1919 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار
تارىختىكى چوڭ ئىشلار
يانۋار
1 - يانۋار، بېلۇرۇسسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. 2 - 3 - يانۋار، لاتۋىيە پايتەختى رىگادا ئىشچىلار ئىشغالىيەتچىلەرگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. قىزىل ئارمىيە رىگانى ئازاد قىلدى. 13 - يانۋاردا پۈتۈن لاتۋىيە سوۋېتلىرىنىڭ 1 - قېتىملىق قۇرۇلتىيى رىگادا ئېچىلدى.5 - يانۋاردا، گېرمانىيە فاشىستىك پارتىيىسى - گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى (1920 - يىلى نامىنى «گېرمانىيە دۆلەت سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى»گە ئۆزگەرتكەن) ميۇنخېندا قۇرۇلدى. 5 - 15 - يانۋارغىچە، بېرلىندا سوتسىيال دېموكراتلاردىن بولغان ئەيشخورىن ئىمىلنى بېرلىن ساقچى مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشلىك ۋەزىپىسىدىن يۆتكىگەنلىككە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. 6 - 8 - يانۋارغىچە، بېرلىندا ئومۇمىي ئىش تاشلاش پارتلاپ، كوچىغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىشچىلارنىڭ سانى 500 مىڭغا يەتتى. ئىشچىلار پويىز ئىستانىسىسى، «ئالغا گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمى ۋە باسما زاۋۇتىنى ئىشغال قىلدى. ئۇزۇنغا بارمايلا ئىشچىلارنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتى ئارمىيىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى. «سپارتاك ئىتتىپاقى»نىڭ داھىيلىرى روساليۇكىسېمبۇرگ بىلەن كارل لىبكېنخىت قولغا ئېلىنىپ، 15 - يانۋار تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلدى. 7 - 15 - يانۋارغىچە، ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇ ئېنوس - ئارېستا ئىشچىلارنىڭ، ئىشچى ئاسىيلىرىنى ياللاپ ئىشلىتىشكە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزگەن يىغىلىشى ئارمىيە ۋە ساقچىلارنىڭ ئوققا تۇتۇشىغا ئۇچرىدى. ئىشچىلار كوچا ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولدى، بۇ «پاجىئەلىك ھەپتە» دەپ ئاتالدى. 10 - يانۋار، ئەنگلىيىدە لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ داھيىسى لويدجورج باشچىلىقىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ بىرلەشمە كابىنېتى قۇرۇلدى. بىرلەشمە كابىنېتقا قاتناشقانلاردىن ئوستېن چېمبېرلىن مالىيە ۋەزىرلىكىگە، كېرزون دژوردژ تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكىگە، ۋىنستون چېرچىل قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرلىكىگە تەينلەندى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە ئارمىيسى باغدادنى ئىشغال قىلدى؛ گېرمانىيىنىڭ برېمىندا ئىشچى - ئەسكەرلەر سوۋېتى قۇرۇلدى. برېمىن ئىشچىلىرى فېۋرالدا ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاپ، ئىشچى - ئەسكەرلەر سوۋېتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 11 - يانۋار، سوۋېت روسىيە خەلق كومىسسارىياتى ئارتۇق ئاشلىقنى يىغىۋېلىش تۈزۈمى توغرىسىدا پەرمان جاكارلىدى. 18 - يانۋار پارىژ سۈلھ يىغىنى ئېچىلدى. سۈلھ يىغىنىغا ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغۇچى دۆلەتلەر لاگېردىدىن 27 دۆلەت قاتناشتى. لېكىن يىغىننى ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، ئىتالىيە، ياپونىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى كونترول قىلۋالدى. بەش دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ئەۋەتكەن ئىككىدىن ۋەكىلى ئارقىلىق سۈلھ يىغىننىڭ ئەڭ ئالىي كېڭىشى - ئون كىشىلىك كېڭەش تەشكىللەندى. ئۇنىڭدىن كېيىن مارتتا يەنە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋىلسۇن، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى لويدجورچ، فرانسىيە زۇڭلىسى كلېمانسۇ، ئىتالىيە زۇڭلىسى ۋىتتورىئو ئورلاندودىن تەركىب تاپقان تۆت كىشىلىك كېڭەش (تۆت كاتتىباش كېڭىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قۇرۇلدى. ئەمەلىيەتتە، زور مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا ئۈچ دۆلەت ۋەكىللىرى قارار قىلدى. سۈلھ شەرتنامىنىڭ ماددىلىرىنى بېكىتىش ھەم ئۇنى سۈلھ يىغىنىغا تاپشۇرۇشتىن ئىلگىرى گېرمانىيىنىڭ سۈلھ يىغىنىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئانتانتا دۆلەتلىرى 1918 - يىلى 5 - نويابردا گېرمانىيىگە نوتا تاپشۇرۇپ، ۋىلسۇننىڭ «14 نۇقتا» لىق پرىنسىپىنى قىلغانىدى. لېكىن ھەرقايسى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كۈنسايىن ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەنلىكتىن، «14 نۇقتا» ئەمەلىيەتتە بىر چەتكە قايرىپ قويۇلدى. فرانسىيە ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى گېرمانىيىنى ئەڭ زور چەكلىمىدە ئاجىزلىتىپ تاشلاشقا ئۇرۇندى، بۇنىڭدىن مەقسىتى، فرانسىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشلا بولماستىن، بەلكى فرانسىيىنىڭ ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىكى زومىگەرلىك ئورنىنى تىكلەش ئۈچۈن ئىدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى گېرمانىيىنىڭ دېڭىز ئۈستى كۈچلىرىنى يوقىتىش، ھەم مۇستەملىكە ئىمپېرىيىسىنى پاچاقلاپ تاشلاشتا چىڭ تۇرغاندىن سىرت، ئوتتۇرا ياۋروپادا كۈچلۈك گېرمانىيىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشتى. مەقسىتى، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭدىن سوۋېت روسىيىسىگە قارشى تۇرۇش ۋە ياۋروپادىكى ھەر قايسى ئەللەردىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشتا پايدىلانماقچى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنى فرانسىيىگە قارشى قويماقچى بولدى. ئامېرىكا ئۇرۇشتىن كېيىن تىكلەنگەن پۇل - مۇئامىلە زومىگەرلىك ئورنىنى چىقىش قىلىپ، ۋىلسۇننىڭ «14 نۇقتىسى»نى ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەرتىپنى قايتىدىن ئورنىتىشنىڭ پروگراممىسى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئامېرىكا پىلاندىكى مەركىزىي ماددىلارنىڭ بىرى خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇش بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى تەسىرىنى كۈچەيتمەكچى بولدى. ئەنگلىيىنىڭ دېڭىز ئۈستى ئەركىنلىك» تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا يەنە ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىك ئېلىپ بېرىشقا شارائىت يارىتىش ئۈچۈن، «سودا پۇرسىتىدىن تەك بەھرىمەن بولۇش» ۋە «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. گېرمانىيە مەسىلىسىدە، ئامېرىكا گېرمانىيىدىن پايدىلىنىپ سوۋېت روسىيىسىگە قارشى تۇرۇش، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە بىلەن قارشىلىشىش ئۈچۈن، گېرمانىيىنى ھەددىدىن ئارتۇق ئاجىزلىتىۋېتىشكە قارشى تۇردى. ياپونىيە گېرمانىيىنىڭ جوڭگۇدىكى ھوقۇقىنى ۋە تىنچ ئوكياندىكى مۇستەملىكىلىرىنى تارتىۋېلىپ، شەرقىي ئاسىيا بازارلىرىنىڭ مونوپولىيىلىك ئورنىنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى. جۇڭگونى قوللۇق خاراكتېردىكى شەرتنامنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئۆزىنىڭ جۇڭگودىكى ئىمتىيازلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. پارىژ سۈلھ يىغىنى 25 - يانۋار خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى، ھەم بىر كومىتېتنى خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ نىزامىنى تۈزۈپ چىقىشقا تەيىنلىدى. سۈلھ يىغىنى يەنە بىرقانچە كومىتېتلارنى قۇردى، تۆلەم ۋە زېمىن مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلدى. 19 - يانۋار، گېرمانىيىدە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش بويىچە مىللىي پارلامېنت سايلىمىنى ئۆتكۈزدى. گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى سايلامغا قاتنىشىشنى رەت قىلدى، ئوڭ قانات سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى سايلامدا كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئىگە بولدى. 21 - يانۋار، ئىرلاندىيە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنت يىغىنى دۇبلىندا ئېچىلدى. سىن فېن پارتىيىسى ئىرلاندىيىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى. بىراق ئىرلاندىيە مىللىي پارلامېنتى شۇ يىلى 12 - سېنتەبردە پېچەتلىنىپ، سىن فېن پارتىيىسىنىڭ باش شتابى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. يەنە شۇ يىلى 26 - نويابردىن باشلاپ ئەنگلىيە ئارمىيىسى سىن فېن پارتىيىسىنىڭ ھەرىكىتىنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇشقا كىرىشتى، سىن فېن پارتىيىسى بىلەن ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇشى باشلاندى. 23 - يانۋار (1 - فېۋرالغىچە)، روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى بىلەن باشقا يەتتە كوممۇنىستىك تەشكىلات چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىنى ئېچىشنى تەشەببۇس قىلدى. 26 - يانۋار، پولشىدا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنىت سايلىمى ئۆتكۈزدى. دۆلەت دېموكراتلار پارتىيىسى كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشتى. 27 - يانۋار، شوتلاندىيىنىڭ كلىد دەريارسى بويىدىكى سانائەت رايونلىرىدا 100 مىڭ ئىشچىنىڭ ئومۇمىي ئىش تاشلىشى پارتلىدى، شۇ ئايدا، ئەنگلىيىنىڭ فولكىسدون، دوۋېر ۋە ئۇندىن باشقا ھەربىي لاگېرلىرىدا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. روسىيە چېگرىسى ئىچىدىكى مۇرمانسكى ۋە ئارخانگېلسكىدا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈردى؛ چېخوسلوۋاكىيە بىلەن پولشا ئوتتۇرىسىدا تېشىن رايونى توغرىسىدا تالاش - تارتىش يۈز بەردى؛ نيۇ - يوركتىكى يۈك توشۇغۇچى ئىشچىلار، پرىستان ئىشچىلىرى ۋە سىباتلىدىكى كېمە ياساش ئىشچىلىرى، دېڭىز نەقلىيات ئىشچىلىرى ئىش تاشلاپ، قورال - ياراغ توشۇپ سوۋېت روسىيىسىگە ئارىلىشىشقا نارازىلىق بىلدۈردى.
1919
فېۋرال
3 - 5 - فېۋرالغىچە ئېچىلغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ بېرن ۋەكىللەر يىغىنى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارىنى ماقۇللىدى. 6 - فېۋرال، گېرمانىيە مىللىي پارلامېنتى ۋېيماردا ئېچىلدى. 11 - فېۋرال، ۋېيمار مىللىي پارلامېنتى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئوڭقاناتلار گۇرۇھىنىڭ داھىيىسى فرېدرىخ ئېبېرتنى گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى قىلىپ سايلىدى. 13 - فېۋرال، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭقاناتلار گۇرۇھىدىن بولغان فىلىپ شېيدېمان مۈلۈكدارلار سىنىپىنىڭ سىياسىي پارتىيىلىرى قاتناشقان گېرمانىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىدى. 14 - فېۋرال، ياپونىيە دۆلەت مەجلىسى سايلام ھوقۇقىنى مۇنازىرە قىلدى. شۇ چاغدىكى مۈلۈك سالاھىيىتى توغرىسىدا سايلىغۇچىلارغا قويۇلغان بەلگىلىمىنىڭ قاتتىقلىقى ئىشچى - دېھقانلارنى سىقىپ چىقىرىپ چەتتە قالدۇرغانىدى. شۇ يىلى 15 - مارتتا ئىسلاھ قىلىنغان سايلام قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، سايلىغۇچىلار 1 مىليون 500 مىڭدىن كۆپىيىپ 3 مىليونغا يەتتى. 16 - فېۋرال ئاۋسترىيىدە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلدى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشتى. ھەم شۇ يىلى مارتتا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكىلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. 21 - فېۋرال، ئاففانىستان ئەمىرى ھەبىبۇللاخفن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئامانۇللا تەخىتكە چىقتى. «ياش ئاففانچىلار» ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى. ئارقىدىنلا 28 - فېۋرال ئاففانىستاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى ئېلان قىلىندى. 24 - فېۋرال، ۋېنگرىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى بۇرژۇئا ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى چاقىرىق قىلدى. 25 - فېۋرال، سېربىيە - كروئاتىيە - سلوۋېنىيە پادىشاھلىقى يەر ئىسلاھاتى قانۇنىنى ماقۇللىدى. شۇ ئايدا، سېربىيە - كروئاتىيە - سلوۋېنىيە پادىشاھلىقى بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا فىئۇمې ۋە دالماتسىيە دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە تالاش - تارتىش يۈز بەردى. ئىككى تەرەپ 1920 - يىلى 12 - نويابردا راپاللو شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، ئاندىن فۇمې ماجىراسىنى ھەل قىلدى.
1919
مارت
1 - مارت چاۋشيەننىڭ سېئول، پيۇڭياڭ ۋە ئۇندىن باشقا شەھەرلىرىدە ئامما ياپونغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ياپون ئىشغالىيەتچىلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك خەلق ھەرىكىتى پارتلىدى. بۇ تارىختا «1 - مارت ھەرىكىتى» دەپ ئاتلىدۇ. نامايىشى - كۈچ كۆرسىتىش مۇشۇ ئاينىڭ 5 - كۈنى قوراللىق قوزغىلاڭغا ئايلاندى. قوزغىلاڭچىلار ساقچى مەھكىمىلىرىنى، مۇستەملىكىچى ئورگانلارنى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىدى. ئۇزۇنغا قالماي قوزغىلاڭ پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭىيىپ، شۇ يىلى ئاپرېلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە قوزغىلاڭ باستۇرۇپ تاشلاندى. شۇ كۈنى، فرانسىيە ئۆز ئالدىغا يۇقىرى ۋولتا مۇستەملىكىسىنى تەشكىللىدى. ھىندىستاندا مۇھانداس كارامچاد گەندى ئاممىنىڭ زورلۇقسىز قارشىلىق كۆرسىتىش خىتاپنامىسىنى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتكە پەۋقۇلئاددە ھوقۇق دائىرىسى بېرىلگەن «رولېتتىت قانۇن لايىھىسى» نىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قارشى چىقتى، ھەم 30 - مارتنى ئىبادەت قىلىش كۈنى قىلىپ، ئىش تاشلاشنى، بازار توختىتىشنى چاقىرىق قىلدى. ئۇزۇنغا قالماي، گەندى بازار توختىتىشنى 6 - ئاپرېل ئېلىپ بېرىشقا ئۆزگەرتتى. 2 - 6 - مارتقىچە، 30 دۆلەتنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىلىرى ۋە سولچى سوتسىيالىستىك تەشكىلاتلىرى موسكۋادا بىرىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزدى، لېنىن قۇرۇلتايدا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. قۇرۇلتاي 3 - ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇش قارارىنى ماقۇللىدى. ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلۇش قۇرۇلتىي بولدى. قۇرۇلتاي موسكۋادا تەسىس قىلىنغان دائىمىي رەھبەرلىك ئورگىنىنى يەنى ئىجرائىيە كومىتېتى بىلەن ھەيئەت رىياسىتىنى قۇرۇپ چىقتى. 4 - 8 - فېۋرالغىچە، بېرلىن ئىشچىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلىدى، ئېبېرت - نوسكې ھۆكۈمىتى ئىشچىلارنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى باستۇردى. 7 - فېۋرال، ئوسمان تۈركىيىسىدە داماد فېرىد پاشا كابىنېتى قۇرۇلدى. 8 - مارت، مىسىردا سائادزاگلۇل ۋە فىدۇن پارتىيىسىنىڭ يەنە باشقا ئۈچ نەپەر داھىيىسىنىڭ قولغا ئېلىنىشى، ھەم ئۇلارنىڭ مالتا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنىشى، مىسىر خەلقىنىڭ تارىختا مىسىردىكى «مارت قوزغىلىڭى» دەپ ئاتالغان جاھانگىرلىككە قارشى قوزغىلىڭىنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ قوزغىلاڭ ئاپرېلنىڭ دەسلىپىدە باستۇرۇپ تاشلاندى. 18 - مارت، ئەنگلىيە قاراشلىق ھىندىستان ھۆكۈمىتى «رولېتتىت قانۇنى«نىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ قانۇن ئىككى تۈرلۈك ئاتالمىش «قۇتراتقۇلۇققا قارشى تۇرۇش» قانۇن لايىھىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھۆكۈمەتكە «قۇتراتقۇچى»نى سوراق قىلمايلا قولغا ئېلىش ھوقۇقى، سۇدىيىگە سوراق مەسلىھەتچىسى ئىشلەتمەيمۇ ئەنزىگە ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى بېرىلگەن. بۇ قانۇن لايىھىسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئېلان قىلىنىشى، ھىندىستان خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغاپ، دەرھال پۈتكۈل ھىندىستان مىقياسىدا ئەنگلىيە قارشى دولقۇن كۆتۈرۈلدى. 18 - 23 - مارتقىچە، روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىنىڭ 8 - قېتىملىق قۇرۇلتىيى موسكۋادا ئېچىلىپ، سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ يېڭى پارتىيە پروگراممىسى ماقۇللاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوتتۇرا دېھقانلار ۋە ھەربىي مەسىلىلەر توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلىندى. 21 - مارت، ۋېنگىرىيىدە پرولېتارىيات ئىنقىلابى پارتلىدى، بۇدا پېشىت ئىشچىلار سوۋېتى ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەم ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت كومىسسارىياتى (ياكى خەلق كومىسسارىياتى) قۇرۇلدى. پۈتكۈل ۋېنگرىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھاكىمىيەت ئىشچى - دېھقان، ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتىنىڭ قولىغا مەركەزلەشتى، ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت كومىسسارىياتى سوتسىيال پارتىيىسىدىكىلەر بىلەن كوممۇنىستلاردىن تەشكىل تاپتى، گارباي ئالېكساندىر زۇڭتۇڭلۇققا، كئۇن بېلا دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەندى. كېيىن كئۇن بېلا خەلق ھاكىمىيىتىگە تولۇق ھوقۇق بىلەن رەھبەرلىك قىلدى. ۋېنگىرىيە سوۋېتلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى 14 - ئىيۇن «ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى» نى ماقۇللىدى. 24 - ئىيۇندا سوۋېت ۋېنگىرىيىسىنىڭ پايتەختى بۇدا پېشتتا ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ يۈز بەردى، قوراللىق ئىشچىلار ۋە ئەسكەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ توپىلاڭنى تىنچىتتى. 22 - مارت، بېنتو موسسولىن ئىتالىيىنىڭ مىلانىدا تۇنجى فشىستىك تەشكىلات - «جەڭگىۋار ئۆمەك» نى تەشكىللىدى. 23 - مارت (ئاپرېلنىڭ دەسلىپىگىچە) ئىسپانىيىنىڭ بارسېلونا، ۋالېنسىيە، كورونىيە ۋە ئۇندىن باشقا شەھەرلىرىدىكى ئىشچىلار ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلىدى. 30 - مارت (13 - ئاپرېلغىچە) ھىندىستاننىڭ دېھلى ۋە ئۇندىن باشقا شەھەرلىرىدە «رولېتتىت قانۇن لايىھىسى» گە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئەنگىلىيىگە قارشى ھەرىكەت پارتلىدى. دېھلىدىكى نارازىلىق بىلدۈرگۈچى ئامما بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. شۇ ئايدا، سوۋېت ھۆكۈمىت بىلەن پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ۋىليام بۇلتىت رەھبەرلىكىدىكى ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى سۈلھ تۈزۈش شەرتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. لېنىن 14 - مارتتا بۇلتىتنى قوبۇل قىلدى.
1919
ئاپرېل
7 - ئاپرېل، ئاففانىستان پادىشاھى ئامانۇللاخان سوۋېت روسىيە ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يوللاپ، روسىيە بىلەن ئاففانىستان ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەكلىپ قىلدى. 10 - ئاپرېل، مېكسىكا قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ داھىيسى ئەمىلىيانو زاپاتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. 12 - ئاپرېل، موسكۋا بېكەت گۇرۇپپىسىنىڭ پاراۋۇز ئىسكىلاتى بىرىنچى قېتىم شەنبىلىك خالىسانە ئەمگەك ئېلىپ باردى.13 - ئاپرېل، گېرمانىيە كوممۇنىستلىرى رەھبەرلىك قىلغان ميۇنخېن ئىشچىلىرىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭى غەلبىگە ئىرىشىپ، باۋارىيە سوۋېت ھۆكۈمىتى تەشكىللەندى. ئۇزۇن ئۆتمەي 27 - ئاپرېلدا كوممۇنىستلار باۋارىيە سوۋېت ھۆكۈمىتىدىن چېكىنىپ چىقتى. 1 - مايدا گېرمانىيە فېدېراتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيىسى باۋارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. شۇ كۈنى، ھىندىستاندا ئامرىتسار چوڭ قىرغىنچىلىقى يۈز بەردى. ئەنگلىيە ھەربىي ئوفتسېرى رېگىنالد دىيېر ئەنگلىيە ھىندىستان ئارمىيىسىگە ئامرىتسار شەھىرىنىڭ جالەن ۋارا، باگې مەيدانىدا ئەمدىلا يىغىلىش باشلىغان ھىندىستان خەلق ئاممىسىغا ئوق چىقىرىشقا بۇيرۇق بەردى، نەخ مەيداندا 379 ئادەم ئۆلۈپ، 1200 ئادەم يارىدار بولدى. 15 - ئاپرېل، مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپانىيە سوتسىيالىستىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىللەر يىغىنىدا ئىسپانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى قورۇلدى، ھەم كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قاتنىشىش قارارىنى ماقۇللىدى. 16 - ئاپرېل، چېخوسلوۋاكىيە مىللىي پارلامېنتى يەر ئىسلاھاتى قانۇنىنى ماقۇللىدى. شۇ كۈنى، ئانتانتا دۆلەتلىرى سوۋېت ۋېنگرىيىسىگە قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزۈشنى باشلىدى، قوراللىق مۇداخىلىگە فرانسىيە، رۇمىنىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيە ئارمىيىلىرى قاتناشتى، جەمئىي 150 مىڭ كىشىلىك مۇداخىلىچى قوشۇن ئايرىم - ئايرىم ھالدا شەرق، شىمال، جەنۇب ئۈچ تەرەپتىن ۋېنگرىيىگە بېسىپ كىرىپ ئۇنىڭ زور بىر قىسىم زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالدى، ھەم ئىشغالىيەت رايونلىرىدا نىكولائۇس فورتى كاتتتىباشچىلىقىدا ۋېنگرىيە ئاقلار ھاكىمىيىتى تىكلەندى. ئىيۇل ئايلىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە ئانتانتا دۆلەتلىرى ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ۋېنگرىيە سوۋېت ھاكىمىيىتىگە ھۇجۇم قىلدى، ۋېنگرىيە سوۋېت ھاكىمىيىتى 1 - ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.كىئون بېلاۋېناغا سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتتى. رۇمىنىيە ئارمىيىسى 4 - ئاۋغۇست بۇدا پېشتنى بېسىۋالدى. رۇمىنيە ئارمىيىسى 4 - نويابرغا كەلگەندە ئاندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. 27 - ئاپرېل، قارا دېڭىزدا توختىغان فرنسىيە فىلوتىنىڭ ماتروسلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ،سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزۈشكە قارشى تۇرۇپ، ھەربىي پاراخوتلارنى فرانسىيىگە قايتۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. فرانسىيە فلوتى 1- مايدىن ئىلگىرى قارا دېڭىزدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى، كۆپ ساندىكى ماتورسلار ھەربىي سەپتىن قاتۇرۇلدى. 17 - ئاپرېل، فرانسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، فرانسىيە مىللىي پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن فرانسىيە ھۆكۈمىتى سەككىز سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قانۇنىنى جاكارلىدى. 20 - 25 - ئاپرېلغىچە، بېلگراددا ئېچىلغان سېربىيە - كروئاتىيە - سىلوۋېنىيە پادىشاھلىقىنىڭ سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 1 - قېتىملىق بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلتىيىدا، يۇگوسلاۋىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى (كوممۇنىستىك پارتىيىسى)نى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش قارارى ماقۇللاندى ھەم كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قاتنىشىش قارار قىلىندى. 22 - ئاپرېل، ئامېرىكا مىسىرنىڭ ئەنگلىيىنىڭ «ھامىيلىقىدىكى دۆلەت» لىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. 23 - ئاپرېل، مېكسىكا دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى مونىروئىزمنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئالاھىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇ مېكسىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگ مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ۋەكالىتەن باشقۇرۇشنى قوبۇل قىلغۇزۇشتىن ئىبارەت دەپ كۆرسەتتى. 24 - ئاپرېل، زۇڭتۇڭ ۋىلسۇن ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىتالىيىنىڭ ئادرىياتىك دېڭىزى رايونىدىكى زېمىن تەلىپىگە قارشى تۇرغاندىن كېيىن ، ئىتالىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى پارىژ سۈلھ يىغىنىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. بىراق، 5 - مايدا يەنە يىغىن مەيدانىغا قايتىپ كەلدى. 28 - ئاپرېل، «خەلقئارا ئىتتىپاق ئەھدىنامىسى»نىڭ بېكىتىلگەن ئورىگىنالى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئەھدىنامىدە: خەلقئارا ئىتتىپاق سۈلھ شەرتنامىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەردىن، شۇنداقلا، ئاۋازغا قويۇلغاندا ئۈچتىن ئىككى قىسىم بېلەتكە ئېرىشىپ قوبۇل قىلىنغان باشقا دۆلەتلەردىن تەشكىللىنىدۇ. ئەزا دۆلەتلەر تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشقا ئورتاق كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ماجىرا يۈز بەرگەندە، ئۇنى چوقۇم خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ كېسىم چىقىرىشقا ياكى قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش، كېسىم چىقىرىلغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە تاجاۋۇچىلىق ئۇرۇشى قوزغىماسلىق لازىم. ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا مۇندىن كېيىن ئىمزالانغان بارلىق شەرتنامىلەر خەلقئارا ئىتتىپاققا ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك. خەلقئارا ئىتتىپاق يەنە ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش، خەلقئارالىق مەمۇرىي سىياسىي، ئەمگەك ئىش ھەقى قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ دەپ بەلگىلەندى. خەلقئارا ئىتتىپاق دائىمىي كاتىبات باشقارمىسىنى تەسىس قىلدى، ئورنى جەنۋەدە بولدى. كاتىبات باشقارمىسىنىڭ تۇنجى باش كاتىپلىقىغا ئرىك درامون تەيىنلەندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيىدىن ئىبارەت بەش چوڭ دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن، قۇرۇلتاي قەرەللىك سايلاپ چىققان باشقا تۆت دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەندى. خەلقئارا ئىتتىپاق 1920 - يىلى يانۋاردا قۇرۇلدى، خەلقئارا ئىتتىپاق ئەھدىنامىسى سۈلھ شەرتنامىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا كىرگۈزۈلدى. «خەلقئارا ئىتتىپاق ئەھدىنامىسى»گە 45 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ئىمزا قويدى. گېرمانىيە - ئاۋسترىيە ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاققا قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلىنمىدى. «خەلقئارا ئىتتىپاق ئەھدىنامىسى»دە، گېرمانىيىنىڭ مۇستەملىكىلىرى ۋە ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق ئەرەب زېمىنلىرىدا مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش بەلگىلەندى، ئەمەلىيەتتە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر بۆلۈشۈۋالدى. خەلقئارا ئىتتىپاق مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، ياپونىيە ۋە بېلگىيىگە شۇنداقلا ئەنگلىيىنىڭ ئاپتونومىيىلىرىگە بەردى. مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق ئاستىدىكى جايلار C،B،A دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلدى. A خىلدىكىلىرى ئاساسەن سابىق ئوسمان ئىمپېرىيىسى تەۋەلىكىدىكى ئەرەب زېمىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ ئەرەب مىللەتلىرى «تېز ئارىدا مۇستەقىل بولۇش دەرىجىسىگە يەتكەنلەر» بولۇپ، مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى دۆلەتلەر «ۋاقىتلىق باشقۇرىدىغان» جايلار دەپ ئاتالدى. B خىلدىكىلەر، ئاساسەن شەرقىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئافرىقىدىكىك گېرمانىيە قاراشلىق مۇستەملىكىلەر ئىدى، مەسىلەن، شەرقىي ئافرىقا، توگو ۋە كامېرونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇلارغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇستەقىللىك بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىلمىدى. C خىلدىكىلەر، ئاساسەن غەربىي جەنۇبىي ئافرىقا ۋە تىنچ ئوكياندىكى گېرمانىيىگە قاراشلىق مۇستەملىكىلەرنى ئۆز ئىچىگ ئالغان بولۇپ، بۇ جايلارنى مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى دۆلەتلەر «ئۆز زېمىنى» سۈپتىدە باشقۇرىدىغان بولدى. 29 - ماي، ئىتالىيە ئارمىيىسى تۈركىيىنىڭ ئاتانىيىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئانا توليىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا ھەربىي ئىشغالىيەت يۈرگۈزدى، ھەم ئۆزىنىڭ تۈركىيە زېمىنىنى بۆلۈۋېلىش تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى. 30 - ماي، پارىژ تىنچلىق يىغىنى قانۇنسىز ھالدا جۇڭگونىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنى ياپونىيىگە بېرىۋېتىشنى قارار قىلدى.
1919
ماي
3 - 8 - مايغىچە، 3 - قېتىملىق ئەنگلىيە - ئاففانىستان ئۇرۇشى پارتلىدى، ئاففانىستان پادىشاھى ئامانۇللا ئاففانىستان خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشقا قارشى تۇردى. 4 - ماي، جۇڭگونىڭ بېيجىڭدا ئوقۇغۇچىلار يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، «تاشقى جەھەتتە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرەيلى، ئىچكى جەھەتتە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرەيلى، ئىچكى جەھەتتە ۋەتەن ساتقۇچىلارنى جازالايلى»، «21 ماددا بىكار قىلىنسۇن»، «سۈلھ شەرتنامىگە قول قويۇشنى رەت قىلايلى» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە پۈتۈن جۇڭگونى قاپلىغان 4 - ماي ھەرىكىتى پارتلىدى. 6 - ماي، ئانتاانتا دۆلەتلىرىنىڭ ئالىي كومىتېتى گېرمانىيىگە قاراشلىق كامېرون ۋە توگونىڭ ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقىغا ئايلانغانلىقىنى بەلگىلىدى. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە 10 - ئىيۇلدا كېلىشىم ئىمزالاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىككى جايدىكى چېگرالىرىنى ئايرىپ بېكىتتى. 7 - ماي، پارىژ سۈلھ يىغىنى گېرمانىيىگە قارىتىلغان شەرتنامىنى 29 - ئاپرېل پارىژغا يېتىپ كەلگەن گېرمانىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تاپشۇردى كىنەز ئۇلرىخ ۋۇن، بروكدوف - رانتىزۇ باشلاپ كەلگەن، گېرمانىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى گېرمانىيە تەرەپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، سۈلھ شەرتنامىدىكى نۇرغۇن ماددىلارنى ئىجرا قىلىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن بۇ ۋاقىتتا گېرمانىيىدە قارشىلىق كۆرسەتكۈدەك كۈچ بولمىغانلىقتىن شەرتنامىگە ئامالسىز قول قويدى. شۇ كۈنى، ئانتانتا دۆلەتلىرى ئالىي كومىتېتى گېرمانىيىگە قاراشلىق شەرقىي ئافرىقىنى ئەنگلىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ئايرىپ بەردى، ھەم بۇ قارارنىڭ 1920 - 10 - يانۋاردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بېكىتىپ، نامىنى تانگانىكا دەپ ئۆزگەرتتى؛ ئانتانتا دۆلەتلىرى ئالىي كومىتېتى گېرمانىيىگە قاراشلىق غەربىي جەنۇبىي ئافرىقىنى مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىنىدىغان جايلىرى سۈپىتىدە جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقىغا ئايرىپ بەردى؛ شۇنداقلا يەنە گېرمانىيە قاراشلىق يېڭى گۋېنىيە ھەمدە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىسمارك تاقىم ئاراللىرىنى مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىنىدىغان جاي سۈپىتىدە ئاۋسترالىيىگە تاپشۇرۇپ بەردى. گېرمانىيىگە قاراشلىق ساموئا (غەربىي ساموئا) يېڭى زېلاندىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان جايىغا ئايلاندى. ناۋرۇ ئارىلىغا ئەنگلىيە مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بولدى، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە كېلىشىم ئىزالاپ بۇ ئارالغا بولغان مەمۇرىي ھوقۇقلارنى بۆلۈشۈۋالدى. ياپونىيە چىتانىڭ شىمالىدىكى ئەسلىدە گېرمانىيىگە قاراشلىق بولغان ئاراللارنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقىغا ئېرىشتى. خەلقئارا ئىتتىپاق 1920 - يىلى `7 - دېكابردا بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى تەستىقلىدى. 8 - 10 - مايغىچە، ئامېرىكىنىڭ ئەكسىيەتچى تەشكىلاتلىرى «ئامېرىكا جۈنتۈەنى» قۇرۇلدى. 15 - ماي، گرېتسىيە ئارمىيىسى تۈركىيىنىڭ سىمىرنادىن قۇرۇقلۇققا چىقتى. 18 - ماي، سوۋېت روسىيىسى رۇمىنىيە بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ 1920 - يىلى 2 - مارتتا رۇمىنىيە خەلقئارا ئىتتىپاققا قاتناشقانغا قەدەر سوزۇلدى. 19 - ماي، مۇستاپا كامال 3 - جۈننى نازارەت قىلىدىغان ئەمەلدارلىق سالاھىيىتى بىلەن ئاناتولىيىگە بېرىپ، تۈركىيىنىڭ شىمال دېڭىز بويىدىكى مەركىزىي بازار سامسۇندا مىللىي بايراقنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، تۈركىيىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش كۈرىشىنى تەشكىللەشكە كىرىشتى. 25 - 27 - مايغىچە، بۇلغارىيە ئىتتىپاقداشلار گۇرۇھى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزدى. بۇلغارىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلدى. ھەم كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشتى. 28 - ماي، تۈركىيە پارتىزان ئەترەتلىرى تۇنجى قېتىم گرېتسىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى بىلەن ئايىۋالىك رايونىدا ئۇرۇش قىلدى، پارتىزان ئەترەتلەر پۈتۈن ئاناتولىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا ئومۇملاشتى. تۈركىيە خەلقىنىڭ ئەنگلىيە ۋە مۇداخىلچى ئارمىيىسىگە قارشى ئازادلىق ئۇرۇشى باشلاندى. 30 - ماي، ئەنگلىيە بىلەن بېلگىيە كېلىشىم ئىمزالاپ، رىۋاندا بىلەن بۇرۇندىنى بېلگىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ئايرىپ بېرىدىغان بولدى. بېلگىيە يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن رايونلارنى 1924 - يىلى 20 - ئۆكتەبردە ئۆتكۈزۈۋالدى، ھەم ئۇنى 1925 - يىلى 21 - ئاۋغۇستتا ئۆزىگە قاراشلىق كونگوغا قوشۇۋەتتى. شۇ ئايدا، فىلىپپىندىن مانيول كۇيزېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 نەپەر ئاتاقلىق زاتتىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى ئامېرىكىغا بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن مۇستەقىللىك بېرىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى.
1919
ئىيۇن
1 - ئىيۇن، پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى روسىيە، ئوكرائىنا، لاتۋىيە، لىتۋا، بېلۇرۇسسىيە سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قوراللىق مۇداخىلىگە بىرلىشىپ قارشى تۇرۇش پەرمانىنى ماقۇللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قارار ماقۇللاپ، سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھەربىي ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنى، ھەربىي قوماندانلىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، ھەم بەزى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ئورگانلارنى بىرلەشتۈرۈۋېتىشنى رەسمىي بېكىتتى. شۇ كۈنى، فرانسىيىنىڭ كۈشكۈرتىشى ۋە قوللىشى بىلەن رېينلېند جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. بىرقانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ربينلېند مۇستەقىللىك ھەرىكىتى مەغلۇپ بولدى. 6 - ئىيۇن، فىنلاندىيە قايتا يەنە سوۋېت روسيىسىگە ئۇرۇش قوزغاپ، تالاش - تارتىشتا تۇرۇۋاتقان كارىلو - فېن رايونلىرىنى تارتىۋالدى. فىنلاندىيە بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسدا بەزىدە ئۈزۈلۈپ، بەزىدە داۋاملاشقان ئۇرۇشتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ 1920 - يىلى 14 - ئۆكتەبردا «دېلپات (تارش)» شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى، ئۇرۇش ئاخىرلاشتى، شەرتنامىدە مەفىنلاندىيىنىڭ مۇستەقىللىكى ئېتىراپ قىلىندى. فىنلاندىيە مۇرمانسكى بىلەن نورۋېگىيىنىڭ شەرقىي چېگرىسى ئوتتورىسىدىكى مۇز توڭلىماس پورت پېچنىگانى ئۆز ئىچىگە ئالغان تار بەلباغقا ئېرىشتى. 10 - 15 - ئىيۇنغىچە، ئىتالىيىنىڭ زىم، مىلان، تۇرىن، گېنۇيە، بولونىيە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا شەھەرلىرىدە ئومۇمىي ئىش تاشلاش بولدى. ئىش تاشلىغۇچىلار سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزۈشكە قارشى تۇرۇپ، ئىتالىيە ئارمىيىسىنى سوۋېت روسىيىسىدىن قايتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى، 13 - ئىيۇن، پارىژ سۈلھ يىغىنى يۇگوسلاۋىيە بىلەن رۇمىنىيە ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىشتا تۇرۇۋاتقان تىمسوئارا (بىرلاد) رايونىنى ئىككى دۆلەت تەك بۆلۈشۈش توغرىسىدا قارار چىقاردى. 20 - ئىيۇن، گېرمانىيىدە شېدېمان كابىنېتى ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ گېرمانىيىگە مەجبۇرىي تاڭغان »تىنچلىق شەرتنامىسى» گە قول قويۇشنى خالىمىغانلىقتىن ئىستېپا بەردى. 21 - ئىيۇن، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئەنگلىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسى سكاپا قولتۇقىغا ھەيدەپ كىرگەن گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيە بازىسى سكاپا قوتۇقىغا ھەيدەپ كىرگەن گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئون ئۇرۇش پاراخوتى، توققۇز ئوكيان چارلاش بىرون پاراخوتى، سەككىز كىچىك تىپتىكى ئوكيان چارلاش پاراخوتى، 50 سۇ مىناسى پاراخوتى، 102 سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 500 مىڭ توننىلىق فلوتى دېڭىزغا چۆكۈپ كەتتى. گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاز ساندىكى قالدۇق پاراخوتلىرى فرانسىيىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. 23 - ئىيۇن، فىنلاندىيە پارلامېنتى جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللىدى. شۇ كۈنى، گېرمانىيە ۋېمار مىللىي پارلامېنتى شەرت بىلەن سۈلھ شەرتنامىسىنى قوبۇل قىلىش قارارىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، گوستاف باۋېر باشچىلىقىدىكى يېڭى كابىنېت سۈلھ شەرتنامىسى قوبۇل قىلدى. 28 - ئىيۇن، ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن گېرمانىيە پارىژدىكى ۋېرسال سارىيىدا سۈلھ شەرتنامىسىگە ئىمزا قويدى. شۇڭا بۇ، «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» دەپ ئاتالدى.سۈلھ شەرتنامىسىنىڭ ھەربىي ئىشلار توغرىسىدىكى ماددىسىدا، گېرمانىيە 100 مىڭ كىشىلىك قۇرۇقلۇق ئارمىيىگە ئىگە بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، چوڭ كالىبىرلىق زەمبىرەك ئىشلىتىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئالتە ئۇرۇش پاراخوتى، 12 قوغلىغۇچى پاراخوت، سۇ مىناسى پاراخوتى بولۇپ پەقەت 36 پاراخوتقا ئىگە بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئىگە بولۇشى، ئايروپىلان، تانكا بىرونىۋېك ماشىنا ۋە خىمىيىۋى زەھەرلىك قوراللارغا ئىگە بولۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ دەپ بەلگىلەندى. گېرمانىيىنىڭ زېمىن مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۈلھ شەرتنامىدە تۆۋەندىكىدەك بەلگىلىمە چىقىرىلدى: ئېلزاس - لوررىن فرانسىيىگە بېرىلىدۇ، سائارنى خەلقئارا ئىتتىپاق 15 يىل ۋەكالىتەن باشقۇرىدۇ. سائار كۆمۈر كېنى فرانسىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، رېيىن دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىنى ئىتتىپاقچى ئارمىيە 15 يىل ئىشغال قىلىدۇ، شۇنداقلا رېيىن دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا 50 دە 60 كىلومېتر كېلىدىغان رايونلار مۇداپىئەسىز بەلباغ قىلىنىدۇ. ئوپېيىن، مالمىيۇ، مالەيسېنا بېلگىيىگە ئايرىپ بېرىلىدۇ. ئايرىپ بېرىلگەندىن كېيىنكى مالمىيۇ ۋە شىلېسۋىگنىڭ شىمالى بىلەن ئوتتۇرا قىسىملىرىنىڭ تەۋەلىكى پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق ئاخىرقى ھېسابتا بەلگىلىنىدۇ. شەرقتە گېرمانىيە پولېن (يەنى پوزنان) نى ۋە غەربىي پروسسىيىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى پولشىغا ئايرىپ بېرىدۇ، دانتسىگ ئەركىن پورت قىلىنىپ، خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. شەرقىي پروسسىيىنىڭ يەنىلا گېرمانىيىدە قېلىشى ياكى پولشىغا ئايرىپ بېرىلىشى ئاخىرقى ھېسابتا پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. مېمېل ۋە گېرمانىيىنىڭ چەت ئەلدىكى بارلىق مۇستەملىكلىرىنى ئانتانتا دۆلەتلىرى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ نازارىتى ئاستىدىكى مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىنىدىغان يەرلەرگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. تۆلەم تۆلەش مەسلىسى توغرىسىدا شەرتنامە، پۈتكۈل تۆلەم مىقدارى 1921 - يىلى 1 - مايدىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ مەزگىل ئىچىدە گېرمانىيە 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تاپشۇرىدۇ؛ قالغان قىسمىنى 30 يىل ئىچىدە تۆلەپ بولىدۇ. گېرمانىيە سودا پاراخوتلىرىنىڭ 1600 توننىدىن ئارتۇقىنى پۈتۈنلەي تاپشۇرىدۇ، بەش يىل ئىچىدە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغۇچى دۆلەتلەرگە 200 مىڭ توننىلىق پاراخوت ياساپ بېرىدۇ. شۇ كۈنى، «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى» غا ئاساسەن، ئەسلىدە گېرمانىيىگە قاراشلىق بولغان ئېكۋادور ئافرىقىسى فرانسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا تاپشۇرۇلدى، پولشا ۋەكىلى «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى»گە ئىمزا قويدى، سۈلھ شەرتنامە پولشىنىڭ غەربىي چېگرىسىنى بېكىتتى، پولشاۋىسلا دەرياسىدىن بالتىق دېڭىزىغا ئۆتىدىغان كارىدور رايونىغا ئىگە بولدى، دانتسىگ ئەركىن پورتى ئىقتىسادىي جەھەتتە پولشا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغاچقا، پولشا يەنە غەربىي پروسسىيە بىلەن پوزناننىڭ زور بىر قىسىم رايونلىرىنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى. پولشىنىڭ يۇقىرى سىلىزىيىدىكى چېگرىسى پۇقرالارنىڭ ئاۋازىغا قويۇش ئارقىلىق بېكىتىلىدىغان بولدى؛ ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت مۇداپىئە شەرتنامىسى ئىمزالىدى، فرانسىيە گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىسا، ئەنگىلىيە بىلەن ئامېرىكا فرانسىيىگە ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلدى. شۇ ئايدا، ۋېرسال يىغىنى مىسىرنىڭ ئەنگلىيىنىڭ «ھامىيلىقىدىكى دۆلەت» بولۇشنى بەلگىلىدى.
1919
ئىيۇل
2 - ئىيۇل سۈرىيىنىڭ دەمەشقتە چاقىرىلغان مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى سۈرىيىگە تولۇق مۇستەقىللىك بېرىشنى، ياكى ئەنگىلىيە - ئامېرىكىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەنگلىيە شۇ يىلى 15 - سېنتەبردە سۈرىيىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى فرانسىيىگە تاپشۇرۇپ بەردى. 6 - ئىيۇل، سوۋېت روسىيىسى بىلەن ئاففانىستان دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. 7 - ئىيۇل، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى»نى تەستىقلىدى. شۇ يىلى، 13 - ئۆكتەبر فرانسىيە، 15 - ئۆكتەبر ئەنگلىيە، ئىتالىيە، 30 - ئۆكتەبر ياپونىيە ئارقا - ئارقىدىن «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى»نى تەستىقلىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى»نى تەستىقلاشنى باشتىن - ئاخىر رەت قىلدى، خەلقئارا ئىتتىپاقىمۇ قاتناشمىسى، شۇنداقلا ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئىمزالىغان ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسىنىمۇ تەستىقلىمىدى. 10 - ئىيۇل، پولشا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى چوڭ يەر - مۈلۈكچىلىكنى چەكلەش قانۇنىنى ماقۇللىدى. شۇ يىلى يازدا پولشا ئاخىرقى بىر تۈركۈم سوۋېتلەرنى تارقىتىۋەتتى. 20 - 21 - ئىيۇلغىچە، سېربىيە - كروئاتىيە - سلوۋېنىيە پادىشاھلىقىدىكى ئىشچىلار سوۋېت روسىيىسىنى ۋە سوۋېت ۋېنگىرىيىسىنى قوللاش يۈزىسىدىن ئومۇمىي ئىش تاشلاش ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى، ئىتالىيە ئىشچىلىرى سوۋېت روسىيىسى بىلەن سوۋېت ۋېنگىرىيىسىگە مەدەت بېرىش يۈزىسىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاپ، ئىتالىيىنى سوۋېت روسىيىسىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى. ئىتالىيە ئارمىيىسى شۇ يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرىدا سوۋېت روسيىسىنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردىن تولۇق چېكىنىپ چىقتى. 23 - ئىيۇل (6 - ئاۋغۇستقىچە) مۇستاپا كامال رەھبەرلىكىدە تۈركىيە مىللەتپەرۋەر پارتىيىسىدىكىلەر ئېرزۇرۇمدا ھوقۇقنى قوغداش ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلتىيىنى ئاچتى. 25 - ئىيۇل، روسىيە سوۋېت ھۆكۈمىتى «جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگونىڭ جەنۇب ۋە شىمال ھۆكۈمىتىگە خىتاپنامە» يوللاپ، چارروسىيىنىڭ جۇڭگودىكى بارلىق ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى ۋە ئىمتىيازلىق ھوقۇقلىرىدىن ۋازكەچكەنلىكىنى جاكارلىدى. 28 - ئىيۇل، ئامىستېردامدا ئىنتېرناتسىئونال ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى. 29 - ئىيۇل، ئىتالىيە گرېتسىيە بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، گرېتسىيىنىڭ فرانسىيە ۋە مىسىرنىڭ رۇسى رايونلىرىدىكى زېمىن تەلىپىنى قوللىدى، گرېتسىيە ئىتالىيىنىڭ ئالبانىيىنى ھىمايە قىلىش ھوقۇقىنى، ھەمدە ئاناتولىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاتالىيىگە بولغان زېمىن تەلىپىنى قوللىدى. ئىتالىيە رود - ئايلېند ئارىلىنى 15 يىل ئىگىلەپ، دودېكانې ئارىلىنى گرېتسىيىگە ئايرىپ بەردى. ئىتالىيە گرېتسىيە بىلەن 1920 - يىلى 10 - ئاۋغۇستتا يەنە قايتا شەرتنامە ئىمزالاپ، دودېكانې ئارىلىنى گرېتسىيىگە بەرگەنلىكىنى رەسمىلەشتۈردى ۋە 15 يىلدىن كېيىن ئەگەر ئەنگلىيە سپىرۇس ئارىلىنى گرېتسىيىگە بەرسە، يەنە رود - ئايلېند ئارىلىدا پۇقرالارنىڭ ئاۋازىغا قويۇپ، بۇ ئارال گرېتسىيىگە تەۋە بولۇشقا رازىلىق بىلدۈرسە، يەنە رود - ئايلېند ئارىلىنىمۇ گرېتسىيىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغان بولۇپ كېلىشتى. 31 - ئىيۇل، گېرمانىيە مىللىي پارلامېنتى «ۋېمار ئاساسىي قانۇنى»نى ماقۇللىدى.
1919
ئاۋغۇست
3 - ئاۋغۇست، سوۋېت روسىيە ھۆكۈمىتى «موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ۋە موڭغۇلىيە خەلقىگە مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىپ، چارروسىيىنىڭ موغۇلىيىگە مۇناسىۋەتلىك تەڭسىز شەرتنامىلىرىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 8 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيە بىلەن ئافغانىستان راۋالپىنددا سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىدى، ئەنگلىيە ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلدى. 9 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيە - پارس كېلىشىمى تېھراندا ئىمزالاندى، ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيىنىڭ پارىسقا بولغان ھامىيلىق مۇناسىۋىتىنى تىكلەش بىلەن نەتىجىلەندى. ئەنگلىيە پارىسىنى مەسلىھەتچى، ھەربىي ئوقۇتقۇچى ۋە قورال بىلەن تەمىنلەشكە، ھەم پارىسنىڭ تۆمۈريول ۋە تاشيول ياسىشىغا قەرز پۇل بېرىپ ياردەم قىلىشقا قوشۇلدى. پارىس پارلامېنتى يىغىن ئېچىپ بۇ كېلىشىمنى تەستىقلاشنى رەت قىلدى. 28 - ئاۋغۇست،گېنېرال كىرىستان شىمىس جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ باش مىنىستىرلىك ۋە جەنۇبىي ئافرىقا پارتىيىسىنىڭ داھىيلىق ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالدى. 30 - ئاۋغۇست (1 - سېنتەبرگىچە) ئامېرىكا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى چىكاگودا قۇرۇلتاي ئۆتكۈزدى، رېد باشچىلىقىدىكى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ سولچىلار گۇرۇھى 31 سېنتەبر ئامېرىكا كوممۇنىزمچى ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇردى، روتېنبېرگ باشچىلىقىدىكى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ سولچى ئەزالىرى 1 سېنتەبر ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇردى، بۇ ئىككى پارتىيە 1921 - يىل دېكابردا قوشۇلۇپ بىرلىككە كەلگەن ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسى بولۇپ تەشكىللەندى، روتېنبېرگ پارتىيىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى. مۇشۇ ئايدا، برازىلىيە ئىشچىلىرى، تۆمۈر يول ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى چوڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنى قوزغىدى. بۇ ئىش تاشلاش مۇشۇ يىلى سېنتەبردە ئاندىن ئاخرىلاشتى.
1919
ئاۋغۇست
3 - ئاۋغۇست، سوۋېت روسىيە ھۆكۈمىتى «موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ۋە موڭغۇلىيە خەلقىگە مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىپ، چارروسىيىنىڭ موڭغۇلىيىگە مۇناسىۋەتلىك تەڭسىز شەرتنامىلىرىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 8 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيە بىلەن ئافغانىستان راۋالپىنددا سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىدى، ئەنگلىيە ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلدى. 9 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيە - پارس كېلشىمى تېھراندا ئىمزالاندى، ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيىنىڭ پارىسقا بولغان ھامىيلىق مۇناسىۋىتىنى تىكلەش بىلەن نەتىجىلەندى. ئەنگلىيىنىڭ پارىسقا بولغان ھامىيلىق مۇناسىۋىتىنى تىكلەش بىلەن نەتىجىلەندى. ئەنگلىيە پارىسىنى مەسلىھەتچى ھەربىي ئوقۇتقۇچى ۋە قورال بىلەن تەمىنلەشكە، ھەم پارىسنىڭ تۆمۈريول ۋە تاشيول ياسىشىغا قەرز پۇل بېرىپ ياردەم قىلىشقا قوشۇلدى. پارىس پارلامېنتى يىغىن ئېچىپ بۇ كېلىشىمنى تەستىقلاشنى رەت قىلدى. 28 - ئاۋغۇست، گېنېرال كىرىستان شىمىس جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ باش مىنىستىرلىك ۋە جەنۇبىي ئافرىقا پارتىيىسىنىڭ داھىيلىق ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالدى. 30 - ئاۋغۇست (1 - سېنتەبرگىچە) ئامېرىكا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى چىكاگودا قۇرۇلتاي ئۆتكۈزدى، رېد باشچىلىقىدىكى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى چىكاگودا قۇرۇلتاي ئۆتكۈزدى، رېد باشچىلىقىدىكى سوتسىيالىستىك پارتىيىسىنىڭ سولچىلار گۇرۇھى 31 - سېنتەبر ئامېرىكا كوممۇنىزمچى ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇردى، روتېنبېرگ باشچىلىقىدىكى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ سولچى ئەزالىرى 1 - سېنتەبر ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇردى، بۇ ئىككى پارتىيە 1921 - يىلى دېكابردا قوشۇلۇپ بىرلىككە كەلگەن ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسى بولۇپ تەشكىللەندى، روتېنبېرگ پارتىيىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى. مۇش ئايدا، برازىلىيە ئىشچىلىرى، تۆمۈر يول ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى چوڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنى قوزغىدى. بۇ ئىش تاشلاش مۇشۇ يىلى سېنتەبردە ئاندىن ئاخىرلاشتى.
1919
سېنتەبر
ھىندىستاننىڭ مادراستىكى لىبېرالىزمچىلار ئىتتىپاقى كاپالەت قانۇنىغا قارشى تۇرۇش قارارىنى ماقۇللىدى. بۇ قانۇن ئىمپېرىيەقانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنىڭ كۈز پەسىللىك يىغىنىنىڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق 25 - سېنتەبردىكى يىغىنىداماقۇللانغانىدى. شۇ كۈنى، ئىتالىيە يېڭى سايلام قانۇنىنى جاكارلاپ، ئومۇمىي سايلام تۈزۈمىنى يۈرگۈزۈشنى، ھەم فرانسىيىگە ئوخشاش كۆچىلىك نامىدىن بېلەت تاشلاش ۋە ۋەكىللەر نىسبەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى بەلگىلىدى. 4 - 11 - سېنتەبرگىچە، تۈركىيىدە كامالنىڭ مىللەتپەرۋەر پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۇيۇشمىسى سىۋاستا مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزدى. قۇرۇلتاي ئامېرىكىدىن ماندانلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدىكى پىكىرىنى رەت قىلدى. مۇستاپا كامال باشچلىقىدىكى ۋەكىللەر كومىتېتى قۇرۇلدى. قۇرۇلتاي 9 - سېنتەبر كۈنى «سىۋاس خىتاپنامىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئانتانتا دۆلەتلرىنىڭ ھەربىي ئىشغالىيىتى ۋە زېمىن بۆلۈۋېلىشىغا قارشى تۇرۇپ، تۈركىيىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. 10 - سېنتەبر، ئاۋسترىيە سۈلھ يىغىنى 20 - ئىيۇل ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاۋسترىيە سۈلھ يىغىنى 20 - ئىيۇل ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاۋسترىيە توغرىسىدىكى «مۇقەددەس گېرمان شەرتنامىسى» (بۇ شەرتنامە پارىژنىڭ يېنىدىكى مۇقەددەس گېرمان سارىيىدا ئىمزالانغان)غا قول قويدى. شەرتنامە ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنى پارچىلاپ تاشلاشنى بەلگىلىدى. ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە، پولشا، چېخوسلوۋاكىيە، سېربىيە - كروئاتىيە - سىلوۋېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىكىنى ۋە بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا لىنىيىلىرىنى ئېتىراپ قىلدى، ھەم شەرقىي گالىتىسىيە، تىرېتىننو، جەنۇبىي تىرول، تريېسىت ۋە ئىستىرىيىنى ئايرىپ بەردى. ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيەتكە ئايلاندى. ئاۋسترىيىنىڭ 30 مىڭ كىشىلىك قۇرۇقلۇق ئارمىيىگە ئىگە بولۇشىغا رۇخسەت قىلىندى. تۆلەمنى تۆلەپ بولۇشىغا 30 يىللىق مۆھلەت بېرىلدى، ئۇنىڭ گېرمانىيە بىلەن بىرلىشىشى مەنئى قىلىندى. 12 - سېنتەبر، گابرسېلى دىئاننۇئو ئىتالىيە پىدايىلار ئارمىيىسىنى باشلاپ رىيېكا (فۇمې) نى ئىشغال قىلىپ، فۇمې جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. فۇمې جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ 16 ئايدىن كېيىن، 1920 - يىلى 27 - دېكابردا ئىتالىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. 13 - سېنتەبر، تۈركىيىدە كامال پارتىيىسىدىكىلەر «خەلق ئەھدىنامىسى»نى تۈزۈپ چىقىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، كونسىتانتىنو پولنى قوغداش، دېڭىز بوغۇزلىرىنى ئېچىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىگە ھۈرمەت قىلىش، زېمىن سىرتى ھوقۇقىنى بىكار قىلىشتىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك پرىنسىپنى شەرھلىدى. 22 - سېنتەبر، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئاۋسترىيىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى ئورنى توغرىسىدىكى ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلىدى، ھەم ئاۋسترىيىنىڭ مۇستەقىللىكىگە ھۈرمەت قىلىش كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. 22 - سېنتەبر (1920 - يىلى يانۋارغىچە) فوستېرنىڭ رەھبەرلىكىدە ئامېرىكىدا 360 مىڭ پولات تاۋلاش ئىشچىسى ۋە 200 مىڭ تۆمۈريول ئىشچىسى چوڭ ئىش تاشلاش ئۆتكۈزدى. 25 سېنتەبر، ئانتانتا دۆلەتلىرى ئالىي كومىتېتى شپىتسبېرگىن تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى نورۋېگىيىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇ ئارال 1920 - يىل 9 - فېۋرالدا نورۋېگىيىگە رەسمىي قوشۇلدى. 27 - سېنتەبر (5 - ئۆكتەبرگىچە)، ئەنگلىيە تۆمۈريول ئىشچىلىرى ئىش تاشلاش ئۆتكۈزۈپ، ئىش ھەققىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان قوراللىق مۇداخىلىنى توختىشنى تەلەپ قىلدى. شۇ ئايدا، ئەنگلىيە «روسىيىگە ئارىلىشىشقا يول قويماسلىق» ھەرىكىتىنىڭ مەملىكەتلىك كومىتېتى مانچېستېردا قۇرۇلدى؛ مېكسىكا شەھىرىدە مېكسىكىدىكى ماركسىزمچى، كوممۇنىزمچى ۋە سوتسىيالىزمچى گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللەر يىغىنى ئېچىلىپ، مېكسىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلدى، ھەم كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشتى؛ ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خەلقئارالىق كېلىشىم ئىمزالاپ، ئافرىقىدا ھاراق ئىشلەشنى ياكى ئافرىقىغا ھاراق كىرگۈزۈشنى مەنئى قىلىشنى ھەم ئافرىقىنىڭ قورال - ياراغ سودىسىنى كونترول قىلىشنى قارار قىلدى.
1919
ئۆكتەبر
5 - ئۆكتەبر، تۈركىيىدە ئەلى رىزا كابىنېتى قۇرۇلدى. ھەم كامال پارتىيىسىدىكىلەر بىلەن يارىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتە مىللىي پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىپ، يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كېلىشىمى تۈزۈلدى. 5 - 8 - ئۆكتەبرگىچە، ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بولونىيىدە قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا كىرىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. 10 - ئۆكتەبر، ئانتانتا دۆلەتلىرى ئالىي كومىتېتى سوۋېت روسىيىسىگە ئىقتىسادىي قامال يۈرگۈزۈشنى رەسمىي جاكارلاشنى قارار قىلدى. شۇ ئايدا، پۈتۈن ھىندىستان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلتىيى بومبايدا بىرىنچى ھىندىستان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلتىيى بومبايدا بىرىنچى قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. مىسىردىكى ئەنگلىيىگە قارشى قوراللىق كۈرەش قايتا يەنە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى.
1919
نويابر
1 -11 - نويابرغىچە ئامېرىكىدا 550 مىڭ كۆمۈركان ئىشچىسى ئىش تاشلىدى. 16 - نويابر، فرانسىيىدە چوڭ سايلام ئېلىپ بېرىلدى. سايلامدىن ئىلگىرى، فرانسىيىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بىرلەشمە فرونت ئوڭقاناتلار «مىللىي ئىتتىپاقى» ۋە ئېدۇۋارت ئىررىئوت باشچىلىقىدىكى «سولقاناتلار ئىتتىپاقى»غا بۆلۈنۈپ كەتتى. گېئورگى كېلىمىنسۇ، ئالېكساندىر مىللېراند، رايموند پوئىنكارې ۋە ئارستىدبرىئاندلار «مىللىي ئىتتىپاق»نىڭ ۋەكىللىك ئەربابلىرى ئىدى. كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى، سوتسىياللار پارتىيىسى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيىسى بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ سىرتىدا ئىدى. سايلام نەتىجىسىدە «مىللىي ئىتتىپاق» پارلامېنتتا كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلىدى. مىلېران باشچىلىقىدا «مىللىي ئىتتىپاق» ھۆكۈمىتى تەشكىللەندى. ئارقىدىنلا يەنە فرانسىيىدە 1920 - يىلى `7 - يانۋاردا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئېلىپ بېرىلىپ، پائول دېسانېل زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى. 20 - 26 - نويابرغىچە، ئىنتېرناتسىئونال ياشلار تەشكىلاتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق خەلقئارا قۇرۇلتىي بېرلىندا ئۆتكۈزۈلدى. كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئول ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلدى. 27 - نويابر، پارىژ شەھىرىنىڭ يېنىدىكى نېيئىدا بۇلغارىيىگە قارىتىلغان سۈلھ شەرتنامە «نېيلى شەرتنامىسى» ئىمزالاندى. شەرتنامە، بۇلغارىيىنىڭ ئىگەي دېڭىزى بويىدىكى رايونلاردىن ۋاز كېچىشنى، يۇگوسلاۋىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى 200 مىڭغا قىسقارتىشنى بەلگىلىدى.
1919
دېكابر
8 - دېكابر پارىژ سۈلھ يىغىنى ئالىي كومىتېتى پولشىنىڭ شەرقىي قىسمىنى ۋاقىتلىق دۆلەت چېگرىسى قىلىشنى قارار قىلدى. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كېرزۇن 1920 - يىلى يازدا سوۋېت روسىيە ھۆكۈمىتىگە نوتا تاپشۇرۇپ، يۇقىرىدىكى قارارغا ئاساسەن پولشىنىڭ شەرقىدىكى ۋاقىتلىق دۆلەت سىزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ كېرزۇن سىزىقى دەپ ئاتاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 11 - دېكابر، قىزىل ئارمىيە خاركوۋقا كىردى، پۈتۈن ئوكرائىنا ئىنقىلابىي كومىتېتى قۇرۇلدى. 27 - دېكابر، بۇلغارىيىدە تۆمۈ ريول ۋە پوچتا تېلېگراف ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلىدى. مۇشۇ ئايدا، ئەنگلىيىنىڭ ئالفرېدمىلنېر تەكشۈرۈش ئۆمىكى مىسىردىكى «توپىلاڭ»نىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قاھىرىگە يېتىپ كەلدى، ھەم «ئىسلاھات لايىھىسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى؛ سۈرىيە ئەرەبلىرى فرانسىيىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى.