UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1944 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1944 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 9 - يانۋار، پولشىدا تۆت بۇرژۇئا سىياسىي پارتىيىسى ئىسلاھاتچى سىياسىي پارتىيە ئىتتىپاقى بىلەن مەملىكەتلىك ئىتتىپاقلىق يىغىنى تەشكىللىدى. 11 - يانۋار، مەراكەش مۇستەقىل پارتىيىسى (1943 - يىل ئۇرۇشتىن ئىلگىرى مىللىي پارتىيىنىڭ ئاساسىدا قۇرۇلغان) فرانسىيە ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر دائىرىلىرىگە بىر پارچە مۇستەقىللىك باياناتى تاپشۇرۇپ، مەراكەش سۇلتانىغا دۆلەتنى ئىسلاھ قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. 14 - يانۋار، سوۋېت ئارمىيىسى لېنىنگراد بىلەن نوۋگورودتا گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم جېڭى (بىرىنچى قېتىملىق زەربە) قوزغاپ، فېۋرالنىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىي 90 مىڭدىن ئارتۇقراق دۈشمەننى يوقىتىپ، لېنىنگراد ئوبلاستىنى تولۇق ئازاد قىلدى. 19 - يانۋار، مەراكەش مۇستەقىل پارتىيىسى سۆھبەت ئېلان قىلىپ، فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى قوللىدى. 25 - 26 - يانۋار، سوۋېت ئارمىيىسى دنېپىر دەرياسىنىڭ غەربىدىكى جەنۇبىي بوگ ئىككىنچى ۋادىسىدا گېرمانىيە ئارمىيىسىگە كۈچلۈك ھۇجۇم جېڭى ئىككىنچى قېتىملىق زەربە) قوزغاپ، ئاپرېلنىڭ دەسلىپىگىچە، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ جەمئىي 66 دىۋىزىيىسىنى تارمار قىلىپ، غەربكە قاراپ 400 كىلومېتر ئىچكىرىلەپ، دنېپىر تولۇق ئازاد قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت چېگرا سىزىقىغا يېتىپ بېرىش بىلەن گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسى ئىچىدىكى مۇداپىئە سىزىقىنى جەنۇب ۋە شىمال ئىككى بۆلەككە ئايرىپ تاشلىدى. 26 - يانۋار، ئارگېنتىنا گېرمانىيە ۋە ياپونىيە ئىككى دۆلەت بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى. شۇ ئايدا، گىتلېر ھۆكۈمىتى 4 مىليون چەت ئەللىك ئىشچىنى گېرمانىيىنىڭ ھەربىي سانائىتىدىكى ئادەم يېتىشمەسلىكنى تولۇقلاشقا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى؛ ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستلىرى جاكارتادا «قىزىل كالا» دەپ مەخپىي نام بېرىلگەن «ئەركىن ھىندۇنېزىيە ھەرىكىتى» يەر ئاستى تەشكىلاتىنى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوكارنو ۋە باشقا بىر قسىم مىللەتپەرۋەر پائالىيەتچىلەر «ئالاھىدە ئاۋانگارت ئەترىتى» تەشكىللىدى. «ئەركىن ھىندۇنېزىيە ھەرىكىتى» مۇ «ئالاھىدە ئاۋانگارت ئەترىتى» گە قاتناشتى؛ ئامېرىكا - ئەنگلىيە ئەنگلىيە بوغۇزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمال قىسىمىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىشنىڭ «زومىگەرلىك» جېڭى پىلانىنى، شۇنداقلا فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ياردەمچى ھۇجۇم بىلەن ماسلىشىشنىڭ «تۆمۈر سەندەل» جېڭى پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. د. ئىزىنخاۋېر ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ ياۋروپا يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى. گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە جەمئىي 315 دىۋىزىيە ۋە ئون برىگادا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە غەربىي ياۋروپا، غەربىي شىمال ياۋروپا ۋە بالقاندا 102 دىۋىزىيە ۋە ئۈچ برىگادا بار ئىدى، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئالىي قوماندانلىق شتابىنىڭ زاپاس قىسىمى 15 دېۋىزىيە ۋە بىر برىگادا ئىدى؛ گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ سوۋېت - گېرمانىيە ئۇرۇش مەيدانىدا 198 دىۋىزىيە ۋە ئالتەبرىگادىسى بولۇپ، ئومۇمىي ئەسكىرىي كۈچىنىڭ 63 پىرسەنتىنى ئىگىلەيتتى. 1944 فېۋرال 2 - فېۋرال، ئىتتىپاقداش ئارمىيە مارشال تاقىم ئارىلىغا بېسىپ كىردى. 17 - 18 - فېۋال، ئامېرىكىنىڭ تېز سۈرئەتلىك ئاۋىئاماتكا زەربىدار ئەترەتلىرى ياپونىيىنىڭ بىرلەشمە فلورت بازىسى - كارولىن تاقىم ئارىلىدىكى ترۇكقا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. 24 - فېۋرال، جۇئان د. پېرون ئارگېنتىنانىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. ئامېرىكا ئولجا ئېلىنغان ھۈججەتلەرگە ئاساسەن، پېروزنى ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ ئەيىبلىدى. 1944 مارت 1 - مارت، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا فاشىزمغا قارشى ئومۇمىي ئىش تاشلاش بولدى. 9 - مارت، ياپونىيە دائىرىلىرى ھىندۇنېزىيىدىكى «خەلق روھىي كۈچىنىڭ مەركىزى» تەشكىلىنى تارقىتىۋەتتى. 12 - مارت، گرېتسىيىدە مىللىي ئازادلىق سىياسىي كومىتېتى قۇرۇلدى. 14 - مارت، ئالجىرىيە مىللىي بۇرژۇئازىيىسىنىڭ رادىكال گۇرۇھىنىڭ ۋەكىللىرى ئالجىرىيىدە «خىتابنامە ۋە ئەركىنلىك دوستى جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، فرانسىيە بىلەن ئىتتىپاق ئورنىتىش شەرتى ئاستىدا ئالجىرىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. 15 - مارت، فرانسىيە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتنىڭ پروگراممىسىنى تەستىقلىدى. پروگراممىدا ئىشغالىيەتچىلەر بىلەن ۋەتەن ساتقۇچىلارغا قارشى قوراللىق كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ جىددىي تەدبىرى كۆرسىتىلىپ،قاتىللىق تاكتىكىسى ئەيىبلەندى. پۈتۈن مەملىكەت ئازاد بولغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدىغان ئىلغار سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنىڭ كەڭ دائىرىلىك پىلنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىلنىڭ بېشىدا، فرانسىيىنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ھەرقايسى قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار ئەترەتلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ «فرانسىيە ئىچكى ئارمىيىسى» (ئومۇمىي سانى 500 مىڭ كىشى) قىلىپ قۇرۇلدى، بۇ قوشۇنغا ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپقان قارشىلىق كۆرستىش ھەرىكىتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ھەربىي كومىتېتى رەھبەرلىك قىلدى. 19 - 22 - مارت، ۋېنگرىيە مۇستەبىتى خورىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن گېرمانىيە فاشىستىك مۇستەبىتى خورىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن گېرمانىيە فاشىستىك قوشۇنلىرى ۋېنگرىيىنى ئىشغال قىلدى. 26 - مارت، سوۋېت ئارمىيىسى پرۇت دەرياسى بويىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسىغا يېتىپ كەلدى ھەم پرۇت دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ رۇمىنىيىگە كىردى. شۇ ئاينىڭ ئاخىرى (ماينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە)، سوۋېت ئارمىيىسى ئودېسسا جېڭى بىلەن قىرىم جېڭى (3 - قېتىملىق زەربە) نى ئېلىپ بېرىپ، قارا دېڭىزدىكى ئاساسلىق پورت - ئودېسسا بىلەن سىۋاستوپولنى ئازاد قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى زېمىنلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۈشمەننى تولۇق تازىلاپ چىقاردى. 1944 ئاپرېل 4 - ئاپرېل، فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى دې گولل باشچىلىقىدىكى فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتىغا كىردى. 22 - 24 - ئاپرېل، ئىتالىيىدىكى فاشزمغا قارشى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بادوگلىئو ھۆكۈمىتىگە قاتنىشىپ، كوممۇنىستلار ۋە سوتسىيالىستلار قاتناشقان مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنى قۇردى. 23 - ئاپرېل )11 - ئىيۇنغىچە)، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 7 - قۇرۇلتىيى يەنئەندە چاقىرىلدى. شۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى (دېكابرنىڭ باشلىرىغىچە)، جۇڭگودىكى ياپون تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى «بىرىنچى نومۇرلۇق ئۇرۇش قىلىش» ھەرىكىتىنى قوزغاپ، گومىنداڭنىڭ 600 - 500 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، بېيجىڭ - خەنكۇ (جەنۇب تەرىپى)، گۇاڭجۇ - خەنكۇ، خۇنەن - گۇاڭشى ئۈچ تۆمۈريول لىنىيىسىنى، جېڭجۇ، شۈيچاڭ، لوياڭ، چاڭشا، خىڭياڭ، لىڭلىڭ، گۇيلىن، ليۇجۇ، نەندەن، نەننىن قاتارلىق 140 تىن ئارتۇق چوڭ - كىچىك شەھەر ۋە يەتتە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى تۇتاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ ئازاد رايونلىرىدىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا قىسمەن دائىرىدە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى. 1944 ماي 1 - ماي، رۇمىنىيىدە ئىشچىلار بىرلىك سېپى قۇرۇلدى. شۇ كۈنى، بوئېنوس - ئايرېستا زور كۆلەمدە نامايىش بولدى، نامايىشچىلار ئارگېنتىنادا ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. 11 - ماي، ئەنگلىيە - ئامېرىكا ئارمىيىسى رىمغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىدى. 20 - ماي، گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق فرونتنىڭ سىياسىي كومىتېتى گرتسىيە سەرگەردان ھۆكۈمىتى بىلەن پارىژدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى تەشكىللەش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى. كېلىشىمگە سەرگەردان ھۆكۈمەت، مىللىي ئازادلىق فرونتىنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، مىللىي دېموكراتىك ئىتتىپاق، مىللەت ۋە ئىجتىمائىي ئازادلىق ھەرىكىتى ھەمدە بۇرژۇئا گۇرۇھلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىمزا قويدى. بۇ كېلىشىم «پارىژ كېلىشىمى» دەپ ئاتالدى. 24 - ماي، بېرمېت شەھىرىدە ئالبانىيىنىڭ فاشىزمغا قارشى مىللىي ئازادلىق كومىتېتى ئالبانىيىنىڭ بىردىنبىر ئاساسىي قانۇنلۇق ئورگىنى ۋە ئىجرائىيە ئورگىنىغا ئايلاندى. 1944 ئىيۇن 2 - ئىيۇن، فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتى فرانسىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. 4 - ئىيۇن، ئامېرىكىنىڭ 5 - كورپوس ئارمىيىسى رۇمىنىيىگە كىردى. مارشال بادوگلىئو ئىتالىيىنىڭ باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىۋانوبانومى تەيىنلەندى. 5 - ئىيۇن كېچىدە، ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىققۇچى قىسىملىرى ئەنگلىيە بوغۇزىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى نورماندىيە دېڭىز ساھىلىغا ھۇجۇم باشلىدى. 6 - ئىيۇن تاڭ سەھەردە، ئامېرىكا - ئەنگلىيىنىڭ 2300 دىن ئارتۇق ترانسپورت ئايروپىلانى بىلەن 800 دىن ئارتۇق لەيلەپ ئۇچىدىغان ئايروپىلانى ئەنگلىيىنىڭ 20 ئايرۇدورومىدىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۈچ پاراشوتچى دىۋىزىينى ئېلىپ نورماندىيە دېڭىز ساھىلىنىڭ مۇھىم رايونلىرىدا يەرگە قوندى. ئامېرىكا - ئەنگلىيىنىڭ 2200 دىن ئارتۇق بومباردىمانچى ئايروپىلانى قىسىملار قۇرۇقلۇققا چىقىشتىن بۇرۇن، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ دېڭىز بويىدىكى مۇداپىئە ئىستىھكامى ۋە قورغانلىرىنى مەركەزلىك ھالدا بومباردىمان قىلدى. ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىمۇ توپقا تۇتى. سائەت ئالتىدىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئوماخا بىلەن يوتا ساھىلىنىڭ باش قىسىمىدىن قۇرۇقلۇققا چىقتى. ئەنگلىيە ئارمىيىسى سائەت يەتتىدىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئالتۇن ساھىلىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىشنى باشلىدى. كانادانىڭ ئۈچ دىۋىزىيىسى جۇنۇ ساھىلىدىن قۇرۇقلۇققا چىقتى. شۇ كۈنى كەچتە، ئىتتىپاقداش ئارمىيە قۇرۇقلۇق ساھىلىنىڭ باش قىسمىدا مۇستەھكەم پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك بازا قۇردى، 10 دىۋىزىيىگە يېقىن قوشۇن تانكا، زەمبىرەك ۋە باشقا قوراللار بىلەن قىرغاققا چىقىپ بولدى، گىتلېر ھەدەپ كۆككە كۆتۈرۈپ كەلگەن «ئاتلانتىك ئوكيان قورغىنى» بۆسۈپ تاشلاندى. 10 - ئىيۇن (ئىيۇن ئايلىرىنىڭ ئاخىرغىچە)، سوۋېت ئارمىيىسى لېنىنگراد ۋە لادوكا كۆلىنىڭ شىمالىدىكى سوۋېت - فىنلاندىيە ئۇرۇش سېپىدە ھۇجۇم (تۆتىنچى - قېتىملىق زەربە) قوزغىدى. 13 - ئىيۇن، گېرمانىيە V تىپلىق راكېتا ئەنگلىيە زېمىنىدا پارتلىدى. ئۇچار بومبا بىلەن راكېتانىڭ ئەجەللىك زەربە بېرىش نىسبىتى يۇقىرى بولمىغانلىقتىن، ھەربىي ئىشلاردىكى ئۈنۈمىمۇ چوڭ بولمىدى. گېرمانىيىنىڭ ئۇچار بومبىسى بىلەن راكېتاسى ئەنگلىيىدە تەخمىنەن ئون مىڭدەك ئادەمنى پارتلىتىپ ئۆلتۈردى، 23 مىڭ 500 ئادەمنى ئېغىر يارىدار قىلدى. 15 - ئىيۇن، ئامېرىكا ئارمىيىسى سايپان ئارىلى (مارىئان تاقىم ئاراللىرى) دىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، (10 - ئاۋغۇست) مارىئان تاقىم ئاراللىرىنى تولۇق ئىشغال قىلدى. 16 - ئىيۇن، ئامېرىكىنىڭ ئېغىر تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى ياپونىيىنىڭ كيۇسيۇ ئارىلىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ياپونىيە شەھەرلىرىنى شىددەتلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى ياپونىيىنىڭ كيۇسيۇ ئارىلىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ياپونىيە شەھەرلىرىنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلىشنى باشلىۋەتتى، بۇ بومباردىمانچىلىق تاكى ياپونىيە تەسلىم بولغانغا قەدەر داۋاملاشتى. 17 - ئىيۇن، ئىسلاندىيە مۇستەقىل ئىسلاندىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. 18 - ئىيۇن، ئىتالىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش شۇجىسى پالمىرو تولياتتى خەلقنى گىتلېرغا قارشى ئومۇميۈزلۈك قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىردى. 19 - 20 - ئىيۇن، غەربىي قىسىمدىكى مارىئان تاقىم ئاراللىرىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ئارمىيىسى ياپونىيىنىڭ ئۈچ ئاۋىئاماتكىسىنى چۆكتۈرۈۋەتتى. 640 ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى. ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە تىنچ ئوكياندا ھاۋا ۋە دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تامامەن ئۆز قولىغا ئالدى. 20 - ئىيۇن، رۇمىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى، دۆلەت دېھقانلار پارتىيىسى ۋە دۆلەت لېبىرالىستلار پارتىيىسىدىن تەركىب تاپقان مىللىي دېموكراتىك ئىتتىپاق قۇرۇلدى. 22 - ئىيۇن (5 - ئىيۇلغىچە)، كوپېنھاگېن ۋە دانىيىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە فاشىزمغا قارشى ھەرىكەت ھەم ئومۇمىي ئىش تاشلاش كۆتۈرۈلدى. 23 - ئىيۇن (ئىيۇلنىڭ ئاخىرىغىچە)، سوۋېت ئارمىيىسى بېلۇرۇسسىيىدە ھۇجۇم جېڭى (5 - قېتىملىق زەربە) قوزغىدى. بۇ قېتىمقى جەڭدە سوۋېت ئارمىيىسى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ 540 مىڭ ئەسكىرىنى يوقىتىپ، غەربكە قاراپ 500 - 600 كىلومېتر ئىلگىرىلەپ، بېلۇرۇسسىيىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى ۋە لىتۋانىڭ بىر قىسمىنى ئازاد قىلدى ھەم پولشا ئارمىيىسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن پولشىنىڭ شەرقىي قىسمىنى ئازاد قىلىپ، شەرقىي پرۇسسىيە بىلەن ۋارشاۋاغا قىستاپ باردى. مۇشۇ ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئامېرىكا - ئەنگلىيە قوشۇنلىرى نورماندىيە ساھىلىدىكى بازىسىنى كېڭەيتتى. ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى - جىتۇەنجۈنى غەربىي شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، 26 - ئىيۇندا شېربۇرگنى ئىشغال قىلدى ھەم كوتانتېن ئارىلىدىكى گېرمانىيە قوشۇنلىرىنى تازىلىدى. ئىيۇننىڭ ئاخىرىدا، قۇرۇقلۇققا چىققان ئىتتىپاقداش ئارمىيە 1 مىليون كىشىگە يەتتى، بۇ ئامېرىكنىڭ 13 دىۋىزىيىسىنى ئەنگلىيىنىڭ 11 دىۋىزىيىسىنى ۋە كانادانىڭ بىر دىۋىزىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گېرمانىيىنىڭ نورماندىيىدە جەمئىي 13 دىۋىزىيىسى بار ئىدى. شۇ ئايدا، ئىتالىيە پارتىزان ئەترەتلىرى ئەركىن پىدائىيلار كورپۇسى قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا بىرلىككە كەلتۈردى؛ ۋېيتنام دېموكراتلار پارتىيىسى (30 - ئىيۇن قۇرۇلغان) ۋيېتنام ئىتتىپاقىغا قاتناشتى. 1944 ئىيۇل 1 - 22 - ئىيۇل، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، جۇڭگو، فرانسىيە قاتارلىق 44 دۆلەت خەلقئارا پۇل مۇئامىلە يىغىنى، يەنى بلېيدون ئورمانلىقى يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. يىغىن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا گۈللەندۈرۈش - ئېچىش بانكىسى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭ مەبلىغى 8 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ۋە 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىلىپ بېكىتىلدى. 44 دۆلەتنىڭ مالىيە مۇتەخەسسىلىرى لايىھە تۈزۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەستىقلىشىغا سۇندى. قاتناشقان دۆلەتلەر تۆلەيدىغان مەبلەغ سوممىسىنىڭ 25 پىرسەنتى ئالتۇن ياكى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن تاپشۇرۇلىدىغان بولغانلىقتىن، ھەرقايسى دۆلەتلەر 35 ئامېرىكا دوللىرىنى بىر ئونتىسىيە ئالتۇنغا سۇندۇرۇشتەك ھۆكۈمەت باھاسى بويىچە ئۆز پۇلىدىكى ئالتۇن مىقدارىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان مۇقىم پېرېۋوت نىسبىتىنى بېكىتىپ چىقىتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىمي مەبلەغدىكى نىسبىتى چوڭ بولدى، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكىنىڭ «خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى»دىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى 20 نەچچە پىرسەنتكە يېتىپ، بۇ تەشكىلاتنى كونترول قىلغانلىقتىن، ئامېرىكا دوللىرى مەركەز قىلىنغان دۇنيا پۇل سىتېمىسى شەكىللەندى. سوۋېت ئىتتىپاقى بلېيدون ئورمانلىقى يىغىنىنىڭ سۆھبىتىگە قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن فوند تەشكىلاتى رەسىمىي قۇرۇلىدىغان چاغدا، قاتنىشىشنى رەت قىلدى. خەلقئارا گۈللەندۈرۈش - ئېچىش بانكىسى (خەلقئارا بانكا) نىڭ ۋەزىپىسى ئۇرۇشتىن كېيىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەش ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەم ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. قاتناشقۇچى دۆلەتلەر چوقۇم «خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى» نىڭ ئەزاسى بولۇشى كېرەك. 7 - ئىيۇل، ئامېرىكا ئارمىيىسى سايپان ئارىلىنى ئىشغال قىلدى. سايپان ئارىلى جېڭى 14 - ئىيۇن باشلانغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى جەڭدە ئامېرىكا ئارمىيىسىدىن 16 مىڭ 500 ئادەم ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى. 11 - ئىيۇل، ئامېرىكا دې گولل باشچىلىقىدىكى فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتىنىڭ ئەمەلىيەتتە فرانسىيە ئازاد رايونلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. 13 - ئىيۇن (29 - ئاۋغۇستقىچە)، سوۋېت ئارمىيىسى لۋوۋ - ساندومىخ جېڭى (6 - قېتىملىق زەربە) نى قوزغاپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ جەمئىي 170 مىڭ ئادىمىنى يوقىتىپ، لۋوۋنى مەركەز قىلغان غەربىي ئوكرائىننى ئازاد قىلدى. 18 - ئىيۇل، ئامېرىكا - ئەنگلىيە ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى كان شەھىرىگە كىردى. شۇ كۈنى، ياپونىيىدە ھەربىي جەھەتتىكى مەغلۇبىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئۇرۇشقا قارشى كەيپىياتىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى تۈپەيلىدىن تودزىئوخىدەكى كابىنېتى ئىستېپا بەردى، گېنېرال پولكوۋنىڭ كويسو كۇنىئاكو كابىنېت تەشكىللىدى. 20 - ئىيۇل، شەرقىي پروسسىيىنىڭ راستېنبۇرگدىكى گىتلېر چوڭ لاگېردىكى يىغىندا، گېرمانىيە ئارمىيىسى زاپاس قىسىملىرىنىڭ شتاب باشلىقى پولكوۋنىڭ ستا ۋففېنبېرگنىڭ گىتلېرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىدى. بۇ ئىشتىن كېيىن گىتلېر گېرمانىيىسى ئارمىيىسىدە مارشالدىن تارتىپ ئادەتتىكى ئوفىتسېرغىچە چوڭ تازىلاش ئېلىپ بېرىلىپ، ئاز دېگەندە 7000 ئادەم قولغا ئېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدىن 700 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلدى. 21 - ئىيۇل، پولشا خەلق ۋەكىللەر يىغىنى مىللىي ئازادلىق كومىتېتى قۇرۇشنى قارار قىلدى. مىللىي ئازادلىق كومىتېتىغا پولشا ئىشچىلار پارتىيىسى، پولشا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى (نامىنى پولشا سوتسىيال ئىشچىلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتكەن)، خەلق پارتىيىسى، دېموكراتلار پارتىيىسى ھەمدە سوۋېت ئىتتپاقىدىكى پولشا ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى، كومىتېتنىڭ رەئىسى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن ئوسوبىسكا - موراۋىسكى بولدى، پولشا ئىشچىلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بېرۇت يەنىلا خەلق ۋەكىللەر يىغىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، دۆلەت باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. پولشا 1 - جىتۇەنجۈنى بىلەن پولشا خەلق ئارمىيىسى قوشۇلۇپ بىرلىككە كەلگەن پولشا ئارمىيىسى بولۇپ قۇرۇلدى. 22 - ئىيۇل، پولشا مىللىي ئازادلىق كومىتېتى خەلق دېموكراتىك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ پروگراممىسى توغرىسىدا خىتابنامە ئېلان قىلدى. بۇ كۈن، پولشىنىڭ دۆلەت بايرىمى (يەنە «گۈللىنىش بايرىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا ئايلاندى. خىتابنامە سەرگەردان ھۆكۈمەتنىڭ پولشا خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكىدا «ئەسكەرلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەت قانۇن لايىھىسى» دەپ ئاتىلىدىغان «ھەربىي سەپتىن قايتقانلارنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» يولغا قويۇلدى. 25 - ئىيۇل، ئامېرىكا - ئەنگلىيە ئارمىيىسى فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كوتانتېن يېرىم ئارىلىدىن ھۇجۇم باشلاپ، 31 - ئىيۇلغىاچە، جەنۇبقا قاراپ 60 كىلومېتر ئىلگىرىلىدى. شۇ ئايدا، برازىلىيىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى ئارمىيىسى ئىتالىيىدىن قۇرۇقلۇققا چىقتى. 1944 ئاۋغۇست 1 - ئاۋغۇست، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى پولشا مىللىي ئازادلىق كومىتېتىنى پولشىنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ھاكىمىيەت ئورگىنى دەپ ئېتىراپ قىلدى، ھەم پولشا بىلەن ئۆزئارا دىپلوماتىيە ۋەكىللىرىنى ئالماشتۇردى. شۇ كۈنى (2 - ئۆكتەبرگىچە)، ۋارشاۋا قوزغىلىڭى پارتلىدى. پولشا مىللىي ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شتابى پولشا سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن سوۋېت ئارمىيىسى ۋارشاۋاغا يېتىپ كەلمەستىلا قوزغىلاڭ كۆتۈردى. مىللىي ئارمىيە 15 مىڭ ئەسكەرگە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قوزغىلاڭغا قاتناشقان پۈتۈن ئارمىيىنىڭ ئاران 40 پىرسەنتىگە باراۋەر كېلىدىغان 2500 ئادەمدە قورال بار ئىدى. قوزغىلاڭ ۋارشاۋا شەھەر خەلقىنىڭ ئاكتىپ قوللىشىغا ئېرىشتى، شۇڭا پولشا ئىشچىلار پارتىيىسى خەلق ئارمىيىسىنىڭ قوزغىلاڭغا قاتنىشىشىنى قارار قىلدى (2 - ئاۋغۇست). سوتسىيالىستلار پارتىيىسى (پولشا خەلق پارتىيىسى)، جەڭگىۋار قىسىم ۋە ئامانلىق ساقلاش ئارمىيىسى (مىللىي ئارمىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن بىر تەشكىل) نىڭ قوماندانلىق شتابى بىرلىشىپ خەلق ئارمىيىسىنى قۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۈستۈن كۈچكە ئىگە گېرمانىيە ئارمىيىسى قوزغىلاڭچىلارنى بۆلۈپ قورشىۋالدى. ۋارشاۋادىكى پولشا مىللىي ئارمىيىنىڭ قوماندانى گېنېرال تادېئو بور 2 - ئۆكتەبر تەسلىمنامىگە قول قويۇشقا مەجبۇر بولدى. مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابىنىڭ قاراملىق ھەرىكىتى ئۈچۈن ۋارشاۋا خەلقى 200 مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتى بىلەن بەدەل تۆلىدى، ۋارشاۋا شەھىرى خارابىگە ئايلىنىپ كەتتى. 2 - ئاۋغۇست، تۈركىيە گېرمانىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئۈزدى. 11 - ئاۋغۇست، ئامېرىكا ئارمىيىسى گۇئام ئارىلىنى ئىگلىدى. شۇ كۈنى، ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى ھىندىستاندىن تولۇق قوغلاپ چىقىرىلدى. ياپون ئارمىيىسى بىرمىدىن چېكىنىپ چىقتى. 19 - ئاۋغۇست، ئامېرىكا - ئەنگلىيە ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى ئارژانتان - فالېز (فالېز تاغىرى) دا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ سەككىز پىيادىلەر دىۋىزىيىسى بىلەن ئىككى برونېۋىك دىۋىزىيىسىنى قورشىۋالدى. ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش ئارقىلىق گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ 10 مىڭ ئادىمى ئۆلدى، 50 مىڭ ئادىمى ئەسىرگە چۈشتى، تەخمىنەن 40 - 50 مىڭ ئادىمى مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كەتتى. 15 - ئاۋغۇست، ئىتتىپاقداش ئارمىيە فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كانىنېس شەھىرىنىڭ غەربىدە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىن قۇرۇقلۇققا چىقتى. كانىنېستا قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشقا ئامېرىكىنىڭ 7 - جىتۇەنجۈنى بىلەن فرانسىيىنىڭ «B» جىتۇەنجۈنى بولۇپ جەمئىي 1000 تانكا، 4700 ئايروپىلانغا ئىگە ئون دىۋىزىيە ھەم بىر ھاۋا ئارمىيە چوڭ ئەترىتى قاتناشتى. شۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پېنتائىن بىلەن لاقار گېرمانىيە قېچىپ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پېنتائىن بىلەن لافار گېرمانىيىگە قېچىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ۋىشى ھۆكۈمىتى مەۋجۇت بولۇشتىن قالدى. 13 - ئاۋغۇست، گىتلېرنىڭ قول چوماقلىرى بوخېنۋالد جازا لاگېرىدا گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئرنىست تېلمانى ئېتىپ ئۆلتۈردى. 19 - ئاۋغۇست، پارىژ خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. 20 - ئاۋغۇست كەچتە، پارىژنىڭ 50 تىن ئارتۇق رايونى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ قولىدىن ئازاد بولدى. 24 - ئاۋغۇست كېچىدە، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ قالدۇق قىسىملىرى بىرقانچە ئىستىھكام ئىچىگە قاپلىشىپ قالدى. ئىككىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە قوزغىلاڭچى قوشۇنلار مۇھاسىرىگە ئېلىنغان گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ قالدۇق قىسىملىرىغا ھۇجۇم قوزغىدى. چۈشتە، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قاراشلىق يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى ئارمىيە گېنېرال لېكلېرك قوماندانلىقىدىكى فرانسىيە 2 - تانكا دىۋىزىيىسى خەلق تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغان پارىژغا كىردى، گېرمانىيىنىڭ قالدۇق قىسىملىرى ئامالسىز تەسلىم بولدى. نورماندىيە جېڭى پارىژنىڭ ئازاد قىلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىمقى جەڭدە (6 - ئىيۇندىن 25 - ئاۋغۇستقىچە)، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ 400 مىڭدىن ئارتۇقراق ئادىمى يوقىتىلدى، ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ 200 مىڭ ئادىمى ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى. 20 ئاۋغۇست (سېنتەبرنىڭ ئاخىرىغىچە)، سوۋېت ئارمىيىسى مولداۋىيىدە ياسسى - كىشنېئوۋ جېڭى (7 - قېتىملىق زەربە) نى قوزغىدى. 24 - ئاۋغۇست، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوكرائىن 2 - يۆنىلىش ئارمىيىسى بىلەن ئوكرائىن 3 - يۆنىلىش ئارمىيىسى پرۇت دەرياسى بويىدا ئۇچرىشىپ گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ 22 - دىۋىزىيىسىنى ۋە رۇمىنىيىنىڭ فاشىستىك قوشۇنلىرىنى مولداۋىيىنىڭ پايتەختى كىشنېئوۋنىڭ جەنۇبىدا قورشاپ يوقاتتى. 21 - 27 - ئاۋغۇست، ئىتتىپاقداش ئارمىيە سېنا دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭدىن بۆسۈپ ئۆتتى. شۇ كۈنى (7 - ئۆكتەبرگىچە)، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، سوۋېت ئۈچ دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى دۇمبارتون كاۋچۇكزارلىقىدا يىغىن ئېچىپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى تىنچلىقنى ۋە ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش بويىچە خەلقارا تەشكىل قۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىننىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا جۇڭگو گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ قاتناشتى. 23 - 24 - ئاۋغۇست، رۇمىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، پايتەخت بۇخارېست ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاساسلىق شەھەرلەردە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئانتونېسكونىڭ فاشىستىك ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، رۇمىنىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنى قۇردى. يېڭى ھۆكۈمەت دەرھال فاشىستىك لاگېردىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى ھەم گېرمانىيە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوكرائىن 2 - يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قىسملىرى قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغان بۇخارېستقا كىردى (31 - ئاۋغۇست) . 26 - ئاۋغۇست، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە چارلېس دې گولل باشچىلىقىدىكى فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتنى فرانسىيىنىڭ ھاكىمىيەت ئورگىنى دەپ ئېتىراپ قىلدى. شۇ كۈنى، بۇلغارىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى خەلق قوراللىق قوزغىلىڭىنى تەييارلاشنى قارار قىلدى؛ مىسىرنىڭ ناخاس ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى دولقۇننىڭ بېسىمى ئاستىدا، بايانات ئېلان قىلىپ، 1936 - يىلدىكى ئەنگلىيە - مىسىر تەڭسىز شەرتنامىسىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى. 28 - ئاۋغۇست، دې گولل فرانسىيە ئىچكى ئارمىيىسىنى تارقىتىۋېتىش بۇيرۇقىغا قول قويدى، قارشىلىق كۆرسىتىش مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ھەربىي كومتېتى بىلەن مەملىكەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ قوماندانلىق شتابىمۇ تارقىتىۋېتىلدى، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ 500 مىڭ جەڭچىسى قورالسىزلاندۇرۇلدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا - فرانسىيە قوشۇنلىرى تولون، مارسېل ۋە مونتېلىمارنى ئىشغال قىلدى. 29 - ئاۋغۇست (28 - ئۆكتەبرگىچە)، سلوۋاك مىللىي قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلدى. قوزغىلاڭچىلار بانسكا - بسترتىسانى مەركەز قىلىپ، سلوۋاكىيىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسمىنى قاپلىدى. 30 - ئاۋغۇست، دې گول پارىژدا فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدسى. دې گوللىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە خەلق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى، فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قاتناشتى. 1944 سېنتەبر 1 - سېنتەبر، سلوۋاكىيە مىللىي كومتېتى «سلوۋاكىيە خەلق خىتابنامىسى»نى ماقۇللىدى. خىتابنامە يېڭىدىن بىرلىككە كەلگەن چېخوسلوۋاكىيە دۆلىتى قۇرۇشنى جاكارلىدى. 2 - سېنتەبر، ئىتتىپاقداش ئارمىيە بېلگىيىگە كىردى. 3 - سېنتەبر، ئىتتىپاقداش ئارمىيە بريۇسسېلنى ئازاد قىلدى؛ بېلگىيىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ جەڭچىلىرى ئانتىۋېرىپتا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. 4 - سېنتەبر، ئىتتىپاقداش ئارمىيە ئانتۋېرپقا كىردى. شۇ كۈنى، فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ گېرمانىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى توختاتتى. 5 - سېنتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇلغارىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 6 - سېنتەبر، پولشا مىللىي كومىتېتى «يەر ئىسلاھاتى يۈرگۈزۈش» بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى. 8 - 9 - سېنتەبر، بۇلغارىيە سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرىنى قوبۇل قىلدى. سوفىيە خەلق قوزغىلىڭى غەلىبە قىلىپ، بۇلغارىيە ۋەتەن فرونتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى ھەم خەلققە مۇراجىئەت خېتى ئېلان قىلدى. بۇلغارىيە گېرمانىيىگە ئۇرۇش جاكارلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوكرائىن 3 - يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قىسىملىرى سوفىيىگە كىردى. 11 - 16 - سېنتەبر، ۋىنىستون چېرچېل بىلەن فرانكىلىن روزۋېلت 2 - قېتىملىق كۋېبېك يىغىندا گېرمانىيە بىلەن ياپونىيىگە قارىتىلىغان ئۇرۇش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىدى، ئالدى بىلەن گېرمانىيىنى مەغلۇپ قىلىش ستراتېگىيىسىنى قايتا مۇقىملاشتۇردى،غەربىي ياۋروپادا يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھۇجۇمنىڭ نىشانىنى سىگفرېد مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ تاشلاپ، رېيىن دەرياسىنىڭ ئېغىزىنى ئىگىللەش رۇر ۋە مائار رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ گېرمانىيىنىڭ ئىچكى جايلىرىغا كىرىشنىڭ تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن دەپ بەلگىلىدى. يىغىن بىرما ۋە تىنچ ئوكياندا ياپونىيىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىشنى، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭمۇ تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى قارار قىلدى. يىغىن يەنە ئامېرىكا- ئەنگلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ گېرمانىيە زېمىنىدىكى ئىشغال قىلىدىغان رايونلىرىنى ئايرىپ، دەسلەپكى قەدەمنى ئورۇنلاشتۇردى. يىغىن ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنستىرى مورگېنسۇنىڭ گېرمانىيىنى ساپ سانائەت دۆلىتىدىن يېزا ئىگىلىك دۆلتىگە ئايلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىلانىنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى. بۇ پىلانغا روزۋېلت بىەن چېرچېل رازىلىق بەلگىسى سالغان بولسىمۇ، كېيىن ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بۇ پىلاندىن ۋاز كەچتى. 12 - سېنتەبر، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن رۇمىنىيە موسكوۋادا ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى. كېلىشىمدە رۇمىنىيە قوشۇنلىرى گېرمانىيە بىلەن ۋېنگرىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى، رۇمىنىيە 1940 - يىل 28 - ئىيۇندىكى كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن سوۋېت - رۇمىنىيە دۆلەت چېگرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۇرۇش چىقىمى تۆلەش، فاشىستىك تەشكىلاتلارنى دەرھال تارقىتىپ تاشلاش بەلگىلەندى. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا نازارەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر نازارەت قىلىش كومىتېتى قۇرۇلدى. شۇ كۈنى، ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىققۇچى قىسىملىرىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئارمىيىسى گېرمانىيە قوشۇنلىرى چىڭ تۇرۇپ ساقلاۋاتقان فرانسىيىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان پورتىنى تارتىۋېلىشقا كىرىشتى. 14 - سېنتەبر (ئۆكتەبرگىچە)، ئامېرىكا - ئەنگلىيە ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنڭ ئارنھېمغا قىلغان ھۇجۇمى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، ئەنگلىيىنىڭ ئارنىھېم رايونىدا قۇرۇقلۇققا چۈشكەن پاراشوت دىۋىزىيىسى گېرمانىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قورشاپ يوقىتىلدى. 19 - سېنتەبر، فىنلاندىيە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. فىنلاندىيە ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقتى. فىنلاندىيە چېگرىسى ئىچىدە قېپقالغان گېرمانىيە ئارمىيىسنىڭ 200 مىڭ ئەسكىرى 1945 - يىل 26 - ئاپرېلدا ئاندىن فىنلاندىيىدىن تولۇق قوغلاپ چىقىرىلدى. 21 - سېنتەبر، يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى تېتو موسكۋانى زىيارەت قىلدى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يۇگوسلاۋىيە موسكۋادا ئىككى دۆلەت قوشۇنلىرىنىڭ ماسلىشىپ ئۇرۇش قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ ئۇرۇش قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. 28 - سېنتەبر (21 - ئۆكتەبرگىچە)، سوۋېت ئارمىيىسى بېلگرادقا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشى قوزغىدى. شۇ ئايدا، گوللاندىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قارشلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرى سەرگەردان ھۆكۈمەت رەھبەرلىكىدىكى ئىچكى ئارميىگە ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى؛ ئامېرىكىنىڭ دونالدا نېلسون ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگوغا كېلىپ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي كېلىشىمىنى تۈزدى؛ كۈزدە، بىرمىدا پۈتۈن مىللەتنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى بىرلىك سېپى - فاشىزمغا قارشى خەلق ئەركىنلىكى ئىتتىپاقى قۇرۇلدى. بۇنىڭغا بىرمىدا كوممۇنىستىك پارتىيە، خەلق ئىنقىلابىي پارتىىيىسى، بىرما مىللىي ئارمىيىسى ۋە كوممۇنىستلار رەھبەرلىكىدىكى پارتىزانلار ئەترىتى قاتناشتى، ئاڭسەن ئەركىنلىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. يەنە 14 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئەركىنلىك ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي كومىتېتى قۇرۇلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فىلىپپىندىكى ياپونغا قارشى خەلق ئارمىيىسى 10 مىڭ نەپەر جەڭچىگە ۋە 30 مىڭغا يېقىن زاپاس قوشۇنغا ئىگە جەڭگىۋار قوراللىق كۈچ بولۇپ تەرەققىي قىلدى ھە لوسۇن ئارىلىنىڭ مەركىزىي رايونلىرىدىكى ياپونىيە ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسىگە قارشى ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى. 1944 ئۆكتەبر 5 - ئۆكتەبر، بۇلغارىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە گىتلېر گېرمانىيىسىگە قارشى ھەربىي كېلىشىم ئىمزالىدى. شۇ ئاينىڭ دەسلىپىدە، سوۋېت ئارمىيىسى ۋېنگرىيىنى ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانى قىلىپ، ھۇجۇم جېڭى (9 - قېتىملىق زەربە) قوزغىدى. 6 - ئۆكتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن چېخوسلوۋاكىيىنىڭ قوشۇنلىرى چېخوسلوۋاكىيە چېگرىسى ئىچىگە كىردى. بۇگۈن، چېخوسلوۋاكىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كەلگەن كۈنى بولۇپ قالدى. 8 - ئۆكتەبر، مىسىر پادىشاھى فاروى ئەنگلىيىنىڭ سۈكۈت قىلىشىغا ئېرىشىپ، ۋەفدون پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلىدى. پومېشچىك بۇرژۇئازىيىنىڭ سىياسىي پارتىيىسى - سادى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئەخمەد ماھىر تەختكە چىقىپ كابىنېت تەشكىللىدى. 9 - ئۆكتەبر، دۇمبارتون كاۋچۇكزارلىق يىغىنىدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىللىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تەكلىپ قىلدى. 10 - ئۆتكەبر، جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 11 - ئۆكتەبر، ۋېنگرىيىنىڭ خورتى ھۆكۈمىتى كېلىشىمى (ۋاقىتلىق ماددىلىرى) ئىمزالىدى. ۋېنگرىيە فاشىستىك پارتىيىسىنىڭ قول چوماقلىرى گېرمانىيە ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، فىكولائۇس خورتىنى گېرمانىيىگە بېرىشقا مەجبۇر قىلدى، ھاكىمىيەت فاشىستلارنىڭ كاتتىبېشى فېرېنسې سالاسنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. 19 - ئۆكتەبر، گېرمانىيە 16 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنى «خەلق ئېسئاچىلار ئەترىتى»گە قاتنىشىشى توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، گېنېرال ماكارتۇر قوماندانلىقىدىكى ئامېرىكا كورپۇسى فىلىپپىننىڭ لېيتې ئارىلىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، فىلىپپىن جېڭىنى ئاچتى. 20 - ئۆكتەبر، سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن يۇگوسلاۋىيە قوشۇنلىرى بېلگرادنى ئازاد قىلدى. شۇ كۈنى، گىۋاتېمالا خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. 23 - ئۆكتەبر، سوۋېت، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە دې گولل باشچىلىقىدىكى فرانسىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلدى. 24 - 25 - ئۆكتەبر، ئامېرىكا - ياپونىيە فلوتلىرىنىڭ فىلىپپىن دېڭىز ئۇرۇشى پارتلىدى، ياپونىيە تۆت ئاۋىئاماتكا، ئۈچ ئۇرۇش پاراخوتى، ئون ئوكيان چارلاش پاراخوتى، توققۇز قوغلاپ زەربە بەرگۈچى پاراخوت، بىر سۇ ئاستى پاراخوت زىيان تارتتى، ئامېرىكىنىڭ ئىككى قوغدىغۇچى پاراخوتى ۋە ئىككى قوغلاپ زەربە بەرگۈچى پاراخوتى چىقىم بولدى. ياپونىيە دېڭىز فلوتى فىلىپپىن دېڭىز تەۋەلىكىدىن چېكىنىپ چىقىتى. 28 - ئۆكتەبر، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بۇلغارىيە موسكوۋادا ئۇرۇش توختىتىش كېلشىمى ئىمزالىدى. شۇ ئايدا، سوۋېت ئارميىسى فىنلاندىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا 10 - قېتىملىق زەربە بېرىشنى قوزغاپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنى نورۋېگىيىگە قوغلپ چىقاردى. (25 - ئۆكتەبر) سوۋېت ئارمىيىسى نورۋېگىيىنىڭ كىركېنس شەھىرىنى ئازاد قىلدى؛ ئالبانىيە فاشىزمغا قارشى مىللىي ئازادىلىق كومىتېتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى؛ مىسىر، سۈرىيە، لىۋان سەئۇدى ئەرەبستان، ئىراق، تاشقى ئىئوردانىيە ۋە يەمەن قاتارلىق يەتتە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ «ئالېكساندىر توختامناسى»گە ئىمزا قويدى؛ ئۇنىڭ مەقسىتى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىك ۋە ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەم ئۆزئارا ئىقتىساد، مەدەنىيەت،قانۇن ۋە باشقا تەرەپلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن ئىبارەت. 1944 نويابر 2 - نويابر، تېتو يۇگوسلاۋىيە مەملىكەتلىك كومىېتىغا ۋەكالىتەن سەرگەردان ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى شۇ باشىچ بىلەن بېلگرادتا كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، يۇگوسلاۋىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى قۇردى. 7 - نويابر، ئامېرىكا چوڭ سايلىمىدا فرانكلىن روزۋېلت 4 - قېتىم زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى. شۇ كۈنى، دې گولل چاقىرغان فرانسىيىنىڭ مەسلىھەت بېرىش خاراكتېردىكى مىللىي پارلامېنتى تۇنجى قېتىم يىغىن ئېچىپ، 1945 - يىلى فېۋرالدا 89 ئۆلكىدە سايلام ئېلىپ بېرىشنى، سايلام ھوقۇقىنى 21 ياشقا توشقان بارلىق ئەر - ئايال پۇقرالارغىچە كېڭەيتىشنى قارار قىلدى. 10 - 11 - نويابر، گېرمانىيە ئارمىيىسى گرېتسىيىدىن چېكىندى، گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق فرونتىنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى گرېتسىيدىكى 33 ئۆلكە ئىچىدىكى 13 يېرىم ئۆلكىنى كونترول قىلدى، گرېتسىيە دېموكراتىك مىللىي ئىتتىپاقى بىر يېرىم ئۆلكىنى كونترول قىلدى. 13 - نويابر، بېلگىيە ھۆكۈمىتى قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتىنى تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلدى. 15 - نويابر، بېلگىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن «مۇستەقىل فرونت»نىڭ ۋەكىللىرى بېلگىيە ھۆكۈمىتىدىن چېكىنىپ چىقىپ، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قورالسىزلاندۇرۇشقا نارازىلىق بىلدۈردى. 22 - نويابر، فرانسىيىنىڭ 1 - جىتۇەنجۈنى بېلفورنى ئىشغال قىلدى. 23 - نويابر، ئامېرىكا - فرانسىيە قوشۇنلىرى سىتراسبۇرگقا كىردى، ئۇزۇنغا قالماي ئېلزاسنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسى پۈتۈنلەي تازىلاندى. 26 - نويابر، ئامېرىكىنىڭ 29 - B تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى سايپان بازىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ،ياپونىيىنىڭ ئۆز زېمىنىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. شۇ كۈنى، تاشقى كارپات ئوكرائىن خەلق كومىتېتىنىڭ 1 - قۇرۇلتىيى تاشقى كارپات ئوكرائىننى سوۋېت ئوكرائىنىغا قوشۇۋېتىش توغرىسىدا خىتابنامە ماقۇللىدى. 27 - نويابر، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كوردېل خىرلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى، ئىدۋارد ستېتتىنىئۇس دۆلەت ئىشلىرى كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى. 29 - نويابر، ئالبانىيە زېمىنىنى تولۇق ئازاد قىلدى. 30 - نويابر، گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق سىياسىي كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى گرېتسىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىدىن چېكىنىپ چىقتى. شۇ كۈنى، ۋېنگرىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى «ۋېنگرىيىدە دېموكراتىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش پروگراممىسى»نىڭ لايىھىسىنى ئېلان قىلدى. 1944 دېكابر 2 - دېكابر، ۋېنگرىيە مىللىي مۇستەقىللىك فرونتى قۇرۇلدى. 3 - 4 - دېكابر، ئەنگلىيىنىڭ ئارمىيە ۋە ساقچىلىرى ئافېنا بىلەن پىرېييېۋىسىدا نامايىش قىلغان ئاھالىلارنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. 5 - دېكابر، ئەنگلىيە ئارمىيىسى گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق فرونتىنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلدى. 10 - دېكابر، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى موسكۋادا 20 يىللىق ئۆزئارا ياردەم بېرىش توغرىسىدا ئىتتىپاق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 16 - 25 - دېكابر، گېرمانىيە ئارمىيىسى غەربىي سەپتىكى ئاردېن رايونىدا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. مارشال مودېل قوماندانلىقىدىكى «B » جىتۇەنجۈنى توپىنىڭ جەمئىي 25 دىۋىزىيىسى ئاردېن رايونىدا 120 كىلومېترلىق ئۇرۇش لىنىيىسىدە مۇداپىئىدە تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىنىڭ 1 - كورپۇس ئارمىيىسىنىڭ تۆت دىۋىزىيىسىگە ھۇجۇم قوزغىدى. ئامېرىكىچە ھەربىي كىيىملەرنى كىيىپ ئىنگلىز تىلى بىلەن مەشق قىلدۇرۇلغان گېرمانىيىنىڭ ئالاھىدە برىگادىسى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئاقا تەرىپىگە ھاۋادىن تاشلاندى. گېرمانىيە ئارمىيىسى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ قارشىلىقىنى تارمار قىلغاندىن كېيىن، 25 - دېكابردا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئەسىگە 90 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرگەن بولسىمۇ،لېكىن داۋاملىق ئىلگىرىلەشكە مۇمكىن بولمىدى. 1945 - يىلى يانۋاردا، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەسلىدىكى بازىسىغا چېكىنىپ كېلىشكە مەجبۇر بولدى. 21 - مىللىي پارلامېنت يىغىنى چاقىرىپ، ۋېنگرىيە مىللىي ھككۈمىتىنى قۇردى. ۋېنگرىيە ۋاقىتلىق مىللىي ھۆكۈمىتى گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 22 - دېكابر، ۋيېتنام ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 1 - ئەترىتى قۇرۇلدى. 23 - دېكابر، توكيو، ياكۇھاما، كوبې قاتارلىق جايلاردىكى ئەمگەكچى خەلق ھۆكۈمەتكە قارشى توپىلاڭ كۆتۈردى. شۇ ئايدا، پولشا مىللىي ئازادلىق كومىتېتى پولشا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى. ئوسۇبىسكا - موراۋىسكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى بولدى. ۋلادۇسلاۋ گومۇلكا مۇئاۋىن باش مىنستىر بولدى. 1944 شۇ يىلى فىلىپپىندىكى ياپونغا قارشى خەلق ئارمىيىسى تەرەققىي قىلىپ 100 مىڭ كىشىگە يېتىپ، لاگۇنا، پامپانگا، يېڭى ئەشىخا قاتارلىق ئۆلكىلەردە كوممۇنىست ئۆلكە باشلىقى باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرى قۇرۇلدى؛ ياپونىيە دائىرىلىرى چاۋشيەندە مەملىكەت بويىچە ھەربىي مەجبۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويدى؛ گىتلېرنىڭ ھەربىي ئىشلەپچىقىرىشى 1943 - يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى، تانكا ئىشلەپ چىقىرىشى % 8. 37 ئايروپىلان ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى % 50 كۆپىيىپ، ھەربىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي سەۋىيىسىدە 1944 - يىلنى 1942 - يىلغا سېلىشتۇرغاندا ئۈچ ھەسسە ئاشتى. بىراق شەرق ۋە غەرب ئىككى ئۇرۇش مەيدانىدىكى مەغلۇبىيەت ھەمدە ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ ھاۋادىن بومباردىمان قىلىشىغا ئەگىشىپ، گېرمانىيىنىڭ ھەربىي ئىقتىسادى يىل ئاخىرىدىن باشلاپ ھالاكەتكە يۈزلەندى. 1944 - يىل ئىيۇلدىن دېكابرغىچە، گېرمانىيىنىڭ پولات مەھسۇلات مىقدارىنىڭ بەشتىن ئۈچ قىسىمى، بىرىكمە كاۋچۇك ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ 11 دىن توققۇز قىسىمى تۆۋەنلەپ، ھەربىي قورال - ياراغ ئىشلەپچىقىرىشى % 18 چۈشۈپ كەتتى؛ سۇداندىكى ئەنگلىيە دائىرىلىرى جامائەتچىلىكنى ئالداش، جەنۇب ۋە شىمالىي سۇداننى بۆلۈپ تاشلاش ئۈچۈن باش نازارەتچى ئىشقا تەيىنلەپ ۋە ئىشتىن قالدۇرىدىغان شىمالىي سۇدان مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى قۇردى، 30 نەپەر كومىتېت ئەزاسى ئىچىدە 18 نەپىرى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان قەبىلە باشلىقلىرى بولدى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە
1944 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار | UyghurWiki | UyghurWiki