1936 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار
تارىختىكى چوڭ ئىشلار
يانۋار
6 - يانۋار، ئامېرىكا يېزا - ئىگىلىكىنى تەرتىپكە سېلىش قانۇنىنى بىكار قىلدى. 10 - يانۋار، كۇبادا چوڭ سايلام بولدى. لىبېرالىستلار پارتىيىسى، مىللەتچىلەر ئىتتىپاقى، جۇمھۇرىيەت ھەرىكىتى پارتىيىسىدىن تەركىب تاپقان سايلام رىقابىتى ئىتتىپاقىنىڭ نامزاتى مىگېل مارىئانو گومېس زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى. 15 - يانۋار، ئىسپانىيە ئىشچىلىرى ۋە سولقانات جۇمھۇرىيەت تەشكىلىنىڭ ۋەكىللىرى خەلق فرونتى ئىتتىپاقى ئەھدىنامىسى ئىمزالىدى، خەلق فرونتىغا كوممۇنىستىك پارتىيە، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، كوممۇنىزمچى ياشلار بىرلەشمىسى، سوتسىيالىستىك ياشلار بىرلەشمىسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ سولقانىتى، جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىتتىپاقى، كاتالو پارتىيىسىنىڭ سولقانىتى، ئىشچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش جەمئىيىتى ھەمدە ئۇندىن باشقا بەزى سولچى سىياسىي پارتىيىلەر قاتناشتى. 16 - يانۋار، ياپونىيە ھۆكۈمىتى لوندون دېڭىز ئارمىيە ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش يىغىندىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. لوندوندا چاقىرىلغان 2 - قېتىملىق ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنى 1935 - يىل 9 - دېكابردا ئېچىلغاندىن بۇيان ياپونىيە ۋەكىللىرى ئاتالمىش «ئورتاق ئەڭ يۇقىرى چەكلىمە» دە چىڭ تۇرۇپ كەلدى، يەنى دېڭىز ئارمىيە ھەربىي تەييارلىقلىرى جەھەتتە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بىلەن باراۋەر بولۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكا، ئەنگلاىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. 1936 - يىل 15 - يانۋاردا ياپونىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە يىغىندىن چېكىنىپ چىقىشقا كۆرسەتمە بەردى. 20 - يانۋار، ئەنگلىيە پادىشاھى گېئورگى V ۋاپات بولۇپ، ئورنىغا چوڭ ئوغلى تەختكە چىقىپ، ئىدۋارد VIII دەپ ئاتالدى، ئۇ شۇ يىلى 10 - دېكابردا ئورنىنى ئىنىسىغا ئۆتۈنۈپ بەردى، بۇ گېئورگى VI دەپ ئاتالدى. 20 - يانۋار، سۈرىيىدە جاھانگىرلىككە قارشى ئومۇمىي ئىش تاشلاش ئۆتكۈزۈلدى. بىر قېتىملىق ئاممىۋى يىغىندا مىللىي ئىتتىپاق تەشەببۇس قىلغان «مىللىي ئەھدىنامە» ماقۇللاندى. ئەھدىنامە پۈتكۈل مىللەتنى سۈرىيىنى چەت ئەلنىڭ ئېكىسپىلاتاسىيىدىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بىرلىك ئۈچۈن، باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان بىرلەشمە ھەرىكەت ئۈچۈن، مىللىي ھۈرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. 22 - يانۋار، فرانسىيىدە لاۋال كابىنېتى تەختتىن چۈشتى. شۇ ئايدا، فرانسىيە خەلق فرونتى كۈرەش پروگراممىسىنى ئېلان قىلدى. پروگراممىدا فاشىستىك تەشكىلاتلارنىڭ قوراللىق كۈچىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە فاشىستىك تەشكىلاتلارنى تارقىتىۋېتىش تەلەپ قىلىندى؛ سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىش، ئىشسىزلىق ھالىتى بىلەن يېزا ئىگىلىك كرىزىسىنى تۈگىتىش، باج يىغىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، ھەربىي سانائەتنى ئىختىيارغا ئېلىش، فرانسىيە بانكىسىنىڭ ھەرىكىتىگە نازارەت قىلىش، فاشىستىك تاجاۋۇزچىلىق ۋە يېڭى دۇنيا ئۇرۇشنىڭ تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش جاكارلىدى. شۇ ئايدا، ئىتالىيىنىڭ فاشىست كاتتىبېشى بېنىتو مۇسسولىن گېرمانىيە ئەلچىسىگە بىرېنېر تېخى ئېغىزدىكى گېرمانىيە - ئىتالىيە چېگرىسىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ۋە گېرمانىيىنىڭ ئادرىياتىك دېڭىزىغا كېڭەيتمەسلىك شەرتى ئاستىدا گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ بىرلىشىشىگە قارشى تۇرمايدىغانلىقىغا ئىپادە بىلدۈردى.
1936
فېۋرال
16 - فېۋرال، ئىسپانىيە پارلامېنت سايلىمىدا خەلق فرونتى غەلىبە قىلدى. پارلامېنتتا 268 ئورۇن (بۇنىڭ ئىچىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى 158 ئورۇنغا، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى 88 ئورۇنغا، كوممۇنىستىك پارتىيە 17 ئورۇن) غا ئېرىشتى. ئوڭ ۋە ئوتتۇرا گۇرۇھتىكى سىياسىي پارتىيىلەر جەمئىي 205 ئورۇنغا ئېرىشتى. خەلق فرونتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ سول قانىتى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىتتىپاقى يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. مانۇئېل ئازانا ھۆكۈمەت باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى، كېيىن جۇمھۇرىيەتنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. 26 - 29 - فېۋرالغىچە، ياپونىيىنىڭ توكيودا «ياش ئەزىمەت ھەربىيلەر» فاشىستىك ھەربىي توپىلاڭ قوزغىدى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە 1 - دىۋىزىيە پولكىنىڭ 2 - بىرلەشمە ئەترىتىدىكى ستارشى لېنتېنانت ئانتوتېروكو، 1 - بىرلەشمە ئەترەتتىكى لېيتېنانت كورىغا راياسوخىدى قاتارلىق ياش ئوفىتسېرلار قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىن 1400 دىن ئارتۇق ئادەمنى قۇترىتىپ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، باش ۋەزىر ئوكاداكېسوكېنىڭ ساراي ۋە داچىسىغا خەزىنە ۋەزىرى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە تەلىم - تەربىيە باش تەپتىشىنىڭ ئولتۇراق جايلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، باش ۋەزىر، خەزىنە ۋەزىرى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە تەلىم - تەربىيە باش تەپتىشى قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرۈپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى بىلەن ساقچى مەھكىمىسى قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇھىم ئورگانلىرىنى بېسىۋالدى. سىياسىي ئۆزگىرىش 29 - فېۋرال بېسىقتۇرۇلدى، بۇ تارىختا «26 - فېۋرال» ۋەقەسى دەپ ئاتالدى. شۇ ئايدا، ئامېرىكىنىڭ روزۋېلت ھۆكۈمىتى تۇپراقنى ئاسراش ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى يەرلەرنى تەقسىم قىلىش نىزامىنى ئېلان قىلدى؛ مېكسىكىدا ئىشچىلار ئىتتىپاقلىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلدى. ۋە مېكسىكا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى جەمئىيىتى قۇرۇلدى؛ فېۋرالدىن مارتقىچە، بۇلغارىيە پادىشاھى بورس III مۇستەبىت ھاكىم مۇتلەقلىكنى كۈچەيتىپ، بىر قسىم ئوفىتسېرلارنى سوراق قىلدى، ھەم ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى بېكىتىپ «ھەربىيلەر ئىتتىپاقى»نى تارقىتىپ تاشلىدى.
1936
مارت
7 - مارت، گىتلېر «لوكارنو شەرتنامىسى»نى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەم رېينلاندنى قايتىدىن بېسىۋالدى. 9 - مارت، ياپونىيىدە ئوڭ قانات تەشكىلات «گېننادا جەمئىيىتى» نىڭ ئەزاسى، ياپون مىللىتارىستلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بولغان خىروتا كوكى باش ۋەزىر بولۇپ، فاشىستىك شتاب مەركەز قىلىنغان ھەربىيلەر كابىنېتى تەشكىللەندى. 12 - مارت، سوۋېت - موڭغۇلىيە ئۆزئارا ياردەم بېرىش كېلىشىمنامىسى ئىمزالاندى. 13 - مارت، مۇسسولىن شۇشنىگقا گېرمانىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈش يەنى ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋېلىشىغا قوشۇلۇش توغرىسىدا «نەسىھەت» قىلدى. 20 - مارت، ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە يېتەكچىلىك قىلشى ئارقىسىدا ئىچكى موڭغۇلدا قورچاق «موڭغۇل ئاپتونومىيە ھەربىي ھۆكۈمىتى» قۇرۇلدى. 25 - مارت، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا «لوندون دېڭىز ئارمىيە كېلشىمى»نى ئىمزالىدى. ياپونىيە بىلەن ئىتالىيە لوندون دېڭىز ئارمىيە يىغىندىن بۇرۇنلا چېكىنىپ چىققانىدى. 26 - مارت، چىلىدا خەلق فرونتى قۇرۇلدى، ئۇنىڭغا چىلى كوممۇنىستىك پارتىيىسى قاتناشتى. خەلق فرونتى دېموكراتىيە ئەركىنلىكنى، ھەقىقىي مىللىي مۇستەقىللىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت مۇھىم پروگراممىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ ئايدا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھەر قايسى ئەسكىرىي تۈرلەرنى قايتىدىن قوراللاندۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى؛ ئىسپانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىگە، بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئاساسىي تەلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن، چوڭ پومېشچىكىلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، نامرات دېھقانلارغا ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرىغا ھەقسىز بۆلۈپ بېرىش، دېھقانلارنىڭ قەرزىنى بىكار قىلىش، چوڭ سانائەت، بانكا ۋە تۆمۈر يوللارنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئارمىيىنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت تېخىمۇ كەڭ خەلق فرونتى فروگراممىسىنى قوبۇل قىلىش تەكلىپىنى بەردى. بىراق بۇ پروگرامما سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىندى.
1936
ئاپرېل
2 - ئاپرېل، چېخوسلوۋاكىيە بىلەن ئاۋسترىيە سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇنىڭدىن مەقسەت ئاۋسترىيىنىڭ ئۇششاق ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدى. 7 - ئاپرېل، جەنۇبىي ئافرىقا اېدېراتىپى يېڭى سايلام قانۇنى جاكارلاپ، يەرلىك خەلقلەرنى سايلام ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدى. 11 - ئاپرېل، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىتالىيىنىڭ شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ئېفىئوپىيىدىكى ھەرىكتىنى نەزەردە تۇتۇپ، «لوزاننا شەرتنامىسى» گە ئىمزا قويغان دۆلەتلەرگە، تۈركىيىنىڭ دېڭىز بوغۇزلىرىدا قايتىدىن مۇداپىئە تەسىس قىلىشىغا يول قويۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. 12 - ئاپرېل، ئىراق بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان «ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق ۋە ئەرەبلەر ئىتتىپاقلىشىپ دوست ئۆتۈش شەرتنامىسى» ئىمزالىدى، كېيىن باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ بۇ شەرتنامىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى. بۇ شەرتنامە ئەرەب ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالدى. 16 - ئاپرېل، برازىلىيە بىلەن گېرمانىيە سودا كېلىشمى ئىمزالىدى. 26 - ئاپرېل (3 - مايغىچە)، فرانسىيىدە ئاۋام پالاتا سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، خەلق فرونتىنىڭ نامزاتى 618 ئورۇن ئىچىدە 375 ئورۇنغا، كوممۇنىستىك پارتىيە 27 ئورۇنغا ئېرىشتى، خەلق فرونتى كۆپ سانلىقنى قولغا كەلتۈردى. 30 - ئاپرېل، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 38 ھەربىي پاراخوت ياساش پىلانىنى جاكارلىدى. بۇ ئەنگلىيىنىڭ 1921 - يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور پاراخوت ياساش پىلانى ئىدى. شۇ ئايدا، ئەرەب ئالىي كومىتېتى قۇرۇلدى، ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بارلىق ئەرەبلەرنى بىرلەشتۈرۈپ يەھۇدىيلارنىڭ تەلىپى بىلەن قارشىلىشىشتىن ئىبارەت؛ ھىندىستاندا پۈتكۈل ھىندىستان دېھقانلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى، شۇ يىلى ئاۋغۇستتا «دېھقانلار ھوقۇق - مەنپەئىتى نىزامنامىسى» تۈزۈپ چىقىلدى. نىزامنامە ھىندىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش، چوڭ پومېشچىكلارنىڭ يەر ئىگىلەش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، يەر بېجىنى ئازايتىش، قانۇنسىز باج سېلىق ۋە سوتخورلۇق قەرزدارلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
1936
ماي
1 - ماي، پولشىنىڭ سانائەت مەركەزلىرىدە فاشىزمغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش - نامايىشى بولدى. شۇ كۈنى، ئارگېنتىنادىكى سولچىلار خەلق فرونتى تەشكىللىدى. فاشىستىك گۇرۇھلار تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتەتتى. 5 - ماي، ئىتالىيە ئارمىيىسى ئېفىئوپىيىنىڭ پايتەختى ئەددىس ئەبېبنى بېسىۋالدى. سالاسى I دېڭىز بويىدىكى رايونلارغا قېچىپ كەتتى، كېيىن پەلەستىن ئارقىلىق ئەنگلىيىگە كەتتى. ئېفىئوپىيە خەلقى ۋە ئارمىيىسى پارتىزانلىق ئۇرۇش ئارقىلىق ئىتالىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە ئۈزلۈكسىز زەربە بەردى. 9 - ماي، ئىتالىيە پادىشاھى دېكتور ئەمما نۇئېل III بۇيرۇق جاكارلاپ، ئېغىئوپىيىنى ئىتالىيىگە قوشۇۋالدى. ئۇزۇنغا قالماي ئېفئوپىيە، ئېرتىرنىيە ۋە ئىتالىيىگە قاراشلىق سومالى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىتالىيىگە قاراشلىق شەرقىي ئافرىقا قىلىندى. گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ئۇنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئېتىراپ قىلدى، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە 1938 - يىلى ئېتىراپ قىلدى. 18 - ماي، ياپونىيە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ھازىر ئۆتەۋاتقان گېنېرال پولكوۋنىك بىلەن گېنېرال لېيتېنانتنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغانلىق بەلگىلىمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 23 - ماي، ئاۋسترالىيە يېڭى يۇقىرى نۇرمىلىق تاموژنا بېجىنى يولغا قويدى. ياپونىيىنىڭ توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى ئىمپورى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. شۇ يىلى 27 - دېكابردا ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيە كېلىشىم ئىمزالىدى، ئاۋسترالىيە تەرەپ 1934 - يىلدىكى سانغا باراۋەر كەلگۈدەك دەرىجىدە ياپونىيىنىڭ توقۇمچىلىق بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىشقا قوشۇلدى، ياپونىيە ئالماشتۇرۇش شەرتى بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ مەلۇم ساندىكى قوي يۇڭىنى سېتىۋالدى. 31 - ماي، ئارگېنتىنا ھۆكۈمەتتىكى ئوڭچىلارنىڭ مىللىي فرونت تەشكىللىشىنى قوللاپ، مۇتەئەسسىپ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلدى. شۇ ئايدا، مىسىردا پادىشاھ فەرۇخ تەختكە ئولتۇردى. فەرۇخ تەختكە چىققان ۋاقتىدا تېخى قورامىغا يەتمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭغا ۋەكالىتەن مۇۋەققەت يىغىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى، 1937 - يىلى ئىيۇلغا كەلگەندە فەرۇخ ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئالدى. مىسىردا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، سايلامدا ۋەفدون پارتىيىسى غەلىبە قىلدى، ئۇ تۆۋەن پالاتادا 232 ئورۇننىڭ 166 سىنى، يۇقىرى پالاتادا 79 ئورۇننىڭ 62 سىنى قولغا كەلتۈردى. ۋەفدون پارتىيىسىنىڭ داھىيسى ناخخاس پاشا يېڭى كابىنېت تەشكىللىدى. شۇ ئايدا، ئامېرىكا بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى «جۇڭگو - ئامېرىكا كۈمۈش كېلىشىمى» ئىمزالىدى، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ كۈمۈشنى سېتىۋېلىپ، جۇڭگونىڭ پۇلىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالدى؛ يۇگوسلاۋىيە بىلەن گېرمانىيە سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى.
1936
ئىيۇن
5 - ئىيۇن (1937 - يىل 21 - ئىيۇنغىچە)، فرانسىيىدە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى لېئون بىليوم باشچىلىقىدا 1 - نۆۋەتلىك خەلق فرونتى كابىنېتى تەشكىللەندى. بىليوم كابىنېتىغا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، جۇمھۇرىيەت سوتسىالىستلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. بىليوم ھۆكۈمىتى ئاۋام پالاتاسىدىكى ئەكسىيەتچى كۆپ سانلىقلار گۇرۇھى بىلەن كۈرەش قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن، 1937 - يىل 21 - ئىيۇن ئىستېپا بەردى، ئۇنىڭ ئورنىغا رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن كامىل چاۋتېمپىس باشچىلىقىدىكى خەلق فرونتى ھۆكۈمىتى چىقتى. خەلق فرونتى كابىنېتى 300 مىڭ كىشى قاتناشقان بىر قېتىملىق جىم ئولتۇرۇۋېلىش ئىش تاشلاش دولقۇنىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا بىر يۈرۈش ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى يۈرگۈزدى، مەسىلەن، ھەپتىسىگە 40 سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمىنى تىكلىدى (30 - ئىيۇن)، فرانسىيە دۆلەت بانكىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىدى، ۋە ئۇنى ئاخىرىدا دۆلەت ئىختىيارىغا ئالدى؛ فاشىستىك تەشكىلاتلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى (30 - ئىيۇن)؛ ھەربىي قورال - ياراغ سانائىتىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئالدى (17 - ئىيۇل)؛ ئەمگەك ئىش ھەققى توقۇنۇشىدا مەجبۇرىي كېسىمنى يولغا قويدى، دەم ئېلىش ۋاقتى ئۈچۈنمۇ مائاش تارقىتىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلدى ۋە باشقىلار. 22 - ئىيۇن (20 - ئىيۇلغىچە)، قارا دېڭىز بوغۇزىنىڭ تۈزۈم مەسىلىسى توغرىسىدا مونتىرې يىغىنى ئېچىلدى، يىغىنغا تۈركىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، فرانسىيە، بۇلغارىيە، گرېتسىيە، رۇمىنىيە، يۇگوسلاۋىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىن يېڭىدىن دېڭىز بوغۇزى ئەھدىنامىسى ئىمزالاپ، 1923 - يىلى قۇرۇلغان خەلقئارا دېڭىز بوغۇزى كومىتېتىنى بىكار قىلىپ، تۈركىيىنىڭ دېڭىز بوغۇزىدا قايتىدىن مۇداپىئە تەسىس قىلىش، ھەرقايسى دۆلەت سودا پاراخوتلىرىنىڭ ئەركىن قاتناش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇرۇش ۋاقتىدىكى پاراخوتلارنىڭ قاتناش مەسىلىسىدە قارا دېڭىز دۆلەتلىرى بىلەن غەيرى قارا دېڭىز دۆلەتلىرى پەرقلەندۈرۈلدى. قارا دېڭىز دۆلەتلىرىگە ئۇلارنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئادەتتىكى ۋاقىتتا بوغۇزىدىن ئۆتۈش چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق ھوقۇقى بېرىلدى. لېكىن غەيرىي قارا دېڭىز دۆلەتلەرگە بولسا، قارا دېڭىزدا قاتناۋاتقان ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ تونناژ نىسبىتى 30 توننىدىن ئاشماسلىق، توختامى مۇددىتى 21 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىك بەلگىلەندى. ئۇرۇش ۋاقتىدا، ئەگەر تۈركىيە ئۇرۇشقا قاتناشمىغان بولسا، ئۇرۇشۇۋاتقان بارلىق دۆلەتلەرگە بوغۇزدا قامال يۈرگۈزۈش، ئەگەر تۈركىيىمۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان بولسا، ھەربىي پاراخوتلارنىڭ ئۆتۈشىنى تامامەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئويلىنىپ قارار قىلىش بەلگىلەندى.
1936
ئىيۇل
4 - ئىيۇل، خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ مەمۇرىي مەھكىمىسى ئىتالىيىنى جازالاش قارارىنى توختىتىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. 11 - ئىيۇل، گېرمانىيە باش ئەلچىسى فون. پاپىن ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى، ئاۋسترىيە ئۆزىنىڭ دىپلوماتىك سىايسىتىنى گېرمانىيە بىلەن بىردەك قىلىشقا قوشۇلدى، ھەم ئاۋسترىيە دۆلەت سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئىككى كىشىنىڭ ئاۋستىرىيە ھۆكۈمىتىگە قاتنىشىشىنى قوبۇل قىلدى. ئاۋسترىيە دۆلەت سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىغا ئومۇمىي كەچۈرۈم جاكارلىدى. 18 - ئىيۇل، ئىسپانىيىدە فاشىستىك توپىلاڭ يۈز بەردى، ئىسپانىيىنىڭ ماراكەشتە تۇرۇشلۇق قوشۇنلىرى توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، مېلىلىينى بېسىۋالدى، ئىسپانىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىدى، توپىلاڭچى ئارمىيىنىڭ باشلىقى فرانسىسكو فرانكو ئىدى. ئىسپانىيىدە قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ كۆپ قىسمى توپىلاڭچى ئارمىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. 30 - ئىيۇل توپىلاڭچى ئارمىيە بۇرگاستا دۆلەت مۇداپىئەسى خوڭدا (ئىسپانىيە تىلىدا «خوڭدا» ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان كومىتېتىنى كۆرسىتىدۇ)نى قۇردى. ئىتالىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ «پىدائىي قوشۇنلىرى» توپىلاڭچى ئارمىيىگە قاتنىشىپ ئرۇۇش قىلدى. ھەم توپىلاڭچى ئارمىيىگە قاتنىشىپ ئۇرۇش قىلدى. ھەم توپىلاڭچى ئارمىيىنى قورال ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىدى. 23 - ئىيۇل، فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئىسپانىيىگە ھەربىي ماددىي ئەشيا ۋە ئۈسكۈنە چىقىرىشنى مەنئى قىلدى.
1936
ئاۋغۇست
1 - ئاۋغۇست، لېئون بىليوم بايانات ئېلان قىلىپ فرانسىيىنىڭ ئىسپانىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 2 - ئاۋغۇست، خەلق فرونتى ھۆكۈمىتى قانۇن جاكارلاپ، ئومۇمەن مۈلۈك ئىگىسى تاشلىۋەتكەن كارخانىلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىش (ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا ئېلىش)نى، ھەرقايسى زاۋۇتلاردا ئىشچىلار ۋەكىللىرى كومىتېتى قۇرۇشنى، ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن ئالاھىدە خادىملار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئېلان قىلدى. 7 - ئاۋغۇست، ياپونىيە كابىنېتى باش ۋەىزىر، دىپلوماتىيە ۋەزىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى، دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى، خەزىنە ۋەزىرى قاتارلىق بەش ۋەزىر يىغىنىنى چاقىرىپ، ئاتالمىش «دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئاساسىي تىزىسى»نى ماقۇللىدى. بۇ تىزىستا بەلگىلەنگەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز سىياسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فاڭجېندا دېڭىز ئارمىيە ئاساسىي كۈچىنىڭ «جەنوبقا يۈرۈش قىلىش» تەلىپى بىرىنچى قېتىم ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، جەنۈب ۋە شىمالغا بىرلا ۋاقىتتا يۈرۈش قىلىشنىڭ تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك فاڭجېنى بېكىتىلدى. تىزىستا يەنە «دۆلەت مۇداپىئەسى بويىچە ھەربىي تەييارلىقلارنى دەرھال تولۇقلاشنىڭ ئاساسىي فاڭجېنى بەلگىلەندى. يىغىندا يەنە «شىمالىي جۇڭگونى بىر تەرەپ قىلىش تىزىسى» ماقۇللىنىپ، شىمالىي جۇڭگودىكى بەش ئۆلكىنى «مانجۇرىيىلاشتۇرۇش»، «ئالاھىيدىلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت تاجاۋۇزچىلىق فاڭجېنى بېكىتىلدى. 25 - ئاۋغۇست، مىسىرنىڭ ۋەفدون پارتىيىسى ھۆكۈمىتى بىلەن ئەنگلىيە لوندوندا «ئەنگلىيە - مىسىر ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى»نى ئىمزالىدى. شەرتنامىدە ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ مىسىردىكى ئىشغالىيىتىگە رەسمىي خاتىمە بېرىش بەلگىلەندى، بىراق ئەنگلىيە سۇۋەيىس قانىلى رايونىدا 10 مىڭ كىشىلىك ئەسكەر ۋە 400 نەپەر ئۇچقۇچىغا ئىگە قوراللىق قىسىمنى تاكى مىسىر ئارمىيىسى «قانال ئامانلىقى»غا ئۆزلىرى كاپالەتلىك قىلالغۇدەك دەرىجىگە يەتكۈچە تۇرغۇزۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالدى. ئۇندىن باشقا ئەنگلىيە ئارمىيىسى يەنە ئالېكساندىرىيە پورتىدا سەككىز يىل تۇردى، ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيىسى مىسىر ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ، مىسىرنىڭ ئايرودروملىرىنى ئىشلەتتى، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئالېكساندىرىيە پورتىدىكى بازىسىنى ساقلاپ قالدى، ئەنگلىيىنىڭ ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى مىسىر ئارمىيىسىنى تەربىيىلىدى. شۇ ئايدا، ئەنگلىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى، ئىشچىلار پارتىيىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ھەمكارلىق كوپېراتىپلىرىنىڭ پۈتكۈل ئەزالىرىنى، ھەمدە لىبېرالىستلار پارتىيىسى ۋە بارلىق تىنچلىقسۆيەر زاتلارنى ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيىنىڭ ئىسپانىيىگە قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزۈشىگە قارشى تۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىردى.
1936
سېنتەبر
3 - 6 - سېنتەبرگىچە، بېريۇسېلدا خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى ئېچىلدى، يىغىنغا 35 دۆلەتتىن 4000 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى. 4 - سېنتەبر، ئىسپانىيىدە 1 - نۆۋەتلىك كوممۇنىستلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلق فرونىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن فرانسىسكو لارگو كاۋاللېرو ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى بولدى. 9 - سېنتەبر، سۈرىيە مىللىي ئىتتىپاق ۋەكىللەر ئۆمىكى پارىژدا فرانسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرقانچە ئاي سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، فرانسىيە - سۈرىيە دوستلۇق - ئىتتىپاق شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. شەرتنامە يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ ئۈچ يىل توشقاندىن كېيىن، مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، سۈرىيىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا يول قويۇش، لىۋان يەنىلا مۇستەقىللىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش بەلگىلەندى. فرانسىيە بىلەن سۈرىيە ھەربىي ئىتتىپاق ئورناتتى. شۇ كۈنى، ئەنگلىيە فرانسىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى 27 دۆلەت بىلەن ئىسپانىيىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا ئارىلاشماسلىق توغرىسىدا خەلقئارا كېلىشىم ئىمزالاپ، «ئارىلاشماسلىق كومىتېتى» قۇردى، كېلىشىمدە ئىسپانىيىگە قورال - ياراغ ۋە ھەربىي لازىمەتلىك ماددىي ئەشيالارنى چىقارماسلىق بەلگىلەندى. 10 - 14 - سېنتەبرگىچە، ئانژور خەلقئارا يىغىنى ئېچىلدى، دېڭىز قاتناش ئەركىنلىكى ۋە فاشىستىك دۆلەت سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ دېڭىز قاراقچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش تەدبىرى تۈزۈلدى.
1936
ئۆكتەبر
1 - ئۆكتەبر، توپىلاڭچى ئارمىيە فرانسىسكو فرانكونى ئىسپانىيىنىڭ دۆلەت باشلىقى قىلىپ كۆتۈردى. 6 - ئۆكتەبر، مېكسىكا ھۆكۈمىتى مېكسىكىدىكى چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ مۈلكىنى ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش ھوقۇقى بارلىقى توغرىسىدا پەرمان جاكارلىدى. شۇ كۈنى، ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى گومبوش ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ ئورنىغا كولمان دارانى كابىنېت تەشكىللىدى، بۇنىڭ بىلەن فاشىستىك تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ كۇچىيىپ كەتتى. 7 - ئۆكتەبر، ئىسپانىيە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى جۇمھۇرىيەت دۈشمەنلىرىنىڭ يەر مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش پەرمانىنى جاكارلىدى. قانۇن ئومۇمەن 1936 - يىل 18 - ئىيۇندىن ئىلگىرى تەۋەلىكى ئېنىق بولغاندىن كېيىن قانۇنلۇق جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرغانلارنىڭ بارلىق يەر مۈلكىنى دۆلەت ئىختىيارغا ئېلىشنى بەلگىلىدى. 376 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئاھالىسى ۋە ياللانما دېھقانلار 5 مىليون 423 مىڭ مو گېگتار يەرگە ئىگە بولدى، نەتىجىدە يەر ئىسلاھاتى خەلق فرونتى بىلەن ئىشچى - دېھقانلارنىڭ ئىتتىپاقىنى مۇستەھكەملىدى. 11 - ئۆكتەبر، ئىسپانىيە جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسى مادرىدقا ئۆتىدىغان مۇھىم ئۆتكەلدە توپىلاڭچى ئارمىيە بىلەن باتۇرانە جەڭ قىلدى. 23 - ئۆكتەبر، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى «ئۆزىنىڭ بىتەرەپلىك كېلىشىمىگە ئەزا بولغان ھەرقانداق دۆلەتكە قارىغاندا بۇ كېلىشىمنىڭ چەكلىمىسىگە تېخىمۇ كۆپ ئۇچرىمايدىغان» لىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئىسپانىيە جۇمھۇرىيىتىنى قوللاپ فاشىستىك توپىلاڭغا قارشى كۈرەش قىلىشقا تەييارلاندى. 25 - ئۆكتەبر، ئىتالىيە بىلەن گېرمانىيە بېرلىندا كېلىشىم ئىمزالىدى ھەم بالقان ۋە دوناي دەريا ۋادىسىدىكى ئىقتىسادىي كېڭىيىش دائىرىسىنى ئايرىدى، ئىككى تەرەپ ئىسپانىيە جۇمھۇرىيىتىگە قارشى بىردەك ئۇرۇش قىلىش توغرىسىدا ۋەدىلەشتى، گېرمانىيە ئىتالىيىنىڭ ئېفىئوپىيىنى بېسىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇ كېلىشىم رىم - بېرلىن ئوق مەركىزىنىڭ شەكىللىنىش مۇقەددىمىسى بولدى. 29 - ئۆكتەبر، ئىراقنىڭ جەنۇبىدا باھاردا باشلانغان قوزغىلاڭ بىرقانچە ئاي داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئارمىيە ئىچىگىچە يامرىدى. شۇ كۈنى، پايتەختتىكى گارنىزون قىسىملىرى باغدادنى ئىشغغال قىلىپ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. يېڭى ھۆكۈمەت ئەزالىرى ئاساسەن مىللىي يېڭىلاش پارتىيىسىدىكىلەردىن بولدى، سىياسىي ئۆزگىرىشكە رەھبەرلىك قىلغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى بەكرى سىدىق قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمرانىغا ئايلاندى. يېڭى ھۆكۈمەت بىر يۈرۈش دېموكراتىك ئىسلاھات پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ ئايدا، ئىسپانىيە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ئىسپانىيە خەلق ئەسكەرلىرىنى مۇنتىزم ئارمىيىگە ئۆزگەرتىش توغرىسىدا پەرمان جاكارلىدى؛ راباتتا مەراكەش دۆلەتلىك ھەرىكەت كومىتېتىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى.
1936
نويابر
3 - نويابر، ئامېرىكىدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. فرانكېرىن دىلانو روزۋېلت قايتىدىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى (1937 - يىل 20 - يانۋار فرانكېرىن دىلانو روزۋېلىت 2 - قېتىم زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەندى). 6 - نويابر، ئىسپانىيە توپىلاڭچى ئارمىيىسى مادرىدقا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشنى باشلىدى. ئىسپانىيە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ۋالېنسىيىگە كۆچتى.
ھۆكۈمەت ئارمىيىسى مادرىدنى چىڭ ساقلىدى. مادرىدنى قوغداش ئۇرۇشى باشلاندى. 10 - نويابر، ئارگېنتىنا كوممۇنىستىك پارتىيىسى قانۇنسىز دەپ جاكارلاندى. 13 - نويابر، فرانسىيە بىلەن لىۋان مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقىنى بىكار قىلىش شەرتنامىسى»دىكى گېرمانىيىنىڭ دەريا ۋادىلىرىنى خەلقئارا ئورتاق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى ماددىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 18 - نويابر، گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە فرانكو ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇش باشلىنىش بىلەنلا گېرمانىيە ئاشكارا ھالدا توپىلاڭچى ئارمىيە تەرەپتە تۇرۇپ، توپىلاڭچى قوشۇنلارنى قورال ۋە «پىدائىي قوشۇن» ئاخىرىدا 75 مىڭ كىشىگە يەتتى. 25 - نويابر، «ياپونىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى كېلىشىمى» بېرلىندا ئىمزالاندى. كۆرۈنۈشتە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى كېلىشىم بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بېرلىن - رىم ئوق مەركىزىنىڭ كېڭىيىشى (1937 - يىل 6 - نويابردا فاشىستىك ئىتالىيىمۇ «كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى كېلىشىمى»گە قاتناشتى) ئىدى. 25 - نويابر (5 - دېكابرغىچە)، سوۋېت ئىتتىپاقىدا سوۋېتلەرنىڭ 8 - قېتىملىق پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىقتى، بۇ ئىشنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 5 - دېكابر «ئاساسىي قانۇن بايرام كۈنى» قىلىپ بېكىتىلدى. يېڭى ئاساسىي قانۇن روسىيە، بېلۇرۇسسىيە، ئوكرائىن، ئەزەربەيجان، گرۇزىيە، ئەرمەنىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستانلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەزا دۆلەتلەر دەپ بەلگىلىدى. ئومۇمىي سايلام تۈزۈمى ۋە يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى، بىرقەدەر ئالىي دەرىجىلىك سوۋېتلەر بىۋاسىتە ئاۋاز بېرىش تۈزۈمىنى قولللىنىشنى بەلگىلىدى. سوۋېنت، قۇرۇلتىي مىللىي پالاتا بىلەن ئىتتىپاق پالاتاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى پالاتا تۈزۈمىدىكى پارلامېنت (ئالىي سوۋېت) قا ئۆزگەرتىلدى. ئالىي سوۋېت قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، سايلانغان ھەيئەت رىياسىتى ئۇنىڭ دائىمىي ئىجرائىيە ئورگىنى بولىدۇ، ھەم سوۋېت ھۆكۈمىتىنى - خەلق، كومىسسارىياتىنى سايلاپ چىقىدۇ دەپ بەلگىلىدى. 28 - نويابرا، ئىسپانىيە توپىلاڭچىلىرى ۋە فاشىستىك ئىتالىيە مەخپىي ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شۇ ئايدا، باتىستا ۋە چەت ئەل مونوپول تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن كۇبا زۇڭتۇڭى جوسې مىگېل گومېس ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى؛ ئاۋىسترىيە بىلەن گېرمانىيە كوممۇنىزمغا ئورتاق قارشى تۇرۇش، گېرمانىيىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ئاۋسترىيە بالقان ئىقتىسادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق يېڭى كېلىشىمگە قاتناشماسلىق توغرىسىدا مەخپىي كېلىشىم تۈزدى.
1936
دېكابر
1 - دېكابر، زۇڭتۇڭ روزۋېلت بۇئېنوس - ئايرېستا ئېچىلغان پان ئامېرىكا يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، «ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ تىنچلىق پروگراممىسىنى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. دۆلەت ئىشلىرى تىپى كۆردېل ھېل يىغىنىدا ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرىنىڭ بىتەرەپلىك ئەھدىنامىسى ئىمزالاش توغرىسىدىكى لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 12 - دېكابر، گېنېرال جاڭ شۆلياڭ بىلەن ياڭ خۇچېڭلار جياڭ جيېشىنى شىئەندە قاماققا ئېلىپ، ياپونغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ غەربىي شىمال ۋاقىتلىق ھەربىي كومىتېتىنى قۇردى.
ھەم پۈتۈن مەلىكەتكە تېلېگرامما يوللاپ، «ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىپ، بىردەك ياپونغا قارشى تۇرۇش»تىن ئىبارەت سەككىز ماددىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تارىختا «شىئەن ۋەقەسى» دەپ ئاتالدى. 22 - نويابر، مىسىر پارلامېنتى «ئەنگلىيە - مىسىر ئىتتىپاقى شەرتنامىسى»نى تەستىقلىدى. شۇ ئايدا، سۈرىيە دۆلەت مەجلىسى سايلىمىدىن كېيىن، «مىللىي ھۆكۈمەت» قۇرۇلدى، ھۆكۈمەتنىڭ ئەزالىرى پۈتۈنلەي مىللىي ئىتتىپاقنىڭ داھىيلىرىدىن بولدى، ھاشىم ئەل - ئاتاسى جۇمھۇرىيەتنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. يېڭى ھۆكۈمەت فرانسىيە بىلەن شەرتنامە ئىمزالىدى، بىراق فرانسىيە مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ شەرتنامىنى تەستىقلاشنى داۋاملىق كېچىكتۈردى؛ ئىسپانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى «غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ سەككىز تۈرلۈك شەرتى» توغرىسىدا «ئىسپانىيە خەلقىگە مۇراجىئەت خېتى» ئېلان قىلدى، بۇ پروگرامما خاراكتېرلىك ھۈجەتتە: (1) ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەجبۇرىيىتى ئاساسىدا مۇنتىزم خەلق ئارمىيىسىنى كۈچەيتىش؛ (2) ئارقا سەپتىكى جۇمھۇرىيەت دۈشمەنلىرىنى تازىلاش؛ (3) ئاساسلىق سانائەت تارماقلىرى (مېتاللورگىيە، كان ئېچىش، قاتناش قاتارلىقلار) نى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش؛ (4) كۈچلۈك ھەربىي سانائەت قۇرۇش؛ (5) ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش؛ (6) يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ (7) چوڭقۇر يەر ئىنقىلابىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ (8) سانائەت - يېزا ئىگلىكىنى بىر قەقسەتكە - غەلبىلىك ئۇرۇش قىلىشقا بويسۇندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
شۇ يىلى ئامېرىكىدا فاشىستىك تەشكىلات - ئىتتىپاق قۇرۇلدى. ئامېرىكىدا پولات - تۆمۈر، كاۋچۇك، ماشىنا سانائىتى ئىشچىلىرى ۋە غەربىي قىسىمدىكى ھەرقايسى شتاتلارنىڭ دېھقانچىلىق ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى. ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى دېڭىز ئىشچلىرى كېرەكسىز تۆمۈر - تەسەكلەرنى ياپونىيىگە سېتىپ بېرىپ، ئۇنى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش مەقسىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىككە قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن ئىش تاشلاش ئۆتكۈزدى؛ جەنۇبىي ئافرىقا فېدېراتىپى يەرلىك يەر قانۇنىنى يولغا قويدى؛ گوللاندىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ھىندۇنېزىيە پارتىيىسىنى تارقىتىپ تاشلىدى؛ بېرلىندا فاشىزمغا قارشى تەشكىلات «گېرمانىيە خەلق فرونتى» قۇرۇلدى.