1937 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار
تارىختىكى چوڭ ئىشلار
يانۋار
2 - يانۋار، ئەنگلىيە بىلەن ئىتالىيە «ئوتتۇرا دېڭىز كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، ئۆزئارا قارشى تەرەپنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى مەنپەئىتى ۋە ھوقۇقىغا ھۈرمەت قىلىشنى، ھەمدە ئىسپانىيىنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئورتاق قوغداشنى قورال ۋە ھەربىي ئۈسكۈنە چىقىرىشنى مەنئى قىلدى. 23 - يانۋار، ياپونىيىدە خىروتا كابىنېتى تەختتىن يىقىلدى، 2 - فېۋرالغا كەلگەندە خاياسى سېندئۇرۇ، باشچىلىقىدىكى كابىنېت قۇرۇلدى. 23 - 30 - يانۋارغىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوت مەھكىمىسى گېئورگى يىئاتاكوۋ، كارل رادېك قاتارلىقلارغا جازا ھۆكۈم قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 13 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. 24 - يانۋار، يۇگوسلاۋىيىنىڭ تويادېنوۋىچ ھۆكۈمىتى بېلگرادتا بۇلغارىيە بىلەن «مەڭگۈ دوستلۇق شەرتنامىسى» ئىمزالىدى. 25 - مارت، يۇگوسلاۋىيە يەنە ئىتالىيە بىلەن مۇددىتى بەش يىللىق ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق ۋە كېسىم شەرتنامىسى ئىمزالىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇگوسلاۋىيە چېخۇسلوۋاكىيە بىلەن ھەربىي جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى رەت قىلدى. يۇقىرىدىكى تەدبىرلەر ئۇششاق ئانتانتا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى ئاجىزلاشتۇردى. شۇ ئايدا، ئەنگلىيىدە كوممۇنىستىك پارتىيە مۇستەقىل ئىشچىلار پارتىيىسى ۋە سوتسىيالىستلار ئىتتىپاقى ئەنگلىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ يېڭى تەشۋىقا ت ھەرىكىتىنى باشلاشنى قولغا كەلتۈردى. 20 - فېۋرالغىچە، ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى شتاتلرىدا قانۇن تۇرغۇزۇش بويىچە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، ھىندىستان كونگرېستلار پارتىيىسى ئالتە شتاتتىكى سايلامدا مۇتلەق كۆپ ئاۋازغا ئېرىشتى، قالغان ئۈچ شتاتتىكى سايلامدىمۇ خېلى كۆپ سانلىق سايلىغۇچىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈردى. شۇ يىلى ئىيۇلدا، ھىندىستان كونگرېستلار پارتىيىسى ئالتە شتاتتا شتاتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. 1938 - يىلى يەنە ئىككى شتاتتا شتاتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللىدى.
1937
فېۋرال
17 - 18 - فېۋرال، ئەنگلىيە ھەربىي كېڭەيمىچىلىك پىلانىنى ماقۇللىدى. فېۋرالدىن مارتقىچە، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى كويزون تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكىغا بېرىپ فىلىپپىن مۇستەقىللىك قانۇنىنى تۈزۈشنى مەسلىھەتلەشتى. كويزون فىلىپپىننىڭ 1938 - يىل ياكى 1939 - يىل مۇستەقىل بولۇشىنى تەلەپ قىلدى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالتە نەپەر ئامېرىكىلىق، ئالتە فىلىپپىنلىقتىن تەركىب تاپقان فىلىپپىن مۇستەقىللىكىگە تەييارلىق كۆرۈش بىرلەشمە كومىتېتى قۇرۇشقا قوشۇلدى.
1937
مارت
1 - مارت، پولشىدا گېنېرال ئادام كۆك «مىللىي بىرلىك سەپ لاگېرى» تەشكىللىدى. 12 - مارت، فىنلاندىيىدە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكىلەر قاتناشقان بۇرژۇئا سولقانات ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. شۇ كۈنى (20 - فېۋرالغىچە)، ئىسپانىيە جۇمھۇرىيىتى ھىمايە قىلغۇچىلار گۋادالاخاردا توپىلاڭچىلار بىلەن قوراللىق مۇداخىلىچىلىرى بىلەن گېرمانىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. 22 - مارت، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئەنگلىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن لوندوندا ئېچىلغان ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 25 - مارت، ئىتالىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز فرانسىيىنىڭ بليوم ھۆكۈمىتى مونوپول گۇرۇھلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي ئىسلاھات قەدىمىنى ئاستىلاتقانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى.
1937
ئاپرېل
1 - ئاپرېل، بىرما ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستاندىن رەسمىي ئايرىلىپ، ئەنگلىيە باش نازارەتچىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا، ئەنگلىيە كابىنېتىنىڭ بىۋاسىتە ئىدارە قىلىشىغا ئۆتتى. 12 - ئاپرېل (18 - مايغىچە)، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئىتالىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق مىسىرنىڭ زېمىن سىرتى ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان دۆلەتلەر شۋېتسارىيىنىڭ مونتىرېدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ مىسىردىكى زېمىن سىرتى ھوقۇقىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى. بىراق ئارىلاشما سوت مەھكىمىسى يەنىلا 12 يىل داۋام قىلدى. 27 - ئاپرېل، ئىتالىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەھبىرى ئانتونىئوگرامىسى ئون يىل قاماقتا ياتقاندىن كېيىن تۈرمىدە ۋاپات بولدى.
1937
ماي
17 - ماي، ئىسپانىيە جۇمھۇرىيىتىدە سوتسىيالىستلار پارتىيسىدىن جوئان نېگرىن رەھبەرلىكىدىكى 2 - نۆۋەتلىك خەلق فرونتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. 21 - ماي (1938 - يىل 19 - فېۋرالغىچە)، سوۋېت ئىتتىپاقىدا «شىمالىي قۇتۇپ» يەر ئاقمىسىنى تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇلدى. 26 - ماي، مىسىر خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى. 28 - ماي، ئەنگلىيىدە بولدوئىن كابىنېتى ئىستېپا بەردى. ئەڭ كۈچلۈك كېلەيفىدۇن گۇرۇھىدىن نىۋىلىل چېمبېرلىن كابىنىېت تەشكىلىدى. 31 - ماي، گېرمانىيىنىڭ تۆت ھەربىي پاراخوتى ئىسپانىيە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئارمېلىيىنى توپقا تۇتتى. شۇ ئايدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يېڭى «بىتەرەپ قانۇن ماقۇللاپ، «بىتەرەپ» قانۇن لايىھىسىنىڭ مەزمۇنى «ئىچكى ئۇرۇش» يۈز بەرگەن دۆلەتلەردىكى ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپكىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ دەپ بەلگىلىدى.
1937
ئىيۇن
3 - ئىيۇن (1939 - يىل 4 - يانۋارغىچە)، ياپونىيىدە كونوئې فومىھارو كابىنېتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى، خىروتا كوكى دىپلوماتىيە ۋەزىرى بولدى (1938 - يىل 26 - مايدا ئۇگاكى ئىسي ئۆتكۈزۈۋالدى)، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرلىكىگە سوگىياماتو تەيىنلەندى (1938 - يىل 3 - ئىيۇندا، ئىتاگاكى سىشرو ئالماشتى)، كومېيۇچى مىتسۇماسسا دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولدى، ئاراكى، ساداۋ خەزىنە ۋەزىرى بولدى (1938 - يىل 26 - مايدا ئىكىدا سېپخىن ئالماشتى)، 12 - ئىيۇن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي سوت مەھكىمىسى مىخائىل توخاچېۋىسكى ۋە ئۇندىن باشقا يەتتە نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي كادىرنى سوراق قىلدى ھەم ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بەردى. 14 - ئىيۇن، ئىرلاندىيە يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللىدى، ھەم ئىرلاندىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت دەپ جاكارلىدى. 18 - 20 - ئىيۇن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى ۋالېرى پاۋلوۋىچ چىكالوۋ ۋە مىخائىل مىخايلوۋىچ گروموۋ موسكۋادىن شىمالىي قۇتۇپ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ پورتلېندىگىچە بولغان ئۇچۇشنى تاماملىدى، شۇ يىلى 12 - 14 - ئىيۇلغىچە يەنە موسكۋادىن شىمالىي قۇتۇپ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ سان - دژاسىنتوگىچە بولغان ھاۋا يولىدا ئۇچۇشنى تاماملىدى. 19 - ئىيۇن، فرانسىيىدە بىليوم كابىنېتى ئىستېپا بەردى، رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن كامىل چاۋتېمېس باش مىنىستىر، بىليوم مۇئاۋىن مىنىستىرلىكىدە يېڭى كابىنېت تەشكىللەندى. 27 - ئىيۇن، مېكسىكىنىڭ لازارو كاردېناس ھۆكۈمىتى تۆمۈر يولنى دۆلەت ئىجتىيارىغا ئېلىشنى يولغا قويۇپ، 7000 مىڭ كىلومېتر تۆمۈر يولنى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا ئالدى.
1937
ئىيۇل
7 - ئىيۇل، ياپونىيىنىڭ «شىمالىي جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسى» جۇڭگونىڭ خېبېي ئۆلكىسى ۋەنپىڭ ناھىيىسىدىكى لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى ئەتراپىدا «لۇگۇچيا ۋەقەسى»نى پەيدا قىلىپ، جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى. 8 - ئىيۇل، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىنگە ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ توقۇنۇشىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن پېركومىتېتى دوكلات خېتى ئېلان قىلىپ، ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ بىللە ئۆتۈش مۇمكىنچىلىكى يوق دەپ قارىدى، ھەمدە پەلەستىندىكى مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىنىۋاتقان جايلارنى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لايىھىدە ئۈچ دۆلەت قىلىپ ئايرىلدى: 1. پۈتۈن زېمىننىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قسىمىنى ئىگىلەيدىغان جايلار يەھۇدي دۆلىتى قىلىندى. 2. يېرۇسالېم، بېتلېخېم ۋە دېڭىز بويىغا ئۆتىدىغان كارىدورنى ئەنگلىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلقى قىلىپ بېرىلدى. 3. قالغان جايلار تاشقى ئىئوردانىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئەرەب دۆلىتى قىلىندى. 9 - ئىيۇل، ئىراق، تۈركىيە، ئىران ۋە ئافغانىستانلار ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، شەرق ئىسلام ئانتانتا دۆلەتلىرىنى شەكىللەندۈردى. 15 - ئىيۇل، سوۋېت ئىتتىپاقى موسكۋا - ۋولگا قانىلىنى ئاچتى. شۇ ئايدا، برازىلىيە بىلەن ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە كېلىشىمى ئىمزالىدى؛ ئىيۇلدىن ئاۋغۇستقىچە، سۈرىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كۇردلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاپتونومىيە ۋە بۆلۈنۈشنى تەلەپ قىلدى. قوزغىلاڭ باستۇرۇلدى.
1937
ئاۋغۇست
2 - ئاۋغۇست، دۇنيا يەھۇدىي قىساسچىلىرىنىڭ قۇرۇلتىي «پېر لايىھىسى»نى قوبۇل قىلدى، لېكىن بەزى ئۆزگەرتىش شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، 23 - ئاۋغۇست خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق كومىتىتى ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلتىي «پېر لايىھىسى»نى پرىنسىپ جەھەتتىن قوبۇل قىلدى. 11 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيە ئىراقتا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش پىلانلىدى، بەكرى سىدىق يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلۈپ، نۇرى سەئىد باشچىلىقىدا ئەنگلىيە پەرەس ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. 13 - ئاۋغۇست، ياپون تاجاۋۇزچى ئارمىيسى شاڭخەيدە باۋشەن يولى ۋە بازىچاۋ قاتارلىق جايلارغا قوراللىق ھۇجۇم قىلدى. جۇڭگو ئارمىيىسى باتۇرلۇق بىلەن قايتۇرما زەربە بەردى، بۇ تارىختا «13 - ئاۋغۇست» ۋەقەسى دەپ ئاتىلىدۇ. 12 - نويابر ياپون ئارمىيىسى شاڭخەينى ئىشغال قىلدى. 13 - دېكابر يەنە نەنجىڭنى ئىشغال قىلدى، ياپون تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى جۇڭگو خەلقىگە قارىتا نەسلىنى قورۇتۇش خاراكتېرلىك چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى، شۇندىن كېيىنكى بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، نەنجىڭ ئاھالىسىدىن 300 مىڭدىن ئارتۇقراق ئادەم قىرغىن قىلىندى، پۈتۈن شەھەردىكى ئۆيلەرنىڭ 1 / 3 قىسمى كۆيدۈرۈۋېتىلدى.
1937
سېنتەبر
6 - سېنتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پاراخوتى ئوتتۇرا دېڭىزدا ئوققا تۇتۇلۇپ چۆكۈپ كەتكەنلىكتىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئىتالىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق نوتىسى تاپشۇردى. 8 - سېنتەبر، سۈرىيىنىڭ بولۇدان شەھىرىدە پان ئەرەبلەر قۇرۇلتىيى ئېچىلدى، قۇرۇلتاي پېر لايىھىسىنى رەت قىلىپ، پەلەستىندە ئەنگلىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن دۆلەت قۇرۇشنى، ھەم يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنىڭ پەلەستىنگە كۆچۈپ كىرىشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. 28 - سېنتەبر، پەلەستىننىڭ گالىلېدا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيىنىڭ يەرلىك ۋالىيسى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلدى. شۇ ئايدا (ئۆكتەبرگىچە)، فرانسىيىگە قاراشلىق ماراكەستىكى مىللىي چوڭ قوزغىلاڭ فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ رەھىمسىز باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى.
1937
ئۆكتەبر
1 - ئۆكتەبر، ئەنگلىيە مەمۇرىي دائىرىلىرى ئەرەب ئالىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىنى قولغا ئالدى. 6 - سېنتەبر، يۇگوسلاۋىيىدە ئۆكتىچىلەر پارتىيىسى ۋاقىتلىق پارلامېنتنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى - «دېموكراتىك ئىتتىپاق» قۇرۇلدى. 13 - سېنتەبر، بۇلغارىيىدە 40 تىن ئارتۇق ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ داھىيلىرى پادىشاھقا مۇراجىئەت سۇنۇپ، ئەركىن سايلامنى يولغا قويۇشنى ھەم ئاساسىي قانۇنىنى ئەلسىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. پادىشاھ يېڭى سايلام قانۇنىنى جاكارلىدى. 16 - ئۆكتەبر، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ سودېتېندىكى «نېمىسلار پارتىيىسى» دپلىزدا قۇرۇلتاي ئاچتى، ئۇلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. «نېمىسلار پارتىيىسى» نىڭ كاتتىبېشى كونراد ھونلېن ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى، ھەمدە نېمىسلارغا تولۇق ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشنى تەلەپ قىلدى، 29 - نويابردا سودېتېن «نېمىسلار پارتىيىسى»نىڭ پارلامېنت ئەزالىرى پارلامېنتتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. ۋېنگرىيىدىكى ھەرقايسى فاشىستىك تەشكىلاتلار فېرېنس سزالاس باشچىلىقىدىكى ۋېنگىرىيە دۆلەت سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى بىلەن بىرلەشتى. 25 - ئۆكتەبر، تۈركىيىدە ئىسمەت ئىنېنو ھۆكۈمىتى ئىستېپا بەردى، جېلال بايار كابىنېت تەشكىللىدى. 28 - ئۆكتەبر، ئىسپانىيە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ۋالېنسىيىدىن بارسېلوغا كۆچتى. شۇ ئايدا، ئامېرىكىدا سودا سانائەتتە چېكىنىش يۈز بېرىپ، پاي چېكى باھاسىنىڭ ئۇچقاندەك چۈشۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، چېكىنىش ئەھۋالى ئالدىنقى بىرقانچە ئايدىكىدىن تېخىمۇ روشەن بولدى؛ ياپونىيىدە كېڭەش ئەمەلدارلىرى كابىنېت مەجلىسى قۇرۇلدى، 11 - 21 - نويابر، توكيودا ئىمپېرىيە باش شتابى تەسىس قىلىنىپ، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنى پادىشاھنىڭ بىۋاسىتە ھوقۇقى ئاستىدا ھەرىكەت قىلىدىغان قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيە گېنېراللىرىنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈردى؛ فرانسىيىدە گاگۇلچىلار قۇرغان فاشىستىك تەشكىلات - «نىقابلىقلار پارتىيىسى»نىڭ سۇيىقەستلىك ئەنزىلىرى ئېچىپ تاشلىنىپ، ئۇلارنىڭ مەخپىي پىلانى ۋە يەر ئاستى ئىستىھكامى شۇنداقلا ھەربىي قورال - ياراغ ئامبارلىرى قولغا چۈشتى.
1937
نويابر
1 - نويابر، برازىلىيىدە فاشىستىك تەشكىلات خولىزمچىلار رىو - ژانېيرودا پارات ئۆتكۈزدى. 3 - 24 - نويابر، 1922 - يىلى «توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى»نى ئىمزالاشقا قاتناشقان دۆلەتلەر خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، بېريۇسسېلدا يىغىن ئېچىپ، ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن يىراق شەرقتە شەكىللەنگەن ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىنغا ئەنگلىيە، ئامېرىكا، جۇڭگو، فرانسىيە، ئىتالىيە، پورتۇگالىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە ھەمدە 1922 - يىلدىن كېيىن ۋاشنگتون ئەھدىنامىسىگە قاتناشقان نۇرۋېگىيە، دانىيە، شۋېتسىيە، بولىۋىيە ۋە مېكسىكا قاتناشتى. بېرىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ دومىنىئونلىرىدىن كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە ھىندىستانلارمۇ ۋەكىل ئەۋەتىپ يىغىنغا قاتناشتۇرۇدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان دۆلەت سۈپىتىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتتى، ياپونىيە، گېرمانىيە يىغىنغا قاتنىشىشنى رەت قىلدى. بېريۇسسېل يىغىنى پەقەت «توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى» دە بەلگىلەنگەن پرىنسىپلارغا ھۈرمەت قىلىش تەكىتلەنگەن قۇرۇق ئەھدىنامە ئېلان قىلىپ، ياپونىيىنىڭ «توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى» گە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ جۇڭگو ياپونىيە ئىككى تەرەپكە ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى، تاجاۋۇزچىلىقنى چەكلەيدىغان ھېچقانداق ئەمەلىي تەدبىر قوللانمىدى. 6 - نويابر، ئىتالىيە، گېرمانىيە بىلەن ياپونىيىنىڭ «كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى ئەھدىنامە» سىگە قاتناشتى. 10 - نويابر، برازىلىيىدە زۇڭتۇڭ سايلىمى ھارپىسىدا ژېتۇلىئۇ ۋارگاس سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، برازىلىيىنى «بىرلەشمە تۈزۈمدىكى دۆلەت» دەپ جاكارلىدى. 2 - دېكابرغا كەلگەندە يەنە بارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلدى. 17 - نويابر، ئەنگلىيىنىڭ مۇقىم ۋەزىپىسى بولمىغان ۋەزىرى ئىدۋارد فرېدېرىك لىندې. ۋود ھالىفاكس گېرمانىيىنىڭ بېرھتېسگا دېنغا بېرىپ گىتلېر بىلەن كۆرۈشتى.
1937
دېكابر
1 - 17 - دېكابر، فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنستىرى يىۋەن دېلبوس پولشا، رۇمىنىيە، يۇگوسلاۋىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيىلەرنى زىيارەت قىلىپ، فرانسىيىنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى ئىتتىپاق سىستېمىسىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نەتىجە قازىنالمىدى. 11 - دېكابر، ئىتالىيە خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. 112 - دېكابر، سوۋېتى ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتى سايلام ئۆتكۈزدى، مىخائىل كالىنىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېت ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. 30 - دېكابر، مىسىر پادىشاھى فارۇخ ناخغاسنىڭ ۋەفدون پارتىيىسى كابىنېتىنى تارقىتىۋەتتى، لېبېرال ئاساسىي قانۇن تىكلەش پارتىيىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەت مەھمۇد پاشا كابىنېت تەشكىللىدى. ۋەفدون پارتىيىسى پارچىلىنىشقا باشلىدى، پارتىيە ئىچىدە ناىغاسقا قارشى گۇرۇھ مەيدانغا كەلدى.
شۇ يىلى «بىرما نېفىت شىركىتى» نىڭ ھەرقايسى نېفىت ئېلىش مەيدانلىرىدىكى ئىشچىلار ئىش تاشلىدى، ھەمدە رانگونغا قاراپ 500 كىلومېترلىق «ئاپارچىلىق پۇرۇشى» ئېلىپ بېرىپ، ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. يىل ئاخىرىسىدا، ئىنتېرناتسىئونال ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تارقالدى؛ گانا دېھقانلىرى كاكائو تاپشۇرۇشنى رەت قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى، بۇ ھەرىكەت 1938 - يىلغىچە داۋاملاشتى.