1941 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار
تارىختىكى چوڭ ئىشلار
يانۋار
يانۋارنىڭ بېىشىدا، ئەنگلىيە ئارمىيىسى شىمالىي ئافرىقىدا لىۋىيىنىڭ كىرېنائىكاغا بېسىپ كىرىدى. 5 - يانۋار، بالبوئادىكى ئىتالىيە قوشۇنلىرى ئەنگلىيە ئارمىيىسىگە تەسلىم بولدى، ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئىتالىيىنىڭ 25 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسىنى ئەسىرگە ئالدى، زور مىقداردىكى ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىگە ئىگە بولدى. 6 - 12 - يانۋار، جياڭ جيېشى قوشۇنلىرى ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرى - يېڭى 4 - ئارمىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، «جەۇنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسى» نى پەيدا قىلدى. 8 - يانۋار، زۇڭتۇڭ روزۋلت تۆت كىشىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، مۇداپىئە ئىشلىرىنى ماسلاشتۇردى. 13 - يانۋار، ۋيېتنام ئەسكەرلىرى دۇلاڭدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ فرانسىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرىگە قارشى تۇردى. 21 - يانۋار، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە كوممۇنىسىتك پارتىيىسىنىڭ ئورگان گېزىتى «ئىشچىلار گېزىتى» نى پېچەتلىدى. 22 - يانۋار، ئەنگلىيە ئارمىيىسى لىۋىيىنىڭ توبرۇكىنى ئىشغال قىلدى، ئىتالىيە گېنېرالى دېرنا 24 - يانۋار ئەنگلىيە ئارمىيىسىگە تەسلىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىتىلغان «ئەخلاقىي جەھەتتىكى ئىمبارگو»نى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. 13 - يانۋار، ياپونىيىنىڭ قوللاپ ياردەم بېرىشى ئارقىسدا، تايلاند بىلەن فرانسىيىگە قاراشلىق ھىندىچىنى ئوتتۇرىسىدا، ئىككى تەرەپ دۈشمەنلىك ھەرىكەتلەرنى ئاخىرلاشتۈرۈش توغرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. ياپونىيە ھىندىچىنىنىڭ گۈرۈچ، كاۋچۇك، كۆمۈر ۋە كان مەھسۇلاتلىرىنى قولغا كەلتۈردى ھەم ھىندىچىنىدا ھەربىي ئىشغالىيەت ئورناتتى. شۇ ئايدا، سۇدان قوشۇنلىرى ئەنگلىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ قوماندانلىقىدا ئىتالىيە ئارمىيىسىنى سۇداندىن قوغلاپ چىقاردى. ئىتالىيە قوشۇنلىرى ئېرېترىيىگە چېكىندى؛ برازىلىيە بىلەن ئامېرىكا ئامېرىكىنىڭ برازىلىيىگە قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنى ئەۋەتىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزدى؛ ئەنگلىيە فېدېراتىسىيىسىنىڭ قوشۇنلىرى شەرقىي ئافرىقىدا قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى (مايغىچە).
1941
فېۋرال
6 - فېۋرال، ئەنگلىيە ئارمىيىسى كىرېنائىكانىڭ غەربىدىكى ئارگولا رايونىدا ئىتالىيىنىڭ گرازىئان قىسىملىرىنى تارمار قىلىپ، ئىتالىيە ئارمىيىسىنىڭ 130 مىڭدىن ئارتۇقراق ئادىمىنى ئەسىرگە ئالدى. 7 - فېۋرال، ئەنگلىيە ئارمىيىسى يەنى غازنى ئىشغال قىلدى. 9 - فېۋرال، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ليۇكسېمبورگنى يۇتۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى. 10 - فېۋرال. ئەنگلىيە رۇمىنىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزدى. 11 - فېۋرال، گېنېرال ئېرۋىن روممېل قوماندانلىقىدىكى گېرمانىيىنىڭ «ئافرىقا يۆنىلىش ئارمىيىسى» بىلەن ھاۋا ئارمىيە 10 - ئەترىتىنىڭ بىر قىسىمى لىۋىيىگە يېتىپ كېلىپ، شىمالىي ئافرىقىدىكى فاشىستلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مەغلۈبىيەت ۋەزىيىتىنى ئوڭشىدى. 14 - فېۋرال، زۇڭتۇڭ روزىۋېلىت ياپونىچىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى نومۇراكىچىسا بۇرونى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى رەسىمىي ئوتتۇرىغا قويدى. 17 - فېۋرال، بۇلغارىيە بىلەن تۈركىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق خىتابنامىسى ئېلان قىلدى. 25 - 26 - فېۋرال، گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام، زائاندام فېرجىن، ھارلېم، ئوترېخت ۋە شىمالىي قىسىمىدىكى بەزى ئۆلكىلەردە ئاممىۋى خاراكتېرلىك فاشىزمغا قارشى ئىش تاشلاش بولدى.
1941
مارت
1 - مارت، بۇلغارىيە گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە فاشىستىك دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسىگە قاتناشتى. 5 - مارت، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك مىنىستىرلىكىنىڭ رۇخستىنى ئالماي تۇرۇپ كارخانىلاردىن ئايرىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 7 - مارت، ياپونىيىدە ئايرىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 7 - مات، ياپونىيىدە ماتسوكا كابىنېتى «دۆلەت مۇداپىئە ئامانلىق ساقلاش قانۇنى»نى ئېلان قىلدى. 11 - مارت، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «پۇل قەرز بېرىش ۋە قورال - ياراغ ئىجارىگە بېرىش» قانۇن لايىھىسى (يەنى «ئىجارىگە بېرىش قانۇن لايىھىسى») رەسمىي نامى «ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە قانۇن لايىھىسى»نى ماقۇللىدى. قانۇن لايىھىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسىگە دائىر ماددىي ئەشيالارنى سېتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ئىجارىگە بېرىشتە، زۇڭتۇڭ ئۇنىڭ مۇداپىئە جەھەتتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسىگە نىسبەتەن ئەھمىيىتى زور دەپ قارىغان» دۆلەتلەرگە بېرىش، ياردەمدىن بەھرىمەن بولغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بولۇش ھەم ھەربىي ھەرىكەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنە «قەرز ئالغان پۇل ياكى ئىجارە ئالغان» قورال ۋە ماددىي ئەشيالارنىڭ ئېشىپ قالغىنىنى قايتۇرۇۋېتىش بەلگىلەندى. يېتىم قالدۇرغۇچىلار گۇرۇھىي بۇ لايىھىگە تۈزىتىش پىكىرىنى بېرىپ، ئامېرىكا پاراخوتلىرىنى قورال ۋە ئۇرۇش ئەشيالىرىنى توشۇشقا ئىشلىتىشنى، ئامېرىكا پاراخوتلىرىنىڭ ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايونلاردا قانىماسلىقنى بەلگىلىدى. دۆلەت مەجلىسى بىر قېتىمدىلا 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى «ئىجارىگە بېرىش قانۇن لايىھىسى» نىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا ئاجراتتى. شۇكۈنى ۋىشى فرانسىيىسى تايلاند بىلەن ھاسىل قىلغان بىر كېلىشىمى 9 - ماي توكيودا ئىمزالاندى. تايلاند مېگۇڭخې دەرياسىنىڭ غەربىدىكى لائۇسنىڭ باڭتۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ھەمدە كامبودژىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى قولغا كەلتۈردى. 14 - مارت، ئامېرىكا مېكسىكا بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى ئىمزالاپ، تاسادىپىي تاجاۋۇزغا ئۇچراپ قالغاندا ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى بەلگىلىدى. 25 - مارت، يۇگوسلاۋىيە باش مىنىستىرى داراگا سۋېتكوۋىچ ۋېنادا يۇگوسلاۋىيىنىڭ گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە فاشىستىك دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ئىتتىپاق قاتنىشىش كېلىشىمنامىسىگە قول قويدى. بۇنىڭ بىلەن يۇگوسلاۋىيە ئەمەلىيەتتە فاشتىك دۆلەتلەرنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالدى. 27 - مارت، يۇگوسلاۋىيىدە گېنېرال دۇشان سىموۋىچ باشچىلىقىدىكى ئوفىتسېرلار گۇرۇھى گېرمانىيىگە قارشى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى. ياش پېتېر II پادىشاھ بولدى. ئىچكى كابېنېت يۇگوسلاۋىيىنىڭ بىتەرەپ سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا ھەربىي شتابلىرىنىڭ مەخپىي سۆھبىتىگە قاتناشقۇچىلار ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەخپىي سۆھبىتىگە قاتناشقۇچىلار ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەخپىي سۆھبىتىگە قاتناشقۇچىلار ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئۇرۇش قىلىش پىلان دوكلاتىنى يەنى (ABC-I» (American-British-Conuersationsn» پىلاننى
بىردەك ماقۇللىدى. پىلان ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بارلىق «ئوق مەركىزى دۆلەتلەر»گە قارشى تۇرۇش ستراتېگىيىسى (گەرچە بۇ ۋاقىتتا ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا تېخى دۈشمەنلىشىپ ئۇرۇشقا قاتناشمىغان بولسىمۇ) نى بەلگىلەپ، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى ياۋروپاغا توپلاپ، گېرمانىيىگە قارشى تۇرۇش، گېرمانىيە تارمار قىلىنىشتىن ئىلگىرى يىراق شەرق ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا مۇداپىئەدە تۇرۇشنى بېكىتتى. شۇ ئايدا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھۇل ياپونىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نومۇراكىچىسا بۇرو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى؛ مېكىسىكا ئىش تاشلاش ھوقۇقىنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى، گېرمانىيە «ئافرىقا بىڭتۈەنى» بىلەن ئىتالىيە ئارمىيىسى شىمالىي ئافرىقىدا ئەنگلىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قوزغىدى، ئەنگلىيە ئارمىيىسى لىۋىيە - مىسىر چېگرىسىغا چېكىندى. (15 - ئاپرېل).
1941
شۇ يىلى باھاردا
ھىندۇنېزىيىدە مەخپىي ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلات - «فاشىزمغا قارشى خەلق ھەرىكىتى» قۇرۇلدى، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى سومنېر ۋېللېس سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كونستانتىن ئومانسكىغا گېرمانىيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1941
ئاپرېل
1 - ئاپرېل، ئىراقتاراشىد ئەلى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئوق مەركىزى پەرەس ئىچكى كابىنېت قۇردى. 5 - ئاپرېل، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يۇگوسلاۋىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 6 - ئاپرېل، ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئېفىئوپىيىدە ئىتالىيە ئارمىيىسىنى تارمار قىلدى. ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئېفىئوپىيىنىڭ پايتەىتى ئەددس - ئەببىگە كىرىپ ئورۇنلاشتى. شۇ كۈنى، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە قوشۇنلىرى يۇگوسلاۋىيە بىلەن گرېتسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدى. بۇلغارىيە، گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە تەرەپتە تۇرۇپ يۇگوسلاۋىيىگە ھۇجۇم قىلدى. 7 - ئاپرېل، ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى ماتسۇكا گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، يەنە موسكوۋاغا بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سوۋېت - ياپونىيە شەرتنامىسىنى تۈزۈش سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. 9 - ئاپرېل، ئامېرىكا بىلەن دانىيە كېلىشىم ئىمزالىدى، گرېنلاندىيە ئامېرىكىنىڭ ھىمايە قىلشىنى قوبۇل قىلدى، ئامېرىكا گرېنلاندىيىدە دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە بازىسى ياساش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. 10 - ئاپرېل، كروئاتىيىدىكى فاشىستىك ئۇنسۇرلار گىتلېر ۋە مۇسسولىننىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، كروئاتىيىنىڭ يۇگوسلاۋىيىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى ھەم بوسىنىيە ۋە ھېرتسېگوۋىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كروئاتىيە دۆلىتىنى قۇردى. 11 - ئاپرېل، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى كېڭەيتىلىپ، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى «بىخەتەر جايلار» دەپ ئاتالغان ئاتلانتىك ئوكيان چارلاش مۇداپىئە رايونلىرى غەربىي مېردىئان 60 گرادۇستىن شەرققە 26 گرادۇس سوزۇلدى. 13 - ئاپرېل، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيە بىتەرەپلىك شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 17 - ئاپرېل، يۇگوسلاۋىيە ئارمىيىسى گېرمانىيىگە تەسلىم بولدى، ئۇرۇشتا 30 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق قوشۇننىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقى جاكارلىدى. 20 - ئاپرېل، گېرمانىيە ئارمىيىسى بېلگرادنى ئىشغال قىلدى. يۇگوسلاۋىيە ھۆكۈمىتى مىسىرغا قېچىپ كەتتى. كېيىن ئەنگلىيىگە يۆتكەلدى. يۇگوسلاۋىيە بۆلۈشۈۋېلىندى؛ ېرۋىيىنى گېرمانىيە بىۋاسىتە ئىگىلىدى؛ مونتېنېگرو، كروئاتىيىنىڭ دېڭىز ساھىلى رايونلىرىنى ۋە سلوۋېنىيىنىڭ جەنوبىي قىسىمىنى ئىتالىيە ئىگىلىدى، سلوۋېنىيىنىڭ شىمالىي قىسمى گېرمانىيىگە، ياچكا ۋېنگرىيىگە، ۋاردار دەرياسى ئېقىمىدكى ماچىدون بۇلغارىيىگە قۇشۇۋېتىلدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا بىلەن كانادا ھەربىي ئىشلەپچىقىرىشتا ھەمكارلىشىش كېلىشىمى تۈزدى. گېرمانىيە، ئىتالىيە ئوق مەركىزى دۆلەتلىرىنىڭ ئارمىيىسى توبرۇكتىكى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى مۇھاسىرىگە ئالدى ھەم مىسىر چېگرىسىغا قىستاپ باردى (29 - ماي). 21 - ئاپرېل، ئەنگلىيە ئارمىيىسى گرېتسىيىدىن چېكىندى. 65 مىڭ كىشىلىك يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى ئارمىيىدىن 50 مىڭ كىشى چېكىنىپ چىقتى، ئېغىر تىپتىكى قورال ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى تاشلىۋېتىلدى. 27 - ئاپرېل گېرمانىيە ئارمىيىسى ئافىنانى ئىگىلىدى.
1941
ماي
2- ماي، ئىراقنىڭ ئوق مەركىزى پەرەس باش ۋەزىرى راشىد ئەلى گېرمانىيىدىن ياردەم سورىدى. ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئىراققا كىرىپ، قايتۇرما زەربە بەردى. شۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەخپىي يىغىنى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى. 5 - ماي، ئېفىئوپىيىنىڭ پادىشاھى خەيلې. سېلاسسې I ئەددىس - ئەبېبگە قايتىپ كېلىپ، ۋەتىنىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 6 - ماي، ئامېرىكىنىڭ روزۋېلت ھۆكۈمىتى «ئىجارىگە بېرىش قانۇن لايىھىسى»نىڭ جۇڭگوغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، ياپونىيە بىلەن فرانسىيىگەقاراشلىق ھىندىچىنى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ئالاقە ئىشلىرىغا دائىم كېلىشم ئىمزالىدى. 10 - ماي، گىتلېرنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچىسى رودولف ھېس ئايروپىلان بىلەن ئەنگلىيىگە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە بېرىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىندى. شۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگلىيە - فېدېراتسىيە ئارمىيىسى ئىتالىيىگە قاراشلىق ئېرېترىيە بىلەن سومالىنى ئىشغال قىلدى. 15 - ماي، نورۋېگىيىدە 43 ئاممىۋى تەشكىلات گېرمانىيە ۋالىيىسى يوسېف تېر بوۋېنغا ئىشغالىيەتچى ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ زوراۋنلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن نارازىىق خېتى تاپشۇردى. 17 - ماي، ئىسلاندىيە پارلامېنتى ئىسلاندىيىنىڭ دانىيىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 19 - ماي، ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە ھەرقايسى ۋەتەنپەرەر تەشكىلاتلار بىرلىشىپ ۋېيتنام مۇستەقىل ئىتتىپاقى (ۋيېتنام ئىتتىپاقى) نى قۇردى. 20 - ماي، گېرمانىيىنىڭ ھاۋا ترانسىپورت قىسىملىرى كرېت ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى. شىددەتلىك ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيە ئارمىيىسى كرېت ئارىلىنى تولۇق ئىشغال قىلدى (2 - ئىيۇن). ئەنگلىيە ئارمىيىسى سىپروس ۋە مىسىرغا چېكىندى. 26 - ماي فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كان ئىشچىلىرى ئىككى ھەپتىلىك ئىش تاشلىدى. 27 - ماي، ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن دېڭىز فلوتى گېرمانىيىنىڭ «بىسمارك» نامىلىق ئۇرۇ پاراخوتىنى چۆكتۈۈۋەتتى. شۇ كۈنى، زۇڭتۇڭ روزىۋېلت دۆلەتنىڭ پەۋقۇلئاددە جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى. 27 - 28 - مايغىچە، ۋىشى فرانسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن گېرمانىيە ھەربىي ياردەم بېرىش كېلىشىمى يەنى «پارىژ كېلىشمى»نى ئىمزالىدى. ۋىشى ھۆكۈمىتى گېرمانىيىنى ھەربىي جەھەتتە قوللاشقا ۋەدە بەردى. 31 - ماي، ئەنگلىيە ئارمىيىسى باغداد ئايرودورومىنى بومباردىمان قىلغاندىن كېيىن، باغداد شەھىرىگە كىردى. ئوق مەركىزى دۆلەت پەرەس ئىراق ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلدى.
1941
ئىيۇن
4 - ئىيۇن، ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئاساسلىق نېفىت بازىسى موسۇلنى ئىگلىدى. ئىراق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئەنگلىيە بىلەن دوستانە ھاكىمىيەت تىكلىدى. 6 - ئىيۇن ياپونىيە قوماندانلىق شتابى جەنۈبتىكى دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدا سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇش تېزىسلىرى»نى ماقۇللىدى. 8 - ئىيۇن، ئەنگلىيە ئارمىيىسى ۋە ئەركىن فرانسىيە قىسىملىرى سۈرىيە بىلەن لىۋانغا كىردى. 9 - ئىيۇن، گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىدا ئىقتسادىي تالان - تاراج ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە قوماندانلىق شتابى - «شەرق بۆلۈمى» نى تەسىس قىلدى. 16 - ئىيۇن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى گېرمانىيە كونسۇلخانىلىرىنى تاقاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئۈچ كۈندىن كېيىن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن ئوق مەركىزى دۆلەتلەر كونترول قىلۋاتقان ياۋروپا ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى كونسۇلخانىلىرىنى تاقىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. 18 - ئىيۇن، گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە «دوستلۇق ۋە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» ئىمزالىدى. 22 - ئىيۇن، تاڭ سەھەر سائەت تۆتتە، فاشىستىك گېرمانىيە بىلەن ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتىدىكى بېقىندى دۆلەتلەرنىڭ فىنلاندىيە رۇمىنىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر 190 دىۋىزىيە (بۇنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە ئارمىيىسى 153 دىۋىزىيە)، 3700 دىن ئارتۇق تانكا، 4900 دىن ئارتۇق ئايروپىلان، 190 دىن ئارتۇق ئۇرۇش پاراخوتىنى ھەرىكەتكە سېلىپ، شىمالدا بالتىق دېڭىزدىن تارتىپ جەنۇبتا قارا دېڭىزغىچە سوزۇلغان 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق سوزۇلغان لىنىيىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەڭ كۆلەملىك تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى باشلاندى. بىر يېرىم سائەتتىن كېيىن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئارقىلق سوۋېت ئىتتىپاقىغا رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلدى. ئارقىندىنلا، ئىتالىيە، رۇمىنىيە، فىنلاندىيە، سلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى ۋە ۋېنگرىيىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى. ۋىشى ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى. ئۇرۇشنىڭ 1 - كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى 1200 ئايروپىلان زىيان تارتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 800 ئايروپىلان ئايرودرومدىلا كېرەكتىن چىقتى. گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسى ئىچىگە 25 - 50 كىلومېتر ئىچكىرىلەپ كىرىدى. شۇ كۈنى، مولوتوۋ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن رادىئو نۇتقى ئېلان قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئارمىيە ۋە خەلقنى گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى تارمار قىلىشقا چاقىرىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتى ھەيئەت رىياسىتى 14 ھەربىي رايونغا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چۈشۈردى، غەربىي قىسىمىدىكى بەش چېگرا ھەربىي رايون بەش يۆنىلىش ئارمىيىگە ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىشكە باشلىدى. شۇ كۈنى كېچىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە خەلق كومىسسارىياتى ھەرقايسى يۆلىنىش ئارمىيىلىرىگە قايتۇرما زەربە بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. شۇ كۈنى كەچتە، ۋىنىستون چېرچېل بايانات ئېلان قىلىپ، گىتلېر گېرمانىيىسىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا ئەنگلىيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 23 - ئىيۇن، سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتى ۋە ئىتتىپاق كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سوۋېت ئىتتىپاقى قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئالىي قوماندانلىق شتابى قۇرۇشنى قارار قىلدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكىنىڭ مۇۋەققەت دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئۇ ئەللېس بايانات ئېلان قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنى قوللىدى. 24 - ئىيۇن روزىۋېلت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا «بارلىق ئىمكانىيىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياردەم بېرىدۇ» دېدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ قوراللىرىدىن ئەنگلىيە ئاۋۋال بەھرىمەن بولىدۇ، دېدى. شۇ كۈنى، ئىتتىپاق كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن سوۋېېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتى تارقاق كومىتېت قۇرۇپ ئۇنىڭ پۈتۈن تارقاق خىزمەتكە رەھبەرلىك قىلىشنى قارار قىلدى. بۇلغارىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي جيۇروسى فاشىزمغا قارشى ئەكسىيەتچىلەر بىلەن قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىش تەييارلىقىنى ئىشلەشنى قارار قىلدى. 25 - ئىيۇن، سىۋېتىسىيە ھۆكۈمىتى گېرمانىيە ۋە فىنلاندىيىنڭ تەلىپى بىلەن، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر دۋىزىيىسىنىڭ نورۋېگىيە چېگرىسىدىن ئۆتۈپ فىنلاندىيىگە بېرىشىغا قوشۇلدى. 26 - ئىيۇل، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېت ھەيئەت رىياسىتى «ئىشچى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى خىزمەت ۋاقتى تۈزۈمى» توغرىسىدا بۇيرۇق ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى، بۇلغارىيە تۇنجى پارتىزانلار ئەترىتى تەشكىللىدى. 27 - ئىيۇن، ئىتتىپاق كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ ئارمىيىگە قاتنىشىشى توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. 27 - ئىيۇن، يۇگوسلاۋىيە يۇسوف بروز تېتو باشچىلىقىدىكى خەلق ئازادلىق پارتىزانلار ئەترىتى قوماندانلىق شتابىنى قۇردى. 29 - ئىيۇن، سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتى ۋە ئىتتىپاق كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئالدىنقى سەپ رايونلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە سوۋېت تەشكىلاتلىرىغا تەدبىر قوللىنىپ بارلىق كۈچلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، نېمىس تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش توغرىىسىدا كۆرسەتمە بەردى. 30 ئىيۇن، ئىتتىپاق كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، ئالىي سوۋېت ھەيئەت رىياسىتى ۋ سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتى بىرلىكتە قارار ماقۇللاپ، ئى. ۋ. ستالىن باشچىلىقىدىكى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنى قۇردى. شۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىمالىي يول گېرمانىيە ئارمىيىسى غەربىي دېۋىنا دەرياسىغا يېتىپ كەلدى، ئوتتۇرا يول گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ستراتېگىيىلىك مۇھىم جايى مىنىسكىنى ئىشغال قىلدى (28 - ئىيۇن)، جەنۇبىي يول گېرمانىيە ئارمىيىسى ژىتومىرغا بۆسۈپ كىرىپ، كيېۋقا تەھدىت سالدى.
1941
ئىيۇل
2 - ئىيۇل، ياپونىيە تەخت يىغىنى چاقىرىپ، «ئىمپېرىيە سىياسىتىنىڭ ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشى توغرىسىدىكى تېزىسلىرى»نى ماقۇللاپ، «جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش» نى ئاساس قىلغان ھالدا «بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكى» قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى قارار قىلدى. 3 - ئىيۇل، ستالىن رادىئو نۇتقى ئېلان قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىگە يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا جىددىي سەپەرۋەرلىك چىقىرىپ، گېرمانىيە فاشىستىك تاجاۋۇزچىلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ قىلىشنىڭ ستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 7 - ئىيۇل، سېرۋىيىدە فاشىزمغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ باشلاندى. 8 - ئىيۇل، گىتلېر گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالىي قوماندانلىق شتابىدا ئېچىلغان يېغىندا، شىمالىي يولدىكى ماتورلاشقان تانكا قىسىملار تېزلىكتە لېنىنگرادنى ئېلىش؛ ئوتتۇرا يولدىكى تانكا قىسىملار يەنە بىر قېتىم ئامبۇر شەكىللىك ھۇجۇم قوزغاپ، سمولېنسكى ئەتراپىدىكى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ غەربىي يۆنىلىش قىسىملىرىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى قورشاپ يوقىتىپ، موسكۋاغا ئۆتىدىغان دەرۋازىنى ئېچىش؛ جەنۇبىي يول ئارمىيە ئۈزلۈكسىز كىيېۋقا يۈرۈش قىلىپ، دنېپېر دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇب يۆنىلىش قىسملىرىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يوقىتىپ، پۈتكۈل ئوكرائىننى ئىشغال قىلىشنى قارار قىلدى. گىتلېرنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، گېرمانىيە ئارمىيىسى 10 - ئىيۇل، سوۋېت ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابنى ستالىن باشچلىقىدىكى ئالىي قوماندانلىق شتابقا ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ئالدىنقى سەپتىكى قىسىملارنى غەربىي شىمال، غەرب ۋە غەربىي جەنۇبتىن ئىبارەت ئۈچ ستراتېگىيىلىك نىشانغا بۆلۈپ ئايرىم - ئايرىم ھادا باش قوماندانلىق شتاب قۇردى. شۇ كۈنى، سمولېنىسكى ئوپېراتىسىيىسى باشلاندى (10 - سېنتەبر ئاخىرلاشتى)؛ مېكسىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قىتئەسىدىن باشقا دۆلەتلەرگە ستراتېگىيىلىك ماددىي ئەشيا چىقىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى. 11 - ئىيۇل، كيېۋ ئوپېراتسىيىسى باشلاندى (19 - سېنتەبر ئاخىرلاشتى). 12 - ئىيۇل، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بىلەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى موسكۋادا گېرمانىيىگە قارشى ئۇرۇش جەريانىدا بىردەك ماسلىشىش مەسلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى، سوۋېت - ئەنگلىيە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلۇشى بولماي تۇرۇپ، بىر تەرەپ ئۆز ئالدىغا سۈلھ قىلماسلىقنى كېلىشتى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە ئارمىيىسى بىلەن ئەركىن فرانسىيە قوشۇنلىرى بېيرۇت ۋەدەمەشققە كىردى. ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئەۋەتكەن قوشۇنلىرى لىۋان دېڭىز قىرغىقىغا چىقتى، ۋىشى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋاندىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى، گېرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرقنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشى مەغلۇپ بولدى. 13 - ئىيۇل، مونتېنېگرودا فاشىزمغا قارشى قوزغىلاڭ باشلاندى. 16 - ئىيۇل، سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسى ھەربىي ئىشلار ئەزاسى تۈزۈمىنى ئورناتتى. شۇ كۈنى، گېرمانىيە ئارمىيىسى سمولېنىسكنى بېسىۋالدى؛ ياپونىيىدە 2 - قېتىملىق كونويې كابىنىتى ئىچكى زىددىيەتنى ھەل قىلمىغانلىق سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىستېپا بەردى. 18 - ئىيۇل، 3 - قېتىملىك كونويې كابېنتى تەشكىللەندى. شۇ كۈنى، ئىتتىپاق كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى «گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئارقا سېپىدە كۈرەش تەشكىللەش» توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى؛ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ياۋروپا قۇرۇقلۇقنىڭ غەربىي ياكى شىمالىي قىسىمىدا ئىككىنچى ئۇرۇش مەيدانىنى ئېچىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چېرچېلنىڭ قوشۇلۇشىغا ئېرىشەلمىدى؛ سوۋېت ئىتتىپاقى چېخوسلوۋاكىيىنىڭ لوندوندىكى سەرگەردان ھۆكۈمىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، گېرمانىيىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان، ئۇرۇشتا ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى، سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىدا چېخوسلوۋاكىيە قوشۇنى (سوۋېت ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانلىقىنى قوبۇل قىلغان) قۇرۇشنى بەلگىلىدى. 19 - ئىيۇل، ئى. ۋ. ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە خەلق كومىسسارىياتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى. 20 - ئىيۇل، ئىتالىيە فاشىستىك ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇشقا بىۋاسىتە قاتنىشىشنى باشلىدى. 21 - ئىيۇل، ۋىشى فرانسىيە ھۆكۈمىتى ھىندىچىنىدىكى ھەربىي جەھەتتىكى كونتروللۇق ھوقۇقىنى ياپونىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. 22 - ئىيۇل كېچىدە، گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ ھاۋا ئارمىيىسى تۇنجى قېتىم موسكۋاغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. 24 - ئىيۇل، مېكسىكا ھۆكۈمىتى خىتابنامە ئېلان قىلىپ، گىتلېرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. 24 - 27 - ئىيۇل ياپونىيە ئارمىيىسى ھىندىچىنىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ئىشغال قىلدى. 25 - ئىيۇل، ئەنگلىيە «ئەركىن فرانسىيە» ھەرىكىتى تەشكىلى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، فرانسىيىنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋاندىكى ئالاھىدە مەنپەئىتىنى ئېتىراپ قىلدى، «ئەركىن فرانسىيە» قوشۇنلىرى ئوتتۇرا شەرقتە ئەنگلىيىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان بولدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە كانادا ياپونىيىنىڭ سەرمايىسىنى توڭلاتتى ھەم ياپونىيە بىلەن بولغان سودا كېلىشىملىرىنى بىكار قىلدى. 26 - ئىيۇل، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى فېلىپپىن تاقىم ئاراللىرىدىكى پۈتكۈل قوراللىق كۈچلەرنى ئامېرىكىنىڭ قوماندانلىقىغا تاپشۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. گېنېرال دوگلاس ماكارتۇر ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى. 30 - ئىيۇل (1 - ئاۋغۇستقىچە)، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ خۇسۇسىي ۋەكىلى خاررى ل. خوپكىنىس سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىدى، موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ستالىن قاتارلىق رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە سوۋېت، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ۋەكىللىرىنىڭ يىغىنىنى ئېچىشنى بەلگىلەپ، ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى توغرىسىدا ئەستايىدىل مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. شۇ كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى لوندوندىكى پولشا سەرگەردان ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئۇرۇش جەريانىدا ئۆزئارا ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغان پولشا ئارمىيىسى قۇرۇشنى كېلىشتى.
1941
ئاۋغۇست
1 - ئاۋغۇست، ئامېرىكا پاختا ۋە ئاشلىقتىن سىرت، بارلىق ماددىي ئەشيا (نېفىتمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) نى ياپونىيىگە يۆتكەشنى مەنئى قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 2 - ئاۋغۇست، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇش جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا ھۈججەت ئالماشتۇرۇردى. 8 - ئاۋغۇست، ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقى قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئالىي باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى. 9 - 12 - ئاۋغۇست، روزىۋېلت بىلەن چېرچېل ئاتلانتىك ئوكياننىڭ نيۇ - فندلېند ئارىلىدىكى ئاگىن قولتۇقىدا ئامېرىكا - ئەنگىلىيە ھەربىي پاراخوتىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ھەم 14 - ئاۋغۇستتا ئاتلانتىك ئوكيان نىزامى دەپ ئاتىلىدىغان بىرلەشمە باياناتنى رەسىمىي ئېلان قىلدى. باياناتتا: ئىككى دۆلەت زېمىن ياكى باشقا جەھەتلەردە كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى قوغلاشماسلىق، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ كېلىدىغان زېمىن ئۆزگەرتىش نىيىتىدە بولماسلىق، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەت شەكلىنى ئۆزلىرى تاللىۋېلىش ھوقۇقىغا ھۈرمەت قىلىش، ھەمدە ئىگلىك ھوقۇقى ۋە ئاپتونومىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۆرۈش ئويىدا بولۇش، ئىككى دۆلەت دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتە باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ھەم ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى دوستانە ھەمكارلىشىپ، ئوچۇق دېڭىز ئەركىن قاتنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈمىدىدە بولۇش، قورال كۈچى ئىشلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈلدى. 6 - ئاۋغۇست، موسكۋادا «سوۋېت - ئەنگلىيە سودا، ئامانەت قەرز ۋە ھېساب بوغۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا كېلىشم» ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا يىللىق ئۆسۈمنى ئۈچ پىرسەنت كەلتۈرۈپئون مىليون فوند - ستېرلىنگ قەرز پۇل بەردى. 17 - ئاۋغۇست، زۇڭتۇڭ روزۋېلت ياپونىيە باش ئەلچىسى، دېڭىز ئارمىيە داجياڭى نومۇرا كىچىسا بۇرونى ئاگاھلاندۇرۇپ، ياپونىيىنىڭ ئاسىيادا يۈرگۈزگەن ھەرقانداق بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھەربىي ھۆكۈمرانلىق سىياسىتى ئامېرىكىنى «دەرھال بارلىق زۆرۈر باسقۇچلارنى قوللىنىپ» ئامېرىكىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا مەجبۇر قىلىدۇ، دېدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، باش ۋەىزر چېرچېل مۇبادا ياپونىيە - ئامېرىكا سۆھبىتى مەغلۇپ بولسا، ئەنگلىيىنىڭ ئامېرىكىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى (24 - ئاۋغۇست). 18 - ئاۋغۇست، زۇڭتۇڭ روزۋېلت قىسىملارنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مۇددىتىنى 18 ئاي ئۇزارتىشقا يول قويۇش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويدى. 25 - 29 - ئاۋغۇست، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئىران ھۆكۈمىتىگە نوتا تاپشۇرۇپ، گىتلېر غالچىلىرىنىڭ ھەرىكىتى قۇتراپ كەتكەنلىكتىن، ئىتتىپاقداش دۆلەت ئارمىيىلىرىنىڭ ئىران زېمىنىغا كىرىپ ئورۇنلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. سوۋېت ئارمىيىسى شىمالىي تەرەپتىن، ئەنگلىيە ئارمىيىسى جەنۇب تەرەپتىن ئىرانغا كىردى. 29 - ئاۋغۇست، گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە ياۋروپادا «يېڭى تەرتىپ» ئورنىتىدىغنالىقى توغرىسىدا خىتابنامە ئېلان قىلدى؛ ياپونىيىنىڭ شىمالىي جۇڭگوغا ئەۋەتكەن قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى ياسۇجى ئوكامۇرا 100 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇقراق ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ، شەنشى، چاخار، خېبېې ئازاد رايونىغا كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، دەھشەتلىك «ئۈچ يوقىتىش» سىياسىتىنى يولغا قويدى. 8 - ئارمىيە ۋە خەلق ئىككى ئاي قەھرىمانلىق بىلەن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، بۇ تازىلاشنى تارمار قىلدى.
1941
سېنتەبر
6 - سېنتەبر، ياپونيىنىڭ تەخت يىغىنى ئەگەر ياپونىيە - ئامېرىكا سۆھبىتىدە 10 - ئۆكتەبردىن بۇرۇن «ياپونىيىنىڭ تەلىپى ئورۇندالمىسا»، «دەرھال ئامېرىكا (ئەنگلىيە - گوللاندىيە) غا ئۇرۇش ئېچىشقا ئىرادە باغلىدى» دەپ قارار چىقاردى. 8 - سېنتەبر، گېرمانىيە ئارمىيىسى لادوگا كۆلىگە يېتىپ كېلىپ، لېنىنگرادنى قۇرۇقلۇقتىن مۇھاسىرىگە ئالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى بىلەن خەلقنىڭ 900 كۈنگە (1943 - يىل يانۋاردا مۇھاسىرىدىن بوشىغانغا قەدەر) سوزۇلغان لېنىنگرادنى مۇداپىئە قىلىش ئۇرۇشى باشلاندى. 16 - سېنتەبر، سۈرىيە مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى. «ئەركىن فرانسىيە»نىڭ رەھبەرلىرى سۈرىيىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قوشۇلدى. شۇ كۈنى، گېرمانىيە پەرەس ئىراننىڭ پادىشاھى رېزاخان پەھلىۋى ئامالسىز تەختتىن چۈشتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى مۇھەممەد رېزا پەھلىۋى تەختكە چىقىپ، ئىراندىكى ئوق مەركىزى دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلىرىنى قوغلاپ چىقاردى. 22 - سېنتەبر، فىنلاندىيە ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا (3 - ئۆكتەبر) ئوتتۇرىغا قويغان سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى توختىتىش توغرىسىدىكى تەلەپنى رەت قىلدى. 24 - سېنتەبر، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق 15 دۆلەت (بۇنىڭ ئىچىدە توققۇزى سەرگەردان ھۆكۈمەت) لوندوندا «ئاتلانتىك ئوكيان خىتابنامىسى» نى مۇزاكىرە قىلىدىغان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بايانات ئېلان قىلىپ «ئاتلانتىك ئوكيان خىتابنامىسى» نىڭ ئاساسىي پرىنسىپىلىرىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 27 - سېنتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى گېنېرال دې گول باشچىلىقىدىكى «ئەركىن فرانسىيە» مەملىكەتلىك كومىتېتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى. شۇ كۈنى،گرېتسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى، دېھقانلار پارتىيىسى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ۋە «خەلق دېموكراتىك ئىتتىپاقى» مىللىي ئازادىلىق فرونت تەشكىللىدى. 29 - سېنتەبر (1 - ئۆكتەبرگىچە)، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە موسكۋادا ئۈچ دۆلەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى قورال - ياراغ ۋە ستراتىگىيىلىك ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئۇرۇش ۋاقتىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ تۇنجى كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىدى. كېلىشىمنامە، 1941 - يىل 1 - ئۆكتەبردىن 1942 - يىل 30 - ئىيۇنغىچە بولغان 9 ئاي ئىچىدە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ئىككى دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقىنى ھەرئايدا 400 ئايروپىلان (100 بومباردىمانچى ئايروپىلان، 300 كۈرەشچى ئايروپىلان)، 500 تانكا، ئۇندىن باشقا قورال - ياراغ ۋە ستراتېگىيىلىك ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەشنى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەشنى بەلگىلىدى. 30 - سېنتەبر، گېرمانىيىنىڭ مەركىزىي جىتۇەنجۈنى موسكۋاغا «تەيفېڭ بورىنى» ناملىق ھۇجۇم قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن موسكوۋا ئوپېراتسىيىسى باشلاندى. (1942 - يىلنىڭ دەسلىپىگىچە). «تەيفېڭ» ئوپېراتسىيىسى پىلانى بويىچە، گېرمانىيە ئارمىيىسى موسكۋا يۆنىلىشىگە 53 پىيادىلەر دىۋىزىيىسى، 14 تانكا دىۋىزىيە ۋە سەككىز ماتورلاشقان دىۋىزىيە توپلىدى، بۇ پۈتكۈل سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشى سېپىدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ پىيادە ئەسكەرلەر ئەسكىرىي كۈچىنىڭ 38 پىرسەنتىنى، تانكا ۋە ماتورلاشقان قىسىملار ئەسكىرىي كۈچىنىڭ 64 پىرسەنتىنى ئىگىلەيتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن غەربىي يۆنىلىنىش ئارمىيىسى، زاپاس قىسىملار يۆنىلىشى ئارمىيىسى ۋە برانسىك يۆنىلىش ئارمىيىسى ئىشقا سېلىندى. شۇ ئايدا، كوممۇنىستىك پارتىيە يەر ئاستى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشەببۇس بىلەن چېخوسلوۋاكىيە چېگرىسى ئىچىدىكى قارشىىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىدىكى ھەرقايسى گۇرۇھلار ۋەكىللىرى ئازادلىق كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىش مەركىزىي ئورگىنى - چېخوسلوۋاكىيە مەركىزىي مىللىي كومىتېتىنى قۇردى. ئۇندىن كېيىنمۇ يەنە نۇرغۇنلىغان جايلار ئىنقىلابىي مىللىي كومىتېتلارنى قۇردى. شۇ ئايدا، ھىندۇنېزىيە خەلق كېڭىشى قۇرۇلۇپ، دېموكراتىيىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، گوللاندىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ ياپون ئارمىيىسى ئىككىنچى قېتىم چاڭشاغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر مەھەل چاڭشا شەھىرىگە بۆسۈپ كىرگەن بولسىمۇ، گومىنداڭنىڭ شېيۆ قىسىملىرى قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.
1941
شۇ يىلى كۈزدە
سوۋېت - ئامېرىكا نەق پۇل سودىسى ئېلىپ باردى، ئامېرىكىدىن ئىتتىپاقىغا بىر بۆلەك خام ئەشيا ۋە ھەربىي لازىمەتلىك ئەشيالىرى يۆتكەپ كېلىندى. نويابرنىڭ ئاخىرىغىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكىدىن 41 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قىممىتىدىكى ئۈسكۈنىگە ئىگە بولدى.
1941
ئۆكتەبر
6 - ئۆكتەبر، بۇداپېشتتا ئۇرۇشقا قارشى نامايىش بولدى. 7 - ئۆكتەبر، گېرمانىيىنىڭ تانكا قىسملىرى ۋەزماغا بۆسۈپ كىرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنڭ تۆت جىتۇەنجۇنىنى قورشاۋغا ئالدى. شۇ كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى موسكۋانىڭ غەربىگە، 18 كىلومېتر كېلىدىغان مور ئېسكىدادا قايتىدىن مۇداپىئە سېپى قۇرۇلدى. 12 - ئۆكتەبر ئەنگلىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەلىپى بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە پۇقرالىرىنى (دىپلوماتىك ئەمەلدارلىرىدىن باشقا) چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى. 16 - 18 - ئۆكتەبر، ياپونيىدە كونويې كابىنېتى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى، توجو ھىدېكى كابىنېتى قۇرۇلدى. 19 - ئۆكتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى موسكوۋانىڭ پەۋقۇلئاددە ھەربىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلاپ، پايتەختتىكى ئارمىيە ۋە خەلقنى جان پىدالىق بىلەن موسكۋانى قوغداشقا چاقىرىدى. شۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا، گېرمانىيە ئارمىيىسنىڭ موسكۋاغا قىلغان ھۇجۇمى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى؛ ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى خاتاشۇنروكۇ 50 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچ توپلاپ، 8 - ئارمىيىسىنىڭ يىغى - موڭغۇلىيە تاغلىق رايونىدىكى بازىلىرىغا ئاتالمىش «پولات قاپلىق مۇھاسىرە چەمبىرىكى» ناملىق «تازىلاش» ئېلىپ باردى، بۇ «تازىلاش» ئىككى ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان كۈرەش ئارقىلىق تارمار قىلىندى.
1941
نويابر
7 - نويابر، روزۋېلت بايانات ئېلان قىلىپ «ئىجارىگە بېرىش قانۇن لايىھىسى» نى كېڭەيتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇشنى جاكارلىدى. ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇشنى جاكارلىدى. ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىغا 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىجارە قانۇنى قەرز پۇلى بەردى. 9 - نويابر، سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى رەڭلىك مېتاللورگىيە كارخانلىرىنى ئورال ۋە سىبىرىيىگە چېكىندۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈردى. 15 - نوياربر، گېرمانىيە ئارمىيىسى موسكۋاغا ئىككىنچى قېتىم كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم باشلىدى. 17 - نويابر، ئوژسېدا سېرۋىيە ئالىي خەلق ئازادىلىق كومىتېتى قۇرۇلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گرو ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تېلېگرامما بېرىپ، ياپونىيىنىڭ ئامېرىكىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىشىدىن پەخەس بولۇشنى ئۇقتۇردى. 20 - نويابر،ياپونىيە - ئامېرىكا سۆھبىتىدە ياپونىيە تەرەپنىڭ ۋەكىلى نومۇرا بىلەن كۇرۇسۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھۇلغا ياپونىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى لايىھىسىنى سۇندى. بۇ لايىھە تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ياپونىيە - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىك: ياپونىيە - ئامېرىكا ئىككى دۆكەت ھىندۇنېزىيىنىڭ تەبىئىي بايلىقىدىن ئورتقا پايدىلىنىش: ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈش: ئۆزئارا سەرمايە توڭلىتىشنى بىكار قىلىش:ئامېرىكا ياپونىيىنى نېفىت بىلەن تەمىنلەش: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن ياپونىيىنىڭ ئۆزئارا «تىنچلىق ئورنىتىشى»غا ئارىلاشماسلىق. 22 - نويابر، سوۋېت ئىتتىپاقى لادوگا كۆلىدىن لېنىنگرادقا ئۆتىدىغان سۇ ئۇستى قاتناش سېپى يەنى «ھاياتلىق يولى» نى ئاچتى. 25 - نوياربر، بۇلغارىيە رۇمىنىيە - بېرلىن - توكيو ئوق مەركىزىگە قاتناشتى. 26 - نويابر، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھۇل جاۋاب قايتۇرۇلغان ئەسلەتمىنى ياپونىيە ۋەكىلىگە تاپشۇردى. ئەسلەتمىدە، ياپونىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، جۇڭگو ۋە گوللاندىيىگە قاراشلىق ھىندۇنېزىيە ھەم سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالاش؛ جۇڭگو ۋە ھىندىچىنى قوشۇنلىرىنى پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈپ چىقىش، جۇڭگونىڭ جياڭ جيېشى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىش تەشەببۇس قىلىندى. مۇشۇ شەرت ئاستىدا ئامېرىكا ياپونىيە بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈپ، جۈملىدىن ياپونىيىگە ئالاھىدە مەنپەئەتدار دۆلەت قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، ياپونيىنىڭ سەرمايىسىنى توڭلىتىش ۋە ياپونىيىنىڭ سىرتتىن مال كىرگۈزۈش. چىقىرىشنى مەنئى قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ياپونىيە يېنىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى تۇراقلاشتۇرىدىغان ئورتاق فوندى قۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغ قويدى. ھۇل ئەسلەتمىنى ياپونىيە ۋەكىلىگە تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ: «بىز بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە دىپلوماتىك خىزمەت ئەمەلىيەتتە ئاخىرلاشتى. بۇندىن كېيىنكى ئىشلار ھەربىي قوماندانلىق شتابىنىڭ مەسئۇللۇقىغا ئۆتۈپ كەتتى» دېدى. 27 - نويابر، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر تارمىقى موسكۋاغا 24 كىلومېتر كېلىدىغان ئىستراغا كىردى. بېلگىيىدىكى بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلاتلار «مۇستەقىل فرونت» بولۇپ ئۇيۇشتى: برازىلىيە قوشۇن ئەۋەتىپ ئامېرىكا بىلەن بىللە گوللاندىيىگە قاراشلىق گۋىئانا بىلەن فرانسىيىگە قاراشلىق گۋىئانانى ئىگلىدى.
1941
دېكابر
1 - دېكابر، ياپونىيىنىڭ تەخت يىغىنى 8 - دېكابر (توكيو ۋاقتى) ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيىگە ئۇرۇش ئېچىشنى ئاخىرقى قېتىم قارار قىلدى. ياپونىيىنىڭ دېڭىزغا بولغان كونتروللۇق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەم جەنۇبىي ئوكياندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بايلىق مەنبەسىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، ياپونىيە بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ياماماتو ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئاساسلىق بازىسى بولغان پيورل - خاربورغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىدى. 2 - دېكابر، زۇڭتۇڭ روزۋېلت ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ ھىندىچىنىدىكى مۇددىئاسىغا ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ھەم تەڭرىخان ھىروخىتونى تىنچلىقنى قوغدىشىپ بېرىشكە چاقىردى. 4 - دېكابر، روزۋېلت تۈركىيىگ «ئىجارىگە بېرىش قانۇنى» نى يولغا قويدى. 5 - دېكابر، موسكۋاغا ھۇجۇم قىلغان نېمىس ئارمىيىسى پۈتۈن سەپ بويىچە توسۇپ قويۇلدى. 6 - دېكابر، سوۋېت ئارمىيىسى پۈتۈن موسكۋا سېپى بويىچە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. 192 - يىلنىڭ بېشىدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈچ يۆنىلىش ئارمىيىسى دۈشمەننى موسكۋادىن 100 دە 250 كىلومېتر يىراقلىققا قوغلاپ چىقىرىپ، 11 مىڭدىن ئارتۇقراق ئاھاللەر پونكىتلىرىنى ئازاد قىلىپ، نېمىس ئارمىيىسىنىڭ موسكۋاغا بولغان تەھدىتىنى بىكار قىلدى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە - فىنلاندىيە، ۋېنەرىيە ۋە رۇمىنىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى؛ چۈشتىن كېيىن، زۇڭتۇڭ روزۋېلت شەخسىي نامىدىن ياپونىيە تەڭرىخانىغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنى تىنچىلىقنى قوغداشقا ئۈندىدى. 7 - دېكابر تاڭ سەھەر سائەت 7 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە (ھاۋاي ۋاقتى) ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى ھاۋا ئارمىيە ئەترىتىنىڭ زور تۈركۈمدىكى ئايروپىلانلىرى پيورل - خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ چوڭ تىپتىكى پاراخوتىدىن 19 نى (بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز ئۇرۇش پاراخوتى بار)، 311 ئايروپىلانىنى پاچاقلاپ تاشلىدى ۋە زەخمىلەندۈردى، 3615 ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە يارىدار قىلدى. بىرلا ۋاقىتتا، ياپونىيە ئارمىيىسى يەنە، گۇئام ئارىلى، شياڭگاڭ، مالاييا، فىلىپپىن ۋە ئۇندىن باشقا ئامېرىكا، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى زېمىنلىرىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى رەسمىي پارتلىدى. 8 - دېكابر، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىدىغانلىقى توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. تايلاند ھۆكۈمىتى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ تايلاند چېگرىسىدىن ئۆتۈپ مالايياغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇمىنى قوبۇل قىلدى، ياپونىيە ئارمىيىسى تايلاندقا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى، برازىلىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىگە قارشى قوزغىغان ئۇرۇشىنى قوللاپ خىتابنامە ماقۇللىدى. 9 - 10 - دېكابر، جۇڭگوغا ياپونىي، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 10 - دېكابر، ياپونىيە ھاۋا ئارمىيىسى مالاييا دېڭىز ساھىلىدە ئەنگلىيىنىڭ يىراق شەرق تارماق فلوتىنىڭ «شاھزادە ۋېرىس» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىنى ۋە «دۈشمەن چېكىندۈرۈش» ناملىق ئوكيان چارلاش ئۇرۇش پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتتى. ياپونىيە غەربىي تىنچ ئوكياندىن ھىندى ئوكيانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى دېڭىزنى كونترو قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۋالدى. 10 - 12 - دېكابر، ياپونىيە ئارمىيىسى فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى. 11 - دېكابر، گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە ئامېرىكىغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارار ماقۇللاپ گېرمانىيە بىلەن ئىتاليىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە ئامېرىكا بىلە ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش توغرىسىدا ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلدى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئىككىنچى قېتىم لىۋىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ توبرۇكتىكى ئەنگلىيە قوشۇنلىرىغا بولغان مۇھاسىرىسىنى بىكار قىلدى ھەم يەنى غازىغا قايتا كىردى. 12 - دېكابر، رۇمىنىيە ئامېرىكىغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 13 - دېكابر، بۇلغارىيە ئامېرىكىغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 15 - دېكابر، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 10 مىليارد 77 مىليوندىن كۆپرەك ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە «ئىجارىگە بېرىش قانۇنى» ئۈچۈن سەرپ قىلىشنى ماقۇللىدى. تۆت كۈندىن كېيىن، ئېلىنىدىغان ئەسكەرلەر يېشىنىڭ چەكلىمىسىنى 20 دىن 40 ياشقىچە قىلىپ كېڭەيتتى. 16 - دېكابر، ئارگېنتىنا پەۋقۇلئاددە ھەربىي ھالەتكە كىردى. 16 - 17 - دېكابر، ئەنگلىيىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئىدېن موسكوۋانى زىيارەت قىلىپ، ستالىن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقا ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىدېن يولغا چىقىستىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەنگلىيىگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىتا ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي چېگرىسى جەھەتتە شۇنداقلىقىنى ئىېيتتى. سوۋېت - ئەنگلىيە سۆھبىتى جەريانىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئۇرۇش ۋاقتىدا گېرمانىيىگە قارشى كۈرەش قىلىشتا ھەربىي جەھەتتە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى بىلەن ئۇرۇشتىن كېيىن سىياسىي جەھەتتە ھەمكارلىشىش شەرتنامىسى تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەنگلىيە تەرەپ سوۋېت - ئەنگلىيە ئىتتىپاقى شەرتنامىسىنى ئىمزالاشتا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى چېگرىسىنى يۆتكەپ ئۆزگەرتىشكە قوشۇلۇشى، ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى، بىراق گىتلېر گېرمانىيىسىنى ئۈزۈل - كېسىل تارمار قىلىپ، ئۇنىڭ تاجاۋۇزنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىغا يول قويماسلىققا بىردەك قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ يەنە ئۇرۇشتىن كېيىنكى تىنچلىق تۈزۈلمىسى ۋە بىخەتەرلىك تەشكىلى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. 19 - دېكابر، ياپونىيە «سۆز، مەتبۇئات، يىغىلىش، تەشكىلارتلارغا ئۇيۇشۇشنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش قانۇنى» نى ئېلان قىلدى. 19 -دېكابر، گىتلېر موسكۋاغا قىلىنغان ھۇجۇمىنىڭ ئېچىنىشلىق بىلەن مەغلۇپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى براۋھىچنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى براۋھىچنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانلىقىنى قوشۇمچە ئۆزى ئۈستىگە ئالدى. 21 - دېكابر، تايلاند بىلەن ياپونىيە 10 يىللىق ھەربىي ئىتتىپاق تۈزدى. شۇ كۈنى، يۇگوسلاۋىيە پارتىزانلار ئەترىتى تۇنجى مۇنتىزم ئارمىيە - پرولېتارىيات كالوننىسى تەشكىللىدى. 22 - دېكابر (1942 - يىل 14 - يانۋار)، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلت بىلەن ئەنگلىيىنىڭ باش ۋەزىرى چېرچېل ۋاشىنگتوندا («ئاكادېيە» ناملىق) سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ گېرمانىيىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەن، ئاساسلىق ئۇرۇش مەيدانى ياۋروپا ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، 1942 - يىل «دەرىجىدىن تاشقىرى تەنتەربىيىچى» ناملىق غەربىي شىمال ئافرىقىسىنى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغاشنى قارار قىلدى. يەنە ئامېرىكا - ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە باش شتابىنى قۇرۇشنى قارار قىلدى. يىغىن مەزگىلىدە، ئامېرىكا بارلىق ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئورتاق خىتابنامە يەنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر خىتابنامىسى» ئىمزالاشنى تەشەببۇس قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان خىتابنامە لايىھىسى ئەنگلىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىپ، ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، جىددىي تېلېگرامما ئارقىلىق ھەرقايسى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە تارقىتىپ بېرىلدى. 25 - دېكابر، شياڭگاڭدىكى ئەنگلىيە قوشۇنلىرى ياپونىيە ئارمىيىسىگە تەسلىم بولدى، ياپونىيە ئارمىيىسى شياڭگاڭنى ئىگىلىدى. شۇ ئاينىڭ ئاخىرى، مالاييا خەلقى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن پارتىزانلار ئەترىتى قۇرۇپ، ياپونلۇقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق كۆرسەتتى. بۇ ئەترەت كېيىن تەرەققىي قىلىپ مالاييا خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى خەلق قوشۇنىغا ئايلاندى. شۇ ئايدا، گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق فرونتى گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق ئارمىيىسىنى قۇرۇدى، پاناما، كۇبا، ھايتى، گېۋاتېمالا، دومىنىكا، نىكاراگۇئا، كوستارىكا، سالۋادورلار گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلدى.
1941
شۇ يىلى
گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا، ياپونىيە ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقتىن، 26 دۆلەت فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاققا قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە: سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ھەمدە ئۇنىڭ دومىئونلىرى - ئاۋسترالىيە، كانادا، يېڭى زېلاندىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى ھىندىستان، يەنە جۇڭگو، بېلگىيە، گوللاندىيە، گرېتسىيە، ليۇكسېمبورگ، نورۋېگىيە، پولشا، چېخوسلوۋاكىيە، يۇگوسلاۋىيە، ھايتى، گېۋاتېمالا، ھوندۇراس، دومىنىكا، كۇبا،نىكاراگۇئا، پاناما - سالۋادور ۋە كوستارىكارلار بار.