UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1934 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1934 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 15 - يانۋار، فرېدرىك ژولئۇت گىئۇرى ۋە ئرنې ژولئوگىيورى سۈنئىي رادىئو ئاكتىپنى بايقىغانلىقى توغرىسىدا دوكلات بەردى. 20 - يانۋار، كۇبادا يەنە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، گرائۇسان مارتىن ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلدى. كالوس مېنديېتا زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەندى، فۇلگېنىسئو باتىستا ئەمەلىي مۇستەبىتكە ئايلاندى. 26 - يانۋار، پولشا بىلەن گېرمانىيە «تالاش - تارتىشنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش كېلىشىمى» تۈزدى. ئون يىل ئىچىدە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىقنى، ھازىرقى زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۈرمەت قىلىشنى بەلگىلىدى. خورسوسكى ۋە گېنېرال يۈسۈف بېك پولشا - گېرمانىيە كېلشىمى پولشا بىخەتەرلىكىنىڭ ياخشى كاپالىتى دە داۋراڭ سالدى. ئەمەلىيەتتە كېلىشىم پولشىنىڭ ئۇششاق ئانتانتا دۆلەتلىرى ۋە فرانسىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقىنى ئاجىزلاشتۇردى. 26 - يانۋار (10 - فېۋرالغىچە)، ئىتتىپاق كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيى 1933 - 1937 - يىلغىچە بولغان خەلق ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ 2 - بەش يىللىق پىلانىنى ماقۇللىدى. شۇ ئايدا، پۈتۈن ئەنگلىيىدىكى ئىشسىز ئىشچىلار ئاچارچىلىق يۈرۈشى قىلدى. 1934 فېۋرال 6 - فېۋرال، پارىژدا 20 مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق فاشىست لۈكچەكلەر توپىلاڭ كۈتۈرۈپ، كېڭەش يىغىنى ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇندى، 25 مىڭ ئەمگەكچى ئامما كوچىغا چىقىپ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قوغداپ، فاشىستىك توپىلاڭنى تىنچىتتى. شۇ كۈنى، رادىكاللار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى ئىدۋارد دالادې باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. ئوڭچىلرنىڭ كاتتىبېشى گاستون دومېرگې باشچىلىقىدا «مىللىي بىرلىك» ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. ھېنرى - پىلىپ پىتان ۋە پېررې لاۋال بۇ ھۆكۈمەتكە قاتناشتى. 9 - فېۋرال، فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ چاقىرىقى ۋە رەھبەرلىكىدە پارىژدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر فاشىزمغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى، تۈركىيە، گرېتسىيە، رۇمىنىيە ۋە يۇگوسلاۋىيىلەر «بالقان ئەھدىنامىسى»نى ئىمزالاپ، تاشقى سىياسەتتە ئورتاق كېلىشىش ۋە بالغان دۆلەتلىرىنىڭ چېگرىسىنى قوغداشنى كېلىشتى. 12 - فېۋرال، فرانسىيىدە 4 مىليون 500 مىڭ كىشى قاتناشقان فاشىزمغا ۋە ئۇرۇشقا قارشى ئومۇمىي ئىش تاشلاش بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، ئومۇمىي ئىش تاشلاشقا مەدەت بېرىلدى. 12 - 18 - فېۋرالغىچە، ئاۋسترىيىنىڭ پايتەختى ۋېنا ۋە باشقا شەھەرلەردە «ئىتتىپاقنى قوغداش» ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى بىلەن فاشىستىك تەشكىلات «ۋەتەننى قوغداش پولكى» نىڭ قىسىملىرى ھەمدە مۇنتىزم ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىشىش بولدى. شۇ ئايدا، خومس شەھىرىدە سۈرىيە مىللىي ئىتتىپاقىغا قاتنىشىدىغان ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ ۋكىللەر قۇرۇلتىي بولدى. قۇرۇلتاي مىللىي ئىتتىپاقنى سىياسىي پارتىيىگە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى، ھەمدە پارتىيە پروگراممىسى بىلەن پارتىيە نىزامنامىسىنى ماقۇللاپ، ھاشىم ئەل ئاتاسى ۋە شۈكرى ئەل قوۋەتلى باشچىلىقىدىكى رەھبەرلىك كومىتېتىنى سايلاپ چىقتى. ھەرقايسى جايلاردا پارتىيىنىڭ ياچېيكىلىرى قۇرۇلدى. 1934 مارت 2 - مارت، زۇڭتۇڭ روزۋېلت دۆلەت مەجلىسىگە «خاۋېس - كوتتىك قانۇن لايىھىسى»نى قايتىدىن تەكشۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىش تەلىپىنى قويدى. 24 - مارت، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «تاينىس - ماكدۇفې قانۇن لايىھىسى»نىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخسى ئىدى. شۇ يىلى 1 - مايغا كەلگەندە، فىلىپپىن قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قانۇننى قوبۇل قىلدى. 17 - مارت، ۋېنگرىيە، ئىتالىيە ۋە ئاۋسترىيە رىمدا توختام تۈزۈپ، ئۈچ دۆلەت قويۇق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورناتتى. نەتىجىدە فاشىستلار ھىمايىسى ئاستىدىكى دوناي دەريا دۆلەتلىرى گۇرۇھى شەكىللىنىپ، فرانسىيە پەرەس ئۇششاق ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن قارشىلاشتى. 19 - مارت، نورۋىگىيىدە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتى تەختكە چىقتى. 22 - مارت، مېكسىكا «يەر قانۇنى»نى تەستىقلىدى. 1934 17 - ئاپرېل، ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتى ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئامائۇئىتو ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ جۇڭگودىكى تەسىر كۈچىنى سىقىپ چىقىرىپ، جۇڭگونى ياپونىيىنىڭ مۇستەقىل ھامىيلىقى ئاستىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش توغرىسىدىكى باياناتى يەنى ئاتالمىش «ئامائۇ باياناتى»نى ئېلان قىلدى. 26 - ئاپرېل، فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى جېيان لونىس بارتۇپراگانى زىيارەت قىلدى. 30 - ئاپرېل، ئاۋسترىيە يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللىدى، بۇ يېڭى ئاساسىي قانۇندا ئىتالىيە فاشىستلىرى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ ئىدىيىسى گەۋدىلەندۈرۈلدى. ھۆكۈمەت بارلىق خىزمەتچىلەرنى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى، تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرىنى ۋە ئۇندىن باشقا تەشكىلاتلارنى ھۆكۈمەت قۇرغان «ۋەتەن فرونتى»غا كىرىشكە مەجبۇر قىلدى. 1934 ماي 5 - ماي، پولشا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن 1932 - يىل 25 - ئىيۇلدا ئىمزالىغان ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسىنىڭ مۇددىتىنى ئون يىل ئۇزارتتى. 19 - ماي، بۇلغارىيىدە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھەربىيلەرنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى تىكلىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى قايتىدىن قوراللىنىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا كىرىشتى. ئامېرىكا روزۋېلت ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىناق قوشنىدارچىلىق سىايسىتى»غا ئاساسەن «ئامېرىكا - كۇبا شەرتنامىسى» ئىمزالاندى. «پىلان تۈزىتىلەەن لايىھىسى» رەسمىي ئەمەلدىن قالدى. 1934 ئىيۇن 1 - ئىيۇن، يۇگوسلاۋىيە گېرمانىيە بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى. 4 - ئىيۇن، ياۋروپا فاشىزمغا قارشى يىغىنى پارىژدا ئېچىلدى. 7 - ئىيۇن، ئەنگلىيىدىكى فاشىستىك ئۇنسۇرلار «ئولىمپىك» زالىدا لوندون ئاھالىسىنى ئۇردى. 9 - ئىيۇن، رۇمىنىيىنىڭ جورگې تاتار بىسكۇ ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. رۇمىنىيە، پولشا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزئارا چېگرىلارغا تاجاۋۇز قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. 12 - ئىيۇن، بۇلغارىيە ھۆكۈمىتى بارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. 19 - ئىيۇن بۇلغارىيىدىكى ماكىدونلار داھىيسى ئىۋان مىخايلوۋ تۈركىيىگە قېچىپ كەتتى. 14 - 15 - ئىيۇلغىچە، گېرمانيە كابىنېتىنىڭ باش مىنىستىرى، ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ كاتتىبېشى گىتلېر ئىتالىيە پايتەختى رىمنى زىيارەت قىلىپ، موسسولىن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى، لېكىن ئورتاق سىياسەت تۈزۈش مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش بولمىدى. 20 - ئىيۇن سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتى يىغىنى بىلەن ئىتتىپاق كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى شىمالىي دېڭىز يولىنى ئېچىش تەدبىرى توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. 30 - ئىيۇن، گىتلېرچىلار بېرلىن ۋە مىيۇنخېندا ئېسئاچىلارنىڭ كاتتىبېشى ئېرنىست روم قاتارلىق تەخمىنەن 1000 نەپەر ئادەم ئۆلتۈرۈلدى. ئېسئاچىلارنىڭ كۈچى زور دەرىجىدە كۈچەيدى. 1934 ئىيۇل 2 - ئىيۇل، مېكسىكىدا زۇڭتۇڭ سايلىمى بولدى. لازارو كاردېناس زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى. شۇ يىلى 1 - دېكابردا زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى، 25 - ئىيۇل، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۈچ يىللىق مۇداپىئە پىلانىنى ماقۇللاپ، ھاۋا ئارمىيىسىنى ماتورلاشتۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقاردى. شۇ كۈنى، ئاۋسترىيىدە فاشىستىك دۆلەت سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىدىكلەر توپىلاڭ كۆتۈردى، فاشىستلار رادىئو ئىستانىسى بىلەن باش مىنىستىر مەھكىمىسىنى ئىشغال قىلۋالدى. باش مىنىستىر ئىنگېلبېرت دوللىفىسنى ئۆلتۈردى. دۆلەت سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ توپىلىڭى باستۇرۇلدى. كۇرت شۇشنىگ ئاۋسترىيە باش مىنستىرلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. 30 - ئىيۇل، فىلىپپىن قانۇن تۈزۈش يىغىنى چاقىرىپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن لايىھىسى ھازىرلىدى. ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ھىندىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلىدى؛ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھاۋا ئارمىيىسىنى كېڭەيتىپ تولۇقلاش توغرىسىدا يېڭى پىلان ماقۇللىدى. 1934 ئاۋغۇست 1 - ئاۋغۇست، گېرمانىيە «دۆلەت باشلىقى قانۇنى»نى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭلۇق بىلەن باش مىنىستىرلىقنى بىرلەشتۈردى. 2 - ئاۋغۇست، گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ھىندېنبۇرگ كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى، گىتلېر «گېرمانىيە خەلقىنىڭ داھىيىسى ۋە باش مىنىستىرى» دەپ جاكارلىدى، گىتلېرمۇ ئۆزىنى دۆلەت «باشلىقى ۋە قوشۇمچە باش مىنىستىر» دەپ ئېلان قىلدى. 17 - ئاۋغۇست، ئىتالىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى فاشىستىك تۈزۈمگە قارشى كۈرەشتە بىردەك ھەرىكەتلىنىش توغرىسىدا ئەھدىنامە ئىمزالىدى. 17 - ئاۋغۇست (1 - سېنتەبرگىچە)، سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق پۈتۈن سوۋېت ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى. 19 - ئاۋغۇست، گېرمانىيىدە پۇقرالارنىڭ بېلەت تاشلىشى ئېلىپ بېرىلىپ، گىتلېرنىڭ زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلىنىشى ھەم ئۆز ئالدىغا مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزۈشى تەستىقلاندى. بىراق گىتلېر «دۆلەت باشلىقى» پەخرىي نامىنى ساقلاپ قېلىشنى خالىدى. 1934 سېنتەبر 9 - سېنتەبر، لوندون ئەمگەكچى خەلقى ئەنگلىيە فاشىزمىغا قارشى ھەيۋەتلىك نامايىش ئۆتكۈزدى. ئەنگلىيە «مىللىي ھۆكۈمىتى» «توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇترىتىش قانۇن لايىھىسى»نى ماقۇللاپ، ئۇرۇشقا قارشى تەشۋىقات يۈرگۈزگۈچىلەرگە قاماق جازاسى بېرىشنى بەلگىلىدى. 18 - سېنتەبر، خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنى 39 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى ئۈچ ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، يەتتە ئاۋازنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنى خەلقئارا ئىتتىپاققا قوبۇل قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقئارا ئىتتىپاققا قاتناشتى. ھەم خەلقئارا ئىتتىپاق مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئەزا دۆلەتلىكىگە تەيىنلەندى. 1934 ئۆكتەبر 4 - ئۆكتەبر، ئىسپانىيىدىكى ئەكسىيەتچىل سىياسىي پارتىيە «ئىسپانىيە مۇختارىيات ئوڭ قانات پارتىيىلەر بىرلەشمىسى» ۋەكىللىرىنىڭ ئالېھاندرو لېررۇس كابىنىتىغا قاتناشقانلىقى مەملىكەتلىك ئىش تاشلاشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 5 - ئۆكتەبر، ئىسپانىيىدە ھۆكۈمەتنىڭ فاشىستلىشىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئومۇمىي ئىش تاشلاش بولدى. 9 - سېنتەبر، يۇگوسلاۋىيە پادىشاھى ئالېكساندىر I كاراگىئو گېۋىچ ۋە فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى جېيان لوئىس بارتۇ فرانسىيىنىڭ مارسېلدا ناتسىستچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، پادىشاھ ئالېكساندىرنىڭ 11 ياشلىق ئوغلى پېتېر II پادىشاھ بولدى. مۇۋەققەت كومىتېتقا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان شاھزادە پائول فاشىستلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئىلھام بەردى. شۇ كۈنى، يۇگوسلاۋىيە پادىشاھى ئالېكساندىر ۋېنگرىيىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكتىن، ۋېنگىرىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پارتلىغىلى تاسلا قالدى؛ بارتۇقەستكە ئۇچراشتىن ئىلگىرى 1934 - يىلى ئاپرېلدىن ئىيۇنغىچە ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پايتەختلىرىنى زىيارەت قىلىپ، گىتلېرغا قارشى ئىتتىپاق سىستېمىسى قۇرۇشقا ئۇرۇنغانىدى. بارتۇ قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن «بارتۇ پىلانى»مۇ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. شۇ ئايدا، ئىسپانىيىدىكى ئاستۇرىيە كان ئىشچىلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈردى، كاتولونىيە مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى، مادىرىد بىلبائو ۋە ئۇندىن باشقا سانائەت شەھەرلىرىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئىلگىرى - كېيىن باستۇرۇلدى. ھۆكۈمەت «كاتولونىيە مۇختارىيات قانۇنى»نى ئىجرا قىلىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى؛ جۇڭگو ئىشچى - دېھقان قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى فۇجيەن، جياڭشىدىن قوزغلىپ ئۇزۇن سەپەرنى باشلىدى. 1934 نويابر 3- نويابر، سۈرىيە پارلامېنتى فرانسىيە - سۈرىيە شەرتنامىسىگە قارشى تۇرغانلىقى تۈپەيلدىن يىغىننى قەرەلسىز توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. 17 - نويابر، سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى بىلەن خەلق كومىسسارىياتىنىڭ يىغىنى 1927 - 1937 - يىلغىچە بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىدا خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ «2 - بەش يىللىق پىلانى» توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلدى، 24 - يانۋار، رۇمنىيە ھۆكۈمىتى فاشىزمغا قارشى تەشكىلاتلارنى تارقىتىۋەتتى. شۇ ئاي (1935 - يىلى يازغىچە)، ئەنگلىيىدە تىنىچلىقپەرۋەر كوللېكتىپ تەشكىلاتلارنىڭ مەملىكەتلىك كومىتېتى «تىنچلىق بويىچە خەلق رايىنى سىناش» ھەرىكىتىنى ئېلىپ باردى. 1934 دېكابر 1- دېكابر، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى سېرگېي كروۋ لېنىنگىرادتا قەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. شۇ كۈنى، ماراكەش ھەرىكەت كومىتېتى «يېڭىلاش پىلانى» تۈزدى. 5 - دېكابر، ئېفىئوپىيە ئارمىيىسى بىلەن ئىتالىيە ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا ئىتالىيە تەۋەسومالى چېگرىسىدىكى تالاش - تارتىش بولۇۋاتقان يال - يال رايونىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. شۇ كۈنى ئىتالىيە ئارمىيىسى يەنە ئېرېترىيە ۋە ئېفىئوپىيە چېگرىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. بۇ ئىتالىيىنىڭ ئىفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلىشتىكى سىناق خاراكتېرلىك ھەرىكىتى ئىدى؛ تۈركىيە مىللىي پارلامېنتى ئاياللارغا سايلام ھوقۇقى بەردى. 19 - دېكابر، ياپونىيە 1922 - ۋە 1930 - يىلى ئىمزالانغان دېڭىز ئارمىيىگە دائىر ئىككى شەرتنامىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ يىلى ئامېرىكىدا بىرىنچى تۈركۈمدىكى رەڭلىك كىنولار مەيدانغا كەلدى. ئامېرىكىنىڭ روزۋېلت ھۆكۈمىتى يېڭى باج قانۇنىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سودا كلېىشىمى» ئىمزالىدى؛ فاشىت پەرەس «ئامېرىكا جۈنتۇەنى» گېنېرال باتىلې ھەربىي سەپتىن قايتقان 500 مىڭ ھەربىينى باشلاپ ۋاشنگتونغا يۈرۈش قىلىشقا كۆندۈرۈپ، سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشنى قەستلىدى دېدى، بۇ باتىلې تەرىپىدىن پاش قىلىندى؛ مېكسىكىنىڭ كادىراس ھۆكۈمىتى يەر ئىسلاھاتى پەرمانىنى جاكارلىدى؛ رۇمىنىيىدە دۆلەت فاشىزمغا قارشى كومىتېتى قۇرۇلدى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە