UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1920 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1920 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 9 - 15 - يانۋارغىچە، ئارگېنتىنا پايتەختى بۇئېنوس - ئايرېستا ئومۇمىي ئىش تاشلاش پارتلىدى. 10 - يانۋار، خەلقئارا ئىتتىپاق رەسمىي قۇرۇلدى ھەم شۇ يىلى 15 - نويابردا بىرىنچى قېتىملىق قۇرۇلتاي ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى، ياپونىيە بىلەن گېرمانىيە ئۆزئارا تەستىقنامە ئالماشتۇرۇپ رەسمىي سۈلھ تۈزدى؛ ئاۋسترالىيە تولۇق مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە خەلقئارا ئىتتىپاقنى قۇرغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى؛ چىلى خەلقئارا ئىتتىپاقىغا كىرىدى. 13 - يانۋار، گېرمانىيە دۆلەت مەجلىسى ئىش تاشلاشنى چەكلەش مەقسىتىدە زاۋۇت كومىتېتى قانۇنىنى ماقۇللىدى. 16 - يانۋار، ئانتانتا دۆلەتلىرى ئالىي كومېتېتى سوۋېت روسىيىسىگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي قامالنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى. 28 - يانۋار، تۈركىيىنىڭ كونىستانتىنوپول مىللىي پارلامېنتى كامال تۈزگەن «مىللىي ئەھدىنامە»نى ماقۇللىدى. 29 - يانۋار، سوۋېت روسىيە خەلق كومىسسارىياتى ئومۇميۈزلۈك خالىس ئەمگەك تۈزۈمى توغرىسىدا پەرمان جاكارلىدى. شۇ ئايدا، ئامېرىكىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى پالمېر پۈتۈن مەملىكەتتىكى 70 تىن ئارتۇق شەھەرگە ئىلغار ئىشچىلار ۋە زىيالىيلارنى كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇ تارىختا «پالمېر تۇتقۇنى» دەپ ئاتالدى. 1920 فېۋرال 2 - فېۋرال روسىيە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىستونىيە بىلەن دېلئات (تاش)تا سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 10 - فېۋرال، «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شىلېسىۋىگدە پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئېلىپ بېرىلدى. ئارقىندىنلا يەنە 14 - مارتتا ئىككىنچى قېتىملىق ئاۋاز بېرىش ئېلىپ بېرىلىپ، شىمالىي شىلېسۋىگ دانىيىگە تەۋە بولدى. ھەم ئۇنى شۇ يىلى 19 - ئىيۇلدا دانىيىگە رەسمىي قوشۇۋېتىش قارارى چىقىرىلدى. 12 - فېۋرال، فرانسىيە ئارمىيىسى ۋە ئانتانتا دۆلەتلىرى باشقۇرۇش كومىتېتى يۇقىرى سىلېزىينى ئۆتكۈزۈۋالدى. 29 - فېۋرال، چېخۇسلوۋاكىيە مىللىي پارلامېنتى «چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نى ماقۇللىدى. 1920 مارت 1 - مارت ۋېنگرىيىدە گېنىرال نىكۇلاس خورتى ۋېنگرىيىنىڭ مۇۋەققەت ھاكىملىقىغا ۋە قوشۇمچە دۆلەت باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئىستېبدات ھۆكۈمرانلىق ئورناتتى. 2 - مارت، رۇمىنىيە بىلەن سوۋېت روسىيىسى ئۇرۇش ھالىتىگە خاتىمە بەردى. 4 - مارت، شۋېتسىيە خەلقئارا ئىتتىپاققا كىردى. 8 - مارت، سۈرىيە مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى يەنە بىر قېتىم تولۇق مۇستەقىللىك بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ يىلى 11 - مارتتا پايسال ئۆزىنى سۈرىيە پادىشاھى دەپ ئېلان قىلدى. لېكىن ئۇنى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئېتىراپ قىلمىدى. شۇ كۈنى، دانىيە خەلقئارا ئىتتىپاققا كىردى. 10 - مارت، مىسىر ئاساسىي قانۇن تىكلەش يىغىنى مۇستەقىللىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر قارار ماقۇللىدى. 13 - 17 - مارقىچە، گېرمانىيىدە كاپ قوزغىلىڭى پارتلىدى. بۇ بىر قېتىملىق ئىمپېرىيىنى تىرىلدۈرىدىغان ئەكسىيەتچىل سىياسىي ئۆزگىرىش بولۇپ، توپىلاڭچى ئۇنسۇرلار بېرلىندىكى بارلىق ھۆكۈمەت بىنالىرىنى ئىشغال قىلىۋالدى. ھۆكۈمەت خادىملىرى شىتۇنگارتقا قېچىپ كەتتى. گېرمانىيە ئىشچىلىرى ئومۇمىي ئىش تاشلاش ۋە قوراللىق قوزغىلاڭ ئارقىلىق توپىلاڭنى تارمار قىلدى. كاپ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلدى، كاپنىڭ ئۆزى چەت ئەلگە قېچىپ كەتتى. 16 - مارت، ئەنگلىيە ئارمىيىسى كونىستانتىنوپولدىكى بارلىق مۇھىم ستراتېگىيىلىك پونكىتلارنى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ئىشغال قىلىپ، تۈركىيە مىللىي پارلامېنتىنى قورشىۋالدى. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىر قىسىمى ئاناتولىيىگە قېچىپ كەتتى، قالغانلىرى پۈتۈنلەي قولغا ئېلىندى. ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق پۈتۈنلەي قولغا ئېلىندى. ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شتابى تۈركىيە سۇلتان ھاكىمىيىتىنى كونترول قىلدى. 19 - مارت، گېرمانىيىدىكى «سپارتاك ئىتتىپاقى» رود كان رايونىدا زور كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈردى. 26 - مارت، گېرمانىيىدە بائورگۇستاۋ ئىچكى كابىنېتى ئىستېپا بەردى. ھېرمان مىيللېر يېڭى كابىنېت تەشكىللىدى. 29 - مارت (5 - ئاپرېلغىچە)، روسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىنىڭ 9 - قۇرۇلتىيى موسكۋادا چاقىرىلدى. قۇرۇلتاي «ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىلىرى توغرىسىدا» قارار ماقۇللىدى. شۇ يىلى باھاردا، غەربىي ئافرىقا مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسى ئادۋوكات كاسېلىي ھايفوردنىڭ تەشەببۇسى ۋە رەھبەرلىكىدە ئاككرا شەھىرىدە قۇرۇلدى. 1920 ئاپرېل 2 - ئاپرېل، ئامېرىكا ئارمىيىسى سبىرىيە ۋە سوۋېت يىراق شەرقتىن تامامەن چېكىنىپ چىقتى 3 - ئاپرېل، گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى رۇر رايونىغا كىرىپ كان ئىشچىلىرىنىڭ قوزغىلىڭىنى ۋەھشىييانىلىك بىلەن باستۇردى. 6 - ئاپرېل، روسىيىنىڭ بايقال بويى رايونلىرىنىڭ ئەمگەكچىلەر قۇرۇلتىي يۇقىرى ئوردېنسىكىدا ئۆتكۈزۈلدى، ھەم يىراق شەرق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى (17 - مايغىچە) فرانسىيە ئارمىيىسى گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ رۇر رايونىغا كىرگەنلىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىش يۈزىسىدىن فرانكىفوردنى ۋە رۇر رايونىنىڭ بىر قىسىم شەھەر - بازارلىرىنى بېسىۋالدى. 23 - ئاپرېل، كامال پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ تۈركىيە چوڭ مىللىي پارلامېنتى ئەنقەرەدە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان كامال باشچىلىقىدىكى ئەنقەرە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى سايلاپ چىقتى، ھەمدە چەت ئەل ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئىستانبۇل سۇلتانلىق ھۆكۈمىتى جاكارلىغان بارلىق بۇيرۇقلارنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. 25 - ئاپرېل، ئانتانتا دۆلەتلىرى ئالىي كومىتېتى «يېلغۇ خىتاپنامىسى» غا ئاساسەن، پەلەستىن، تاشقى ئىئوردانىيە ۋە ئىراققا مانداتلىق قىلىش ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئەنگلىيىگە، سۈرىيىگە قوماندانلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى فرانسىيىگە بەردى، 1922 - يىلى 24 - ئىيۇلدا بۇ قارار خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى. 26 - ئاپرېل، تۈركىيە چوڭ پارلامېنتىنىڭ رەئىسى مۇستاپا كامال لېنىنغا خەت يېزىپ، روسىيە سوۋېت فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيىنىڭ دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ، تۈركىيىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى كۈرىشىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى. شۇ ئايدا، پارىس ئەزەربەيجاننىڭ تەبرىزدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. بۇ قوزغىلاڭ شۇ يىلى كۈزدە باستۇرۇپ تاشلاندى؛ مېكسىكىدىكى سنورا قوزغىلىڭى ۋېنوستىئانوكاررانزا ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئاگۋاپۇلەيتا پىلانى«نى ئېلان قىلدى. قوزغىلاڭچى قوشۇنلار پايتەختكە يۈرۈش قىلدى، كاررانزا ھۆكۈمىتى مايدا ئاغدۇرۇلدى؛ سېربىيە - كروئاتىيە - سىلوۋېنىيە پادىشاھلىقىدا تۆمۈريول ئىشچىلىرى ئومۇمىي ئىش تاشلاش قوزغىدى. 1920 ماي 1 - 21 - مايغىچە، فرانسىيىدە تۆمۈر يول ئىشچىلىرى، پرىستان ئىشچىلىرى، دېڭىزچىلار ۋە كان ئىشچىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلىدى. 10 - ماي، ئەنگلىيىنىڭ پرىستان ئىشچىلىرى «شادىمان گېئورگى ناملىق» پاراخوتقا پولشىغا توشۇلىدىغان قورال - ياراغلارنى قاچىلاشنى رەت قىلدى. 23 - ماي، ھىندۇنېزىيە سوتسىيال دېموكراتلا ئىتتىپاقى نامىنى ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتتى. شۇ يىلى، دېكابردا 3 - ئىنتېرناتسىئونالغا ئەزا بولۇپ كىردى. 1920 ئىيۇن 4 - ئىيۇن، ۋېنگرىيە «تريانون سۈلھ شەرتنامىسى»غا قول قويدى. ۋېنگرىيە سلوۋاكىيىنى چېخقا ئايرىپ بەردى، ۋېنگرىيىنىڭ غەربىي قىسمى ئاۋسترىيىگە تەۋە بولدى، يۇگوسلاۋىيە كروئاتىيە - سىلوۋېنىيە ۋە تىمئوئارا - بىرلادنىڭ بىر قىسمىغا، رۇمىنىيە بىرلادنىڭ قالدۇق قىسىمى بىلەن ترانسىلۋانىيە ھەمدە ۋېنگرىيە تۈزلەڭلىك رايونىغا ئىگە بولدى. ۋېنگرىيە ئەسلىدىكى زېمىننىڭ 4 تىن 3 قىسمىدىن ۋە ئاھالىسىنىڭ 3 دىن 2 قىسمىدىن مەھرۇم بولدى. 5 - ئىيۇن، پارىس ئىنقىلابىي دېموكراتىك ئىتتىپاقى رەھبەرلىك قىلغان گىلەن ئۆلكىلىك مىللىي ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى گىلەن سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 6 - ئىيۇن، گېرمانىيىدە چوڭ سايلام بولدى. گېرمانىيە خەلق پارتىيىسى بىرلەشمە فرونت تەشكىللەپ سايلامدا كۆپ سانلىق ئورۇننى قولغا كەلتۈردى. گېرمانىيە مەركىزىي پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى كونىستانتىن فېرېنباخ 25 - ئىيۇن يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. سوتسىالىستلار پارتىيىسىدىكىلەر يېڭى كابىنېتنىڭ سىرتىغا قېقىپ چىقىرىلدى. 20 - 25 - ئىيۇنغىچە، يۇگوسلاۋىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى 2 - قېتىملىق قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال قارارىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا پروگرامما ۋە نىزامنامە ماقۇللىدى. ھەم پارتىيىسىنىڭ نامىنى يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتتى. 22 - ئىيۇن، پارىس كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئەنزېلدا 1 - قېتىملىق قۇرۇلتاي ئۆتكۈزدى ھەم ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىگە ۋە شاھ تۈزۈمىگە قارشى دېموكراتىك بىرلىك سەپ قۇرۇشنى قارار قىلدى. 30 - ئىيۇن، برازىلىيىنىڭ پېرنامبۇكو شتاتىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، كېيىن باستۇرۇلدى. شۇ كۈنى، لىبېرىيە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا ئەزا بولۇپ كىردى. 1920 ئىيۇل 5 - 16 - ئىيۇلغىچە، ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن گېرمانىيە سپادا يىغىن ئۆتكۈزدى. بۇ سىپا يىغىنى دەپ ئاتىلدۇ. يىغىندا گېرمانىيە قورالسىزلاندۇرۇلۇش توغرىسىدىكى كېلىشىمگە قول قويدى ۋە يىغىندا تۆلەم لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئانتانتا دۆلەتلىرى تۆلەمنىڭ تەقسىمات نىسبىتىنى بېكىتىپ، فرانسىيىگە%52، ئەنگلىيىگە%22، ئىتالىيىگە %10 ، بېلگىيىگە %8 بېرىشنى، قالغان قىسمىنى باشقا كىچىك دۆلەتلەرگە بۆلۈپ بېرىشنى قارار قىلدى. 12 - ئىيۇل، روسىيە سوۋېت فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى لىتۋا بىلەن سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىدى. 19 ئىۇل (7 - ئاۋغۇستقىچە) كوممۇنىستىك ئىنتېرنانسىئونالنىڭ 2 - قېتىملىق قۇرۇلتىيى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، پېتروگراد ۋە موسكوۋادا ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتاي لېنىن تۈزۈپ چىققان كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا ئەزا بولۇپ كىرىشنىڭ «21 ماددىلىق شەرت»نى تەستىقلىدى. شۇنداقلا يەنە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ نىزامنامىسىنى ماقۇللىدى. 23 - ئىيۇل، ئەنگلىيىگە قاراشلىق شەرقىي ئافرىقىنىڭ نامى كېنىيىگە ئۆزگەرتىلدى. ھەم ئەنگلىيىنىڭ بىۋاستە مۇستەملىكىسىگە ئايلاندى. 25 ئىيۇل، فرانسىيە ئارمىيىسى سۈرىيىنىڭ پايتەختى دە مەشقنى ئىشغال قىلدى، پادىشاھ پايسال قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. 30 - ئىيۇل، پولشا ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي كومىتېتى بېلوستوكتا قۇرۇلۇپ «پولشا ئەمگەكچى خەلقلىرىگە خىتاپنامە» نى ماقۇللىدى، ھەم قىزىل ئارمىيە قۇرۇشقا كىرىشتى. 31 - ئىيۇل (1 - ئاۋغۇستقىچە) ئەنگلىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى 1 - قېتىملىق قۇرۇلتاي ئاچتى. شۇ ئاي (دېكابرغىچە)، ئىراق خەلقى ئەنگىلىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. 1920 ئاۋغۇست 1 - ئاۋغۇست، ھىندىستاننىڭ مەشھۇر مىللەتپەرۋەر داھىيىسى بال تىلاك ۋاپات بولدى. شۇ كۈنى، گەندى مەملىكەت خاراكتېرلىك نۇتۇق سۆزلەش ساياھىتىنى باشلاپ، زورلۇقسىز قارشىلىق كۆرسىتىش پروگراممىسىنى تەشۋىق قىلدى؛ بېلۇرۇسسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. 2 - ئاۋغۇست، ئىتالىيە بىلەن ئالبانىيە شەرتنامە ئىمزالىدى. ئىتالىيە ئارمىيىسى سازان ئارىلىدىن باشقا ئالبانىيە زېمىندىن چېكىندى. 9 - ئاۋغۇست، سېۋردا تۈركىيىگە قارىتىلغان سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاندى. سۈلھ شەرتنامىدە سۈرىيە، لىۋان، پەلەستىن ۋە ئىراقنىڭ تۈركىيىدىن ئايرىلىشى، تۈركىيىنىڭ ئۆز زېمىنىدىن سېمىرنا ۋە شەرقىي فراكىيىنى گرېتسىيىگە، كىلىكىيە ھەم ئۇنىڭ بىلەن چېگرىداش بولغان ئاناتولىيىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قانچە ئوبلاستنى فرانسىيىگە، شەرقىدىكى بىرقانچە ئوبلاستنى داشناقلار پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ ئەرمىنىيىگە، شەرقىي جەنۇبىنى كۇردىستانغا، تراگىينى ئىتالىيىگە ئايرىپ بېرىشنى، يەنە داردانىل ۋە بوسفۇر بوغۇزلىرىنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سودا، ھەربىي پاراخوتلرىنىڭ قاتنىشىغا ئېچىپ بېرىشنى، ھەم ئۇنى خەلقئارالىق بوغۇز باشقۇرۇش كومىتېتى تەسىس قىلىپ باشقۇرۇشنى بەلگىلىدى. 11 - ئاۋغۇست، روسىيە سوۋېت فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى لاتۋىيە بىلەن سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىدى. 14 - ئاۋغۇست، سوۋېت روسىيىسىنىڭ قىزىل ئارمىيە قىسىملىرى پولشا ئاقلار ئارمىيىسىنى قوغلاپ چىقىرىش ئۇرۇشىدا ۋارشاۋا ئەتراپىدىكى رايونلارغا يېتىپ كەلدى. پولشا ئاقلار ئارمىيىسى گېنېرال ۋېيگەن قوماندانلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ قوللىشى بىلەن قىزىل ئارمىيىگە قارشى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. قىزىل ئارمىيە ئامالسىز چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. شۇ كۈنى، چېخوسلوۋاكىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى ئىمزالىدى. بۇ ئۇششاق ئانتانتا دۆلەتلىرى شەرتنامىسى سىستېمىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن تۇنجى شەرتنامە بولدى. 30 - ئاۋغۇست، ئىتالىيىنىڭ مېتاللورگىيە ئىشچىلىرى زاۋۇتلارنى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى، ھەرىكەت تېزلىكتە كېڭىيىپ باشقا كەسىپلەرگىمۇ ئۆتتى، تۇرىن، مىلەن قاتارلىق شەھەرلەر ھەرىكەتنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى، بۇ ھەرىكەت يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭىيىپ ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسملىرىغىچە يېتىپ باردى، ئىشچىلار يۈزلىگەن زاۋۇتلارنى 3 - 4 ھەپتىدىن ئارتۇقراق ئىدارە قىلدى. 1920 سېنتەبر 1 - سېنتەبر، تايلاند بىلەن ئامېرىكا شەرتنامە ئىمزالاپ، ئامېرىكىنىڭ تايلاندتىكى زېمىن سىرتى ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن تايلاند تاموژنا بېجىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. شۇ كۈنى، فرانسىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىش دائىرىلىرى سۈرىيىدىكى ھەرقايسى شتاتلارنى فرانسىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىيلىرىغا قاراشلىق ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قىلىپ ئايرىپ تارقاق بىرلەشتۈرۈشنى يولغا قويدى (1922 - يىلى سۈرىيە قوشما شتات بولۇپ تەشكىللەندى). لىۋان مۇستەقىل بولدى. 2 - سېنتەبر، بۇخارا سوۋېت خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. 4 - 9 - سېنتەبرگىچە، ھىندىستان مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسى كالكۇتتىدا پەۋقۇلئاددە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، گەندىنىڭ «زورلۇقسىز ھەمكارلاشماسلىق» پروگراممىسىنى ماقۇللىدى. 14 - سېنتەبر، رۇمىنىيە خەلقئارا ئىتتىپقاققا ئەزا بولۇپ كىردى. 23 - سېنتەبر (1924 - يىل 11 - ئىيۇنغىچە) ئالېكساندىر مىلېران فرانسىيىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئارىستىدە برىئاد 1921 - يىلنىڭ دەسلىپىدە فرانسىيىنىڭ باش مىنسىتىرى بولۇپ تەيىنلەندى. شۇ ئايدا، ئەنگلىيىنىڭ كۆمۈر سانائەت ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى، بۇ ئىش تاشلاش نويابرغىچە داۋاملاشتى. 1920 ئۆكتەبر 1 - ئۆكتەبر، ئاۋسترىيە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى »ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنى»نى ماقۇللىدى. 12 - ئۆكتەبر، سوۋېت روسىيىسى بىلەن پولشا رىگادا دەسلەپكى سۈلھ فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن فىللاندىيە دېلپات (تارش) دا سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىدى. 20 - ئۆكتەبر، رۇمىنيىدە ئومۇمىي سىياسىي ئىش تاشلاش پارتلىدى. 27 - ئۆكتەبر، ئەنگلىيە پارلامېنتى »پەۋقۇلئاددە ھوقۇق چەكلىمىسى قانۇن لايىھىسى»نى ماقۇللاپ، ھۆكۈمەتكە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىش، ئىش تاشلاشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەترەتلىرىنى قۇرۇش، ھەربىي قىسىملارنى ئىشقا سېلىپ ئىشچىلار ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش قاتارلىق ھوقۇقلارنى بەردى. 1920 نويابر 9 - نويابر، «پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن دانتسىگ ئەركىن شەھەر دەپ جاكارلىنىپ، خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىندى. 12 - نويابر، ئىتالىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە «راپاللو شەرتنامىسى»نى ئىمزالاپ، فۇمىنى «ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى»غا ئاساسەن مۇستەقىل شتات قىلىشنى، ئىتالىيە دالماتىيىگە بولغان زېمىن تەلىپىدىن ۋاز كېچىشنى بەلگىلىدى، لېكىن ساك بۇنىڭ سىرتىدا قالدى. ئىستىرىيە يېرىم ئارىلىنى ئىككى دۆلەت تەڭ بۆلۈشتى، يۇگوسلاۋىيە سۇزاك رايونىنى قولغا كەلتۈردى. 29 - نويابر، ئەرمىنىيە ئەمگەكچى خەلقى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ داشراق پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئەرمىنىيىنى سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت دەپ جاكارلىدى. ئەرمىنىيە سوۋېت ھاكىمىيىتى 2 - دېكابر يېرېۋاندا رەسمىي قۇرۇلدى. شۇ ئايدا، ئامېرىكىدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئېلىپ ېىرىلدى، زۇڭتۇڭ ۋىلسۇننىڭ سىياسىتى قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچراپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ۋارېن ھاردىڭ زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى؛ ئاۋسترىيە 1920 - يىلى ئۆكتەبردىكى ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، خرىستىئان سوتسىيالىستلار پارتىيىسى كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئاۋسترىيىدە يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. 1920 دېكابر 1 - دېكابر، گېنېرال ئالۋارو ئوبرگون مېكسىكىنىڭ زۇڭتۇلۇقىغا تەيىنلەندى.4 - دېكابر، فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان يۇقىرى سېنېگال نىگېرنىڭ نامى فرانسىيىگە قارشلىق سۇدانغا ئۆزگەرتىلدى. فرانسىيىگە قاراشلىق غەربىي ئافرىقىدا ئالىي كومىتېت قۇرۇلدى. ماۋرىتانىيە 1921 - يىلى 1 - يانۋاردا فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىپ بېكىتىلدى. نىگېر 1921 - يىلى 13 - ئۆكتەبردە فرانسىيىنىڭ مۇستەقىل مۇستەملىكىسى بولۇپ تەشكىللەندى. 4 - 7 - دېكابرغىچە، گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىرلىكتە قۇرۇلتاي ئۆتكۈزدى. گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەن كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلدى. 9 - دېكابر، مىلنېر مىسىرنى «ئىدارە قىلىش» مەسلىسىدە دوكلات بېرىپ، ئەنگلىيىنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا مىسىرغا مۇستەقىللىك بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ كۈنى، چېخوسلوۋاكىيە ساقچىلىرى خەلق سارىيىنى ئىگىلەپ، ئىنقىلابىي كۈچلەرنى يانجىپ تاشلاشقا ئۇرۇندى. ماركسىزمچى سولچىلارنىڭ چاقىرىقى بىلەن چېخوسلوۋاكىيە ئىشچىلار سىنىپى ئومۇمىي ئىش تاشلاش ئۆتكۈزدى، ئىش تاشلاش دولقۇنى چېخوسلوۋاكىيىنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىنى قاپلىدى، چېخوسلۇۋاكىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاشنى قانلىق باستۇردى. 6 - دېكابر، فىنلاندىيە خەلقئارا ئىتتىپاققا ئەزا بولۇپ كىردى. 17 - دېكابر، ياپونىيە خەلقئارا ئىتتىپاق ئارقىلىق ئېكۋاتورنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدىغان تىنچ ئوكياندىكى ئەسلىدە گېرمانىيىگە قاراشلىق بولغان كارولىن، مارشال، مارىيانا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاقىم ئاراللارنىڭ مانداتلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. 22 - 29 - دېكابرغىچە ئېچىلغان پۈتۈن روسىيە سوۋېتلىرىنىڭ 8 - قېتىملىق قۇرۇلتىيى روسىيىنى ئېلېكترلەشتۈرۈش پىلاننى ماقۇللىدى. 23 - دېكابر، ئەنگلىيە پارلامېنتى «ئىرلاندىيە ھۆكۈمەت قانۇنى»نى ماقۇللىدى. ئىرلاندىيىنى ئىككى قىسىمغا ئايرىشنى، شىمالىي ئىرلاندىيە ھۆكۈمىتى بىلەن جەنۇبىي ئىرلاندىيە ھەرقايسى ئۆز ئالدىغا پارلامېنت تەسىس قىلىپ، ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى، جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە بىرلىشىپ ئىرلاندىيە كېڭەش پالاتاسى تەشكىللىنىشىنى بەلگىلىدى. 25 - 30 - دېكابرغىچە، فرانسىيە سوتسىياللار پارتىيىسى تۇردا قۇرۇلتاي ئۆتكۈزدى. فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلدى، ھەم كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا ئەزا بولۇپ كىردى. 28 - دېكابر، روسىيە سوۋېت فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى ئىتتىپاق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. ئەمگەك قىزىل بايراق ئوردىنى تەسىس قىلىندى. شۇ ئايدا، ھىندىستان كونگرىسلار پارتىيىسى ناگىپوردا يىللىق يىغىن چاقىرىپ، سېنتەبر كالكۇتتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ قارارىنى رەسمىي تەستىقلىدى، ھەم كونگرىسلار پارتىيىسىنى بىر ئاممىۋى خاراكتېرلىك سىياسىي پارتىيە قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك دائىمىي رەھبىرىي ئورگانلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. شۇ يىلى، چاۋشىيەن «ئەمگەك پاراۋانلىق جەمئىيىتى» سېئولدا قۇرۇلدى، «پاراۋانلىق جەمئىيەت» 1922 - يىلى پارچىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چاۋشيەن «ئەمگەك ئىتتىپاقى» دەسسىدى، ھىندىستان مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ داھىيىسى ھومانداس. كارامچاد گەندى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ داھىيىسى ئاكا -ئۇكا ئەلىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ خەلىپە ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ ۋە قوزغاپ، ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيىنى بۆلۈۋېلىش ۋە تالان - تاراج قىلىشىغا قارشى تۇردى؛ مىسىر سوتسىيالىزمچىلار پارتىيىسى قۇرۇلدى ھەم 1922 - يىلى نامىنى مىسىر كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا ئەزا بولۇپ كىردى؛ برازىلىيىدە پرىستان ئىشچىلىرى بىلەن ماتروسلار ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلىدى؛ سېربىيە - كروئاتىيە - سىلوۋېنيە چېخوسلوۋاكىيە بىلەن بىرلىشىپ ۋېنگرىيىگە قارشى مۇداپىئە ئىتتىپاقى تەشكىللىدى؛ ئامېرىكىدا ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بېرىپ تاكى 1921 - يىلغىچە داۋاملاشتى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە