UyghurWiki
UyghurWikiۋاقە1932 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

1932 يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

تارىختىكى چوڭ ئىشلار يانۋار 4 - يانۋار، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى يەنە بىر قېتىم ھىندىستان كونگرېستلار پارتىيىسىنى قانۇنسىز تەشكىلات دەپ جاكارلاپ، گەندىنى قايتا قولغا ئالدى. 7 - دېكابر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «سىتىمىسونىزم» نى جاكارلىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھېنرى ل. سىتمىسون جۇڭگو - ياپونىيە ئىككى دۆلەتكە نوتا تاپشۇرۇپ «پارىژ ئەھدىنامىسى» دە بەلگىلەنگەن كېلشىم ۋە مەجبۇرىيەت بىلەن قارشىلىشىپ قوللىنىلغان ۋاسىتە تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق ھالەت ياكى ئىمزالانغان ھەرقانداق شەرتنامە ۋە كېلىشىمنى ئامېرىكىنىڭ قەتئىي ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى»، ھەم ياپونىيىنىڭ 1931 - يىل «18 - سېنتەبر»دە جۇڭگودا قوللانغان ھەرىكىتىنى ئېتىراپ قىلمىدى. 21 - يانۋار، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن فىنلاندىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. 223 - يانۋار، پارس بىلەن تۈركىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالالات تاغلىق رايونىدىكى چېگرا سىزىقىنى تەڭشىدى. 25 - يانۋار، بېرلىندا 150 مىڭ ئىشچى ئېرنىست تېلمان قاتارلىق كوممۇنىستلارنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا فاشىزمغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. 27 - يانۋار، گىتلېر ديوسسېلدورفتا 300 نەپەر پۇل مۇئامىلە ۋە سانائەت كاپىتالىستلىرى قاتناشقان يىغىندا ناتسېستلار پارتىيىسىنىڭ پروگراممىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. 28 - يانۋار (4 - مارتقىچە)، ياپونىيە ئارمىيىسى شاڭخەيگە تاجاۋۇز قىلدى، شاڭخەي خەلقى ۋە 19 - يول ئارمىيە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. شۇ ئايدا سۈرىيە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە چوڭ سايلام ئۆتكۈزدى، فرانسىيە دائىرىلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن فرانسىيە پەرەس كۈچلەر كۆپ سانلىق ئاۋازنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى كابىنېت فرانسىيىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى. 1932 فېۋرال 2 - فېۋرال، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيىدىن ئىبارەت دۆلەت ئەلچىلىرى جۇڭگو ۋە ياپونىيە ئىككى دۆلەتكە نوتا تاپشۇرۇپ، شاڭخەينى خەلقئارا ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان «بىتەرەپ رايون» قىلىپ ئايرىش تەكلىپىنى قويدى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قوشۇلۇش ئىپادىسىنى بىلدۈردى. 2 - 7 - فېۋرالغىچە، خەلقئارا ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنى جەنۋەدە ئېچىلدى. يىغىنغا 63 دۆلەتنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشتى. ئەمەلىيەتتە جاھانگىر چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي تەييارلىقلارنى كېڭەيتىدىغان رىقابەت يىغىنى بولدى. 16 - فېۋرال، ياپون تاجاۋۇزچىلىرى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا «شەرقىي شىمال ئالىي مەمۇرىي كومىتېتى» قۇرۇشنى پىلانلىدى. ياپونىيە دائىرىلىرى خىتابنامە ئېلان قىلىپ، «شەرقىي شىمالىدا جۇڭگودىن ئايرىپ مۇستەقىل قىلىش» توغرىسىدا جار سالدى، ھەم قورچاق مانجۇرىيە دۆلىتى» قۇرۇشنى قارار قىلدى. ياپونىيە ئارمىيىسى تيەنجىندىن ئېلىپ كەتكەن، بۇرۇنلا ئاغدۇرۇلغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى فۇيىنى قورچاق «ھاكىمىيەت»نىڭ بېشىغا چىقاردى، جېڭشاوشۇ قورچاق زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەندى. 27 - فېۋرال (7 - مارتقىچە)، فىنلاندىيىدە «لاپىيە»چىلەر فاشىستىك توپىلاڭ قوزغاپ مەغلۇپ بولدى. «لاپىيە» تەشكىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 1933 - يىلى، بۇ تەشكىلات يەنە «مىللىي ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكەت» دېگەن نام ئاستىدا قايتىدىن ھەرىكەت ئېلىپ باردى. 29 - فېۋرال، ئەنگلىيە پارلامېنتى تاموژنا باج قانۇنىنى قوغداش، ئەركىن سودا تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى. شۇ ئايدا، ياپونىيىدىكى فاشىستىك گۇرۇھ «سامورايلار جەمئىيىتى» تەشكىلىنى كېڭەيتىپ باشقا ئوڭ گۇرۇھتىكىلەر بىلەن بىرلىشىپ «دانىشمەنلەر جەمئىيىتى»نى قۇردى. 1932 مارت 16 - مارت، پولشىدا بىر كۈن ئومۇمىي ئىش تاشلاش بولدى. 1932 ئاپرېل 10 - ئاپرېل، ھىندېنبۇرگ گېرمانىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا قايتا سايلاندى. 13 - ئاپرېل، چېخوسلوۋاكىيىدە سىياسىي خاراكتېرلىك ئومۇمىي ئىش تاشلاش بولدى. 23 - ئاپرېل، ئىتتىپاق كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى «ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش» توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. 1932 ماي 8 - ماي، فرانسىيە «سولقاناتلار ئىتتىپاقى» دۆلەت مەجلىسى سايلىمىدا غەلىبە قىلدى. 15 - ماي، ياپونىيىدە ھەربىي فاشىستىك تەشكىلات «قانداشلار ئىتتىپاقى گۇرۇھى» نى مەركەز قىلغان ئوڭ قانات كۈچلەر سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى، باش ۋەزىر ئىنوكاي دزىئوس «ياش ئەزىمەت ھەربىيلەر» تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. 30 - ماي، ھېنرىخ برونىڭ ھۆكۈمىتى ئىستېپا بەردى. فرانزۋون پاپېن يېڭى كابىنېتقا رىياسەتچىلىك قىلدى. 1932 ئىيۇن 4 - 16 - ئىيۇنغىچە، چىلىدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، كارلوس داۋىلا باشچىلىقىدا يېڭى ھاكىمىيەت قۇرۇلدى 16 - ئىيۇن (9 - ئىيۇنغىچە)، لوزاننادا گېرمانىيىدىن تۆلەم تۆلىتىش توغرىسىدا خەلقئارا يىغىن ئېچىلدى. 24 - ئىيۇن، تايلاند دادلۇئاڭ پرادىت باشچىلىقىدىكى خەلق پارتىيىسى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پادىشاھنى قولغا ئالدى. پادىشاھ ئاساسىي قانۇن يۈرگۈزۈشكە ۋە كېڭەش پالاتاسى تەسىس قىلىشقا قوشۇلغاندىن كېيىن، پادىشاھلىق ئورنى ئەسلىگە كەلدى. بۇرژۇئا خەلق پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى، شۇ ئايدا فرانسىيىدە رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن خىررىئو يېڭى كابىنېت تەشكىللىدى، بۇ كابىنېت دېكابردا تەختتىن چۈشتى. 1932 18 - ئىيۇل، تۈركىيە خەلقئارا ئىتتىپاققا ئەزا بولۇپ كىردى. 20 - ئىيۇل، گېرمانىيىنىڭ پرۇسىيىدە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى، پاپېن پروسىيە باش مىنىستىر بىلەن سوتسىيالىستلار پارتىيىنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. 21 - ئىيۇل (20 - ئاۋغۇستقىچە)، كانادانىڭ ئوتتاۋادا ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ئالاھىدە ئىمتىيازلىق تاموژنا باج تۈزۈمى ۋە يىغىندا ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بازارلىرىنى ئالاھىدە ئېتىبارلىق باج ئارقىلىق قوغداش مەقسىتىدە ئالاھىدە ئېتىبارلىق باج نىسبىتى تۈزۈمىنى يەنى «ئىمپېرىيىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش تۈزۈمى»نى يولغا قويۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. ئەنگلىيىنىڭ يىغىندىكى مەيدانى، ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسىگە ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتىدىكى زامۇتلۇق «ھوقۇق مەنپەئىتى» نى ساقلاپ قېلىش، ھەرقايسى دومىنىئونلارنىڭ يەنىلا ئەنگلىيىنىڭ يېزا ئىگىلىك خام ئەشيا قوشۇمچىسى بولۇپ قېلىشتىن ئىبارەت بولدى، 28 - ئىيۇن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋاشىنگتونغا يۈرۈش قىلغان، دۇنيا ئۇرۇشىدا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باستۇردى. 31 - ئىيۇل، گېرمانىيىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، گىتلېرنىڭ دۆلەت سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى 230 ئورۇنغا، سوتسىياللار پارتىيىسى 133 ئورۇنغا ئېرىشتى. شۇ ئايدا، ئەنگلىيە مۇستەقىل ئىشچىلار پارتىيىسى ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلدى؛ جون ئاللىسېبروك سىمون ۋە ئۇ قاتناشقان «مىللىي ھۆكۈمەت»تىكى شېرىكلىرى دۆلەت لىبېرالىستلار پارتىيىسىنى قۇردى؛ برازىلىيىدە «پائول گۇرۇھى» بىلەن گېتۇلىئو ۋارگاسنىڭ ھىمايىچىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىچكى ئۇرۇش يۈز بەردى، بۇ ئۈچ ئاي داۋاملىشىپ «پائول گۇرۇھى» نىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى. 1932 ئاۋغۇست 7 - ئاۋغۇست، سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى بىلەن خەلق كومىسسارىياتى يىغىن ئېچىپ، «دۆلەت كارخانىلىرى، كوللېكتىپ كولخوز، ھەمكارلىق كوپېراتسىيىلەرنىڭ مۈلكىنى قوغداش ۋە سوتسىيالىستىك ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىنى مۇستەھكەملەش توغرىسدا» قارار ماقۇللىدى. 13 - ئاۋغۇست، گىتلېر ھىندېنبۇرگنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، پاپېن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بولۇشقا قوشۇلمىدى. گىتلېر بايانات ئېلان قىلىپ، «ئالسا تولۇق ھوقۇقنى ئالىدىغانلىقىنى، بولمىسا ئالمايدىغانلىقى»نى جاكارلىدى. 15 - ئاۋغۇست، ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرى قورچاق «مانجۇرىيە دۆلىتى»نى ئېتىراپ قىلدى، ھەم 15 - سېنتەبر قورچاق «مانجۇرىيە» بىلەن «ياپونىيە مانجۇرىيە كېلىشىمى» تۈزدى، ياپونىيە زورلۇق بىلەن قولغا كىرگۈزگەن مۇستەملىكە خاراكتېرىدىكى ئىمتىيازلىق ھوقۇقنى قانۇنىي شەكىل ئارقىلىق مۇستەكەملەشكە ئۇرۇندى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى تاكېئو شىنيانى «كانتون ئارمىيىسى» نىڭ قوماندانلىقىغا، قوشۇمچە قورچاق «مانجۇرىيە»دە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە تەيىنلەندى، قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى كويسو كۇنئاكونى «كانتون ئارمىيىسى» نىڭ شتاب باشلىقلىقىغا ھەمدە «كانتون ئارمىيىسى» جاسۇسلۇق باشقارمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. ياپونىيە جۇڭگونىڭ پۈتكۈل شەرقىي شىمال رايونىدا ھەربىي فاشىستىك مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىق ئورناتتى. 27 - 29 - سېنتەبرگىچە، ئامىستېردامدا ئۇرۇشقا قارشى خەلقئارا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئۇرۇشقا قارشى 30 مىليون ئاكتىپقا ۋەكالىتەن 25 دۆلەتتىن 2244 ۋەكىل قاتناشتى. 2000 دىن كۆپرەك ۋەكىل ئىچىدە دېھقانلار 72 نەپەر، زىيالىيلار 249 نەپەر بولۇپ، ئىشچىلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلىدى. يىغىن ئۇرۇشقا قارشى خىتابنامە ماقۇللاپ، ئۇرۇشقا قارشى دائىمىي كومىتېتنى سايلاپ چىقتى، كومىتېت ئورنى پارىژغا تەسىس قىلىندى. 1932 سېنتەبر سېنتەبر 1934 - يىلى (2 - نويابرغىچە)، پېرۇكولومىبىيە ئوتتۇرىسىدا لېتسىيە زېمىنىنى تالىشىش تۈپەيلىدىن ئۇرۇش خەۋپى تۇغۇلدى، پېرۇ لېتسىيىنى قوراللىق بېسىۋالدى. 1934 - يىلى 2 - نويابر ئىككى تەرەپ كېلىشىم تۈزۈپ زېمىن تالىشىشنى ھەل قىلدى. 12 - سېنتەبر، گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ھىندېنبۇرگ دۆلەت مەجلىسنىڭ تارقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 13 - سېنتەبر، چىلىىدا يەنە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، داۋىرا ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلدى. ئارتۇرو ئالېكساندىر پالما 24 - دېكابردىكى سايلام ئارقىلىق زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى. 20 - 26 - دېكابرغىچە، گەندى تۈرمىدە «قارا خەلق» ئۈچۈن ھەرقايسى شتاتلىق قانۇن تىكلەش پارلامېنتىدىكى ئورۇن مەسىلىسىدە «جان تىكىپ تاماق تەرك ئېتىش»نى ئېلىپ باردى، گەندى تاماق تەرك ئېتىش ھەرىكىتىنى تاكى «پۇنا كېلىشىمى» ئىمزالانغۇچە داۋاملاشتۇردى. كېلىشىمدە «قارا خەلق»قە كۆپرەك ۋەكىل نامزاتى بېرىش بەلگىلەندى. 24 - سېنتەبر، شۋېتسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى سايلامدا كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشتى، ھەم يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. 25 - سېنتەبر، ئىسپانىيە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى «كاتالونىيە ئاپتونومىيە نىزامنامىسى»نى ئېلان قىلىشقا قوشۇلدى. يازدا، ئەنگلىيىدە 150 مىڭ توقۇمچىلىق ئىشچىسى ئىش تاشلىدى. 1932 ئۆكتەبر 1 - ئۆكتەبر، ئەنگلىيە ئىراققا بولغان مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقنى رەسمىي بىكار قىلىپ، ئىراقنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى. بىراق ئەمەلىيەتتە ئىراق يەنىلا ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قېلىۋەردى. دۆلەت ئىچىدە ئەنگلىيە ئارمىيىسى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ھەربىي بازىلىرى ساقلىنىپ قالدى، دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن ئارمىيە ئەنگلىيە مەسلىھەتچىلىرىنىڭ قولىدا قالدى. ئەنگلىيە نېفىت شىركىتى «يىراق نېفىت شىركىتى» (ئامېرىكا ۋە فرانسىيە كاپىتالى پاي قوشقان) ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى تارماق شىركەتلىرى ئىراقنىڭ نېفىت بايلىقىنى كونترول قىلىۋالدى. ئىراقنىڭ ئىچكى - تاشقى سودىسى، مالىيە سىستېمىسى ۋە پاختا ئېكىنزارلىقلىرى يەنىلا ئەنگلىيە كاپىتالىنىڭ ئىلكىدە قالدى. 2 - ئۆكتەبر، خەلقئارا ئىتتىپاق ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى مۇناسىۋىتى بىلەن «خەلقئارا ئىتتىپاق تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ دوكلات خېتى» نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا ۋەقەنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، ھەقىقىي پاكىتنى بۇرمىلاپ، تاجاۋۇزچىغا ھېچقانداق ئەيىب ئارتىلمىدى، ئەكسىچە جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەققانىي ھەرىكىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھاقارەتلەندى. دوكلات خېتى ھەر قايسى جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئورتاق باشقۇرۇشىنى ياپونىيىدىن ئىبارەت بىرلا دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىۋېلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالنى خەلقئارا جاھانگىرلىكنىڭ ئورتاق مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن دوكلات خېتى ياپونىيىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى قانۇنلۇق ئۆزىنى قوغداش ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىنىڭ ياپونىيىنىڭ جۇڭگونى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ جۇڭگودىكى تۈپ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. شۇ ئايدا، برازىلىيىدە فاشىستىك خولىزم پارتىيىسى قۇرۇلدى. ئۆكتەبردە، پارس ھۆكۈمىتى پارس قولتۇقىدا پارس ئارمىيىسىنى قۇردى. 1932 نويابر 17 - نويابر، گېرمانىيە باش مىنىستىرى پاپىن ئىستېپا بەردى. پارس ھۆكۈمىتى 1901 - يىلى ۋىليام ك. دىئارسقا بېرىلگەن، ھەم 1909 - يىلى ئەنگلىيە نېفىت شىركىتى قولغا كىرگۈزۈۋالغان ئىجارىگە بېرىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالدى. ئەنگلىيە بۇ تالاش - تارتىشنى خەلقئارا ئىتتىپاققا سۇندى. 1933 - يىل 29 - مايدا، ئەنگلىيە - پارس ئىككى تەرەپ يېڭىدىن نېفىت قېزىسنى ئىجارىگە بېرىش كېلىشىمى تۈزدى. 29 - نويابر، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن فرانسىيىنىڭ خېرىئو ھۆكۈمىتى ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى تۈزدى. 1932 دېكابر 10 - دېكابر، تايلاند كېڭەش پالاتاسى مەڭگۈلۈك ئاساسىي قانۇن ماقۇللاپ، ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ خەلققە مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنى گەرچە پادىشاھ تەيىنلىسىمۇ، لېكىن ئۇ مىللىي پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى، مىللىي پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يېرىمى تەيىنلەش ئارقىلىق، يېرىمى ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىشنى بەلگىلىدى. 11 - نويابر، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىرى گېرمانىيىنىڭ قوراللىنىش جەھەتتە باراۋەر بولۇش پرىنسىپى توغرىسىدىكى خىتابنامىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ يىلى، ج. چادۋىك پوزىتىروننى، س. د. ئاندېرسون مۇسبەت ئېلدكتروننى بايقىدى؛ مىسىرنىڭ داڭلىق شائىرى شاكى ۋە ھاپىز بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ۋاپات بولدى: 1932 - يىلدىن 1935 - يىلغىچە، پاراگۋاي بىلەن بولىۋىيە ئوتتۇرىسىدا گىران - چاكو ئۇرۇشى قىلدى. خەلقئارا ئىتتىپاق ۋە پان ئامېرىكا ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇشنى توختىتىپ، بىتەرەپ دۆلەتلەرنىڭ كېسىمنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ نەتىجىسى بولمىدى، پاراگۋاي ئارمىيىسى گىران - چاكو رايونىنىڭ بىر قسىمىنى بېسىۋالدى. 1935 - يىلى، خەلقئارا ئىتتىپاق 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن پاراگۋايغا قورال - ياراغ بېرىشنى مەنئى قىلىش ۋە قورال يۆتكەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقتىن، پاراگۋاي خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. 1932 - يىلدىن 1936 - باشچىلىقىدىكى «تۆمۈر تاۋاق» كابىنېتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، ۋېنگىرىيىدە فاشىستىك دىكتاتۇر ئورنىتىش ئۈچۈن، مىللىي بىرلىك پارتىيىسىنىڭ بىر پارتىيە دىكتاتۇرىسىنى كۈچىنىڭ بارىچە يۈرگۈزدى.
← بارلىق تېمىلار ۋاقە