UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1933 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1933 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 8 - يانۋار ئىسپانىيىدە ھۆكۈمەتسىزلەر بىلەن ئىشچىلار بىرلەشمىچىلىرىنىڭ بارسېلونادا كۆتۈرگەن قوزغىلىڭى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلدى. 13 - يانۋار، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «خوۋېس - كۇتتىڭ بىل قانۇن لايىھىسى»نى ماقۇللىدى. قانۇن لايىھىسىدە مەمۇرىي ھوقۇقىنى فىلىپپىنلىقلار 12 يىللىق مۇددەت بىلەن تۇتىدىغان ئۆتكۈنچى ھاكىمىيەت قۇرۇش بەلگىلەندى. ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرى بىلەن دېڭىز ئارمىيە بازىلىرىنى ساقلاپ قالدى. فىلىپپىن سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەرقانداق ھۆكۈمى ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى. ئىككىنچى ئون كۈندە، ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستاندىكى مىرات سوت ئەنزىسىدە جاۋابكارلارغا قەرەلى ئوخشاش بولمىغان ھالدا مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى. جاۋابكارلار ئىچىدە 14 نەپەر كوممۇنىست بار ئىدى. بىراق سوت مەھكىمىسى جاۋابكارلارنىڭ قانداق «سۇيىقەست»لىك جىنايەت بارلىقىغا ئېنىق ھۆكۈم قىلالمىدى، جاۋابكارلارنى ئاقلاش توغرىسىدىكى نۇتۇقلىرى مۇستەملىكە تۈزۈمىگە بولغان ئۈنۈملۈك پاش قىلىش بولدى. نەتىجىدە مۇستەملىكە دائىرىلىرى قولغا ئېلىنغانلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. 30 - يانۋار، گىتلېر گېرمانىيىنىڭ باش مىنىسىتىرلىقىغا، پاپېن مۇئاۋىن باش مىنستىرلىققا تەيىنلىنىپ، گېرمانىيىدە فاشىستىك دىكتاتۇرا تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەتنىڭ تىكلەنگەنلىكى ياۋروپا ئۇرۇش مەنبەسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسەتتى. ھېرمان گورىك مۇقىم ۋەزىپىسى بولمىغان مىنىستىرلىققا، ۋىلھېلىم فرىك ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىققا، كونىستانتىن فونيورات تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىققا تەيىنلەندى. بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ناتسىستلار پارتىيىسى گېرمانىيە مىللىي خەلق پارتىيىسىنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتى بولدى. 1933 فېۋرال 2 - فېۋرال (14 - ئۆكتەبرگىچە)، 62 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى قاتناشقان خەلقئارا ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنى ئېچىلدى. گىتلېر گېرمانىيىسى 14 - ئۆكتەبر ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى، ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنى ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. 5 - فېۋرال، گوللاندىيىنىڭ «يەتتە ئۆلكە» ناملىق ئوكيان چارلاش پاراختىدىكى ھىندۇنېزىيىلىك ۋە گوللاندىيىلىك ماتروسلار قوزغىلاڭ كۆتۈردى، قوزغىلاڭچى ماتروسلار كېپولاۋەن بوغۇزىدا باستۇرۇلدى. 5 - 17 فېۋرالغىچە فاشىستىك تەشكىلاتلاردىن مەسىلەن، «ئوت كرېست پولكى» (بۇ تەشكىلاتنىڭ رەسمىي كاتتىبېشى گېنېرال فلانسۋا دراك ئىدى)، «فرانسىيە ھەرىكىتى»، «فرانسىيە ئىتتىپاقى»، «ۋەتەنپەرۋەر ياشلار»، پۈتۈن مەملىكەتلىك خرىستىئان دىنى بىرلەشمە جەمئىيىتى، فاشىستىك دېھقانلار ھەرىكىتى كومىتېتى، غەربىي قىسىم كومىتېتى، دېھقانلار پارتىيىسى، فاشىست پەرەس تەنتەربىيە تەشكىلى ۋە ياشلار تەشكىلاتىدىكى فاشىست پەرەس تەنتەربىيە تەشكىلى ۋە ياشلار تەشكىلاتىدىكى فاشىست ئۇنسۇرلار پارىژدا توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۇرۇندى. ھەربىيلەشكەن «ئوت كرېست پولكى» 150 ئايروپىلانغا ئىگە ئىدى. 9 - فېۋرال، پارىژ ئەمگەكچى خەلقى فاشىزمغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى، گرېتسىيە، رۇمىنىيە، تۈركىيە ۋە يۇگوسلاۋىيە «بالقان ئانتانتا دۆلەتلىرى ئەھدىنامىسى»نى ئىمزالىدى. 14 - 16 - فېۋرالغىچە، ئۇششاق ئانتانتا دۆلەتلەر جەنۋەدە يىغىن ئېچىپ، بىر تەشكىلىي ئەھدىنامە تۈزۈپ، دائىمىي ئىشلار كومىتېتى بىلەن دائىمىي ئىشلار كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتىنى تەڭشىدى، ھەمدە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئېلىپ باردى. 24 - فېۋرال، خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنى لىتتون تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ياپونىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلات خېتى قارارىنى ماقۇللاپ، خەلقئارا ئىتتىپاق ئەھدىنامىسى، «بېررىيان - كېللوگ ئەھدىنامىسى» ۋە «ۋاشنگتون توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى» غا ئاساسەن جۇڭگو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. قاراردا ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگودىن چېكىنىپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگودىكى «ياپونىيىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلىق مەنپەئىتى» مۇ ئېتىراپ قىلىندى. 25 - فېۋرال، ئەنگلىيىنىڭ پەلەستىندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىيسى ئەرەبلەر ئوتتۇرىغا قويغان ئەرەبلەرنىڭ يېرىنى سېتىشىنى مەنئى قىلىش ۋە يەھۇدىيلارنىڭ كۆچۈپ كىرىشىنى چەكلەش تەلىپىنى رەت قىلدى. ئەرەب ئىجرائىيە كومىتېتى ئەنگلىيىلىكلەر بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەمدە ئەنگلىيە ماللىرىغا بايقۇت قىلدى. 27 - فېۋرال، گېرمانىيىدە فاشىست ئۇنسۇرلار پارلامېنت بىناسىغا ئوت قويۇش ئارقىلىق كوممۇنىستلارغا زىيانكەشلىك قىلدى، جىددىي ھۆكۈمەت بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، سۆز ئەركىنلىكى، نەشرىيات ئەركىنلىكى ۋە باشقا ئەركىنلىك ھوقۇق مەنپەئەتلىرىگە ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىشنى توختاتتى. فېۋرالدىن مارتقىچە، ئىسپانىيە ئوڭ قاناتتىكى ھەرقايسى پارتىيىلەر ئىتتىپاقىغا قوشۇلدى. 1932 مارت 3 - مارت، گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەئىسى ئىرنىست تېلىمان قولغا ئېلىندى. 4 - مارت، فرانكلىن دېلانو روزۋېلىت ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنلەندى. روزۋېلىت «يېڭى سىياسەت» يولغا قويۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئالدى بىلەن بانكىلارنى رەتكە سالدى. شۇ كۈنى، فرانكلىن دېلانو روزۋېلت لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىگە «ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتى»نى جاكارلىدى. روزېلىت ھۆكۈمىتى 1901 - يىلدىكى كۇبانىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلىشىدىغان «پىلات تۈزىتىلگەن لايىھىسى»نى (31 - ماي) بىكار قىلدى، ھايتى چېكىندۈرۈپ چىقىشنى تەستىقلىدى، مېكسىكىنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە قوراللىق ئارىلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە شەرتنامىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى سودا كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى؛ 5 - مارت، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتى كوممۇنىستلار ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكىلەرنى فاشىزمغا ۋە ئۇرۇشقا قارشى بىرلىك سەپ قۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى؛ گېرمانىيىدە دۆلەت مەجلىسى سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. فاشىستىك ھەرىكەتنىڭ ئەسەبىيلەرچە قۇترىتىشى ئاستىدا گىتلېرنىڭ ناتسىستلار پارتىيىسى سايلامدا 288 ئورۇنغا ئېرىشتى. 6 - مارت، روزۋېلىت ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئامېرىكىدىكى بانكىلارغا تۆت كۈن تىجارەت توختىتىشنى جاكارلىدى، ھەمدە ئالتۇن ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلىپ، ئالتۇن جۇغلانمىسىنىڭ ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. 9 - مارت، ئامېرىكا ئالتۇننى پۇل بىرلىكى قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئامېرىكا دولللىرىنىڭ قىممىتى چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. دۆلەت خەزىنىسىدىن قوشۇمچە ياردەم پۇل ۋە قەرز بېرىش نامى بىلەن چوڭ بانكىلارغا نەچچە مىليارد ئاجرىتىپ بېرىش ئارقىلىق چوڭ بانكىلارنىڭ ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى، 3000 ئائىلىلىك كىچىك بانكا تىجارەت توختاتتى. ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىس تۈپەيلىدىن تەۋرەپ قالغان بانكىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە تۈزۈمى مۇقىملىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. 14 - مارت، گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى قانۇنسىز دەپ جاكارلاندى. 23 - مارت، گېرمانىيە دۆلەت مەجلىسى ھوقۇق بېرىش قانۇنى ماقۇللىدى، قانۇن لايىھىسى بىلەن ھۆكۈمەت مۇستەبىت ھوقۇققا ئىگە بولۇپ، 1937 - يىلى 1 - ئاپرېلدا ناتسىست مۇستەبىت تۈزۈم تىكلەندى. 27 - مارت، ياپونىيە خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى. شۇ ئايدا، ئەنگلىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىشچىلار پارتىيىگە، مۇستەقىل ئىشچىلار پارتىيىسىگە، ھەمكارلىق پارتىيىسىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە ئىشچىلار بىرلەشمىلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ باش مۇدىرىيىتىگە خىتابنامە ئېلان قىلىپ، بىرلىك سەپ قۇرۇپ، گېرمانىيە فاشىزمى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى فاشىزمنىڭ ھۇجۇمىغا زەربە بېرىشنى تەكلىپ قىلدى. 1933 ئاپرېل 1 - ئاپرېل، گېرمانىيىدە ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن يەھۇدىيلار شۇغۇللىنىۋاتقان بارلىق تىجارەت تۈرلىرىگە مەملىكەت خاراكتېرلىك «بايقۇت» قىلىش يولغ قويۇلدى، بۇ يەھۇدىيلارغا قارشى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزمەي داۋام قىلىشىغا ئېلىپ باردى. 3 - ئاپرېل، تايلاند پادىشاھى يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى، ھەم يېڭىدىن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى تەسىس قىلدى. 11 - 19 - ئاپرېلغىچە، گېرمانىيە ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ مۇھىم كاتتىباشلىرىدىن ھېرمان گېرىنگ، فرانزفون پاپېن رىمدا زىيارەتتە بولدى. شۇ ئايدا، ۋېنگرىيىدە زور كۆلەملىك فاشىزمغا قارشى نامايىش بولدى. 1933 ماي 4 - ماي، فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى سىياسىي پارتىيە ياكى ئاممىۋى سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ ئارمىيىگە ئىگە بولۇشىنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. 12 - ماي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى رەتكە سېلىش قانۇنى»نى ماقۇللاپ، يېزا ئىگىلىكىنى تەرتىپكە سېلىش كومىتېتى (3 A كومىتېتى) نى قۇرۇپ، مەھسۇلاتنى ئازايتىش چارىسى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى 1909 - 1914 - يىللىرىدىكى سەۋىيىگە كۆتۈردى. ھۆكۈمەت مۇكاپات پۇلى تارقىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق دېھقانلار بىلەن تېرىلغۇ كۆلىمىنى قىسقارتىش ۋە چارۋىلارنى سويۇش توختامى تۈزدى. بىرىنچى يىلى، بۇغداي تېرىلدىغان يەر كۆلىمى 4 مىليون گېگتار قىسقاردى. 26 - ماي، ئىتالىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى قانۇنسىز دەپ جاكارلاندى. شۇ كۈنى، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ 3 تىن بىر قسىم رايونىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. 28 - ماي، دانتىسگ ئەركىن شەھىرى سايلام ئۆتكۈزدى، ناتىسىستلار پارتىيىسى كېڭەش پالاتاسىدىكى 72 ئورۇننىڭ 39 نى قولغا كەلتۈرۈپ، غەلىبە قىلدى. 20 - ئىيۇن، ناتسىستلار پارتىيىسى دانتسگ ئەركىن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. 31 - ماي، ياپون ئارمىيسى جوڭگونىڭ شەرقىي چاخار، خېبېىينىڭ شەرقىي ۋە غەربىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى «تاڭگۇ كېلىشىمى»نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تۆت ئۆلكىنى بېسىۋالغانلىقىنى قانۇنلاشتۇردى، ھەم جۇڭگونىڭ چاخارنىڭ شىمالىي ۋە خېنەننىڭ شەرقىدىكى كەڭ زېمىنلىرىنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالدى. 1933 ئىيۇن 12 - ئىيۇن (27 - ئىيۇلغىچە) لوندوندا خەلقئارا ئىقتىسادىي يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ئۇرۇش قەرزى ۋە تۆلەم مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلانماستىن، بەلكى پۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدا ئويلانماستىن، بەلكى پۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزمەكچى بولدى، 3 - ئىيۇلغا كەلگەندە روزۋېلىت خەت يېزىپ قارشى تۇرغانلىقتىن يىغىن مەغلۇپ بولدى. 14 = ئىيۇن، پارستا يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت بانكىسى قۇرۇلدى. 16 - ئىيۇن، ئامېرىكا دۆلەت سانائىتىنى قايتا گۈللەندۈرۈش قانۇنىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن دۆلەت سانائىتىنى قايتا گۈللەندۈرۈش كومىتېتى قۇردى. بۇ قانۇن لايىھىسىگە ئاساسەن، ئامېرىكا سانائىتى 17 تارماققا ئايرىلدى، ھەربىر تارماق ئۆز ئالدىغا «ئادىل رىقابەت نىزامى» تۈزۈپ چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى، ئىش ھەققى سەۋىيىسى، خىزمەت كۈنى ئۆلچىمى، ھەر قايسى شىركەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى جازا تەقسىماتى بەلگىلەندى. بىرىنچى يىلى ئامېرىكىدىكى %95 سودا - سانائەت كەسىپلىرى بۇ «نىزام»نى قوللاندى. 20 - ئىيۇن، تايلاند خەلق پارتىيىسىدىن گېنېرال پىيابوھول سېنا ۋە باشقا ئوفىتسېرلار سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنى ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلاپ، مىللىي پارلامېنتنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈردى، پىيابوھول باش مىنىستىر بولدى. شۇ كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئاق دېڭىز - بالتىق دېڭىزى قانىلىنى قېزىشنى باشلىدى. 22 - ئىيۇن، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى قانۇنسىز دەپ جاكارلىدى. شۇ ئايدا، ۋېنگرىيە باش مىنىستىرى گۆمبۆس بېرلىندا زىيارەتتە بولدى، ئىيۇلدا يەنە رىمنى زىيارەت قىلدى. گېرمانىيىنىڭ ۋېنگىرىيىنىڭ زېمىن تەلىپىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. 1933 ئىيۇل 3 - 5 - ئىيۇل، لوندوندا ئىقتىسادىي يىغىن ئېچىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىستونىيە، لاتۋىيە، پولشا، رۇمىنىيە، تۈركىيە، ئىران، ئافغانىستان، چېخوسلوۋاكىيە، يۇگوسلاۋىيە، لىتۋا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى «تاجاۋۇزچىلىق تەرىپى توغرىسىدا ئەھدىنامە» ئىمزالىدى. 14 - ئىيۇل، گىتلېر ھۆكۈمىتى دۆلەت سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنى گېرمانىيىدىكى بىردىنبىر سىياسىي پارتىيە دەپ جاكارلىدى. 15 - ئىيۇل، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيىدىن ئىبارەت تۆت كۈچلۈك دۆلەت ئەھدىنامىسىنى ئىمزالىدى، لېكىن ئەمەلىي خەلقئارا ئىشلاردا بۇ تۆت كۈچلۈك دۆلەت ئەھدىنامىسىنىڭ ھېچقانداق رولى بولمىدى. شۇ كۈنى، گېرمانىيە سانائەتتە مەجبۇرىي تۈزۈمدىكى كارتېل قانۇنىنى يولغا قويۇشنى ئېلان قىلدى. شۇ ئايدا، رۇمىنىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى؛ جەنۇبىي ئافرىقا فېدېراتىپى ئىجارىكەش دېھقانلار قانۇنىنى يولغا قويدى. 1933 ئاۋغۇست 5 - ئاۋغۇست، پولشا بىلەن دانتسگ شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېلىشىم ئىمزالىدى. ئەمدىلا ناتسىستلار پارتىيىسى كونتروللۇقىغا ئالغان دانتسگ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى دانتىگدىكى پولشىلىقلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا قوشۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى پولشىنىڭ دېڭىز قاتناش سودىسىنىڭ دانتسگ پورتىدا مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلىشىگىمۇ قوشۇلدى. 12 - ئاۋغۇست، كۇبانىڭ مۇستەبىتى گېراردوما چادومورالېس ئاغدۇرۇلۇپ، ئورنىغا ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر قورچىقى گارلوس مانئۇئېل دې سېسپېدېس تەختكە چىقتى. يازدا پولشىنىڭ كراكوۋ ۋە لىۋوۋ دېھقانلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. 1933 سېنتەبر 5 - سېنتەبر، كۇبادا يېڭىدىن دۆلەت سىياسىي ئۆزگىرىشى بولدى. سىياسىي ئۆزگىرىشكە كۇبا ئۇششاق بۇرژۇئازىيىلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە فۇلگېنسئو باتسىستا رەھبەرلىكىدىكى ئارمىيە قاتناشتى، سىياسىي ئۆزگىرىشتە دې سېسپېرېسنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، پروفېسسور رامون گرائۇسان مارتىن رەھبەرلىكىدىكى بىرقەدەر دېموكراتىك ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. يېڭى ھۆكۈمەت «كۇبا - كۇبالىقلارنىڭ كۇباسى» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى دېموكراتىك تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا پروفېسسور سان مارتىن ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى. 14 - سېنتەبر، تۈركىيە بىلەن گرېتسىيە ئون يىللىق ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 21 - سېنتەبر (23 - دېكابرغىچە)، گېرمانىيە «پارلامېنت بىناسىغا ئوت قويۇش ئەنزىسى» توغرىسىدا لېيپسىگ سوتى ئېچىلدى، دىمتروۋ سوت مەھكىمىسىنى فاشىستلارنى پاش قىلىدىغان مۇنبەرگە ئايلاندۇردى، ئاخىرىدا گىتلېرچىلارنىڭ ئوينىغان سوت قىلىش كومېدىيىسى شەرمەندىلىك بىلەن ئاخىرلاشتى. 1933 ئۆكتەبر 4 - ئۆكتەبر، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ سودەت نېمىسلار رايونىدىكى دۆلەت سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى ھۆكۈمەت پەرمان چۈشۈرۈپ ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىش ھارپىسىدا ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتتى. ئارقىدىنلا تېزلىك بىلەن يەنە سودەت «گېرمانلار پارتىيىسى» دېگەن نام بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ناتسىسىزمنى يولغا قويدى. ئۇنىڭ داھىيسى كوفراد ھېنلېن ئىدى. 11 - ئۆكتەبر، تايلانددا بوۋارادېت شاھزادە باشچىلىقىدىكى بەگ، ئەمەلدار ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ مەغلۇپ بولدى، سىياسىي ئۆزگىرىشكە رەھبەرلىك قىلغۇچىلار ئارىسىدىن بىرقانچىسى قولغا ئېلىندى، قالغانلىرى چەت ئەلگە قېچىپ كەتتى. 1934 - يىل 12 - يانۋار تايلاند پادىشاھسى ياۋروپاغا ئۇزۇن مۇددەتلىك زىيارەتكە چىققانچە ۋەتىنىگە قايتمىدى 14 - ئۆكتەبر، گېرمانىيە ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى، 23 - ئۆكتەبر يەنە خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ ئايدا، مېكسىكىدا ئىشچى - دېھقانلار باش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى. 1933 نويابر 8 - نويابر، ئافغان پادىشاھى مۇھەممەت نادىر شاھ زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، شاھزادە مۇھەممەت زايىر شاھ تەختكە چىقىپ دادىسىنىڭ سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. 16 - نويابر، فرانسىيە بىلەن سۈرىيە شەرتنامە تۈزدى. شەرتنامىدە فرانسىيە سۈرىيىنىڭ تۆت يىل ئىچىدە خەلقئارا ئىتتىپاققا قاتنىشىشنى قوللاش، سۈرىيە 25 يىلغىچە فرانسىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقنى ساقلاش بەلگىلەندى. شۇ مەزگىل ئىچىدە فرانسىيە سۈرىيىنىڭ دىپلوماتىيە، ھەربىي ۋە مالىيىسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى. 17 - نويابر، ئامېرىكىنىڭ روزۋېلت ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن ئىزچىل چىك تۇرۇپ كەلگەن «ئېتىراپ قىلماسلىق سىياسىتى» گە خاتىمە بەردى. شۇ ئايدا بىرلىككە كەلگەن ھىندىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلۇپ، مەركىزىي كومىتېتىنى سايلاپ چىقتى. جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى كۈرەش ۋەزىپىسىنى ئېنىق بېكىتتى. شۇ يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا ئەزا بولۇپ كىردى. 1933 دېكابر 3 - 26 - دېكابرغىچە ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى مونتېۋىدېودا 7 - قېتىملىق پان ئامېرىكا يىغىنىنى ئاچتى. 12 - دېكابر، ئىتتىپاق كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى كوللېكتىپ بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش توغرىسىدا قارار ماقۇلللىدى. شۇ ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن فرانسىيە شەرق ئەھدىنامىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى فرانسىيىگە سوۋېت ئىتتىپاقى، فرانسىيە، بېلگىيە، چېخوسلوۋاكىيە، پولشا ۋە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۇلار قاتناشقان ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى ئىمزالاش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. شۇ يىلى دانىيىنىڭ شىمالىي شېلېزۋىگدىكى گېرمانلار توپىلاڭ كۆتۈردى، ئارگېنتىنانىڭ شەرقىي شىمال ئۆلكىسىدە رادىكاللار قوزغىلاڭ كۆتۈردى، بۇ قوزغىلاڭ ئاخىرى 1934 - يىلى مەغلۇپ بولدى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە