1926 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار
تارىختىكى چوڭ ئىشلار
يانۋار
21 - يانۋار، مىسىرنىڭ مېكۋار (سانار) سۇ توسمىسى پۈتۈپ، نىل دەريا سۈيىدىن پايدىلىنىشنىڭ يېڭى باسقۇچى باشلاندى. 27 - يانۋار، بېرلىندا 150 مىڭ ئەمگەكچى خەلق نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بەگلەرنىڭ مۈلكىنى مۇسادىر قىلىشنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى. شۇ ئاي (فېۋرالغىچە)، تۈركىيە مىللىي پارلامېنتى يېڭىدىن ھەق تەلەپ قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، سودا قانۇنىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل قانۇن ئېلان قىلىپ، ئىسلام دىنى قانۇن مىزانىنى بىكار قىلدى.
1926
فېۋرال
16 - 19 - فېۋرالغىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى.
1926
مارت
12 - مارت، ياپونىيىنىڭ پاراخوتلىرى جۇڭگونىڭ داگو پورتىنى تۇيۇقسىز ئوققا تۇتۇپ، «داگو ئېغىزى ۋەقەسى» نى پەيدا قىلدى. شۇ كۈنى، دانىيە دۆلەت مەجلسى ھەربىي تەييارلىقلارنى پۈتۈنلەي بىكار قىلش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى، ھەم ئۇنى دەرھاللا ئىجرا قىلدى. 25 - مارت، ھىندىستاننىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش قانۇنىنى ماقۇللىدى. 26 - مارت، رۇمىنىيە بىلەن پولشا ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. كېيىن رۇمىنىيە يەنە 10 - ئىيۇن فرانسىيە بىلەن، 16 - سېنتەبر ئىتالىيە بىلەن ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى تۈزدى.
1926
ئاپرېل
3 - ئاپرېل، ئىتالىيە فاشىست بولمىغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى قانۇنىنىڭ مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، سانائەت ئىش ھەققى ماجىرالىرىغا مەجبۇرىي كېسىم چىقىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، زاۋۇتلارنى تاقاش ۋە ئىش تاشلاشنى قانۇنسىزلىق دەپ جاكارلىدى. 22 - ئاپرېل، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن پارىس، تۈركىيە ۋە ئاففانىستان ئورتاق بىخەتەرلىك شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 14 - ئاپرېل، گېرمانىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى دوستلۇق ۋە بىتەرەپلىك شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 30 - ئاپرېل، ئەنگلىيە كۆمۈر كان خوجايىنلىرى ئىتتىپاقلىشىپ تىجارەتنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
1926
ماي
2 - ماي، نىكاراگو ئالىبراللار پارتىيىسىدىكىلەر گېنېرال ئاۋگوسىتنو ساندىنونىڭ رەھبەرلىكىدە ئامېرىكىغا قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇش قوزغىدى. ئامېرىكا كۆپ قېتىم ئەسكەر چىقىرىپ مۇداخىلە يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ساندىنو يەنىلا 1927 - يىل شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايوندا بازا قۇردى. شۇندىن كېيىن پارتىزانلىق ئۇرۇشى 16 شتاتنىڭ سەككىزىگە كېڭەيدى. ساندىنونىڭ ئۇزۇن مۇدددەت قەتئىي كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە ئامېرىكا 1931 - يىل چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى. ساندىنونىڭ پارتىزانلىق ئۇرۇشى «ساندىنو ھەرىكىتى» دەپ ئاتالدى. بۇ ھەرىكەت 1934 - يىل فېۋرالدا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ يالاقچىسى ئاناستاسىئو سوموزاغا كۆرسەتمە بېرىپ، ساندىنو سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنلا ئاندىن باستۇرۇپ تاشلاندى. 4 - 12 - مايىغىچە، ئەنگلىيە ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىرلەشمىسى قۇرۇلتىي ئالىي كومىتېتى كۆمۈركان خوجايىنلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تىجارەتنى توختىتىشىغا قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاشنى جاكارلىدى. 12 - 14 - مايغىچە، پولشىدا يۈسۈف پىلسودىسكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، دېھقانلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى باشقۇرۇۋاتقان ئىچكى كابىنېتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. پىلسودىكىنىڭ يېقىنى ئىگناس موسكى 1 - ئىيۇن زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەندى، پىلسودىسكى 2 - ئۆكتەبر باش مىنىستىر بولۇپ تەيىنلەندى. پىلسودىسكىنىڭ ھاكىمىيىتى 1929 - يىل 27 - ئىيۇنغىچە داۋاملىشىپ «پولكوۋنىكلار ھۆكۈمرانلىقى» دەپ ئاتالدى. 23 - ماي، فرانسىيە بۈيۈك لىۋان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. 26 - ماي، ماراكەش رېپ خەلق قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ داھىيسى ئابدۇل كېرىم ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشۈپ، رېئۇنىئون ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن «رېپ جۇمھۇرىيىتى» نىڭ ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.
1926
ئىيۇن
4 - ئىيۇن، برازىلىيە خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ مەمۇرىي مەھكىمىسىدە دائىمىي ئەزا دۆلەتلىك ئورۇننى قولغا كەلتۈرەلمىگەنلىكتىن، خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققانلىقى، بۇنىڭ 1928 - يىلى كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 5 - ئىيۇن، ئەنگلىيە بىلەن تۈركىيە «موسۇل شەرتنامىسى»نى ئىمزالاپ، موسۇلنىڭ زور بىر قىسىم رايونلىرىنى ئىراققا ئايرىپ بېرىپ، موسۇلنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 10 - ئىيۇن، ئامانۇللاخان ئافغانىستاننىڭ پادىشاھى دېگەن نامنى قوبۇل قىلدى. شۇ كۈنى، ئىسپانىيە خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىقتى. كېيىن يەنە 1928 - يىل 22 - مارتتا خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چېكىنىش قارارى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 20 - ئىيۇن، گېرمانىيىدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى بەگلەرنىڭ مۈلكىنى مۇسادىر قىلىش مەسىلىسى پۇقرالارغا ئاۋازغا قويۇلدى.
1926
ئىيۇل
1 - ئىيۇل، ئەنگلىيە بىلەن پورتۇگالىيە كېلىشىم تۈزۈپ، كۇنېنې دەرياسىنى پاسىل قىلغان ھالدا ئانگولا بىلەن غەربىي جەنۇبىي ئافرىقا ئوتتۇرىسىدكى چېگرىنى ئايرىدى. 14 - ئىيۇل، مېكسىكا باش رۇھانىيسى 25 - ئىيۇل «پوپنىڭ مۇرتلىرىغا مۇراجىئەت خېتى»نى ئېلان قىلدى، مەملىكەت بويىچە 1 - ئاۋغۇست كۈنى دىنىي ئىبارەت توختالدى. مېكسىكا ھۆكۈمىتى بىلەن دىنىي جەمئىيەت 1929 - يىل 21 - ئىيۇندا يارىشىش كېلىشىمى تۈزدى. 23 - ئىيۇل (1929 - يىل 26 - ئىيۇلغىچە)، فرانسىيىدە پوئىنكارې قايتا كابىنېت تەشكىللىدى، بۇ كابىنېتقا يەنە رادىكال سوتسىياللار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى ئېدۋارد خېررىئو، ئالبېرت سارراۋۇ قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە سولقانات ئىتتىپاقىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ قاتناشتى. بىرىئان دىپولوماتىيە مىنىستىرلىكىدە قالدى. 26 - ئىيۇل، فىللىپپىن قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى قارار ماقۇللاپ، مۇستەقىللىك مەسىلىسىنى پۇقرالارغا ئاۋازغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. باش نازارەتچى بۇ قارارنى ئىنكار قىلدى. 28 - ئىيۇل، بۇلغارىيىدىكى ماكېدونلار يۇگوسلاۋىيە چېگرىسىدىن ئۆتۈپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يۇگوسلاۋىيە، گرېتسىيە ۋە رۇمىنىيە 11 - ئاۋغۇست قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
1926
ئاۋغۇست
7 - ئاۋغۇست، ئىسپانىيە بىلەن فاشىستىك ئىتالىيە دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 17 - ئاۋغۇست، يۇگوسلاۋىيە بىلەن گرېتسىيە شەرتنامە ئىمزالاپ، سالونكادىكى يۇگۇسلاۋىيىلىكلەر ئەركىن رايوننىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. 31 - ئاۋغۇست، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئافغانىستان بىتەرەپلىك ۋە ئۆزئار تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى.
1926
سېنتەبر
8 - سېنتەبر، گېرمانىيە خەلقئارا ئىتتىپاققا قوبۇل قىلىندى. ھەم خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ مەمۇرىي مەھكىمىسىدە دائىمىي ئەزالىق ئورۇننى قولغا كەلتۈردى. 18 - سېنتەبر، يۇگوسلاۋىيە بىلەن پولشا دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 25 - سېنتەبر، 20 دۆلەت خەلقئارا قۇللۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسىگە قول قويدى.
1926
ئۆكتەبر
19 - ئۆكتەبر (18 - نويابرغىچە)، ئەنگلىيە ئىمپېرىيە يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىن ئاپتونومىيىلەر بىلەن مىتروپولىيىلەرنىڭ قانۇنىي جەھەتلەردىن باراۋەر بولۇشنى مۇقىملاشتۇردى. شۇ ئايدا، رۇمىنىيىدىكى ھەرقايسى دېھقانلار سىياسىي پارتىيىلىرى بىرلىشىپ دۆلەت دېھقانلار پارتىيىسى بولۇپ ئۇيۇشتى، جۇلىئۇماس مانىيۇ پارتىيىنىڭ داھىيسى بولدى.%
1926
نويابر
6، 9، 25 - نويابر، ئىتالىيە ئارقا - ئارقىدىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە فاشىستىك پارتىيىنىڭ مۇستەبىت دىكتاتۇرىسىنى ئورنىتىش توغرىسىدا پەۋقۇلئاددە قانۇن جاكارلاپ، باشقا بارلىق پارتىيە - گۇرۇھ ۋە تەشكىلاتلارنى مەنئىي قىلدى. 8 - نويابر، ئەنگلىيە پارلامېنتى گراف جون ئالېبېروك سىمئون باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش كومىتېتىنى ھىندىستانغا ئەۋەتىپ «مونتىگيو - چىلموسفۇرت قانۇن لايىھىسى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى. سىمئون كومىتېتى 1927 - يىلدىن 1928 - يىلغىچە بولغان ھىندىستاندىكى «تەكشۈرۈش» مەزگىلىدە ھىندىستان مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، پۈتۈن ھىندىستاندا سىمئون كومىتېتىغا بايقۇت قىلىش، ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. 12 - 13 - نويابر، ھىندۇنېزىيىنىڭ ياۋا ئارىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈردى، قوزغىلاڭچى دېھقانلار ساقچى ئىدارىسى، تۈرمە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. قوزغىلاڭ يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى دەرھال قوزغىلىپ ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلدى. بىراق بىرقانچە ئاي ئىچىدە قوزغىلاڭ گوللاندىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرىنىڭ ۋەھشىيانە باستۇرۇشىغا ئۇچراپ مەغلۇپ بولدى. ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى قانۇنسىز دەپ جاكارلاندى، كوممۇنىستلار يەر ئاستى پائالىيىتىگە يۆتكلىشكە مەجبۇر بولدى. 22 - نويابر، پارس ھۆكۈمىتى بەھرەيىن ئارىلىغا ئىگىدارچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت زېمىن تەلىپىنى قويدى. 27 - نويابر، ئىتالىيە بىلەن ئالبانىيە شەرتنامە ئىمزالىدى، ئەمەلىيەتتە ئالبانىيە ئىتالىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى.
1926
دېكابر
23 - دېكابر، گوللاندىيىگە قاراشلىق ھىندۇنېزىيىنىڭ باتاۋىيە سوت مەھكىمىسى خەلق قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىگە ھۆكۈم ئېلان قىلدى. 25 - دېكابر، ياپونىيە پادىشاھى جىيارېن داجېڭ ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ ئورنىغا شاھزادە يۈرېن تەختكە چىقىپ، يىلنامىنى جاۋخىغا ئۆزگەرتتى.
شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى قايتىدىن قۇرۇلدى. كارخانا خوجايىنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش پروەراممىسىنى تۈزدى؛ شۇ يىلدىن 1928 - يىلغىچە، سېرگېي ۋاسليېۋىچ لېبېگېۋ سانائەتتە كاۋچۇك بىرىكمىسىنى قوللىنىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى؛ ئەنگلىيىدە «ئىمپېرىيە خىمىيە تولاس» قۇرۇلدى؛ گېرمانىيىدە پولات - تۆمۈر تولاس قۇرۇلدى. خەلقئارا كارتېل قۇرۇلدى.