UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1928 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1928 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 12 - يانۋار، ئەنگلىيە زاۋۇت ئىگىلىرى ۋە ئىشچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان ئارىلاشما كومىتېت قۇرۇلدى. ئالفېرد موند بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسلىكگە تەيىنلەندى، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى «سانائەتنى تەشكىللەش» ۋە كارخانا ئىگىلىرى بىلەن ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرتىپكە سېلىشقا ياردەملىشىش بولۇپ، بۇ «موندسىزم» دەپ ئاتالدى. 16 - يانۋار (20 - فېۋرالغىچە)، ھاۋانادا ئېچىلغان 6 - قېتىملىق پان ئامېرىكا يىغىنى پان ئامېرىكا ئىتتىپاقى شەرتنامىسىنى ئېتىراپ قىلىپ ئىمزا قويدى. يىغىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشماسلىق توغرىسىدا قارار ماقۇللاش ۋاقتىدا، ئامېرىكا قارشى ئاۋاز بەردى. 18 - يانۋار، نورۋېگىيە جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى بۇۋې ئارىلىنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى. بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى 1929 - يىلى 2 - فېۋرالدا يەنە جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى پېتېر ئارىلىنى بېسىۋالدى، 1929 - يىل 8 - مايدا يەنە شىمالىي مۇز ئوكياندىكى يان - مايېن ئارىلىنى يۇتۇۋالدى. 29 - يانۋار، گېرمانىيە بىلەن لىتۋامېمېرنىڭ چېگرىسى ۋە ئورنى توغرىسدا شەرتنامە ئىمزالىدى. شۇ ئايدا (ئىيۇلغىچە)، ئافغانىستان پادىشاھى ئامانۇللاخان رەپىقىسى بىلەن بىللە ھىندىستان، مىسىر ۋە ياۋروپانى زىيارەت قىلىپ، مالىيە جەھەتتىن ياردەم ئېلىش ۋە مەسلىھەتچىلەر بىلەن تەمىنلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى. 1928 مارت 3 - مارت، فرانسىيە ئىسپانىيىنىڭ تەنجەدىكى تەۋەلىك ھوقۇقىنى كېڭەيتىشىگە قوشۇلدى. 15 - مارت، ياپونىيە باش ۋەزىرى تيەنجۇڭ يىيى «چوڭ پاش قىلىش» (1929 - يىلى ئاپرېلدا ئىككىنچى قېتىملىق «چوڭ پاش قىلىش»نى يولغا قويۇش، ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە ئىنقىلابىي ئاممىغا غالجىرانە زىيانكەشلىك قىلىپ، «15 - مارت ۋەقەسى» نى پەيدا قىلدى. 16 - مارت (ئىيۇنغىچە)، مىسىر ۋەفدون پارتىيىسىنىڭ داھىيسى مۇستاپا نافاس پاشا باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىنىپ، ھەرقايسى پارتىيە گۇرۇھلار قاتناشقان ئارىلاشما كابىنېت تەشكىللىدى. 1928 ئاپرېل 9 - ئاپرېل، تۈركىيە مىللىي پارلامېنتى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىش توغرىسىدىكى ماددىنى چىقىرىۋېتىشنى قارار قىلدى. 20 - ئاپرېل، ياپونىيە ئارمىيىسى يەنە جۇڭگونىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. 1928 ماي 1 - ماي، بۇلغارىيە پايتەختى سۇفىيىدىكى ئەمگەكچى خەلق «1 - ماي»نى تەبرىكلەپ نامايىش قىلۋاتقاندا ساقچىلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. 3 - 11 - مايغىچە، جۇڭگو - ياپونىيە ئىككى دۆلەت ئارمىيىسى جىنەندە توقۇنۇشۇپ قالدى. ياپونىيە ئارمىيىسى «جىنەن پاجىئەسى»نى پەيدا قىلدى. ياپونىيە ئارمىيىسى شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى تۆمۈر يولنى كونترل قىلۋالدى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونىيە بايقۇت قىلىش ئاممىۋى ھەرىكىتى بىر يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت داۋاملاشتى. ياپونىيە ئارمىيىسى 1929 - يىل 20 - مايدا ئاندىن چېكىنىپ چىقتى. 10 - ماي، پارس ھۆكۈمىتى چەت ئەل كونسۇللىرىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. 20 - ماي، گېرمانىيە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزدى. گېرمانىيە سوتسىياللار پارتىيىسىنىڭ ھېرمان مۇللېر 13 - ئىيۇن يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. 30 - ماي، تۈركىيە بىلەن ئىتالىيە بەش يىللىق مۇددەت بىلەن ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى تۈزدى. شۇ ئاي (5 - ئىيۇنغىچە)، ئىتالىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باش شتابى پېچەتلەندى. 37 نەپەر كوممۇنىستىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. 1928 ئىيۇل 9 - ئىيۇل، سۈرىيە ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش يىغىنى چاقىردى، مىللەتچىلەر پارتىيىسىدىكىلەر پارلامېنتتا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى. قانۇن تۇرغۇزۇش يىغىنى تۈزۈ پ چىققان ئاساسىي قانۇن فرانسىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى. فرانسىيىنىڭ ماندانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى. فرانسىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىيسى بۇ ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تەستىقلاشنى رەت قىلدى. 13 - ئىيۇل، تۈركىيە ۋە تۈركىيە زايۇم بېلىتىنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى زايۇم پۇلنى قايتۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. 20 - ئىيۇن، يۇگوسلاۋىيە كروئاتىيە دېھقانلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى سىتېپان رادىش قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 8 - ئاۋغۇست ۋاپات بولدى. شۇ ئايدا، مىسىردا ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى مۇھەممەت ماھمۇد پاشا ھۆكۈمەت تەشكىللىدى، ھەم 19 - ئىيۇلدا پارلامېنتىنى تارقىتىۋېتىپ، «1923 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇن»نى ئىجارا قىلىشنى توختاتتى. 1928 ئىيۇل 4 - ئىيۇل، ئەنگلىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى باش مۇدىرىيىتى ۋە موند گۇرۇھى بىرلەشمە دوكلات ماقۇللاپ، «موندىزم» سىياسىتىنى يولغا قويدى. ئىشچىلار پارتىيىسى «ئىشچىلار پارتىيىسى ھەرىكىتى ۋە دۆلەت» پروگراممىسىنى ماقۇللىدى، ئەنگلىيە پارلامېنتى ئەر - ئاياللارنىڭ سايلام باراۋەرلىكى ھوقۇقى توغرىسىدا يېڭى سايلام قانۇنى ماقۇللىدى. 17 - ئىيۇل (2 - سېنتەبرگىچە)، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال 6 - قۇرۇلتىيىنى ئاچتى. شۇ كۈنى، مېكسىكا زۇڭتۇڭى ئالۋارو ئوبېرگون ئەكسىيەتچى گۇرۇھلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. 18 - ئىيۇل، مىسىر باش ۋەىزىرى ماھمۇت بىلەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى «ئەنگلىيە مىسىر شەرتنامىسى لايىھىسى»نى تۈزۈپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ئىشغالىيەت مۇددىتىنى ئون يىل قىلىپ بەلگىلىدى. شەرتنامە لايىھىسىنىڭ تۈزۈلۈشى مىسىر خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. 25 - ئىيۇل، «تەنچە ئەھدىنامىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىسپانىيە تېخىمۇ زور كونتروللۇق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. 1928 ئاۋغۇست 1 - ئاۋغۇست، يۇگوسلاۋىيىدىكى كىروئاتىيىلىكلەر يەنە فېدېراتىپ تۈزۈلمە ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىدى، كېيىن يەنە ئۆكتەبردە زاگرېبتابىر بۆلگۈنچىلەر «پارلامېنتى»نى قۇرۇپ، بېلگراد بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلدى. 2 - ئاۋغۇست، ئېفىئوفىيە بىلەن ئىتالىيە 20 يىللىق مۇددەت بىلەن «دوستلۇق شەرتنامىسى» تۈزدى. 27 - ئاۋغۇست، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق 15 دۆلەت پارىژدا «بېررىيان - كېللوگ ئۇرۇشتىن خالىي بولۇش ئەھدىنامىسى»نى تۈزدى. ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە فرانسىيىلەر ھەرقايسى ئۆزلىرىنىڭ ساقلاپ قىلىش شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىمزا قويغۇچى دۆلەتلەر كېيىن كۆپىيىپ 26 گە يەتتى. 28 - ئاۋغۇست، ھىندىستاندىكى پارتىيە گۇرۇھلار يىغىنى «نېھرو دوكلات خېتى»نى ماقۇللاپ، ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغان ھىندىستانلىقلارنىڭ ۋەكالەت تۈزۈلمە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. شۇ كۈنى، ئامانۇللاخان ئافغانىستان ئومۇمىي خەلق قۇرۇلتىيىدا، مەركەزدە ئۈنۈملۈك مەمۇرىي ئورگانلارنى قۇرۇش، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، سودا - سانائەت ئىشلىرىغا ئىھام بېرىش، يول ياساپ، قاتناشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئىسلاھات پروگراممىسىنى ئېلان قىلدى. 30 - ئاۋغۇست، ھىندىستان مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيىسىدىن جاۋاھىرلال نېھرو، سوبباس چاندرابۇس ۋە سىرىنۋاسا ئيېنگار باشچىلىقىدىكى «سولقاناتلار» «ھىندىستان مۇستەقىللىك ئىتتىپاقى»نى تەشكىللەپ، تولۇق مۇستەقىللىك تەلەپ قىلدى. 1928 نويابر 1 - نويابر، تۈركىيە مىللىي پارلامېنتى يېزىقنى ئىسلام قىلىش، لاتىن يېزىقىنى قوللىنىش قانۇنىنى ماقۇللىدى. شۇ كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يەمەن سودا مۇئامىلە دوستلۇق شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. 6 - نويابر، ئامېرىكىدا چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، ھېربېرت خوۋېرنىڭ زۇڭتۇڭلۇق مۇددىتى 1929 - يىلى 4 - مارتتىن 1933 - يىل 4 - مارتقىچە بولدى. شۇ ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى تۇنجى ماشىنا تراكتور پونكىتىنى قۇردى؛ ياسۇجى ئوكامۇرا، تودزىئو خىدەكى، كاۋا موتودايساكو قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ياپونىيە ياش ئەزىمەتلەر گۇرۇھىدىكى فاشىست ھەربىيلەر فاشىستىك مەخپىي گۇرۇھ «ھارپا جەمئىيىتى»نى قۇردى؛ شۇ ئاي (1929 - يىلى 17 - يانۋارغىچە) ئافغانىستاندا ئامانۇللانىڭ ئىسلاھاتىغا قارشى تۇرۇش توپىلىڭى كۆتۈرۈلۈپ، پادىشاھ ئامانۇللانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلدى. باچائى ساچۇئا ئەمىر بولۇپ، ئۆزىنى ھەبىبۇللا غازى دەپ جاكارلىدى. 1928 دېكابر 20 - دېكابر، ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگو گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شەرتنامە ئىمزالىدى. ئەنگلىيە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى ۋە جۇڭگونڭ تاموژنا بېجىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلدى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە ماللىرىدىن پورت بېجى ۋە ئىچكى بازار بېجى ئالمايدىغان بولدى. شۇ يىلى، پارسنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى باشلاندى؛ ھىندىستاننىڭ مومباي توقۇمچىلىق ئىشچىلىرى، تۆمۈريول ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنى قوزغىدى؛ 1928 - يىلدىن 1929 - يىلغىچە، ۋاشنگتوندا مۇرەسسە ۋە كېسىم توغرىسىدا پان ئامېرىكا يىغىنى چاقىرىلدى، يىغىن 1923 - يىلى 3 - مايدا ئىمزالانغان شەرتنامىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بارلىق تالاش - تارتىش، ياراشتۇرۇش ۋە كېسىمنى قوبۇل قىلىش كېرەك دەپ جاكارلىدى؛ 1928 - يىلدىن 1930 - يىلغىچە، بولىۋىيە بىلەن پاراگۋاي ئوتتۇرىسىدا گران - چاكو زېمىنى توغرىسىدىكى تالاش - تارتىش ئۆتكۈرلىشىپ، 1928 - يىل 6 - دېكابر ئىككى تەرەپ ئارمىيىسى توقۇنۇشۇپ قالدى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئۈزۈلدى. پاراگۋاي خەلقئارا ئىتتىپاققا ئەرز سۇندى. كېيىن ئىككى دۆلەت بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قۇشۇلدى، ھەم 1930 يىل 4 - ئاپرېلدا ۋاقىتلىق كېلىشىم ئىمزالىدى، ئىككى دۆلەت ئارمىيىسى ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان رايونلىرىدىن چېكىنىپ چىقتى، بۇرۇنقى ھالەت ئەسلىگە كەلدى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە