپونىيە ئىچكى كابىنېت يىغىنى «ئىككىنچى قېتىملىق تېرىلغۇ يەر ئىسلاھاتى قانۇن لايىھىسى»نى تۈزۈپ چىقتى. 15 - ئىيۇل، 1945 - يىلى 6 - دېكابردىكى ئەنگلىيە ئامېرىكا مالىيە كېلىشىمىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرومىن بىر قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويۇپ ئەنگلىيە 37 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مال پۇل بەردى. 29 - ئىيۇل، تيەنجىندە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى جياڭ جيېشى قوشۇنلىرىغا ماسلىشىپ ئەنپىڭ بازىرىغا قىلغان ھۇجۇمغا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى تەرىپىدىن چېكىندۈرۇلدى. ئازادلىق ئۇرۇش مەزگىلىدە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئامېرىكا ئارمىيىسى ئازاد رايونغا 40 قېتىمدىن ئارتۇق ھۇجۇم قوزغىدى. شۇ كۈنى (15 - ئۆكتەبرگىچە)، ياۋروپادىكى ئوق مەركىزى دۆلەتلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان 21 دۆلەت پارىژدا سۈلھ يىغىن ئېچىپ، ئىتالىيە، رۇمىنىيە، ۋېنگرىيە، بۇلغارىيە، فىنلاندىيە، قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن سۈلھ تۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى (سۈلھ لايىھسىنى ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى تۆت دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنستىلار يىغىنى تۈزگەن). 1946 ئاۋغۇست 6 - ئاۋغۇست، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جامېس بۇرنېس ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيە قاراتقان سىياسىتى ئۈستىدە نۇتۇق ئېلان قىلىپ، پولشا - سوۋېت چېگرىسىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى. 10 - ئاۋغۇست، مارشالل بىلەن ستۇئارت لېيتۇن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ «مەغلۇبىيەتنى كېلىشتۈرۈش»نى جاكارلاپ، ئامېرىكا بىلەن جياڭ جيېشىنىڭ جۇڭگودا قوزغىغان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ھەقىقىي پاكىتىنى نىقابلىدى. شۇ كۈنى، شىمالىي چاۋشيەن ۋاقىتلىق خەلق كومىتېتىنى سانائەتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش پەرمانىنى ئېلان قىلدى. 27 - ئاۋغۇست، لائوس پادىشاھى شىساۋاڭ فېن فرانسىيە بىلەن «ۋاقىتلىق كېلىشىم» تۈزۈپ، لائوسنىڭ ھىندىچىنى فېدراتسىيىسى ئىچىدىكى ئاپتونومىيىلىك ئورنىنى بەلگىلىدى، فرانسىيە لائوس پادىشاھلىقىنىڭ بىرلىكىنى ۋە پادىشاھنىڭ ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلدى. شۇ ئايدا، فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئۇرۇشتىن كېيىن كامبوردژىنى قايتا ئىشغال قىلۋالغانلىقتىن، كامبوردژا خەلقى قوراللىق قوشۇن تەشكىللەپ كېخمېر مىللىي ئازادلىق كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە پارتىزانلىق ئۇرۇشنى قانات يايدۇرۇۋەتتى؛ رەئىس ماۋزېدۇڭ ئامېرىكا مۇخبىرى سىتروڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكى ۋە بارلىق ئەكسىيەتچىلەرنىڭ ھەممىسى قەغەز يولۋاس دېگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ فىلىپپىن ھۆكۈمىتى فىلىپپىن خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى قوشۇنلىرىغا ھۇجم قوزغىدى، فىلىپپىن كوممۇنىستىك پارتىيىسى ياپونغا قارشى خەلق قوشۇنلىرىنىڭ قايتىدىن قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىشىغا رەھبەرلىك قىلدى. 1946 سېنتەبر 2 - سېنتەبر، ئەنگلىيە باش نازارەتچىسى لوردۋېل رەئىس، جاۋاھىرلال نېھرو مۇئاۋىن رەئىسلىكىدىكى ھىندىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى بايقۇت قىلدى. ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھىندى دىنىدىكىلەر بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ئارقا - ئارقىدىن قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى. 8 - سېتەبر، بۇلغارىيە پۇقرالارغا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق پادىشاھلىق سىياسىي تۈزۈلمىنى بىكار قىلىپ خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى (15 - سېنتەبر). 14 - سېنتەبر، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن فرانسىيە پارىژ يېنىدىكى فونتېنېلودا «فرانسىيە - ۋيېتنام ۋاقىتلىق كېلىشىمى» (يەنە «14 - سېنتەبر كېلىشىمى» دپمۇ ئاتىلىدۇ)نى ئىمزالىدى. 20 - سېنتەبر، ئامېرىكىنىڭ سودا ئىشلىرى مىنستىرى ھېنرى ۋاللېيس ھۆكۈمەتنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش تەلەپ قىلىندى. 26 - سېنتەبر، ئەنگلىيە بىرمىدىكى «مەمۇرىي كومىتېت» نى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە «مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشى» گە ئۆزگەرتىپ تەشكىللىدى، ئەنگلىيىنىڭ بىرمىدا تۇرۇشلۇق باش نازارەتچىسى رەئىسلىككە، ئاڭسەن مۇئاۋىن رەئىسلىككە تەيىنلەندى. 30 - سېنتەبر، نيۇرنبېرگ خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ناتسىستلار رەھبەرلىك گۇرۇھىنى، ئېسئېسچىلار ئەترىتىنى، ئامانلىق ساقلاش باشقارمىسى ۋە گېستاپونى جىنايەتچى تەشكىلات دەپ جاكارلاپ، ئېسئاچىلار ئەترىتى، ئىچكى كابىنېت ۋە ھەربىي شتابىنى كەچۈرۈم قىلدى. 22 نەپەر جاۋابكار ئىچىدە شاخىت، فرىچ ۋە پاپېن كەچۈرۈم قىلىندى، ئون يىل قاماقتا يېتىشتىن تارتىپ ئۆلۈم جازاسىغىچە ھۆكۈم قىلىندى. ھېرمان گېرىنگ ھۆكۈمدىن ئىلگىرى ئۆزىنى ئۆلتۇرۇۋالدى (15 - ئۆكتەبر). سېنتەبر، ھىندىستاننىڭ نېھرو رىياسەتچىلىكىدىكى ھۆكۈمىتى سىككىمگە بېسىم ئىشلىتىپ «ھازىرقى ھالەتكە كاپالەتلىك قىلىش كېلىشىمى» ئىمزالاپ، ئەنگلىيىنىڭ سىككىمدىكى ئىمتىيازلىق ھوقۇقىغا تولۇق ۋارىسلىق قىلدى. شۇ ئاي (نويابرغىچە)، جەنۇبىي چاۋشيەن خەلقى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ھەرقايسى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ساھىللىردىن ئۈچ مىليون ئىشچى ئومۇمىي ئىش تاشلىدى. ئۆكتەبرگە كەلگەندە كۆپلىگەن جايلاردىكى ئىش تاشلاش تەرەققىي قىلىپ قوراللىق قوزغىلاڭغا ئايلاندى. ئامېرىكا ئارمىيىسى قوزغىلاڭنى قانلىق باستۇردى. 1000 دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى تاغلىق رايونلارغا يۆتكىلىپ پارتىزانلىق ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى؛ شۇ ئاي (دېكابرغىچە)، لوندوندا ئېچىلغان ئەرەب دۆلەتلىرى يىغىنىدا ئەرەبلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش تەكلىپى ئوتتۇرىغ قويۇلدى. بازېلدا چاقىرىلغان يەھۇدىي قىساسچىلىرىنىڭ قۇرۇلتىيىدا پەلەستىندە يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇش تەلەپ قىلىندى. 1945 ئۆكتەبر 6 - ئۆكتەبر، ئامېرىكا بىلەن ئىران ھەربىي كېلىشىم تۈزدى. كېلىشىمدە، ئامېرىكا ئوفىتسېرلىرىغا ئىران قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە رەھبەرلىك ھوقۇقى ئىمتىيازلىقىنى بېرىش، ئامېرىكا ھەربىي مەسلىھەتچىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش بەلگىلەندى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئىراننى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىدىغان ھەربىي چوڭ ھوقۇققا ئېرىشتى. 13 - ئۆكتەبر، تايلاند ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھۆكىمىنى قوبۇل قىلىپ، 1941 - يىل كامبودژا ۋە لائوستىن تارتىۋالغان بىرقانچە ئۆلكىنى قايتۇرۇپ بەردى. 22 - ئۆكتەبر، ئىران پارلامېنتى ئىران - سوۋېت نېفىت كېلىشمىنى ئىنكار قىلدى. شۇ ئايدا، مىسر بىلەن ئەنگلىيە «سىدكېگ - بېۋىن مەخپىي كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى. ئەنگلىيە «ھەمكارلىشىش» نامى ئاستىدا، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى داۋاملىق مىسىردا تۇرغۇزۇش، ھەم مىسىرنىڭ سۇۋەيش قانىلى رايونىدىكى ھەربىي بازىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ئىمتىيازىغا ئېرىشىۋالدى. 1946 نويابر 3 - نويابر، ياپونىيە يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قلدى. سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن يۇقىرى پالاتا (يەنى كېڭەش پالاتاسى) نى تەسىس قىلدى. يېڭى ئاساسىي قانۇن 1947 - يىل 3 - مايدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە قىلىندى. 4 - نويابر، ئامېرىكا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن «جۇڭگو - ئامېرىكا دوستلۇق دېڭىز قاتناش سودا كېلىشىمى» (يەنى جۇڭگو ئامېرىكا سودا شەرتنامىسى)نى ئىمزالىدى. بۇنىڭ ئالدى - كەينىدە، ئامېرىكا بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى يەنە ئامېرىكا ئارمىيىسىنى جۇڭگودا تۇرغۇزۇش مەخپىي كېلىشىمى، ھاۋا قاتناش كېلىشىمى، دېڭىز ئارمىيە كېلىشمى، ئىقتىسادىي ياردەم ۋە يېزا ئىگىلىك كېلىشىمى قاتارلىقلارنى ئىمزالىدى. ئامېرىكا جۇڭگودا كۆپلىگەن دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي، سىياسىي، مالىيە، ئىقتىساد قاتارلىق ھەر قايسى تارماقتلىرىنى كونترول قىلۋالدى. 5 - نويابر، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى دۆلەت مەجلىسنىڭ ئىككى پالاتادىكى سايلىمىدا مۇتلەق كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. 8 - نويابر، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ 2 - نۆۋەتلىك مىللىي يىغىن يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللىدى. 10 - نويابر، فرانسىيىدە مىللىي پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. فرانسىيە كوممۇنسىتىك پارتىيىسى 166 ئورۇنغا، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى 103 ئورۇنغا ئېرىشتى. كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن خەلق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئوتتۇرىسىدا كۈچ تەڭپۇڭلۇقىدا قاتمال ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكتىن، 16 - دېكابر ئاندىن ساپ سوتسيالىستلار پارتىيىسى كابىنېتى تەشكىللەندى. 15 - نويابر، گوللاندىيە بىلەن ھىندۇنېزىيە «لىنياناد كېلىشمى» ئىمزالىدى. گوللاندىيە جۇمھۇرىيىتى ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلدى، ھەم ھىندۇنېزىيە فېدېراتسىيىسى قۇرۇش، فېدېراتىيسە ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتى، بونېئونىڭ ھەر قايسى شتاتلىرى ۋە غەربىي بىرلېس تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى قارار قىلىندى. فېدېراتسىيە تەڭ باراۋەرلىك ئاساستا گوللاندىيە بىلەن بىرلىشىپ، گوللاندىيە پادىشاھ جەمەتىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا بولىدىغان بولدى. بۇ كېلىشم 1947 - يىل 25 - مارتتا ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلاندى. 21 - نوياربر، گېئورگى. دىمىتروۋ سوۋېت ئىتتپاقىدىن قايتىپ، بۇلغارىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەندى. 23 - نويابر، فرانسىيىنىڭ ھەربىي فىلوتلىرى ۋيېتنامنىڭ دېڭىز مۇداپىئەسىنى بومباردىمان قىلىپ، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى. 30 - نويابر، ئەنگلىيە ئارمىيىسى ھىندۇنېزىيىدىن چېكىندى. 1946 دېكابر 2 - جامېس ف: بۇرنېس ۋە ئرنېست. بېۋىن ئامېرىكا - ئەنگلىيە ئىشغالىيەت رايونى (يەنى ئاتالمىش قوش ئىشغالىيەت رايونى) دا ئىقتىسادنى بىرلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش توغرىسىدا كېلىشم ئىمزالىدى. 9 - نويابر، ھىندىستان ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى دېھلىدا 1 - قېتىملىق يىغىن چاقىرىپ، ھىندىستاننى «ئۆز - ئۆزىگە خوجا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت» قىلىپ قۇرۇش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى بىلەن ھەر قايسى يەرلىك شتاتلار بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشمىدى. 11 - نويابر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ئىسپانىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاتنىشىشنى مەنئى قىلىشنى قارارقىلدى. ھەم ھەرقايسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىسپانىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى. 19 - دېكابر، فرانسىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى خانويغا بېسىپ كىردى، ۋېيتنام خەلقى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە فرانسىيىگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇۋەتتى. 23 - دېكابر، مالايا مەملىكەتلىك ھەرىكەت كومىتېتى كۇئالا - لۇمپۇردا 1 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، بىرلىككە كەلگەن مالايا قۇرۇش تەلىپى توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى «مالايانىڭ سىياسى تۈزۈملىرى ھەققىدە تەكلىپنامە» (يەنى ئاتالمىش «كۆك تاشلىق كىتاب»)نى ئېلان قىلىپ، «مالايا بىرلەشمە شتاتى»نى «مالايا فېدېراتسىيىسى»نىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، بۇنى ئەنگلىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئايرىدى، سېنگاپور بىرلەشمە شتاتتىن بۆلۈنۈپ چىقتى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە