1942 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار
تارىختىكى چوڭ ئىشلار
يانۋار
1 - يانۋار، فاشىستىك ئوق مەركىزى دۆلەتلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان 26 دۆلەت ۋاشىنگتوندا «بىرلەشكەن دۆلەتلەر خىتابنامىسى» غا قول قويۇپ، فاشىستلارغا قارشى مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلىپ، ئوق مەركىزى دۆلەتلەرگە قارشى ئۇرۇشقا «ئۆزلىرىنىڭ پۈتكۈل ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي بايلىقىنى سەرپ قىلىش» ، «بۇ خىتابنامىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش، دۈشمەن بىلەن ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزمەسلىك ياكى سۈلھ شەرتنامە تۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش» نى جاكارلىدى. كېيىن يەنە 19 دۆلەت بۇ ھۆججەتكە قوشۇلۇپ ئىمزا قويدى. 2 - يانۋار، ئامېرىكا ئارمىيىسى مانىلانى ئىشغال قىلدى، ماكارتۇر ئامېركا ۋە فىلىپپىننىڭ مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنى باشلاپ پاتان يېرىم ئارىلى بىلەن كوررېچىدور قورغىنىغا چېكىندى. 5 - يانۋار، پولشا كوممۇنىستىك نىزمچىلار تەشكىلى پولشا ئىشچىلار پارتىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈردى ھەم «ئىشچى - دېھقان، زىيالىي ۋە پۈتكۈل پولشا ۋەتەنپەرۋەرلىرىگە مۇراجىئەت خېتى» ئېلان قىلىپ، ھەرىكەت پروگراممىسىنى شەرھلەپ،ئىشغالىيەتچىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ۋە فاشىزمغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ كۈرەش نىشانى ۋەتەن زېمىنىنى گېرمانىيە فاشىتلىرىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىن ئازاد قىلىش ۋە ئەركىن، مۇستەقىل خەلق پولشىسى قۇرۇش ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. 8 - يانۋار، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىدا لېنىنگرادتىن جەنۇبتا كاۋكازغىچە بولغان جايلاردىكى توققۇز يۆنىلىش ئارمىيىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، گېرمانىيە ۋە ئۇنىڭ بېقىندى دۆلەتلىرى ئارمىيىسىگە قارشى ئومۇمىي قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى. 1942 - يىل ئاپرېلنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە، گېرمانىيە ئارمىيىسىنى 150 - 400 كىلومېتر چېكىندۈرۈپ، موسكۋا ە تولا ئوبلاستىنى تولۇق قايتۇرۇۋالدى، لېنىنگراد، كالىنىن، سمولېنىسكى، ئورېل، كورسكى، خاركوۋ ئوبلاستلىرىنىڭ ۋە كېرىچ يېرىم ئارىلىنىڭ بىر قسىمىنى قايتۇرۇۋالدى، دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ جەمئىي 50 تىن ئارتۇق دىۋىزىيىسىنى تامار قىلىپ، 800 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەنننى ئۆلتۈردى. ۋە يارىدار قىلدى. 11 - يانۋار، ياپونىيە ئارمىيىسى گوللاندىيىگە قاراشلىق شەرقىي ھىندىستاننى ئىشغال قىلىشقا كىرىشتى. 12 - يانۋار، ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا ئورتاق مۇداپىئە كۆرۈش بىرلەشمە كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى. 13 - يانۋار، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللەر يىغىنى لوندوندا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى جازالاش توغرىسىدا بايانات ماقۇللىدى. 15 - 28 - يانۋار، ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ 3 - قېتىملىق كېڭەش يىغىنى» رىئو - دېى - ژانېيرودا ئېچىلدى، يىغىن «رىئو - دې - ژانېيرو نىزامنامىسى»نى تۈزدى. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئوق مەركىزى دۆلەتلىرىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشى تەشەببۇس قىلىندى، لېكىن چىلى بىلەن ئارگېنتىنا ئىككى دۆلەت 1945 - يىل مارتقا كەلگەندە ئاندىن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 18 - يانۋار، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئوق مەركىزى دۆلەتلەر ئۇرۇش قىلىدىغان رايونلارنى ئايرىش توغرىسىدىكى ھەربىي كېلىشىمگە ئىمزا قويدى. ياپونىيە ئىشغال قىلىدىغان دائىرە شەرقىي مېردىئان 70 گرادۇس شەرقىدىن، ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ غەربىدىكى دېڭىز بويلىرىغىچە بولغان سۇ دائىرىسىنى، ھەمدە ئاۋسترالىيە ۋە مۇشۇ سۇ دائىرىسىنىڭ ئىچىدىكى ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا، ياپونىيىنىڭ دائىرىسى ئورال تاغ تىزمىلىرىنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيىنىڭ ئىشغالىيەت داىرىسى شەرقىي مېردىئان 70 گرادۇس غەربىىدىن، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقىي دېڭىز بويلىرىدىكى يەر كۆلىمىنى ۋە ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. 23 - يانۋار، ياپونىيە ئارمىيىسى جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى يېڭى بېرىتانىيە ئارىى رابورنى ئىشغال قىلدى. 24 - يانۋار، پېرۇ گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى. 25 - يانۋار، ياپونىيە ئارمىيىسى يېڭى ئىرلاندىيە ئارىلىنى ئىشغال قىلدى. شۇ كۈنى، تايلاند ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 26 - يانۋار، ياپونىيە ئارمىيىسى سولومون تاقىم ئاراللىرىنى بېسىۋالدى. 27 - يانۋار، برازىلىيە ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى. برازىلىيە ھۆكۈمىتى برازىلىيە قۇرۇقلۇقىدىكى ھەربىي بازىلىرىنى ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بەردى. 29 - يانۋار، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە ۋە ئىران تېھراندا ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسىگە ئىمزا قويدى. سوۋېت - ئەنگلىيە ئىراننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە سىياسىي مۇستەقىللىكىگە ھۈرمەت قىلدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئىراننىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىماسلىقغا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى، ھەمدە گېرمانىيە بىلەن ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ ئالتە ئاي ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئۆز قوشۇنلىرىنى ئىراندىن چېكىندۈرۈشنى بەلگىلىدى. 31 - يانۋار، ئەنگلىيە ئېفىئوپىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلدى ھەم ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەردى. شۇ كۈنى، ياپونىيە ئارمىيىسى ئامبون ئارىلىنى ئىشغال قىلدى. شۇ ئايدا، ئامېرىكا پۈتكۈل پاناما ساھىلىدىكى رايونلارنى ئۆز كونتروللۇقىغا ئالدى، قانالدىن سىرت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا پانامادا 134 ھەربىي بازىغا ئىگە بولدى.
1942
فېۋرال
1 - فېۋرال، ۋىدكۇن كىسلىڭ نورۋېگىيە قورچاق ھاكىمىيىتىنىڭ «باش ۋەزىر»لىكىگە تەيىنلەندى. كىسلىڭ نورۋېگىيىدە ئاساسىي قانۇننى بىكار قىلىپ (7 - فېۋرال)، مۇستەبىت تۈزۈم ئورناتتى. 4 - فېۋرال، ئەنگلىيىنىڭ باش ئەلچىسى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بىلەن بىرلىكتە ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ مىسىر پادىشاھى فاروقنىڭ خان سارىيىنى قورشىۋالدى ھەم خان سارىيىغا بېسىپ كىرىپ، پادىشاھنى ۋەفدون پارتىيىىنىڭ داھىيسى ناخاسنى ئىچكى كابىنېت تەشكىللەشكە مەجبۇر قىلىپ، ئۇنى ئوق مەركىزى پەرەس ئەلى ماشىر كابىنېتىنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. 6 - فېۋرال، فىلىپپىندىكى ئىلغار كۈچلەر ياپونغا قارشى مەملىكەتلىك مىللىي بىرلىك سەپ قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى، مىللىي بىرلىك سەپكە ياپونىيە ئىشغالىيەتچى دائىرىلىرى تارقىتىۋەتكەن ئىلغار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە دېھقانلار تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار تەشكىلى، دىنىي تەشكىلاتلار، شۇ يەردىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ تەشكىلاتلىرى قاتناشتى. 13 - فېۋرال، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېت ھەيئەت رىياسىتى «ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۇرۇش ۋاقتىدىكى قۇرۇلۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش» توغرىسىدا بۇيرۇق چىقاردى. 15 - فېۋرال، ياپونىيە ئارمىيىسى سىنگاپورنى بېسىۋالدى، 27 - فېۋرال (1 - مارتقىچە)، ياپونىيە بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىم فىلوتى ياۋا دىڭىزىدا دېڭىز ئۇرۇشى قىلدى، ئەنگلىيە بىلەن گوللاندىيىنىڭ بۇ رايوندىكى فىلوتلىرى تارمار بولدى. ياپونىيە ئارمىيىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەربىي ياۋادىكى توز پورتى، بانتام قاتارلىق جايلاردىن قۇرۇقلۇققا چىقتى. شۇ ئايدا، پولشا سەرگەردان ھۆكۈمىتى رەھبەرلىكىدىكى «قوراللىق كۈرەش ئىتتىپاقى» «مىللىي ئارمىيە
» قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى.
1942
مارت
3 - مارت، برازىلىيە ئامېرىكا بىلەن مۇھىم دۆلەت مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى ۋە ئاخباراتلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى. 5 - مارت، ياپونىيە ئارمىيىسى باتاۋىيە (يەنى جاكارتا)نى ئىشغال قىلدى. 7 - مارت، ياپونىيە ئارمىيىسى يېڭى گىۋىنىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. 8 - مارت، ياپونىيە ئارمىيىسى بىرمىنىڭ پايتەختى رانگوننى بېسىۋالدى. 11 - 13 - مارت، ئەنگلىيىنىڭ ئۇرۇش ۋاقتىدىكى ئىچكى كابىنېت ئەزاسى سىتاففورت كرىپپىس ھىندىستاننى زىيارەت قىلىپ، ھىندىستاندىكى سىياسىي پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆكتۈزدى. `12 - مارت، گوللاندىيىنىڭ ھىندۇنېزىيىدىكى باش نازارەتچىسى بىلەن ئارمىيىسى ياپونىيە قوشۇنلىرىغا تەسلىم بولدى. 15 - مارت، ۋېنگرىيىنىڭ پايتەختى بۇدا پېستتائامما ئۇرۇشقا ۋە فاشىزمغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. شۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، ياپونىيىنىڭ غەربكە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىش توغرىسدا ئوتتۇرىغا قويغان پىلانىنى رەت قىلىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ پۈتۈن جەڭگىۋار كۈچىنى سوۋېت ئىتتتىپاقى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىش ئېھتىمالى ئۈچۈن سەرپ قىلىشنى قارار قىلدى. ئاۋسترالىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش تەكلىپىمۇ بىر چەتكە قايرىلىپ قالدى. شۇڭا ھىندى ئوكياندىكى ھەرىكەت پەقەت دېڭىز فىلوتلىرىنى ئەۋەتىپ بېنگال قولتۇقىغا كىرىش، ئاۋىئاماتكىدىن ئۇچقان ئايروپىلانلار بىلەن سەيلوننى بومباردىمان قىلىش بىلەنلا چەكلەندى. 27 - مارت، مېكسىكا ئامېرىكا بىلەن قەرز پۇل ۋە قورال - ياراغ ئىجارىگە بېرىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى. شۇ ئاينىڭ ئاخىرى، لۇسون ئارىلىنىڭ مەركىزىدىكى رايونلاردا فىلىپپىن كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى يارتىزانلار بىرلىشىپ «فىلىپپىن ياپونغا قارشى قوشۇنى» نى قۇردى. شۇ يىلى يازنىڭ ئاخىرلىرىدا «فىلىپپىن ياپونغا قارشى خەلق قوشۇنى» بەش پولىكقا كېڭىيىپ، پامپانگا، بۇلاكان، تارلاك، يېڭى ئەشغا قاتارلىق رايونلارغا تارىلىپ ھەركەت قىلدى. ئوتتۇرا لۇسوندىكى ئازاد رايونلار ئىچىدە دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئورگىنى - «خەلق مۇداپىئە كومىتېتى» قۇرۇلدى؛ ئالبانىيىدە مەملىكەتلىك ئازادلىق كومىتېتى قۇرۇلدى.
1942
شۇ يىلى باھاردا
چاۋشيەننىڭ چېجۇ ئارىلىدا تۇرۇشلۇق ياپونىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى چاۋشيەنلىك ئىشچىلار قوزغىلاڭ كۆتۈردى.
1942
ئاپرېل
3 - ئاپرېل، سۇدان مەملىكەتلىك تەشكىلاتى - «ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيى» (1937 - يىل قۇرۇلغان) سۇدان خەلقىگە ۋەكالىتەن ئەنگلىيىنىڭ باش نازارەتچىسىگە ئەسلەتمە تاپشۇرۇپ، ئۇرۇشتىن كېيىن سۇدانغا دەرھال ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئەنگلىيە دائىرىلىرى بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلمىدى. 9 - ئاپرېل، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىن مۇھاپىزەتچى ئارمىيىسىنىڭ باتان تارماق ئەترىتى تەسلىم بولدى. 11 - ئاپرېل، ھىندىستاننىڭ مىللىي داھىيسى كرىپپىس تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن ھىندىستانغا ئاپتونومىيىلىك ئورۇن بېرىش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلىپ، مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلدى. گەندى «دەرھال ھىندىستاندىن چېكىنىپ چىقىش» ھەرىكىتىنى قوزغىدى. موخانداس كارامچاد گەندى، جاۋاھېرلال نېھرو ۋە ئابۇل كالام ئازاد قولغا ئېلىندى. 18 - ئاپرېل، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى توكيو، ناگويا ۋە كوبېغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. 29 - ئاپرېل، ياپونىيە بىرما تۆمۈر يوللىرىدا باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورناتتى. 30 - ئاپرېل، ياپونىيە ئارمىيىسى شىمالىي بىرمىنىڭ لاشو، بىرما كۆلى تاش يولىنى كېسىپ تاشلىدى.
1942
ماي
1 - ماي، ئىتالىيىنىڭ تۇرىن شەھىرىدە ئىشچىلارنىڭ ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۇرۇشقا قارشى ھەرىكىتى يۈز بەردى. 2 - ماي، ياپونىيە ئارمىيىسى بىرمنىڭ شىمالىدىكى ستراتېگىيلىك مۇھىم جاي ماندالاينى بېسىۋالدى. 7 - 8 - ماي، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ فىلوتلىرى قىزىل دېڭىزدا ئۇرۇشتى. ياپونىيىنىڭ بىر ئاۋىئاماتكىسى 105 ئايروپىلانى چۆكۈپ كەتتى. ۋە پارىلاندى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئامېرىكا بىر ئاۋىئاماتكا، 80 ئايروپىلان چىقىم تارتتى. بۇ قېتىمقى دېڭىز ئۇرۇشى ياپونىيىنىڭ ئاۋسترالىيىگە ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇپ قالدى. 5 - ماي، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ گۋادالكانال تاقىم ئاراللىرىنى ئىشغال قىلىشى ئۇنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشنىڭ ئاخىرقى چېكى بولۇپ قالدى. 6 - ماي، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ كوررېھىدور قورغىنىدكى مۇھاپىزەتچى ئارمىيىسى تەسلىم بولدى. شۇ ئاينىڭ بېشىدا، گىتلېر سوۋېت - گېرمانىيە ئۇرۇش مەيدانىغا 217 دىۋىزىيە، 3200 دىن ئارتۇق تانكا ۋە زەمبىرەك، 3300 دىن ئارتۇق ئايروپىلان توپلاپ جەنۇبىي سەپنى ئاساس قىلىپ 1942 - يىلىدىكى يازلىق ھۇجۇمنى باشلىدى. 12 - ماي، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي - جەنۇبىي يۆنىلىش ئارمىيىسى 40 دىۋىزىيە توپلاپ خاركوۋا رايونىدا قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى، ھۆكۈم قىلىش ۋە قوماندانلىقتا كەتكۈزۈپ قويغانلىقتىن، سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي قىسىمى قورشاۋدا يوقىلىپ (29 - ماي)، سوۋېت - گېرمانىيە ئۇرۇش مەيدانىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى قايتىدىن گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. 13 - ماي، گېرمانىيىدىكى فاشىزمغا قارشىلار بېرلىندىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇيۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمىنى كۆيدۇرۇپ تاشلىدى. 15 - ماي، پولشا خەلق گۋاردىيىسى تۇنجى پارتىزانلار ئەترىتىنى تەشكىللىدى. 20 - ماي، مولوتوۋ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ لوندونغا زىيارەتكە كەلدى. 26 - ماي، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە 20 يىللىق «گىتلېر گېرمانىيىسىگە ھەمدە ئۇنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە قارشى ئۇرۇش جەريانىدا ئىتتىپاق تۈزۈش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن ئۆزئارا ھەمكارلىشىش توغرىسىدا شەرتنامە» تۈزدى. ياۋروپادا 2 - ئۇرۇش مەيدانىنى ئېچىش مەسلىسى توغرىسىدا چېرچېل روزۋېلتنىڭ ئالدى بىلنە ئىپادە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقتىن، ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى. 27 - ماي، چېخوسلوۋاكىيىدىكى گېرمانىيىنىڭ «ھامىيلىق ئەمەلدارى» فاشىستىك ئۇنسۇر رېنھارد ھېيدېرھنى چېخوسلوۋاكىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكتىن، گېرمانىيە فاشسىتلىرى چېخوسلوۋاكىيىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ئېلىپ بېرىپ، بىرقانچە مىڭ ئادەمنى ئېتىپ تاشلىدى. شۇ كۈنى، گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيىنىڭ فاشىستىك ئارمىيىسى مىسىرغا قايتا ھۇجۇم قىلدى، ھەم ئالامېئىن ئەتراپىغا يېقىنلاپ باردى. 29 - ماي، مولوتوۋ ۋاشىنگتونغا زىيارەتكە كەلدى. 30 - ماي، ئامېرىكا روزۋېلت سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 1942 - يىل 2 - ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان» لىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى پارتىزانلار ھەرىكىتىنىڭ مەركىزىي باش شتابىنى قۇردى. شۇ ئاي (1943 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە)، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ياپونىيە ئارمىيىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، گومىنداڭ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا جېقياڭ، جياڭشى، جەنۇبىي خېنەن، جېڭجۇ، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، جېجياڭ، يۈننەن ئەتراپى، غەربىي خۇبېي، شىمالىي خۇنەن قاتارلىق ئۇرۇشلارنى قوزغىدى، گومىنداڭ قوشۇنلىرى ئۈنۈملۈك قارشىلىق كۆرسەتمىدى. شۇ ئايدا، مېكسىكا ئەمگەكچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى ئۇرۇش ۋاقتىدا ئىش تاشلىماسلىق خىتابنامىسى ئېلان قىلدى؛ ئامېرىكىدىكى يەھودىي قىساسچىلىرىنىڭ قۇرۇلتىي «بېرتېمۆر پروگراممىسى»نى ماقۇللاپ، ئەنگلىيىنىڭ 1939 - يىلىدىكى مۇستەقىل پەلەستىن قۇرۇش توغرىسىدىكى پىلانىنى رەت قىلىپ، يەھودىيلار دۆلىتى ۋە يەھودىيلار ئارمىيىسى قورۇشنى تەلەپ قىلدى.
1942
ئىيۇن
1 - ئىيۇن، مېكسىكا گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 4 - ئىيۇن، تىنچ ئوكياندىكى مىدۋېي ئارىلىدا ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا دېڭىز ئۇرۇشى بولدى. ياپونىيە تۆت چوڭ تىپتىكى ئاۋىئاماتكا ۋە بىر ئوكيان چارلاش پاراخوتى، 400 دىن ئارتۇق ئايروپىلان، بىرقانچە يۈز مۇكەممەل تەربىيىلەنگەن دېڭىز ئارمىيە ئۇچقۇچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3500 دىن ئارتۇق دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېر جەڭچى چىقىم تارتتى.ئامېرىكا بىر ئاۋىئاماتكا ۋە بىر ئوكيان چارلاش پاراخوتى، 140 تىن ئارتۇق ئايروپىلان، 300 دىن ئارتۇق ئوفىتسېر - جەڭچى زىيان تارتتى. تىنچ ئوكيان دېڭىز ئۇرۇشىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ئامېرىكىنىڭ قولىغا ئۆتۈشكە باشلىدى. 8 - ئىيۇن، چېرچېل ئەنگلىيىنىڭ شتاب باشلىقلىرىغا كۆرسەتمە بېرىپ، 1942 - يىل ئىككىنچى ئۇرۇش مەيدانىنى ئېچىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا تەييارلانماسلىقىنى ئېنىق بەلگىلىدى. ئۇنىڭ پرىنسىپى: (1) ئەنگلىيە فرانسىيىدە مۇستەھكەم مۇداپىئە تەسىس قىلىشتىن ئىلگىرى، كۆپلىگەن ئەسكىرىي كۈچىنى ئۇ يەردە قۇرۇقلۇققا چىقىشقا ئەۋەتمەسلىك؛ (2) نېمىسلار تېخى سوۋېت ئىتتىپاقىدا يېڭى مەغلۇبىيەت تۈپەيلىدىن ھالىدىن كەتمىگەن ۋاقىتتا، خېلى زور ئەسكىرىي كۈچنى فرانسىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىشقا ئەۋەتمەسلىكتىن ئىبارەت. 9 - ئىيۇن، مولوتوۋ ۋاشىنگتوندىن يەنە لوندونغا قايتىپ كېلىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن 2 - ئۇرۇش مەيدانىنى ئېچىش مەسىلىسىدە قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 11 - ئىيۇن، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھۇل سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىتۋېنوۋ بىلەن سوۋېت - ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش داۋامدىا ئۆزئارا ياردەم بىرىش پرىنسىپى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى. 12 - ئىيۇن، مولوتوۋ موسكۋاغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، سوۋېت - ئامېرىكا ۋە سوۋېت - ئەنگلىيە سۆھبىتى توغرىسىدىكى ئاخباراتنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىپ، «1942 - يىل ياۋروپادا 2 - ئۇرۇش مەيدانىنى ئېچىشتەك جىددىي ۋەزىپىگە قارىتا تولۇق كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان» لىقىنى ئىزھار قىلدى. ياپونىيە ئارمىيىسى ئالېئۇت تاقىم ئاراللىرىدىكى ئوتتۇرا ئارىلىنى ئىشغال قىلدى. 14 - ئىيۇن، مېكسىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1942 - يىلى 1 - يانۋاردىكى خىتابنامىسىگە قوشۇلدى. 18 - ئىيۇن، چېرچېل ئەنگلىيىنىڭ باش شتاب باشلىقى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلدى. ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن شتاب باشلىقلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزدى، چېرچېل 1942 - يىل فرانسىيە زېمىنىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىشقا قارشى تۇرۇپ، «فرانسىيىگە قاراشلىق غەربىي شىمال ئافرىقىسىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى يەنىمۇ تەدبىق قىلىش» نى تەشەببۇس قىلدى. 28 - ئىيۇن، گېرمانىيە فاشىستىك قىسىملىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دون رايونغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى.
1942
ئىيۇل
14 - ئىيۇل، ھىندىستان كونگرېستلار پارتىيىسىنىڭ ئىشچىلار كومىتېتى ھىندىستاننىڭ دەرھال مۇستەقىل بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. 17 - ئىيۇل، گېرمانىيە ئارمىيىسى دون دەرياسى قولتۇقىغا ھۇجۇم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى باشلاندى. بۇ ئۇرۇش ئىككى مەزگىلگە يەنى مۇداپىئە مەزگىلى (1942 - يىل 17 - ئىيۇلدىن 18 - نويابرغىچە) ۋە قايتۇرما ھۇجۇم مەزگىلى (1942 - يىل 19 - نويابردىن 1943 - يىل 2 - فېۋرالغىچە) گە بۆلۈندى. ئومۇمىي ۋاقتى 200 كۈن، ئۇرۇش مەيدانىنىڭ كۆلىمى 100 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، ئىككى تەرەپتىن ئىككى مىليون كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچ، 2000 دىن ئارتۇق تانكا، 2300 دىن ئارتۇق ئايروپىلان، 25 مىڭدىن ئوشۇق زەمبىرەك ۋە مىنامپوت ئىشقا سېلىندى. 18 - ئىيۇل، ئامېرىكا بىەن ئەنگلىيىنىڭ 1942 - يىلىدىكى ھەربىي ھەرىكەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، روزۋېلت مارشال، دېڭىز ئارمىيە شاڭجياڭى كىن ۋە خوپكىنىسىنى لوندونغا ئەۋەتىپ، ئەنگلىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 22 - ئىيۇل، زۇڭتۇڭ روزۋېلت لوندوندا سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان تۇرگود مارشال ۋە ھاررىي خوپكىنىسقا 1942 - يىل تۆۋەندىكى ئۇرۇشتىن بىرنى ئورۇنداش ئارقىلىق، ئۇنى فرانسىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە كۆرسەتمە بەردى: (1) ئەنگلىيە، ئامېرىكا قوشۇنلىرى فرانسىيىگە قاراشلىق شىمالىي ئافرىقىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش؛ (2) ئامېرىكا ئارمىيىسى مەراكەشتەقۇرۇقلۇققا چىقىش؛ (3) ئەنگلىيە، ئامېرىكا نورۋېگىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش؛ (4) مىسىرنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش؛ (5) ئىراننىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش. 24 - ئىيۇل، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ئىككى تەرەپ 1942 - يىل كۈزدە شىمالىي ئافرىقىدا قۇرۇقلۇققا چىقىشنى قارار قىلدى (مەخپىي بەلگە «مەشئەل»گە ئۆزگەرتىلدى. 25 - ئىيۇل، روزۋېلت بۇ پىلاننى رەسىمىي تەستىقلىدى. 25 - ئىيۇل، (31 - دېكابرغىچە)، سوۋېت ئارمىيىسى شىمالىي كاۋكازدا مۇداپىئە ئۇرۇشى ئېلىپ باردى. شۇ ئايدا، كانادا قوشۇنلىرىنىڭ ياۋروپادا ئۇرۇشقا قاتنىشىشنىڭ ھەرىكەت قانۇن لايىھىسى (ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاپ قوللىغاندىن كېيىن) يولغا قويۇلدى. 1942 - يىلى ئىيۇلدىن 1942 - يىلى ئىيۇلغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى 8 - ئارمىيە ۋە يېڭى 4 - ئارمىيە 14 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇقراق ئۇرۇش قىلىپ، دۈشمەننىڭ 130 مىڭ ئادىمىنى يوقاتتى.
1942
ئاۋغۇست
7 - ئاۋغۇست، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى سولومىن تاقىم ئاراللىرىدا قورۇقلۇققا چىقتى. ياپونىيىنىڭ گوئادالكانال ئارىلىدىكى ئايرودرومىنى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىشغال قىلدى. 8 - ئاۋغۇست، ھىندىستان مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك كومىتېتى ئەنگلىيە دائىرلىرى ھىندىستان مىللىي ھۆكۈمىتى قۇرۇشنى رەت قىلان ئەھۋالدا زورلۇقسىز ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. 9 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى موخانداس، كارامچاد گەندى، جاۋاھېرلال نېھرو ۋە ئۇندىن باشقا ھىندىستان كونگرېستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىنى قولغا ئالدى (گەندى 1944 - يىل 6 - مايدا، نېھرو 1945 - يىل 15 - ئىيۇندا قويۇپ بېرىلدى). 12 - 15 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى موسكۋادا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. چېرچېلنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى، ستالىنغا شىمالىي ئافرىقىنىڭ 1942 - يىلدىكى ئەڭ ياخشى 2 - ئۇرۇش مەيدانى بولۇپ، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ 1942 - يىل ئېلىپ بارالايدىغان ئەڭ زور جەڭ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئىدى. چېرچېل بىلەن بىرگە ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ شەخسىي ۋەكىلى ۋىليام ئاۋېرېلل ھارىمان سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولدى. 19 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيە ۋە كانادا قوشۇنلىرى فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى دېپپىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولدى. 22 - ئاۋغۇست، برازىلىيە گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 223 - ئاۋغۇست، گېرمانىيە 2000 دانە ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ ستالىنگرادنى غالجىرانە بومباردىمان قىلدى، شىمالىي يول گېرمانىيە ئارمىيىسى ۋولگا دەريا بويلىرىغا سۈرۈلۈپ كېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ستالىنگراد يۆنىلىش ئارمىيىسىنى ئىككى بۆلەككە ئايرىپ تاشلىدى. 26 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيە دائىرىلىرى ئەنگلىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئورگان گېزىتى «ئىشچىلار گېزىتى» نى تاقاش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.
1942
سېنتەبر
5 - سېنتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە خەلق ھەيئەت ئەزاسى «پارتىزانلىق ھەرىكىتىنىڭ ۋەزىپىسى توغرىسىدا» بۇيرۇق ئېلان قىلدى. 13 - سېنتەبر، گېرمانىيە ئارمىيىسى ستالىنگراد شەھەر رايونىغا بۆسۈپ كىردى، شەھەر رايونىنى تالىشىش ئۇرۇشى باشلاندى (18 - نويابرغىچە). 18 - سېنتەبر، رۇمىنىيە بىلەن تۈركىيە سودا كېلىشىمى تۈزدى. شۇ ئايدا، ئامېرىكا قوشۇنلىرى بېلگىيىگە قاراشلىق كونگونىڭ پايتەختى لېوپولدۋىلغا كىرىپ ئورۇنلاشتى؛ئەنگلىيىنىڭ ئايروپىلان ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرى گېرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ترانسپورت پاراخوتلىرىغا بولغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمىنى كۈچەيتىپ، روممېلغا توشۇلۇۋاتقان زاپاس بۇيۇملارنى توسۇپ قويدى (سېنتەبردە 30 پىرسەنت، ئۆكتەبردە 40 پىرسەنت پاراخوتنى چۆكتۈرۈۋەتتى)؛ شىمالىي ئافرىقىدىكى فاشىستىك قوشۇنلار ھۇجۇمنى توختاتتى.
1942
ئۆكتەبر
9 - ئۆكتەبر، سوۋېت ئارمىيىسى قىسىملاردىكى سىياسىي كومىسسارلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۈردى. 22 - 23 - ئۆكتەبر، «ئەركىن ئاۋسترىيە» تەشكىلاتى فاشىستلاغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئەركىن فرونت قۇرۇش توغرىسىدا چاقىرىق چىقاردى. 23 - ئۆكتەبر (12 - نويابرغىچە)، ئەنگلىيە ئارمىيىسى بېرنارد لاۋ مونتگومېرىنىڭ قوماندانلىقىدا، ئالامېئىندىن گېرمانىيە، ئىتالىيە قوشۇنلىرىغا قارشى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، روممېلنىڭ دىۋىزىيە - پولىكلىرىنى مىسىردىن قوغلاپ چىقاردى. شۇ ئايدا كېنىيىنىڭ مىنباسا تۆمۈر يول ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى.
1942
نويابر
1 - نويابر، ياپونىيە بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ئۆلكىسى تەسىس قىلدى. 2 - نويابر، سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنى تەسىس قىلىپ، گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرى ھەمدە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈردى. 8 - نويابر، داۋىد ئېزىنخاۋېر قوماندانلىقىدىكى ئەنگلىيە - ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيىسى فرانسىيىگە قاراشلىق شىمالىي ئافرىقىدىكى مەراكەش ۋە ئالجىرىيىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئالجىر، ئوران ۋە كاسابلانكانى ئىشغال قىلدى. ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى ستراتېگىيىسى: ئەنگلىيە ئارمىيىسى مىسىرنىڭ غەربىدىن، ئەنگلىيە - ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيىسى غەربىي شىمال ئافرىقىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىش، ئاندىن غەربتىن شەرققە قاراپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، فاشىستىك قوشۇنلارنى شىمالىي ئافرىقىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئىدى. ئەينى ۋاقتىدا شىمالىي ئافرىقىدىكى گېرمانىيە - ئىتالىيە ئارمىيىسىنىڭ سانى: گېرمانىيىنىڭ تۆت دىۋىزىيىسى، ئىتالىيىنىڭ سەككىز دىۋىزىيىسى بولۇپ، جەمئىي 500 تانكا، 300 ئايروپىلان بار ئىدى. قۇرۇقلۇققا چىققان ئامېرىكا ئارمىيىسى ئالتە دىۋىزىيە، ئەنگلىيە ئارمىيىسى بىر دىۋىزىيە بولۇپ، جەمئىي 110 مىڭ ئادەم ئىدى. 11 - نويابر، ۋىشى فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق ئالىي ھەربىي قوماندانى چېئان - فرانسوئېس دارلان فرانسىيە ئارمىيىىسنىڭ قارشلىق كۆرسىتىشىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، گېرمانىيە - ئىتالىيە قوشۇنلىرى فرانسىيىنىڭ ئىشغال قىلىنماي قالغان رايونلىرىنى ئىشغال قىلدى. 12 - نويابر، جەنوبىي تىنچ ئوكيانننىڭ خولومىن تاقىم ئارىلىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىدا ياپونىيىنىڭ بىر ئۇرۇش پاراخوتى، بەش ئوكيان چارلاش پاراخوتى، 12 ترانسىپورت پاراخوتى پاچاقلاپ تاشلاندى. 13 -نويابر، شىمالىي ئافرىقىدىكى ئەنگلىيە ئارمىيىسى لىۋىيىنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى توبروكنى ئالدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئەنگلىيە ئارمىيىسى يەنە بەنى غازىنى ئالدى. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن (يەنى 27 - نويابر)، ئەنگلىيە ئارمىيىسى كىرېنائىكا ۋە ترىپولىتانىيە چېگرىسىغا قاراپ سۈرۈلدى. 19 - 23 - نويابر، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي جەنۈب يۆنىلىش ئارمىيىسى، ستالىنگراد يۆنىلىش ئارمىيىسى ۋە دون يۆنىلىش ئارمىيىسى چوڭ قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، كالاچتا ئۇچرىشىپ، ستالىنگراد رايوندىكى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ 22 دىۋىزىيىسىدىن تەخمىنەن 300 مىڭ ئادىمىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. 25 - نويابر، گرېتسىيە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى گورگاپوتاموس دەرياسىنىڭ كۆۋرۈكىنى پارتلىتىۋەتتى. 26 - 27 - نويابر، يۇگوسلاۋىيىدە فاشىزمغا قارشى خەلق ئازادلىق پارلامېنتى تۇنجى قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى. 26 - نويابر، گىتلېر تولۇن بازىسىدىكى فرانسىيە فلوتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. 27 - نويابر، فرانسىيە ماتروسلىرى تولۇن پورتىدا ئۆزلىرىنىڭ ئومۇمىي سۇ سىقىپ چىقىرىش مىقدارى 225 مىڭ توننا كېلىدىغان ئۈچ ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن سەككىز ئوكيان چارلاش پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 60 تىن ئارتۇق پاراخوتنى سۇغا چۆكتۈرۈۋەتتى. شۇ ئايدا، يۇگوسلاۋىيىدە خەلق ئازادىلىق پارتىزان ئەترەتلىرىنىڭ ئالىي قوماندانلىق شتابى يۇگوسلاۋىيە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى قۇرۇشنى قارار قىلدى؛ مېكسىكا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
1942
دېكابر
1 - دېكابر، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، دېڭىز ئارمىيە شاڭجياڭى جېئان - فرانسوئېس دارلان فرانسىيىگە قاراشلىق شىمالىي ئافرىقىدا فرانسىيىنىڭ دۆلەت باشلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن (23 - دېكابردا) دارلاننى دې گولچى ئۇنسۇرلار مەخپىي ئۆلتۈرۈۋەتتى. 4 - دېكابر، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن پولشا ئۆزئارا ياردەم بېرىش دوستلۇق باياناتى ئىمزالىدى. شۇ ئايدا، برازىلىيە بىلەن ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە ۋە تېخنىكا ياردەم بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى؛ گىتلېر ئەسكىرىي كۈچ توپلاپ مانىستېيىنىڭ قوماندانلىقىدا ستالىنگرادتا مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالغان گېرمانىيە ئارمىيىسنىڭ پائۇلۇس قىسىملىرىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن بولسىمۇ، سوۋېت ئارمىيىسى تەرىپىدىن تارمار قىلىندى.
1942
شۇ يىلى
ئىنرىسو فېرمى ئامېرىكىنىڭ چىكاگو ئۇنىۋېرىستېتىدىكى ئاتوم قازىنىدا زەنجىرسىمان يادرو رېئاكسىيىسىنى تاماملىدى. شۇ يىلى، فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاققا مىېكسىكا، فىلىپپىن ە ئېفىئوپىيە يېڭىدىن ئەزا بولۇشنى قاتناشتى؛ يىل ئاخىرىدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىللىق ئىشلەپ چىقارغان ھەرخىل تىپتىكى ئايروپىلانلىرى 25 مىڭ 500 گە يېتىپ، 1941 - يىلدىكىدىن %60 ئاشتى؛ تانكا ئىشلەپچىقىرىشى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا ئۈچ ھەسسە ئاشتى؛ ئالدىنقى سەپ تەخمىنەن 24 مىڭ 500 تانكىغا ئىگە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە T - 34 تىپلىق تانكا 1 . 66 پىرسەنتىنى ئىگىلىدى.